مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 4

ئالدىغانسەن نېمىشكە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46206
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6645 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 11:19:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   

ئالدىغان سەن نېمىشكە

   كۆزلىرىم يوق كۆزلىرىڭنى كۆرۈشكە،
   لەۋلىرىم يوق لەۋلىرىڭنى سۆيۈشكە.
   يۈرىكىم يوق سېنىڭ ناپاك يۈرىكىڭ،
        كۆيگەن ھامان گۈلخان بولۇپ كۆيۈشكە.
    ئالدىغان سەن دەسلەپ مېنى نېمىشكە.

      سۆزلىرىم يوق ئەمدى ساڭا دېيىشكە،
    چۈشلىرىم يوق سېنى قايتا كۆرۈشكە.
          پۇرسىتىممۇ چىقماس ئەمدى سەن بىلەن،
    قول تۇتۇشۇپ باغچىلارغا كىرىشكە.
         ئالدىغان سەن دەسلەپ مېنى نېمىشكە.

    كۆڭلۈممۇ يوق ساڭا زورلاپ بېرىشكە،
   مەيلىممۇ يوق سېنى يوقلاپ كېلىشكە.
    بىزار قىلغاچ مېنى ۋىجدانسىزلىقىڭ،
    ئىنتىلمەسمەن جۈر بولۇپمۇ كۈلۈشكە.
        ئالدىغان سەن دەسلەپ مېنى نېمىشكە.

      رازىمەنكى   تەنھا  ياشاپ   ئۆلۈشكە،
  كۆزلىرىم يوق كۆرلىرىڭنى كۆرۈشكە.
         سەن ۋاپاسىز ياردىن  قېچىپ، دەۋزەخكە
      چۇچۇل بولاي، كىرىپ قالساڭ بېھىشكە.
      ئالدىغان سەن دەسلەپ مېنى نېمىشكە.
                             



                                  ( مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )   
                                  ئەسكەرتىش:  
               بۇ شېئىرىم «قەشقەر ئەدەبىياتى»( ھازىرقى«قەشقەر»)ژۇرنلىنىڭ  1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-3 05:25 PM  


ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 02:33:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ...
ئالدىدىڭ سەن باشتا نىمىشقا .
ئالدىغانسەن باشتا نىمىشقا .
ئالدىغاچقا سەن  باشتا .
ئىشەنمىسەم دەپ سورىما نىمىشقا .

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15302
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3627 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 04:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان شېئركەن .

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 04:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز يىشىم يوك پىراقىڭدا تۆكۈشكە،
يۈرىكىم يوق ۋىسالغا تەلپۈنۈشكە،
سۆيگۈڭدىن يار ئەمدى بولدۇمغو بىزار،
ھاياتىم يوق سەن بىلەن ئۆتكۈزىشكە،
ئالدىغان سەن مىنى باشتا نىمىشكە؟

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46206
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6645 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 09:55:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پالۋان يوللىغان ۋاقتى  2011-12-24 04:18 PM
كۆز يىشىم يوك پىراقىڭدا تۆكۈشكە،
يۈرىكىم يوق ۋىسالغا ت ...

  تەپەككۇرلىرىمنىڭ كەمتۈك قالغان قىسىمىنى تولۇقلاپ قويۇپسىز، رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش