--------------------------------------------------------------------------------
مەنبەسى: ﻟﯩﺮﯨﻜﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ئاي تولۇپتۇ.ئىللىق، گۈزەل ،ساپ ھاۋا بىلەن سېنىڭ سېغىنىشلىرىڭنىڭ تەپتى ئاسمانغا چىقىپ ئايغا نۇر بېرىپ چېھرىمنى سۆيگەندە مەنمۇ ئېختىيارسىز ساڭا ھەمراھ بولۇپ ئايغا ئەڭ يېقىن تۇرۇدىغان بىر نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلاندىم.سېنى شۇنچە يىراق سەيارىلەر، باشقا يۇلتۇزلار ھەتتا نۇرلىرىڭدىندىنمۇ قىزغىنىپ-قىزغىنىپ تۇرۇپ پۈتكۈل كائىناتنى يورۇتۇپ تۇرغان سىمايىڭغا قارىدىم.
بۈگۈن نىمە ۋەجىدىن بىلمىدىم شۇنچە مىسكىن ،شۇنچە غەمكىنلىكىڭ ؟ياكى ئاي بىلەن يۇلتۇز بىر-بىرىگە قارىشىپ يېقىن تۇرسىمۇ بىر پارالىل تۈز سىزىق ئۈستىدە ، مەڭگۈ بىر ئوربېتىغا كىرمەيدۇ دەپ دائىم كۆڭلۈڭ يېرىم بولامدۇ؟ياكى يېرىم قاراڭغۇ ،يېرىم ئايدىڭ قانۇنىيەتتىن بىزار بولۇپ ھەتتا سېنى ئەڭ ئۈستىگە ئەتىۋارلاپ چىقىرىپ قويغان زىمىندىنمۇ ئاغرىنامسەن؟ياكى سەن سېغىنغاندا يۇلتۇزۇڭنىڭ يۇلتۇزۇڭ سېغىنغاندا سېنىڭ مىسكىن كۆزلىرىنى كۆرۈشكە چىدىيالمايۋاتامسەن؟
كۆزلۈرۈمنى سۆيدۈڭ ،خىجىللىقتا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا ئەڭ گۈزەل تەبەسسۇملىرىمنى ئاتا قىلىپ دۇنيانىڭ سەن يورۇتقان نۇرلار بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردۇم.يۈزلۈرۈمنى سۆيدۈڭ سېنى سىرلىق تۈن قوينىدىكى پىنھانلارغا باشلاپ ،ئالەمنىڭ تىلسىماتلىرىدىن خەۋەرلەندۈردۈم.يۈرۈكۈمنى تىڭششىدىڭ سەن ئەنە شۇندىلا مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىڭ-دە شۇندىن باشلاپ چاقماق ،بوران ھەتتا مالىمانچى پەرىشتىلەرنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن دەھشەتلىرىگە قالقان ياسىدىڭ.
بۈگۈن تۈن يېرىم بولا- بولمايلا كۆكتىن ئۆزۈڭنى ئېلىپ قېچىپ، پەسلەپ قايتماقچى بولغىنىڭ نىمە ۋەجىدىن؟ بىر پارچە ئاق بۇلۇت ئەتراپىڭنى ئەگىپ قاپتۇ. بېغىمدىكى نەشپۈتلەر تېرەكلەر ئارىسىدىن كۆزلۈرۈڭنىڭ غەمكىنلىكىگە ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ ماڭا دىمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلۈرۈڭنى ئاڭلاشقا تەشنا بولدۇم.
تاڭ شەپىقى بەلگە بەرگەندە ،سەن قۇياشنىڭ ھارارىتىگە ئايلىنىپ تېنىمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدىڭ.مەن سەن ئاتا قىلغان ھەر رەڭلىك نۇرلاردىن ئۆزۈمنى تاۋلاپ،سەندىن كۈچ ئېلىپ مەغرۇر كۆكلەۋاتقان توغراقلارنىڭ مەزمۇت بەستىگە،يۇلغۇنلارنىڭ قىزارغان يۈزىگە ،قۇملارنىڭ ھالقىسىمان چايقىلىشىغا،تاغلارنىڭ ھەيۋىتىگە،سۇلارنىڭ دولقۇنلىشىغا قارىدىم .قارىغانسېرى ئىرادىسىزلىكنىڭ ئۆچمەنلىكىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدۇم.
ئاۋازىڭ مېنى ئويغاتقاندا مەن ،غەيۋەتخورلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىدا كۆزى قارغۇلۇقنىڭ غەليانلىرى بېسىلمايۋاتقان دىلىمنىڭ غەشلىكى.مۇھەببەتتىن ،لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتلۇق يۈرەكتىن باشقا ھەممە نەرسەمگە ئېگە بولۇۋالغۇچىلارنىڭ دوست تارتىشىشلىرىغا شېرىك بولغان قانداشسىز بىر تۇققىنىمنىڭ ساختا كۆيۈنۈشى رېتىملىق تۇرمۇشۇمغا دەخلى قىلالمىدى.سەپەر تەيارلىقلىرىمىڭ ھەلەكچىلىكىدىكى ئالدىراشلىقىڭ پىكىرلىرىمنى بىئارام قىلسىمۇ ،سېنى ئەستىن چىقارماسلىقنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايتتىم...
سېھىرلىك مۇھەببەت ! تىلسىم سۆيگۈ يۈرەكنى ھەر بىر قېتىم ئۆرتىگەندە پاكىز ئازاپنىڭ سۈزۈك زەرىچىللىرىنىڭ نازۇك دىلغا زەخمە ئۇرۇشلىرىغا پەرۋاسىز بولىۋالالمىدىم...