« گلادىئاتور » مەيدانى
1
پۇت- قۇلۇم كىشەندە باغلانغان مەھكەم ،
قامچىلار دۈمچەمنى بىر ۋەھشى ئادەم .
زەنجىرگە چىرمىشىپ ماڭىمەن ئاستا ،
بىلىمەن مەنزىلدە ئۆلگەن كۆپ ئادەم ،
2
كىردىممەن يەر ئاستى قەپەس ئۈيىگە .
ئۈستۈمدە باشلاندى قىقاس ۋە چوقان ،
كىشەنلەر يىشىلدى، باغلاندى جىسمىم .
تاشلاندى قۇلۇمغا قىلىچ ھەم قالقان ،
3
كۆپ ئۆتمەي ئېچىلدى قەپەس ئىشىگى .
گۆكىرگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى شۇدەم ،
مەيدانغا چىقىپلا بۇغۇلدى نەپسىم .
بۇ قېتىم رەقىبىم ئەمەسكەن ئادەم ،
4
ئالدىمدا تۇرغىنى بىر ۋەھشى ھايۋان .
ئاغزىدىن قان تامار چىشى ھەم يۇغان ،
دوئىلدا خۇدۇمنى يۇقۇتۇپ قويسام .
كاپ قىلىپ يەۋىتەر مىنى ھەرقاچان ،
5
قىلىچنى جىڭ تۇتتۇم تىترەيدۇ قۇلۇم .
يىرتقۇچقا ئېتىلدىم،چىقتى چوڭ قۇيۇن ،
مۆجىزە يۈز بىرىپ ھايات قېپ قالسام .
ھۆرلۈككە ئىرىشىپ، نۇرچاچار يۇلۇم ،
مەنبە : گلادىئاتور
2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى
[mp3=1]http://www.angelfire.com/goth2/mordecai_vrykul/WWE_-_Undertaker__Ministry_.mp3[/mp3]