مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1805|ئىنكاس: 13

توقسۇن توي بىيىتلىرى (داۋامى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62296
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 735 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
مەسلىھەت چايدا ئېيتىلىدىغان بېيىت :

بالاڭنى مەيلىگە قويساڭ ئوچاقنى بۇزۇر ،
توي ئىشىنى دوست – دۈشمەنگە دەۋەرسەڭ تويۇڭنى بۇزۇر ،

مىھمانلار ئېيتىدۇ :
ھارغاندا ئېشەك مەپىدىن ياخشى ،
قورساق ئاچقاندا قوناق نان مانتىدىن ياخشى ،
مۇشۇ كۈنلەر ،پەسىللەر ،توي قىلىشقا ھەجەبمۇ ياخشى .

بوغچا ئاچقۇ ، بوغچا ئاچقۇ ،
مىھمانلارغا كۆڭۈل ئاچقۇ .
نىكاھ چۈشتى بىر جۈپ ياشقا،
كۆز تەگمىسۇن قەلەم قاشقا .

قىز تەرەپ ئېيتىدۇ :
يازدا مىھمانغا بارسام ،
چاڭلىرى يېتىشمىدى .
قىشتا مىھمانغا بارسام ،
كاڭلىرى يېتىشمىدى .
قىزىمىزنىڭ چىرايلىقلىقىدا ،
كۆيگەنلەرگە يېتىشمىدى.

ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
ئەتىياز كىرىشى بىلەن يەۋەردۇق،
بىدە بىلەن سۈزىنى .
مۇشۇنداق كاتتا توينى مۇبارەكلەپ ،
ئېيتىۋەردۇق بېيىتنى .

بوغداي پىشقاندا ئورغاق سالىمىز ،
چاچلار چۇۋۇلسا ، تاغاق سالىمىز .
مۇشۇنداق چىرايلىق قىزلارنى بەرسە ،
يەنە 10- 15 نى ئالۇرمىز .

تۈندە ئايدەك قىزىمىز ،
كۈندە كۈندەك قىزىمىز .
خۇدا بىزگە نىسىپ قىلغان،
تولۇن ئايدەك قىزىمىز .

ساندۇق ئاچقاندا ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
ئالتۇن ئەكەلدۇق سىزگە ،
گۆھەر ئەكەلدۇق سىزگە .
قىزىل گۈلدەك قىز بەردى دەپ،
كېسەك ئالتۇن ، شايى – دۇردۇنلارنى ،
پەتنۇستا ئەكەلدۇق سىزگە .

رەڭمۇ رەڭ كىيىم سالدۇق،
كېلىن قىزنىڭ تويىغا .
دوسلىرى كەيدۈرۈپ باقسۇن،
قاملىشىدۇ ، تال چىۋىقتەك بويىغا .

قىز تەرەپ ساندۇق ئاچقاندا ئېيتىدۇ :

قىرچىن تالنى كەسلەپ قويغان ،
قۇرۇغاندا قالاي دەپ.
ئاش ،چايلاردا جىدەل قىلمىدۇق،
بۇ سوۋغاتلارنى  توي كۈنى ،
شايى دوردۇن ، كېسەك ئالتۇن بىلەن ئالاي دەپ.

ئالما گۈلىدەك قىز بۇ ،
خىنە گۈلىدەك قىز بۇ .
شۇنچە خالايىق كېلىپمۇ ،
ئالالمىغان قىز بۇ .

ئادەمدە بار ئالەمدە يوق ،
كۆڭۈلدە بار ، بازاردا يوق ،
بىزنىڭ قىزدەك چىرايلىق،
ئۆيدىلا بار ،دۇنيادا يوق .

باغنىڭ ئىشىكى چاخسا ،
يېپىلسا ئېچىلمايدۇ.
بىزنىڭ قىزدەك ئايتۆرۈك ،
شىنجاڭدىن تېپىلمايدۇ .

يازدا سايرىغان بۇلبۇللار،
قىشتا سايرىماس بولدى .
قىزىمىزنى ئالالمىغانلار ،
بىزگە قارىماس بولدى .

ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
يۈزلىرى ئايدەك قىز ئىكەن،
سۆزلىرى بالدەك قىز ئىكەن .
قاشلىرى قەلەمدەك قىز ئىكەن .
بويلىرى تالدەك قىز ئىكەن .

بارنىڭ غېمى مىڭ ئىكەن ،
يوقنىڭ غېمى بىر ئىكەن .
نىكاھ چۈشكەن بۇ قىزىم ،
باغدا ئېچىلغان گۈل ئىكەن .

مىھمانلار ئېيتىدۇ :
ئوقۇمىغانلار سايدىكى تاش ئىكەن،
ئوقۇغانلار تەخسىدىكى ئاش ئىكەن .
ھەجەپمۇ قاملىشىپتۇ ، ئىككىلا قۇدا ياش ئىكەن .

ئاسمان بىلەن زىمىننى ،
جۈپ ياراتتىڭ ئاللاھ سەن،
ئادەم بىلەن ھاۋانى ،
جۈپ ياراتتىڭ ئاللاھ سەن.

قۇياش بىلەن تولۇن ئاينى ،
جۈپ ياراتتىڭ ئاللاھ سەن .
بىر جۈپلەرگە مىھمانلارنى گۇۋاھ قىلىپ ،
جۈپلىۋاتتىڭ ئاللاھ سەن .

ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدۇ :
قاشلىرى قارا ئىكەن ئوسما قويغاندىمۇ؟
كۆزلىرى شەھلا ئىكەن ،سۈرمە سۈرگەندىمۇ ؟
يۈزلىرى نۇرلۇق ئىكەن 15 كۈنلۈك ئايدىمۇ ؟
نىمانداق چىرايلىق بۇ قىزىم ، باغدا ئېچىلغان گۈلدىمۇ؟

مىھمانلار ئېيتىدۇ :
ئوسما ئاشىقى قاش ئىكەن،
تاغاق ئاشىقى چاچ ئىكەن .
مەرىكىمىزگە كەلگەن مىھمانلار ،
بىر – بىرىدىن ياش ئىكەن .

ئاي بىلەن كۈن دوست ئىكەن ،
چولپانغا ھەمراھ يوق ئىكەن ،
مۇشۇنداق كاتتا مەرىكىلەردە ،
ئەجداتلىرىمىز يوق ئىكەن .

قىزغا ئېيتىلىدۇ :
قاپقارادۇر قاشلىرىڭىز،
يەلپۈنەدۇ ساچلىرىڭىز.
سىزگە نىمە بولدى بۈگۈن ،
تۆكۈلەدۇ ياشلىرىڭىز .

يېڭى كىيىم كىيگەنلەرنى باينىڭ بالىسى دەيدۇ ،
كونا كىيىم كىيگەنلەرنى  كانتۇ ئوغرى دەيدۇ .
بۇ بىر جۈپلەرنى كۆرگەنلەر ئەمدى ،
پەرھات بىلەن شىرىن دەيدۇ .

مىھمانلار :
ئاسماندىكى يېڭى ئاي ،
ئون بەش كۈندە بىر تولار ،
ئېيتىپ كەتتۇق بېيىتلەرنى،
توختاپ قالساقمۇ بولار .

قىز تەرەپ:
دۇنيا كۆزى بەيتۇللا،
قىبلى نامى بەيتۇللا،
قىزىمىزغا تىكىۋاتتۇق ،
9 يوتقان ، 9 كۆرپىنى ،
ئىچى – تېشى تەيتۇللا.

ئوغۇل تەرەپ ؛
ئون بەش كۈنلۈك ئايمۇ سىز،
سەھەر چىققان كۈنمۇ سىز .
كېچە كۈندۈز تىلىۋىدۇق ،
خۇدا بەرگەن قىزمۇ سىز .

قىزلار لەغمەن سوزىدۇ ،
رەندە سالغان تاختىدا .
ئىككى قۇدا توي قىلىۋالدى ،
ئەجەپ ئوبدان ۋاقتىدا .


قىز تەرەپ (قىزنى ئۇزاتقان چاغدا ئېيتىدۇ )
قىزىمىزنىڭ ئايدەك يۈزىنى ،
ئېچىپ قويسىلا ،
ئىپار پۇراقلىق تەنلىرىنى ،
پۇراپ قويسىلا،
ھۆر پەرىدەك دوستلىرى بىللە بارىدۇ ،
ئاي پەرىلەر كەلدى دەپ ،
كۈتۈپ قويسىلا.
ئوغۇل تەرەپ :
قىزىمىزنىڭ ئايدەك يۈزىنى ،
ئېچىپ قويىمەن،
ئىپار پۇراقلىق تەنلىرىنى ،
پۇراپ قويىمەن،
ھۆر پەرىدەك دوستلىرى بىللە بارسا ،
ئاي پەرىلەر كەلدى دەپ ،
كۈتۈپ قويىمەن.

ئۆلۈكلەر دۇئاغا تويمايدىكەن ،
تىرىكلەر دۇنياغا تويمايدىكەن .
مىھرىبان ئاتا- ئانىلار ،
ئوغۇل – قىزلىرىغا تويمايدىكەن.

قىزنىڭ يۈزىنى ئاچقاندا يىگىت ئانىسى ئېيتىدۇ:
قىزىمنىڭ يۈزىنى ئاچسام ،
ئىپار پۇرىقى كەلدى .
پىشانىسىگە سۆيۈپ قويسام ،
ئەتىر پۇراقى كەلدى .
40 ماشىنىدا كۆچۈرۈپ كەلسەم ،
گۈلدەك دوسلىرى بىللە كەلدى .

ئاتنىڭ بالىسى تاي ئىكەن ،
كۈننىڭ بالىسى ئاي ئىكەن .
بىزگە نىسىپ بولغان قىزىمىز ،
15 كۈنلۈك ئاي ئىكەن .

مىھمانلار ، قۇدىلارغا ئېيتىدۇ :
بىزنىڭ گوڭشى ئىلانلىق ،
ھەممە يېرى چىلانلىق .
تويلىشىۋالغان قۇدىلار ،
نىمانداقلا پىلانلىق .

يىگىت ئانىسى ئەينەك تۇتۇپ ئېيتىدۇ :
ئەينەك دىگەن جىڭ ئىكەن ،
كىملا قارىسا ئۆزىكەن .
ئەينەكتىكى بۇ قىزىم ،
ئون بەش كۈنلۈك ئاي ئىكەن .
مەنبە: تۇقسۇن توي بىيىتلىرى

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 01:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق ئالما ، سىرىق ئالما ،
ھەممىسسى ئالما .
تويغا قوپساڭ ،
ئەسكى قىزنى ھەرگىز ئالما .

ئىرىق ئىچىدە .
4 ئۆردەك مايسا چايناپ يۇرگىدەك ،
ماڭا تىگەلمىگەن قىزلار ،
ئىىسلۋىلىپ ئۆلگۇدەك .
----------------- پىياز ئاشىق مەشۇق بىيتلىرىدىن ئارىيە !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 01:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇقسۇندا توي قىلماق تەسمۇ نېمە؟ئەمما توي مەسلىھەت چاي بۇ بېيىتلار بىلەن تازا قىززىغۇدەك.توختىماي قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكىغا ئۇسسۇل تاڭسا ئويناپ يۈرگەندىن مۇشۇنداق بېيىتلارنى ئېيتىشسا نىم دېگەن ياخشى...

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1448
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15677
تۆھپە نۇمۇرى: 1335
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 02:01:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇتۇن  خۇتۇن  خۇتۇن  خۇتۇن خۇتۇن  خۇتۇن

ئۇيغۇرتائاملىرىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 02:05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىيچە ئۇسۇل ئوينىمىسا ئۇ توي ھىسابلانمايدۇ ، دەيدىغۇ بىرسى ماڭا !

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6462
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 02:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(peyaz) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

ۋوي پىرامااااااااااۋ،قانچە قىز ئىسىلىپ ئۆلىۋالغاندۇ بۇ پىيازنى دەپ....

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 02:42:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كولىكتىپ ئۇيغۇرنى سۆيمەن،نۇرغۇنلىغان كونكىرىت ئۇيغۇرنى ياقتۇرمايمەن

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 02:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلارىغا نىمە يەتسۇن ،
تەبرىك ئېيتقان ئۆيلەرىگە كېلىن كەلسۇن .

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52418
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3190
تۆھپە نۇمۇرى: 135
توردا: 2970 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 04:44:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز قالدى   بەزىلەر   چېركاۋدا  نىكاھ  ....ئوقۇتقىلى..............ھەممىدىن ئوزمىزنىڭ  مىللىچە ئاددا  ساددا    تويىمىز   كۆڭۆللۇك ...........قۇرسۇن ھەشەمەتچېلىك        

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19477
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 05:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقلارنىڭ بۇ تور بىتىدە ئۇيغۇرلىنى ئوغرى دەپ تىللاپ سىسىتىۋىتىپتۇ بەك ئاچچىغىم كەلدى

سارت دەپ ويلا، ءان ۇرلاپ ەسى كەتكەن،
سارت دەپ ويلا، ۇرلىقتى كاسىپ ەتكەن.
سارت دەپ ويلا، بۇرقىراپ قولاڭساسى،
‹‹تيشتىق مو›› دەپ قاسىڭنان ساسىپ وتكەن.
تەرجىمىسى :
سارت دەپ ئويلا ناخشا ئوغۇرلاپ ئىسى كەتكەن
سارت دەپ ئويلا ئوغۇرلۇقنى كەسىپ ئەتكەن
سارت دەپ ئويلا پۇرقىراپ ...... سى
تىشلىقمۇ دەپ يىنىڭدىن سېسىپ ئۆتكەن!!
http://k.iskz.com/forum.php?mod= ... tra=&page=2

نىم دەپ يازسام بولا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش