مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2477|ئىنكاس: 49

چىن مۇھاببەت مۇنداق بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4808
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 51004
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 12:49:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  


   

يىگىت بىلەن قىز ئىككىسى ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلار بولۇپ، ئالى مەكتەپكە بارغان  2- يىلىدىن باشلاپ بىر -بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ مۇھابەتلەشكەن، ئۇلارنىڭ مۇھاببىتى  ساختىلىق، سەمىمىيەتسىزلىكتىن خالى ھەقىقى ساپ مۇھاببەت بولۇپ ، بىر -بىرىنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرۈشكەن ۋە مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بىرگە ئۆتۈشكە ۋەدىلەشكەن ئىدى، لېكىن بۇ ئىككى سۆيگۈ ئىگىلىرى مۇھاببەتنىلا ئويلاپ، باشقا ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرۈشمىگەن ئىدى، ئۇلار  خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن باشقا ئىشلار شۇ ئىدىكى ھەر ئىككىلىسى باشقا -باشقا يۇرتتتىن بولۇپ، يىگىت  ئاقسۇ شەھرىدىن  ، قىز بولسا غۇلجا شەھرىدىن ئىدى،ئۇلار باشقا -باشقا شەھەردىن بولغاچقا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر شەھەرگە تەقسىم قىلىنىش ۋە توي قىلىپ بىرەە ئۆتۈشتىن ئۈمىد بەك ئاز ئىدى،ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنى تاكى ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغانغا قەدەر ئويلاشمىدى، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا ئاندىن قىز << ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىغا كېتىپ قالساق، بىر -بىرىمىزدىن ئايرىلىپ كېتەرمىزمۇ؟>> دېگەن سوئالنى قويدى، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىلىسىنىڭ بېشىغا غەم چۈشتى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر -ئورۇندا قېپ قېلىش ئۈچۈن كۈچەپ باقتى، لېكىن ئامال بولمىدى، ئامالمۇ بولغان بولدى، لېكىن بۇ ئامال ھەر ئىككىلىسى ئۈرۈمچىدە قېلىپ ۋاقىتلىق ئىش تېپىشنىڭ ئامالى بولدى ، بۇنىڭغا ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆڭلى ئۇنىمىدى، كۆپرەك پۇل خەجلەپ ئۈرۈمچىدە قېپ قېلىشقا  ئىقتىزادى شارائىتى يار بەرمىدى، ئۇلار قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئوقۇشى پۈتتى، ھەر ئىككىلىسى يىغا -زارە ئىچىدە ئايرىلىشىپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئالاقىلىشىش ھازىرقىدەك راۋان  ئەمەس ئىدى، ئۇلار ئاممىۋى تېلىفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ يۈردى، كېيىن ھەر ئىككىلىسى ئىمتىھان بېرىپ يىگىت  ئۆز يۇرتىدا رادىئو -تېلىۋېزىيە ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىندى ،يىگىت ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بەش -ئالتە ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن  قىز  ئۆز يۇرتىدا تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىغا ئورۇنلاشتى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى كاپالەتكە ئىگە بولغان  بولۇپ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بەختلىك ئىدى، لېكىن بۇ  خىل  بەخت ئۇلارنى قىلچىمۇ خوشال قىلالمىدى، ھەر ئىككىلسىنىڭ  ئېغىر ھېجران ئازابىدا يۈرەكلىرى  پۇچلىناتتى،ئۇلار خىزمەتكە  قاتنىشىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى، ئارىلىقتا يىگىت ئىككى  قېتىم  غۇلجىغا بېرىپ قىزنى كۆرگەچ  قىزنىڭ ئاتا -ئانىسى  بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كەلدى، بۇ جەرياندا قىزغا بىرنەچچە يەردىن ئەلچىلەر كەلدى ، لېكىن قىز كەلگەن ئەلچىلەرنى قۇرۇق قول ياندۇردى، ئاتا -ئانىسى ئۇنىغا شۇنچە گەپ قىلىپمۇ گەپ يىگۈزەلمىدى، قىزنىڭ قەلبىدە پەقەت ئۆزى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئاقسۇلۇق يىگىتلا بار ئىدى، يىگىتكىمۇ ئاتا -ئانىسى نەچچە يەردىن لايىق تاپتى ، لېكىن يىگىت تاپقان لايىقلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قوشۇلماي ئاتا- ئانىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، يىگىتنىڭ كۆڭلىدە ئۆزى سۆيگەن غۇلجىلىق قىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى، ئۇلار ئەنە شۇنداق ئۆتۈش جەريانىدا بۇنداق كېتىۋېرىشنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى،خىزمىتىنى يۆتكەشكە قەتتى مۈمكىن بولمىدى ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئاخىرى ئىككىسى تېلىفوندا   قايتا -قايتا مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق  قىز ئاتا- ئانىسىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ۋە  يىگىتنىڭ ئاتا -ئانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.يىگىتنىڭ ئاتا -ئانىسى دەسلەپتە نارازى بولغان بولسىمۇ، كېيىن قىزنىڭ ۋاپادارلىقىدىن تەسىرلىنىپ  ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلدى، شۇنداق قىلىپ ئولار  توي قىلىپ ئاخىرى بەختلىك ھالدا  قوشۇلدى، بەلكىم بەزىلەر قىزنى ئەخمەقتىن -ئەخمەققە ، دۆتتىن -دۆتكە سېلىپ تازا تىللىشى مۈمكىن ، لېكىن مەن ئۇ قىزنى<< ئەخمەق>> دەپ قارىمايمەن ، بەلكىم ئۆز سۆيگىنىگە ھەقىقى ۋاپادار قىز ئىكەن دەپ قارايمەن، بەزىلەر مەندىن ئۇلار ھازىرمۇ ئۆي تۇتىۋاتامدۇ ؟ يىگىت قىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ؟......دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىشى مۈمكىن،  مانا ھازىر ئۇلار توي قىلغىلى ئون يىلدىن ئېشىپ قالدى، ئىككى پەرزەنتى بار، ئەر ئۆز خىزمىتىنى  ئىشلەۋاتىدۇ، ئايال بولسا كىچىك سودا دۇكىنى ئېچىۋالغان بولۇپ سودىسى شۇنداق ياخشى، ئۇلار ھازىرمۇ بىر -بىرىگە ئاجايىپ كۆيىنىدۇ، بۇلار ھەقىقى بەختلىك بىر جۈپلەر، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى چىن ۋاپادارلىق ئىچىدىكى ھەقىقى سۆيگۈ! مەن ھەممە جۈپلەرنىڭ مۇشۇنداق ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانىلق ئىچىدە بەختلىك ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  قىز -يىگىتلەر مۇھاببىتىمىز سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشاپ قالمىسۇن،مۇھاببەتنىڭ كۇرسىنى چۈشىرىۋەتمەيلى،مۇھاببەت ساختىلقلار ئاستىدا ئۆز قىممىتىنى يوقۇتۇپ قويمىسۇن،ئەر -ئاياللار ۋاپادارلىقتا،ساداقەتتە ،كۆيۈمچانلىقتا ياشلارغا ئۈلگە بولايلى،ئائىلمىز كۆڭۈل خوشلىقىمىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن،ھەممىمىز  ۋاپادارلىق  ، سەمىمىيلىك، مېھرى -مۇھاببەتنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىۋاتقانلىقىغا بولغان ئىشەنچمىزنى تۇرغۇزايلى،  قولىدىن  كېلىشىچە باشقىلارغا مېھرى -مۇھاببەت يەتكۈزۈش ئىنسان ھاياتىدىكى ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ بىرى  ،بولسا   باشقىلارغا قولىمىزدىن  كېلىشىچە ياخشىلىق قىلايلى، قىز -ئوغۇل، ئەر -ئاياللار بىر -بىرىگە ۋاپادار بولۇپ ئۈمۈرلۈك جۈپلەردىن بولۇپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن ياخشىلىق، ۋاپادارلىق، چىن سۆيگۈ، مېھرى -مۇھاببەتنىڭ ئۈزۈلمەي  داۋاملىشىدۇ، مېھرى -مۇھاببەت  نۇرلىرى چېچىلسۇن!  ھەممىمىزنىڭ قەلبى ياخشىلىق ،مېھرى -مۇھاببەت،ۋاپادارلىق نۇرلىرى بىلەن نۇرلانسۇن.....! مۇشۇ تېمىدا دېيىلگەندەك ھەقىقىي ،چىن مۇھاببەت ساختا ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ  ساختا سۆيگۈسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ساختا مۇھاببەت ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالمىسۇن....


مانا بۇلار دەل بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ياشاۋاتقان ،چىن سۆيگۈنىڭ قىممىتىنى تونۇتقان  ۋاپادار كىشىلەردۇر...
                                    

        مەنبە :ئەتراپىمدىكى ئىشلاردىن تەسىرات


مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10225
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7686 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:17:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  شۇنداق  ھەقىقى مۇھەببەتكە  نىسىپ قىلسۇن مۇھەببەتكە ئىنتىزار مۇھەببەتنى  قەدىرلەيدىغان  دىللارنى ...
مۇھەببەتلىك  نىكاھتىن ئارتۇق بىكاھ  بارمىدۇ دۇنيادا ...
ھەقىقەتەنمۇ بەخىتلىك ئىكەن ... ئاللاھ  مۇراد  مەقسەتلىرىمىزگە  يەتكۇزسۇن . ئامىن !!!

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:17:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق بولىدىكىن تاڭ ....
چىن مۇھەببەت بار دىسە كۈلگۈم كىلىدۇ ...ھەممىسى 4كۈنلۈك ئوخشايدۇ ...

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5623
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1444 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:18:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىككىسىنىڭ ئىشلىرىنى بەك ئىنىق بىلىسىزكەن....... شۇقىز سىزمۇيە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7818
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:18:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ھىكايىسىمىكىن دىسەم راس بولغان ئىشكەنغۇ ~~~
ئۇ بىر جۈپكە تولىمۇ مەسلىگىم كەلدى ~~~
ئەفسۇس ،ئەمما بۇنداق بەخىت ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولمايدىكەن ......

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4808
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 51004
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:21:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  kaqmixlar كە 2011-12-24 01:18 AMئەۋەتىلدى  :
بۇ ئىككىسىنىڭ ئىشلىرىنى بەك ئىنىق بىلىسىزكەن....... شۇقىز سىزمۇيە؟

ئۇ قىز مەن ئەمەس،مەن ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن،ئۇ قىز مەن  تونۇيدىغان قىز....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ھەر بىر كشىنى ھۆ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 845
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4480
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2180 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:25:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا  بۇ تەقدىر  ...........

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37195
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1717 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:46:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھازىر مۇنداق بەخىتلىكلەدىن پەقەت ساناقلىقلالا  .

ئاناتىل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8851
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12061
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 12643 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 01:47:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ راسلىقىغا مەن ئىشىنىمەن،ئۇلارغا بەخىت تىلەيمەن،مەنمۇ ھازىرقى قىزدوستۇم بىلەن يۈرگىلى 7 يىلدىن ئاشتى،ئاللا خالىسا بىزمۇ شۇنداق بەخىتلىك ئائىلە قۇرىمىز!

ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلىپ،ئىسلام يولىغا باشلىغايسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4576
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4232 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 02:03:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ  . ماڭا 4  يىل بولدى ، مەنمۇ كىلەر يىلى توي قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37195
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1717 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 02:04:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  yawayi-0998 كە 2011-12-24 01:17 AMئەۋەتىلدى  :
ئاللاھ  شۇنداق  ھەقىقى مۇھەببەتكە  نىسىپ قىلسۇن مۇھەببەتكە ئىنتىزار مۇھەببەتنى  قەدىرلەيدىغان  دىللارنى ...
مۇھەببەتلىك  نىكاھتىن ئارتۇق بىكاھ  بارمىدۇ دۇنيادا ...
ھەقىقەتەنمۇ بەخىتلىك ئىكەن ... ئاللاھ  مۇراد  مەقسەتلىرىمىزگە  يەتكۇزسۇن . ئامىن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32788
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1130
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 02:49:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپرىن مۇھەببەتكە

قانچىلىك سۆيسەڭ سۆي، ئەمما ھامان بىر كۈنى ئايرىلىسەن، ئۇلۇغ ئاللا ھەممىىزنڭ ئشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6825
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 07:59:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم يۇرت ئاتلاپ مۇھەببەتلەشكەن . ئارىدا پەقەت بىرجۈپلەرلا توي قىلالىدى . بىرسى تۇرپانلىق ، بىرسى خوتەنلىك . دوستۇم خوتەنگە كەتتى . بىر ئوبدان بەختلىك ئائىلە قۇرالىدى . ئۇلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتا ئانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى . قارشىلىق قىلغاندىمۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسى قىزغا«پۇت قۇلۇڭنى چېقىۋېتىمەن ، مىيىپ قىلىۋېتىپ ئۈزەم باقىمەن» دىسىمۇ ئۇنىماي ، يىغلاپ قاھشاپ تۇرۇپ توي قىلالىدى .
   قىسقىسى ، ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62794
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 489 سائەت
تىزىم: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 09:10:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسون ،قەتتى ئىرادە،چىن مۇھاببەت دىگەن شۇ بولسا كېرەك،بۇ بىرجۈپ ئاشىق -مەشۇقنىڭ ئائىيلىسى ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتىۋاتىدۇ دەپ قارىدىم.ھەم شۇنداق بولىشىغا ئۇلۇق ئاللادىن تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3693
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3018 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 10:01:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ـ ئۇ مەڭگۇلۇك تىما.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش