مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1470|ئىنكاس: 16

ئۆلۈپ كەتسەك قانداق قىلىمىز؟؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23357
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8574
تۆھپە نۇمۇرى: 1561
توردا: 607 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 04:54:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  
ھەق دىگەنگە ھەق دىيەلمىدۇق ،
پەرمانغا بىز تەق دىيەلمىدۇق .
ھەقمۇ كەلدى بىلدۇقيۇ لىكىن ،
شۇ ھەق يولدا چىڭ تۇرالمىدۇق .



كەلدى ئۇلۇغ ئاللاھتىن ۋەھى ،
ئېلىپ كەلدى پەيغەمبىر نەبى .
شۇنچە روشەن بىر ھەقىقەتنى ،
توغرا يولنى ئاق دىيەلمىدۇق .



شەيتان غەپلەت بىلەن سۆزلىدى ،
ئازدۇرۇشنى ئەسلى كۆزلدى .
تالاي ئىنسان بۇنى بىلمىدى .
باتىل يولغا ياق دىيەلمىدۇق .



پەيغەمبىرلەر گۈزەل ئەخلاقتا ،
ئۆتكەن ئىدى ھەر چاغ -ھەر ۋاقتا .
ئەمدى ئەخلاقىمىز يۈتمەكتە ،
بىز ئەخلاقلىق پاك دىيەلمىدۇق .


دىدى ئەخلاق ئىمان جەۋھىرى ،
ئەخلاق دىگەن دىلنىڭ گۆۋھىرى .
ھەم ئەخلاقلىق ئۆتتى ھەر بىرى ،
ئىمانىمىز ساق دىيەلمىدۇق .



ئۇلۇغ رەببىمىزنى تونۇتتى ،
ئىمان نۇرى دىلنى يورۇتتى .
ھەي!.....ئىنسانلار ئازدى ئۇنۇتتى ،
توغرا يولنى زەپ كۆرەلمىدۇق .


ئىلىم -پەندە كۈرمىڭ ھەققەت ،
تەبىئەتتە تالاي قانۇنيەت .
يەشمەكتىمىز ھەي ئىنسانىيەت !!!!
شۇ ھەق زاتنى زەپ تونالمىدۇق .



مىسال دىسەڭ مىسالى تولا ،
ھەقىقەتنىڭ ۋىسالى تولا .
گۇمراھلىقتا يۈرگىنىڭ بولا ،
ھەق تەرەپكە ھېچ كىلەلمىدۇق .


ئوقۇ دىدى تۇنجى ئايەتتە،
بىلگىن دىدى ئۇ ئەمىليەتتە .
بىلىملىك بول دىدى ھەي بەندە ...
نادانلىقتىن ھېچ يانالمىدۇق .



كۆرۈپ باققىن جىمى ئالەمدە ،
ھەممە قۇلدۇر ھەممىسى بەندە .
ئۇ بەرگەن كۈچ جىسمىڭدا -تەندە ،
ئەھمىيەتسىز بوپ يارالمىدۇق .




يۇلتۇزلاردىن سۆزلىسەڭمۇ شۇ ،
زەررىچىدىن ئىزلىسەڭمۇ شۇ .
بىلسەڭمۇ شۇ بىلىمسەڭمۇ شۇ ،
ئەقىل تۇرۇپ ھېچ بىلەلمىدۇق .



ئادەم ئاتا ئەسلى تۇپراقتۇر ،
ئەجدادىمىز تۇنجى ئىنساندۇر .
ھەممە ئىنسان دىمەك تۇققاندۇر ،
قېرىنداشلار تىنىچ يۈرەلمىدۇق .




ئاللاھ پەرمان قىلدى جاھانغا :
سەجىدە قىل ئۇشبۇ ئىنسانغا .
ئۇلۇغلۇقنى بەردىم ئۇنىڭغا ،
يارىلىشتىن بىز ئۇلۇغ ئىدۇق .



ئۇ ئىلمنى بىزگە ئۆگەتتى ،
پەرىشتىدىن شۈبھى تۈگەتتى .
راسىىت بىزگە ھەممە ئىگىلدى ،
ئاللاھتىن بۆلەككە، بىز ئىگىلمدۇق .



سەجدىدىن شەيتان باش تارىتىتى،
يوغانچىلىق قىپ گۇناھقا پاتتى .
ئاللاھنىڭ لەنتى ئۇنڭىغا بولدى ،
كىبىرنىڭ ھالىنى ئىبرەت بىلمىدۇق .



چىق دىيىلپ جەننەتتىن قوغلاندى شەيتان ،
چۈنكى كىبردىن بۇلغاندى شەيتان .
ئۇمۇ بىر يارالمىش پەقەت يۈز تاپقان .
بەزىلەر كىبىرسىز يول ماڭالمىدۇق .



يالغۇزلۇقتا ئاللاھ يىگانە ،
ئىلاھىمىز پەقەت بىر دانە .
ئۇ رەھمىدىل تەڭداشسىز دانا ،
مەدىيىھگە سۆز تاپالمىدۇق .




ياراشمدى تاقلىق ئىنسانغا ،
جەننەتتىمۇ قاراپ ھەريانغا .
دىدى :ئىگەم قويمىغىن تەنھا !!!
تەنھالىققا بىز كۆنەلمىدۇق .


قوۋىرغىدىن تىرىلىپ ھەۋۋا ،
ئادەم بولۇپ يارالدى يەنە .
ئىنسانلارغا ئۇ تۇنجى ئانا ،
شۇ ئانىغا بىز بالا ئىدۇق .




ئۇلار خۇشال ئىدى بەخىتلىك ،
جەننەتلەردە ئالتۇن  تەخىتلىك .
قوزغالدى شەيتاندا ...ھەسەت ...شەخسىيەتچىلىك .
ھەي...! ئاشۇ جەننەتتە كۆپ تۇرالمىدۇق .



ئاللاھمۇ بىلەتتى شەيتاننىڭ كويى ،
ئايان ئىدى ھەم ئىنساننىڭ خۇيى .
(شەيتانمۇ ،ئىنسانمۇ ئاللاھنىڭ قۇلى ،)
كۆرسەتكەن ئىلاھىم چىن بەخىت يولى ،
بىز ئاشۇ چاغدا بىر گۆھەر ئىدۇق .




ئۇنتۇدۇق رەببىمىز نەسھىتىنى ،
بىزلەرگە كۆرسەتكەن شاپائىتىنى .
قىلمىدۇق رەھمەتكە شۈكۈر -قانائىتنى ،
ئازمىساق شۇ مىۋىنى بىز يىمەس ئىدۇق .




ئاللاھىم ياراتقۇچى... مەڭگۈ يەڭگۈچى ،
ئاخىرى ۋە باشنى روشەن بىلگۈچى .
ئات قويغان بىزگە <بەندە >ئازغۇچى ،
ھېلىھەم باشىقچە ئات يازالمىدۇق .



ئۇ شۇنچە مەرھەمەتلىك ،ئەپۇچان بىر زات ،
ئاسمان-زىمىندا رەھمىتى قات-قات .
بىلدۈردى گۇناھىڭغا سەن تەۋبەڭنى ئېيىت .
(تەۋبىلەر ئالدىدا شەيتان بولار مات )
مىڭ شۈكۈر تۆھبە قىپ بىز يېڭىلمىدۇق .



تۆھبىە ئۇ شەيتانغىمۇ نىسىپ بولمىغان ،
شۇڭا ئۇ گۇناھ قىلغان لىكىن يانمىغان .
قەلبىنى كىبىر ھەسەت ئوتى يالمىغان ،
رەھمەتنىڭ نۇرىدا بىز يېڭەلىدۇق .




قىرىق يىل تۆۋە قىلدى ئادەم ئاتىمىز ،
بەخىتمىزنى ناپۇت قىلدى ئاشۇ قىلىقىمىز .
تىلدى ئاللاھتىن :بەرگىن بەختمىز ،
سەن ئەپۇ قىلمىساڭ قانداق قىلمىز ...
رەھمەتلىك زاتتۇرسەن يوق ئۆزگە چارىمىز ...
سەن ئۈچۈن بىزنىڭ روھ-تەن بارىمىز ...
قىلمىغىن ئەي ئاللاھ خاراپ ھالىمىز ..............
......................................



جەننەتتىن چۈشسەكمۇ قىلدى ئۇ رەھمەت ،
خالىساڭ دىدى زىمىنمۇ جەننەت .
زىمىنغا خوجا سەن تۆككىن تەر مىھنەت ،
بولىمىسا زىمىنسىز نە يۈرەر ئىدۇق .



بىلەتتى ئۇ ئېنىق قىيامەتكىچە ،
كەلگۈسىنى ھازىرنى رىۋايەتكىچە .
زىمىننى بەركەتلىك قىلدى يەتكۈچە ،
شۇ چاغمۇ بەخىت ھوزۇرى سۈرەر ئىدۇق .



توۋا !!! شەيتان يولدىن ھېچ يانمىدى ،
ياكى توۋا بىلەن ھەقكە ماڭمىدى .
ئەسكى خۇيى ھەسىتىدىن يانمىدى ،
ئازدۇرمەن دىسە بىللە يۈرەرمىدۇق .



ئاللاھ ئېيىتتىكى شەيتان دۇشمەندۇر ،
ئۇنى يېڭىمەك ھەم ساڭا ئىمكاندۇر ...
ئېغىر بىر ھىساپ قىيامەتكىدۇر ....
شەيتان بىلسەڭ بىر خىيانەتچىدۇر ....
بولىمسا نە بۇنداق يۈرەر ئىدۇق .


ھەييات !!! ھەقنى ھەق دىسەڭ ھەقتۇر ،
كۆزۈڭنى يۇمساڭمۇ ئاق يەنە ئاقتۇر .
ئىلمىگە بىلمەك ، ئەقىلگە تۇيماقتۇر ...
ئىلىمدە يا ئەقىلدە ھېچ تۇيالمىدۇق .



كۆر بۇ ئىسلامدا نە يامان ئادەت ،؟
ئادەتقۇ يوق !!! نە يا بىرەر ئايەت،؟
ئايەتقۇ ھىدايەت !!! سۆزلەر دىيانەت ،
(قوغلاندى شەيتان رەسۋا خىجالەت )
توۋا بۇ ھەق يولدا چىڭ تۇرالمىدۇق .



سۆزلىسەڭ ئارىستوتىل ، فارابىدىنمۇ ،
ۋە ياكى يۈسۈپ ،...مەھمۇد ،....ناۋائىدىنمۇ .
ئىزلىسەڭ نىيوتۇندىن... ئېينىشتىندىنمۇ ...
ئىلىم كۆكىدىكى قۇياش ،ئاي يۇلتۇزلاردىنمۇ ...
شۇ بىر ھەقىقەتنى بىلەلەيسەنغۇ !!!!!!!!!!!!
ئالىملار تونىدىيۇ، بىز تونالمىدۇق .




ئاتۇمنى باشقۇرغان ئىنسانمۇ بىلدى ،
ئايغا چىققانلار ھەق راسىتكەن دىدى .
ئىلىممۇ كەتمىدى دىھقانمۇ بىلدى .
ئەقەللى ھەقەتنى ... بىز نىمە دىدۇق ؟؟؟؟؟


چوڭىدا چوڭى چۆرگىلەر ئالەم ،
كىچىكى نىترۇن ...پىلۇتىن.. لار ھەم ...
بۇ زادى نە قۇدرەت ئويلانغىن ئادەم !!!!
نىمىگە ئىزدەندۇق نمدەپ غەم يىدۇق ؟؟؟؟؟



نە ئاق ! نە قارا ! دەپ بەردى خۇدا ،
ھەق يولنى ھەم بىزگە كۆرسەتتى ئۇدا ،
رەسۇللاھتىن كىيىن يولباشچى كەلمەيدۇ بۇدا ...
بىز ئۈممەتلىرىبىز نەلەردە يۈردۇق ؟؟؟؟



نىمە تىلسەڭ تىلە!!!.- دىدى ئۇ سېخى مەرىد زات ،
ئۇ باي تەڭداشسىز بېخىلىققا يات .
ۋە لىكىن بىز ئۇنى ئۇنتۇيمىز پات -پات ،
ھاجەتلىرىمىزنى نەدە بىز ئۇندىن تىلىدۇق ؟؟؟




بىلسەڭ قەرىزلىرىمىز تولا بەك تولا ،
لىكىن پەرىزلىرمىز ئاز!!! رەھمەتنى ئويلا .
گۇناھىمىز بەك كۆپ قىلايلى توۋا!!!!!!!!!!
گۇناھقا ئېيتىڭلار  توۋا!! بىز  قىلالامدۇق !


بىلمىز ،بىلمىز بىلدۇق بىلمىز ،
قەلىبلەر تۇيار ، بىلەر دىلىمىز .
ئەقىل ،ئىمان ..ئىلمدە تۇيدۇق تۇيۇمىز ...
ئويلايلى بىلگۈزدى ئۇنى بىلمىز ...
ئېنىقكى ھەر ئىنسان ياشاپ ،ئۆلىمىز...
كەلگەندە شۇ ئۆلۈم قانداق قىلمىز ؟؟؟؟؟؟

مەنبە: ئۇيقۇت


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
azizgul + 10

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

قارىغايغا قىش ۋە ياز ئوخشاش ، كۈندە ئىللىق نۇر چاچار قۇياش . يات ئۇنىڭغا زارلىنىش .قاقشاش ، خىسلەت ئاڭا ئۈمىدۋار ياشاش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11374
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 826 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 08:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشاڭ ئېنىم!  بۇ يازمىڭىزنى  خېجالەت ئىچىدە ئوقۇپ چىقىتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 08:22:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل يىزىپسىز قولىڭىز غا دەت كەلمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69003
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-12-7
ئاخىرقى: 2011-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 08:28:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز  يەنە مۇشىنداق يېڭىلىق لانى يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن  قەلەملىرڭىر ھارمىغاي ئامىن

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1763
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 08:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق گەپنى قېلىپسىز  ئەگەر باشقۇرغىچى بولغان بولسام  شەرتسىزلا نادىرلاپ قوياتتىم ، ئادەمنى ھەقەقەتەن ئويلاندۇرىدىكەن

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

مەن ساڭا ساراڭ ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 09:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرا  قىلىپ  جاپا  تارىتقۇچە  ماقالە  قىلىپ  يازسىڭىز  بولاركەن

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2854
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9083
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5827 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 09:16:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۇنلەردە مەن دائىم ئۈلۈپ قالىدىغاندەكلا  ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم ~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52116
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1928
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 10:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈپ كەتسەك باشقىلاردىن دۇئا تىلەپ ياتىمىز.
ئۆلۈپ كەتسەك ۋىجدانغا مۇخالىپ بولغان ئىشلاردىن نۇمۇس قىلىمىز.
ئۆلۈپ كەتسەك ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىمىزغا ئېچىنىمىز!!
شۇڭا ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا قەدىرلىگۈلۈك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44035
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 4351 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 01:58:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز، قېرىندىشىم. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. ساۋاپلىق ئىش قىلىپسىز.
ئاللاھ بىزنى دوزاق ئوتىدىن ساقلىسۇن، ئامىن.

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 3218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58608
تۆھپە نۇمۇرى: 432
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 02:03:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش