مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2509|ئىنكاس: 24

ئورخان پاموك ۋە تۈركىيدىكى قارشىلىق نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13701
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 08:01:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئورخان پاموك ۋە تۈركىيىدىكى قارشىلىق نەزەرىيىسى

فرانكفورد كىتاب بازىرىدا پاموكنى زىيارەت قىلىش خاتىرىسى




    نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپىتىغا نائىل بولۇشتىن بۇرۇن، ئۆتكەن 30 نەچچە يىلدا ئورخان پاموك چوڭ-كىچىك بولۇپ 10ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورد شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب بازىرىدا گېرمانىيە كىتابچىلىق ساھەسىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا(the German Book Trade Peace Prize) ئېرىشكەندىن كېيىن ئورخان پاموك گېرمانىيە «دېل. سپىگېر» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەتتە پاموك ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىكى تۇرمۇشى، بىخەتەرلىك جەھەتتە ئۇچىرىغان تەھدىت، بىر خىل سىياسىي مەۋقەدە بولۇشتىكى تەخىرسىز ئارزۇسى، تۈركىيىنىڭ ياۋروپادىكى سالاھىيىتى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى رومانى«قار» توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

پاموك ئەپەندى، سىز گېرمانىيە كىتابچىلىق ساھەسىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا نائىل بولدىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئەدەبي ئەسىرىڭىز ۋە سىياسىي پائالىيىتىڭىزنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر، بۇنىڭ قايسىسى سىزنى بەكرەك خۇشاللاندۇرىدۇ؟

پاموك: مېنىڭچە ھەجۋىيرەك مەنە بەرگىنى تۈركىيىلىكلەر ۋە گېرمانىيىلىكلەرنىڭ بۇ مۇكاپاتنىڭ سىياسىيلىق تەرىپىنى شۇنچە تەكىىتلىگەنلىكى، دەپ قارايمەن. گويا ئۇلار مېنىڭ ئەسىرىمنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى قىلچە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق دەۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ. مېنىڭ يېقىنقى ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسى قەستەن سىياسىيغا يېقىنلاشتۇرۇلغان، بۇ نېمە دېگەن ئامەتلىك ئىش ھە!

«قار» رومانى نېمە ئۈچۈن سىياسىي خاراكتىدىكى بايراقدار رومانغا ئايلىنىپ قالدى؟

پاموك: ھە، مەن داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ سىياسىي قارىشىمنى بايان قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئۇنى رومانىمدا ئەمەس بەلكى گېزىت-ژۇرناللاردىلا بايان قىلىۋاتىمەن. بۇنداق ئىش دۆلەت ئىچىدە ئادەمنىڭ نام-ئابرويىنى تۆكىدۇ. قايتۇرما زەربە قىلسىڭىز پۈتۈن ئىش كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن: نېمىشقا سىياسىي قارىشىمنى بىۋاستە قارنىمدىن چىقىىرپ كىتابلىرىمغا كىرگۈزمەيمەن؟ دەپ سوراپ قويىمەن.

بۇ ئەسىرىڭىز باشقا ئەسەرلىرىڭىزدىكەدەك ئىستانبۇلنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلماپتۇ، بەلكى تۈركىيىنىڭ باشقا ئۆلكىسىدىكى – كاس شەھىرى ئارقا كۆۈرۈنۈش قىلىنغان. نېمە ئۈچۈن بۇ كىچىك يېزا بازىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تاللىدىڭىز؟

پاموك: مەن 20ياشلارغا كىرگەن چېغىمدا يېزىلارنى چۈشىنىش مەقسىدىدە بىر دوستۇم بىلەن پۈتۈن تۈركىيىنى ئايلىنىپ چىقتىم، سەھرالارنىڭ بىپايان گۈزەل مەنزىرىسى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى، ھەمدە ئۇ بازارنىڭ رۇسىيىلىكلەر قىسمى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى، ئۇ تۈركىيىدىكى باشقا جايلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇ بازار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. «قار» نى يېزىشنى باشلىغاندا كاس شەھىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ تۇيۇلغان. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ شەھەردە قىشتا ناھايىتى كۆپ قار ياغىدىغانلىقى سەۋەب بولغان.

كا بۇ روماندىكى ھەقىقىي باش قەھرىمان، ئەمما ئۇنىدا يەنە ئورخان ئىسىملىك بىر ھېكايە سۆزلىگۈچى بار، ئۇ كا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كانىڭ ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە بارىدۇ. ئورخان پاموكنىڭ قانچىلىك خاراكتىرى ئورخاندا ئىپادە قىلىندى؟

مېنىڭ بۇ كىتابىم كىتابخانلار سەزگىنىدىنمۇ بەكرەك تەرجىمىھال خاراكتىرىنى ئالغان بولسىمۇ، ئۇ پەقەت روماندىكى بىر پېرسوناژلا خالاس، ھەرگىز مەن ئەمەس. مېنى چۈشىنىدىغان دوستلىرىم ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە بۇ ناھايىتى قىزىق تۇيۇلدى. روماندا شەخسىي نەرسىلەر ئومۇمىيلىققا ئىگە نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى.

ھازىرغىچە سىز ئىستانبۇلدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتىسىز، ئىجادىيەت ئىشخانىڭىزدا تۇرۇپلا سىرتتىكى ناھايىتى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن. ئاستىڭىزدا بوسفور بوغىزىنى توغرىسىغا ئاتلىغان چوڭ كۆۋرۈك بار، بۇ كۆۋرۈك ياۋروپا، ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟

پاموك: مەن ناھايىتى خۇشال. بەزىدە: ئۆز ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن رومانىدىكى ۋەقەلىكنى كۆرسىپ بېرەلەيدىغان بىرىنچى رومان يازغۇچىسى، دەپ چاقچاق قىلىمەن. مەن ئۆيۈمدە تۇرۇپلا بوسفور بوغىزىنىڭ كىرىش ئېغىزى، قەدىمىي شەھەر رايونى، ھاجىيە-سوفېيە موزېيى ۋە كۆك رەڭلىك مەسچىتنى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە بارلىق مەسچىتلەرنى كۆرەلەيمەن. بۇنىڭ ئالاھقدە مەنزىرە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ھەمدە ئۇ توغرىلىق سۆزلەشنى ياقتۇرىمەن. ئىستانبۇلنىڭ ھېكايىچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مېنىڭ ئېرىشىشكە تگىشلىكىم.

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى تۈركىيىدىكى ئاۋانگارت زىيالى دەپ تونۇيدۇ. ئەمما سىز ئۇ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى ئەزەلدىن خالىمىدىڭىز، بۇ بىر بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟

پاموك: مەن ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن. ۋەتىنىم سىياسىي ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەن، مەن خەلقئارالىق ئابرويغا ئېرىشكەن چاغدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋەتىنىمنىڭ مەسىلىسى بىلەن مېنى مۇنازىرە قىلىشتى. بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال، ھەر قانداق ئادەم بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.

سىز تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىڭزنى ئاشكارا ئېلان قىلدىڭىز، ئوزىڭىزنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى تەنقىدىي خاراكتېردىكى ئەسىرىڭىز«قار» بۇ جەھەتتە زور ياردەم قىلدى، دەپ قارامسىز؟

پاموك: سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭزنى چۈشەندىم. گوللاندىيىدە بىر دوستۇم ماڭا مۇنداق دېدى:" سىز بىلىسىز، مەن بۇرۇن تۈركىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قوللايتتىم، ئەمما سىزنىڭ رومانىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن قورقۇپ قالدىم. سىزنىڭ ۋەتىنىڭىز ھەقىقەتەن شۇنچە ئېچىنىشلىق ھالەتتىمۇ؟" مەن ئۇنىڭغا: " ئۇ دېگەن بىر تارىخي رومان" دەپ جاۋاپ بەردىم.

ئەمما روماندا تەسۋىرلەنگىنى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىىرىدىكى ۋەقەلىكقۇ؟

پاموك: ئەلۋەتتە شۇنداق. ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. پەقەت مەلۇم بىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشتىن ئۈمىد بار، دېگەن ئارزۇ تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا روماندىكى يۈز بەرگەن ۋەقەلىك 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە يۈز بەرگەن، ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ كېتىش مۈمكىنچىلىكى ئىدى. مانا بۇ مېنىڭ رومانىمنى تارىخىي رومان دېيىشىمنىڭ سەۋەبى.

سىز ئادەمنى قورقۇتۇپ شۈركەندۈرىدىغان بىر دۇنيانى تەسۋىرلەپسىز، ئۇنىڭدا كەڭ قورساقلىق كەم بولۇپ، ئىرق ۋە دىنىي دۈشمەنلىك، زوراۋانلىق ۋە قاتىللىقا تولغان.

پاموك: شۇنداقتىمۇ كىشىلەرنى قورقۇتۇپ قاچۇرىۋەتمەيدۇ. ھەقىقەتەن«قار» دا تۈركىيىدىكى تار بولغان، سەۋر تاقەت كەم سىياسىي مەدەنىيەت نامايەن قىلىنغان، بۇ مەدەنىيەت توپىدا دىن ئەسلىيەتچىلىرى، سىياسىغا قىزىقىدىغان ئىسلام ئۇنسۇرلىرى، تۈرك، كورد مىللەتچىلىرى، باشقا ئاز سانلىق مىلەتلەر، ئارمىيە، غەيرى دىنئىزمچىلار ۋە رەھىمسىز قاتىللار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىك مۇھىتى بىلەن  پىششىق تونۇش بولغان ياۋروپالىقلارغا تەھدىت تۇيۇلۇشى مۈمكىن. ئەمما، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى،ئ ۇلارنىڭ بىز بىلەن ئورتاقلىقىنى سۈرەتلەپ بېرىش بىز يازغۇچىلارنىڭ خىزمىتىمىز ئەمەسمۇ؟

سىز ئۆتكەن 8-10يىل ئىچىدە تۈركىيىنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرگنلىكىگە راستىنلا ئىشىنەمسىز؟

پاموك: ئەلۋەتتە، مەن شۇنداق قارايمەن. نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرش ئۈمىدى پۈتكۈل دۆلەتنى جىددىيلىكتىن پەسەيتتى. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن، مەندىن: تۈركىيە ياۋروپا ئىتتى]اقىغا كىرىشكە تەييارلىنىپ بولدىمۇ، دەپ سورالسا، مەن: بۇ تېخى باشلىنىش، جاۋاپ بېرىمەن. كېڭىشىش ئەمدىلا باشلاندى. تۈركىيە ھەرگىزمۇ ئەتىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىپ بولمايدۇ، ئۇلار كەلگۈسى 10يىل ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرىشنى ئارزۇ قىلىشماقتا. ئۇ چاغقا باغاندا  پۈتۈن دۆلەت ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ.

ئەمما خۇددى رومانىڭىزدا تەسۋىرلىگىنىڭىزدەك ئۇرۇشخۇمار ئىسلام ئۇنسۇرلىرى، جاھىل كىمارىزمچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىيچىلەر يەنىلا مەۋجۇت.

پاموك: ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ بۇنداقلارنىڭ كۆپلىكىنى بايقايسىز، تۈركىيىنىڭ تارىخى ياۋروپانىڭمۇ تارىخدۇر، تۈركىيە ياۋروپادىن 20-30 يىلچە ئارقىدا بولۇشى مۈمكىن. ئەمما بۇ پەرق كىچىكلەۋاتىدۇ.

ياۋروپا بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم پەرقى قەيەردە؟

پاموك: ياۋروپا تارىخدىكى قانلىق ئۇرۇش يىللىرى ۋە بارلىق زوراۋانلىقنىڭ ياۋروپالىقلارغا قالدۇرغان ساۋاق: دىنىي ئۆچمەنلىككە تولغان دەھرىيلىك سىياسىدىن قۇتۇلۇش بولۇپ، ئاساسلىقى تىنچلىق مەسىلىسىدۇر. تۈركىيىلىكلەر بۇنداق قاراشتا ئەمەس، بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت دەھرىيلىك سىياسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئارمىيىنىڭ ھاكىمىيەت تۇتقانلىق رېئاللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما ئۇنداق پوزىتسىيە شۇندىن باشلاپ ئۆزگەردى.

رومانىڭىزدىكى كا ئۆزىنى ئاتىئىزمچى دەيدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاتىئىزمچى دەپ قارامسىز؟

پاموك: مۇنداق قاراش بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرۇمدىكى مەسىلىنىڭ سەۋەبى مۇنداق بىر ئىشتىن باشلانغان: بۇرۇن مۇشۇ قاراش بىلەن خېلى داڭلىق زىيالىلار ناھايىتى كومىدېيىلىك ئىشلارنى قىلىشقان. مېنىڭ ئېتىقادىم مۇرەككەپ. ئەدەبىيات مېنىڭ ھەقىقى ئېتىقادىمدۇر. چۈنكى مەن بىر دىنىي ئېتىقادى يوق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدىم.

سىز ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ قارامسىز؟

پاموك: مەن ئۆزۈمنى مۇسۇلمان مەدەنىيىتىدىن كەلدىم دەپ قارايمەن. مەيلى قانداق شارائىتتا بولمىسۇن مەن ئۆزۈمنى ئاتىئىزمچى دېمەيمەن. مەن تارىخ ۋە مەدەنىيەت سالاھىيىتىمنى بۇ دىن بىلەن باغلىۋەتكەن مۇسۇلمان. مەن تڭرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان، ئىنسانىيەت تەجىرىبىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلەرگە چوقۇنمايمەن. مەن ئۆز مەدەنىيىتىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئەمما مەن تەپپەككۈرى جانلىق، كەڭ قورساق ئارالدا ياشىغانلىقىمدىن ناھايىتىمۇ خۇشال، بۇ يەردە دوتويېۋىسكى ۋە سادنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالايمەن، بۇ ئىككىەيلەن ماڭا ئىناتيىن چوڭ تەسىر قىلغان.

سىز دائىم خاتىرە يازامسىز؟

پاموك: مەن باشقا يازغۇچىلارنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇشقا بەك خۇشتار، ئاساسلىقى بۇ خاتىرىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزۈمگە: ئۇلار ساڭا ئوخشامدىكەن؟ ئۇلار قانداق ئويلادىكەن؟ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇش ئۈچۈندۇر. مەن ھەر قانداق يازغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلغان خاتىرىسىنى ياقتۇرماۇمەن. مېنىڭ خاتىرەم بىر خىل ئەسلىمە شەكلىدە بولۇپ، پەقەت ئۆزۈملا ئىشلىتىمەن. مەن بۇ خاتىرىگە مۇھتاج، ئۇ گويا قايناق تۇغما قابىلىيەتكە ئوخشايدۇ. ھەر كۈنى ماڭا ئۆزۈمگە تەئەللۇق بىراز ۋاقىت كېرەك، گويا بالىلار ئويۇن ئوينىغاندەكلا. سەپەردىكى چاغلىرمدا دائىم خىلۋەت جاغا بېرىپ خاتىرەمنى ئېچىپ بىر نېمىلەر يېزىۋالىمەن. ئۇنىڭدا ئاجايىپ بىر خىل كۈچ قۇۋۋەت بولۇپ، ئۇ ماڭا بىر خىل مۇۋەپپىقىيەت ھېس قىلدۇرىدۇ. بەزى كۈنلىرى بۇ ئىشقا ۋاقىت چىقىرالمىسام ناھايىتى ئارامسىزلىنىمەن. ئەستايىدىل ھالدا بىر بەت يېزىۋالسام، مەيلى بۈگۈن ياكى 50يىلدىن ئېلان قىلىنسۇن، ئۆزۈمنى گويا ئوماق ئوغۇلدەك سېزىمەن.

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيە نەشرىيات سودىگەرلىرى نېمە ئۈچۈن دەس؛ەپكى نۇسخىدىكى«قار»نى نەشىر قىلغىلى ئۇنىمايدۇ؟

پاموك: ئۇ چچاغدىكى قانۇن-تۈزۈم مۇھىتى ھازىرقىغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى. بەزىلەر : ئەڭ ياخشىسى بۇ كىتابنى بىرەر ئادۋوكات كۆرۈپ باقسۇن، دېيىشكەن. بىز جامائەت پاش قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كىتاپتىكى تەسۋىرلەرگە قارشى تۇرامدۇ، يوق بىلمەيمىز. چۈنكى ئارمىيىنى تەنقىت قىلىش ئەخلاق جەھەتتىكى ئەيبلەشكە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ غەيرى دىنلاشتۇرۇلغان مەسىلىگە چېتىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەسلىدۇر.

ئامېرىكا، تۈركىيە مەسىلىسىگە بولغان قارىشىڭىزنى ئېلان قىلغاندا، ئارىسالدى بولمىدىڭىزمۇ؟

پاموك: مەن كىتابىم توغرىلىق سۆزلىگەندىن باشقا بۇ توغرىلىقمۇ سۆزلىگەنمەن. تۈركىيىدە بۇ گەپ ئادەمگە ئاسانلا ئاۋارىچىلىق تېتىپىپ بېرىدۇ. مەن دەي: دوستويېۋىسكىلا ئەمەس، بەلىكى 19-ئەسىردىكى نۇرغۇن ياغۇچىلار ئىنتايىن قاتتىق بولغان تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئاستىدا يېزىقچىلىق قىلغان. رومان (ھېكايە) بلەن رومان(ھېكايە) يېزىش سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ  ترىپى – سىز ھەرقانداق ۋەقەنى يازالايسىز. سىز پەقەت ئۇنى توكۇپ چىقىرىلغان دەپ چۈشەنچە بەرسىڭىزلا بولىدۇ. «قار» رومانى شۇنداق. ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىنىش ئۇسۇلى بويىچە ئىنكاس قايتۇرغانلار چىقمدى.

تۈركىيىدە سىز ئەزەلدىن جخسمانىي زەربىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىسىز، ھەمدە داۋاملىق ئۇچرىشىڭىز ،ۈمكىن.

پاموك: تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىشقا باشلىغاندا، تۈركىيە تارىخىنىڭ قاراڭغۇ ترەپى – ياكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى – نى مەلۇم بىر كۈنى بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغان بىردىن بىر ئادەم ئەمەسمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەرمەنلەر دۇچار بولغان تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتلەر. مانا بۇ مېنىڭ بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى. بۇ مېنىڭ بىر رېئاللىقنى – تۈركىيە توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇن كۆرسەتكىنىم ( بۇ قەستەن بىلەرمەنلىك نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرغا قويغۇنۇم ئەمەس ئەلۋەتتە).

دېمەكچى بولغىنىڭىز مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئامېرىكىلىق ھازىر تۈركىيە دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىندا قەتلە قىلىندى؟

پاموك: بۇ بىر ئېغىز سۆزۈم كۈچلۈك پارتلاش خاراكتىرلىق تەۋرىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پارتلاش خاراكتىرىدىكى نەرسىلەر يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇۋەرسە، ئۇنىڭدىكى كېرىلىش كۈچى ھامان بىر كۈنى ئېتىلىپ چىقىدۇ.

سىز بىۋاستىلا بۇنى قەستەن قىرغىن قىلىش ديىشتىن ساقلاندىڭىز. ھەمدە بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ باقمىدىڭىز.

پاموك: چۈنكى مېنىڭ بۇ سۆزنى ئىشلەتكۈم يوق. ئەمەلىيەتتە مەن بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمىگەن بولساممۇ، قەستەن قىرىغن قىلىش دېگەن بۇ سۆز دەسلەپ تۈركىيە گېزىتلىرىدە ماڭا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلدى. كېيىن ياۋروپالىق نەقىل قىلىپ ئىشلەتتى. كىشلەر تۇيۇقسىز بۇرۇن چەكلەنگەن ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەشسە، ھەمدە ماڭا نەپرەتلىنىش ھەرىكىتى قوزغالسا، بۇنىڭغا مەن نېمىمۇ قىلالايتتىم؟ ئەلۋەتتە مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ: مەن ئەزەلدىن ئۇنداق دېمىگەن، دېيەلمەيمەندە.

ئۇ ۋاقىتتا سىز ئامېرىكىدا ۋاقىتلىق تۇردىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۇ ئىشلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرغىنىڭزمۇ؟

پاموك: سىز ئىشنى كۆپتۈرۈۋېتىشكە خۇشتاركەنسىز، بۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ خاراكتىرىدىن بولسا كېرەك. بۇرۇن مەن كولومبىيە ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلتىماس قىلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان، شۇڭا ئامېرىكىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم، مانا بۇ ھەقىقى ئەھۋال.

“تۈركىيىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ئاشكارا كەمسىتىش” سەۋەبلىك 12-ئايدا سوراققا تارتىلىش ئېھتىمالى باركەن، بۇنىڭدىن ئەنسىرەمسىز؟

پاموك: قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسىغا چوقۇم بويسۇنۇشۇم كېرەك، شۇ سەۋەبلىك بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمەن. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ماڭا زور قانۇنىي ئاقىۋەت كەلتۈرىدۇ، دەپمۇ قارىمايمەن. شۇڭا ئۇنچە ئەنسىرەپمۇ كەتمەيمەن.

شۇڭا تۇرمىغا قامالمايمەن، دەپ قارامسىز؟

پاموك: ئەلۋەتتە قامالمايمەن.

تۈرمىگە قامىلىش بۇرۇن تۈركىيە يازغۇچىلىرىغا نىسبەتەن بىر خىل شەرەپتىن دېرەك بېرەمتى؟

تۈركىيىدە تۇنجى تۈرمىگە قامالغان يازغۇچى بولۇش زور شەرەپ بولامدىكەن؟ شۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولامدىكەن؟ تۈركىيىگىمۇ، يازغۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ ياخشىمىكەن؟

سىزنىڭچە زۇڭلى رەجەپ تايىپ ئەلدوغان سىزنى بەك قوللامدۇ؟

پاموك: مەنچوڭ ئاۋارىچىلىق تاپقاندا ئۇ مېنى قوللىمايدۇ.

ئۇ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن قىلىنغان شىكايەتكە نىسبەتەن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدرۈدى.

بۇ ئىش خگلقئارا قاتلامغا كۆتۈرۈلگەندە شۇنداق. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۈركىيىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتىشىڭىز كېرەككى: ئۇ كىشىمۇ ئىلگىرى پەقەت بىر نەچچە كۇپلېت شېئىرنى نەقىل ئالغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە چۈشۈپ باققان.

سىز ئەلدوغاننى ھەقىقىي ئىسلاھاتچى دەپ قارامسىز ياكى ئەسلى مەقسىتىنى يوشۇرغان ئىسلام مۇرىتى دەپ قارامسىز؟

ئالدىى بىلەن ئۇنى بىر تەشكىلاتچى، مۇنەۋۋەر تەشكىلاتچى دەپ قارايمەن، ئۇ بىر قاتتىق قول كىشى. ئۇ قوللانغان ئىسلامچە ئۇسۇل يەنى دنىي ئەسلىيەتچى، ئوتتۇرا شەرق تىل ئۇسلۇبىدىكى شەكىل ئون يىل ئىلگىرى تۈركىيىدە ئادەتتىكى ئەھۋال ئىدى. شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇ ناھايىتى روشەن مەۋقەنى يەنى تۈركىيىنى ياۋروپا يۆنۈلۈشىگە قاراپ سىلجىتىش ئارزۇزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىسلام مۇخلىسلىرى، سابىق ئىسلام مۇرتلىرى ، بەزى غەيرى دىنچىلار ۋە 70پىرسەنت تۈركىيە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. سىز ئەگەر بۇنى زىددىيەتلىك ئەمەسمۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداق ئەمەس، تىنچلىق تەرەپكە يۈزلەنگەن ئۇلۇغ قەدەم ھامان خەلقنىڭ قەدىمى، خەلق دەسلەپتە ھەرگىزمۇ ئۇلۇغ تىنچلىقپەرۋەرلەر ھېسابلانمايدۇ.

تۈركىيىدە ياۋروپا قارىشى بەك كۈچلۈكمۇ؟

پاموك: يېقىدىن بېرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەت باشلىنىپتۇ، دېگەن خەۋەر تارقىلىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدى. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرلىشىم مۇمكىن: گەرچە سىياسىي تار دائىرىلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئالغا بېسىشقا تەييارلىنپ بولدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتتى، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكى زور قەدەمدە ئالغا باستى. مانا مۇشۇلاردىنلا ياۋروپا كۆز قارىشىنىڭ قانچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئەگەر تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرسە ئۇنىڭ خاراكتىرىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىشى مۇمكىن؟

پاموك: ئەلۋەتتە بىز تۈركىيىلىكلەرمۇ ياۋروپا قىسمەن ئالاھىدىلىكىن يوقاتقانغا ئوخشاشلا قىسمەن ئالاھىدىلىكىمىزنى يوقىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇ چاغدا ياۋروپامۇ باشقىچە بولىدۇ. تۈركىيىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىش بولسا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۇلۇغۋار ھەم مۈشكۈل سىياسىي سىناقتۇر. ياۋروپامۇ كۈچلۈك، كۆپ دىن مەۋجۇت بولغان بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. ياۋروپاغا 70مىليون تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچى قوشۇلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خەتەرسىز ئىش، چۈنكى تۈركىيىلىكلەرمۇ تىنچلىققا تەلپۈنىدۇ، ئۇلار ياۋروپالىقلارغا ئايلىنىشقا تەييارلىنىپ بولدى.

ئۆزىڭىزنىڭ تۈركىيىلىك بولغانلىقىڭىزدىن پەخرلىنەمسىز؟

پاموك: ئەلۋەتتە، مەن ئۆزۈمنىڭ تۈركىيىلىك بولغانلىقىمدىن، تۈرك تىلى بىلەن تۈركىيىنى يازالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، شۇنداقلا مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ 40 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىنمۇ پەخىرلىنىمەن. ئەمما ئەسەرلىرمنى تىياتىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىلىشىنى خالىمايمەن.

بۇ قېتىمقى تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغاندا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

پاموك: روماندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ياۋروپاغا باھا بەرمەكچىمەن.


«تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

ئىمىنجان ھىدايەت

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13859
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورخان پامۇك راستىنلا قابىل يازغۇچىكەن ...ئۇنىڭ پىكىر قىلىشلىرىدىنلا ئۇنىڭ قوش بىسلىق خەنجەردەك ئۆتكۈر ئىستىداتى بارلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىغا تۇيۇنغان پەخىر تۇيغۇسى ۋە ئىنتىرناتسىئونالىزىمچە كەڭ دۇنيا قارىشى ئۇنىڭ قىممىتىنى يەنە نەچچە ئون يىلدىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئاشۇرىشى مۇمكىن ...............ئورخان پامۇك ناۋادا مىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە بەرگەن باھايىمنى بىلسە «سەن سېرىق تۈك مىنى تېخى 20يىلدىن كىيىن ئاران چۈشىنىسەن ....شۇڭا كىتاپلىرىمنى كۆپرەك توپلاپ ئوقىي ...»دىيىشى مۇمكىن ،

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24146
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6217
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنىي كۆز قاراش جەھەتتە سەل...

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 11:16:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبىيات مېنىڭ ھەقىقى ئېتىقادىمدۇر. چۈنكى مەن بىر دىنىي ئېتىقادى يوق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدىم.   
پاموك ئەپەندى بۇ گەپنى راسچىللق بىلەن دەپتۇ.
توغرا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىللەر بار پەرزەنتىگە ئىسلام تەربىسى بەرمەيدۇ.بۇ پەرزەنىت كەلگۈسدە ھەققى ئاتزىمچى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
شۇنىڭ نۇرغۇن مىىللى كىملىك مەسىللرى كىلىپ چىقىش مۇمكىن.
گىپىم بەكلا تومتاق بۇلۇپ قالدى.بۇلارنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن.....................

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53757
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3337
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2011-8-29
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 11:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازغۇچىنىڭ «يېڭى ھايات»دىگەن رومانىنى ئوقۇپ پەقەت ئسسىق باسمىغانىدى،نەسرى ئۇسلۇپ بىلەن رومان ئۇسلۇبى تەڭ بولغاچقىمىكىن ئشقىلىپ بەك چۈشۈنۈكسىز!

يۇقىرغا قاراپ پى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 11:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ۋاقىتتا قانداق پىكىر قىلشىنى ياخشى بىلدىكەن.شۇڭا داڭلىق يازغۇچى بولغاندە.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13859
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 11:34:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  qeyseri كە 2011-12-21 10:59 PMئەۋەتىلدى  :
دىنىي كۆز قاراش جەھەتتە سەل...
سەل ئەستايىدىللىق بىلەن يەنە بىر ئۇقۇپ چىقىڭ ، ئورخان پامۇك بەك سەمىمى ئادەمكەن ، ئۇنىڭ سىز پەرەز قىلغاندەك يەردە ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالىسىز ، يازغۇچى بولغان ئادەم ئۆزى ھەققىدە توختالغاندا يىڭنىنىڭ كۆزىچىلىك يەردىمۇ كۆز بويامچىلىق قىلسا ئابرويى تۆكۈلمەي قالمايدۇ .
بۇ ئادەمنىڭ «مىنىڭ ئىسمىم قىزىل »دىگەن رومانىنى ئۇقۇپ چۈشىنىش  ئۈچۈنلا خېلى زور زىھنى كۈچ كىتىدىكەن ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەم بۇ ئەسەرنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن ................

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 11:46:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەنىم ئادىم كىزىل     دەپ بىر ئەسىرى بارمۇ بۇ ئادەمنىڭ ....بىر ئۇقۇپ قۇيايچۇ ئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ ...... راسلا سۆز قابىيىتى بەك ياخشىكەن سۇئاللارغا ئاجايىپ جاۋاپ بىرىپ قۇيۇپتۇ ...

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 01:34:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭخۇا خەلىق  جۇمھۇرىيتى مىللەتلەر  نەشىرىياتىنىڭ  ' مىنىڭ ئىسمىم  قىزىل' نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر  ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ئەسەرلىرىمنى ئۆز ئانا تىلدا ئوقۇش مەن  ئۇچۇن بۇيۇك بىر  شەرەپ  ۋە  كىشىنى  تولىمۇ  خۇرسەن  قىلىدىغان  ئىش . ئۇيغۇر  ئوقۇرمەنلەرگە سۆيگۇلىرىمنى ؛ ھۆرمىتىىمنى  سۇنۇش بىلەن  بىرگە ؛ ئۇلارنىڭ   كىتاپلىرىمنى  سۆيۇپ  ئوقۇشنى  ئۈمىد  قىلمەن .  ئىنشا ئاللا ؛ ئۇلارغا ' قارا  كىتاپ '   ' يىڭى  ھايات '    '  قار '           'ئىستانبول 'نىمۇ   ئۇيغۇرچە  ئوقۇش  نېسىپ بولار

2008-يىل  ماي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 11:04:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا  ئورخان پامۇكنىڭ بىر رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىشىنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتنى كۈزۈتۈش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن.  ئۇ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتىكى ئادەم دىققەت قىلمايدىغان  ئىنتايىن كىچىك ھالقىلارنىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە تەپسىلى تەسۋىرلەپتۇ.  بۇ تىمىنى يوللىغۇچىغا رەھمەت، تىمىنى يەنە بىر قىتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقىمەن.
توردا ئۇنىڭ «قار» دېگەن ئەسىرى بولسا ئادرىسىنى يوللاپ قويساڭلار، تۈركچىسى بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ. رەھمەت سىلەرگە.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش