خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا توماس.سويالىس باشلانغۇچ ئالتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەن،بىراق ئۇ ئالما يان تېلېفونىنىڭ مەشغۇلات سېستىمېسىغا ئاساسەن ئىككى دانە ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈپ چىققان بولۇپ،ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ مەشغۇلاتتىكى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال دۇكىنىدا ئېلان قىلىنىپ سېتىلىشقا باشلىغان.
توماس بالىلار باغچىسى ۋاقتىدىن باشلاپلا پەن-تېخنىكا بۇيۇملىرىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان.ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ ‹بىرگە بىر›توردا تەربىيلەش مۇلازىمىتى پىلانى ئارقىلىق ئالما يان تېلېفونىنىڭ مەشغۇلات سېستىمېسىنىڭ قوللىنىشچان پروگراممىسىنى قانداق تۈزۈپ چىقىشنى ئۆگەنگەن،ئۇ يەنە مەكتەپتە ‹ ئالما قوللىنىشچان پروگراممىسى كۇلۇپى›نى قۇرۇپ،نۇرغۇنلىغان ئالما ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈشكە قىزىقىدىغان ساۋاقداشلارنى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگۈنۈشكە ئۇيۇشتۇرغان. توماس دائىم چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن پروگرامما تۈزۈشكە چوڭقۇر قىزىقىدىغان بىرمۇنچە مەكتەپداشلىرىغا ئۆزىنىڭ پروگرامما تۈزۈشتىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن.
توماس تۈزگەن تۇنجى ‹ئالما›ئويۇن پروگراممىسىنىڭ ئىسمى‹يەرشارى بەختى›بولۇپ،ئۇ بىر مەۋھۇم پال ئېچىش قۇرالى، ئالما يان تېلېفونى ئابونتى بۇ ئويۇننى ئوينىغان ۋاقىتتا،پەقەت بارماق بىلەن ئېكران ئۈستىدىكى يەر شارىنى ئىتتىرىپ قويسىلا،ئۇ توختىماستىن ئوخشىمىغان رەڭلەرگە ئۆزگۈرىدۇ،ھەربىرخىل رەڭنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان پال چۈشەندۈرۈشى بار ئىكەن.
توماس تۈزگەن ئىككىنچى ئويۇن پروگراممىسى بولسا كانادا ئۆسمۈرى مودا تەڭرىقۇت جاستىن.بىبونى كولدۇرلىتىدىغان‹قارىغۇ چاشقان ئۇرۇش›ئويۇنى،ئۇ ئەنئەنىۋى‹ قارىغۇ چاشقان ئۇرۇش›ئويۇنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ،پەقەت بۇ ئويۇندا بارماق بىلەن چېكىپ ئۇرىدىغىنى قارىغۇ چاشقان ئەمەس، بەلكى كانادا ئۆسمۈرى مودا تەڭرىقۇت بىبونىڭ كاللىسى ئىكەن.بۇ خىل ئويۇن پروگراممىسى ئالما شىركىتىنىڭ مەشغۇلاتتىكى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال دۇكىنىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،ئابونتنىڭ ھەربىر قېتىم بۇ ئويۇننى چۈشۈرۈش باھاسى 99ئامرېكا تىيىنى ئىكەن،ھازىرغا قەدەر ئازدېگەندە1300دىن كۆپرەك ئالما يان تېلېفون ئابونتى بۇ ئويۇننى سېتىۋالغان ھەم چۈشۈرگەن بولۇپ،بۇ ئويۇن پروگراممىسىنىڭ تۈزگۈچىسى توماس ئاز بولغاندىمۇ 1000ئامرېكا دوللىرى ‹كىرىم›قىلغان.ئۆزىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن توماس بىر قىسىم ‹كىرىم›نى ئىشلىتىپ بىر دانە Xbox ئويۇن ماشىنىسى سېتىۋالغان.توماس:‹مېنىڭ بۇ ئويۇننى ياساپ چىقىشىمدىكى سەۋەب،مەكتەپتىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلار جاستىن.بىبونى ياقتۇرمايدۇ›دېگەن.
ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئىككى دانە ئالما يان تېلېفوننى ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن،12ياشلىق توماس ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركىتى-‹سەۋزە شىركىتى›نى قۇرغان،بىراق توماس تېخى 18ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن،ئامرېكا قانۇنىغا ئاساسەن شىركەت قانۇنى ۋاكالەتچىسى بولالمايدىكەن،شۇڭا ھازىر شىركەتنىڭ نامدىكى باشلىقى يەنىلا توماسنىڭ 53ياشلىق دادىسى لارف. سويالىس ئىكەن.
يېقىندا توماس تەكلىپكە بىنائەن‹مانخاتتان دېڭىز ساھىلى›دا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پەن تېخنىكا مائارىپ مەتبۇئات يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە نۇرغۇنلىغان ياش-قورامىغا يەتكەن تاماشىبىنلار ئالدىدا بەش مىنۇت نۇتۇق سۆزلىگەن.بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان يىگىرمىدىن ئارتۇق نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ كۆپىنچىسى ئامرېكا ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە سودا دۇنياسىدىكى داڭدار شەخىسلەر ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى توماسنىڭ سۆزلىگەن نۇتىقىنىڭ سىن نۇسخىسى
سىز ھەم بىزدەك ياشلارغا ئىلھام بولغۇدەك تىمىكەن.. شۇڭا يوللاپ قويدۇم ..كۆرۈپ بېقىڭلا ئۆزەڭلەرگە كىچىكىنە ئىلھام بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس..
تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:
http://www.nishanim.com