ئەپيۈنگۈل
ئەپيۈن
چوڭ تاماكا ياكى خام ئەپيۈن . مىدىستىنادا ئەپيۈن تابلىتى دىيىلىدۇ
(ئۇيغۇر، جۇڭيى ،زاڭزۇ تىبابەتلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ . دۆلەتتىن تىبابەت
ئىشلىرىغا ئىشلتىىش ئۈچۈن چەكلىك مىقداردا تېرىشقا يول قويىدۇ )
ئەپيۈنگۈل مىۋىسى ئىچىدىن چىققان شىرنىنى قۇرتۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ
. قۇڭۇر رەڭلىك ياكى ، قارا رەڭلىك ، بەك سېسسىق پۇرايدۇ . تەركىبىدىكى
مورفىن ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرۇپ ئوندىن بىر قىسمىنى ئىگەللەيدۇ . جىق چەكسە
روھلاندۇرۇپ ، بەدەننى سۇسىزلاندۇرىدۇ . ئۇخلىتىدۇ ،كۆڭلى ئېلىشىدۇ ، بەدەن
تىمپۇراتۇرسى تۈۋەنلەيدۇ .ئىنكاس قايتۇرۇش يۇقىلىدۇ . ئاخىرىدا پالەچ بۇلۇپ
ئۈلۈپ كىتىدۇ . (كونا جۇڭگۇدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشلىرى ئىسىڭىزگە كەلدىمۇ ؟ )
ناۋادا چىكىشنى توختىتىپ قويسا بەدىنىدىن سۇ ئاقىدۇ (شۆلگەي ،ماڭغا،تەر ،
ياش ھەممىسى ) ئەسنەپ ئۇيقۇسى قاچىدۇ ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ .كۆز قارىچۇقى
كېڭىيىپ تىرىسى تىكەنلىشىپ ...كۆڭلى ئېلىشىپ ،قان بېسمى ئۆرلەپ ،بۇغۇم
مۇسكۇللىرى ئاغرىپ ،قورسىقى تولغاپ ئاغرىيدۇ ... (بەك قورقىنىشلىقكەن . بىراق
ئەپيۈەن چىكىدىغان ئادەم يوقمىكى ھازىر )
مورفىن (ئادەتتە مورفىن ھەرخىل پىششىقلىنىپ ئىشلىنىدىغان بولغاچقا رەڭگى بىردەك
بولمايدىكەن . كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى مۇشۇ خىل ۋە ئاستىدىكىرەسمدىكىدەك . )
ھەر خىل ئارلاشمىلار ...
ئەپيۈندىكى ئاساسلىق بىئولوگىيىلىك ئىشقار . ئوخشاش مىقداردىكى ئەپيۈن
چەككەندىن مورفىننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا 10~20 ھەسسىگىچە كۈچلۈك بۇلىدۇ .
زەھىرى ۋە خۇمارى ئەپيۈندىن كۈچلۈك .
بۇ ھەرخىل شەكىلدىكى باش چايقىتىش كۇمىلاچلىرى ۋە مورفىن ، دۆلەتتىن
رىېتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان بەزى دۇرىلار .
بۇلار خىيال پەيدا قىلىش تىپىدىكى بېنزىدىرىن تۈرىدىكى زەھەرلىك
بۇيۇملارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى .ئاساسلىقى مەركىىزى نىرۋىنى كۈچلۈك
روھلاندۇرۇش ،قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇش ،خاتا سەزگۈ پەيدا قىلىش
قاتارلىقلار بۇنىڭ قۇلىدىن كىلىدۇ . يەنە تېخى يىگەنلەر ئۆزىنى
كونتىرول قىلالماي ، ئاسانلا نىرۋا كىسىلى قىلىپ قۇيىدۇ .ئاندىن ئۆزىنى
زەخمىلەندۈرىدۇ .ياكى باشقىلارغا زوراۋانلىق قىلىپ جەمىيەت تەرتىبىنى بۇزىدۇ .
خىروئىننى يىگىلى بولمايتى ....
خىروئىن .
مورفىننى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەپ ،خرئىن ياسايدۇ .خىروئىننىڭ غايەت
زور خۇمارى ۋە زىينى بولغاچقا ھەممە دۆلەتتە 1- دەرىجىلىك زەھەرلىك
بۇيۇم دىيلىدۇ .
خۇمار بولغۇچىلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ ،نۇردىن قورقۇپ ،
ئۇرۇقلاپ كىتىدۇ ، گەپ سۆزلىرى ئېنىق بولمايدۇ .تىرىىسى قىچىشىدۇ ،
ئىممۇنىت ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ .ئەگەشمە كىسەللىكلەردىن ئەيدىز ،
جىگەر ياللۇغى ،سىفلىس ،ئۆپكە ياللۇغى ، ئۆپكە يىرىڭلىق
ئىششىقى ... قاتارلىقلار
زەھەرلىنىپ بولغاندا كۆز قارچۇقى كىچىكلەيدۇ ،بەدەن تىمپۇراتۇرسى
تۈۋەنلەيدۇ .تىرىسى قارىدايدۇ، نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىدۇ ،قان بېسىمى
بىنۇرماللىشىدۇ ،تىرىسى تارتىشىدۇ ،تۇرۇپلا قادى كىتابنىڭ دوستىدەك
سەكرەپ كتىدۇ ،ئېغىر بولغاندا ھۇشسىزلىنىدۇ .ئۆپكىسى سۇلۇق ئىششىيدۇ ،
ئاندىن خۇدانىڭ قېشىغا بېرىپ ھىساب بىرىدۇ .
ئادەم ئۆلتۈرىدىغان تۈۋەن مىقدارى 0.2 گىرام(ئىككى مىللىگىرام )
مۇزسىمان زەھەر .
بۇ يېڭى تىپتىكى بۇيۇم . بىنزىدېرىنت تۈرىدىكى رەڭسىز ،سۈزۈك ،
خىرۇستال شەكلىدىكى قاتتىق جىسىم .سىرىتقى كۆرىنىىش مۇزغا ئوخشاپ
كەتكەچچە مۇزسىمان زەھەر دەپ ئاتالغان . ئۇنىڭ مەركىزى نىرۋىنى
كۈچلۈك روھلاندۇرۇش رۇلى بار .يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەر شارىدا يامرىشى
ئەڭ تىز بولغان زەھەرلىك بۇيۇم .
كېتامىن
ئادەتتە k پاراشوكى دىيىلىدۇ .كۈچلۈك خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىش
رۇلىغا ئىگە روھى كىسەللىك دۇرىسى .كېتامىننى ئسىتىمال قىلغانلارنىڭ
نىرۋا سىستىمىسىسىدا خىيالى تۇيغۇ ، خاتا تۇيغۇ پەيدا بۇلىدۇ .
نىرۋېسىدىن ئادىشىپ قېلىش ياكى ئېلىشىپ قېلىش كىسىلى ھالتىىدە
بۇلىدۇ .ۋارقىراپ جارقىرايدۇ .ھاياجانلىنىدۇ .تەشۋىشلىنىپ خاتىرجەم
بۇلالمايدۇ .يۆنىلىشى ۋە بىلىشى (ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى) توسالغۇغا
ئۇچرايدۇ .ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ .قۇسىدۇ ، ھەددىدىن ئارتۇق ئىستىمال
قىلسا نەپەس ئېلىشى توختاپ ئۈسۈملىك ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ ياكى ئۆلىدۇ .
كەندىر
ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايۇنلىرىدا ئۆسىدىغان
بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملىك .
نەشە (ئادەتتە رەڭگى كۆكۈش ، ياكى قارامتۇل بۇلىدۇ . غەربى
شىمال يولۋىسى ۋە شەرقى شىمال يولۋىسى دەپ بىر نەچچە
خىلغا ئايرىلىدۇ .
قانۇنسىز خىللىرىدىن كەندىر ئۈسۈملىكى ،كەندىر يىلىمى ،(نەشە ) كەندىر يېغى قاتارلىقلار بار .
ئۇنىڭ مەركىزى نىرۋا سىستىمىسىنى كونتىرول قىلىش ، ناركوز قىلش،
خاتا سەزگۈ پەيدا قىلىش .... قاتارلىق روللىرى بار .
چەككۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ،خۇشاللىنىش ،
كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلش بۇلىدۇ ،ئارقىدىنلا تىنجىپ قالدۇ .
گەپ سۆزى ئازىيىپ كتىىدۇ ئاندىن قورقۇش ۋە تەشۋىشلىنىش ھىسياتىدا بۇلىدۇ .
ئۇنىڭغا ئۇلاپ كەيپىياتى جىددىلىشىدۇ .ئاسان ئاچچىلىنىدۇ. بەزىدە ئۇيقۇسى
قاچىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ (بۇ ھەممە ئادەمدە ئوخشاش بولمايدۇ )تەن ئېغىرلىقى
يىنىكلەيدۇ .كۆپ تەرلەيدۇ .ئېسىنى يۇقىتىپ قۇيىدۇ .سېزىمى مۈجمەللىشىدۇ .
نەرسىلەرنىڭ شەكلى غەيرى كۆرىنىدۇ .ئارقىدىنلا خام خىيال بىلەن
خاتا تۇيغۇ باشلىنىپ كىتىدۇ .
نەشىنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى ئاساسلىقى تىتراگىدروكاننابىنول (THC) بۇلۇپ
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر زەھەر دەپ چەكلىگەن .نەشە ئوكسىگىن
ئارقىلىق قانغا كىرگەندىن كىيىن (باشقا ئۇسۇلمۇ ئوخشاش ) بەدەننىڭ ھەر
قايسى جايلرىىغا تارقايدۇ ، ئاندىن ۋاقتىنچە روھلانغاندەك ھىس قىلىدۇ .
ئۇزۇن مۇددەت نەشە چەككەن كىشىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ،
خامۇشلۇق ۋە يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ .
ئاۋال ئەتراپىڭىدىكى نەشىنى چىكىسىز ، كىين پىششىقلاپ ئىشلەنگەن
نىشىنى چىكىسىز ، ئاندىن ئۇلارمۇ تۇتماس بولغاندا يۇقىرىقىلارنى
چىكىسىز ،كىيىن ئۆلىسىز .زەھەر تاشلاشقا ھازىر مۇ ئۈلگۈرىسىز ...
بىر كۈن زەھەر چەككەنلەر مەڭگۈ زەھەرنىڭ كويىدا بۇلىدۇ ،ئۆمۈر بويى
زەھەر تاشلاش ئازابىنى تارتىدۇ.
زەھەر يوق جاي يوق ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جەنۇپ شىمال ،ھەتتا
بىر قۇتا مىنرال سۇ تاپقىلى بولمايدىغان چەت يېزىللىرىدىمۇ نەشە
تاپقىلى بۇلىدۇ .شۇڭا يىراق تۇرىشىڭىز كىرەك .ھەرگىزمۇ تەلەي سىناپ
بېقىپ ،ياكى قىزىقىپ تۇنجى قېتىم سىناپ باقماڭ . ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى
نابۇت قىلىپ كىشىلىك ھۆرمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز ، نۇرمال دۇنيا
قارشىڭىز ، قىممەت قارشىڭىز قالمايدۇ ،نۇمۇسنى بىلمەيدىغان ،شاللاق
بۇلۇپ كىتىسىز ،،، يالغانچىلىق قېنىڭىزغا سىڭىپ كىتىدۇ .ھىسياتىڭىز
چىگىش ،ئىچىڭىز تار ،گۇمانخور بۇلۇپ قالسىىز... قىسقىسى
ئادىمىلىكىڭىز قالمايدۇ ، تەرەققى قىلسىڭىز سىز ئۈلۈپلا تۈگەيسىز ،
ئائىلىڭىزدىكىلەر بەخىتسىز بۇلۇپ قالدۇ