|
|
|
|
قايغۇلۇق بىر كۈن
ئوسمان ئىسمايىل شاھيارى
مىلادى 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 15تىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە مىللىتىمىزنىڭ ئەلسۆيەر ئوغلانى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى.6-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12دىن50مىنۇت ئۆتكەندە بۇ مەشھۇر زاتنىڭ مېيىتى ئۈرۈمچى ‹‹ياڭخاڭ››مەسچىتىدىن ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئاستا،ئەمما ھەيۋەت بىلەن ئېلىپ چىقىلدى.كوچىدا ئادەم مىغىلدايتى.چىرايلىق بېزەلگەن تاۋۇت نەچچە مىڭلىغان ئادەم دېڭىزى ئىچىدە قېيىقتەك يېنىك چايقىلىپ ئالغا ئىلگىرلەيتى.زېمىن تىترەيتى.دەل-دەرەخلەر نالە قىلاتتى.پۈتكۈل ئۈرۈمچى شەھىرى سۈكۈتكە چۆمگەنىدى.كىشىلەر بۇقۇلداپ يىغلىشاتتى.
تاۋۇت كىشىلەرنىڭ باش ئۈستىدە ئەمەس بۇلۇتتەك لەيلەپ ئالغا ئىلگىرلەيتى.كىشىلەر ئۇنى مۈرىسىدە ئەمەس بەلكى خۇددى شىتانكا كۆتۈرگەن تەنھەرىكەت ماھىرلىرىدەك ئالقىنى بىلەن مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى چەككىچە ئېگىز كۆتۈرەتتى.نەچچە يۈزلىگەن قوللار تاۋۇتقا ئۇزىتىلغانىدى.ھەبىر كىشى تاۋۇتنى بىردەم كۆتۈرۋىلىشنى،ھېچ بولمىغاندا تاۋۇتقا بىر قېتىم قول تەگكۈزۋىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.پۈتكۈل‹‹يەنئەن››يولىدا قاتناش توختىغان.يول بويىدىكى بارلىق ئاشخانا ۋە دۇكانلار تىجارەتنى توختىتىپ كوچىغا چىقىپ سۈكۈتكە چۆمگەن ھالدا مەزھۇر زاتنى ئۇزاتماقتا ئىدى.ئائىلىدىكىلەر بىناسىدىكى بارلىق دېرىزىلەر كوچىغا قارىتىپ ئېچىۋىتىلگەن،دېرىزىلەردىن نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلار ياشلىرىنى چىقىرىشىپ،ئۆزلىرىنى بېسىپ ئالالماستىن ئىختىيارسىز ھېقىقداپ يىغلايتى.كوچىدا ئادەملەر ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ ئاقاتتى.
تاۋۇت ئادەملەرنىڭ دېڭىزىدا قېيىقتەك ئاستا-ئاستا قاراپ ئالغا ئۈزەتتى.ئۇنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ بىر ئوغلانى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئۇنتۇلغان بۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى ‹‹ئۆتكۈر ئەپەندى››دېگەن مۇبارەك نام بىلەن ئاتايىتى.‹‹ئۆتكۈر››دېگەن بۇ سۆز بۇ زاتنىڭ نامى سۈپىتىدە ئىسمى-جىسمىغا لايىقلاشقان،ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەناسىغا تۇلۇق تۇيۇنغانىدى.‹‹ئەپەندى››دېگەن سۆزنى ئۇيغۇر خەلقى پەقەت دانىشمەن خوجا نەسىردىننى ۋە ئەل دىلىغا ئىلىم سالغۇچى مۇئەللىملەرگە ئاتاپ ئىجاد قىلغان بولسا،بۇ زاتنى ئۆزلىرىگە ئىلىم بەرگۈچى ئۇستاز سۈپىتىدە كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغانىدى.
تاۋۇت كىشىلەرنىڭ يىغا-زارلىرى ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئالغا ئىلگىرلەيتى.كىشىلەرنىڭ ئاياق ئاستىدىن،ئانا تۇپراقنىڭ تەكتىدىن دىرىلدىگەن ئاۋاز كېلەتتى.شۇ تاپتا تارىم دەرياسى نالە قىلاتتى.ئېلى دەرياسى شاۋقۇنلايتى.ئۆزىنىڭ بۇ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئارقىلىق‹‹مەن ئاق بايراق ئەمەس››دەپ پۈتۈن جاھانغا جاكارلىغان تەڭرى تاغلىرى چوڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە مۈكچىيىپ ئېغىر-ئېغىر تىناتتى.سوغۇق‹‹قەشقەر كېچىسى››كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مۇزلىتىپ،پۈتكۈل قەشقەر ئاسمىنىنى ھەسرەت تۇمانىغا ئورىغانىدى.يىراق تەكلىماكان بويىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاۋاتقان ‹‹ئۇلۇغ ئانا››لار ‹‹چۆچەك››ئېيتىشىنى توختىتىپ،بۇ ئاددىي ئەمما سۆيۈملۈك ئوغلى ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە ئىدى.بۇ زات ھەقىقىي خەلق ئوغلى ئىدى.خەلق يىغلىغانغا يىغلاپ،خەلق كۈلگەنگە كۈلەتتى.ئۇنىڭ خەلق غېمىدىن باشقا شەخسىي مەنپەئەتى يوق ئىدى،خەلق ئارزۇسىدىن باشقا شەخسىي ئارزۇسى يوق ئىدى.خەلقتىن ئىبارەت بۇ بايلىقتىن باشقا شەخسىي بايلىقى يوق ئىدى.بىر چاغلاردا بارلىق ھەقىقەت ئىگىلىرىگە ئوخشاش ئۇمۇ ئازار يېگەنىدى.بىراق،ئۇ قىلچىمۇ زارلانماي‹‹مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،بۇسۇغىدا دالجىماس ئىتتەك،ماڭا ئەھدە ۋاپا ياخشى››دەپ جاكارلاپ،ۋەتەن-خەلققە بولغان مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانىدى.ئۇ ھەقىقەتەن بىر مەشھۇر ئالىم بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى كامالەتكە يەتكەن پەزىلەت ئېگىسى ئىدى!
تاۋۇت كىشىلەرنىڭ دولقۇنى ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئالغا سىلجىيتى.ئۇنىڭ پاك روھى ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتلىق شەكىل بۇلۇپ بەرگەن تېنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ساماغا كۆتۈرۈلدى.ئۇنىڭ ھاياتلىقى كىرتىك نۇقتىدىن ھالقىپ كەتتى.تۇغۇلۇش،ھاياتلى ۋە ئۆلۈم بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كەتتى.مۇئەييەنلىك ئىنكار قىلىندى،ئىنكار يەنە قايتا ئىنكار قىلىندى.ئۇ ئەسلىدىكى چىقىش نۇقتىسىغا قايتىتى.تاشادىپىيىلىق بارلىق ئۇيغۇرلانىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ،مۇقەرەرلىكنى نامايەن قىلىۋاتاتتى...
تاۋۇت كىشىلەرنىڭ بېشى ئۈستىدە كۆكتە جەۋلان قىلاتتى.ئۇنى كۆتۈرۈپ،ئوراپ،يىغلاپ،ئۆكسۈپ كېتىۋاتقان مىڭلىغان كىشىلەر ئىچىدە زىيالىيلار،ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى،كارخانىچىلار،سودىگەرلەر،ئۇششاق تىجارەتچىلەر،ئىشچىلار،قول-ھۈنەرۋەنلەر،دىننىي زاتلار،ئالىي-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،ئىشقىلىپ ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ،ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.بۇ بىر خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىغان تەسىرلىك كۆرۈنۈش ئىدى.بۈگۈنكى بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش خەلقىمىزنىڭ ئۇنچىلا نادان ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.ئۇلار كىمنى ياخشى كۆرۈپ،كىمنى ياخشى كۆرمەسلىكنى ،قانداق ئادەمنى ھۆرمەت قىلىپ،قانداق ئادەمدىن نەپرەتلىنىشنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا ئىدى.ئەگەر بەزىلەر ھايات ۋاقىتتا خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەتلەنمىگەن،ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشەلمىگەن بولسا ئۇنى ئۆزىنىڭ پەزىلىتىدىن كۆرۈشى كېرەك!ئۇنىڭ خەلقتىن ئاغرىنىشقا قىلچىلىك ئاساسى يوق!خەلق كۈچى قۇدرەتلىك،ئەقىل-پاراسەتنىڭ،دانىشمەنلىكنىڭ مەنبەسى!ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان ھەقىقىي ئادىل تارازا پەقەت خەلق ئاممىسىنىڭ قولىدا!
ئېگىز كۆتۈرگەن تاۋۇت قۇياش نۇرىدا ۋالىلدايتى.كىشلەر رەتلىك سەپ تۈزۈپ توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيتى.پىشقەدەم ياشلارغا نەسىھەت قىلىپ تاۋۇتنى ماشىنىغا سالماقچى بۇلۇشاتتى.ئەمما تاۋۇتنى كۆتۈرۈۋالغانلار زادىلا ئۇنىمايتى.ئۇلار بۇ ئاخىرقى پەيتتە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇبارەك تېنىنى ئۇزۇنراق كۆتۈرۋىلىشنى،ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنراق بىللە بۇلۇۋىلىشنىلا ئويلايتى.ئۇلار قىلچىلىك چارچاش ھېس قىلمايتى.ئۇلار تاۋۇتنى شېھىتلىككە ئەمەس،بەلكى جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشقىمۇ رازى ئىدى!
سائەت 2دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە يەنى توپتوغرا ئىككى سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن بۇ زاتنىڭ مۇبارەك تېنى شېھىتلىككە ئېلىپ بېرىلىپ،يىغا-زار ئىچىدە يەرلىككە قۇيۇلدى.مىڭلىغان كىشىلەر ئالقانلىرى بىلەن توپىلارنى سىقىمداپ ئېلىپ ئۈستىگە تاشلاپ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتى،ئۇنى تۇغقان،ئۇنى پەرۋىش قىلىپ گىگانت ئادەم قىلغان ئانا تۇپراق يەنە ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالدى.ئۇنىڭ‹‹ئويغانغان زېمىن››دىكى مۇبارەك ‹‹ئىز››لىرى مەرۋايىتتەك پارقىراپ جۇلالىنىپ قالدى.
ئارىمىزدا ئۆتكۈرنىڭ روھى
ھەسەن تىلىۋالدى
يۈسۈپ بوۋام چىللاپتۇ ئۇنى،
كېتىپ قالدى شۇڭا پەتىگە.
مەھمۇد بوۋام بىلەن كۆرۈشۈپ،
قايتىپ كېلەر چوقۇم ئەتىگە.
جەننەت ئىچىدە تەييارلاپ سۇرۇن،
تۇرغان ئىكەن فارابى كۈتۈپ.
يېتىپ كەلدى نەۋائى،لۇتفى،
ئۆتكۈر كېلىپ بىر مىنۇت ئۆتۈپ.
قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ئۇلار،
پەن ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشتى.
زەلىلى ھەم سەككاكى دەرھال،
ئۆتكۈر ئۈچۈن ئەشئار ئۇقۇشتى.
ئامانىسىا چالدى ساتارنى،
ئابدۇرەشىتخان باشلىدى مۇقام.
راۋابىنى ياڭرىتىپ تاشۋاي،
دېدى ئاڭلاپ ئەقىللىق ئۇكام.
سادىر پالۋان كەلدى ئالدىراپ،
نۇزۇگۇمنى ئېلىپ پەتىگە.
موللا بىلال،موللا سايرامى
يېنىپ كەلدى چۈشۈپ مەپىگە.
قىزىپ كەتتى سۇرۇن باشقىچە،
دىدارلاشتى روھلار قانغۇچە.
ھاياتلاردىن ئەھۋال سوراشتى،
يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە.
خەۋەردار بىز دېدى نۆبىتى،
پاك ياشاپسىز پانىي ئالەمدە.
رەزىللەرگە ئۆتكۈر تىغ بۇلۇپ،
قادىلىپسىز ھەر قانداق يەردە.
توغرا،دېسى كۈلۈپ ئەخمەتجان،
ئابدۇخالىق قۇشۇلدى گەپكە.
قەلبىڭىزگە قوندۇرماپسىز كىر،
ئاچ كۆزلۈك قىلىپ بېرىلىپ نەپكە.
قورقۇنۇچلۇق ئەمەستۇر ئۆلۈم،
ئەل نەپرىتى ئۆلۈمدىن يامان.
بەزىلەرنىڭ بولماس قىممىتى،
مىڭ يىل ياشاپ يۈرسىمۇ ئامان.
ئۆلۈم دېمەك ھەممىگە ئورتاق،
بىراق ئۇنىڭ بولىدۇ پەرقى.
ياشىسىمۇ بەزىلەر قىسقا،
تەڭرىتاغدەك بىباھا نەرقى.
ئاڭلاپ بېقىڭ، دېدى زىكرىكام،
ناخشا قىلدىم سىز يازغان‹‹ئىز››نى.
تۆمۈر خەلىپە،خوجىنىياغا،
كۆرسىتەيمۇ ئاپىرىپ سىزنى.
مۇتەللىپمۇ بولىدۇ پەيدا
سىز كەلگەننى بىلسىلا شۇ تاپ.
ئېيتىپ قۇيۇڭ‹‹ئويغانغان زېمىن››
مۇسىبەتكە چۆممىسۇن يىغلاپ.
ئارام ئېلىڭ ئەمدى خاتىرجەم،
ھېرىپ-چارچاپ كەتتىڭىز قەۋەت.
بۇندا ھەممە ئىناق ۋە ئىجىل،
بۇ يەردە يوق ئاداۋەت،ھەسەت.
بۇ يەردە يوق پىتنە ھەم پاسات،
بۇ يەردە يوق خۇشامەت،تۆھمەت.
بۇ يەردە يوق يۇرتۋازلىق،گورۇھ،
نادانلارغا تېپىلماس ئۈلپەت.
ھەممە ئادەم كېلەر بۇ ياققا،
باقىي ئەمەس ھاياتلىق دېگەن.
ئىككى ئالەم تاپار ساۋابلىق،
ئەل ۋە يۇرتنىڭ غېمىنى يېگەن.
ئارىمىزدا ئۆتكۈرنىڭ روھى،
ئۇنتۇمايمىز ئۇ باسقان ئىزنى.
ئازارلىشىپ يۈرمەيلى ئەمدى،
ئۇنىڭ روھى ئۇرمىسۇن بىزنى.
ئابدىرھىم ئۆتكۈر ئاۋازلىق ئەسەرلىرى:
[mp3=0]http://www.tordax.com/upload/media/3663/1304194939-X05.mp3[/mp3]
[mp3=0]http://www.fimp3.com/Nasheed/Uyghurche/hidayatnama.mp3[/mp3]
مەنبە:مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان ‹‹ئابدىرھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى››دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|