مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4664|ئىنكاس: 57

ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنىڭ سىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10609
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2382 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 11:34:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قېتىم ئەلداۋا سازايى مەيدانىدا «ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش» ھەققىدىكى دەسلەپكى ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى، بۇ قېتىم بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ باقايلى، ئۇنداق بولسا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى سىرلىق سودا جەريانىدا بولسۇن!

ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش: http://news.eldawa.com/exposure/2011/1206/1373.html

ۋاكالىتەن بالا تۇغدۇرۇش: چىرايىغا ئوقۇش تارىخىغا قاراپ باھا بېكىتىلىدۇ ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگەندە بىر قېتىمدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدۇ.
ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىدىغان ئايالنى تېپىپ بېرىشكە ئەڭ ئاز بولغاندا 280 مىڭ يۈەن ئالىدۇ، ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچى بىر قېتىمدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدۇ. گېزىتنىڭ مۇخبىرى بىر ئايغا يېقىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ خىل سودىنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى.




7-ئاينىڭ 11-كۈنى
كۈنمىڭ شەھىرى
ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىنى تونۇشتۇرغۇچى ۋاستىچى شىركەت ئاۋات بىنانىڭ مەلۇم قەۋىتىدىن ئىشخانا سېتىۋېلىپ، سودا شىركىتى نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ چىرايى ۋە ئوقۇش تارىخىغا ئاساسەن باھا بېكىتىدىكەن، ئوپراتسىيە كۆپىنچە ۋۇخەن، گۇاڭجۇدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئىككى تەرەپ يەنە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش توختامى ئىمزالايدىكەن.
تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقان شىياڭگاڭلىق ئارتىس ئامېرىكىغا بېرىپ ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچىنى ئىزدەش جەريانىدىكى ۋەقەلىكلەر كۆرسىتىلگەن بىر كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىدا، بالا تۇغۇپ بەرگۈچى جۈەن زى ئىسىملىك قىزنىڭ ھېكايىسى بەكمۇ تەسىرلىك. ئىككى ئايغا قالمايلا ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا يەرگە چۈشۈپ قىقىلداپ يىغلاشقا باشلايدۇ، بىراق ئۇ قورسىقىدىكى بالا بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقىغا پەقەتلا ئىككى ئاي ۋاقىت قالغانلىقىنى، ھازىر ئۇنىڭ تومۇرى بالىنىڭ تومۇرى بىلەن تۇتىشىپ تەڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى ئۇ ئۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ، بىراق، ھازىر ئۇلارنى باغلاپ تۇرىۋاتقىنى پەقەتلا ئارىلىقتىكى ۋاستىچى شىركەت ئىدى. چۈنكى ئۇ بۇ بالىنى خەققە تۇغۇپ بەرمەكچى...
مۇبادا سىز تورغا «كۈنمىڭ + ۋاكالىتەن بالا تۇغقۇچى (昆明+代孕妈妈)» دەپ كىرگۈزسىڭىز ئاز دېگەندىمۇ نەچچە يۈز مىڭ ئۇچۇر چىقىدۇ، ئەڭ ئالدىغا تىزىلغىنى «بوۋاق پىلانى ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش تورى» ناملىق تور بېكەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى «جۇڭگودىكى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋاكالىتەن تۇغۇت تور بېكىتى» دەپ ئاتايدۇ، ھەم ھازىر ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى توغرىلىق ئېلانى بار. ئۇلارنىڭ باش شىركىتى دەل كۈنمىڭ شەھىرىدە.
ئۇنداقتا ئۇلار زادى ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش سودىسىنى قانداق پۈتتۈرىدۇ؟ بۇنىڭ سىرىنى يەنىلا شۇ مۇخبىر يەشتى.

«سودا شىركىتى» ۋىۋىسكىسىنى ئېسىپ قويۇپ، شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىگە يوشۇرۇنۇش
7-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇخبىر تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، شىركەت خادىمى خۇاڭ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ 4 سائەتتىن كېيىن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كېلىشىنى ئېيتىپ ئادرىسىنى دەپ بېرىدۇ. 4 سائەتتىن كېيىن مۇخبىر ئادرېس بويىچە ئاران تەستە كۈنمىڭ شەھىرىنىڭ خەلق يولى 289- نۇمۇرلۇق جى دا مەيدانى 15- قەۋىتىگە كېلىپ، مەخپىي زىيارەتنى باشلايدۇ. بۇ بىنا كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇلۇڭراق يەرگە جايلاشقان بولۇپ، شىركەتنىڭ ھېچقانداق ۋىۋىسكىسىمۇ يوقكەن. قاتتىق ئېتىلگەن ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش ئېشىكىنى ئېچىپ ئىچىگە كىرگەندە، 40 كۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بۇ ئاتالمىش ئىشخانا ئۈچكە بۆلۈنگەن بولۇپ، تېلېفون، كومپيۇتېر، كىرىسلو، ئۈستەلدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە يېرىمۇ يوقكەن، مېھمانخانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە شىركەت ۋىۋىسكىسى ئېسىلغانىكەن.
30 ياشلار ئەتراپىدىكى قارا كىيىملىك بىر كىشى ئۇنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، مۇخبىرغا ئاستى ئۈستى بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، «سىز نېمىشقا ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچى بولۇپ قالدىڭىز؟» دەپ سۇئالنى باشلىغاچ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ۋە ئۇنىڭدىن يېشى، كەسپى، ئوقۇش تارىخى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئىجتىمائىي ئورنى، تەكلىپ قىلىش شەرتى قاتارلىقلارنى سوراشقا باشلىدى. ئىشتىن ئاۋۋال ئويلىشىۋالغىنى بويىچە مۇخبىر ئاتا ئانىسىنىڭ كۇنمىڭدا ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىش ئورنى يوقلىقىنى، چەتكە چىقاي دېسە يېتەرلىك پۇلى يوقلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇخبىردىن ئىلگىرى تۇغۇپ باققان باقمىغانلىقىنى، ئوغۇل دوستى بار يوقلىقىنى، ساۋاقداش دوستلىرى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىدىغان ئالاقىلاشمايدىغانلىقىنى سورىدى. قايتا-قايتا سوئال- سوراقتىن كېيىن ئۇلار ھۆججەتنى ئېلىپ، مۇخبىرغا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش ئىشىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

چىرايى ۋە ئوقۇش تارىخىغا قاراپ ھەق بېرىلىدۇ بىر قېتىم تۇغۇپ بەرسە كام دېگەندە 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدۇ
ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

قارا كىيىملىك بۇ ئەر كىشىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بولىدىكەن، بىرىنچى خىلى ئەر ئايالنىڭ تۆرەلمىسىنى كۆچۈرۈش، يەنى كىشىلەر ئېيتىدىغان پروبىركىدا يېتىلدۈرىلىدىغان بوۋاق، ئۇرۇق، تۇخۇم ھەر ئىككىلىسى خېرىدار بولغان ئەر ئايال ئىككىسىدىن كېلىدۇ، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى ئايالنىڭ بالىياتقۇسى ئارىيەتكە ئېلىنىپ، قورساق كۆتۈرگۈزىلىدۇ. بۇ سودىدا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى 100 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە ھەقكە ئېرىشىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇلى سۈنئىي ئۇرۇق ئېلىش، ئۇرۇق خېرىدار تەرەپنىڭ ئەر تەرىپىدىن ئېلىنىدۇ، تۇخۇم ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بەرگۈچى ئايالدىن ئېلىنىدۇ، ئىككى تەرەپ بىۋاستە ئۇچراشمايدۇ، بۇ سودىدا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى 120 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە ھەق ئالىدۇ. مۇبادا خاس تۇخۇم تەقدىم قىلسا 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە ھەقكە ئېرىشىدۇ. بىراق، نۆۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئىككىلىسىلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولغاندىن باشقا ئوپراتسىيىگىلا 60 مىڭدىن 80 مىڭغىچە پۇل كېتىدىغان بولۇپ، تەننەرخى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل «تەبىئىي» ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش. يەنى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچىنى ئىزدەۋاتقان خېرىدار ئەر تەرەپ بىلەن ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بەرگۈچى ئايال بىر ئۆيدە تۇرۇپ، بىۋاسىتە ھامىلىدار بولۇش. بۇ نۆۋەتتە ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچى بىر قېتىمدا 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە ھەقكە ئېرىشىدىكەن. بىراق بۇنداق «تەبىئىي» ھامىلىدار بولۇشنى خالايدىغان ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچى ئايالنى تاپماق ناھايىتى تەسكەن. شۇڭلاشقا شىركەت ھازىر ئاساسەن ئالدىنقى ئىككى خىل ئۇسۇلنى كۆپرەك تاللايدىكەن. مۇخبىر ئۆزىنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، قارا كىيىملىك كىشى دەرھاللا :«ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولغۇچىغا چىرايى ۋە ئوقۇش تارىخىغا قاراپ ھەق بېرىلىدۇ، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپتىكەنسىز، بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز، بىز سىزگە ئاز بولغاندىمۇ 120 مىڭ يۈەن ئېلىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، مۇبادا ئوغۇل ياكى قوشكېزەك تۇغۇپ قالسىڭىز، 15 مىڭ يۈەن قوشۇپ بېرىمىز» دەيدۇ.

يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىر يەنە ئويلىنىپ بېقىشنى ئېيتىپ، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتمەكچى بولىدۇ. قارا كىيىملىك كىشى ئۇزىتىۋېتىپ ئۇنىڭغا مۇبادا قارار قىلىپلا قالسا يېنىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقنىى، ھەر زامان ۋاكالىتەن تۇغدۇرماقچى بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى كۈتۈشىنى، بۇ خىل مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقنى قايتا قايتا تاپىلايدۇ.

ئوپراتسىيە گۇاڭجۇ، ۋۇخەندە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۈننەن بولسا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ ماكانى

«مۇبادا سىز ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىشنى قارار قىلسىڭىز، بىز ئەتىلا سىزنى تەكشۈرۈشكە ئاپىرىمىز، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چاتاق بولمىسىلا، سىزنى ۋۇخەنگە ئاپىرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرىمىز» دەيدۇ قارا كىيىملىك كىشى.
نېمىشقا كۇنمىڭدا قىلدۇرمايمىز؟ بۇ سۇئالغا ھېلىقى قارا كىيىملىك كىشى ئىككى سەۋەب كۆرسەتتى، بىرىنچى، كۈنمىڭ دوختۇرخانىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، ۋاكالىتەن تۇغدۇرۇش ئوپراتسىيىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ۋۇخەننىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئۇ گەپ قىلىۋىتىپ كۈنمىڭدىكى بۇ شىركەتنىڭ 2008-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ۋۇخەندىمۇ بىر تارماق شىركەت ئاچقانلىقىنى، 3 يىلدا، 100 دىن ئارتۇق تۇغۇتنى ۋاكالىتەن تۇغدۇرغانلىقىنى، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋۇخەندە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىككىنچى سەۋەب كۇنمىڭدا ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولىدىغانلارغا ئېھتىياجلىقلار كۆپ ئەمەسكەن، ھازىر پەقەت بىرلا كۇنمىڭلىق خېرىدار ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بەرگۈچىنى ئىزدەۋېتىپتۇ. بىراق باشقا جايلاردا نۇرغۇن كىشى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بوپ بەرگۈچىلەرگە ئېھتىياجلىقكەن.
ئۇنداقتا نېمىشقا شىركەتنى كۇنمىڭغا قۇرىدۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرۈپ ھېلىقى كىشى مۇنداق دەيدۇ:« ئاساسلىقى يۈننەندىن ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى خالايدىغانلارنى ئىزدەشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن».

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4253
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:19:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋااااااااااااااااااااااا
قانداق ئىش بولوپ كەتتى بۇ ...

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71438
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1873
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3731 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا بىر گۇاڭجۇلۇق بايۋاچچىلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا سەككىز كىزەككە ئاتا-ئانا بولدى...بۇنداق قىلسا بالىلىرىنى خۇددى توكتىن چىقارغاندەك تەسىر بىرىدىكەن ئادەمگە،قانداقمۇ كۆڭلى كۆتۈرىدىغاندۇ،دەيمەن!!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68796
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2257
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ئىقتىسادى تەرەقىي قىلغان رايونلاردا بۇنداق ئىشلار بەك كۆپۈيۈپ كەتتى، مەرگەز 12-قانىلىدا بۇنداق مىساللار دائىم ئۇچراپ تۇرۇدۇ.مېنىڭچە بۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىل سەۋەبى بولۇشى مۇمكىم:بىرى ئەر-ئايالدىن بىر تەرەپنىڭ كۆپۈيۈش سېستىمىسىدا مەسىلە بولغانلىقتىن ئەر-ئايال ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ،«ۋاكالەتەن ھامىلىدار بولغۇچى» ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلايدۇ،يەنە بىرى پۇلدارلارنىڭ خانىملىرى گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىش،بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ يۇقارقى ئۇسولنى تاللايدۇ.
مېنىڭچە قايسىسىنى تاللىمىسۇن نىمە دىگەن رەزىل،پەسكەش ئىش بۇ.......
تېمىڭىزغا رەھمەت.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31226
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6393 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئىشمۇ ئەمدى. توۋا...

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

قەرىزدارمەن بۇ د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7594
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىمەنىلىك ،تىتىقسىزلىق! ئەتە-ئۆگۈن ئاشۇنداق تۇغۇپ بىرىدىغانلارنى تاپالمىسا ،ئات-ئىشەك،ئىت-توڭگۇزلارنى ئىشقا سالماي قالمايدۇ . تۆۋە ..خۇدايىم.

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمانسىزلارلا قىلىدۇ بۇنداق ئىشنى، توۋا قىلدىم.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6255
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1629 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم توۋا،،،،،،،،،،،،،مۇشۇمۇ ئىشمۇ ئەمدى؟ساراڭلا

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1044
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10385
تۆھپە نۇمۇرى: 765
توردا: 3105 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 12:50:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاباي تېخى تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە كۆرگەن ئىدىم.بىردەممىدە بۇ يەرگىمۇ كىلىپ بوپتۇ.

مەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش