سامساقلىق پىدىگەن(چەيزە) 蒜泥茄子
خام ماتىريالى:ئۇزۇنچاق پىدىگەن 2 دانە ،سامساق يېرىم باش .قۇشۇمچە: قىزىلمۇچ
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،تىتىتقۇ،كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1-پىدىگەننى پاكىز يۇيۇپ،قاسقانغا سىلىپ15مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پۇشۇرىۋالىمىز،
ئاندىن تالاسى بويىچە قول بىلەن ئۇزۇن قەلەمچە قىلىۋالىمىز.ياكى توغرايمىز
2-سامساقنى چاناپ،بىر چىنىگە ئېلىپ،ئۈستىگە قىزىغان ياغنى قۇيۇپ ياغ سامساق قىلىۋالىمىز.
3-تەييارلانغان پىدىگەننىڭ ئۈستىگە ياغ سامساق، تۇز،تىتىتقۇ سىلىپ ئىلەشتۈرۈپ ئازراق
كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى:تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بىرقەدەر
مول بولغانلىقتىن ، قان تولۇقلاشقا پايدىسى بار
مەنبە:ئاشپەز تورى