مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1643|ئىنكاس: 12

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ھەممىنى ئۆ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37811
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67762
تۆھپە نۇمۇرى: 145
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 02:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە


  

(ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى)     

                             

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئۆرپ ـ ئادەت،توي ـتۆكۈن،قائىدە ـ يوسۇن،ئەنئەنە،تويلۇق،تويلىشىش.

      ئۇيغۇر مىللىتى تارىخى ئۇزۇن،تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلە ر ئىچىدە مەدەنىي ھاياتقا ئەڭ بۇرۇن كۆچكەن،نۇرغۇنلىغان ئېىسىلئەنئەنە ،ئۆرپ ـ ئادەت، قائىدە ـ يوسۇنلارغا ئىگە مىللەت.
ئۆرپ ـ ئادەت-ئىدىئولوگىيە خاراكتېرىگە ئىگە بىر خىل مۇرەككەپ مەسىلە.ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى-ئۇنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىدەبىر مىللەتنىڭ پەلسەپە قارشى،ئەخلاق قارشى،ئىقتىسادىي قارشى،ئىجتىمائىي قارشى ،ئەدەبىيات ـ سەنئەت قارشى،دىنىي قاراشلىرىدائىپادىلىنىپ تۇرماقتا.
   ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىسى،ئۆرپ ـ ئادەت ۋە قائىدە ـ يوسۇنلىرى بولىدۇ.بۇلا شۇ مىللەتنى ئىككىنچى بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاراكتېرلىك ئالامەت،شۇنداقلا شۇ مىللەت ئېتنوگرافىيسىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەلۋەتتە،لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنائەمەس.
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندائۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى ،تىلى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە قەدىمكى ئېلمىنتلارنىڭ بىر قەدەر تۇلۇق ساقلىنىپ كەلگەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. تارىختىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇئەييەن تارىخى،ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي شەرت ـ شارائىت ئاستىدا ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ساغلام،پايدىلىق ئامىللار ئىنتايىن كۆپ.بۇلار ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ يۈكسەك مىللىي پىسخىكىسى ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە،شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى.بۇ خىل ئۆرپ ـ ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىن قارىغاندا بەزىلىرى دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،بەزىلىرى دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
     ئىسلام دىنى لوپنۇرغا13ـئەسىردىلا تارقىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ،ئاھالىنىڭ ئىنتايىن تارقاق،قاتناش ـ ئالاقە ئىشلىرىنىڭ بەكمۇ قولايسىزلىقىدەك ئوبىيكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 18ـ ئەسىرگەكەلگەندە ئاندىن ئومۇملاشقان.ئۇنىڭدىن بۇرۇن شامان،بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى.شۇڭا،لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئىسلام كەيپىياتى ئانچە قۇيۇق ئەمەس.ئۇلار بۇرۇنقى دىن ـ ئېتىقادلىرىنىڭ قىسمەنلىرىنى ئىسلام دىنىغا ماسلاشتۇرۇپ،داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
      يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان لوپنۇرغا ، ئوچۇقى لوپنۇرلۇقلارغا قىزىقىش ئەۋج ئېلىپ،زىيارەتكە كەلگۈچىلەر،كۆرگەن،ئاڭلىغانلىرىدىن تەسىرات يازغۇچىلار كۆپىيىپ قالدى.بۇنداق بولۇشىدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى،ئېتنىك تەركىبى ،ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى بېكىنمىچىلىكتىكى كەچۈرمىشلىرى،ئىشلەپچىقىرىش،ئىگىلىك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرى،تىل ئالاھىدىلىكى كىشىلەرنى قىزىقتۇرغان مۇھىم ئامىللاردۇر.
غەربىي رايوننى ئۇنۋېرسال كەڭ ئېچىۋېتىشتەك بۇنداق تارىخى پۇرسەتتە،يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپلا،ماددىي ،مەنىۋىي مەدەنىيەت تەرەققىيات سەۋىيسىنى ياراتقان تارىملىقلارنىڭ قەدىمكى،كېيىنكى ھەم ھازىرقى ئەجدادلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىغا يەنىمۇ چوڭقۇر، كەڭ تونۇشتۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش.شۇڭا،مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە لوپنۇرلۇقلاردىكى توي ـ تۆكۈن ئادەلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ياخىشى ئىشنىڭ ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


     لوپنۇرلۇقلاردىكى توي ـ تۆكۈن ، ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشتىن بۇرۇن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:  

        1  . لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
لوپنۇر ناھىيسى-غەرب تەرەپتەكۇچا، بۈگۈر،شايار بىلەن،شىمال تەرەپتە كورلا، ئۇششاقتال،توقسۇن،تۇرپان،پىچان بىلەن،شەرق تەرەپتە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ.يەرمەيدانى 59 مىڭ 767 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ،ناھىيە نوپۇسىنىڭ %73 نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ(بۇ سانلىق مەلۇماتلار 1996ـ يىلى شۇنداق ئىدى).لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھازىرقى لوپنۇر ناھىيسى دائىرىسى ئىچىدە ،بۇرۇنقى زامانلاردا 18 چوڭ دەريا ۋە ئۇنىڭ ھېسابسىز تارماق ئېقىنلىرى بىلەن 180 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كۆل بولغانلىقى ،ئەجدادلىرىنىڭ كرورەن،مىرەن،ئابدال،قاراقوش(قارا قوشۇن) قاتارلىق قەدىمكى ئاۋات شەھەرلەرگە ۋابا تارقىلىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن تارىمنىڭ يۇقىرى ئېقىمىنى بويلاپ كۆچۈپ،مۇشۇ دەريا-كۆللەر ئوتتۇرىلىرىدىكى دۆڭلۈكلەر،ئاراللار ۋە ئىپتىدائىي ئورمانلىقلار ئىچىگە ماكانلىشىپ،بېلىق تۇتۇپ،ئوۋ ئوۋلاپ يەپ،تەدرىجى چارۋا قىلىپ ياشاپ كەلگەنلىكلىرىنى رىۋايەت قىلىدۇ.بىز،لوپنۇرنىڭ غەربىدىن تا شەرقى جەنۇبىغا قەدەر نەچچە يۈز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان لېنىيدىكى دۆڭقوتان،مىرسالى،قارچۇغا،چوڭ كۆل،تېيىز كۆل،چارا،ئۇلۇغ كۆل،كۈزلەك،تىكەنلىك،ئويمانكۆل،كۆكئالا،يېڭىسۇ،قاراداي قاتارلىق ئاھالە جايلاشقانلىقى،مەھەللە-كەنىتلەرنىڭ ئىسمىدىن سۇ،كۆكلەم،يايلاق قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنىڭ ئاڭلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت جۇغراپىيۋى پاكىتلارغا ئاساسلانساق،ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلۇقى مەلۇم بولىدۇ.مۇنداق جۇغراپىيۋى مۇھىت ئۇلارنىڭ ئۇزۇن دەۋىرلەرگىچە سىرت بىلەن ئالاقىسى يوق ھالەتتە ياشىشىغا ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەرجەھەتتە باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىدىن ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەب بولغان.لوپنۇرئۇيغۇرلىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بىزنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
     لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈل،زېرەك،مەرد-مەردانە،خۇشچاقچاق،ھېسياتچان،ئاددى-ساددا،ئەمگەكچان،قانائەتچان،چىداملىق،ھالىمەن،يارىمەن،يۇرت سۆيەر،جەسۇرقاتارلىق مىجەز خۇلقى بىلەن كىشىدە چوڭقۇرتەسىرات قالدۇرىدۇ.مۇنداق خىسلەت –پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىرەتتە ئۇچرايدىغان ياخشى-يامان ئىشلارغا،پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيسى،ئەل-يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى،سەمىمىي-سادىقلىقى قاتارلىقجەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.لوپنۇرئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ياشاپ كەلگەن جۇغراپىيلىك شارائىتى ئۇلاردا ئۆزىگە خاس گۈزەللىك زوقىنى يېتىشتۈرگەن.بۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سەمىمىي-سادىقلىق،ئاقكۆڭۈللۈك ئۇرغۇپ تۇرغان مىجەز-خارەكتېرىدەئىپادىلىنىدۇ.ئۇلار قەلب گۈزەللىكىنى ئىنسانغا خاس ئەڭ ئاساسلىق گۈزەللىك ھېسابلايدۇ.بۇ ئۇلاردىكى «باش قارا بولغانغىلا ئادەم ئەمەس» دېگەن ماقالدا روشەن خارەكتېرلىنىدۇ.
     لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يەنە ناھايتتى مېھماندوست،داستىخنى كەڭ كېلىدۇ.ئادەتتە مەھەللە ئىچىدە ئۆز-ئارا كىرىپ –چىقىپ مېھمان بولۇشۇپ تۇرۇش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولمايدىغان بىر مەزمۇن.ھەرقاچان غىزا-تاماق ئۈستىگە بىرسى كىرىپ كەلسە چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىپ تۆرگە باشلايدۇ.ئالدىغا تاماق قويۇپ ئاندىن ھال سورايدۇ.تاماق ئۈستىگە كىرگەن كىشىنى «ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە،يامان ئادەم گەپ ئۈستىگە»دەپ ئۇنى ياخشىلىققا جورۇيدۇ.كىرگەن كىشىگە قارىتىپ تاماق يېيىشنى قىزغانچۇقلۇق،پىخسىقلىق دەپ يامان ئالىدۇ.  
     لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى،ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرى بىلەن مەيلى كۈرەش ھالىتىدە بولسۇن ياكى قوبۇل قىلىش بىرلىشىپ كەتكەن جەريانلىرىدا بولسۇن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇزاق يىللار بىرگە مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن.
    دېمەك،ئۇيغۇر خەلقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە شەكىللەندۈرگەن ئۆزىگە خاس ئىقتىسادى بىرلىك،تىل-يېزىق،مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپلا قالماستىن،شىنجاڭ رايونىدا ياشاۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاس مەدەنىيەتلەر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاپ كەلگەن.بولۇپمۇ،لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن ئادەتلىرىمۇ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرقى جەريانلىرىغىچە ئۆزگىچە.
تۆۋەندە مەن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
        2. لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي-تۆكۈن ئادەتلىرىنىڭ جەريانى
   لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي- تۆكۈن ئىشلىرىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە ئىنتايىن تىپىك بىر نەچچەخىل مەھەللىۋىي ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن.ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىدە«يانلار»(تاشان يۇتلۇقلار)دىن قىز ئالمايدۇ ھەم ئۇلارغا قىز چىقاررمايدۇ.بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى،ئۇلارنى تۇرالغۇسىز،يىلتىزى يوق،ھامان بىر كۈنى ئۆز جايىغا كېتىدۇ دەپ قارايدۇ.ئۇنى بىر قەدەر ئىپتىدائىي سودا خاراكتېرلىك تۈزۈم ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردىكى ئادەت-قائىدىلەرنىڭ داۋامى ياكى ئىز-قالدۇقلىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.يەنى،لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بېلىق،بېلىق تۇتۇش قوراللىرى،چېگە-تۇرقا،جەرەن-تۈلكە،مولۇن تېرىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى تويلۇق سېلىش ئادىتى بولغان.بۇ ئۇلارنىڭ ناھايتتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان دەريا،كۆل ۋە ئاراللادا سىرت بىلەن ئالاقىسىز دېگۈدەك ھالەتتە ياشاپ كەلگەنلىكلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.روشەنكى،بۇ ئادەتلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ سىنپىي جەمىئىيەتكە قەدەم قويغان باسقۇچلىرىدىكى تويلىشىش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر نوقتىلىق ھالداتويلۇق تۈرلىرىنىڭ تويلىشىش جەريانىدىكىبەزى قەدەم-باسقۇچلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاتالغۇلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ.مەسىلەن:
لايىق تاللاش(كۆزلەش ياكى نىشان كۆرسىتىش)،ئادەم(ئەلچى قويۇش)«گەپ سېلىش»،كىچىك چاي(داستىخان تاشلاش)«چانچىق تۈگۈش»،چوڭ چاي«قولتۇقتۇق بولۇش»،تويلۇق«قالىن»دەپ ئاتىلىدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىكى تويلىشىش ئادىتى تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

     1)نىشان كۆرسىتىش(لايىق تاللاش).
  ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئويناپ يۈرگەن،ئۆيلرىگە كېلىپ-كېتىپ يۈرگەن مەزگىللىرىدىن باشلاپلا قىز ياكى ئوغلىنى ھەرجەھەتتىن كۈزىتىدۇ.مۇشۇ جەرياندا ئاتا-ئانىلارغا مەلۇم بىر قىز ياكى ئوغۇل يېقىپ قالسا،كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزغا تۇيدۇرماي كۆڭلەك ئېتىكىنىڭ بىر يېرىنى ئازىراق يىرتىپ قويىدۇ.ئوغۇلنىڭ بولسا دوپپىسى ياكى تۇمىقىغا ۋە ياكى دۈمبىسىگە بىر تال كالتە ئاق يپ يېپىشتۇرۇپ قويىدۇ.يىگىت بىلەن قىز ھەقىقەتەن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسا،يىگىت قىزنىڭ بارمىقىغا ئۈزۈك سېلىپ ياكى بوينىغا تۇمار ئېسىپ قويىدۇ.قىز يىگىتكە مەخسۇس ئىشلەنگەن قلياغلىق تۇتۇشتەك ئادەتمۇ بولغان.ئاتا-ئانىلار بۇ بەلگە-ئالامەتلەرنى كۆرگەن ۋە سەزگەندىن كېيىن:«ھە،قىزىمىز(ئوغلىمىز)غا لايىق چىقىپتۇ»دەپ ئويلىنىشقا باشلايدۇ ۋە مەلۇم بىر كۈنى قىز تەرەپكە گەپ سېلىپ ئادەم ئەۋەتىدۇ.
   ئوغۇل تەرەپ ئەلچى ئەۋەتىشتەرەددۇتىدا بولىدۇ.ئەلچى بېرىشتا توققۇز دانە بېلىق بېشى پىشۇرۇپ داستىخان قىلىپ بارىدۇ.ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرمىسە،قىز تەرەپ ئايرىم توققۇز دانە بېلىق بېشى پىشۇرۇپ داستىخاننى ياندۇرىدۇ.   

        2)چانچىق تۈگۈش(داستىخان تاشلاش).
   چانچىق تۈگۈشتە ئېلىپ بېرىلىدىغان داستىخان بىر قەدەر بۇرۇنقى چاغلاردا يەتتە ياكى توققۇز دانە پىشۇرۇلغان بېلىق كاللىسى،قىزغا ئاتاپ بىر كىيىملىك تورقا چەكمە ياكى كۆڭلەكلىك تورقا شايى،ئازىراق تۇز سېلىپ باراتتى.كېيىنچە،بېلىق ئورنىغا شاتىۋا،تەدرىجى زاۋۇت رەختلىرى سالىدىغان بولدى.بۇ ئادەتتە بىز ئاتايدىغان ھەم داستىخان تاشلاش ھەم قىزنىڭ بېشىنى باغلاپ قويۇش بولۇپ،بۇنى لوپنۇرلۇقلار كۆچمە مەنىدە مۇرۇلۇغ○1دەيدۇ.لوپنۇر قوشاقلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:

                                               ئۇزۇن بولدى كەپ قويمادىڭ چاراغا○2،
                                               گەپىڭ يوقمۇ مەندەك دىلى ياراغا.  
                                               ئىلاجىم يوق مەن يۈرۈيمەن مۇرۇللۇغ،
                                               باراي دېسەم توساق چۈشتى ئاراغا.

داستىخان تاشلىنىپ ئارىدا بىر نەچچە كۈن تەييارلىق قىلىۋالغاندىن كېيىن،ئۈچىنچى قەدەمدە قولتۇقتۇق قىلىنىپ كەلگەن.  

         3)قولتۇقتۇق بولۇش(چوڭ چاي)
     قولتۇقتۇقتا ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە يەتتە ياكى توققۇز پىشۇرۇلغان بېلىق،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بىردىن ئىككى كىيىملىك تورقا○3چەكمە ياكى ئانىسىغا بىر كۆڭلەكلىك تورقا شايى،كىچىك بىر خالتا تۇز سېلىپ بېرىلغان بولسا،قىزنىڭ تويلۇق ئاش سۈيىگە قارىتا يەتتە ياكى توققۇز ئون(يەتمىش ياكى توقسان)بېلىق، جەرەن،كېيىك گۆشى ۋە تۈلكە،مولۇن،سۈلەيسۈن تېرىسى○4،بىر ئىككى خالتا ئۇجۇل تالقىنى،ئىككى-ئۈچ تاغار جىگدە ۋە كېمە گۆلمە سېلىشلار بولغان. چانچىق ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن،ئارىدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك گەپ ئۆتۈلۈپ ياكى باشقا بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىپ،توي ئىشى بۇزۇلۇپ،ئوغۇل تەرەپنىڭ چانچىقىنى قايتۇرىۋېتىشكە توغرا كەلسە،ئەكىرىلگەن بېلىق كاللىسى قانچە بولسا،شۇنچە تال خام بېلىق كاللىسى بىلەن قىزغا،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەكىرىلگەن مالنى،تۇزنى(قايتۇرما چانچىق)قىلىپ مەھەللىدىكى بىرەر چوڭراق ئايالغاكۆتەرتىپ ياكى يەنە بىر چوڭ ياشلىق ئەر بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،قايتۇرما چانچىقىنى ئېچىپ قويۇپلا قايتىپ چىقاتتى.ئىككى تەرەپتىن بىر ئېغىزمۇ گەپ-سۆز بولۇنمايتتى.باشقا نەرسىلەرمۇ قايتۇرىلىدۇ.ئەمما،قولتۇقتۇق بولۇش ئەل-يۇرت ئالدىدا قۇدىلىشىشقا بېرىلگەن ۋەدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا مەيلى قايسىسى بولمىسۇن ھەرقانداق شارائىتتا يالتىيىۋېلىشقا بولمايدۇ.




       4)قالىن (تويلۇق)
     بۇرۇن قالىن(تويلۇق) ئۈچۈن بېلىق،ئۇجۇل،تورقا-چەكمەن،تورقا،جىگدە،كېمە،گۆلمە(تور)،جەرەن،تۈلكە،مولۇن تېرىلىرى سېلىنىپ كەلگەن،كېيىن جەرەن ،تۈلكە،مولۇن تېرىلىرى ئورنىغا قوي،كالا ياكى قوي-كالا بەدىلىگە كۆمۈش،يامبۇ سېلىنىدىغان بولغان.قول ئىلىكىدە بارلار ئارا تويلۇق ئۈچۈن توققۇز ياكى يەتتە ئون بېلىق(20 بېلىق بىر ئون بېلىق ھېسابلىنىدۇ)،توققۇز ياكى يەتتە جەرەن،تۈلكە ياكى مولۇن تېرىلىرى،بىر جۈپ كېمە،بىر جۉپ گۆلمە،توققۇز ياكى يەتتە كىيىملىك تورقا چەكمە،ئىككى-ئۈچ خالتا ئۇجۇل،تۆت-بەش تاغار جىگدە،ئىككى ئارتىق تورقا،ئادەتتىكىلەر ئارا ھەممە ئۆز ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېمەيتىپ تەدرىجى ئۆزگىرىپ ،يۇقىرىقىدەك تويلۇق تۈرلىرىنىڭ ئورنىنى كالا،قوي،رەخت،ئاشلىق(بۇغداي ياكى ئۇن)ئالغان.
     لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىسىدە توي ھەم ئاددى-ساددا بولۇش بىلەن ئۆزگخچە ئۆتكۈزۈلەتتى.توي قىز تەرەپتىلا ئۆتكۈزۈلۈپ ئوغۇل تەرەپتە قازان ئېسىش ئادىتى يوق ئىدى.ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى تارقاق ھەم شالاڭ بولغاچقا،تويغا(جۈملىدىن باشقا ھەرقانداق يىغىنچىلىققا)ئادەم چاقىرىش،خەۋەر قىلىش قىيىن ئىشلاردىن ئىدى.ئەمما كىشىلەر شۇ يەرنىڭ يەر شارائىتىغا مۇۋاپىق ئوڭاي ئۇسۇلنى تېپىۋالغان.تۆت ئادەم تۆت تەرەپتە بىردىن قۇم دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ توي توغرىسىدا جاكار تارقىتاتتى.خوشنا مەھەللىدىكىلەردىن بۇنى ئاڭلىغان بىرى بىر دۆڭگە چىقىپ ھېلىقى جاكارنى ئاڭلىغىنى بويىچە تەكرار توۋلايتتى.شۇ تەرىقىدە توي ۋە باشقا يىغىنچىلىقنىڭ خەۋىرى قۇلاقتىن-قۇلاققا يەتكۈزۈلۈپ،بىرەر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى كىشىلەرمۇ خەۋەر تاپاتتى.ئەمما، ھازىر ھەممە جايلارغا ئورتاق بولغان باغاق تارقىتىش ئارقىلىق توي ئۇقتۇرۇشى قىلىدىغان بولدى.تويغا قىز تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى،قۇربىغا قاراپ قوي،كالا،كېيىك،جەرەن گۆشى،نەچچە ئون بېلىق،توشقان ئېلىپ كېلەتتى،تۇققانلار ۋە قۇلۇم- خوشنىلار تويغا بوسۇتلۇق ئۈچۈن رەخت،گېلەم....قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان بولدى.يەنە تويغا تەييارلىنىدىغان تاماقلارمۇ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزدىن بولماقتا.بۇرۇن تويدا مېھمانلارغا تارتىلىدىغان تائام بېلىقنى ئاساس قىلىپ گۆش ۋە ئۇجۇل،بېلىق تالقىنى ئۇمىچى ياكى جىگدە تالقىنى ئۇمىچى ئىدى.بۇنداق جەم بولۇش دائىم بولۇپ تۇرمىغاچقا،توي مەرىكىسى ھەرقايسى جايلاردىكى قوشاقچىلار ئۈچۈن ئۆزىنى كۆرسىتىۋالىدىغان بىر پۇرسەت بولسا،كۆپچىلىك ئۈچۈن قانغۇچە قوشاق ئاڭلاپ پۇخادىن چىقىپ كۆڭلىنى ئېچىۋالىدىغان ،ئۇزاقتا كەلگەن بىر پۇرسەت ئىدى.شۇڭا توي خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئائىلە كىشىلىرى ئاغرىپ قېلىپ ئورنىدىن تۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە يېتىپ قالمىغانلا بولسا،چوڭ-كىچىك،قېرى-ياش ھەممىسى كېلەتتى.توي ئېگىلىرى بىلەن تونۇشۇش-تونۇشمايدىغىنى بىلەن ھېسابلاشمايتتى.ھەتتا بەزىلىرى ئېھتىيات ئۈچۈن يەيدىغانلىرىنىمۇ ئېلىۋالاتتى.(بۇنداق قىلىشتا يولدا بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ بولۇپ قېلىشىنى نەزەرگە ئالاتتى).كىشىلەر ئات،تۆگە،كالا،ئېشەك مىنىپ،پىيادە بولۇپ توي مەرىكىسى بولىدىغان تەرەپكە ئېقىشاتتى.ھەممە جاينى قوشاقچىلارنىڭ ئاۋازى قاپلايتتى.كىشىلەرنىڭ توي مەرىكىسىگە بۇنداق قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشىدا ئەلۋەتتە تۈرلۈك سەۋەپلەر بارئىدى.لوپنۇرلۇقلاردىمۇ بۇرۇن باشقا يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ساز-مۇزىكا چېلىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان،بەزمە-مەشرەپ قىلىدىغان سەنئەت شەكىللىرى بولغان بولسىمۇ،تەبىئىي شارائىت،ياشاش مۇھىتى ناچارلىشىپ،نەچچەيۈز يىل داۋام قىلغان تولا كۆچۈش،تارقاق ماكانلىشىش تۈپەيلىدىن كىشىلەردە پات-پات بىر يەرگە جەم بولۇپ بەزمە-مەشرەپ قىلىپ كۆڭۈل ئېچىش قىلىدىغان ئىمكانىيەت بولمىغان.20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە سەنئەتنىڭ ئۆز-ئارا قوشاق ئېيتىشىشتىن باشقا شەكىللىرى قالمىغان.توينىڭ بىردىنبىر يارىشىقى ئوغۇ قىز تەرەپتىن ۋە خالىغانچە قوشاقچىلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆزئارا بىر-بىرىگە قوشاق تاشلىشىش بولغان.بۇنداق سورۇندا قوشاق تاشلىشىدىغانلار ئۆزىنىڭ قوشاقچىلىقتىكى ماھارىتىنى،ئۈستۈنلۈكىنى نامايەن قىلىدىغان بولغاچقا،سۆز(قوشاق)ئويۇنىدا رەقىبىنى ھەرگىز ئاياپ تۇرمايدۇ.بۇنداق سورۇندا ئېيتىلغان قوشاقلار ھەرقانچە كىشىنىڭ شەخسىيتىگە ھەتتا ئائىلە،جەمەتىگە تېگىدىغان سېسىق،ھاقارەتلىك بولسىمۇ،كىشىلەر ئۇنى كۆڭۈل ئېچىش يۈزىسىدىن ئېيتىلغان ئادەتتىكى قوشاق دەپلا قارايدۇ،ھەرگىز ئېغىر ئالمايدۇ،تەگەشمەيدۇ...
      بۇرۇن يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك توي مەشرىپى بولماي مەرىكىدىن كېيىن ئوغلاق تارتىشىش بولاتتى.نىكاھ ئوغلاق تارتىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇلۇپ قىز كۆچۈرىلەتتى.توي كۆچۈرۈش ئادىتىمۇ ئۆزگىچە،قوشاقلار ئېيتىلىپ،ۋاقىت بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن،تۆتىنجى قەدەمدە توي كۆچۈرۈش بولىدۇ.قىز باشقىدىن كىيىندۈرۈلۈپ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىلىۋاتقاندا ۋە قىزنى ئېلىپ ماڭغاندا،قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئۇرۇغ-تۇغقان،مەھەللىداشلىرى داپ ئورنىدا چاۋاك چېلىپ ياكى تاۋاق-قاچا،لېگەن،جاۋۇر قاتارلىق نەرسىلەرنى رېتىملىق ئۇرۇپ قوشاق ئېيتىشاتتى.
بۇنداق چاغدا ئېيتىلىدىغان قوشاقلار ئوخشاش ئەمەس.ھەر مەھەللە-جايلارنىڭ ئۆزگىچە.
مەسىلەن:
                                                      داڭىتقۇيەي،دوڭىتقۇ،○5
                                                      توي قىلماق بەخت-قۇتقۇ.  
                                                      تاپىپ چىقاي،ئالىپ چىق،
                                                      باش-كۆزىنۇ ياپىپ چىق.  
                                                      قىزنى تاپشۇر كۆيۈگە،  
                                                      ئالىپ كەتسۇن ئۆيۈگە.
                                                      ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار،
                                                      توغراق يېشى كۆرۈڭلار.
ياكى:

                                                       كەتەر بولدۇ قىزىمىز،
                                                       قۇم دۆڭىنىڭ ئۇ ياقىغا.
                                                       ئىككى كالا پايلاماس،
                                                       يوللارنىڭ يىراقىغا.
                                                       قىزىمىز كۆنەلەرمۇ،
                                                       ياڭى ئۆي ئوچاقىغا....

قىز كۆچۈرۈپ ماڭغۇچىلار تاكى مەنزىلگە يېتىپ بارغۇچە بىرىنىڭكىگە بىرى ئۇلاپ قوشاق ئېيتىشىپ ماڭاتتى.بۇ چاغدا ئېيتىلىدىغان قوشاقلار يېڭى كېلىندىن ئېزگۈ تىلەكلەر تىلەشتىن ئىبارەت بولاتتى.
  قىز كۆچۈرۈلۈپ ئۆيگە كەلگەندە كېلىن ھويلا ئىشىكىنىڭ ئىچى تەرىپىگە يېقىلغان ئوتتىن سەكرەپ ئۆتۈپ بولۇپ،ئىچىدە بېلىق يېغى ياكى سېرىق ماي بار ياغاچ چۆمۈچنى ئوتقا تاشلايتتى،ئوت چاراسلاپ چاچقۇ چاچرىتىپ كۆيەتتى.بۇنى ئۇلار«كېلىنىمىزنىڭ ئايىقى ياراشسا،ئائىلىمىزنىڭ بەختى مۇشۇ ئوتتەك يورۇپ كەتكۈدەك»دەيتتى.بۇ خۇددى ئۇلارنىڭ «كىم ئوتنى ئۆچۈرسە،ئۇنىڭ بەختى ئۆچىدۇ»دەپ،ئوت كۆيۈپ بولۇپ ئۆزى ئۆچمىگۈچە ئۆچۈرمەيدىغان ئادىتىگە ئوخشاش. ئۇزاق قەدىمكى زاماندىكى ئوتقا چوقۇنۇش،ئوتنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادىدىن قالغان ساقىندى ئادىتىدىن ئىبارەت○6. كېلىن ئاندىن ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان كۆتەككە ئورناپ ئولتۇرغۇزىلاتتى.بۇ،كېلىنىمىز ئۆيىمىزگە كۆتەكتەك ئورناپ كەتسۇن دېگەنلىك.كېلىننى ئەكىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن بېشىنى چۈمكەپ ئارتىلغان ئۈچ ياغلىق(بىرىنى كۆچۈرۈپ ماڭغاندا ئانىسى،بىرىنى قېينىئانىسى،يەنە بىرىنى يەڭگىسى ئارتىپ قويغان)نى يەڭگىسى ياكى ئوغۇل تەرەپتىن ياشىراق بىر ئايال كېلىپ قوشاق ئېيتقاچ:  

                                                                    ئاۋالارەي○7،ئىنەلەر،  
                                                                    ئاغاچىلار،ئاغىلار○8.
                                                                    قىز يۈزۈنۇ ئاچالى،
                                                                    ئۈنچە-مارجان چاچالى.
                                                                    قىز ياراشقاي ئۆيۈگە،
                                                                    باغىر باسقاي كۆيۈگە.

دەپ تۇرۇپ ئېلىۋېتەتتى.بۇ«يۈز ئاچقۇ»دېيىلىدۇ.«يۈز ئاچقۇ» دا ئوقۇلىدىغان قوشاقلار مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ.مەسىلەن:


                                                                    سىزنى تويلاپ ئەكەلدۇق،
                                                                    بالا بولسۇن بىزگە دەپ.
                                                                    دەريا-كۆلگە توققۇز ئون○9،
                                                                    كېمە سالدۇق سىزگە دەپ.  
                                                                    قۇلاق سالماڭ ئارادا،
                                                                    بولۇپ قالسا جەمە گەپ○10.

يۈزى ئېچىۋېتىلگەن كېلىن قېينىئاتىسىغا،قېينىئانىسىغا،ئاندىن باشقا مېھمانلارغا سالام بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن توي ئاخىرلىشىدۇ،مېھمانلارمۇ تارايدۇ.
       ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە ئىنسانىي ئەخلاق،شەرمىي-ھاياغا بەكمۇ ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن .قىزلانىڭ شەرمىي-ھايالىق بولۇشىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى قىزلىق ئىپپەت-نو،ۇسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.مانا بۇ نوقتىغا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن،ھەم بۇنىڭغا ئائىت ئۇلاردا بۇرۇندىن ھازىرغىچە بىر قىسىم ئۆزگىچە پەرھىز ۋە قائىدىلەر داۋاملاشقان.بۇخىل قائىدىلەردىن بىرى بولغان قىزنى يېڭى سويۇلغان قوي تېرىسىگە يۆگەش ئادىتى لوپنۇرنىڭ يىراق يېزىلىرىدىن بىرى بولغان قارچۇغا يېزىسىدا تا ھازىرغا قەدەر قەتئىي داۋاملىشىپ كەلمەكتە.يەنى،قىز كۆچۈرۈپ كېلىنگەن كۈنى (توي كېچىسى)نىڭ ياندۇرقى كۈنى يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر چوڭراق بىر قوينى تەييارلايدۇ.يىگىت يەڭگىلەر ياكى ئانىسى ئارقىلىق توي قىزىنىڭ ئىپپەتلىك ئىكەنلىكىنى باشقىلارغىمۇ بىلدۈرىدۇ.بۇنىڭ ئىپادىسى ئۈچۈن تېخى چۇجرىسىدىن چىقمىغان قىزنىڭ مەيدىسىگە يوغان بىرتال گۈل تاقايدۇ،ئاندىن تەييارلانغان قوينى سويۇپ ەۆشىدە شورپا قىلىپ قىزنى كۈتىدۇ،تېرىسىغا قىزنى يۆگەش قائىدىسىنى قىلىدۇ.بۇرۇنلادا قىزنى تېرىگە يۆگەش ھەپتە داۋاملىشاتتىكەن،بۇ چاغدا يىگىت قىزنىڭ بارلىق ھاجىتىدىن چىقىدىكەن،ئاندىن ھەپتە ياكى بەش-ئالتە كۈندىن كېيىن قىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا مۇراسىم-مەرىكە بېرەتتىكەن،بۇ مۇراسىمنى قارچۇغىلىقلار توي مۇراسىمىدىن چارە بىلەتتىكەن. ھازىر بىر قىسىم ئادەت-قائىدىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قىزنى تېرىگە ئېلىش مۇراسىمىنىڭ بەزى تەرەپلىرىدە ئۆزگىرىش بولغان.يەنى،ياندۇرقى كۈنى قىزنىڭ مەيدىسىگە گۈل تاقاپ،تېرىگە ئالىدىغان قائىدىسى تۈگىگەندىن كېيىن،ئالاھىدە داستىخان راسلاپ قىزغا ۋە يەڭ‍گىلەرگە قويىدۇ،ئاندىن ياندۇرۇق چاي ئۆتكۈزىدۇ.ناۋادا،توي قىزى ئىپپەتلىك قىز بولماي قالسا،بۇ قائىدىلەر قىلىنماستىن،ئارىغا بىر ئاز سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ.بۇرۇنلادا مۇشۇنداق بولۇپ قالسا توينىڭ ئەتىسىلا قىز يەڭگىلىرىگە قوشۇپ قويۇلىدىكەن ياكى سازايى قىلىندىكەن.ھازىر گەرچە بۇ قائىدىلەر سەل قىسقىرىغان بولسىمۇ،قارچۇغىلىقلار،جۈملىدىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ نەزىرىدە توي قىزىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.بۇ قىزنىڭ چوڭ بولۇپ ئۆسكەن ئائىلىسىگە ئىززەت-ئابروي ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن،يىگىتنىڭ ئائىلىسى،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.يەنە قىز ئۆزىنىڭمۇ بىر ئۆمۈر يۈزى يورۇق بولىدۇ.ئۇلار بۇ خىل ئىززەت-ئىكرامنى ئانا شۇنداق ئەمىلى ھەرىكىتى ۋە مەرىكە-مۇراسىم بىلەن ئىپادىلەپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق،شەرمىي-ھايا،ئىززەت-ئابروي قارشىنى نامايەن قىلغان.ھەممە پائالىيەتلەر جەمئىيەت ئېقىمىغا ماسلشپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىكى مۇشۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى قائىدىلەر ئىزچىل داۋاملىشىپ،كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
    يۇقىرىقى تويلىشىش ئادىتى مەرىكە كۈنى ئاياغلىشىدۇ،ئىككىنچى كۈنى قىز تەرەپتىن ئەكېلىدىغان ئىسسىقلىق ئۈچۈنمۇ لوخو بېشى پىشۇرۇپ ئەكىلىش بولسىمۇ،ھازىر ئاش ئەكىلىش ئوموملاشقان.  


           5) چىللاق
بۇرۇندىنلا چىللاققا كەلگەن مېھمانلار لوخو بېشى بىلەن مېھمان قىلىنىپ كەلگەن.تۇققانلار ئارا قويۇلىدىغان سوۋغاتقىمۇ گۆش بىلەن توقاچ قويۇلۇپ كەلگەن.ئەمما گۆش تۇغقانلانىڭ دەرىجىسىگە ماس كېلىشى شەرت.بۇ«قويدۇرۇق»دەپ ئاتىلىدۇ.كېيىنچە قويدۇرۇق ئۈچۈن رەخىت قويۇلىدىغان بولغان.
لوپنۇر ئەنئەنىسىدە توي ئەنە شۇنداق ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئاددىي-ساددا،ئەمما ئنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىلەتتى................................


          3.لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى بىلەن كورلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى

       ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن،توي مۇراسىم ئادەتلىرىدىمۇ ھەرقايسى رايونلاردا بىر قىسىم ئوخشاش بولمىغان قائىدە-يوسۇنلار مەۋجۈت.
     ئىلگىرى تويلاشماقچى بولغان ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى ئارقىلىق ئۆز-ئارا رازىلىق بېرىشكەندىن كېيىن تويلىشاتتى،يىگىت بىلەن قىز تويدىن بۇرۇن يۈز كۆرۈشمەي،توي كۈنى ھۇجىرىغا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن يۈز كۆرۈشەتتى.ھازىر ئەھۋال ئۆزگىرىپ،يىگىت بىلەن قىز ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ ،ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن تويلىشىدىغان بولدى.ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى ھەم ھەرقايسى جايلارنىڭ توي مۇراسىم ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ توي مۇراسىملاردا بىر قىسىم قائىدە-يوسۇنلار ئاددىيلىشىپ،قىسقىراپ يەنە بىر قىسىم قائىدە –يوسۇنلار قوشۇلۇپ،ھازىرقى شارائىتتىكى بىر قەدەر قېلىپلاشقان توي-تۆكۈن تەرتىپى بارلىققا كەلدى.
      لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىدەك بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيلەردىمۇ ئوخشاش بولمىغان توي مۇراسىم ئادەتلىرى بار.كورلا رايونىدا بولسا توي تەرتىپى بىر قەدەر قېلىپلاشقان بولۇپ،تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
      دەسلەپكى ئىككى قەدەم لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھازىرقى توي ئادىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،ئىككى تەرەپ تويغا رازىلىق بېرىشكەندىن كېيىن ،ئايال قۇدىلار ئۆز-ئارا تونۇشۇش ھەم قىز تەرەپنىڭ تويغا قوشۇلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن يىگىتنىڭ ئاپىسى يېقىن ئايال تۇغقانلىرىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ قىز تەرەپكە رەھمەت داستىخنى ئېلىپ بارىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تويلىشىش دەسلەپكى قەدەمدە باشلىنىدۇ.
      ئۈچىنچى قەدەمدە يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ.ئەلچىلىككە يۇرت چوڭى،بىۋاستە تاغىسى قاتارلىق ئەرلەر تاللىنىدۇ.ھازىر ئەلچىلىك قېتىم سانى قىسقىراپ،بىرلا قېتىم بارىدىغان ھەم قىز تەرەپ قوشۇلسا شۇ كۈنىلا توي ۋاقتى،تويلۇق،ئاش سۈيى(گۆش،گۈرۈچ،ماي،سەۋزە ۋە باشقا توي لازىمەتلىكلىرى)،چوڭ-كىچىك داستىخان ئاساسى جەھەتتىن بېكىتىلىدىغان بولدى.
       تۆتىنچى قەدەمدە ، ئوغۇل تەرەپ مۇۋاپىق كۈننى تاللاپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە قولۇم-خوشنا ھەم يېقىن-يورۇقلىرىنى ئېلىپ (ئاياللار)قىز تەرەپكە چوڭ چاي ئېلىپ بارىدۇ.داستىخانغا ئوغۇل تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن 10~20 گىچە پەتنۇس راسلايدۇ،بۇنىڭدا كەمپۈت،ناۋات،چاي،پىشۇرۇق،مېۋە-چېۋە ۋە باشقا قۇرۇق ھۆل يېمىشلەردىن باشقا قىزغا ئاتالغان تۆت پەسىللىك كىيىملەر،ئالتۇن،زىبۇ-زىننەتلەر،قىزنىڭ ئاتا-ئانا،چوڭ دادا،چوڭ ئاپىلىرىغا ھەم باشقا قېرىنداشلىرىغا كېيىملىك رەختلەر قويۇلىدۇ.  
       بەشىنچى قەدەمدە،توي مۇراسىمىغا بىر ھەپتە قالغاندىن باشلاپ ھەر ئىككى تەرەپ باغاق تارقىتىش،يىراق-يېقىنغا خەۋەر بېرىش بىلەن بولىدۇ.توينىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى قىزنىڭ دوستلىرى ھۇجرا ئۆينى ياساشقا كېلىدۇ.بۇنىڭدا قىز تەييارلىغان پەردە،ياپقۇچ ۋە باشقا ئۆي لازىمەتلىكلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ.ھۇجرا ئۆي دەسلەپكى قەدەمدە ياسىلىدۇ.قالغىنى توي كۈنى بېرىدىغان يوتقان-كۆپە ۋە باشقا ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى بىلەن بېزىلىپ،ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا قىز-يىگىتنىڭ ئۆيى ياسىلىدۇ.بۇ تەرەپلىرى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھازىرقى توي ئادىتى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ.  
      ئالتىنچى قەدەمدە،توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ.يېزا تەرەپلەدە ئاساسەن ئۆيدە ئۆتكۈزىلىدۇ.شەھەرلەدە ئۆيلەر كىچىك،قولايسىز بولغاچقا،مەرىكە زاللىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
توي كۈنى سەھەردىن باشلاپ ھەر ئىككى تەرەپتە توي باشلىنىدۇ.مەسجىدتىن يانغان جامائەت ۋە باشقا يىراق-يېقىنلار توي ئېشىغا داخىل بولغاندىن كېيىن،چۈشتىن بۇرۇن تەخمىنەن سائەت 7:30 لاردىن باشلاپ ئاياللار تويغا كېلىشكە باشلايدۇ.يىگىت تەرەپتىمۇ شۇ تەرتىپ بىلەن مېھمانلارنى ئۇزىتىپ،چۈشكە يېقىن بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە باشقا يېقىنلارنى ئېلىپ قىز-يىگىت ئولتۇرىدىغان ماشىنىنى ھەرخىل گۈللەر بىلەن بېزەپ،باشقا ماشىنىلارغا قىزىل رەخت باغلاپ،ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ،ماشىنىلارنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇللارنى ئويناپ،قىز تەرەپكە توي كۆچۈرگىلى بارىدۇ.
      نىكاھ ئوقۇش بۇرۇنلاردا بىر كۈن بۇرۇن ئوقۇلاتتى.ھازىر توي كۈنىنىڭ ئۆزىدە قىز كۆچۈرگىلى كەلگەندىلا بىر ئېغىز ئۆي خالىي قىلىنىپ،يىگىت ھەم قىزنىڭ دادىلىرى،موللا ۋە يىگىت قولداشلىرى ھەمراھ بولۇپ،بىرلىكتە نىكاھ ئوقۇلىدىغان بولدى.لوپنۇردىمۇ يۇقارقىدەك ئادەت ئوموملاشماقتا.
نىكاھ ئوقۇشيىن بۇرۇن موللا قانۇنلۇق توي خېتىنى چوقۇم كۆرىدۇ.يان ئۆي ئىشىكىدە قىز قولداشلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇپ نىكاھ سۈرىسىنى ئاڭلايدۇ،ئوغۇل-قىز رازىلىق بېرىشكەندىن كېيىن تۇزغا چىلانغان ناننى قولداشلىرى يىگىت بىلەن قىزغا يېگۈزىدۇ.بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ بىر جۈپلەنى مەڭگۈ ئىمان-ئېتقادى بىلەن ۋاپادار ئۆتۈشكە ئۈندەشتۇر.نىكاھدىن كېيىن قىزغا تويلۇق كىيىم كىيگۈزىلىدۇ.يىگىتنىڭ ئاچىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقىنىدىن ئىككى-ئۈچ ئايال كىرىپ،قىزغا باشتىن-ئاياغ تويلۇق كىيىم كىيگۈزىدۇ.كىيىم كىيگۈزۈش باش كىيىمدىن باشلىنىدۇ،زىبۇ-زىننەت ئۈستىدىن-ئاستىغا،ئوڭدىن-سولغا تاقىلىدۇ.ئاياقمۇ ئوڭ پۇتتىن كىيىلىدۇ،ئايىقىنىڭ ئىچىگە سەرەڭگە ياقىدۇ.بۇ «ئوتتا چايقاش» دېيىلىدۇ.بۇنىڭدىن مەقسەت:«كېلىنىمىزنىڭ ئايىقى ئوتلۇق،مېھرى ئىسسىق بولسۇن »دېگەنلىكتۇر.كىيىم كىيگۈزۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىگىت ۋەكىللىرى قىزنى ئالدىرىتىدۇ.يىگىت بىلەن قىز توي سورۇنىغا ئېلىپ چىقىلىپ،كۆرپىگە ئولتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن،قىز تەرەپ ۋەكىلى قىزغا ئاتالغان تويلۇقلارنى ئوتتۇرىغا يايىدۇ(يوتقان-كۆرپە،ياستۇقلار،گېلەم-ئەدىياللار،ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر).
ئوغۇل تەرەپتىن تويلۇقلارنى رەھمەت تازىم بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،قىز تەرەپتىن ياشتا چوڭ،ھۆرمەتتە چوڭ تۇغقىنى،كۆپىنچە ئاتا-ئانىسى(ئەر-ئايال چەكلەنمەيدۇ)قىز يىگىتكە دۇئا بېرىدۇ.دۇئا بىر جۈپلەرگە مەڭگۈلۈك بەخىتلىك تۇرمۇش،ۋاپادار ۋە ئەقىللىق پەرزەنت تىلەش بىلەن بىللە قىزغا ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن رەھمەت تازىم بىلەن قىزنى ئېلىپ ماڭىدۇ.قىز تەرەپتىن بىر قىسىم تۇغقانلار(دادىسى،ئانىسىدىن باشقا) ھەم ئالاھىدە تەيىنلەنگەن يەڭگە ئوغۇل تەرەپكە بىللە بارىدۇ.قىز ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ھويلىغا بوسۇغىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ئىسسىقلىق ئوتى يېقىلىپ،قىز شۇ ئوتتىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ.(بۇنىڭدىن مەقسەت قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببىتى ئاشۇ ئوتتەك ئىسسىق بولسۇن دېمەكچى.)ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن قىزنىڭ ئاستىغا ئالدىن تەييارلانغان كۆرپە ياكى گېلەم قاتارلىق نەرسىلەرنى سالىدۇ.(قىزنىڭ ئاستىغا سېلىنغان نەرسە ھۇجرا ئۆيگە مەنسۇپ.) قىز ئولتۇرغان كۆرپىنىڭ ئاستىغا تاش قويۇپ قويۇلىدۇ،(بۇنىڭدىكلى مەقسەت قىز مۇشۇ ئۆيگە سۇغا چۈشكەن تاشتەك ئورناپ كەتسۇن،دېمەكچى).
       يەتتىنچى قەدەمدە،توينىڭ ئىككىنچى كۈنى سەھەردە يىگىت قولداشلىرى بىلەن قىزنىڭ چوڭ ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ.يىگىت ۋە قولداشلىرىغا ئالدىن تەييارلانغان سوۋغاتلار قويۇلىدۇ.
       سەككىزىنچى قەدەمدە،قىز تەرەپ تۇغقانلىرىنى،يېقىنلىرىنى ئېلىپ ئوغۇل ئىسسىقلىق(پولو،سامبۇسا...قاتارلىق تاماقلارنى)ئېلىپ كېلىدۇ.
       توققۇزىنچى قەدەمدە،ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە قىزنى كۆرسەتكىلى ئېلىپ بارىدۇ.  


                    4. لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا
        1980-يىللاردىن باشلاپ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرىشكە باشلىغان سىترنىڭ تۈرلۈك تۈستىكى مەدەنىيەتلىرىمىزنى،جۈملىدىن ئۆزگىچە،خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر ئوبدان توي مەدەنىيتىمىزنى شالغۇتلاشتۇرىۋېتىپلا قالماستىن،ھەشەمەتلىك،ئىسراپخولۇقتا تاپتىن چىقىرىپ،بىزنى ئۆز ئەنئەنىمىزاىن ياتلاشتۇرىۋەتتى.شۇ قاتاردا نەچچە ئەسىردىن بۇيان بېكىنمىچىلىك پەردىسى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلارمۇ«يېڭى مەدەنىيەتلەر»دىن يۈزى ئېچىلىپ،دەسلىپىدە ھاڭتاڭلىقتا گاڭگىراپ قالغان بولسا،ئۈزۈلمەي تۆپە-تۆپىلەپ كۆرۈلىۋاتقان يېڭىلىقلار،«يېڭى مەدەنىيەتلەر»دىن،شۇنداقلا خوشنا يۇرتلاردىن كېلىپ تۇرغان «يېڭى مەدەنىيەت پۇرىقى»دىن مەست بولۇپ،ئېسىل ئەنئەنىسىنى «كونىلىق»دەپ چۆرۈپ تاشلاپ،«زامانىۋىي يېڭى مەدەنىيەت»كە بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىشتى.قىز-ئوغۇل تەرەپ بىر-بىرىگە سېلىق سېلىشماي «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز»دېگەندەك،«يوتقىنىغا قاراپ پۇت سۇنۇپ»،چامىنىڭ يېتىشىچە كېرەكلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئۇرۇغ-تۇغقان،قولۇم-خوشنىلارمۇ تەڭ ھە-ھۇ قىلىشىپ،قوشاق ئېيتىشىپ ،تېجەشلىك،كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن ئۆتكۈزىلەتتى.ئەمدىچۇ؟! ئۇ ئېسىل ئەنئەنىمىزنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپالمايمايمىز.بولۇپمۇ شەھەر ۋە شەھەر ئەتىراپىدىكى يېزىلاردا...
     ھازىرقى توي ئەھۋالى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسىدىكى توي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق،بۇرۇنقىسى بىلەن ھازىرقىسىنىڭ ئارلىقىدىكى پەرقلەرنىڭ قايسى دەرىجىدە چوڭىيىپ كەتكىنىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئازاپلىنىمىز،ئېچىنىمىز.ئۇلارمۇ ئېسىل ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىپ يىراقلاپ كەتكىنىنى ھېس قىلغان چېغى،ھەر ھالدا پەسكويغا چۈشتى.ئەمما، شەھەردىن يېزىلارغىچە توينى قوشاق ئېيتىشىپ قىزىتىدىغان ئەنئەنىسى ئۇنتۇلدى.ئۇنىڭ ئورنىنى ئالا-تاغىل ۋارقىراپ،قول پۇلاڭلىتىپ ئېگىز-پەس سەكرەيدىغان غەيرى-غەلىتە ئۇسۇللار ئېگىلىدى.ئەمما بىز يەنىلا ئەسلىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا ھەمدە ئۇنى قوغداشقا موھتاج.چۈنكى،ئەسلىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەر ھامىنى ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى خاسلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىمىز،ئۇنى قوغدىشىمىز،ئاسىرىشىمىز،بېيتىپ مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز،داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك.



پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.مويدۇن سايىت بوستان:«لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،2003-يىل4-ئاينىڭ1-نەشرى.
2. مويدۇن سايىت بوستان:«لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا»،مىراس ژۇرنىلى 2008-يىلى 6-سان.
3.ئۆمەرجان قۇربان،تۇسۇنئاي ئۆمەر:«كورلىلىقلارنىڭ توي مۇراسىم ئادەتلىرى»،كروران ژۇرنىلى 2008-يىلى 6-سان.
4.ئابدۇرېھىم ئابدۇللا:«لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى»،شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى 1996-يىلى 5ـ سان.


ئىزاھاتلار:

○1مۇرۇللۇغ ـ ئەسلىدىكى ئىستېمال مەنىسى:ھايھانلارنى باغلاپ قويۇش.
○2چارا ـ جاي نامى.
○3تورقا ـ چېگە تۈرىدىكى چاتقال ئۆسۈملۈك بولۇپ ،دەريا،كۆل ياقىلىرىدا،نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ،پۇتاقسىز،چېگىدىن ئىككى ھەسسە ئېگىز بولىدۇ.تالالىرى يىپەكتەك سىپتا،يۇمشاق، سىلىق،ئۇنىڭدىن توقۇلغان رەخت مەشۇت(يىپەك)رەختتەك سۈپەتلىك بولىدۇ.
○4سۈلەيسۈن تېرىسى ـ سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان.سىرتقى كۆرۈنۈشى مۈشۈككە ئوخشايدۇ.لېكىن مۈشۈكتىن خېلى چوڭ،قۇيرۇقى قىسقا،ئىككى قۇلىقىنىڭ ئۇچىدا بىر تۇتامدىن ئۇزۇن تۈكى بولىدۇ.ئىككى قوۋۇزىنىڭ تۈكلىرىمۇ ئۇزۇن،پۈتۈن تېنى ئاچ سېرىق بولۇپ،ئۈستىدە كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭلىك ئالىلىرى بار،قۇيرۇق ئۇچى قارا،دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر،ھەرىكىتى چاققان،تېرىسى قېلىن ۋە يۇمشاق بولۇپ ئەتىۋارلىنىدۇ.
○5داڭىتقۇيەي-دۇڭۇتقۇ ـ «لايلىلايلاي-لايلىلاي» دېگەندەك رېتىمغا كەلتۈرۈپ ئېيتىلغان ئىملىق سۆز.
○6 بۇ توغۇرلۇق مويدۇن سايىت بوستان «لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»دېگەن كىتابىنىڭ 8-باب6-بۆلىكىدە بىر قەدەر تەپسىلى توختالغان.
○7ئاۋا-ئاتا
○8ئىنە-ئانا
○9توققۇز ئون-توققۇزدىن ئونى ۇەنى توقسان.بۇ يەردە سىزنىڭ تويلۇقىڭىزغا بېلىق تۇتقىلى پۈتۈن مەھەللە بويىچە شۇنچە كۆپ كېمىنى ئىشقا سالدۇق دېمەكچى.
○10جەمە گەپ ـ پىتنە-ئىغۋا،يالغان ياۋىداق گەپ.



ـ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:ئوسمان ئىسمائىل تارىم


2010-يىلى7-ئاي( ئۈرۈمچى)
مەنبە: ئۆزۈم.

ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 03:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قابىيلىتىڭىز كۇچلۇك ئىكەن ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم !

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئۆلۈم ھايات جۈمل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13361
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10120
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1783 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 04:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز.كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. قىسقىسى ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان ئىلمى ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بولسىمۇ بىلۋالدىم.......
قارىغاندا ئۆتكەن يىلى بۇ ماقالىڭىزنى ئىلان قىلىپ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپمۇ بولغان ئوخشايسىز. مانا مەن شۇ دەقىقىلەردە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقالىسىنىڭ ئىشى بىلەن قاتراپ يۈرۋاتىمەن. ئۆز  تىلىم بولسا نىمە دەي؟! ئۆزگە تىلدا 8000 خەتلىك بىر نىمە يېزىشمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ. گەرچە كاللامدا شۇنچە كۆپ ئوي-پىكىر بولسىمۇ شۇنى ماۋۇ تىلدا ئىپادىلەپ بولغۇچە ۋاقىتمۇ،زىھىنمۇ خېلى كىتىپ قالىدىكەن. تەبئي پەنگە نىسبەتەن چوڭ ھەجىمدىكى ماقالىغا خېلى كۈچەشكە توغرىمۇ كەلگۈدەك. ئاللاھ خالىسا بۇ ئۆتكەنلەردىنمۇ تىرىشچانلىق،ئىزدىنىش بىلەن ئۆتۈپ كىتىشكە نىسىپ بولغۇسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19477
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 05:15:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ قازاقلارنىڭ كۆلتىگىن تور بىتىدە ئۇيغۇرلىنى ئوغرى دەپ تىللاپ سىسىتىۋىتىپتۇ بەك ئاچچىغىم كەلدى

سارت دەپ ويلا، ءان ۇرلاپ ەسى كەتكەن،
سارت دەپ ويلا، ۇرلىقتى كاسىپ ەتكەن.
سارت دەپ ويلا، بۇرقىراپ قولاڭساسى،
‹‹تيشتىق مو›› دەپ قاسىڭنان ساسىپ وتكەن.
تەرجىمىسى :
سارت دەپ ئويلا ناخشا ئوغۇرلاپ ئىسى كەتكەن
سارت دەپ ئويلا ئوغۇرلۇقنى كەسىپ ئەتكەن
سارت دەپ ئويلا پۇرقىراپ ...... سى
تىشلىقمۇ دەپ يىنىڭدىن سېسىپ ئۆتكەن
http://k.iskz.com/forum.php?mod= ... tra=&page=2

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 05:20:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 05:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسرەت.....................مىنى نىمىشقا چەكلىمىدىڭلار ...... بولدى  پورسەت بەردۇق دىمەي چەكلىۋىتڭلار

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7753
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 06:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەتقىق قىپسىز

كەلمىگەن تەلەيد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1839
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9681
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1968 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 08:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(anjura) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ماڭا  خەنزۇ تىلىدا ياز دىسىمۇ خوش بولاتتىم . تېما ماتىريال دىگەندىن ئەنسىرەش يوق~

ھەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن ، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن . ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى ، ئېغىلدا ئېسىقلىق سىسىق گۆش ئىكەن.

ئۆلۈم ھايات جۈمل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13361
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10120
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1783 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 11:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:2قەۋەتتىكى(anjura) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  adil820 كە 2011-12-22 08:40 PMئەۋەتىلدى 2قەۋەتتىكى(anjura) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
ماڭا  خەنزۇ تىلىدا ياز دىسىمۇ خوش بولاتتىم . تېما ماتىريال دىگەندىن ئەنسىرەش يوق~
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ئۇنداق بولۇشى ناتايىن ئىكەن قېرىندىشىم. ماتىرىيال جىق بولۇپ شۇنى شۇنى كۆچۈرۈپ-چاپلاش مەشخۇلاتى قىلغان بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئوخشاشلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش سىستىمىسغا كىرگۈزسە ھەممىسى مانا مەن دەپ چىقىدىكەن. 30% دىن يۇقۇرىغۇ دەيمەن ئىشقىلىپ شۇنچىلىك ئەتراپىدا ئوخشاش چىقىپ قالسا ماقالە ئۆتمەيدۇ دىگەن گەپ. بىزنىڭ فاكولتىتىكى بىر قىز ئۆتكەن يىلى شۇ سەۋەپتىن ئىلمى ماقالىسى ئۆتمەي خېلى جاپا چەككەن ئىدى.
ئىشقىلىپ ھەممە ئىشتا جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەتكە ئىرىشكىلى بولمايدۇ. قېنى كۆچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ ئىزدىنىپ باقمامدۇق.

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4452
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 11:09:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لوپنۇر ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشەنچىلەرگە ئېرىشتۇق! ھارمىغايسىز! لوپنۇرلۇقلار ھەقىقەتەنمۇ ساددا ، ئاق كۆڭۈل، مېھماندۇس كېلىدۇ!

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش