مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4924|ئىنكاس: 92

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12306
تۆھپە نۇمۇرى: 863
توردا: 2252 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 05:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى





.1كىرىش
ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. 1965-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 17 يىل رەسمىي قوللانغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.
.2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى
يېزىق مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى. شۇنداقلا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختا يېزىق قوللىنىشتا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يېزىق قوللانغان ئۇزۇن ۋاقىت جەريانىدا خىلمۇخىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىملاپ يېزىق ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۆزگەرتىشلەر كۆپ ھاللاردا شۇ يېزىقلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ئۈستىدىكى ئادەتتىكى ئىسلاھات بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى يېزىقنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر يېزىقنى دەسسىتىش بىلەن تاماملانغان ئىسلاھات بولغان.
بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆز تىل-يېزىقىنى ئۆز دەۋرىگە لايىقلاشتۇرۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئشلەپچىقىرىش، پەن-مائارىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا مۇناسىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخى ئۇزۇن، يېزىق قوللىنىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى زور بولسىمۇ، تارىختىكى كۆپ قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك، كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئىنكار قىلىشى قاتارلىق ئامىللار شۇنچە پارلاق يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور دەرىجىدە توسالغۇ بولغان. يېقىنقى 70-80 يىل مابەينىدە، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي ئاڭ ۋە زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىقنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشقا باشلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ئىشخانا خىزمەتلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملىشىشى دۇنيا مىقياسىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دەۋر تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر يېزىقىغا بولغان تەلىپىمۇ كۈنسايىن كۈچىيىپ باردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزىقنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئۆزگىچە ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە ئۇنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ خىزمەت قىلىش ئىشى گەرچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىلا باشلىنىپ، كۆپلىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدىكى نەتىجىلەر ئاساسەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە يۇمشاق ماتېرىياللاردا ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىلمىغاچقا، يەنى ئۆلچەملىك ھەرپ نۇسخىلىرى، خەت شەكىللىرى ۋە كودى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بىرتۇتاش قوللىنىلمىغاچقا، بۇ يۇمشاق ماتېرىياللار بىر-بىرىنى قوللىماي كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىمىزدىكى رولىنى بەلگىلىك چەكلەپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە بازار ئىگىلىكىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تارقىتىش ئۈچۈن ھازىر بەزى شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە ئايرىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات ناملىرى، ماركا ناملىرى، تور بېكەت ئىسىملىرى، تور ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ، قېلىپلاشمىغان لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ يەتكۈزىۋاتىدۇ (مەسىلەن: Qinnuri, HANATLAS, www.xabnam.com, ALDOS, IHLAS... دېگەندەك). نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بىرنەچچە خىل لايىھىسى قىسمەن ساھەلەردە قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لايىھىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يەرلىك ياكى دۆلەتلىك ئۆلچىمى، خەت شەكلى، ھەرپ نۇسخىلىرى، ئىملا قائىدىسى بولمىغاچقا، يېزىلىشى ھەر خىل، ھەرپ شەكىللىرىمۇ قالايمىقان بولماقتا.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2000- 2001- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرقانچە قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق خادىملىرى، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇزاكىرە، مۇھاكىمە ئارقىلىق بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇم ئورتاق خۇلاسىمۇ چىقارغانىدى. ئەمما تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلار بىرقانچە يۈرۈش ئاتالمىش ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» نى (بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس) تەشۋىق قىلماقتا ۋە زۆرۈر بولغان ئايرىم ساھەلەردە قوللانماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللار بىزدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل زۆرۈرىيەت تۈرتكىسىدە، كومىتېتىمىز جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ئورگانلارغا بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى (بۇ تېمىنىڭ تەستىق نومۇرى: MZ115—68). نۆۋەتتە كومىتېتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە دەلىللەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇندى. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ لايىھە پەقەتلا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئونى زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.
3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئىشلىتىپ بىرقەدەر ئادەتلەنگەن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۆۋەندىكى لايىھىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ئوخشاش. بۇ لايىھىدە ھەرپلەرنىڭ پەقەتلا باسما نۇسخىسىنىڭ چوڭ، كىچىك شەكىللىرى قوبۇل قىلىندى. بۇ لايىھە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلمىيلىك پرىنسىپىگە ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئىنگلىزچە 25 (جەمئىي 26 ھەرپ بار) ھەرپ ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى قىسمەن لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ بولۇش تەلىپى بويىچە بېكىتىلدى.
بۇ لايىھىنىڭ ئېلىپبە جەدۋېلى

ئىلمىيلىك جەھەتتە:
بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ بەلگىلەشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى بولغان بىر ھەرپ بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
تېخنىكىلىق جەھەتتە:
1) بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 32 ھەرپنىڭ 29 ى كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇبكا تاختىسىدىكى 25 لاتىن ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ، قالغان ئۈچ ھەرپ (ئۆ، ئۈ، ئې، يەنى Ëë, Üü, Öö) لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن تاللاندى.
2) بۇ لايىھىدىكى «ئا، ئە، ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ۋ، ئې، ئى، ي» قاتارلىق 31 تاۋۇشنى
«Aa, Ee,Bb, Pp, Tt, Jj, CH ch, Xx,Dd, Rr, Zz, Ss, SHsh, GHgh‏, Ff, Qq, Kk, Gg, NGng, Ll, Mm, Nn, Hh, Oo, Uu, Öö,Üü, Ww, Ëë, Ii, Yy»
قاتارلىق لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىش خەلقئارادىكى كۆپ تىللاردا بىرقەدەر قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلار ئىپادە قىلىندى. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدىغان باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە، باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە مەلۇم جەھەتتىن ياردىمى بولىدۇ.
3) «چ» بىلەن «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا نىسبەتەن كۆپ قوللىنىدىغان تاۋۇش بولسىمۇ، «چ» تاۋۇشى ئۈچۈن «CH,ch» قوشما ھەرپى، «غ» تاۋۇشى ئۈچۈن «GH,gh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، «چ» ۋە ‏«غ‏» تاۋۇشلرىنى «CH,ch» ۋە ‏«GH,gh‏» قوشما ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارادىمۇ يۇقىرىقى بەلگە بىلەن‏ بۇ ئىككى تاۋۇشنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئادەت كۈچىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە خەلقئارا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا مۇشۇ قوشما ھەرپلەرنى تاللىدۇق.
4) بۇ لايىھىدە ‏«ژ‏» ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئۈچۈن ‏«ZH,zh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى ‏«ژ‏» ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قوشما ھەرپ ياسالسا، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا باشقا ھەرپلەر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.
5) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‏«ئۆ، ئۈ، ئې‏» ھەرپلىرى ئۈچۈن لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن ‏«Ëë, Üü, Öö» ھەرپلىرىنى تاللىدۇق. چۈنكى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيىدە ۋە باشقا بەزى يېزىقلاردا بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئادەت بولغان.
بۇ لايىھىدىن ئۆرنەك
Yëqinda, bir zhurnaldin ëlimizning melum bir ölkiside yüz bergen ajayip tesirlik bir hëkayini oqup, ümidning adem üchün hemmidin muhim orunda turidighanliqini hës qilghandek boldum .
Aldinqi esirning 70-yillirida ëlimizning melum ölkisidiki chet, taghliq bir bazarda bir dëhqan ghelite bir xil këselge giriptar bolup qaptu. Dëhqanning kësilige nahiye we bazardiki doxturlar hëch amal qilalmaptu. CHünki, ular ezeldin bundaq këselni uchritip baqmighaniken, shuning bilen dëhqan ölkilik dohturxanigha bëriptu. Doxturlar uning kësilini tekshürüp körgendin këyin intayin heyran qaptu. CHünki, uning kësili az uchraydighan kësellik iken. Uni chet’eldin import qilin’ghan bir xil dora bilenla dawalighili bolidiken, lëkin tüp yiltizidin yoqatqili bolmaydiken, uning üstige bu xil këselge giriptar bolghan kishi köp bolghanda aran bir y


بۇنى يوللاشتىكىك مەخسىدىم ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تىل ئىشىلتىش جەھەتتىكى بىرلىكىگە ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشاي دىدىم. مىنىڭچە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئالاقە قىلغاندا چۈشىنىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆپ پايدىسى بولىدىكەن.
مەن بىر قېتىم بىرسىگە «سىقىمەن» دىگەن خەتنى پىنيىنچە  ئەۋەتىپ قويۇپ بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن ئىدى، تورداشلارنىڭمۇ QQدا خەت ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا مۇشۇ بىرلىك بويىچە ئالاقە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەمما خالىمىغانلارغا تاڭمايمەن.

مەنبە: قامۇس ئوكيان مۇنبىرى
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=9203

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7653
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 07:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ق ھەرپىنى Q بىلەن ئىپادىلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67571
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4016
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 07:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تەكلىپ  پىكىر  بۇلۇپتۇ......   كۆز قارشىڭلارنى  ئوتتۇرغا  قۇيۇپ باقساڭلار  بولدىكەن   تورداشلار..............

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15480
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7206 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 07:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا ئۇيغۇرلاردەك كپ يىزىق ئالماشتۇرغان مىللەت ئاز ئۇچرايدۇ،مىنىڭچە پەقەت بىرلا خىلنى ھەممە ئىشتا بىرلا خىلنىلا ئىشلەتكەن ياخشى،تولا ئالماشتۇرۇشقا،يەنە كۆپەيتىشە بولمايدۇ،چۇنكى بىرسىگە يىڭى ساۋاتسىزلار تىخىمۇ كۆپىيىدۇ،ئاۋارچىلىق يۇز بىرىدۇ،تەرجىمە ئىشلىرى تىخىمۇ كۆپىيىدۇ،ھەم ئاۋارچىلىق بولىدۇ،كىرگۇزۇش،يىزىش،سىزىش ھەممىسىگە دەخلى بولىدۇ،لاتىن ھەرىپىدە ئىپادىلىسە،كىرگۇزۇش ئوڭاي بولغان بىلەن بولماسمىكى ھازىرقى ھەرىپلەردىن بىرخىل مىللىي پۇراق چىقىپ تۇرغاندەك سىزىلىدۇماڭا،يەنە لازىمى يوقمىكىن دەپ قارايمەن.

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67768
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3693
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 07:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قوللايمەن.ئىككى پەدە دىگەننى نىمە دەيسىز ئىككى پادا دىگەننىچۇ؟

كىشىگە يامانلىق ئويلىغانلىق ئۆزىگە ئورا كولىغانلىق.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12482
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 07:50:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆ، ئۈ،ئې لارنى چىقىرىشتا زۆرۈر بولغان لاتىن ھەرىپىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايۇنىنى چۈشەندۈرۈۋەتمەمسىز، بۇ ھەرپلەرنى قانداق چىقىرىمىز؟

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

پىسخولوگىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37967
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 07:59:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئۈستى تەرەپتىكى چىكىتلەرنى قانداق چىقىرىمىز ھە

http://309357575.qzone.qq.com  

ھەركىم ئۆزى بولىشى كېرەك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 865
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8034
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 1124 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 08:36:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش زۆرۈر، بۇ ھەرگىزمۇ يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەس، مۇنبەردىكى ئىسىم قاتارلىقلاردىمۇ بىرلىككە كېلىۋالساق ياخشى. ئۆلچەم قوللىنىلسا «كادىر» بىلەن «قادىر»نى، «ھايا» بىلەن «xxx»نى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، بېشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمىگەن ئاللىقانداق «كۆنۈپ قالغان»لار ياخشى ئويلىنىڭ. تىلىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئولىيىتى بار.

كروران تورى: http://www.kroran.Net كەپتەر كۇلۇبى: http://www.izgu.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47836
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3282
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 08:55:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقسىتان،سەئۇدى ئەرەبىستان .ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر نىڭ يېزىقىنىڭ شەكلى بىزنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ شەكلىگە ئوخشىشىىدۇ،ئۇلار ئۆز يىزىقىنى كومپىيۇتىردا قوللىنىشنى قانداق ھەل قىلغاندۇ؟ ياپۇنيە، كورىيە(بۇلارنىڭ يىزىقى مۇرەككەپ) قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆ يىزىقىنى كومپىيۇتىردا ئەينەن قوللىنىشنى قانداق ئەمەلگە  ئاشۇرغاندۇ؟  ھەرقانداق مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇزاكىرلەشسە،مۇنازىرلەشسە بولىدۇ،ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش دىگەن پىكىرنى ئوتتورغا قويۇپ مۇزاكىرلەشسە بولىدۇ ،لىكىن ئامال بار بىزنىڭ ھازىرقى يىزىقىمىىزنى كومپىيۇتىردا راۋان قوللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ-بولمامدۇ؟ ---ھەرقايسى كوپيىيۇتىر تەتقىقاتچىلىرى،كوپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تازا قاتتىق تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بىرىپ ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالا ئىلان قىلىپ ،بىزنىڭ جانىجان مەنپەتىمىزگە چىتىلدىغان بو مەسىلنى كۈچ چىقىرىپ ھەل قىلساقمىكىن دەيمەن

باشقىلارنى دورا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57050
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 08:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق .   بۇنىڭ ئۆز يىزىقىمىزدىن ئاستا ئاستا ۋاز كىچىشىمىزنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۆمۇت قىلىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش