|
|
|
|
2011-يىلى 16-دېكابىر ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تاراتقۇ بىناسىدا ‹‹ ئالتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرى داڭلىق ماركىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ئالىي مۇنبىرى ›› يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا شىركىتمىز ياراتقان «ئىرپان» ماركىسى جۇڭگو ئېلېكتىرون سودا ئىشلىرى جەمئىيىتى بىخەتەر ئۇچۇر كومىتېتى ۋە جۇڭخۇا تاۋار ماركىسى ئىستېراتىگىيە ئورنى تەرىپىدىن 429 مىليون بولۇپ باھالىنىپ ‹‹ 2011-يىلدىكى جۇڭخۇا ئاز سانلىق مىللەت ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قىممىتى بىرىنچى ئورۇندىكى ماركا ›› دېگەن شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولدى.
ئىرپان شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر
شىركىتىمىز بۇندىن بۇرۇنمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 2006-يىلى «جۇڭگو ئېلېكتىرون كەسپىي كارخانلىرى ئىچىدىكى ھاياتىي كۈچى زور 300 كارخانانىڭ بىرى» دېگەن شەرەپكە، 2008-يىلى ‹‹ غەربىي رايوندىكى داڭلىق ئېلېكتىرون ماركىسى ›› دېگەن شەرەپكە، 2009-يىلى گوۋۇيۈەن تور ئاخبارات ئىدارىسى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ‹‹ جۇڭگو ئىشەنچلىك كارخانا سىستېمىسىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ›› دېگەن نامغا، 2010-يىلى شىركىتىمىز ياراتقان ئىرپان ماركىسى ‹‹ جۇڭخۇا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى 10 چوڭ ئىختىراۋىي ماركا ›› دېگەن شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.
يىغىندىن كېيىن شىركىتىمىز باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
|
|
|
|
|
|