مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6870|ئىنكاس: 86

قانغا بويالغان داچا(مايماق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 829
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 01:27:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش:يۈرەك كىسىلى بارلار كۆرمەڭلار!
ــــــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــ







گازدا ئۆلگەن ئايال


جىرىڭ...جىرىڭ...جىرىڭ!!!!!!
ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىمنى يىرتىپ ئېچىپ،سائىتىمگە قارىسام ئەمدى بەش بوپتۇ.بۇ ئەتىگەندە تىلىفۇن قىلغان كىمدۇ؟ئۆزى ئۇخلىماي، باشقىلارنىمۇ ئۇخلاتماي،غودۇرىغاچ تىلىفۇننى ئالدىم.
-ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-سالامنى قايتۇرۇپ بۇلۇپلا تىلىفۇن ئۇرغۇچى ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى.ئۇيقۇم تازا ئېچىلىپ بولالمىغانىدى ،گاڭگىراپ نىمە دەيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
-مەن ئابدۇۋەلى ئاكىڭىز،كىچىدىن بۇسارەم ئاچىڭىز كىچىدىن تۈگەپ كەتتى،-ئابدۇۋەلى  ئاكام بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي  يىغلاپ كەتتى.
-ئۆيىڭىزگە ھازىرلا بارىمەن،-دەپ تىلىفۇننى قويدۇم نېرى-بېرىسىنى سوراپ ئولتۇرماي.
ئابدۇۋەلى ئاكام مەلۇم بىر ھۆكۈمەت تارمىقىدا ئىشلەيتتى.خىزمەتچى بولۇشىغا قارىماي بەش ۋاخ نامازنى پەقەت تاشلىمايتتى.ئۆزىمۇ ئىنتايىن مەرت ئىدى.شۇڭا ئۇنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتىم.بۇ سارەم ھەدەم ئۇنىڭ ئايالى بولۇپ ،بالىلىق بولغاندىن كىيىن ،ئابدۇۋەلى ئاكامنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەتتىن توختاپ ئۆيدە ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئىدى. ئەتكەن تاماقلىرى شۇنچىلىك تەملىك،شۇڭىمۇ دائىم ئۇلارنى يۇقلاپ تۇراتتىم. ھەجەپ ئىش بوپتا ~دەپ ئويلىدىمدە كىيىملىرىمنى كىيىپ يولغا چىقتىم.كىچىچە قار يېغىپ توختىغىلى ئۇزاق بولمىغان چېغى كوچىدا ماشىنا ناھايىتى ئاز ئىكەن.ناھايىتى تەستە بىر قارا ماشناتوسۇپ،ئابدۇۋەلى ئاكاملار تۇرىۋاتقان بىنانىڭ ئالدىغا كىلىپ چۈشتۈم،-دە ،بەشىنچى قەۋەتكە قاراپ يۈگۈردۈم.نىمشقىكىن پەلەمپەيدىن يۈگرەپ چىقىدىغان ئادىتىم بار.ئىشىك ئوچۇق ئىدى.ئەسسلام دەپ ئۆيگە كىرىشىمىگىلا ئابدۇۋەلى ئاكام بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى قارىداپ كەتكەنىدى. قېشىمىزدا ئەمدى ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلى زەپەر نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي بىر دادىسىغا بىر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارايتتى.
-سەۋر قىلىڭ ئاكا.ئۆلۈم ھەممەيلەنگە بار.بەندىلەرگە سەۋر قىلماقتىن باشقا ئامال يوق،-دەپ تەسەللى بەردىم ئۇنىڭغا.
ئۇنىڭ يىغىسى بىر ئاز بېسىققاندىن كىيىن مىھمانخانىغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
-ئۆي گاز پۇرايدۇغۇ،ھەدەم گاز چىقىپ كىتىپ قازا قىلمىغاندۇ؟
-كىچىدىن زەپەرنىڭ مىجەزى يوق ،مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىشىك قېشىدىكى ئۆيدە ياتقانىدىم.بۇسارەم بىزنىڭ ھوجرىمىزدا يېتىپ قالغان .ئەتىگەن سىيگىم كىلىپ كۆزۈمنى ئاچسام،ئۆي گاز پۇراپ كىتىپتۇ.ھوجرىدىن چىقىپ ئاشخانىغا يۈگۈردۈم.ۋە گازنى ئەتتىم .ئەسلى بۇسارەم  چاي قاينىتىپ قويۇپ ئۇنتۇپ قېلىپ يېتىپ قاپتۇ.چەينەك تېشىپ سۇ گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرىۋەتكەچكە مۇشۇنداق بوپتۇ.بۇسارەم ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى.كىرسەم ئۇ بىچارە چىرايى كۆپكۆك ،قولۇمنى بۇرنىغا ئاپارسام تىنىقى ئاللىقاچان توختاپ بوپتۇ،دېرىزىلەرنى چوڭ ئېچىۋېتىپلا ساڭا تىلىفۇن قىلىشىم،-ئۇ بۇلارنى دەپ بولۇپلا  يەنە يىغلاپ كەتتى.
-ھەرنىم بولسا خودايىم دادا ،بالا ئىككىڭلارنى ساقلاپتۇ ،-دىدىم ئەجەپلىنىپ.
-بۇيىل قىش ئۆي پەقەت ئىسسسىمىغاچقا ئىشىكنى ھىم ئىتىپ ياتقانىدىم،شۇڭا گاز جىق كىرمەپتۇ.سارەم چاي قايناشنى ساقلاپ ئۇخلاپ قالغان بولسا كېرەك،ئىشىك ئۇچۇقكەن،شۇڭا...ھەي...
-ھوجرىدىن سائەت نەچچىدە چىقتىڭىز ئاكا؟
-تۆت يېرىمدا.
مەن‹‹ ئاچامنى كۆرۈپ باقاي›› دىدىمدە ئۇ ياتقان ئۆيگە كىردىم.بۇسارەم ئاچام يۈزلىرى كۆپكۆك كارۋاتتا ياتقانىدى،ئۈستىگە يوتقان يېپىقلىق.يالاڭ بىلىكى كارۋاتتىن ساڭگىلاپ تۇراتتى. قارىسام شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق ،بېرىپ دەرىزىگە سەپ سالدىم .ئاندىن ئاشخانىغا كىردىم .گازنىڭ پۇرىقى تېخى تولۇق يۈتمىگەنىدى.گاز تۇڭىنى كۆتۈرۈپ بېقىپ ئاشخانىدىن چىقىپ ،ئابۇۋەلىكامدىن،-ئابدۇۋەلىكا ساقچىلارغا خەۋەر قىلىپ قويدىڭىزمۇ؟،-دەپ سورىدىم
-ياق،مەلۇم قىلمىساممۇ بولار؟-دىدى ئۇ.
-شۇنداق بولسىمۇ  دەپ قويىلى،بولمىسا سىزنى كىيىن ئاۋارە قىلمىسۇن يەنە،نامازنى پىشىنگە چىقىرارمىز،-دىدىمدەتىلىفۇنۇمنى ئېلىپ 110غاتىلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئۇلارغادىدىم. ساقچىلار نەق مەيدانغا چېقىلماسلىقىمىزنى تاپىلىدى.
ئىشكتىن ئىككى ساقچى بىر دوختۇر كىرىپ كەلدى.ئۇلار ئەھۋالنى ئابدۇۋەلى ئاكامدىن تولۇق ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن بىر نەچچە سۇئال سوراپ دەپتەرگە
خاتىرلىۋالدى.دوختۇر بۇسارەم ھەدەمنى بىر دەم كۆزەتكەندىن كىيىن توغرىكەن گازدىن زەھەرلىنىپتۇ دەپ ھۆكۈم چىقاردى.ئۇلار  جەسەتنى تېزراق بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى بولمىسا زەھەرلەنگەن جەسەتنىڭ ئىتتىك سېسىيدىغانلىقىنى تاپىلاپ قايتىشقا تەمشىلىۋىدى مەن ئۇلارنى توختىتىۋالدىم.
-مەنچە بۇسارە ھەدەم قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن،-دىدىم ساقچلارغا ئىشەنچىلىك تەلەپپۇزدا.ئابدۇۋەلى ئاكام ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويدىيۇ ئەمما گەپ قىلمىدى.
-بۇنداق دىيىشىمدە بىر قانچە سەۋەپ بار.ئادەتتە ئابدۇۋەلى ئاكامنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش،شۇڭا ئايالى خىزمەتتىن توختاپ ئۆيدە ئىدى.
بالىنىڭ مىجەزى بولمىسا ،ئۆلگۈچىنىڭ ئۇنىڭغا قارىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقراق.
-بۇ ھېچنىمىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ،-دىدى ئىگىز بوي خەنزۇ ساقچى سۆزۈمنى بۆلۈپ.
-ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇراخمان ئاكام ئەزەلدىن نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان ئادەم. ھازىر بامدات تۆتتە بولىدىغا تۇرسا ،ئۇنىڭ سائەت تۆت يېرىمدە ئورنىدىن تۇرۇشىمۇ نورمال ئەمەس،-خەنزۇ ساقچى ئابدۇۋەلىكامغا قاراپ قويدى دە گېپىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى كۈتۈپ ئاغزىمغا قاراپ تۇردى.
مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
-باشقا ئۆيلەرنىڭ ئېچىلغان دېرىزىلىرىدە پەقەت نىپىز بىر قەۋەت قار بار. لىكىن ئۆلگۈچى ياتقان ئۆينىڭ ئېچىلغان دىرىزىسنىڭ گىرۋىكىدىكى قار
باشقا ئۆينىڭكىدىن خېلىلا قېلىن دىمەك ئۆلگۈچى ياتقان ئۆينىڭ دەرىزىسى قار توختىماستا ئېچىۋېتىلگەن .باشقا ئۆيلەرنىڭ دىرىزىسى قار توختاپ بولغاندىن كىيىن ئېچىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشخانىدىكى گاز تۇڭى خېلىلا ئېغىر كىچىچە گاز ئوچۇق بولغان بولسا گاز تۇڭى چوقۇم ھازىر قىدىن كۆپ يىنىك بولاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇۋەلى ئاكاملارنىڭ ھوجرىسىدىكى ئازغىنە گاز ئابدۇۋەلىكامغا تەسىر قىلمىسىمۇ،زەپەرگە چوقۇم تەسىر قىلاتتى. مەنچە ئابدۇۋەلى ئاكام تۈنۆگۈن بىر باھانە بىلەن زەپەرنى ئېلىپ باشقا ئۆيدە ياتقان. ئاندىن كىيىن ئۆلگۈچى ياتقان ئۆينىڭ ئىشكىنى مەھكەم ھىملاپ ،ئۇنى  گازدا زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ئۆلگۈچى ياتقان ئۆينىڭ ئىشىك دېرىزىلىرىنى ئېچىۋەتكەن.سەھەرگە يېقىن گازنى بىرەر سائەت ئەتراپىدا ئېچىپ قويۇپ،ئاندىن باشقا ئۆيلەرنىڭ دەرىزىلىرىنى ئاچقان.ئاندىن ماڭا تىلىفۇن قىلغان.ئادەتتە ئادەم كۆپ يىغلىسا كۆزى قىزىرىدۇ،لىكىن ئابدۇۋەلىكامنىڭ قاپىغىنىڭ قارىلىقى ئۇنىڭ بىر كىچە ئۇخلىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
-لىكىن ئىشىكنىڭ تېشىنى ھىملىۋەتسە ،قاتىل سىرتتا تۇرۇپ ئۇنى قانداق زەھەرلىيەلەيدۇ،-دەپ سورىدى ساقچى.
-يۇقىرىقى ئىشلار ئايدىڭ بولغاندىن كىيىن ،قانداق زەھەرلىگەنلىكىنى تېپىش ئوڭاي.ئۆلگۈچى ياتقان ئۆيدە چوقۇم يىپ ئۇچى بار،-دىدىمدە ساقچىلارنى باشلاپ ،ھوجرىغا كىردىم.ئاباي تەپسىلى كۆزىتىشكە ئىمكان بولمىغان ئۆينى ئەمدى سىنچىلاپ تەكشۈردۈم. بىردەم كۆزەتكەندىن كىيىن،
مانا گاز بۇ يەردىن چىققان،-دىدىم.ئاستىنقى ئۆيگە تۇتىشىدىغان پار يولىنى كۆرسىتىپ.پار يولىنىڭ ئەتراپىدىكى سىمۇنتنىڭ قىرىپ كېڭەيتىلگەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.
-ئاستىنىقى ئۆيدە ھازىر چوقۇم ئادەم يوق،گاز تۇڭىدا گازمۇ كۆپ ئەمەس،ئەگەر خالىساڭلار چۈشۈپ باقايلى،ئىشىكنى ئېچىشتىن غەم قىلمىساقمۇ بولىدۇ چۈنكى ئابدۇۋەلىكامدا چوقۇم ئاچقۇچ بار.
-سەن مەندەك مۇسىبەتلىك ئادەمگە نىمىدەپ بۆھتان چاپلايسەن؟مەن نىمىشقا سارەمنى قەسلەي،-دەپ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى ۋەلىكام.
ساقچىلار تۆۋەنكى ئۆينى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.دەرۋەقە تۆتىنىچى قەۋەتتكى  ئۆينىڭ ئىگىسى پۈتۈن ئۆي بويىچە ساياھەتكە چىقى كەتكەنىكەن.
پارنى سىناشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكتىن ،سۇ چىقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ بىنا بويىچە ئەڭ ئىشەنچىلىك قوشنىسى بولغان ئابدۇۋەلىكامغا بىر تال ئاچقۇچ
قالدۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئابدۇۋەلىكامغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى.مەن ئۇلارنى توختىتىپ ئابدۇۋەلىكامدىن قىسقىغىنا قىلىپ
-نىمىشقا؟،-دەپ سورىدىم.
-زەپەر مىنىڭ بالام ئەمەسكەن ،-دىدى ئۇ ئېچىنغان قىياپەتتە.
بۇ نارىسىدىنى ئۆلتۈرۈشكە قولى بارماپتۇ،-دە دەپ ئويلىدىم ۋە دادىسىدىن ئەگىشىپ كۆز يېشى قىلىۋاتقان  زەپەرنىڭ بېشىنى سىلاپ قويدۇم.
ئەتىسى ئادىتىم بويىچە ئەتىگەنىلىك گىزىتنى ئوقۇشقا باشلىدىم. گىزىتنىڭ قانۇن سەھىپىسىدە،‹‹ئايالىنى زەھەرلىگەن ھىلىگەر قاتىل،زېرەك ساقچى لىۋىنچاڭنى ئالدىيالمىدى››دىگەن ماۋزۇ تۇراتتى.


_____________



جىرىڭ...جىرىڭ...جىرىڭ!!!!!!
ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىمنى يىرتىپ ئېچىپ،سائىتىمگە قارىسام بىر يېرىم  بوپتۇ.جۈمەدىن ئاباي يېنىپ ئەمدىلا  كۆزۈمنى يۇمغانىدىم.مىنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇمنى بىرى بۇزۇۋەتسە بەك ئاچچىقىم كىلىدۇ.چۈنكى چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى بەك قىسقا....كەلگەن نومۇرغا قارىۋېتىپ تىلىفۇننى ئالدىم.
-لى ساقچى ئەمەلدارى ياخشىمۇ؟
-ياخشى.
-مىنى ئىزدەپ قاپسەنغۇ؟مەن ياخشى شەھەر پۇقراسى جۇمۇ.
-كەچۈر.ئالدىنقى دىلونى سەن پاش قىلغانىدىڭ.پۈتۈن شەرەپ ماڭا كەلدى.
-ھېچقىسى يوق.مەن ئۇ نەرسىلەرگە قىزىقمايمەن.
-شۇنداقتىمۇ سىنى بىر تاماققا چاقىرىۋالمىسام بولماس؟
-نەدە يەيمىز؟ مەن شەرقى شىمال جۇۋاۋىسىنى)东北饺子 )يىمەيمەن جۇمۇ.
-مەن دېگەن ئۈرۈمچىنىڭ ساقچىسى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ياخشى بىلىمەن.بۈگۈن سائەت ئالتىدە، ۋاقتىڭ بارمۇ؟
-بار.
- بەيگە مەيدانىغا كىلىپ تېلېفون قىل كاۋاپ يەيلى.
-بۇ گېپىڭ ياقتى.ئەمىسە ھېلى كۆرۈشەيلى.
-ماقۇل ئەمىسە خوش.
-خوش.
كەچتە لىۋىنچاڭ بىلەن بىلەن بەيگە مەيدانىدىكى بىر كاۋاپخانىدا كۆرۈشتۇق ۋە كاۋاپ يىگەچ پاراڭلاشتۇق.
سەن مىنىڭ نومۇرۇمنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟،-دېدى لىۋىنچاڭ ھەيرانلىق بىلەن.
-ئۆتكەنكى گاز دېلوسىدا قارىسام سەن خېلى ياخشى ساقچى ئىكەنسەن.شۇڭا 110غا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئىنكاس قىلىدىغان مەسىلە بار ئىدى دەپ مۇشۇ ئەتراپقا،مەسئۇل ساقچىنىڭ نومۇرىنى سورىدىم.دېلو مەلۇم قىلسا سەن كەلگەندىكىن مەسئۇل ساقچى سەن بولىسەندە.
-مىنىڭ ياخشى ساقچىلىقىمنى قانداق بىلدىڭ؟
-قارىسام پاگونۇڭ بىر سىزىق ئۈچ يۇلتۇز ئىكەن. ئەتىگەننى ئەتىگەن دىمەي نەق مەيدانغا ئۆزۈڭ  كەپسەن.ھازىر سەندەك مەسئۇلىيەتچان ساقچى ئەمەلدارى ئازدە .
-سىنىڭ تېلېفون نۇمۇرۇڭنى  قانداق بىلىۋالغىنىمۇ بىلەمسەن؟
-110غا دېلو مەلۇم قىلغانلارنىڭ نومۇرى چوقۇم ساقلىنىدۇ دە ،بۇنى كىچىك بالىمۇ بىلىدۇ.
-مەن ئۈرۈمچىگە بەش يېشىمدا كەلگەن، سەن شەرقى شىماللىق ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭ؟
-بويۇڭ ئىگىز، چاسا يۈز،تېرەڭ قاراغا مايىل.خەنزۇلارنىڭ ئىچىدە سەندەكلىرى كۆپرەك شەرقى شىمالدىن چىقىدۇ.
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە لىۋىنچاڭغا  تېلېفون كەلدى.قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا مەلۇم دىلونى ئۇقتۇردى بولغاي.ئۇ تەپسىلى ئاڭلاپ بولۇپ:
- ھازىرلا نەق مەيدانغا بارىمەن .نەق مەيدانغا ئادەم كىرگۈزمەڭلار،-دېدى دە تېلېفوننى قويدى ۋە:
-بىر بوۋاي ھەجگە تەييارلىغان 30مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى دەپ دېلو مەلۇم قىپتۇ. نەق مەيداندا ھېچ قانداق يىپ ئۇچى يوق دەيدۇ مەن بىلەن بېرىپ باقامسەن؟،-دەپ سورىدى مەندىن.
-مەن بارسام قائىدىگە سىغامدۇ؟،-دەپ سورىدىم ئىككىلىنىپ.
-سىغىدۇ.
مەنغۇ ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشىشنى خالاپ كەتمەيمەن. لېكىن بۇ ئىشقا ئارلاشقۇم كەلدى.چۈنكى نۇرغۇن  بوۋاي -مومايلارنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى ھەرەمگە بېرىش.يول راسخودى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان نەرسە.ئۇ بوۋايغا راستىنلا ئىچىم ئاغرىدى.
بىز لىۋىنچاڭنىڭ ماشىنىسىدا نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدۇق.بوۋاي بىزنى سىرتتا ساقلاپ تۇرغانىكەن .بوۋاينىڭ ئىچى قاتتىق پۇشقانلىقى ئۇنىڭ قارىداپ كەتكەن چىرايىدىن ئېنىقلا بىلىنىپ تۇراتتى.بوۋاي لىۋىنچاڭنىڭ دىلۇغا مەسئۇ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپلا تەخىرسىزلىك بىلەن  سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەن ئاتمىش سەككىز ياشقا كىردىم.ئىسمىم قادىراخۇن. مەلىمىزدىكى مەسچىتنىڭ يېنىدىكى كاۋاپداننى مەن ئاچىمەن. ھەجگە ئاتاپ تىرشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ يىغقان ئازراق پۇلۇم بار ئىدى.بۈگۈن بازاردىن يېنىپ  بۈگۈن سودا قىلغان پۇلنى قوشىۋىتەي دەپ قارىسام پۇل ئورنىدا يوق، ھەي!!!....
بوۋاينىڭ سۆزىنى يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچى لىۋىنچاڭغا تەرجىمە قىلىپ بەردى.لىۋىنچاڭ تەرجىمانى ئارقىلىق بوۋايدىن بەزى سۇئاللارنى سورىدى.
-يۈتكەن پۇلنىڭ ئېنىق سانى قانچە؟
-32400يۈەن.
-پۇلنى نېمىشقا بانكىدا قويمىغانتىلە؟
-مەن بانكىنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ بولالمايدىكەنمەن،چىكەنجىنىمۇ ئىشلىتەلمەيمەن.
-ئۆينىڭ نەرىگە قويغان؟
-ياستۇقنىڭ قېتىدا ئىدى.
-پۇلنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نەدە كۆرگەن؟
-تۈنۆگۈن بازاردىن يانغاندا بار ئىدى.
-پۇلنى سىزدىن باشقا كىم بىلەتتى؟
-ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئۇ ھەممىنى تەپسىلى خاتىرىلەپ بولغاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ ئۆيىگە يەنى نەق مەيدانغا كىردۇق.ئۆي تۆت قەۋەتلىك بىر كونا بىنانىڭ بىرىنچى قەۋەت سول قول تەرەپتە ئىدى، مۆلچەرىمچە 35كۇۋادىرات مېتىر ئۆپچۆرىسىدىكى چوڭلۇقتىكى چاققانغىنە بىر يۈرۈش بىر ئېغىز ئۆي ئىكەن.پۈتۈن ئۆينى تەپسىلى كۈزىتىشكە باشلىدىم.ئۆي بىزەلمىگەن پەقەتلا ھاكتا ئاقارتىلغان.ئۆينىڭ تۈزۈلىشىمۇ ئاددى.ئىشىكتىن كىرىشتە كارىدور. كارىدورنىڭ ئىچىدىكى تامغا  كىشىنىڭ دېققىتىنى ئالاھىدە تارتىدىغان يوغان بىر ئىشكاپ قويۇلغان.ئىشكاپنىڭ ئىچىدە بوۋاينىڭ بىر قانچە ىۇر كىيىملىرى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قويۇلغان بولۇپ ئىچىدىن قويۇق كاۋاپ ھىدى كىلەتتى. كارىدوردا بۇنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. كارىدورنىڭ سول قول تەرىپىدە چوڭراق كەلگەن بىر ئېغىز ھۇجرا ئۆي.ئۆيدە بىر كارىۋات قويۇلغان ، ياندىكى خېلى چوڭ يەر ئاق قالدۇرۇلغان بولۇپ يەرگە ئەرزان باھالىق گىلەم توشقۇزۇپ سېلىنغان،كارۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى كونىراپ سىرىمۇ ئاز قالغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە 14دىئۇملۇق رەڭسىز تىلىۋوزور قويۇلغانىدى .كارىدۇرنىڭ  ئوڭ قول تەرىپىگە ئەپچىللا كەلگەن بىر ئاشخانا ،بىر مۇنچا جايلاشقانىدى.ئاشخانىنىڭ ئوڭ قول تەرىپىگە بىر تەكچەچىقىرىلغان ئۇنىڭغا قازان-قومۇش-چېنە چەينەكلەر تىزىپ قويۇلغان.تەكچىنىڭ يېنىدا كىچىككىنە بىر توڭلاتقۇ.ئۇدۇلدا گاز ئوچاق. مۇنچىغا كەلسەك ئۇ تېخىمۇ ئاددى بىر سۇ ئىسسىتقۇچ ،كىچىككىنە تەرەت كاتىكى. بىر تۇرۇبا تۇربىنىڭ ئاستىغا بىر داس قويۇلغان.ھەممە ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ھىم ئىتىك. بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئانچە مۇنچە بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ۋە بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدىم.
-سىلى يالغۇز تۇرىدىكەنلىدە؟
-شۇنداق.موماي بەش يىل ئاۋال تۈگەپ كەتكەن.
-بالىلىرىچۇ؟
-پەقەت بىرلا قىزىم بار شىڭخادا.ئۇنىڭ بالىسى جىق كۈنىمۇ قەدىر ئەھۋال.يۈز كۆرۈشمىگىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى.
-تۈنۆگۈن پۇلنى قويغاندىن تارتىپ  پۇلنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلگىچە بولغان ئارىلىقتا بولغان ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن،
ھىچنىمىنى قالدۇرماي.
-پۇلۇم تېپىلارمۇ بالام؟،-بوۋاينىڭ ئەس-يادى شۇنىڭدا ئىدى.
-شامال ئۆتمەيدىغان تام، ئىز قالمايدىغان ئىش يوق بوۋا ،بولغان ئىشنى  تەپسىلى سۆزلەپ بەرسىلە ئوغرىنى تېپىشقا جىق ياردىمى بولىدۇ.
-بولىدۇ.مەن تەپسىلى سۆزلەپ بېرەي.ئاخشام پۇلنى قويۇپ قۇيۇپ،ئاشخانىغا كىرىپ چاي قاينىتىپ ،ئازراق نان بىلەن كەچلىك چاي ئىچتىم.
ئاندىن كىچىك تەرىتىم قىستاپ ھاجەتكە كىردىم.ئاندىن چىقىپ كاۋاپنى توغراپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ توڭلاتقۇغا سالدىم.
ئۇنىڭ گېپىنى بۆلمەي تۇرالمىدىم.
-ئۆيگە بىرەرسى كەلدىمۇ؟
-ئاخشام كەلمىدى.
-بۈگۈن كەلدىمۇ؟
-شۇنداق.
-ئەمىسە بىرىنچى قېتىم ئادەم كەلگەندىن تارتىپ سۆزلىسىلە،ئابايقىدەك تەپسىلى قىلىپ.
-بولىدۇ.ئەتىگەن سائەت سەككىزلەردە مەھەللە كومىتېتىدىكى سۇ پۇلى يىغىشقا مەسئۇل ئارزىگۈل دېگەن چوكان پار سۇ پۇلى يىغقىلى كىلىپ سۇ پۇلىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
-سۇ سائىتىنى تەكشۈردىمۇ؟
-شۇنداق.بولمىسا سۇ پۇلىنى قانداق ھىسابلايدۇ؟،-پۇل غېمىدا قالغان بوۋاي سۇئاللاردىن بىر ئاز تېرىكىپ قالغانىدى.
-ئۇ باشقا ئۆيلەرگە كىردىمۇ؟
-ياق. مۇنچىغا كىرىپ سۇ سائىتىنى تەكشۈرۈپلا چىقىپ كەتتى.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-ئاندىن كېيىن بىردەم ئارام ئالاي دەپ ياتقانىدىم.ئۇدۇل قوشنام ھاشىماخۇن كىرىپتۇ.بىردەم ۋەزىيەتنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ ئولتۇردۇق،ئارلىقتا مەن چاي دەملىگىلى چىقتىم.ئۇ بىر قېتىم ئوبۇرنىغا كىرىپ چىقتى.
-چاينى قايناتتىلىمۇ  ياكى چايداندا قايناقسۇ بارمىدى؟
-قايناقسۇ بارئىدى.
-تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتتا چاينى دەملەپ كىردىلە؟
-بىر نەچچە مىنۇتتىلا.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-ھاشىم ئاخۇن سائەت ئونلار بىلەن چىقىپ كەتتى.سائەت ئونبىر ئەتراپىدا ئۆيگە پوچتىكەش كەپتۇ.قىزىم ماڭا قىشلىق ئىچ كىيم ئەۋەتىپتىكەن.
ئۇ ئۇنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىپ، قىزىمنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بەردى.
-سىلىنىڭ ساۋادلىرى يوقكەندە؟
-شۇنداق.
-ئۇ پوشتىكەچنى ئوبدان تونۇملا؟
-خېلى ئوبدان تونۇيمەن.ئۇ بۇ يەرلەرگە خەت توشۇۋاتقىلى ئىككى يىلچە بولدى. مەن بۇ يەردە ئۇزاق تۇرغاچقا مەھەللىدىكىلەرنى ئاساسەن تونۇيمەن.بەزى كىشىلەرنى تاپالمىسا ئۆيىنى مەن كۆرسىتىپ قويىمەن.ئۆزىمۇ ياخشى بالا .ئۆتكەندە بىناغا ئوت كەتكىلى تاس قالغاندا شۇ بالا
بەك كۈچ چىقىرىپ ئوتنى ئۆچۈرىۋالغان.مەلىدىكى ياش باللا ‹‹ئوت كەتتى››دەۋاتسا يىراق قېچىپ تۇردى.
-داۋامىنى سۆزلىسىلە .
-ئۇ خەتنى ئوقۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۆيدىن قەلەم ئېلىپ چىقىپ تاپشۇرۇۋالغانلىق ئىسپاتىغا ئىسمىمنى يېزىپ بەردىم.ئاندىن ئۇ قايتتى.
-ئۆيگە كىردىمۇ؟
-ياق.بوسۇغىدىنلا قايتتى.
-داۋامىنى سۆزلىسىلە.
-ئاندىن كېيىن ئۆيدە ئازراق كاۋاپ بار ئىدى ،چاي دەملەپ نان بىلەن شۇنى يىدىم.ئاندىن تاھارەت ئېلىپ جۈمەگە چىقىپ كەتتىم.جۈمەدىن يېنىپ بازارغا تەييارلىق قىلاي دەپ ئۆيگە كىرسەم ئۆي چىلىق-چىلىق سۇ.
-ئىشىك ئىتىقمىكەن؟
-شۇنداق.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-قارىسام مۇنچىدىكى تۇرۇبا يولى تىشىلىپ كىتىپتۇ.ئۆيدىكىسى سولياۋ سۇ تۇربىسى بولغاندىكىن ،سولياۋ خالتىدىن بىرنى كۆيدۈرۈپ ئېقىتىپ تۈشۈكنى ھىملەپ قويدۇم .قارىسىام سۇ توختىدى.كاۋاپتاندا كىيىدىغان كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ بازارغا چىقتىم.كۈندىكىدەك سائەت ئىككىدىن ئالتە يېرىمغىچە بازارقىلىپ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.
-ئىشىك ئىتىكمىكەن؟
-شۇنداق.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-قارىسام پۇل يوق شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلدىم.ئۇنىڭ داۋامى سىلەرگە ئايان.
بۇ ئارلىقتا ھېلىقى بالا لى ۋىنچاڭغا بۇلارنىڭ ھەممىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىپ ئۈلگۈردى.لى ۋىنچاڭ بۇلارنى تەپسىلى خاتىرىلىۋالدى ۋە ئۇ بالىغا نەق مەيداننى تەپسىلى سۈرەتكە تارتىشنى بۇيرىدى.مەن ئاۋۋال پامىرنى ئىتىپ تۇربا يولىغا ئېقىتقان سولياۋنى چىقىرىپ قاراپ بېقىپ ئۇنى يەنە شۇ ئۇسسۇلدا ھىملەپ قويدۇم.ئاندىن ئىشكاپنى تەپسىلى كۈزىتىپ چىقتىم.
-ئىشكاپنىڭ ئىچىنى قاچان سۈرتكەن؟،-دەپ سورىدىم بوۋايدىن.
-ئىچىنى سۈرتۈپ باقمىدىم.
بىز ئۆيدىن قايتىپ چىقتۇق.بۇ دىلو ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ئىدى.
-قانداق قارايسەن؟،- دەپ سورىدىم لىۋىنچاڭدىن.
-بۇ ئېنىقلا ئىشكەنغۇ؟
-قانداق؟
-بۇ بوۋاي يالغان ئەنزە مەلۇم قىپتۇ.
-قانداقسىگە؟
- ئىشىكنىڭ قۇلۇپىمۇ ساق دېرىزىمۇ ساق.ئىشىكمۇ ھىم دېرىزىمۇ ھىم .ئوغرى قانداق كىرىپ قانداق چىقىپ كىتىدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئاختۇرۇلغاندەك قىلمايدۇ.لىكىن پۇلنى قويغان يەرنى ھېچكىم بىلمىسە؟ئاختۇرماي قانداق تاپىدۇ؟
-ئەمىسە ئۇ نىمىشقا يالغان ئېيتىدۇ؟
-ئادەم قېرىسا بەزىدە شۇنداق بوپ قالىدۇ.
-مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن.بۇ بوۋاي قېرىغان بىلەن تېتىككەن.ئالجىغان ئادەم دىلونىڭ جەريانىنى ئۇنداق ۋاقتى- سائىتى بىلەن دەپ بېرەلمەيدۇ.
-مەن ئويلىغىنىمنى دەپ بولدۇم،ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى.
-بۇنىڭ ئوغۇرلىق دىلوسى ئىكەنلىكى ئېنىق.ئىشىك-دېرىزىنىڭ ئىتىكلىكىدىن قارىغاندا ئوغرى چوقۇم مەلۇم بىر پۇرسەتتە ئۆيگە يوشۇرنىۋالغان.
ئۇ ئۆيدە يوشۇرۇنغىدەك يەردىن پەقەت ئاشۇ ئىشكاپلا بار .مەن ئىشكاپنىڭ تېگىگە قارىسام ئازراقمۇ چاڭ- توزان يوقكەن.لىكىن بوۋاي ئۇ يەرنى تازلىماپتۇ،دىمەك بىرەيلەن مەقسەتلىك ئاياق ئىزىنى يوقاتقان.
-ئەمىسە يەردىمۇ ئىز يوققۇ؟
-سۇنى شۇڭا قويۇپ بەرگەندە.ئۇ تۇرۇبا يولىدىن يا ئىسسىق سۇ ماڭمىسا نىمىدەپ يېرىلغىدەك؟
-ئىشىكلەردىمۇ بارماق ئىزى يوق.
-ئۇ پەلەي كىيىۋالغان.
-ئەمىسە ئۇ پۇلنى قانداق تاپالايدۇ؟
-ئۇ پۇلنىڭ نەدىلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ.
-قانداقسىگە؟
-چۈنكى ئۇ ئاختۇرمايلا تاپالىدىدە.
-ئەمىسە ئۇ قاچان كىرىۋالغان؟
-ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن ئونبىر بولغان ئارلىقتا كىرىپ ،بوۋاي جۈمەگە چىقىپ كەتكەندە قېچىپ كەتكەن.
-ئۇ قانداق كىرىۋالغان؟
-ئۈچ ئادەمنىڭ بىرەرسى بوۋاينىڭ دېققىتىنى تارتىپ تۇرغان.ئوغرى شۇ چاغدا ئىشكاپقا مۆكۈنگەن.
-ئۇلارنىڭ قايسىسى؟
مەن جىمىپ قالدىم.بۇ دەل مىنى قىيناۋاتقان مەسىلە ئىدى. ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسىنىڭ ئېھتىماللىقى بار لېكىن تۇتۇۋالغىدەك بىرەر يوچۇق يوق ئىدى.
لى ۋىنچاڭمۇ جىمىپ قالغانىدى. ئۇ ماشىنىسىدا مىنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى.
-خوش،لى ساقچى ئەمەلدارى مەن بىرەر ئىشنى بايقىسام ساڭا خەۋەر قىلىمەن.
-بولىدۇ تىلىفۇن قىلىشايلى ئەمىسە.يەنە بىر ئىش ئىسمىمنى ئۇدۇل چاقىرىۋەر بىز دوستقۇ؟
-چاتاق يوق.
-مەنغۇ بىرەرسى بىلەن ئۇنچە ئاسان دوستلىشىپ كەتمەيمەن،ئەمما لىۋىنچاڭ ماڭا خېلى ياخشى تەسىر بەرگەنىدى.مەن خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلەيمەن.ئەمما تەلەپپۇزۇم بەك ناچار.لىۋىنچاڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم پاراڭلىشىش جەريانىدا،ئۇنىڭدا كۆنەلمەسلەك ،مەنسىتمەسلىك ياكى زاڭلىق قىلىش ئالامەتلىرى پەقەتلا كۆرۈلمىدى. ئۆزىمۇ ئوچۇق- يورۇق .
ياتقاچ بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى قايتا-قايتا ئويلاپ،كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلەتتىم.لىكىن ھېچ بىر ئۇچىنى تاپالمايتتىم.سۇ پۇلى يىغقىلى كەلگەن
ئايال مۇنچىغىلا كىرگەن.ئوغرىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئىشكاپقا مۆكۈۋىلىشى تەس.مونچا ئىشكاپقا بەك يېقىن.قادىر بوۋاي مونچا تەرەپكە قارىسىلا ،ئىشكاپ
ئۇنۇڭغا كۆرۈنىدۇ.ھاشىم ئاخۇنغا كەلسەك ئۇنىڭ ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى،يەنى قادىر بوۋاي چاي دەملىگىلى كىرگەندە ئىشىكنى ئېچىپ ئوغرىنى كىرگۈزىۋېتىپ، ئۆزى چاندۇرماي ئولتۇرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.لىكىن بۇ ئىشلار ناھايىتى چاققانلىق ،يۈرەك ۋە تەمكىنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.پوچتىكەش ئۆيگىمۇ كىرمىگەن ئۇنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك.مۇشۇ خىياللار كاللامنى چىرمىۋېلىپ ھېچ بىر ئوچۇق نەتىجە چىقىرالماي كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىمىدىم.
ئەتىسى لىۋىنچاڭغا تېلېفۇن قىلدىم ئۇ ماڭا ئۈچەيلەننى تەپسىلى تەكشۈرگەنلىكىنى ھېچ قايسىسىنىڭ جىنايەت تارىخى يوقلىقىنى ئېيتتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۈچەيلەن بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشقا كىلىشتىم.يولدا ماڭغاچ ئۇنىڭغا قىياسلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم .ئاۋۋال ئارزىگۈلنى ئىزدەپ
باردۇق .ئۇ نىڭ بىلەن بىر ئاز پاراڭلاشتۇق.ھېچ بىر گۇمانلىق يەرلەرنى بايقىمىدۇق.بىز ئارزىگۈلدىن ئايرىلىپ گۇمانلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ،
ھاشىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق.ماشىنىدىن چۈشىشىمىزگە قادىر بوۋاي ئۇچراپ قالدى.ئۇ بىر كىچىدىلا خېلىلا ئورۇقلاپ كەتكەنىدى.ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ ،ئۇنىڭغا يولىدا تەسەللىلەرنى بېرىپ ئۇنى بىر ئاز خاتىرجەم قىلىپ ھاشىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كىردۇق.مەن ھاشىم ئاخۇننى كۆرۈپلا بىر ئاز ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولدۇم. چۈنكى بۇ ھاشىماخۇن خېلىلا قېرىلىق يەتكەن ئادەم ئىكەن.لىكىن كۆڭلۈمگە شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالغان بولمىسۇن يەنە دىگەن خىيال كىلىپ، ئۇ بىزگە چاي قۇيغىلى ماڭغاندا  ئۇنى تۇيۇقسىز پۇتلىۋەتتىم.لى ۋىنچاڭ چاققانلىق قىلىپ تۇتۇۋالمىغان بولسا راستلا قاتتىق
يىقىلىپ كىتەتتى.ھاشىم ئاخۇن توغۇرلۇق قىياسلىرىممۇ يوققا چىقىپ،لى ۋىنچاڭ بىلەن پوچتىكەشنى ئىزدەپ ماڭدۇق.ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ جىق رولىمۇ يوق ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپمۇ ھېچ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي ماشىنىغا چىقىپ قايتىشقا تەمشەلدۇق.يولغا چىقىپ بىردەمدىن كىيىن لىۋىنچاڭ
-ئاپلا ~مەن ئۇ ئۈچەيلەن بىلەن بولغان سۆھبەتنى خاتىرلىۋالماپتىمەن،-دىدى ئۆزىچە ئەندىكىپ.
-مىنىڭ ئىسىمدە بار ،دەپ بەرسەم يېزىۋالامسەن يا،-دىدىم چاقچاق ئارىلاش.ئۇ سۆھبەتنىڭ مەنچە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.لىكىن لى ۋىنچاڭنىڭ بۇنچىلىك ئاكتىپلىقىنى كىم بىلسۇن .ئۇ ماشىنىنى بىر يەرگە توختىتىپ خاتىرە دەپتىرىنى ئالدىيۇ شۇنچە ئىزدەپمۇ قەلىمىنى تاپالمىدى.
-قەلىمىم نەگە كەتكەندۇ..سەندە قەلەم بارمۇ؟،-دەپ سورىدى ئۇ ئەستايىدىل قىياپەتتە.
-قەلەم سەندەك خاتىرلىگۈچىدە بولمىسا،مەندە نىمىش قىلىدۇ،-دەپ بولۇپلا تۇرۇپ قالدىم ۋەخوشاللىقىمدىن توۋلاپ سالدىم
- توغرا قەلەم!!!!!ھەجەپ ئسىمگە كەلمەپتا؟نىمىشقا قەلىمى بولمىسۇن؟ھاھاھا.....
-قانداق قەلىمىمنى بىرەر يەردە كۆرگەنمىدىڭ؟-ئۇنىڭ سەبىلەرچە چىرايى ماڭا بەك كۈلكىلىك تۇيۇلدى.
-لى ۋىنچاڭ مەن ئازراق بىر نەرسىنى بىلگەندەك قىلدىم.لىكىن جەزىملەشتۈرەلمەيمەن.يۈر قادىر بوۋاينىڭكىگە ھەيدە!
-نېمە ئىشنى بايقىدىڭ زادى دىمەمسەن!نىمە ئىش قىلىدىغىنىڭنى بىلمەي نەگە دىسەڭ شۇ يەرگە ئاپىرىدىغان شوپۇرۇڭ بولمىسام يا مەن،-دەپ
غۇدۇرىدى ماشىنا ھەيدىگەچ.
-بىر ئاز تەخىر قىل ،مەن ھازىر تېخى قىياسىمنى جەزىملەشتۈرەلمەيمەن.
ھايال ئۆتمەي يەنە قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.بىز ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئاددىغىنا سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن:
-ئالدىنقى قېتىم ئۆزلىرى پوچتىكەشكە قول قويۇپ بەرگىلى ئۆيدىن قەلەم ئېلىپ چىقتىم دېگەن ئىدىلە.
-شۇنداق.
-پوچتىكەچتە قەلەم يوقمىكەن؟
-ئۇ ئاختۇرۇپ تاپالمىدى قارىغاندا چۈشۈرۈپ قويغان ئوخشايدۇ.
بىز يەنە قايتىپ چىقتۇق.
-سەن مۇشۇ بىر جۈملە سۇئالىڭغا بۇ يەرگە كەلگەنمىدىڭ ؟،-دەپ سورىدى لى ۋىنچاڭ.
-ھازىر بۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.سەن دەرھال پوچتىخانىدىن پوچتىكەشنىڭ قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە نەرسە ئەكەلگەندە يەنە قايسى ئۆيلەرگە
كىرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرەلەرسەنمۇ؟
-بۇ كىچىك ئىشكەن.ج خ ئورگانلىرىنىڭ بۇلارنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقوقى بار.
-لېكىن پوچتىكەش ئۇقمىسۇن.
-بولىدۇ.
ئۇ يەنە بىر نەچچە ئۆيگە نەرسە يەتكۈزگەنىكەن بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىر-مۇبىر كۆرۈشۈپ چىقتۇق.ئۇ قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرىشنىڭ
ئالدىدا ئىككى ئۆيگە ،ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئۆيگە نەرسە ئاپارغانىكەن. قادىر بوۋايدىن باشقىلارغا قول قويۇشقا قەلەمنى ئۆزى بېرىپتۇ.ئۇ قەلەم يوق دەپ قادىر بوۋاينى ئالدىغانلىقى ئېنىق .ئۇنىڭدا چوقۇم مەسىلە بار.
لى ۋىنچاڭ قىياسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
-ئۇنى دەرھال قولغا ئېلىش كېرەك.پۇلنى بىرتەرەپ قىلىۋەتمىسۇن يەنە،-دىدى ئالدىراپ.
-نىمە دەپ قولغا ئالىسەن ؟قەلىمىم يوق دەپ ئالدىدى دەپما؟ گۇمان بىلەن24سائەتلا تۇتۇپ تۇرالايسەن.مۇشۇنچىلىك ئىشنى پىلانلىغان ئادەم 24سائەتلىك سوراققا بەرداشلىق بېرەلمەسمۇ؟ ئۇ قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلگەندە تاپالماي، يەنە بىر ئۆيگە كىرگەندە تاپتىم دىسە بولىۋىرىدۇ.
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟،-دېدى ئۇ تىتىلداپ.
-ئىزىغا چۈشىمىز.
-ئەمىسە مەن ئەترەتتىكىلەرگە خەۋەر قىلاي.
-بولمايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرەز خالاس.ئېنىق پاكىت يوق .ۋاقتى كەلگەندە خاتا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىزىم توغرا بولسا ئۇنىڭ يەنە بىر مايمۇندەك چاققان شېرىگى بار .ئامال با ئۇلارنى چۈچۈتۈپ قويمايلى.ئۆزىمىزلا بارايلى يۈر.
-شېرىگىنىڭ چاققانلىقىنى قانداق بىلدىڭ؟
-بوۋاي قەلەمنى ئېلىپ چىققىچە بولغان ۋاقىت بىر مىنوتقا يەتمەيدۇ.بۇنچىلىك ۋاقىتتا  تىۋىشسىز ئىشكاپقا مۆكۈنەلىگەن ئادەم ئەلبەتتە چەبدەس بولىدۇدە.
بىز ئۇنىڭ پوچتىخانىدا ئىشتىن چۈشۈشىنى كۈتتۇق.ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ بىرەر سائەت تورخانىدا ئولتۇردى.ئاندىن كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتماي بىر نەچچە يەرگە تىلىفون قىلدى.بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭ  ئىككى دوستى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.قارىغاندا ئۇلار يەنە ئادەم ساقلاۋاتاتتى. بىردەمدىن كىيىن چېچىنى غەلىتە بويىۋالغان، بويى پاكار، 15ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بالا ئاشپوزۇلغا كىرىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇردى.ئۇلار تاماق بۇيرۇتۇپ ،تاماق چىققاندىن كىيىن ھاراق ئىچكەچ پاراڭلاشتى.كەيپىياتى بەكلا كۆتۈرەڭگۈ،
بىرەر ئىشنى تەبرىكلەۋاتقاندەك قىلاتتى.لى ۋىنچاڭ بۇ داشقاللار چوقۇم ئاشۇ بىچارە بوۋاينىڭ پۇلىنى خەجلەۋاتىدۇ دەپ توختىماي تىللاپ ئولتۇردى.
بىر دەمدىن كىيىن ئۇلار يەپ -ئىچىپ قېنىپ قايتىپ چىقىشتى.مەن لى ۋىنچاڭغا :
-لى ۋىنچاڭ ،نىشان ئۆزگەردى ،بىز ئاۋۇ بالىنىڭ پېيىگە چۈشەيلى،-دىدىم بالىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.
-پوچتىكەچنى يۈتتۈرۈپ قويساق بولماس؟،-دىدى ئۇ ئىككىلىنىپ.
-ئەگەر پۇلنى شۇلار ئالغان بولسا،بۇگۈن چۇقۇم غەلبىسىنى تەبرىكلەپ ئولتۇرۇش قىلدى.بىر كىچىك بالىنى ئۈچ چوڭ ئادەمنىڭ ئاتايىتەن تاماق يىمەي ساقلىغانلىقىدىن قارىغاندا،ئۇ چوقۇم تەبرىك سورىنىدىكى مۇھىم شەخس. مىنىڭچە مۆكىنىۋالغىنى دەل شۇ.ئەگەر بۇلار ئالمىغان بولسا بوچتىكەشنىڭ پېيىغا چۈشىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
-چوقۇم مۇشۇلار ئالدى،-دەپ قويدى لى ۋىنچاڭ.مەن ئۈنسىنمىدىم.
ئۇلار بىردەم خوشلاشقاندىن كىيىن ،پوچتىكەش باشقا ياققا،قالغان ئۈچەيلەن ئارىسىدىن بىرى ھەيدەپ كەلگەن ‹‹ئاۋتو››ماشىنىغا چىقىپ ماڭدى.
بىز ئۇلارغا يىراقتىن ئەگىشىپ خېلى ماڭغاندىن كىيىن،ئۇلار تاغ ئۈستىگە  قولىنىڭ ئۇچىدىلا كىسەك بىلەن قوپۇرۇپ قويغان ئىككى قەۋەتلىك بىر قوروغا كىرىپ كەتتى.ئەتراپتا مۇشۇ قورودىن باشقا بىرەر ئۆيلۈك ئادەممۇيوق ئىدى. مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ قورونىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ،قورونىڭ ئىشىكى  يېنىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر دۆۋە ئەخلەتكە يېقىنلاشتىم.يۈرىگىم سېلىپ كىتىۋاتاتتى.مەن ئۆزەمنىڭ قورقۇنچاق ئىكەنلىكىمنى يوشۇرمايمەن.لىكىن ئەخلەتنى بىر ئاختۇرۇپ باقمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. چۈنكى ئەخلەتنى ئوبدان كۆزىتىپ ،ئانالىز قىلغاندا،بىر  ئۆيدە تەخمىنەن قانچە ئادەم بارلىقى،جىنسى،نىمە يىگىنىدىن تارتىپ بىلگىلى بولىدۇ.تەۋەككۈل  قىلىپ ئامال بار تىۋىش چىقارماي ئەخلەتنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.كاللامدا توختىماي ئانالىز قىلاتتىم.بۇ مۆلچەرىمچەبىرەر ھەپتىدە يىغىلغان ئەخلەت. ھەيز قەغىزى ،گىرىم بۇيۇم لىرىنىڭ قۇتىسى دىگەندەك نەرسىلەر كۆرۈنمەيدۇ،قارىغاندا قورودا ئايال كىشى يوقكەن.ئوھوي ئۇكۇل؟ ھەجەپ ياخشى.....ئەگەر بىۋاستە پاكىت تېپىلمىسا ئۇلارنى قورقماي تۇتۇپ ئەكەتسەك بولىۋېرىدۇ دىگەن گەپ.سۈيدۈكىنى بىرلا تەكشۈرسەك،زەھەر چەككەنلىكى مانىمەن دەپلا چىقىدۇ.قانچىلىك سوراق قىلاي دىسەك قىلالايمىز.ھوي بۇ نىمە؟ مەن يەنە بىر تېخى تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان قارا رەڭلىك
رەخ پارچىسىدىن بىرنى تېپىۋالدىم.كەچۈرۈڭلار مەن قىززىققان نەرسەمنى پۇراپ بېقىش ئادىتىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن.ئەمدى رەخ پارچىسىنى بۇرنۇمغا ئاپىرىشىمغا ،بىر قول مۈرەمدىن ‹‹كاپ››قىلىپ تۈتتى.يۈرىكىم قارتلا قىلىپ ۋارقىرىتىشكە تاسلا قالدىم،قارىسام ئۆلگۈر لى ۋىنچاڭ ئىكەن.
-نىمىش قىلىۋاتىسەن؟يۈرىگىمنى ئالدىڭ،-دىدىم پەس ئاۋازدا ئاچچىقلاپ.
-سەن نىمىش قىلىۋاتىسەن ئىتتەك ئەخلەتنى پۇراپ؟،-ئۇنىڭ چىرايىدىن مىنى بىر چۈچىتىۋالغانلىقىغا ئىنتايىن خوش بولۇپ كەتكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.
مەن گەپ قىلماي ئاباي پۇراشقا ئۈلگۈرمىگەن رەختنى راسا بىر پۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنى لى ۋىنچاڭغا سۇندۇم .ئۇمۇ رەختنى ھەيرانلىقتا بىر قولىغا ئېلىپ راۋۇرۇس پۇرىۋېتىپ‹‹كۆيۈك؟››دەپ سورىدى مەندىن ،مەن بېشىمنى سىلكىپ يەنە بىر پۇرا دەپ ئىشارەت قىلدىم.ئۇ يەنە بىر ئوبدان
پۇرىۋەتكەندىن كىين ‹‹كاۋاپ؟››دەپ سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى.مەن ئاباي ئانچەجەزىملەشتۈرەلمىگەنىدىم،لى ۋىنچاڭغىمۇ پۇرىغانىكەن
كاۋاپپۇرىغىنى چوقۇم توغرا ئىدى. مەن لى ۋىنچاڭغا ماشىنىنى ئىشارەت قىلدىم.ئىككەيلەن ماشىنىغا چىقتۇق مەن ئۇنىڭغا:
-ئوغرى چوقۇم مۇشۇ يەردىكەن.بۇ رەخت دەل ئىشكاپقا يۇشۇرۇنغاندا كىيگەن كىيىمنىڭ پارچىسى. شۇڭا ئۇنىڭدا قادىر بوۋاينىڭ ئىشكابىدىكى
كاۋاپ پۇرىقى سىڭىپ قالغان.ئۇ شۇ كۈنى كىيگەن بارلىق كىيىم-كىچىكىنى كۆيدۈرىۋەتكەن،تەلىيىمىزگە بۇ رەخ پارچىسى كۆيمەي قالغان، ئاباي ئەخلەت ئارىسىدىن يەنە  بۇنى تېپىۋالدىم.بۇ ئۇنىڭ شۇ كۈنى كىيگەن ئايىغىنىڭ چەمى.رەختى كۆيۈپ چەم ساق قالغان.ئەترەتكە ئەمدى خەۋەر قىل،-دىدىم.
-بۇلارمۇ كۈچلۈك ئىسپات بولالمايدۇ ،-دىدى لى ۋىنچاڭ ئۇھسىنىپ.
-خاتىرجەم بول ئۇنى تۇتساقلا بولىدۇ.
-ئىقرار قىلمىسىچۇ؟
-چوقۇم قىلىدۇ،-دىدىممەن ئىشەنچىلىك.
بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن لى ۋىنچاڭ بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتى. چۈكى ئۇ ماڭا ئىشىنەتتى.ئۇ تىلىفون ئۇرۇشقا باشلىدى.بىردەمدىن كىيىن ئاچچىغىدا‹‹ئاناڭنى ››دەۋەتتى ئۇ.ئەسلى بۇ تاغدا تىلىفون ئىشلىمەيدىكەن.مىنىڭمۇ شۇنداق ئىدى.لىۋىنچاڭ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كيىن
- سەن ئۇلارغا قاراپ تۇر مەن ئادەم ئېلىپ چىقاي!،-دىدى.
-نىمە ؟ مەن  گىياھ ئۈنمەيدىغان مۇشۇ قاقاس تاغدا يالغۇز قالامدىم؟ئۇلار مىنى بايقاپ قالسا ،مەن ھەرگىز ‹‹ئاۋتو››بىلەن يۈگرەشتە بەسلىشەلمەيمەن.
-يۈر ئەمىسە. بىللە بېرىپ  كىلەيلى.
-بولمايدۇ ئۇلارنىڭ بۇيەردە قانچىلىك تۇرىدىغىنىنى ئۇقۇپ بولمايدۇ.مەخسۇس زەھەر چىكىش ئۈچۈنلا كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن،ئەڭ ياخشىسى
ئۇنى يوقىتىپ قويمايلى.
-ئەمىسە سەن مىنىڭ خىزمەت كىنىشكەمنى ،كىملىكىمنى ئېلىپ ئىدارىغا بار ،مەن ساقلاپ تۇراي.
-مەن ماشىنا ھەيدىيەلمەيمەن.
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
-تاپانچاڭ بارمۇ؟
-ياق.ئادەتتە خەتەرلىك ۋەزىپە بولمىسا ئېلىپ يۈرمەيمىز.
-ئەمىسە ئۆزىمىز تۇتايلى.
-خەتەرلىك ئەمەسمۇ؟
-مەن ئىككىسىگە تېتىيمەن،سەن ئاشۇ بالىنى قاچۇرىۋەتمىسەڭلا بولدى.
-قورودا باشقا ئادەم بولسىچۇ؟
-يوق،-دىدىم كىسىپلا.
-بولىدۇ،سەن دىگەندەك قىلايلى،- ئۇ ماڭا بەكلا ئىشىنەتتى.
-ھېلى ئۇلار تۇرغان ئۆينى تېپىپ،مەن ئۈچ دىگەن ھامان تەڭلا بۆسۈپ كىرىمىز.تەمتىرەپ قالغان ئادەمنى جايلىماق ئاسان.
-مەيلى.
بىز ئاستا مېڭىپ قورو ئىچىگەكىرىپ ،بىناغا يېقىنلاشتۇق.تەلىيىمىزگە ئۇلار ئىتمۇ باقماپتۇ.بىنانىڭ كارىدورىدا چىراق يوق ئىدى.ئۇلار ئىچىدىكى ئۆيدە بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ ئولتۇراتتى.بىز تام ياقىلاپ ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق .مەن ساناشقا باشلىدىم.
-بىر...ئىككى....تۆت!
لى ۋىنچاڭ ساناقنى ئاڭقىرىپ بولالماي ،ئىشىكتىن ئېتىلىپلا كىرىپ كەتتى.مەن يەردىن بىر خىش پارچىسىنى ئېلىپ تام كەينىگە مۆكۈندۈم.
ئىچىدىن ۋارقىراشلار،بىر نەرسىلەرنىڭ ئۆرۈلگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى.جىدەل راسا قىزىغانىدى.مىنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا تاقىتىم يوق.
ئوۋغا تىكىلگەن بۈركۈتتەك ئىشىككە پۈتۈن دېھقىتىم بىلەن قاراپ تۇراتتىم.تۇيۇقسىز شىپ قىلىپلا بىرى ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى،كىلىشتۈرۈپ خىش بىلەن بېشىغىلا بىرنى سالدىم.ئۇ‹‹ۋايجان››دەپلا گۈپ قىلىپ چۈشتى.ئىچىدىكى جىدەلمۇ بېسىققانىدى.ئاستا مارىلاپ باقسام تۆتەيلەن يەردە سۇنايلىنىپ
يېتىپتۇ.لى ۋىنچاڭ باش كۆزلىرى قان. ھەدەپ ئۇلارنىڭ بەلتاسمىسىنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى باغلاۋېتىپتۇ.ئۇ ھەممەيلەننى باغلاپ بولغاندىن كىيىن،
مەن ئاندىن ئۆيگە كىرىپ ،لى ۋىنچاڭغا ياردەملەشتىم.مىڭ تەستە بەشەيلەننى ماشىنىغا بېسىپ بولدۇق.شۇ چاغقىچە بىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.
ئۇنىڭ چىرايىدىن قاتتىق جىلە بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.ئاخىرى چىدىماي سۆز ئاچتى ئۇ:
-بىللە بۆسۈپ كىرىمىز دىگەنىدۇققۇ؟
-مەن ئۈچ دىمەستە كىرىپ كەتتىڭدە،تۆت بىلەن ئۈچنىڭ خېلى پەرقى بار،-دىدىم مۇغەمبەرلىك بىلەن.
-ھەرنىم بولسا بۇ داشقاللار خېلى چىكىپتىكەن،بولمىسا ئۆلۈگۈم چىققان بولاتتى،ئۈچەيلەندىن باشقا ئادەم يوقمىش تېخى.
-قاخشاۋەرمە بولدى.مەندىن ئۆتكەن بولسۇن ،مەن سىنىڭ ئۇلارغا تېتىيالايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ مۇھىم ئادەمنى مەن يىقىتتىمغۇ مانا.
-ھىم.كىچىك بالىنىڭ كەينىدىن كىسەك بىلەن ئۇرۇپ تېخى كۆرەڭلەپ كەتكىنىنى.
-ئامال يوق .ئىشقىلىپ مەن بولمىسام قاچۇرىۋىتەتتىڭ.
-راستلا چاققان نىمىكەن،پەقەتلا تۇتۇق بەرمىدى،شۇنى تۇتىمەن دەپمۇ جىق تاياق يەۋالدىم.ھە راست!سەن قانداق بىلدىڭ مىنىڭ گۇمپامنىڭ ياخشىلىقىنى؟
-سىنىڭ پاگونۇڭ بىر سىزىق ئۈچ يۇلتۇز ئىكەن.سىنىڭ بۇ يېشىڭدا خىزمەت كۆرسەتمىسەڭ،خىزمەت سىتاجىڭ ھەرگىز ئۇنىڭغا توشمايدۇ.سىنىڭ بۇ كاللاڭ بىلەن مۇرەككەپ دىلولارنى پاش قىلىپ كىتىشىڭ ناتايىن .سەن دىلو پاش قىلالمىغاندىكىن چوقۇم باتۇرلۇق قىلغان. ئاباي ھاشىماخۇننىمۇ
ناھايىتى ئەپچىل يۆلىۋالدىڭ. مەن خېلى  ھۇشيار ئادەم ئاباي ئەخلەتخانىدا سەن مۆرەمنى تۇتمىغۇچە سىنىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىڭنى سەزمەپتىمەن.
سەن خېلى ئوبدانلا مەشىق كۆرگەن.
-ھىم....
-ھازىر سىنىڭ ئۆيەڭگە بارايلى.
-مۇشۇ بەشەيلەننى ئېلىپ؟
-شۇنداق.
-ئاۋۋال سوراق قىلمامدۇق ئاپىرىپ؟
-ئىدارەڭگە بارساق مەن ئۇنى سوراق قىلىشقا ھەرگىز قاتنىشالمايمەن.
-ئۆيدىمۇ ئىقرار قىلدۇرالمىساق چاتاق بولىدۇ.ئۆز ئالدىغا سوراق قىلىش قانۇنغا خىلاپ.
-ئۇ چوقۇم ئىقرار قىلىدۇ.
ئۇ خېلى ئۇزۇندا ھوشىغا كەلدى.بىز ھېچنىمە دىمەي ئۇنىڭغا قاراپلا تۇردۇق.سۈكۈت بىر ئازداۋاملاشقاندىن كىيىن ئۇ ئېغىز ئېچىپ:
-مىنى نىمىشقا تۇتىسىلەر؟ئاباي مىنى كىم ئۇردى ؟مەن ئەرز قىلىمەن،- دىدى پوپاڭلىق بىلەن.
مەن ئالدىرىماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم .ئۇ ئېلىپلا گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى.
-سىنى شېرىگىڭ ئىقرار قىلىپ بولدى...پۇل نەدە؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
-نىمە پۇل؟ نىمە شېرىك مەن چۈشەنمىدىم،-دىدى ئۇ خۇپسەنلىك قىلىپ.
مەن ئالدىرىماي ئۇلارنىڭ قەلەمدىن پايدىلىنىپ كىرىۋالغىنىدىن تارتىپ،سۇ قويۇپ ئاياق ئىزىنى يۈتتۈرگەنلىكىگىچە،قادىر بوۋاي مەسچىتكە ماڭغاندا غىپپىدە قاچقىنىدىن تارتىپ، شۇ كۈنى كىيگەن كىيىمنى كۆيدۈرگىچە بولغا ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم .ئۇنىڭ بېشى بارغانسىرى چۈشۈپ كەتتى.ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹ئويلاپ باق ئۇ ئىقرار قىلمىسا بىز سىنىڭ ئۇ تاغدا ئىكەنلىكىڭنى قانداق بىلەيلى؟››دەپ گەپنى ئاخىرلاشتۇردۇم مەن.
-ھۇ نامەرت،-دىدى ئۇ ئاچچىقلاپ.
-سەن كىچىككەنسەن ،سىنى بەك ئۇزاق يېتىپ نابۇت بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاپ  سىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ يوللايدىغانغا كىلىشتۇق.كىيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمە،-دىدىممەن كۈيۈنگەن قىياپەتتە.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن پوزىتسىيىسى ياخشىلىنىپ ،ھەممىنى ئىقرار قىلدى.ئەسلى پوچتىكەش ئۇنىڭغا ئونمىڭ يۈەن بېرىدىغانغا كىلىشىپ ئۇنى ياللىغان ئىكەن.500يۈەنگە خىروئىن سېتىۋاپتۇ قالغىنى بانكا كارتىسىدا بار ئىكەن.  ئىقرارنامىنى يازغۇزۇپ قولنى قويغۇزۇپ ئۇھ..دىدۇق.
ئۇنىڭ ئىقرارى بىلەن پوچتىكەشمۇ قولغا چۈشتى. ئۇمۇ مىڭ يۈەننى خەجلەپ بوپتۇ.قالغىنى بار ئىكەن. ئۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ راسا ئۇخلىدىم.
ئەتىسى قاماقخانىدا لى ۋىنچاڭ ماڭا پوچتىكەش بىلەن كۆرۈشىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى.مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ كۆرۈشكۈم بار ئىدى.چۈنكى يىشىلمىگەن بىر تۈگۈن بار ئىدى بۇ تۈگۈننى پەقەت ئۇ ئۆزىلا يىشەلەيتتى.لى ۋىنچاڭدىن ئۇقسام ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن.
ئۇ ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ:
-مەن تۇتۇلۇپ قېلىشىمنى يەنە كىلىپ بىر كۈندىلا  پاش بولۇپ قېلىشىمنى پەقەت ئويلىمىغانىدىم.پىلانىمدىن سۇ كىرمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.
مۇمكىن بولسا مىنى قانداق پاش قىلغانلىقىڭنى سۆزلەپ بەرسەڭ،قانداق مەغلۇپ بولغىنىمنى بىلىپ قالسام.
مەن دىلو جەريانىدىكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم.ئۇ جىمجىت ئاڭلاپ ئاخىرىدا ئۇھسىنىپ قويدى.
-مەنمۇ سىنىڭ سۇئالىڭغا جاۋاپ بەردىم .مىنىڭمۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . سەن بوۋايدا پۇل بارلىقىنى ۋە نەگە قويغانلىقىنى قانداق بىلدىڭ؟،-دەپ سورىدىم سىلىق ئاھاڭدا.
-بوۋاينىڭ ئۆيىدە تىلىفۇن يوق. قىزى ئۇنىڭ بىلەن خەت -چەكتە ئالاقىلىشىدۇ.بوۋاينىڭ ساۋادى بولمىغانلىقتىن جاۋاپ خەتنى بەزى مەن يېزىپ بېرەتتىم. بىر قېتىم بوۋاي خەت ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ھەرەمگە مېڭىشقا پۇل يىغىۋاتقانلىقىنى شۇڭا قىزىغا پۇل ئەۋەتەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.شۇنىڭدىن
كىيىن شۇ پۇل كاللامغا كىرىپلىۋالدى.مەن بوۋاينى ئوبدان كۈزەتتىم ئۇ كۈندەچۈشكىچە ئۆيدە كاۋاپ ئۆتكۈزۈپ چۈشتىن كىيىنكى بازارغا تەييارلىق قىلىدۇ.پىشىندىن كىيىن بازارغا چىقىپ سائەت ئالتە يېرىملاردا دۇكاننى تاقاپ بازارداتاپقان پۇلىنى ئۆيگە ئەكىرىپ كىتىدۇ.كەچتە ھېچ يەرگە بارماي ئارام ئالىدۇ.ئاساسەن كۈندە مۇشۇنداق.دىمەك پۇل ئۆيدە. بىر كۈنى بوۋاي سىرتقا چىقىشى بىنانىڭ يەر ئاستىدىكى بىر كۆرپىگە ئوت قويۇۋەتتىم.ۋە بوۋاينى ئۆيىڭىزگە ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ چاقىرىپ كەلدىم .زال پۈتۈن ئىس بولۇپ كەتكەن بولۇپ،ئىسنىڭ نەدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان بوۋاي يۈگۈرۈپ ئىشىكنى ئاچتى،-دە،كىرىپ ياستۇقنى قولىغا ئالدى.بۇ ئەسكى ياستۇق ئەلۋەتتە ئۆيدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس. مەن سەپسالمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم دە كۈچەپ ئوت ئۆچۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتىم،-دەپ سۆزىنى تۈگەتتى ئۇ.
كۆڭلۈمدىكى تۈگۈن ئاخىرى يىشىلدى.
چىقىپ تۈنۆگۈن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتش داۋامىدا تاياق يەپ چىرايى مۈشۈكئېيىققا ئوخشاپ قالغان لى ۋىنچاڭ بىلەن بىللە قادىر بوۋاينى يوقلاپ باردۇق.لى ۋىنچاڭ 32400يۈەننى قادىر بوۋايغا تۇتقۇزدى.قادىر بوۋاي خوشال بولغىنىدىن يىغلاپ تاشلىدى.بىزگە جىق رەھمەت ۋە دۇئالارنى قىلىپ كەتتى.بىزمۇ يەلكىمىزدىن بىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدۇق.مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغاچ:
-كىيىن يەنە دىلولار بولسا ساڭا تىلىفۇن قىلىمەن،-دىدى لى ۋىنچاڭ.
-چاتاق يوق،-دىدىممەن كىسىپلا.
-سىنى قوشۇلماسمىكى دەپ ئويلىغانىدىم،-ئۇ.
-ئۇلار خەجلىۋەتكەن 1500يۈەن پۇلنى ئۆزەڭ قوشۇپ بوۋاينىڭ پۇلىنى تولۇقلاپ قويغىنىڭ ئۈچۈن گېپىڭگە قوشۇلدۈم.بولمىسا مەن مائاشسىز رازۋىتچىك بولۇشنى پەقەت خالىمايمەن.
شۇ پاراڭلار بىلەن ئۆيگىمۇ كىلىپ قالدۇق.مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.قارىسام تىلىفونۇمغا لى ۋىنچاڭدىن مۇنداق ئۇچۇر كەپتۇ.
‹‹بىر...ئىككى...تۆت...،سەن بەك مۇغەمبەركەنسەن››



____________




جىرىڭ...جىرىڭ...جىرىڭ!!!!!!
ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىمنى يىرتىپ ئېچىپ،سائىتىمگە قارىسام ئەمدى تۆت بوپتۇ.چۈشنىڭ تاتلىق يېرىگە كەلگەنىدىم.چۈشتىن كىيىنلىك ئۇيقۇمنى
بىرى بۇزىۋەتسە بەكلا ئاچچىغىم كىلىدۇ.يەنە لى ۋىنچاڭكەن.تىلىفۇننى ئالدىم.
-نىمىشقىلىۋاتىسەن رازۋىدكا ماھىرى؟،-دەپ سورىدى ئۇ.
-ئۇخلاۋاتقانتىم.ئۇيقۇ بۇزۇش ماھىرى.
-مەن ئۇيقا بۇزۇش ماھىرى ئەمەس،سەن ئۇخلاش ماھىرىكەنسەن.قاچانلا تىلىفۇن قىلسا قاخشاپ.
-مەن كاللامنى ئىشلىتىپ نېرۋام چارچاپ كىتىدۇ.شۇڭا ئۇخلايمەن.سەنغۇ بىرەر سوتكا ئۇخلىمىساڭمۇ ھېچنىمە بولمايسەن .
-بولدى مەن ساڭا گەپتە تەڭ كىلەلمەيمەن .بىرى ئېسىلىپ ئۆلىۋاپتۇ كىلەمسەن ؟
-قىزمىكەن؟
-بىر بوۋاي.
-نەق مەيدان نەدە؟
-شىمالى كۆلگە چىقىپ كىتىدىغان يولدىكى شىياڭ لې ئاھلىلىكلەر قوراسىنى ئۇقامسەن؟
-بىلىمەن.
-ئىككىنچى بىنا بىرىنچى كورپۇس 18-قەۋەت 1802-نومۇرلۇق ئۆي.
-بىلدىم.
لى ۋىنچاڭ بىلەن ئاددىلا كۆرۈشۈپ دىلوغا چۈشۈپ كەتتۇق.لى ۋىنچاڭ ئاۋۋال ماڭا ئازراق چۈشەنچە بەردى.
-ئۆلگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى لىيۇ خاۋ ئەن.72ياش.بويى 1مىتىر 65سانتىمىتىر.63كىلو .پېنسىيىگە چىققان تېخنىك.بىر بېقىۋالغان ئوغلى بار.باشقا ئائىلە تاۋاباتلىرى يوق.دىلونى بېقىۋالغان ئوغلى بۈگۈن سائەت تۆتتىن 15مىنۇت ئۆتكەندە مەلۇم قىلغان.ئۆلگۈچى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر گە بولغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت7دىن 9غىچە.سائەت ئوندا بىر قېتىم ئۆلگۈچى بىلەن تىلىغۇندا كۆرۈشكەن.
-بىرەر نەرسە يۈتۈپتۇمۇ؟
-ياق.
-جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىچۇ؟
-تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
-بارماق،ئاياق ئىزىچۇ؟
-تەكشۈرىۋاتىدۇ.
-دىلو مەلۇم قىلغۇچىچۇ؟
-ئۇنىڭ كەيپىياتى بەك ناچار.دېرىزە تۈۋىگە تاماكا چەككىلى كەتتى بولغاي.
-يۈر.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقايلى.
مەن ئادەتتە ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى ئوبدان ئىگىلەپ ،ئاندىن نەق مەيدان كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن.چۈنكى نەق مەيدان ئۆزگەرمەيدۇ. سۆز ئۆزگىرىدۇ.
ئۇ بويى بىرمىتىر يەتمىش سانتمىتىر ئەتراپىدىكى، كوسا ئادەم بولۇپ قىرىق ياش ئۆپچۆرىسىدە ئىدى.ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن  ،كۆزلىرىدە  ئازاپ ئۇچقۇنلىرى ئەكىس ئىتەتتى.بارلىق دەردىنى تاماكىدىن چىقىرىپ ئۇنى كۈچەپ -كۈچەپ شورايتتى.
-ياخشىمۇسىز؟،-دىدىم سۆز باشلاپ.
-ياخشىمۇسىز.
-ئاتىسىدىن ئايرىلغاندىكى ئازاپنى مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان.ھامان ئۆتۈپ كىتىدۇ.بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭ.
-رەھمەت سىزگە.
-ئەرزىمەيدۇ.تونۇشۇپ قالايلى ئىسمىم سەزگۈر.
-ئىسمىم لىيۇ يۇڭ جىيەن.
-كەچۈرۈڭ .بىلىشىمچە ئۆلگۈچى ئۆز ئاتىڭىز ئەمەسقۇ دەيمەن؟
-شۇنداق ئۇ مىنى بېقىۋالغان.
-ئاتىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز توغۇرلۇق تەپسىلى سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
-مەن ئىسىمنى بىلسەم ئاتا-ئانام يوقكەن.بەزىدە تېرىپ يەپ-بەزىدە ئوغۇرلاپ يەپ،بىنالارنىڭ ئاستىدا ئۇخلاپ سەرگەردان بولۇپ يۈرەتتىم.
بىر كۈنى كەچلىك بازاردا بىكار چۆگىلەۋاتسام،ئىگىسى يوق بىر پۇكەي ئۇچراپ قالدى.بەلكىم ھاجەتخانىغاكەتكەن بولسا كېرەك.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پۇكەيدىكى كۈمۈش ئۈزۈككە قول سالدىم.دەل شۇچاغدائويلىمىغان يەردىن،بىرى قولۇمنى ‹‹كاپ››تۇتتى.چۆچۈپ قارىسام
رەتلىك كىيىنگەن زىيالى سۈپەت بىر كىشى ئىكەن. ئۇقولۇمدىن سۆرىگەنچە  مىنى خالىراق يەرگە ئاپىرىپ،ماڭا ئۇغۇرلۇقنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى،بۇندىن كىيىن ھەرگىز باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە قول سالماسلىقىم كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدى.ئاندىن قورسۇقۇمنىڭ
ئاچ-توقلىغىنى سورىدى. مەن گەپ قىلماي تۇرسام.ئۇماڭا سېرىق ئاش كاۋاپ ئېلىپ بەردى.يىگەچ مەندىن ئۇنى-بۇنى سوراپ مىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قارا يىتىم ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ ،تاماقتىن كىيىن مىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇ يالغۇز تۇرىدىكەن. كىيىن ئۇقسام ئايالى ۋە بالىلىرى ماشىنا ھادىسىسىدە بىراقلا قازا قىلغانىكەن.ئۇ مەندىن ئۇنىڭغا بالا بولۇشنى خالامدىغانلىقىمنى سورىدى.مەن شۇ ھامان‹‹ دادا ››دەپ ئۇنىڭ
ئالدىغايۈكۈندۈم.چۈنكى ھېچكىم ماڭا ئۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ مىنى بالىچىلاپ بېقىۋالدى.
-بىلىشىمچە ،سىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاتىڭىز بىلەن تىلىفۇندا ئالاقىلاشقان شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق.
-نىمىلەرنى دىيىشكەنىدىڭلار؟
-مەن دادامغا بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرغان شۇنىڭ گېپىنى قىلىشتۇق.
-ئۇ چاغدا سىز نەدە ئىدىڭىز؟
-مەن ماجىياڭخانا ئاچىمەن.شۇيەردە ئىدىم.
-ماجىياڭخانىڭىزنىڭ ئورنى نەدە؟
-بوستان گۈللىكىنىڭ قېشىدا.
-تىلىفۇندا نىمىلەرنى دىيىشكىنىڭلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
-بولىدۇ.
-مەن قىزىپ ماجىياڭ ئويناۋاتاتتىم.تىلىفۇن كەلگەنىدى تىلىفۇننى يانچۇقۇمدىن سۇغۇرۇپلا ‹‹مىنى يوق دەپ قوي›› دەپ شىياۋفاڭغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
-شىياۋفاڭ دىگىنىڭىز؟
-مىنىڭ قىز دوستۇم.
-سۆزىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
-ئەسلى تىلىفۇننى دادام ئۇرغان ئىكەن شىياۋفاڭ تىلىفۇننى ماڭا بەردى.دادام تىلىفوندا ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى سورىدى. ئۇ مەھسۇلات ھازىر قىسكەن.دادامغا شۇنى چۈشەندۈردۈم.
دادام بالدۇرراق قايتىشىمنى تاپىلىدى.ئۇندىن كىيىن تىلىفوننى قويدى.مانا مۇشۇلار.
-دادىڭىزنىڭ كەيپىياتى نورمالمىتتى؟
-نورمال.
-تىلىفۇننى قويۇپ بولۇپ يەنە قانچىلىك ئوينىدىڭىز؟
-ئۆيگە قايتقۇچە.
-سىز ئۆيگە قانچىدە كەلدىڭىز؟
-تۆتتىن ئاشقانداراق.
-ئىشىك ئىتىقمىكەن ؟
-شۇنداق.ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرسەم دادام مىھماخانىدىكى تورۇسقا ئېسىقلىق تۇرىدۇ. قورقۇپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدىم.
-نەق مەيداندىكى بىرەر نەرسىگە چېقىلدىڭىزمۇ؟
-ياق.
-بىرەر نەرسىگە پۇتلاشتىڭىزمۇ ؟
-ياق.
-نەق مەيدانغا كىرمەپسىزدە؟
-مەن دادامنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتىپ بوسوغىدىن كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم.
ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ لى ۋىنچاڭنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى يېزىۋاتقان قوللىرىمۇ تەڭلا توختىدى.ئۇنىڭ ئاڭلاپ يېزىش سۈرئىتىگە
قول قويماي تۇرالمايمەن.ۋىنچاڭدىن
-  تەكشۈرۈپ بولغانمىدۇ،-دەپ سورىدىم.
-ھەقاچان تەكشۈرۈپ بولدى.
-يۈر نەق مەيدانغا كىرىپ باقايلى،-دىگەچ نەق مەيدانغا قاراپ ماڭدىم.
بۇ ئۆي بىريۈز ئون كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان بىر يۈرۈش تۆت ئېغىز ئۆي بولۇپ .ئىشىكتىن كىرىشكە ئوڭ تەرەپ ئالاھىدە چوڭ مىھمانخانا.مىھمانخنىنىڭ شەرق تەرەپتىكى تېىغا چاپلاشتۇرۇپ قەدىمى تۈستىكى ياغاچ كىرسلو قويۇلغان. ئۇنىڭ ئالدىدىغا بىر پاكار ئەينەك ئۈستەل قويۇلغان.ئۈستەل ئۈستىدە بىر پارچە قەغەز تۇراتتى.
-نەق مەيداندىكى بىرەر نەرسىگە چېقىلدىڭلارمۇ؟،-دەپ سورىدىم  تەكشۈرگىچىلەردىن.
-ياق،جەسەتنىمۇ ناھايىتى ئاۋايلاپ چۈشۈردۇق،ھېچنىمىگە چېقىلمىدۇق.تىزگىنەكتىكى بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ ،تېلىۋوزورنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرىۋەتتۇق.چۈنكى بەك ئۈنلۈك ئىكەن.
-بارماق ئىزى بارمىكەن؟
-ئۆلگۈچىنىڭكەن.
قەغەزگە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇدۇم. قەغەزگە ئادەتتىكى ئىش قەغىزى ئىشلتىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭغا قىسقىغىنە قىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى.
ۋەسىيەتنامە
مەنكى لىيۇ خاۋئەن.ئۆلۈپ كىتىپ قالسام مىنىڭ بارلىق مۈلكۈمگە ئاسراندى ئوغلۇم لىيۇ يوڭ جىيەن ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
يىل ئاي كۈن
چىسلا بۈگۈننىڭ ئىدى .بۇرنۇمنى يېقىن ئاپىرىپ خەتنى پۇراپ كۆردۈم.خەتتىن سىياھ ھىدى تېخى تولۇق كەتمىگەنىدى.بۇ خەتنىڭ بۈگۈن يېزىلغانلىقىنى دەلىللەيتتى.
-قوليازمىنى تەكشۈردۈڭلارمۇ؟
-ئوخشاشلىق دەرىجىسى %92،-دەپ جاۋاپ بەردى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىم.
ئەمدى نەزىرىمنى قەغەزنىڭ سول تەرىپىگە قويۇپ قويۇلغان قەلەمگە  ئاغدۇردۇم.
بۇ ئادەتتىكى بىر سىياھ قەلەم ئىدى.
-قەلەمدىكى بارماق ئىزىنى تەكشۈردۈڭلارمۇ؟
-شۇنداق .ئۆلگۈچىنىڭكەن.
-جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىچۇ؟
-بوغۇلۇپ، ئوكسىگىن يىتىشمەي ئۆلگەن. بەدىنىنىڭ باشقا يېرىدە زەخمىلەنگەن ئىز يوق. جان ئۈزگىلى بەش سائەت ئەتراپىدا بولغان.يەنە سائەت
ئونبىر ئەتراپىدا.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئارغامچىغا سەپ سالدىم.ئاندىن يەردىكى ئۆرۈك پېتى تۇرغان ئورۇندۇققا سەپ سالدىم ۋە تەكشۈرگۈچىدىن
-ئورۇندۇقتىكى ئىزلارچۇ؟
- پەقەت ئۆلگۈچىنىڭ ئاياق ئىزىلا باركەن.
جەسەتنى ئىنچىكىلەپ كۈزىتىپ بولۇپ ئەتراپقا سەپ سالدىم.ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا بىر جۈپ كۆك رەڭلىك ساپما كەش بىر-بىرىگە مىنگىشىپ تۇراتتى.غەربى تامدا ھەشەمەتلىك تېلىۋوزۇر قويىدىغان ئىشكاپ ،ئۇنىڭ ئۈستىدە 42دىئوملۇق تېلىۋوزور بار بولۇپ ،ھازىرمۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئالتىنچى يۈرۈش قانىلىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. تېلىۋوزور ئەتراپىدا ھەممە ئىش نورمال ئىدى.
ئىشىكتىن كىرىىش سول قول تەرەپ قاتار ئۈچ ھوجرا، ئۇنڭ يېنىدا ئاشخانا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا ھاجەتخانا بار ئىدى.ھەممە يەرنە ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ بۇ يەرلەردىنمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقىمىدىم.ئەڭ ئاخىرىدا تىلىفۇندىكى ئۇرغان كىرگەن نومۇرلارنى كۆرۈپ باقتىم.بوۋاينىڭ ئىزدىشىدىغا كىشىلىرىمۇ ئاز بولسا كېرەك. ئوغلىغا ئۇرغان ۋە ئوغلىدىن كەلگەن تىلىفۇنلار كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى.ئەڭ ئاخىرقىسى بۇگۈن سائەت ئوندا ئوغلىغا ئۇرغان تىلىفۇن ئىدى.
-قانداق قارايسەن؟،-سورىدىم ۋىنچاڭدىن.
-ھېچقانداق.بوۋاينىڭ ئوغلى سائەت توققۇزدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.بۇۋاي سائەت ئونلاردا ئوغلى بىلەن تىلىفۇنلاشقاندىن كىيىن ،10دىن 11غىچە
بولغان ئارلىقتا ۋەسىياتنامىنى يېزىپ ،ئاندىن ئارغامچىغا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان.
-نىمىشقا؟
-بەلكىم تىلىۋوزوردا بىرەر نەرسە تەسىر قىلغانمىكىن....ئىشقىلىپ مىنىڭچە بۇ دىلونىڭ باشقا گۇمانلىق يېرى يوق.
-مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.بىر نەچچە گۇمانلىق نۇقتىلار بار.بىرى ۋەسىيەتنامىدا ئەگەر مەن ئۆلۈپ كىتپ قالسام دىيىلگەن.ئۆلىۋالغۇچىلار ۋەسىيەتنامىدا كۆپىنچە مەن ئۆلگەندىن كىيىن دەپ يازىدۇ.
-بەلكىم جىددىلەشكەندۇ.
-يەنە بىرى ساپما كەشنىڭ بىر-بىرىگە مىنىۋېلىشى ئانچە توغرا ئەمەس.چۈنكى جان چىقاي دىگەندە ئادەم قاتتىق تىپىرلايدۇ.ساپما كەشنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن ئارلىققا چۈشۈش مۇمكىنچىلىقى بەك تۆۋەن.
-لىكىن بار.
-ئۇنىڭ ئۈستىگە جەسەتنىڭ بوينىدىكى ئارغامچا ئىزى ئارغامچىدىن چوڭ.
-تىپىرلىغاندا ئارغامچا مىدىرلاپ كەتكەن گەپ.
ۋىنچاڭنىڭ سۆزلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى.لىكىن نىمىشقىدۇ يەنە بىر يەرلىرىمدىن قايىل بولغۇم كەلمەيتتى
-مۇمكىن بولسا شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 6-يۈرۈش قانىلىدا سائەت10دىن11گىچە نىمە كىنو قويۇلغىنىنى بىلسەك بولاتتى،-دىدىم ۋىنچاڭغا.
-‹‹ئەسكەر رىياننى قۇتقۇزۇش››مەن ئەتىگەن ئانچە مۇنچە كۆرگەنىدىم،-دىدى ۋىنچاڭ ئېنىقلا.
ئەمدى تېخىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلدىم.‹‹ئەسكەر رىياننى قۇتقۇزۇش››ھەقىقەتەن بىر نادىر فىلىم.لىكىن كۆرۈنۈشلىرى بىر ئاز قورقۇنۇشلۇق.مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ بىرزىيالى بوۋاينىڭ سائەت ئوندا بالىسى بىلەن نورمال پاراڭلىشىپ،ئاندىن كىيىن پۇتى ئۈزۈلۈپ،ئوق يەپ ئۈچىيى تېشىغا
چىقىپ قالىدىغان ئۇرۇش فىلىمىنى كۆرگەچ ۋەسىيەتنامە يېزىپ ،ئاندىن ئارغامچىغا ئېسلىپ ،پۇتىدىكى ئورۇندۇقنى تىپىۋەتكەن كۆرۈنۈشلەرنى بىر-بىرگە باغلىيالمىدىم.لىكىن باشقا ئەقىلگە مۇۋاپىقراق دىلو جەريانىنىنىمۇ تاپالمىدىم.
-جمىپلا كەتتىڭغۇ؟،مىڭ ئويلىساڭمۇ ئەمەلىيەت ئۆزگەرمەيدۇ،-دىدى.لى ۋىنچاڭ خىيالىمنى بۆلۈپ.
-ئەمەلىيەت شۇنداق بولسىلا مەيلىتىغۇ.....
-سەن بەك جاھىل جۇمۇ.
-مەسىلەن قانداق جاھىللىق قىلدىم؟مىنىڭ گۇمانلىرىمنى پەقەت ئېھتىماللىقى يوق دىيەلمەيسەن.
-ئەمىسە بىرەرى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ يىچىقىدىدىن كىرىپ . بوۋاينى  ئاۋۋال چىرايلىق ۋەسىيەتنى يازغۇزۇپ.ئاندىن ئۇنى ھېچ قانداق ئىز قالدۇرماي ئۆلتۈرۈپ،ئاندىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ،يەردە ئىز قالدۇرماي بەخىرامان چىقىپ كەتكەنما؟ئەگەر راست شۇنداق بولسا بۇنداق قىلغىنى ئادەم ئەمەس جىنكەن.
-نەق مەيدانغا يەنە بىر كىرىپ باقايلى،-دىدىممەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماي.
-جاھىل ئەمەسمىش تېخى.
نەق مەيدانغا كىرىپ،ئەڭ ئاۋۋال جەسەتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنى يەنە سىنچىلاپ تەكشۈردۈم. بوينىدىكى ئىز  ئۇ ئېسىلغان ئارغامچىدىن خېلىلا توم
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىقىدا ئىز چۈشمىگەن يەرلەرمۇ بار. دىمەك ھەرگىز تىپىرلىغاندا سۈرۈلمىگەن. سۈرۈلگەن بولسا ئىز تەكشى چۈشەتتى.چوقۇم بىرى ئاۋۋاك ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ئېسىپ قويغان. جەسەتتىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ ئۈستەل يېنىغا كەلدىم.ۋەسىيەتنامىگە ۋە قەلەمگە سەپ سالدىم .ھېچقانداق بىر يېڭى يىپ ئۇچى بايقىمىدىم.ئاندىن قەدىمىمنى يۆتكەپ مونچىغا كىردىم.بۇ يەردىمۇ ھېچ قانداق يىپ ئۇچى يوق ئىدى.ئاندىن ئاشخانىغا كىردىم.ئاشخانىدىكى جوزىدىكى بىر ئىستاكان چاي ئالاھىدە دېھقىتىمنى تارتتى. چاي ئازراقمۇ ئىچىلمىگەنىدى. بۇ بەكمۇ گۇمانلىق ئىدى.ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەر چاينى دەملەپ قويۇپ ئىچمەي قالىدىغان ئەھۋال كۆپ.ئەمما بىر ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئادەمنىڭ  چاينى ئۆلۈش ئالدىدا ئاتايىن دەملەپ،ئاندىن ئۇنى ئىچمەي ئۆلۈۋېلىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس.ئەجىبا ئۇ ئۇنى ئۆلۈپ بولغاندا باشقىلار كىرىپ ئىچسۇن دەپ ئىستىكانغا قۇيغانمۇ؟
-ئىستاكاندىكى بارماق ئىزىچۇ؟،-دەپ سورىدىم تەكشۈرگۈچى خادىملاردىن.
-بوۋاينىڭلا باركەن.
-بۇ ئىستاكانلاردىچۇ؟،-دىدىم ئەينەك ئىشكاپ ئىچىگە دەستىلەپ قويۇلغان ئىستاكانلارنى كۆرسىتىپ.
-ھەممىسى يۇيۇلغانكەن.
ئىككىلەنمەيلا ئەڭ ئاستىدىكى ئىستىكاننى ئېلىپ ئۇنىڭغا سەپ سالدىم. ئۇنىڭ ئاسىتىدا كىچىككنە شاما پارچىسى ئىستاكانغا چاپلىشىپ قالغانىدى.شامىغا سىنچىلاپ قارىسام تېخى ھۆل ئىكەن.چوقۇم چاي قۇيۇلغان ئىستىكان ئىككى.بىرى قەستەن ئىزىنى يوقاتقان. دەرھال بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ تەكشۈرگۈچىدىن سورىدىم:
-ئىشىكىنىڭ ئىچىدىكى تۇتقۇچتا بارماق ئىزى بارمىكەن؟
-يوقكەن.
-سىرتىدىكى تۇتقۇچتىچۇ؟
-بالىسىنىىڭلا بار ئىكەن.
قاتىل ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويغانىدى.بالىسى تېخى سائەت ئوندا ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەن تۇرسا .نىمىشقا ئۇنىڭ بارماق ئىزى يوق؟
ئاندىن يەنە ھوجرىلارنى ئايلىنىپ كۆردۈم.بوۋاينىڭ ھوجرىسىدا ئۇنىڭ ئالبومى بار ئىكەن .ئېلىپ رەسىملەرنى كۆرۈپ باقتىم.ئۇنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتىم.بۇ بوۋاينىڭ خەرىتە سىزىۋېتىپ چۈشكەن رەسىمى ئىدى.رەسىمنىڭ مىنى ئەڭ قىزىتۇرغان يېرى ئۇنىڭ قولىدىكى قەلەم.چۈنكى قەلەم  ئۇنىڭ ئوڭ  قولىدا ئىدى.رەسىملەرنى  تېز-تېز ۋارقلاشقا باشلىدىم.باشقىلار بىلەن ھاراق سوقاشتۇرغان بۇ رەسىمدىمۇ ئىستىكان ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا.ماۋۇ بايراق كۆتۈرىۋېلپ چىقارغان رەسسىمدىمۇ بايراق ئوڭ قولىدا.شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى بۇ بوۋاي ئوڭ خەي.لىكىن بوۋاي ۋەسىيىتىنى  يېزىپ بولۇپ قەلەمنى ۋەسىيەتنامىنىڭ سول تەرەپىگە قويغان.بۇ بىر ئاۋارىچىلىق.نەق مەيداننى بىر ئاز كۆزىتىۋېتىپ
ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم.
-قانداق؟بىرەر نەرسە بايقىدىڭمۇ؟،-دىدى لى ۋىنچاڭ قىززىقسىنىپ.
-ياق.قارىغاندا سىنىڭ ئېيتقانلىرىڭ توغرىكەن مەن جىق ئويلاپ كىتىپتىمەن،-دىدىم چاندۇرماي.
-شۇ.دىدىمغۇ سىنى جاھىل دەپ.
-يۈر قايتتۇق.مىنىڭ ئۇيقۇم كىلىۋاتىدۇ،-دىدىم بوش ئەسنەپ.
لى ۋىنچاڭ بېشىنى چايقاپ قويۇپ،قول ئاستىدىكىلەرگە قايتسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.ئاندىن كىيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلىغا ئانچە -مۇنچە تەسەللى بېرىپ قويۇپ مەن بىلەن قايتىپ چىقتى....
ئەتىسى لى ۋىنچاڭنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. چاي دەملەپ ،بىر قېتىملىق ئىستىكانغا لىقلاپ ماڭا ئۇزارتقاچ
-بۈگۈن ئۇخلىماي مىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىڭدىن بەكمۇ خوشالمەن،-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
-مىنىڭمۇ پەقەت ئۇيقۇمدىن كەچكۈم يوق ئىدى،بىراق دىلو ئىشى مۇھىم دە،-دىدىم چاينى بىر ئوتلىۋېلىپ.
-قايسى دىلو؟،-دەپ سورىدى ئۇ ئەجەپلىنىپ.
-لىيۇ خاۋئەننىڭ دىلوسى.
-مەسىلە يوقكەن دىگەنىدىڭغۇ؟
-سىنى ئالداپ قويغانىدىم.
-نىمىشقا؟
-سەن بەك تۈز لىيۇ يۇڭجىيەنگە چاندۇرۇپ قويمىسۇن دەپ شۇنداق دەپ قويغانىدىم.
-سەن لىيۇ يۇڭجىيەننى گۇمانلىق دىمەيدىغانسەن؟ئۇنىڭ دىلو يۈ بەرگەندە نەق مەيداندا يوقلۇقىغا گۇۋاھچى كۆپ جۇمۇ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆز بولمىسىمۇ بالىسى تۇرسا؟
-نەق مەيداندىكى ماددى ئىسپاتتىن قارىغاندا  مىنىڭچە بۇ دىلو  مۇنداق يۈز بەرگەن.
-سۆزلە، قۇلىقىم سەندە.
-بۇ جىنايەتنى لىيۇ يۇڭجىيەن بىلەن يەنە بىرەيلەن شېرىكلىشىپ سادىر قىلغان.لىيۇ يۇڭجىيەن 9دا ئۆيدىن چىقىپ ماجىياڭخانىغا كەتكەن.سائەت
ئوندا دادىسى بىلەن تىلىفوندا كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بىرەيلەن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئايىغىنى كىيىپ ، بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرگەن .بوۋاي ئۇنى چوقۇم ئوبدان تونۇيدۇ. بوۋاي ئۇ كىرىشىگە ئۇنىڭغا چاي دەملىگەن.قاتىل شەپە چىقماسلىقى ئۈچۈن تىلىۋوزۇرنىڭ خالىغان قانىلىنى ئېچىپ قويۇپ،بوۋاينى بىر ئامال بىلەن مىھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەن.ئاندىن كىيىن مىھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گىلەمدە ئۇنى كەينىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرگەن.ئاندىن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئايىغىنى سېلىۋېتىپ،بوۋاينىڭ ساپما كەشىنى كىيىپ ئاشخانىدىكى ئۆزىنىڭ ئىستاكانىنى پاكىزلىۋېتىپ،ئۇنى تەبىئىي ھالدا دەستىلەنگەن ئىستىكاننىڭ ئەڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان.لىكىن ئىستاكاندىكى شاما پارچىسى بەك كىچىك بولغاچقا دېھقەت قىلمىغان.
-ئۇ ئىستاكاننى تۇتمىسىلا بولاتتىغۇ؟،-دىدى ئۇ گېپىمنى بۆلۈپ.
-لىكىن ئىككى ئىستاكان چاي بولسا ،بوۋاينىڭ يالغۇز ئۆلۈۋالغانلىقىغا زىت بولۇپ قالىدۇ.
-چۈشەندىم سۆزلەۋەر.
-ئاندىن كىيىن چىقىپ ۋەسىيەتنامىنى يازغان.
-لىكىن قوليازما %92ئوخشاش تۇرسا؟
-مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەسىيەتنامىنى بوۋاي بۇرۇنلا يازغان. شۇڭا  ئۆلۈپ كىتىپ قالسام دەپ يېزىلغان.چوقۇم ۋەسىيەتنامىنى لىيۇيۇڭجىيەن بۇرۇنلا ئېلىۋېلىپ قاتىلغا بەرگەن. قاتىل بۇ ۋەسىيەتنامىنى بوۋاينىڭ قوليازمىسىنى يېزىشنى قېتىىرقىنىپ مەشىق قىلغان.مەنچە توختىماي ۋەسىيەتنامىنىڭ ئۈستىگە نىپىز قەغەز قويۇپ بوۋاينىڭ خېتىنى ئىزلاپ يېزىپ مەشىق قىلغان.شۇڭا خەتنىڭ %5 ئوخشىمايدىغان يېرى يىل،ئاي،كۈندىكى ساندا.
-بەلكىم.ئاخىرىنى سۆزلە.
-ئاندىن كىيىن قەلەمنى پاكىز سۈرتىۋېتىپ، قەلەمنى جەسەتكە تۇتقۇزۇپ جوزىغا قويۇپ قويغان.تىزگىنەكنىمۇ شۇنداق قىلغان ئەپسۇس ئۇ قەلەمنى ۋەسىيەتنامىنىڭ سول تەرىپىگە قويۇپ قويغان.ئەمما بوۋاي ئوڭ خەي.ئاندىن ئورۇندۇقنى ئېلىپ جايىغا قويغاندىن كىيىن ، ئۇنى پاكىز سۈرتۈۋەتكەن.ئاندىن ئورۇندۇققا چىقىپ،ئاغامچىنى سېلىپ ،بوۋاينى ئارغامچىغا ئېسىپ، ئورۇندۇقنى ئۆرىۋەتكەندىن كىيىن ساپما كەشنى  يەرگە تاشلاپ قويۇپ،ئىشىكنىڭ ئىچى،سىرتىدىكى تۇتقۇچنى پاكىزە سۈرتىۋېتىپ چىقىپ كەتكەن.
-بۇلارنى نىمە ئۈچۈن قىلغان؟،-دەپ سورىدى ئۇ بۇ سۆزلىرىمدىن ھەيران بولۇپ.
-مىراس ئۈچۈن.
-بەرىبىر شۇنىڭ تۇرسا؟
-ئۇنىڭغا بەلكىم جىددى پۇل لازىم بولغان.ئىشقىلىپ تەخىر قىلالمىغان.
-ئىشلار ئىنىق بولغاندىن كىيىن ،ئۈنى تۈنۆگۈنلا تۇتساق بولماسمىدى؟
-لىيۇ يۇڭجىيەن نەق مەيداندا بولمىغاچقا دەلىل-ئىسپات يىتەرلىك ئەمەس.ئۇ قاتىلنى ئىقرار قىلمىسىلا جىنايىتىنى بىكىتكىلى بولمايدۇ.
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
-ئەمدى بېرىپ ئۇنى تۇتىمىز.
-تۈنۆگۈن بىلەن بۈگۈننىڭ نىمە پەرقى؟
-تۈنۆگۈن خىزمەتداشلىرىڭ بار.
-دىمەكچى بولغىنىڭ؟
-سىنڭ ئۆيۈڭدە سوراق قىلىمىز.
-ئىقرار قىلمىسىچۇ؟
-چوقۇم ئىقرار قىلىدۇ.
-ئالدىنقى قېتىمقىدەك شېرىكىڭ ئىقرار قىلىپ بولدى دەيدىكەنمىزدە؟
-ئەمدى ئۇ ئامال ئاقمايدۇ.
-نىمىشقا ؟ئۇ چاغدا بىز جىنايەتچىنىڭ شېرىكىنىڭ كىملىكىنى بىلەتتۇ ھازىر بىلمەيمىز.
-ئەمىسە قانداق ئىقرار قىلدۇرىمىز؟
-مىنىڭ ئامالىم بار.
ئۇ ماڭا ئىشىنەتتى.بىز لىيۇ يۇڭجىيەننى ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆيدىن تاپتۇق.
بارساق ئىشىك ئوچۇق ئىكەن .ئۆي تۈنۆگۈنكىدىن خېلىلا ئۆزگەرگەن بولۇپ، مىھمانخانىدىكى تېلىۋوزور ۋە تېلىۋوزور ئىشكابى ئېلىۋېتىلىپ،ئىشكاپ ئورنىغا بىر  ئۈستەل قويۇلغان.ئۈستەلگە ئالتۇن رەڭلىك رەخىت يېپىلىپ،ئۈستەل ئۈستىگە بوۋاينىڭ يوغان رەڭسىز رەسىمى قويۇلغانىدى.ئۈستەل ئالدىغا بىر ئورۇندۇق قويۇلۇپ ئۇمۇ ئالتۇن رەڭلىك رەختە يېپىلىپ ئۈستىگە بىر كۈجىدان قويۇلغان، ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدىكى يەرگە بىر ئادەم پاتقۇدەك پالاز قويۇلغان بولۇپ ،ئاپپاق رەڭلىك قارىلىق كىيىمى كىيىۋالغان لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنىڭدا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى.
بىزنىڭ كىرگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ  ئۇزاق يۈكۈنۈپ پۇتى سىقىراپ قالغانلىقتىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ بىزگە قاراپ:
-يوقلاپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت،-دەپ يالغاندىن يىڭى بىلەن كۆزىنى سۈرتۈپ قويدى.
-يۈر بىز بىلەن ماڭ!!سەندىن سورايدىغان گەپ بار،-دىدى لى ۋىنچاڭ قوپاللا. ئۇنىڭ چىرايىدىن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ياسالمىلىقىغا كۆڭلى ئېلىشقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.
-مەن مۇسىبەتلىك ئادەم.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بارسام بولارمۇ؟
-ياق ھازىرلا بارمىساڭ بولمايدۇ،بىز بىلەن ماڭ.
-مەن بۈگۈن كىچىچە دادامنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ،ۋاپادارلىقىمنى ئادا قىلاي دەپ نىيەت قىلغان.مەن بۈگۈن ھېچ يەرگە بارمايمەن.
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىل!ماڭامسەن يە ئەپ ماڭامدىم؟،-دىدى لى ۋىنچاڭ تېرىكىپ.ئۇ ئۇنىڭ ‹‹ۋاپادار ئوغۇل›› ئويۇنىدىن زېرىككەنىدى.
-سىنىڭ داداڭ ئۆلۈپ كەتسە ئەتىسى سەن بىر يەرگە بارارمىدىڭ؟،-دىدى ئۇ يەنە ئەزۋەيلەپ.
لى ۋىنچاڭنىڭ چىدىغىچىلىكى قالمىدى بولغاي.قوللىرىنى كەينىگە قەيرىپ كويزا سېلىپ،پاتتاڭدىن ئىتتىرىپلا ئۇنى ھەيدەپ  مېڭىپ،لىفىتكە چىقتۇق.
چۈشكىچە لىيۇ يۇڭجىيەن سىلەرنىڭ بۇقىلمىشىڭلار قانۇنسىزلىق،تۇتقۇن قىلىش دەپ ئالىجوقا توۋلاپ تۇردى.لى ۋىنچاڭ ئۇنى ماشىنىنىڭ كەينىگە بېسىپ ئۆيىگە ماڭدى. مەن كەينىدىن بارماقچى بولدۇم چۈنكى مەن سوراق ئۈچۈن تەييار قىلىدىغان ئازراق نەرسە بار ئىدى.
نەرسىلەرنى تەييارلاپ لىۋىنىچاڭنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدىم. لى ۋىنچاڭ لىيۇ يۇڭجىيەننى ئەڭ ئىچىدىكى ھوجرىدىكى بىر ئورۇندۇققا چەمبەرچاس باغلاپ ئاغزىغا لاتا كەپلەپ قويغانىدى. بىز سىرتقى ئۆيدە تۇرۇپ پاراڭلاشتۇق.
-ئىقرار قىلغۇزالىدىڭمۇ؟
-ياق. ھېچنىمىنى دىمىدى.
-ئاغزىغا نىمىشقا لاتا كەپلەپ قويدۇڭ؟
-توۋلاپ توختىمىدى.ئاچچىقىمدا ئۇرىۋەتمەي دەپ شۇندا قىلدىم.
-ياخشى قىپسەن.
-بۇ نىمە ئوكۇل؟
-جاننى ئالىدىغان ئوكۇل.
-بۇ قەپەزدىكى چاشقاننى نىمىش قىلىسەن؟
-ئۇنىڭغا بۇ ئۇكۇلنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋىتىمەن.
-ئۇنداق قىلىپ نىمە قىلىسەن؟
-ئۇنى ئۇكۇلنى ئۇرىۋىتمەن دەپ قورقىتىمەن دە .نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر قەتئىي ئارلاشما.
-بولىدۇ.
لىيۇ  يۇڭجىيەن بار ئۆيگە كىرىپ قەپەزنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ،ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم.ئۇ ماڭا يەۋەتكىدەك قارايتتى.
-قارا لىيۇ يۇڭجىيەن.سەن مىنى قاراپ قورقۇتالمايسەن.بىز ئەڭ ياخشىسى چىرايلىقچە پاراڭلىشايلى.بولمىسا جاپا تارتىپ قالىسەن.توۋلىما مەن ئاغزىڭدىكى لاتىنى ئېلىۋىتەي قانداق؟،-دىدىممەن سىپايە ئاھاڭدا.ئۇ  بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى. مەن بېرىپ بىر ئىستىكانغا سۇ قۇيدۇم ۋە ئۇنىڭ
ئاغزىدىكى لاتىنى ئېلىۋېتىپ،ئىستاكاننى ئاغزىغا تەڭلەپ تۇتۇپ بەردىم.ئۇ غورتىلدىپ سۇنى ئىچىۋەتتى.
-يەنە ئىچەمسەن؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-بولدى.سۇئالىڭنى تېز سورا. مەن قايتىپ مۇسىبەت تۇتمىسام بولمايدۇ،-دىدى ئۇ جىددى تەلەپپۇزدا.
-بولىدۇ ،ئەمىسە سۆزۈمگە قۇلاق سال،-دەپ سۆزۈمنى باشلاپ، ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ سىلىق ئاھاڭدا دىلونىڭ جەريانى توغرىسىدىكى
قىياسلىرىمنى ۋە ئىسپاتلارنى ئۇنىڭغا بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم. ئۇ باشتا ئازىراق جىددىلەشتى.لىكىن يەنە ئۆزىنى بېسىۋالدى.
-سىنىڭ جىنايىتىڭ ئېنىقلىنىپ بولدى،ئەمدى شېرىگىڭنى تاپشۇر،-دىدىممەن ئۇنىڭغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.
-سىنىڭ بۇ قىياسلىرىڭ پەقەت دادامنىڭ قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.لىكىن مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.مەن ھېچكىمگە ئايىقىمنى سېلىپ بەرمىدىم. مەن كۆرگەن ۋەسىيەتنامە دەل سىلەر كۆرگەن ۋەسىيەتنامە.سەن دىگەن ئاللىقانداق كونا ۋەسىيەتنامىنى مەن كۆرۈپ باقمىغان بولدى مىنى قويۇۋىتىڭلار ،مەن سىلەرنى ئەرز قىلمايمەن. سىلەردىن دادامنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تۇتۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن،-دىدى ئۇ
قەتئىي چاندۇرماي.بۇ ھىلىگەر جىنايەتچى بىزدە ئەڭ مۇھىم بىر پاكىتنىڭ كاملىقى يەنى قاتىل توغرىسىدا ھېچقانداق يىپ ئۇچىمىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالغانىدى.مەن ئۇنىڭدىن چىرايلىقچە گەپ ئالالمايدىغانلىقىمنى بىلدىم ۋە ئالدىرىماي قەپەز قويۇلغان ئۈستەلگە قاراپ ماڭدىم.
-قارا لىيۇ يۇڭجىيەن ،بۇ چاشقان نىمىدىگەن تېتىك؟،-دىدىم ئۇكۇلنى قولۇمغا ئالغاچ.چاشقان ئۆزىنىڭ قىسمىتىدىن بىخەۋەر ‹‹چىر-چىر››قىلىپ تىنماي قەپەز ئىچىدى چۆرگىلەيتتى.لىيۇ يۇڭجىيەن ئاڭقىرالماي بىر چاشقانغا بىر ماڭا قارايتتى.لىيۇ يۇڭجىيەنگە قاراپمۇ قويماي ،خۇددى پېشقەدەم دوختۇرلاردەك ئەستايىدىل قىياپەتتە چاشقانغا ئوكۇلنىڭ يېرىمنى ئۇردۇم.شۇنداق تېتىك چاشقان ھايال ئۆتمەيلا يىقىلىپ ،بىردەم تارتىشىپ جان بەردى.
-ئەگەر تاپشۇرساڭ،قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىسەن.ئىپادەڭ ياخشى بولسا سىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ يوللاپ قويىمىز.جاھىللىق قىلساڭ
بۇ چاشقاننىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولسا،سىنىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ،-دىگەچ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ توختىدىم.
-ھا!ھا!ھا!نوچى بولساڭ ئوكۇلۇڭنى ئۇر.قانۇنسىز سوراق قىلىپ بىر بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرىۋېتىپ ھەرقايسىڭمۇ ياخشى كۈن كۆرۈشمەيسەن!،-دىدى ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن.
-راست پۇشايمان قىلمايسەن؟
-خىڭ.......دەپ كۆزلىرىنى ئەپقاچتى ئۇ.
-قارىغاندا بىر قارارغا كەپ بوپسەن،-دىدىمدە چاققانلىق بىلەن قالغان ئۇكۇلنى ئۇرۇپلىۋەتتىم.ئىتتىك بولمىسام لى ۋىنچاڭ ئوكۇلنى تارتىۋېلىششى چۇقۇم ئىدى.ئىككەيلەن بىردەم قېتىپلا قالدى.لى ۋىنچاڭ يۈگرەپ كىلىپ قولۇمدىن ئۇكۇلنى ئېلىپ يەرگە تاشلىۋېتىپ:
-ساراڭ بوپ قالدىڭمۇ ؟ بەكلا ئاشۇرۇۋەتتىڭ!!!،- ئۇ بەكلا جىددىلىشىپ كەتكەنىدى.مەن ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي قورقۇپ ،چىكىسىدىن توختىماي تەر قۇيۇلىۋاتقان لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئالدىغا كىلىپ قولياغلىقىمنى ئېلىپ ئۇنىڭ پىشانىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ:
-ئۇ چاشقان بەكلا كىچىك.بۇنچىلىك مىقداردىكى ئوكۇل يېرىم سائەتلەرگىچە جېنىڭنى ئېلىشى مۇمكىن.لىكىن ئىقرار قىلساڭ مەندە جېنىڭنى ساقلاپ قالالايدىغان ئامالمۇ يوق ئەمەس،ئىشقىلىپ تېزراق بىر قارارغا كەپ بول،ئەمدى دەي دىگەندە جېنىڭ چىقىپ كەتسە،پۇشايمان قىلغىنىڭ بىكار،-دىدىم سىپايىلىق بىلەن.ئۇ ئەمدى ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە،لى ۋىنچاڭ يۈگرەپ كىلىپ يېنىمنى ئاختۇرۇغىلى تۇردى.
-ئاۋارە بولما  ۋىنچاڭ، زەھەر قايتۇرۇش دورىسى يېنىمدا ئەمەس.مەن سىنىڭ پىرىنسىپچىلىقىڭنى بىلگەچكە ،زەھەر قايتۇرىدىغان دورىنى بىنانىڭ
ئىچىدىكى بىر يەرگە تىقىپ قويغان،-دىدىم ئۇنىڭ ئاختۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي.
-بولدى قىل،بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭ،گۇناھى بىكىتىلمىگەن ئادەمگە ھەرقانداق جازا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!،-دىدى ۋىنچاڭ جىددىيلىشىپ .
-شۇنداق، شۇنداق.لى ساقچى باشلىقى مىنى قۇتقۇزىۋېلىڭ.مەن سىزدىن ئۆتۈنەي.مەن راستلا دادامنى قەسلىمىدىم،-دىدى قورقۇپ ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن ليۇيۇڭجىيەن لى ۋىنچاڭنىڭ بۇ يەردىكى بىردىنبىر نىجاتكارى ئىكەنلىكىنى بىلىپ.
-لى ۋىنچاڭ...مەن بۇنداق كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلىپ،يەنە تېخى پۈتۈن مال-بىساتىنى ئۇنىڭغا قالدۇرماقچى بولغان دادىسىنى ئۆلتۈرگەن بۇنداق تۇزكور مۇناپىقنىڭ جاجىسىنى بېرىپ ھەرقانداق كۈننى كۆرسەم مەيلىكى،بۇ ناكەسنىڭ قانۇنى جازاغا ئۇچرىماي بىچارە بوۋاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بەخىرامان خەجلىگىنىنى كۆرۈشكە رازى ئەمەسمەن.ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن مىنى تۇتۇپ ئىدارەڭگە ئاپار مەسئۇلىيەتتىن ھەرگىز قاچمايمەن.
مەندىن زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئېلىشنى ئويلىما .بىلىسەن مەن بەك جاھىل!،-دىدىم قەتئىيلىك بىلەن.لى ۋىنچاڭ بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ مەندىن زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. مەن تىقىپ قويغان دورىنى ئىزدىگىلى چىقىپ كەتتى بولغاي.
مەن ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايمەن ،چۈنكى مەن تىققان نەرسىنى باشقىلارنىڭ تاپالىشى تەس.
بېرىپ قەپەزنى ئالدىمدە قورققىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇم. ئاندىن ئالدىرىماي بېرىپ ئۈستەل ئۈستىدە ئولتۇردۇم.
-قارىغاچ ئولتۇر.بۇ چاشقان بىلەن بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە تۇغۇلمىغان بىلەن بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە ئۆلىدىغان بولدۇڭ.قەسەم ئىچىپ قول بېرىشىپ ئاكا-ئۇكابولۇشقانلارمۇ بۇنداق بولۇشى ناتايىن،-دىدىم كۈلۈمسىرەپ.
-ئۇنداق قىلما.مەن راستىنلا گۇناھسىز،-لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئاۋازى تىترەپ ئارانلا چىقاتتى.
ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن بىرىگە غىڭشىپ ئولتۇرىۋەردىم. ئۇكۇل ئۇرۇپ يىگىرمە مىنۇتلاردىن كىين لى ۋىنچاڭ ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇدۇل ياندىكى يەنە بىر ھوجرىغا كىرىپ كەتتى.مەن مىيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇرىۋەردىم .چۈنكى ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلماقچى
ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم. ھايال ئۆتمەي لى ۋىنچاڭ بىز بار ھوجرىغا كىردى ،ئۇ ئۈستىگە چاپان كىيىۋالغانىدى.
-تاپالماپسەندە دورىنى،- دىدىم لى ۋىنچاڭغا غىڭشىۋاتقان ناخشامنى ئۈزۈپ.
-ئەمدى بولدى قىل سەزگۈر. ئۇ ئىقرار قىلمىسىمۇ بىز چوقۇم يېڭى يىپ ئۇچى تاپالايمىز،جاھىللىق قىلما،ئۇ راستلا ئۆلۈپ قالىدۇ،-دىدى لى ۋىنچاڭ
يېلىنغان تەلەپپۇزدا.
-ئۆلسە مەيلى،-دىدىم بەخىرامان. لى ۋىنچاڭ چاپاننىڭ ئىچىگە قولىنى تىقىپ 64تىپلىق قورالىنى چىقىرىپ چىكەمگە تىرىدى.ئۇ پەقەتلا چىداپ تۇرالمىغانىدى.
-ئېتىۋەتسەڭمۇ بەرمەيمەن،-دىدىم يەنە بەخىرامان.
بۇ چاغدا لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىغانىدى.
-كۆزلىرىڭ تورلىشىۋاتامدۇ؟بۇ زەھەر ئىچكەندىن كىيىنكى نورمال ئەھۋال.بىر دەمدىن كىيىن ئىچ ئەزالىرىڭ قاناشقا باشلاپ ،پۈتكۈل خۇددى ئىچ ئەزالىرىڭنى پىچاقتا قوچىۋاتقاندەك بولىسەن بۇمۇ نورمال ئەھۋاك بىردەم چىدىساڭلا ئۆتۈپ كىتىدۇ.
-مەن دەي-مەن دەي ،سەن بەئەينى ئەزرائىلكەنسەن ،مەن دەي،مىنى ئۆلتۈرمە،- دىدى ئۇ بىراقلا يۇمشاپ.
-ماڭا قورالىڭنى تەڭلەپ تۇرماي دەرھال قەلەم-قەغەز ئېلىپ كىر ،ئىقرار قىلىپ بولغىچە ئۆلۈپ قالمىسۇن يەنە ،-دىدىم لى ۋىنچاڭغا.خوشاللىقىم چىرايىمغا چىقىپ كەتكەنىدى.
-ماقۇل سەن چىقىپ زەھەر قايتۇرۇش دەرىسىنى ئېلىپ كىر، مەن ئىقرارنامىنى يازغۇزاي،-دىدى لىۋىنچاڭ قەغەزگە يۈگۈرگەچ.مەن سىرتقا قاراپ ماڭدىم.
بىنانىڭ زالىدا تامغا يۆنىلىپ تۇراتتىم لى ۋىنچاڭ يۈگۈرۈپ كىلىپ قولۇمدىن تارتىپ مىنى ئۆي تەرەپكە ئېلىپ ماڭغاچ
-ئىقرارنامىنى يېزىپ بولدى،دەرھال ئۇنىڭغا دورىنى بەر،- دىدى ئۇ .ئۇ جىددىلەشكەنلىكىدىن ھاسىراپ كەتكەنىدى.ئۆيگە كىرىشىمگىلا ليۇ يۇڭجىيەن تىترەپ تۇرۇپ:
-ماڭا دەرھال دورىنى بەر، تېز بول،مەن ھەممىنى ئىقرار قىلدىم ،ھېچنىمە يۇشۇرمىدىم،دەرھال دورىنى ماڭا بەر،-دىدى.
مەن ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ ئىقرارنامىنى ئەزمىلىك بىلەن قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.ئىقرارنامە تەپسىلى يېزىلغان ئىدى . ئەسلى مۇنداق ئىش  ئىكەن.
ئۇ بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى خەي نەنگە ساياھەتكە بېرىپ،تاسادىبى ئۆزىگە كارامەت ئوخشايدىغان بىرىنى ئۇچرىتىپ ھاڭ-تاڭ قالغان.ئۇ ئادەممۇ لىيۇ يۇڭجىيەننى كۆرۈپلا‹‹ئاكا›› دەپ توۋلاپ ئۇنى قۇچاقلىغان.چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئەسلى بىر قوشكىزەك ئاكىسى بارلىقىنى ،بۇلار ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە،ئاكىسىنىڭ مەلۇم بىر بازاردا يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھەر قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. ئۇ لىيۇيۇڭجىيەننى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئۆز ئاكىسى ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمىگەن.ئەپسۇس ئۇ چاغدا لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى
ئاللىبۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن. دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ ئىشنىڭ راست ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.لىكىن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ بۇ ئىنىسىنىڭ قارا جەمىئەت
بىلەن ئالاقىسى بار بولۇپ،بىر خېلى ئەمەلى كۈچى بار قارا جەمىئەت كاتتىۋىشىغا ئىشلەيدىكەن.بىر كۈنى ئۇ بىر مىليون بەشيۈزمىڭ يۈەن قىممىتىدىكى خىروئىننى ساتقىلى ئېلىپ ماڭغاندا ،ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ خىروئىننى دېڭىزغا تاشلىۋېتىپ ئىسپات بولمىغانلىقتىن قوتۇلۇپ
قالغان.ئەمما ئۇنىڭ كاتتىۋېشى ئۇنى مالنى تىقىۋالدىڭ دەپ تۇرىۋالغان.قىيىن قىستاققا ئېلىپ ئامال قىلالماي 60كۈن ئىچىدە مالنى يا پۇلنى تېپىشنى ،ئەگەر تاپالمىسا جېنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەھدىد سالغان. دەل شۇ چاغدا لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالغان.
لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنىڭغا قېچىپ كىتىش تەكلىۋىنى بەرگەن .لىكىن ئىنىسىنىڭ بۇ رەھىمسىز،تەسىرى زور ، قارا جەمىئەت كاتتىۋېشىنىڭ قولىدىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەن.لىيۇ يۇڭجىيەن ئەمدىلا تونۇشقان بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قانداش ئىنىسىنى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن قۇتقۇزىۋېلىشقا بەل باغلىغان .ئىككەيلەن كاتتىۋاشقا خەۋەر قىلىپ قويۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن. لىيۇ يۇڭجىيەن بارلىق ئاماللارنى قىلىپمۇ بۇنچە كۆپ پۇل تاپالمىغان.شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىق مىھرى ھەممىدىن ئۈستۈن كىلىپ  بوۋاينى قەستلەشنى پىلانلىغان.بوۋاينىڭ ۋەسىيەتنامىسنىڭ نەدىكىنى بۇرۇنلا بىلىدىغان لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ ئىنىسىغا بوۋاينىڭ قوليازمىسىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن بەرگەن.پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە يەنى تۈنۆگۈن  لىيۇ يۇڭجىيەن ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بوۋايغا بىر ساغلاملىق دورىسىنى كۈچەپ ماختاپ،بوۋايغىمۇ زاكاس قىلىپ قويغانلىقىنى ،ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە بىر تىلىفۇن قىلىپ قويىشىنى تاپىلاپ چىقىپ كەتكەن. بوۋاي تىلىفۇن قىلغاندا ئۆزىگە تىلىفۇن قىلغان ئادەمنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھچى تېپىش ئۈچۈن ،ماجىياڭغا قىزىققان بولۇپ تىلىفۇننى قىز دەستىغا تۇتقۇزۇپ قويغان.ئاندىن ئىنىسىغا ئۇچۇردا خەۋەر قىلىۋەتكەن. قاتىل  ئاكىسىغا ئوخشاش ياسىنىپ ئۆيگە كىرگەن.بوۋاي ئۇنى ئارىيالمىغان.قالغان ئىشلار مىنىڭ پەرەز قىلغىنىمدەك ئىكەن.ئۇنىڭ سوراق جەريانىدا شۇنچىلىك قەيسەر بولغىنى بىكار ئەمەسكەن.قاتىل ئۇنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى ئەمەسمۇ؟لىكىن ئۇ ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئالدىدا يەنىلا ئاجىز كىلىپ قالدى. مەن ئىقرارنامىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ كۆزۈمنى ئىقرارنامىدىن ئەمدى ئۈزۈشۈمگە جىددىلىشىپ ساراڭ بولايلا دەپ قالغان لىۋىنچاڭ:
-دەرھال ئۇنىڭغا دورىنى بەر،تىز بول،-دىدى ئالدىراپ .
-تولۇق يېزىپسەن ،لىكىن بىر نەرسە كام قاپتۇ. ئۇ ھازىر نەدە؟،-دەپ سورىدىم لىيۇيۇڭجىيەندىن لىۋىنچاڭ بىلەن كارىم بولماي.
-راۋاق يولىدىكى‹‹ دو كې لەي ››مىھمانخانىىسىدا،-دىدى ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كىيىن.
-يۈر ۋىنچاڭ بۇنى ئىدارەڭگە ئاپىرىپ بېرىپ، دەرھال قاتىلنى تۇتايلى،ئۇ ئاكىسىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ قېلىپ قېچىپ كەتمىسۇن يەنە،-دەپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدىم.
-بولدى ئۇ ھەممىنى ئىقرار قىلدى ئۇنىڭغا دورىنى بەر،-دىدى ۋىنچاڭ قولۇمغا ئېسىلىۋىلىپ.
-خاتىرجەم بول ،ئۇ ئۆلمەيدۇ.ئاباي ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ بەرگىچە سۇغا ئازىراق تىنىچلاندۇرۇش دورىسى سېلىۋەتكەن.شۇڭا كۆزىنى ئاچالمايدۇ.
-ئۇكۇلچۇ؟
-ئۇنىڭغا ئۇرغىنىم ھەممە ئادەم بىلىدىغان ‹‹ئاۋانگارت››(先锋)ئوكۇلى،زۇكام بولغاندا ئۇرۇپ باققان بولغىدىڭ؟
-ئەمىسە چاشقان نىمىدەپ ئۆلدى؟
-مەن چاشقانغا ھاراق ئىچكۈزىۋەتكەن.‹‹ئاۋانگارت››نىڭ تەركىبىدىكى ماددا ئىسپىرتقا يولۇقسا قاندا چۆكمە پەيدا قىلىپ تومۇر توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھاراق ئىچىپ بولۇپ بۇ ئۇكۈلنى ئۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ.
-راسمۇ؟
-ماڭا ئىشەن.
لىيۇ يۇڭجىيەن چەكچىيىپ قاراپلا قالغاندىدى.
-دىلونى بەك چىريلىق پىلانلاپسەن. يەنە ئون مىنۇت تەخىر قىلغان بولساڭ ئۇتاتتىڭ،-دىدىم لىيۇ يۇڭجىيەنگە قاراپ.
-ھۇ مۇتىھەم!ئالدامچى!ساختىپەز!!،-لىيۇ يۇڭجىيەن ئەسەبىلىشىپ توۋلاشقا باشلىدى .ئاغزىغا لاتىنى يەنە تىقىپ قويۇپ، ئۇنى ئېلىپ ماڭدۇق.
-ئاباي مىنى بەك قورقىتىۋەتتىڭ،ماڭا دەپ قويساڭ بولماسمىدى،-دىدى لىۋىنچاڭ ماشىنا ھەيدىگەچ .
-سەن شۇنچىلىك قوقمىساڭ،ئۇ گۇمانلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە جىددى مۇھىت ئۇنىڭغا پايدىلىق.قانچە جىددىلەشسە شۇنچە  تېز ئىقرار قىلىدۇ.
-ئاباي تاپانچا تەڭلەپ سالدىم كەچۈر.
-بىرىنچى قېتىم باشقىلارنىڭ ماڭا تاپانچا تەڭلىشى.يۈرىكىم سېلىپ كەتتى مىنىڭمۇ.
-ئەمىسە تەڭ بوپتۇق. ھا!ھا!ھا!ئۇ ئورۇننى خاتا دەپ بەرمىگەندۇ ھە.
-تۇتالمىساق بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. قارا جەمىيەتتىكىلەر ئۇنىڭ جاجىسىنى تېخىمۇ قاتتىق بېرىدۇ.
شۇ گەپلەر بىلەن لىيۇ يۇڭجىيەننى ئاپىرىۋېتىپ،ساقچىدىن  يەنە ئىككىنى ئېلىپ قاتىل بار مېھمانخانا تەرەپكە ماڭدۇق.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيىۋالدى .
بۇ مىھمانخانا ئاددى ئەمما پاكىز ئىكەن. مىھمانخانا خادىمىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ 509-نومۇرلۇق ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق.5-قەۋەتتىكىلىكىنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولدۇم.چۈنكى بىر ياكى ئىككىنچى قەۋەتتە بولغا بولسا دېرىزىنىمۇ ساقلىماي بولمايتتى. مەن يىراقراق يەردە ساقلاپ تۇردۇم.لىۋىنچاڭ ئىشىكنى چەكتى.
-تاك!تاك!تاك!
-كىمۇ؟
-مۇلازىم.
-يوقال!!مىنى ئاۋرە قىلما.
-ئەپەندىم ئاستىڭىزدىكى ئۆينىڭ تورۇسىدىن سۇ ئېقىۋېتىپتۇ.تۇربا يوللىرىنى تەكشۈرۈپ باقايلى دىگەن.
قاتىل:
-ئاناڭنى،قانداق ئەخلەت مىھمانخانا بۇ،-دەپ ئىشىكنى ئازراق ئېچىشىغىلا ئۈچەيلەن ئۇنى يەرگە بېسىۋېلىپ قولىغا كويزىنى سېلىپ،ئۇنى ھەيدەپ چىقتى.
ئۇنىڭ چىرايى لىيۇ يۇڭجىيەنگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى.




قانغا بويالغان داچا(مايماق)

جىرىڭ...قىلشىغىلا تېلىغوننى كۆتۈردۈم.
-ياخشىمۇسەن؟
-ياخشى.دىلو بار كىلەمسەن؟
-باشلىقىڭ نىمە دەر؟
-چاتاق يوق. بۇ ئۇنىڭ چاقىرىقى.
-نەدە؟
-شەرقى تاغدىكى داچا يولىدا،
-پاھ...!! قانچىنچى قورۇ؟
-514.
-ھازىرلا بارىمەن.
قوشكىزەكلەرنىڭ قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دىلوسى پاش قىلىغاندىن كىيىن،بەك قىززىق ئىش يۈز بەردى.مەن بەك خوشال ئىدىم.دىلودىن كىيىن لىيۇيۇڭجىيەننىڭ ماڭا قاتتىق ئاچچىقى بولغاچقا ،مىنى تىللاپ پەقەتلا سوتقا ماسلاشماپتۇ.مەنغۇ مۇشۇنداق بولىدىغىنىنى بىلىپ سوتقا قەتئىي بارمىغان.مىنى سەن بىزگەئادۇكات بولۇپ بەر دەيدۇ تېخى.مىنىڭ نەچچە مىڭ كوي ئادۇكاتلىق ھەققى  ئۈچۈن بىر كۈن تىل ئىشتكىم يوق.مەن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئورنىدا بولغان بولساممۇ شۇنچە كاللا ئىشلىتىپ ،ئۇزۇن تەييارلىق قىلىپ، ئۆتكۈزگەن دىلوسىنى ئىككى كۈندىلا پاش قىلىپ،ئۆزىنى قورقۇتۇپ ئىشتىنىغا سىيگىزىۋەتكەن ئاتىكاچىنى تازا تىللايتتىم.....ئۇغۇ مىڭ تىللاپمۇ بەرىبىر ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلالمىدى.ئىنىسىنى ھەرنىمە بولسا خەينەنگە ئېلىپ كەتكەن. بولمىسا ئۇ  لۈكچەك تېخىمۇ تىللايتتى.لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئالا جوقا سۆزلىرى رەھبەرلىكىنىڭ دېھقىتىنى تارتىپ مىنى خېلى ئوبدان تەكشۈرۈپ،خاتىرجەم بولۇشۇپ ‹‹نەمۇنىلىك شەھەر پۇخراسى››دىگەن نامنى بېرىپ ،يەنە تېخى بوۋاينىڭ ئىگىسىز قالغان مىراسنى ھىساپلاپ ماڭا ئۇنىڭدىن 20مىڭ يۈەننى مۇكاپات قىلىپ بېرىپ قالغىنىنى يۇقىرىغا يوللىۋەتتى. مىنىڭ قانچىلىك خوشال بولۇپ كەتكەنلىكىمنى سىلەر پەرەز قىلىپ بولالمايسىلەر.چۈنكى ‹‹ش بوش›› ماركىلىق ئىلىكتۇرونلۇق ئويۇنچۇقنى ئالىمەن دەپ پەقەت ئامال قىلالمايۋاتاتتىم،ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بۇ پۇل كەلدى. تونۇمايدىغان بوۋاينىڭ مىراسى ماڭا قالغىنى قىزىق. لىكىن لى ۋىنچاڭ بەك خاپا ئىدى.ئۇنى قاتتىق جازالاپ پەيچۇسودا ئاددى ساقچى قىلىپ قويدى.دىمىسىمۇ ساقچى خادىملار ئىدارىغا مەلۇم قىلماي مەندەك مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنى دىلو تېخى سوراققا قاتناشتۇرىۋەرسە جاھان قالايمىغانلاشمامدۇ....مۇشۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدىم.قارىسام لىۋىنچاڭ ھەشەمەتلىك داچىنىڭ ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.مەن نەق مەيدانغا كىرىشكە ئەلدىرىماي لى ۋىنچاڭ بىلەن پارڭلاشتىم.
-ياخشىمىسەن،- دىدىلى ۋىنچاڭ باشتا سالام قىلىپ.
-ياخشى،- دەپ قويدۇم  ئادەتتىكىدىكدەك.
-بۇگۈن بىر ئۇخلىماپسەن ھە؟تېلىغۇننى بىر قېتىم ئىتتىك ئەپ باقتىڭ.
-ئۇخلاي دەپ تۇراتتىم.قارىسام مۇھىم دىلوكەن شۇڭا قىزىقىپ ئىتتىك ئالدىم.
-مۇھىم دىلولىقىنى قانداق بىلدىڭ؟
-چۈنكى سەن ئاساسى قاتلامدا ئىشلەۋاتقاندىكىن خىروئىن ،جىدەل ماجرا دىلورىغا مىنى ئاپارساڭ تاياق يىيىشتىن باشقا رولۇم يوق.شۇڭا مۇھىم دىلومىكىن دەپ ئويلىدىم...بولدى قۇرۇق گەپنى قوي. دىلونى سۆزلەپ باق.
-ئۆلگۈچى ئىككى.بىر جۈپ ئەر ئايال.يولدىشىنىڭ ئىسمى نۇر .48 ياش.بويىنىڭ ئىگىزلىكى 1.68 .ئۇچلۇق بىر نەرسە بىلەن بوينىغا قاتتىق ئۇرۇلغانلىقتىن نەپەس يىتىشمەي ئۆلگەن. تەخمىنەن تۆت سائەت بۇرۇن،يەنى چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا . ئايالىنىڭ ئىسمى شەمشىنۇر.23ياش.بۇيىنىڭ ئىگىزلىكى 1.75.قاتىل ئۇنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ قىيناپ ئۆلتۈرگەندىن كىيىن جەسەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.بىز ئۆلگۈچىنى قېنىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن ئۇ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق.قاتىلغا كەلسەك ئۇ ئايالدەك تۇرىدۇ.ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئىزىكەن.
-ئۆلگۈچىنىڭ كەسپىچۇ؟
-نۇر تىجارەتچىكەن.بۇرۇن ئىككى قېتىم زەھەر سېتىش جىنايىتىدىن گۇمانلىنىپ ئىسپات بولمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنكەن.لىكىن بۇ تويدىن بۇرۇنقى ئىشلار ئىكەن.ھازىر  قەبرىستانلىقتا قەبرە ئېلىپ ساتىدىكەن.تىجارىتى ناھايىتى ياخشىكەن.شەمشىنۇر ئەمدىلا شاڭخەي فۇدەن
ئۇنۋىرسىتىنى پۈتتۈرۈپتۇ.ھازىر يولدىشىنىڭ شېركىتىدە يانداش ياردەمچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن.(副助理)
-دىلونى كىم مەلۇم قىپتۇ؟
-ئۆي تازىلىغۇچى ئايال .ئۇ ئۆي تازلىغىلى كەلسە ئىشلار مۇشۇنداقكەن.
-سائەت نەچچىدە؟
-سەككىزدە.
-ئۇ ھازىر نەدە؟
-كەلسەك ئۇ بەك قورقۇپ كىتىپتۇ.توختىماي ياندۇرغىلى تۇردى،شۇڭا ئەھۋالنى خاتىرىلىۋېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدۇق.
-يۈر !نەق مەيدانغا كىرىپ باقايلى.
لى ۋىنچاڭ بىلەن ھەشەمەتلىك داچا ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق.ھويلىدىن ئۆتۈپ ئىككى قەۋەتلىك ياسىداق داچا ئالدىغا كەلگەندە لى ۋىنچاڭنىڭ ئەترەت باشلىقى ھەسەنجان داچىدىن چىقىپ كەلدى.ئۇ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن:
-ئۆلگۈچى قىز نىڭ ئاتىسى  ج خ ئورگىنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر ئىدى. بۇ دىلوغا ياردىمىڭىزنى ئايىماڭ ئۇكام،-دىدى سەمىمىلىك بىلەن.
-بولىدۇ ئاكا. خاتىرجەم بولۇڭ دىدىممەن ئىشەنچىك ئاھاڭدا.مەنغۇ باشلىقنى كۆرسەملا ئاكا ،تاغا دەپ تۇققان تارتىدىغانلاردىن ئەمەس.لىكىن يېقىندا يەنە ‹‹پېسۋى››ماركىلىق ئىلكتىرونلۇق ئويۇنچۇق بازارغا سېلىنىدۇ.شۇڭا بۇ دىلونى چوقۇم يەشمىسەم بولمايدۇ.ئالدىنىقى بوۋاينىڭ بارلىق مۈلكى بىرمىليون ئىككى يۈزمىڭ يۈەن باھالىنىپتىكەن.بۇ داچىنىڭ باھاسى تۆت مىليوندىن كەم ئەمەس.ھى...ھى.
-ئۇنداقتا مەن چىقىپ كەتتىم .ئىش بولسا ئالاقىلىشىڭلار.سىلەرنى بار كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز،- دەپ ئالدىراش سىرتقا ماڭدى ھەسەنجان ساقچى.
داچىنىڭ ئىچى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولۇپ،بىرىنچى قەۋەت پۈتۈن مېھمانخانا. تەخمىنەن 200كۇۋادىرات مېتىر كىلىدىغان مىھمانخانىغا لىق كەلتۈرۈپ ئېران نۇسخىسىدىكى گىلەم سېلىنغان.لىكىن ھەممىلا يەر ئۆلگۈچىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغۇنۇپ كۆرگىسىز بولۇپ كىتىپتۇ. مېھمانخانىنىڭ تۆت تېمى بىر يېرىم مىتىر ئىگىزلىكتە ياغاچ بىلەن بېزەلگەن ئۈستىدىكى تامغا تورۇسقا كەلگىچە كورىيىدە ئىشلەنگەن ئالاھىدە بېزەك قەغىزى چاپلانغان.قەغەزمۇ قان چاچراپ  كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن.ئۆينىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بولۇڭىغا ناھايىتى ئىسىل بىر ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان.ئۆينىڭ ئەڭ ئوتتۇرىدا تامغا چاپلاپ ساپ خۇرۇمدىن ياسالغان سەككىز كىشىلىك كىرىسلو قويۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلگۈچى نۇر باغلاپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغانىدى.ھالىتى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق.كىرىسلۇنىڭ ئالدىدا نەپىس ياسالغان چىلان رەڭلىك يوغان ئۈستەل قويۇلغان. ئۈستەلنى تەكشۈرۈپ كۆردۈم ،ئۇستەلنىڭ پۈتۈنلەي قان.ئۈستەلنىڭ تۆتىلى پۇتىدا غىجىلغان ئىز بار.ئۈستەلنىڭ  ئەتراپىدا  سۈپۈرۈپلا چۈشۈرىۋىتىلگەن ھەر خىل يىمەكلىكلەر قانغا مىلىنىپ گىلەم ئۈستىگە  چېچىلىپ ياتاتتى.كىرىسلونىڭ ئۇدۇلىدىغا يوغان تېلىۋوزور قويۇلغان بولۇپ  چاچراپ پەسكە سېرىلىپ ئاققان قان.تېلىۋوزور يۈزىنى كۆرگۈسىز قىلىۋەتكەن.تېلىۋوزور قويغان ھەشەمەتلىك ئىشكاپمۇ شۇ. كىرىسلۇنىڭ يىنىغا ئۈستىدىكى قەۋەتكە چىقىدىغان يۇمىلاق پەلەمپەي چىقىرىلىپ،پەلەمپەيلەرگەپۈتۈنلەي ياغاچ ياتقۇزۇلۇپ ئاق سىر بېرىلگەن.ئۈستىدە ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئىزى بار .ئۈستىدىكى قەۋەتنىڭ قۇرۇلمىسى كۆپ مۇرەككەپ بولۇپ ئىككى مۇنچا،ئىككى ھوجرا ،ياسىداق ئاشخانا.يەنە بىر كىتاپخانا.مۇنچىنىڭ بىرى پۈتۈن يىشىل رەڭدە لاھىلەنگەن.مىنىڭچە بۇ نۇرنىڭ.مۇنچىنىڭ يەنە بىرى پۈتۈن قىزىل رەڭ بولۇپ بۇ مۇنچىدا قان يۇقى خېلى بار.گىرم بويۇملىرى قالايمىقان بولۇپ قارىغاندا قاتىل جىنايەتنى سادىر قىلىپ بولۇپ بۇ بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىنىڭكىدىنمۇ ئىسىل مۇنچىدا  راۋۇرۇس بىر يۇيۇنىۋېتىپ ،گىرىم قىلىپ چىقىپ كەتكەندەك تۇراتتى.ياتاق ئۆيلەر ،ئاشخانا،كىتابخانىلىردا ھېچقانداق ئىز يوق ،دىمەك قاتىل بۇ ئۆيلەرگە كىرمىگەندەك قىلاتتى.چىقىپ ئەخلەت ساندۇقىغا قاراپ باقتىم.ھېچقانداق گۇمانلىق نەرسە يوق.
-بارماق ئىزلىرىچۇ؟،-دەپ سورىدىم لىۋىنچاڭدىن.
- رەسىمى مانا ،لىكىن ئارخىپتا يوقكەن.
بۇ بارماق ئىزى بەكلا قالايمىقان بولۇپ ،نورمال ئادەملەرنىڭكىدەك سىزىقلىرى راۋان ئەمەس ئىدى.ئۆلگۈچى توغۇرلۇق ھېچ قانداق بىر يىپ ئۇچى تاپالمىدىم.تۇيۇقسىز بىر نەرسە يادىمغا كىلىپ:
- كۈزەتكۈچ يوقمىكەن؟ ،-دەپ سورىدىم لىۋىنچاڭدىن.
-ئۆيدە يوقكەن.لىكىن شەھەر تەرەپتىن كىلىشتىكى بىر كىلومىتىر يولدا كىرگەن ماشىنىلەرنى خاتىرىلەيدىغان بىرسى باركەن.
-تاغ تەرەپتىچۇ؟
-يەنە ئۈچ كىلومىتىردا بىرسى باركەن.
-يۈر دىلو مەلۇم قىلغۇچى بىلەن كۆرۈشۈپ باقايلى.
يولدا مىنىڭ پۈتۈن خىيالىم دىلودا.بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدۇق.ماشىنىنى دوختۇرخانا يېنىدىكى يولغا توختۇتۇپلا بىرىنچى قەۋەتتىكى جىددى قۇتقۇزۇش
مەركىزىگە كىرىپ كەلدۇق.ئۇ ئايال جىددى قۇقۇزۇش مەركىزىدىكى زالغا قاتار قويۇلغان كۆك رەڭدە سىرلانغان تۆمۈر ئورۇندۇقتا بىزنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇ 40تىن ئازراق ئاشقان.1.65ئەتراپىدىكى قاراراق كەلگەن چوكان ئىكەن. بەكلا قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.چىرايى بەكلا تاتىرىپ كەتكەنىدى.
-ياخشىمۇسىز ھەدە،-دىدىم پەس ئاۋازدا.
-ياخشىدەك تۇرامدىم ئۇكام؟!!!،-دىدى ئۇ جىلە بولۇپ.
-نەق مەيدان ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇقكەن.سىز تۇرماق مەنمۇ قورقۇپ كەتتىم.لىكىن يەنە ئىسىڭىزگە سېلىپ قويىدىغان بولدۇم .ئۇنى بۇنى سوراپ.
تېخى ھېچنىمە سورىماستىنلا ئۇ سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەن كۈندە كەچتە بىر قېتىم كىلىپ ئۇ داچىنى تازىلايتتىم.بۈگۈن كەلسەم ئىشىك يېپىلماپتۇ.يېپىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ
ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسسام ھېچقانداق سادا يوق.ئىچىگە بىر قارىغىنىمنى بىلىمەن.ھەممە يەر قان، چىقىرىغىنىمچە يېنىپ چىقىپ110غا تىلىغۇن قىلدىم.
-ئىچىگە كىردىڭىزمۇ؟
-ئوھوش....نىمدەيدىغانسىز كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ.
-سائەت ئىككىدىن  ئۈچكىچە سىز نەدە ئىدىڭىز؟
-ئۆيدە.
-كىملەر بار ئىدى؟
-ئېرىم بىلەن تۆت بالام.
بۇلارنى سوراپ بولۇپ كۈزىتىش خاتىرىسىنى(监控记录)تەكشۈرگىلى قاتناش ساقچى ئىدارىسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
-سىنىڭچە قانداق؟،-دەپ سورىدىم ماششىنا ھەيدەۋاتقان لى ۋىنچاڭدىن.
-ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدىم .يەنىلا سەن دەپ باقە ئويلىغانلىرىڭنى.
-مىنىڭچە دىلونىڭ جەريانى مۇنداق.
قاتىلنىڭ ئاياق ئىزىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2.6سانتىمىتىر.ئادەتتە ئادەمنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئاياق ئىزىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.شۇنداق ھىساپلىغاندا .قاتىلنىڭ بويى 1.80ئەتراپىدا.ئۇ قاتىلنىڭ بوينىغا بىر نەرسە بىلەن ئۇرمىغان،بەلكى ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئۇچى بىلەن تەپكەن.
قاتىلنىڭ بويى ئۆلگۈچىدىن ئىگىز.بىر نەرسە بىلەن ئۇرغان بولسا ئۇ ئۇچلۇق نەرسىنىڭ ئىزى يا ئۇدۇل بولاتتى ياكى ئاستىغا قارايتتى.لىكىن قاتىلنىڭ
بويندىكى ئىز ئاستىدىن ئۈستىگە.ئۇ مەشق كۆرگەن .بولمىسا بىر ئەر كىشىنى بىر تىپىپلا ئۆلتۈرىۋىتەلمەيتتى.ئاندىن ئۇ شەمشىنۇرنى جوزىغا باغلىۋېتىپ ،نۇرنىڭ جەسىدىنى كىرىسلودا ئۈستەلگە قارىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغان.ئاندىن شەمشىنۇرنى تىرىك پېتى پارچىلىۋەتكەن.جوزىنىڭ پۇتىدىكى ئىز ئۆلگۈچى تىپىرلىغاندا ئارغامچا سۈرۈلۈپ پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن قاتىلنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.يەنە كىلىپ شەمشىنۇردا ئۆچى بار.بولمىسا پارچىلانغىنى نۇر بولاتتى.ئاندىن كىيىن قاتىل قىزنىڭ جەسىتىنى بىر نەرسىگە قاچىلىغان.بەلكىم تاغار بولۇشى مۇمكىن.ئاندىن كىيىن مۇنچىدا راۋۇرۇس يۇيىنىۋېتىپ گىرىم قىلغاندىن كىيىن قىزنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.مىنىڭچە ماشىنىدا ئېلىپ كەتكەن بولمىسا دېھقەتنى تارتىش ئېھتىمالى يۇقىرى.
-ھەجەپ ۋەھشى خوتۇنكەن بۇ.
-تۇتۇۋالساق يا توي قىلىۋالارسەن.ئىككىلىڭلارنىڭ گۇمپىسى ياخشى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىڭلار ئىگىزكەنسىلەر.
-تۇفى،تۈفى،تۈفى......،-دەپ كەتتى لىۋىنچاڭ.
كۆزەتكۈچ خاتىرىسىنى ساقلاش ئىشخانىسىدا بۇ يەرنىڭ مەسئولى بىلەن كۆرۈشتۇق.لى ۋىنچاڭ ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئۇ بىزنى
كۆزۈتۈش ئۆيىگە باشلاپ ماڭدى.كومپىيوتۇر ئالدىغا ئولتۇرغاندىن كىيىن
- قايسى ۋاقىتنى تەكشۈرۈسىلەر؟
-سائەت ئىككىدىن تارتىپ تۆتكىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرۈپ باقايلى،-دىدىم ئۇنىڭغا.   
-بولىدۇ،-دىدى دە  ،ھايال ئۆتمەي  ئىككى كۆزەتكۈچتىن كىسىلگەن ئىككى سىن ھۆججىتىنى تەييارلاپ بېرىپ چىقىپ كەتتى.ئىككىلىسىنى كۆرمەي بولمايتتى.چۈنكى قاتىلنىڭ قايسى تەرەپتىن كىرىپ قايسى تەرەپتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىزگە نامەلۇم.
-سەزگۈر بۇ چاغدا كىرىپ چىققان ماشىنا بەك كۆپمىكن ، يىپ ئۇچى يوقمىكىن دەيمەن،-دىدى ۋىنچاڭ ئۇ چىقىپ كىتىشىگە.
-لىكىن ئىككى سائەت ئىچىدە بۇ تۆت كىلومىتىر دائىرىدە تۇرۇپ قالغان ماشىنا ئاز،-دىدىم كومپىيوتۇردىكى كۆرۈنۈشتىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.نەچچە سائەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى  قىزىل رەڭلىك فورد ماركىلىق بىر پىكاپقا دېھقىتىمىز مەركەزلەشتى.بۇ ماشىنا سائەت ئىككىدىن 27مىنۇت ئۆتكەندە شەھەر تەرەپتىن كىرىپ،سائەت ئۈچتىن ئونبەش مىنۇت ئۆتكەندە يەنە شەھەر تەرەپكە قايتىپ كەتكەنىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە شوپۇرى ئايال. كىرگەندە ۋە چىققاندا كىيگەن كىيىمى ئوخشىمايتتى.بىز بۇ ئىككى كۆرۈنۈشنى كىسىپ لىۋىنچاڭنىڭ تېلىفۇنىغا قاچىلىۋالغان كىيىن،بۇ يەردىكى مەسئۇل خادىمغا بۇ فورد ماشىنىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قلىدۇق ۋە ئۇنىڭغا ۋىنچاڭنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئاندىن لى ۋىنچاڭنىڭ ئىدارىسىگە قاراپ ماڭدۇق.بۇ چاغدا كىچە سائەت ئون ئىككى بولغانىدى.لىكىن ئىككلىمىزنىڭ ئۇيقىغا مەيلىمىز يوق ئىدى.ساقچى ئىدارىسىغا كەلگەندىن كىيىن كۆرۈنۈشنى ئېنىقلاشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا بېرىپ ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇردۇق.جىنايەتچىنىڭ تەققى تۇرقى بىز ئۈچۈ ئەڭ مۇھىم يىپ ئۇچى ئىدى.بىر دەمدىن كىيىن لىۋىنچاڭ جىنايەتچىنىڭ رەسىمىنى ئېلىپ چىقتى.جىنايەتچى 25 ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق
قىز بولۇپ ،تېرىسى ئاپپاق چېچى دولىسغا چۈشۈپ تۇراتتى.گىرىمى قېنىق ئەمما ئۇنىڭغا خېلىلا ياراشقانىدى.
-ھەي.....قاتىل بولمىغان بولسا تەگسە ئېلىپلىۋىتەركەنمەن،-دىدى لىۋىنچاڭ ئۇھسىنىپ.
-بۇنىڭ ئىشى ئاسان .ئۇنى ئاۋۋال تېپىپ،جىنايىتىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلمىساقلا بولىدۇ،ئۇ مىنى پاش قىلىپ قويمىسۇن دەپ بولسىمۇ ساڭا تىگىدۇ،-دىدىم چاخچاق قىلىپ.شۇلارنى دىيىشىپ تۇرىۋىدۇق.لى ۋىنچاڭنىڭ تېلىفۇنىغا ماشىنىنىڭ تېپىلغانلىق ئۇچۇرى كەلدى.قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمىدىن تېزلىكىدىن قەۋەتلا بولدۇم.ئىش كەينىگە سۈرۈلگەنسىرى ئىز قوغلىماق تەسلىشىدۇ.ماشىنا مودەن گۈللىكىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇلغانىدى.ماشىنا ئىككى كۈن ئىلگىرى يۈتتى دەپ دىلو مەلۇم قىلىنغانىكەن.بېرىپ ماشىنىنى تەكشۈردۇق.ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندىقىدىكى ئازراق تامچىغان قان ئىزى بار.جەسەت ئېلىپ كىتىلگەنىدى. رولدا قاتىلنىڭ بارماق ئىزى بار ئىدى.بۇلار مۇشۇ ماشىنىنىڭ قاتىل ھەيدەپ كەلگەن ماشىنا ئىكەنلىكىنى دەلىللەيتتى.قاتىل چوقۇم مۇشۇ گۈللۈكتىكى مەلۇم بىر ئۆيدە.چۈنكى ئىگىز بوي چىرايلىق بىر قىز جەسەت پارچىلىرى سېلىنغان تاغارنى ئېلىپ بەك ئۇزاق مېڭىپ كەتسە دېھقەتنى بەكلا تارتىدۇ.لىكىن ھەممە ئۆينى ئاختۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا كىچە.  
-يۈر ئاھالە كومىتىتىدا ئادەم بارمىكىن قاراپ باقايلى،-دىدىم لى ۋىنچاڭغا.
-سائەت بىر بولاي دەپتۇ،بۇ چاغدا ئادەم يوقمىكىن،-دىگەچ كەينىمدىن ماڭدى ئۇ.
دەرۋەقە ئاھالە كومىتىتىدا بىرلا دىجورنى خادىم بار ئىكەن.بىز ئۇنىڭغا قاتىلنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتسەك ئۇ تونىمايدىكەن. ئامالسىز ئەتىنى ساقلاشقا
مەجبۇر بولۇپ .يەنە ئىككى ساقچىنى چاقىرىپ ،مەن لىۋىنچاڭ بىلەن گۈللۈكنىڭ ئالدى دەرۋازىىسىنى ساقلىدۇق.ئۇلار كەينى دەرۋازىسىنى ساقلىدى.
ئۇلارغىمۇ رەسىمدىن بىر پارچە بېرىپ،قاتىلنىڭ ئىنتايىن يامان ئىكەنلىكىنى،بويى ئىگىز قىزلار بولسا ئالاھىدە دېققەت قىلىشنى تاپىلىدۇق.كىچە ولغاچقا كىرىپ چىقىدىغان ئادەم بەكمۇ ئاز ئىدى.شۇڭا بەكمۇ چارچاپ كەتمىدۇق.بىز قاراۋاتقان ئىشىكتىن چىققىنى ئاران ئۈچ ئادەم ھەممىسى
ئەر كىشى.ئىككىسى بىللە چىقتى.ئىككىلىسى غەرق مەس. 35ياشلار چامىسىدا.يەنە بىرى بىر ياش ئوغۇل بالا .يەن بىر تەرەپتىكىلەرمۇ گۇمانلىق
ئادەمنى بايقىماپتۇ.تاڭ ئېتىشىغا ئەگىشىپ كىرىپ چىقىدىغانلار كۆپەيگىلى تۇردى.بىز 8 بولۇشى بىلەن كۈزىتىش ئىشىنى باشقا ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ
ئاھالىلەر كومىتىتىغا باردۇق.مەھەللىدە بويى بىرمىتىر سەكسەندىن ئاشىدىغان قىزلار ئىككىسىلا بار بولۇپ، ھېچ قايسى سۆرەتتىكى قىز ئەمەس ئىدى.
بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۇق. چۈنكى شۇنچە ئىز قوغلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يىپ ئۇچى ئۈزۈلۈپ قالدى.لى ۋىنچاڭ جىلە بولۇپ ئارخىپنى قايتا قايتا ئاختۇرۇشقا باشلىدى.بىردەمدىن كىيىن نەتىجە چىقىرالماي،بىر قېتىملىق ئىستاكانغا لىق قايناقسۇ قۇيۇپ .بەلكىم چايداندىكىسى تۈنۆگۈنكى قايناقسۇ بولسا كېرەك.قولىغا ئېلىپلا،غورتىلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى.مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىرىپ بىر نەرسە ئىچسە بەك ئىچىم پۇشىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ بىر ئۆرلەپ بىر چۈشىۋاتقان بۇغدىيىكىگە بىزارلىق بىلەن قاراپ قويدۇم.شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز بىر نەرسە كۆز ئالدىمدىن يالت قىلىپ ئۆتكەندەك بولدى دە، جوزىدىكى سۈرەتنى ئېلىپ قايتىدىن قاراشقا باشلىدىم.
-قىز بالا ئەمەسكەن ،قارا ۋىنچاڭ ...ئۇنىڭ بۇغدىيىكى باركەن،-دىگەچ ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. بۇ قىزنىڭ يۈز شەكلى كىچىدە بىز بار ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەن بالىغا شۇنداق ئوخشايتتى. دىمەك قاتىل بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا قېچىپ كەتكەنىدى.بىز يەنە ئارخىپ ئاختۇرۇشقا باشلىدۇق.بۇ ئانچە تەسكە چۈشمىدى .چۈكى قاتىلنى كىچىدىن كۆرگەچكە رەسىمگە قاراپ ئىزلىسەكلا بولاتتى. ئاخىرى قاتىلنى5-كورپۇس 6-قەۋەتتىكى 603-ئۆينى ئىجارىگە ئالغان نامۇ ئىسىملىك تايلاندلىق ساياھەتچى دەپ مۇقىملاشتۇردۇق.ۋە رەسىمنى ئايردۇرومدىكى ساقچىلارغا ئەۋەتىپ بەردۇق .ئۇچۇپ كەتمىگەن بولسىلا ئەمدى ئۇ ھېچ يەرگە قاچالمايتتى. شۇڭا باشقا ئىشنى قويۇپ قاتىل تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق.
ساقچى ئىدارىسىدا مەخسۇس قۇلۇپ ئاچىدىغان ساقچىلارمۇ بار ئىكەن ئىشىكنى بىر دەمدىلا ئېچىۋەتتى.ئۆينىڭ ئىچىدە شەمشىنۇرنىڭ جەسىتى پارچە-پارچە تۇراتتى. جەسەت پارچلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پىستە ئىت بەخىرامان ئۇخلاۋاتاتقانىدى. شۇنداق قورقۇنۇچلۇق.....ئۆيدە قاتىلنىڭ جىنايىتىگە ئىسپات بولىدىغان دەلىل ئىسپاتلار نۇرغۇن ئىكەن.ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ ۋىنچاڭنىڭ ئىدارىسىغا قاراپ ماڭدۇق.
بىز يىتىپ كەلگەندە قاتىلنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرى كەلدى.جىنايەتچى نەنجىڭغاماڭىدىغان ئايروپىلانغا چىقىۋاتقاندا قولغا چۈشۈپتۇ.ساقچىلار پۇختا تەييارلىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئۇ ساقچىلاردىن ئىككىسىنى يارىلاندۇرۇپ، توك كالتىكى يېقىلغاندا ئاران جىم بوپتۇ. ئۇنى ئەكىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. دىمىسىمۇ بەكلا چارچاپ كەتكەنىدىم.كۆزۈمنى بىردەم يۇمغاندەك قىلىۋىدىم.لىۋىنچاڭ مىنى بوش سىلكىپ ئويغۇتۇپ:
-ئۇ سوراقخانىدا ،ھەسەن چوڭ ئەترەت باشلىقى سىنىڭ سوراق قىلىشىڭغا ئالاھىدە رۇخسەت بەردى.
بۇ گەپى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولدۇم.چۈنكى بۇ ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى تايلاندلىق قاتىلنىڭ بۇ بىچارە قىزدا زادى نىمە ئۆچى بارلىغىنى بىلىپ باققۇم بار ئىدى.
-تايلاندچە ئۇقىدىغان تەرجىمان بارمۇ؟،-دەپ سورىدىم لى ۋىنچاڭدىن.
-بار.شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇيدىغان بىر تايلاندلىق ئوقۇغۇچىنى تېپىپ كەلدۇق.ئۇ سوراقخانىنىڭ ئالدىدا سىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
بۇ تايلانتلىق ئوقۇغۇچى پاكار ،ۋىجىك قارامتۇل كەلگەن بولۇپ قاتىل نامۇغا قەتئىي ئوخشىمايتتى.ئۇنىڭ بىلەن سوراقخانىغا كىرىپ گەپ قىلماي نامۇنى بىردەم كۈزەتكەندىن كىيىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .چۈنكى ئۇنىڭ بۇغدىيىكى بولۇپلا قالماي يەنە تېخى خېلى تولغان كۆكسىمۇ بار ئىكەن.‹‹جىنىس ئۆزگەرتىش›› ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغانكەندە....ئىگىز پاشنىلىق ئاياق قىپ بىمالال ھەرىكەت  قىلغىنى بىكار ئەمەسكەن بۇنىڭ.
-نامۇ ئەپەندىدىن ياق خانىمدىن سوراپ باق سۇ ئىچەمدىكەن؟،-دىدىم تەرجىمانغا.تەرجىمان ئەمدى ئاغزىنى ئېچىشىغا قاتىل ماڭا تىكىلىپ قاراپ:
-مەن ئۇسسىمىدىم.مىنىڭ ئىسمىم سەيپىدىن.ئۇ تەرجىمە قىلىپ بەرمىسىمۇ سۆزلەۋەر.مەن قەشقەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر،سىنىڭ گېپىڭنى ئوبدان چۈشىنىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.ئۇ مەندىكى ئىپادىنى كۆرۈپ قىزارغاندەك بولۇپ ،بولغان ئىشلارنى سۆزلەشكە باشلىدى.
-شەمشىنۇر ئىككىمىز بىر مەلىدە چوڭ بولغان.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ساق 12يىل ساۋاقداش بولدۇق .تولۇققا چىققاندا ئۇ بەكمۇ چىرايلىق
بولۇپ كەتتى مەن ئۇنى ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرەتتىم.ئۇ بەك چىرايلىق،ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسى باشلىق بولغانلىقتىن رىقا بەتچىرىممۇ كۆپ ئىدى.
شۇڭا تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا ئۇنىڭغا مىڭ تەستە ئېغىز ئاچتىم.ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەلىۋىمنى ساقلىغىلى ئۇزاق بولغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇ چاغدا مىنىڭ خوشاللىقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالغان ئىدى.ئىككى يىل شۇنداق شېرىن ئۆتتى.كىيىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان چاغدا مەسلەھەتلىشىپ  فۇدەن ئۇنۋىرسىتىتىنى كارتوچكىغا ئوخشاش توشقۇزدۇق.شەمشىنۇر ئۆتۈپ كەتتى.لىكىن مەن ئىمتىھاندا بەك جىددىلىشىپ كىتىپ نومۇرۇم كۆڭلۈمدىكىدەك چىقماي شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدىن چاقىرىق كەلدى.مەن ئۇنى شۇنچىلىك سۆيگەنلىكىمدىن ئۈرۈمچىگە
پەقەت بارغۇم كەلمىدى ۋە قايتا ئىمتىھان بېرىش قارارىغا كەلدىم.بۇ گېپىمنى ئۇمۇ قوللىدى.كىيىن تەتىل توشۇپ ئۇ مىنى ساقلايدىغانغا ۋەدە بېرىپ،
شاڭخەيگە ماڭدى.تىلىفۇندا ئالاقىلىشىپ تۇردۇق.بىراق نەچچە ئاي ئۆتمەي بىر قەشقەرلىك بالىدىن ئۇنى شاڭخەيدە بىر قېرى لۈكچەك بىلەن يۈرۈۋاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.باشتا ئىشەنمىدىم.لىكىن بىر نەچچەيلەن دىگەندىن كىيىن بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئۆيدىن ئوغۇرلۇقچە قېچىپ شاڭخەيگە كەلدىم.قارىسام ئىش راستىنلا شۇنداقكەن.مەن بەلكىم نۇر دىگەن قېرى زورلىدى دەپ ئويلاپ، بىركۈنى ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلىپ مەكتەپنىڭ كەينى دەرۋازىسىدا كۆرۈشۈشنى ئېيتتىم.ئۇ باشتا مىنىڭ شاڭخەيگە كەلگىنىمگە ھەيران قالدى.ئاندىن تېزلا كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى...راست گەپ قىلسام كۆرۈشىدىغان ۋاقىت ئاز قالغانسىرى ئۆچمەنلىكىم ئۇ ياقتا قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدىغىنىمدىن ھاياجانلىناتتىم.
چۈنكى بىز بۇنداق ئۇزاق ئايرىلىپ باقمىغان.لىكىن ئۇ كۆرۈشكەندىن تارتىپ نۇرنى ماختاپلا تۇردى،ئۇنداق مەرت ،بۇنداق پىشقان دەپ ئۇنى ئېغىىزىدىن چۈشۈرمىدى.ئۇ ماڭا ‹‹قارا سەيپىدىن مەن مۇھەبەتنىڭ نىمىلىكىنى ئەمدى چۈشەندىم،مەن چوقۇم نۇرئاكام بىلەن توي قىلىمەن.››دىگەندە خۇددى ئۈستۈمدىن چاقماق چاققاندەك ئازاپلاندىم.ئۇنىڭ خيالىدا ئىككىمىزنىڭ ۋەدىلىرى پەقەتلا قالمىغان ئۇنىڭ كاللىسىنى
نۇر پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالغانىدى.ئۇنىڭ كەينىدىكى گەپلەرنىڭ ھېچقايسى قۇلىقىمغا كىرمىدى.لىكىن ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىمكى ھەتتا ئۇنىڭ
مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلىرىنى بۆلىۋەتكۈم كەلمەيتتى.ئاخىرى ئۇ قايتىدىغان بولدى.مەن زورىغا خوشلىشىپ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك مېڭىپ ئارقا كوچىدىكى ‹‹يولداش››(同志)دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر مەيخانىغا كىردىم.مەيۇسچىلىكتە شۇنداق جىق ئىچىپتىمەن.
بىر چاغدا بىرەيلەن بىرەيلەننىڭ بىلىكىمنى بوغۇپ ئۇكۇل ئۇرغانلىقى غۇۋا يادىمدا ئېسىمگە كەلسەم پۇت قولۇم باغلاقلىق،قاپقاراڭغۇ بىر يەردە يېتىپتىمەن.ئەسلى مەن ئادەم بىدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتىمەن.ئۇلار مىنى لىق مالنىڭ ئاستىغا بېسىپ تايلانتلىق بىر پاھىشخانا خوجايىنىغا سېتىۋەتتى.مەن بۇ يەردە ئۆلۈمدىن ئارتۇق خورلاشقا ئۇچرىدىم.ئۇلار مىنى ئاۋۋال ئاختا قىلىپ ئاندىن ماڭا پەسكەشلىك قىلىشتى.باشتا شۇنداق ئۆلىۋالغۇم كەلگەن بولسىمۇ لىكىن مىنى يەنە بىر نەرسە ھاياتلىق يولىغا تارتاتتى.ئۇ بولسىمۇ ‹‹قىساس››.مەن ئويلىغانسىرى شەمشىنۇرغا نەپرەتلىنەتتىم،چۈنكى مۇشۇ ھالەتتە قېلىشىمنىڭ ھەممىسىگە ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقى سەۋەپچى ئىدىم.مەن ئۇنى نۇرنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ ئۆلىگىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىمەن دەپ قەسەم ئىچتىم.كىيىن ئۇلار مىنى مەجبۇرى ئوپىراتسىيە قىلىپ،مۇشۇنداق ھالەتكە ئەكىلىپ،ئاندىن مىنى ئۇسسۇلغا سالدى.مەن ئامالسىز بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇم.بۇ ساھەدە خېلى پۇل تاپقىلى بولاتتى.كىيىن مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتتىم.ۋاستە تاللىمىدىم. پۇل تاپىدىغانلىكى ئىش بولسا قانچىلىك يىرگىنىشلىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر قىلىۋەردىم.بىكار قالساملا تايلاند گۇمپىسى ئۆگەندىم. قىساس ئېلىشقا پۇل بىلەن بىڭسىم بولمىسا بولمايتتى.ئاخىرى گۇمپىدا كەسپى گۇمپىچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە باردىم.نۇرغۇن پۇل خەجلەپ قانۇنلۇق تايلاند گىراجدانى بولدۇم.بۇنچىلىك بولغىچە ساقمۇ ساق بەش يىل ۋاقىت كەتتى.سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي قىساس ئالغىلى شىنجاڭغا كەلدىم.ھەم مەقسىتىمگە يەتتىم .بىردىنبىر پۇشايمىنىم نۇر دىگەن يارىماسنى قاتتىقراق تىپىۋېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويدۇم..ئۇنىڭغا  ئۇ قانجۇقنىڭ قانداق ئۆلگىنىنى كۆرسىتەلمىدىم...گەرچە سىلەرگە تۇتۇلۇپ قالغان بولساممۇ قىلمىشىمغا پۇشايمان قىلمايمەن،قىساسىمنى ئالدىم ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق،-دەپ گەپنى ئۈزدى ئۇ.
بۇئەنزە شۇنداق ئاخىرلاشتى.ئەپسۇس نۇرنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنىدىن بولغان بىر بالىسى بار ئىكەن .پۈتۈن مىراس شۇنىڭ بولدى.مەن ھەسەنجان ئەترەت باشلىقى ۋە شەمشىنۇرنىڭ دادىسىنىڭ تىلىفۇندىكى رىغبەتلىرىدىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمىدىم.پايدا لى ۋىنچاڭغا بولدى.ئۇ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن يەنە بۇرۇنقى جىنايى ئىشلار باشقارمىسىغا قايتتى.بۇ ئىشلار ئۆتۈپ خېلى ئۇزۇنغىچە چىدىغىسىز ئېغىر قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن سەيپىدىن خېلى ۋاقىتقىچە يادىمدىن چىقمىدى.




خامېلىيون  قاتىل

جىررىڭ!!!!جىررىڭ!!!!!
تاتلىق ئۇخلاۋاتقانىدىم.كۆزۈمنى ئاران ئېچىپ كەلگەن نومۇرغا قارىسام يەنە لى ۋىنچاڭكەن.
-ياخشىمۇسەن؟،-دىدىم تېلىفوننى ئېلىپ كېرىلگەچ.
-ياخشى.قاتىللىق دىلوسى بارامسەن؟،-ئۇنىڭ ئاۋازىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
-باراي،-دىدىممەن كىسىپلا.لىۋىنچاڭنى جىددىلەشتۈرەلەيدىغان دىلو چوقۇم بوش دىلو ئەمەس.
-مەن بىنارىڭنىڭ ئاستىدا،تېزراق چۈش،-دىدى لى ۋىنچاڭ ئالدىرىتىپ.
-مانا ھازىر،-دەپ تېللىفوننى قويۇپلا ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن تەييارلىنىپ پەسكە يۈگۈردۈم.ئۇ پەستە ساقلاپ تۇرغانىكەن.
-نىمە ئىشكەن ؟بۇنچىلىك جىددىلەشكۈدەك؟،-دىدىم ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ياپقاچ.
-بىرىنى مىھمانخانىدا ئېتىۋېتىپ،20مىليون قىممىتىدىكى قاش تېشىنى بۇلاپ كىتىپتۇ.
-جىددىلەشكۈدەك ئىشكەن زادى،-دىدىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ.چۈنكى بۇ جىنايەتچى ھەقىقەتەن قارارام ئىدى .يولدا بىر ئېغىز گەپ قىلىشمىدۇق.  شەھەر ئىچىدە 80لىك سۈرئەتتە مېڭىۋاتقان قارام شوپۇر بىلەن  مىنىڭمۇ پەقەت پاراڭلاشقۇم يوق ئىدى.چۈنكى ماشىنىدا مەنمۇ باردە.....بىر دەمدىلا نەق مەيدانغا كەلدۇق.بۇ يەلكەن يولىغا جايلاشقان 6قەۋەتلىك ئالى مېھمانخانىكەن.دىلو 302-ئۆيدە يۈز بەرگەنىدى.بۇ ياتاق 580يۈنلىك سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ياتاق(商务套房) ئىكەن.ئۇنى بۇنى سورىغاننىڭمۇ جىق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.چۈنكى كۈزەتكۈچتىن سوراش ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىدى.شۇڭا ئۇدۇللانەق مەيدانغا كىرىپ كەلدىم.ئىشىكتىن كىرىپ سول قول تەرەپتە كىيىم ئاسىدىغان ئىشكاپ .ئوڭ قول تەرەپتە ھاجەتخانا كارىدوردىن كىرىشتە سول تەرەپتىكى تامغا چاپلاپ ئەڭ ئىچىگە بىر 4 كىشىلىك ياغاچ كىرىسلو قويۇلغان.كىرىسلونىڭ يېنىدىكى بولۇڭدا بىر بىخەتەر ئىشكاپ بولۇپ ،ئاغزى ئوچۇق،ئىچى قۇپقۇرۇق ئىدى .كىرىسلونىڭ ئالدىدا بىر ئەينەك ئۈستەل،ئۇنىڭمۇ ئۈستى قۇپقۇرۇق. كىرىسلونىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا تاقاپ بىر ئىشخانا ئۈستىلى قويلغان بولۇپ.ئۇنىڭ ئۈستىدە ساقاللىق كەلگەن پاكىزە كىيىنگەن 40ياشلار چامىسىدىكى  بىر ئادەم تورۇسقا قاراپ ياتاتتى.ئۇنىڭ ئاغزى لاتىدا چىڭ چىگىۋىتىلگەن، كۆزلىرى پولتىيىپ چىققان بولۇپ،ئوق ئۇنىڭ پىشانىسىغىلا ئېتىلغانىدى.ئوق ئۇنىڭ پىشانىسىدىن ئۆتۈپ ئاستىدىكى جوزىنىمۇ تىشىۋەكەنلىكتىن قان ئۇدۇل يەرگە چۈشۈپ ئەتراپنى بىر ئالغانىدى.بەكلا قوقۇنۇشلۇق.  ھەممە يەرنى بىر قۇر كۆزىتىۋەتكەندىن كىيىن،مۇنچىنىڭ يېنىدىكى ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.بۇ ئۆي ئاددىلا بولۇپ بىر ھەشەمەتلىك كارىۋات قويۇلغان ،كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىنىڭ يېنىغا  بىر كىچىك ئۈستەل قويۇلغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلىغۇن قويۇلغان ،ئالدى تەرىپى ياتاقتىكى چىراقلارنى ئۆچۈرۈش ياندۇرۇش باسقۇچلىرى بىلەن تولدۇرۇلغانىدى.كارۋاتنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى تامغا 42 دىئولۇق بىر تېلىۋوزر ئېسىلغان.توختىماي بىر نەرسىلەرنى خاتىرىلەۋاتقان لى ۋىنچاڭنى ئەگەشتۈرۈپ زالغا چىقتىم.تەكشۈرگۈچىلەرمۇ ئاساسەن ئىشتىن توختاپ بولغانىدى.
-ئۆلگىچى كىمكەن؟
-ئىسمى ئوغۇز ھاجى.41ياش.خوتەندىن.داڭدار قاشتېشى سودىگىرى.ئۈرۈمچىگە تۈنۆگۈن ئاخشام چۈشكەن.ئايالى كۈمۈشخانھاجىم.38ياش ،ئائىلە ئايالى.4بالىسى بار ھەممىسى ئوقۇغۇچى.......
-تاشنىڭ يوقالغىنىنى قانداق بىلدىڭلار؟
-قوشنا ياتاقتىكى تونۇشلىرى تاشنى بىلىدىكەن.
-ئوقچۇ؟،-دەپ سورىدىم تەكشۈرگۈچىدىن يەنە.
-مانا،-دەپ سولياۋ خالتىغا ئورالغان مىشەك بىلەن ئوق ئۇچىنى ماڭا ئۇزارتتى ئۇ .بۇ تەكشۈرگۈچىلەرمۇ مىنى تونۇپ كەتكەنىدى.
ئوبدان زەن سالغاندىن كىيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەرگەچ:
-ئاياق ئىزىچۇ؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-ئۆلگۈچىنىڭلا بار ئىكەن.
-بارماق ئىزىچۇ؟
-پەلەي كىيىۋالغاندەك قىلىدۇ.لىكىن ئۆلگۈچىنىڭ بوينىدا بوغۇلغان ئىز باركەن.ئوتتۇرا بارمىقى يېرىمدەك قىلىدۇ.
بېرىپ ئۆلگۈچىنىڭ بوينىدىكى قولنىڭ ئىزىغا سىنچىلاپ سەپ سالدىم.بوينىدىكى قولنىڭ ئىزى سۈبھىسىز بىر قاۋۇل ئەركەكنىڭ قول ئىزى ئىدى .ئاندىن لىۋىنچاڭنى باشلاپ نەق مەيداندىن كارىدورغا چىقىپ ياندىكى
ياتاقنىڭ ئىشىگىنى چەكتىم.
-كىم؟
-دىلو توغۇرلۇق سورايدىغان گەپ بار ئىدى..
ھايالشىمايلا 25 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بالا ئىشىكنى ئېچىپ بىزنى ئىچىگە باشلىدى.بۇ بىر ئىككى كارۋاتلىق ياتاق ئۆي ئىكەن .ئوڭ تەرەپتىكى
كارۋاتتا 50ياشلار چامىسىدىكى ساقاللىق بىر ئادەم بېشىنى ساڭگىلتىپ ئولتۇراتتى.لى ۋىنچاڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردۇق.
ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن قۇيۇق خوتەن شىۋىسىدە ئۆزى بىلىدىغان جەريانلارنى ئۆزلىگىدىن سۆزلەشكە باشلىدى:
-دىيەنشى كۆرۆپ خىيالى ئولتۇراتتىم .باشتا بىر نەرسە ئۆرۈلگەندەك قىلدى.ئاندىن پاڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.يۈگۈرۈپ چىقىپ ئوغۇز ھاجىمنىڭ
ياتىقىغا كىرسەم ..،-دىيىشىگىلا ئۇنىڭ گېپىنىڭ بىلىگە تەپتىم.
-زالدا ئادەم بارمىكەن؟
-لىفىت ئالدىدا بىر موماي باركەن.
-داۋامىنى سۆزلەڭ.
-كىرسەم شۇ ھاجىم ئۆلۈپ بوپتۇ،-دەپ كۆزىگە ياش ئالدى ئۇ.
-سىلەر تونۇشقىلى قانچىلىك بولدى؟
-ئۇزۇن بولدى.خوتەندە ئۆيىمىز بىر مەھەللىدە.
-ئۆلگىچىنىڭ مىجەز-خۇلقى قانداق ئىدى؟
-قويدىنمۇ ياۋاش ،چۈمۈلىگىمۇ ئازار بەرمەيدىغان ئادەم ئىدى.
-يۈتكەن تاشنى سىز كۆرگەنمۇ؟
-شۇنداق .تىگى ئاق ئۈستىدە بىرى سىزىپ قويغاندەك قاتار باش تال قارا سىزىقى بار تاش ئىدى...ئادەتتە بۇنداق تاشلارنى چىڭ خو دەپ قويىمىز.ھاجىم ئالدىنقى ھەپتە تېخى 20مىليونغا ساتمىغانىدى.
-ئېغىرلىقىچۇ؟
-ئالتە كىلو دىگەندەك قىلىۋىدى.
-ئېنىقمۇ؟
-شۇنداق ،-دىدى ئۇ بىردەم ئويلىنىۋەتكەندىن كىيىن.
-رەھمەت...ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇردۇڭلارمۇ؟
-ياق..ئاۋۋال مىيىتنى  ئوغلۇم بىلەن خوتەنگە ئاپىرىپ ئان خەۋەر قىلاي....
-ياخشى ئويلاپلا،-دىدىم ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا قايىل بولۇپ.ئاندىن بوۋايغا جەسەتنى ئېلىپ ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن
خوشلىشىپ يېنىپ چىقىپ،مىھمانخانىنىڭ كۈزىتىش ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق.بىر ئازدىن كىيىنلا كۈزەتكۈچ خاتىرىسىدىن قاتىلنى تېپىپ چىقتۇق.
قاتىلنىڭ دەل ھېلىقى ھېلىقى ئادەم كۆرگەن موماي ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.ئۇنىڭ دەرۋازا ئۈستىدىكى ،لىفىتتىكى،ۋە زالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى
تۆت كامىرادىن تارتىلغان بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى كىسىپ،تىلىفۇنغا قاچىلىۋېلىپ يېنىپ چىقتۇق.
بۇ قاتىل ھەقىقەتەن ھىلىگەر ئىدى.ئۇ  ئايىغىنى  سولياۋدا ئوراپ ،روپاچ موماي قىياپىتىدە سالماق لىفىتقا چىقىپ ئاندىن كىيىن قولىغا پارچە پۇللارنى تۇتىۋېلىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئىشىگىنى قاققان.ئۆلگۈچى ئىشىكنى ئاچقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا قورالنى تەڭلەپ ئاغزىنى
لاتا بىلەن چىگىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا تاشنى ئالغۇزۇپ ،ئاندىن سول قولىدا ئۇنى ئۈستەلگە بوينىدىن بېسىپ تۇرۇپ مېڭىسىگىلا ئاتقاندىن كىيىن، تاشنى ئېلىپ دەرھال نەق مەيداندىن چىكىنگەن.بۇ دىلودا روپاچ موماي قىياپىتىدە ياسىنىۋېلىش ھەقىقەتەن بىر ئاقىلانىلىق.مۈكچىيىش ئۇنىڭ
بوي ئىگىزلىگىنى،يۈزىدىكى چۈمبەل كامىرالاردىن چىرايىنى،ئۇزۇن ھەم كەڭ ئابايى ئايىقىدىكى سولياۋ ،تاپانچا ۋە 6كىلوگىراملىق تاشنى بىمالال يوشۇرۇپ قالغانىدى.دىمەك كامىرا بولغان بىلەن بىز ئۇنىڭ ھېچنىمىسىنى بىلمەيتتۇق.
-قانداق قىلىمىز،-دىدى لىۋىنچاڭ تىت تىت بولۇپ.
-ئىز قوغلايمىز شۇ....
-قانداق قوغلايمىز؟
-يۇلغۇن يولىدا كامىرادىن تولا نەرسە يوق.يۈر...
پەسكە چۈشۈپ مېھمانخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ساڭناغا قىرىپ ئۇلارنىڭ يولغا قارايدىغان كۆزەتكۈچ خاتىرىسىىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدۇق.
-سائەت قانچىنىدىن باشلايمىز؟،-دەپ سورىدى لىۋىنچاڭ كومپىيوتۇردا مەشغۇلات قىلغاچ.
-دىلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتىن ئون مىنۇت بۇرۇندىن تارتىپ قوي.بۇ ‹‹موماي››زادى نەدىن كەلدى بىر ئۇقۇپ باقايلى.
بۇ ئون مىنۇت ئىچىدە ‹‹موماي››يوق ئىدى.20مىنۇتقا ئاپارساقمۇ چىقمىدى.قارىغاندا ئۇ بۇ ياقتىن كەلمىگەندەك قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن ساڭنادىن چىقىپ مىھمانخانىنىڭ سول تەرىپىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كۆزەتكۈچ خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدۇق.بۇنىڭدا ‹‹موماي››نىڭ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كۆرۈنىشى ئېنىق بار ئىدى.ئۇنىمۇ كىسىۋېلىپ بانكىنىڭ سول تەرىپىدىكى دوختۇر خانىنى كۈزەتتۇق.ئۇنىڭدىمۇ باركەن.شۇ يولنى بويلاپ
تەخمىنەن 200مىتىر ماڭغاندىن كىيىن موماي غايىپ بولدى.دەرھال شۇ ئەتراپتىكى بارلىق كامىرالارنى كۆزەتتۇق.ئۇ ئەسلى شۇ يەردىكى ئىككى تەرىپىگە بىنالار جايلاشقان بىر كوچىغا كىرىپ كەتكەنىدى.كوچىنىڭ ئۇدۇلى بىر تام بولۇپ يەنە بىر تەرىپى مەكتەپ ئىدى.بۇ تامنىڭ ئۈستىگە سىم تور تارتىلغان بولۇپ ،سىنچىلاپ قارىسام سىمدا ھېچ بېسىلغان ئىزيوق ئىدى..دىمەك ئۇ تامدىن ئارتىلمىغانىدى.بەلكىم ئۇ بىرەر ئۆيگە يوشۇرنىۋالغان
ياكى بىنانىڭ ئۆگزىسى بىلەن باشقا تەرەپكە قاچقان بولۇشى مۇمكىن.بۇلارنى تەپسىلى تەكشۈشۈرۈش بىر ئاۋارىچىلىق ئىش ئىدى.بولدىلا..ئۇ نەگە
كەتتى شۇنى بىر تەكشۈرۈپ باقاي.ئۇ ‹‹موماي›› كەلگەن تەرىپىگە قاچقان ئىدى.يەنە شۇ 200مىتىدا ئۇ يەنە يوقاپ كەتتى.ئامالسىز بىنا ئۈستىگە
چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم.ياخشى بولغىنى بۇ كوچىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بىنالار ئوخشاش 22قەۋەتتىن سېلىنغان بولۇپ ئەتراپىدىكى بىنالاردىن خېلىلا ئىگىز ئىدى.دىمەك ئۇ چوقۇم مۇشۇ بىنالارنىڭ بىرەرىگە يوشۇرۇنىۋالغان ئىدى.بارلىق لىفىت خاتىرىسىنى ئاختۇرغاندىن كىيىن ئاخىرى ئۇنى 3- بىنانىڭ لىفىتىدىن تېپىۋالدىم .ئۇ 15-قەۋەتكە چىققانىدى.15-قەۋەتتىكى ئۆيلەرنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ گۇمان 1505- نومۇرلۇق ئۆيگە مەركەزلەشتى.بۇ ئۆي قىممەت باھادا بىر ئايلىقلا ئىجارىگە ئېلىنغان ئىكەن.لىكىن قوشنىلىرى بىر ئاي جەريانىدا بىرەرىنىڭ كىرىپ چىققىنىنى كۆرمەپتۇ.ئۆي ئىگىسىدىن سورىساق ئىجارىگە ئالغان 35ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر ئىكەن.لىكىن ئۇ ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ تەققى-تۇرقىنى پەقەتلا ياخشى تەسۋىرلەپ بېرەلمىدى.ئۆي ئىگىسىدەتوختام تۈزگەندە ئېلىپ قالغام كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بار ئىكەن ئۇنى دەرھال ج خ ئىدارىسىغا يوللىدۇق.بىر دەمدىن كىيىن كىملىك
يوقالغان كىملىككەن.كىملىكتىكى ئادەم پەيزىۋاتتىكى بىر ئاددى دىخان ئىكەن دىگەن جاۋاپ كەلدى.سۈرۈشتۈرسەك ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل خېلىلا كۆپ بولغاچقا ئۆي ئىگىسى كىملىككە ئانچە دېھقەت قىلماپتۇ .ئۆي ئىگىسىدىكى زاپاس ئاچقۇچ بىلەن ئۆيگە كىردۇق.ئۆي قوپقۇرۇق بولۇپ ،كەڭ مېھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىدا ھېلىقى ‹‹موماي››نىڭ كىيىملىرى بىلەن يەنە بىر قۇر قارا رەڭلىك ئەرەنچە شىم-كاستۇن بار ئىدى.دىمەك ئۇ بۇ ئۆيدە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ باشقىچە ياسىنىپ چىقىپ كەتكەن شۇڭلاشقا كامىرادىن غايىپ بولغان ئىكەن.يەنە كۈەتكۈچ خاتىرىسىدىن 15-قەۋەتتىن چۈشكەنلەرنى كۈزىتىشكە باشلىدۇق.گۇمان بويى 1.75سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى كۆك رەڭلىك كۆينەك كىيگەن،يۈزىنى يۆگىۋالغان بىر ‹‹ھامىلدار ئايال››غا مەركەزلەشتى.چۈنكى بۇ ئايالنى 15- قەۋەتتىكىلەردىن ھېچكىم تونۇمايدىكەن.ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ‹‹ھامىلە››چوقۇم ئاشۇ قاشتېشى.ئەمدى ھامىلدار ئايالنى قوغلاشقا باشلىدۇق.ئۇ 100مىتىر مېڭىپلا بىر قارا رەڭلىك چىيا ماشىنىغا چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېلىۋىتىلگەنىدى.ماشىنىنى قاتناش ساقچىلىرىغا خەۋەر قىلىۋىدۇق.ئۇ ماشىنا 2كىلومىتىر يىراقتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختۇتۇلۇپ قويۇپتۇ.ماشىنىنىڭ ھېچقانداق رەسمىيىتى يوقكەن.
-ئاناڭنى!!!!ھەجەپ كولدۇرلاتتا،-دىدى لى ۋىنچاڭ چىچاڭشىپ.
-بولدى چىچاڭشىما بىزدە تېخى مانىڭ بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ بوي ئىگىزلىكى بار،-دەپ ئۆيدىن تېپىۋالغان شىم-كاستومنى كۆرسەتتىم ئۇنىڭغا.
-بۇنىڭ بىلەن قانداق ئىزدەيمىز؟
-ئىش ئېنىقلا.قاتىل بۇ ئۆيگە ‹‹موماي››نىڭ كىيىمى بىلەن ‹‹ھامىلدار ئايال››نىڭ كىيىمىنى دىلودىن ئاۋۋال قويۇپ قويغان.ئاۋۋال ئۇ كاستۇم كىيىپ بۇ ئۆيگە كىلىپ ،شىم كاستۇمنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ.موماي قىياپىتىدە ياسىنىپ چىقىپ دىلونى سادىر قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ ھامىلدار قىياپىتىدە ياسىنىپ ،چىقىپ كەتكەن،ئەمدى ئەتراپتىكى كامىرالاردىن مونۇ كاستۇمنى كىيگەن 1.75ئۆپچكۆرىسىدىكى ئادەمنى ئىزلەيمىز،-دىگەچ يەنە 3-بىناغا قاراپ ماڭدىم.ئۇنىڭ لىفىتتا ئۆيگە چىققان كۆرۈنىشىنى ھايال ئۆتمەيلا تاپتۇق.شۇلىقى ئېنىق ئىدى ،لىكىن يۈزى پۈتۈنلەي كۆيۈك ئىزى ئىدى.ئۇنى يەنە ئىز قوغلاپ تەكشۈردۇق .ئۇ كوچىنىڭ ئاغزىدىكى يولنىڭ بويىدا تاكسىدىن چۈشكەنىكەن .تاكسى نومۇرىمۇ ئېنىق.
تاكسى شوپۇرى بىلەن ھايال ئۆتمەيلا ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى دىۋىدۇق ئۇ بىزگە ئاكتىپلىق بىلەن بىزنى ئىزدەپ كەلدى.ئۇ ئورۇق ئاقپىشماق كەلگەن بويى 1.70ئەتراپىدىكى خەنزۇ شوپۇر ئىدى.قارا كاستۇم-بورولكا كىيىۋالغان يۈزلىرى كۆيۈپ كەتكەن خېرىدارى ئۇنىڭ ئېنىق ئىسىدە بار ئىكەن. ئۇ بىزنى ھايالشىمايلا ئۇ تاكسىغا چىققان ئامما كىنوخانىسى ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى.ئىز قوغلاش يەنە باشلاندى .ئۇ ئەڭ بېشىدا ‹‹ئەلىيول-ئەلا››
گۈللىكىنىڭ ئىچىدن چىققانىدى. بىز بۇ مەھەللىدىكى بارلىق ئوتتۇرا بارمىقى ئۈزۈكلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىدۇق.تەلىيىمىزگە بۇنداق ئادەمدىن بىرىلا بار ئىدى.يەنە كىلىپ 34ياش.بويى 1.76.ئۇ 2-بىنادىكى 202-ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن.كەسپى قاشتېشى سودىگىرى ئىسمى رىغبەت ئىكەن.
-يۈزى ساقكىنا بۇنىڭ؟،-دىدى لى ۋىنچاڭ ئۇنىڭ مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكى رەسىمگە قاراپ ئەجەپلىنىپ .   
-موماي بىلەن ھامىلدارنى ئۇنچىلىك قاملاشتۇرغان يەردە بۇنى ئوڭشىماق تەس ئەمەس،يۈر ئۇنى يوقلاپ چىقايلى.لىكىن ئېھتىيات قىل ئۇنىڭدا قورال بار.
ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىشىكنى چىكىپ قويۇپ ساقلاپ تۇرىۋىدۇق.ئىشىكنى دەل بىز ئىزدەۋاتقان رىغبەت ئاچتى.لى ۋىنچاڭ كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ
ئۇنىڭدىن سورايدىغان ئىش بارلىقىنى ئېيتتى.ئۇ ئىنتايىن تەبىئىي ھالدا بىزنى ئۆيگە باشلىدى.دەرۋەقە ئۇنىڭ سول قولىنىنڭ ئوتتۇرا بارمىقى يېرىملا ئىدى.ئۇبىزنى ئورۇندۇققا باشلاپ چاي قۇيغىلى مېڭىۋىدى مەن ئۇنى چاقىرىپ توختىتىۋېلىپ:
-بولدى چاي ئىچمەيلى.سىزمۇ ئولتۇرۇڭ رىغبەتكا سىزگە دەيدىغان گېپىمىز كۆپ-دىدىم قىزغىنلىق بىلەن.
-قېنى قۇلىقىم سىز دە،-دىدى ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ.
مەن ئۇنىڭغا تاكسىغا چىقىپ ،3-نومۇرلۇق بىنادىكى1505-نومۇرلۇق ئۆيدە كىيم ئالماشتۇرۇپ ،ئادەم ئۆلتۈرۈپ ،قاشتېشىنى بۇلاپ چىقىپ،يەنە كىيىم ئالماشتۇرۇپ ھامىلدار قىياپىتىدە ياسىنىپ چىيا ماشىنىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەنلىكىگىچە ھەممىنى  سۆزلەپ بېرىپ ،ئەڭ ئاخىرىدا:
-ئاكا ئەڭ ياخشىسى قورال بىلەن تاشنى تاپشۇرۇڭ.بىز سىزنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ يوللاپ قويايلى،قانداق؟-دەپ گەپنى ئاخىرلاشتۇردۇم.
ئۇ قىلچە ھودۇقماستىن:
-سىلەرنىڭ مىنى قىلدى دەيدىغانغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن دەۋاتقان ئىشلار يۈز بەرگەندە،مەن ئۆيدە بېيجىڭلىق بىر خېرىدارىم بىلەن  سودا قىلىۋاتقانىدىم.ئۇ ماڭا ئىسپات بولالايدۇ.سىلەر پقەت پەرىزىڭلارغا تايىنىپلا مىنى قاتىل دەۋالساڭلار بولامدۇ؟،-دىدى ئۇ غەزەپلىنىپ.
-ئۇ ھازىر نەدە؟
-ئايروپىلاندىمىكى ..ئۇچۇپلا يۈرىدۇ ئۇ.
-تېلىفۇن نومۇرى؟
-23899922999
-ئىسىم-فامىلىسى؟
-جاڭ يۈن.
-زىمىن سودىگىرى بولمىسۇن يەنە؟
-لوڭدا زىمىنچىلىقىنىڭ خوجايىنى جاڭ يۈن شۇ،-دىدى ئۇ ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ.
بۇ جۇڭگودىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدىكى باينى تونۇمايدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز ھەقاچان...ئەگەر راسلا ئاشۇ گۇۋاھلىق بەرسە،بۇ دىلونى قايتىدىن ئويلانماي بولمايتتى.چۈنكى نەچچە يۈز مىلياردقا كۈچى يىتىدىغان ئۇنداق بايلار باشقىلار ئۈچۈن يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى پەقەتلا خالىمايدۇ.تېلىفۇن ناھايىتى تەستە ئۇلاندى.تىلىفۇننى لىۋىنچاڭ ئۇرغانىدى:
-مەن ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسىدىن لى ۋىنچاڭ بولىمەن،سىزدىن ئىگىلەيدىغان ئاھۋال بار ئىدى،-دىدى ئۇ تىلىفۇننى ئېلىپلا.
-تېزرەك بولۇڭ ،مەن بەك ئالدىراش ئىدىم،-دىدى جاڭ باش دېرىكتور سىپايىلىق بىلەن.
-سىز ھازىر نەدە؟
-لەنجۇدا.
-بۈگۈن سائەت 10دىن 10يېرىمغىچە سىز نەدە ئىدىڭىز؟
-ئۈرۈمچىدە ،بىر ئاز سانلىق مىللەت دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قاشتېشى ئېلىۋاتقان ئىدىم.
-ئىسمى نىمە؟
-رىغبەت.
-سىلەر كۆرۈشكەن ئۆينىڭ نەدىلىكىنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟
-ئامما كىنوخانىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا.قايسى بىنالىقى ئېسىمدە يوق لىكىن 2-قەۋەت.
-رەھمەت ،سىز بىلەن يەنە ئالاقىلىشىشىمىز مۇمكىن.
-بولىدۇ ،ماقۇل ئەمىسە،-دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى جاڭ يۈن.
يىپ ئۇچى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى.
-چايمۇ ئىچكىڭلار يوقكەن.ئۇنداق بولسا مەن ئارام ئالاي،سىلەرمۇ چىقىپ قاتىلنى تۇتۇڭلار-دىگەچ ئەسنەپ قويدى رىغبەت.
-ماقۇل ئاكا ئاۋارە قىلىپ قويدۇق،-دەپ ئىززىتىمنى ساقلاپ لى ۋىنچاڭنى باشلاپ تېشىغا ماڭدىم.بۇ بىر غەلىتە ئىش بولۇپ قالدى.چۈنكى بارلىق ئىسپاتلاردىن قارىغاندا قاتىلنىڭ رىغبەت بولۇشى ئېھتىماللغا ناھايىتى يېقىن ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بار....ئۇنىڭ ئۈستىگە تاكسى شوپۇرىمۇ
ئۇنىڭ ھەقىقى يۈزىنى كۆرمىگەن.ئىىكى ساقچىنى رىغبەتنى مەخپى نازارەت قىلىشقا قويۇپ قويۇپ يەنە 3-نومۇرلۇق بىناغا قاراپ ماڭدۇق.ۋە 1505-ئۆينىڭ ئىگىسىنى تېپىپ رىغبەتنىڭ رەسىمىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتۇق.ئۇ رەسىمگە سىنچىلاپ قارىغاندىن كىيىن:
-ئەمەسكەن.بۇ رەسىمدىكىسى كوسا ئادەمكەن ،ئىجارىگە ئالغىنى بىر بۇرۇتلۇق ئادەم ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئادەم بۇ رەسىمدىكىدىن قاراراق.
-يۈز شەكلىچۇ؟مەسىلەن قاڭشار،كالپۇك ،كۆز دىگەندەك،-دىدىم يەنە ئۈمىد ئۈزمەي.
-بۇنىڭغا بىر نەرسە  دىيەلمەيمەن.
يىپ ئۇچى يەنە ئۈزۈلدى.قاتىلنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئېنىق جەزىملەشتۈرەلمەيۋاتاتتى.تاكسى شوپۇرىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ،ماۋۇ ئۆي ئىگىسىمۇ شۇ......تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىمگە كەلدى..ئەمەلىيەتتە ئۈمىدمۇ چوڭ ئەمەس ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ بىر جەزىملەشتۈرىۋېتىش ئۈچۈن
رىغبەتنىڭ رەسىمىنى تېلىفۇندا جاڭ يۈنگە ئەۋەتىپ بېرىپ كەينىدىن لى ۋىنچاڭنى ئۇنىڭغا تېلىغۇن ئالغۇزدۇم.
-سىزنى يەنە ئاۋارە قىلدىم...رەڭلىك ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى لىۋىنچاڭ ئۇنىڭدىن.
-شۇنداق..لىكىن بۇ كىم؟
-بۇ سىز كۆرۈشكەن رىغبەت ئەمەسما؟،-سورىغاچ لى ۋىنچاڭنىڭ قاپاقلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
-ياق ،-دىدى ئۇ كىسىپلا.
-جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟-دىدى لى ۋىنچاڭ پۇختىلاپ.
-شۇنداق ،بۇ رەسىمدىكىسى ئېنىق مەن كۆرۈشكەن رىغبەت ئەمەس.
-بولىدۇ ئەپەندىم ،رەھمەت سىزگە.سۆھبىتىمىزنى ئۈنگە ئېلىۋالدىم. ئىسپات قىلىپ قوللانساق قوشۇلارسىزمۇ؟
-بولىدۇ.ئامال بار مىنى ئاۋارە قىلماڭلار.
-تىرىشىمىز ئەپەندىم،-دەپ تىلىفوننى قويدى لى ۋىنچاڭ.ئەمدى مەسىلە ئايدىڭلاشقانىدى.چۈنكى رىغبەتنىڭ يالغان ئىسپات كۆرسىتىشى ئۇنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى دەللەيتتى.ئۇ جاڭ يۈن ئەپەندىنىڭ ئىسپاتى بىلەن قۇتۇلىمەن دەپ ئەمدى ئۇنىڭ ئىسپاتى بىلەن تۇتۇلغانىدى.كىيىن ئۇ قۇتۇلالمىغانلىقىنى بىلىپ ھەممىنى ئىقرار قىلدى.ئەسلى ئۇ بۇرۇن ئوپېرا ئۆمەكتە ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەنىكەن.تاشچىلىق قىلغىلى تېخى 5يىلچە بوپتۇ. شۇڭا ياسىنىشقا ماھىرلىقى بىكار ئەمەسكەن.جاڭ يۈننىڭ باشتىكى گۇۋاھلىقىغا كەلسەك رىغبەتنىڭ بىر دوستى ئۆزىنى رىغبەت دەپ ئاتاپ جاڭ يۈن بىلەن رىغبەتنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشكەن.دەل شۇ ۋاقىتتا رىغبەت بېرىپ تاشنى بۇلىغانىكەن.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ دوستى تاش بىلەن بىللە قولغا چۈشتى.تاپانچىغا كەلسەك رىغبەت ئۇنى يۈن نەندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىدىن 20000يۈنگە سېتىۋالغانىكەن.
دىلو ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىگىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ قىممەت باھالىق تاشنى قولۇومغا ئېلىپ قاراپ باقتىم.ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى.



مايماق ئىجادىيىتى

بۇ قىسىم بەكلا كىچىكتى......سەۋەبى قەلەم بۈگۈن ئەيۋەشكە كەلدى.

بۇ رازۋاتكا ھىكايىلىرىممۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى....
مىنى  مەدەتلەندۈرگەن بارلىق تورداشلارغا بولۇپمۇ زاكىر نىم -جاپا ،مەلىكەقاتارلىق مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.


تورداشلارغا سۆز:
رازۋىتكا تېمىسىدىكى بۇ ھىكايەمنىڭ ئالدىنىقى ئۈچ قىسمىنى كۆرگەندىن كىيىن مۇنداق ئىنكاسلار تولىراق ئىكەن.مەن بۇ يەردە جاۋاپ بېرىشنى لايق تاپتىم.
1.بۇ تەرجىمە ئەسىرىمۇ؟
جاۋاپ :ياق.بۇنىڭ ھەممىسى مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇم سەتراق ئېيتساق توقۇلما.ئۆزۈم يازغان ۋە بىرىنچى بولۇپ مىسرانىمغا چىقارغان.
2.سىز مۇشۇ ساھەدە ئىشلەمسىز؟
جاۋاپ :ياق.مەن يايمىدا ئارا تاش ساتىدىغان قاشتېشى سودىگىرى.


ئاخىرىدا ئۇزۇن ھىكايىلىرىمنى تولۇق كۆرگەن ۋە ماڭا مەدەت بەرگەن تورداشلارغا،تېمامنى تەھرىرلىگەن جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارغا مەن مايماقتىن مىليونلاپ رەھمەت.


ھىكايىنىڭ بىرىنچى قىسمى بۇ يەردە:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66271
ھىكاينىڭ ئىككىنچى قىسمى بۇ يەردە:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66437
ھىكايىنىڭ ئۈچىنچى قىسمى بۇ يەردە:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66596
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 02:38 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kalambar + 99 ئوقۇپ تۈگەتتىم،بارىك.
sadih + 242
بەرگى + 200 بەكلا مەنمۇن بولدۇم ،.
Eltekin + 99 بۇنداق ئۇزۇن ھىكايىنى.
nim-japa + 157 زايا كېتىپسىز .......
YELAN + 100 ئېسىل جۇما مايماق بۇرادەر.
elijan + 139 ھەممىسىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇۋاتىمەن ..رەھ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 396  مۇنبەر پۇلى + 640   باھا خاتىرىسى

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1743
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26997
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4216 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:15:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر دىلو پاش بولىدىغان بوپتۇ دە بۇ ھىكايىدە ،،،
جامائەت خەۋېپسىزلىك ساقچىلىرى ۋە مىنبۇڭلار  مايماقنىڭ ھىكايىلىرىنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسە دىلو پاش قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تىزلا ئۆسۈپ كەتكۈدەك !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52305
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:30:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مايماق، ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز بىلەن بىزنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمەت، گەرچە بۇ رازۋېدچىكلىق ئۆز كەسپىڭىز بولمىسىمۇ، لېكىن شۇ نەق مەيدان ئۈستىدە تۇرۇپ كۆرگەندەك ھېسياتقا كەلدۇق، تېخىمۇ تىرىشىڭ....

قەرىزدارمەن بۇ د

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7797
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:34:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى راست ئىش ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئۇف...........................

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1839
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19636
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7305 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:35:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى كۆرۈپ باقمىغان ئەسەركەن، ئەجەپ ياخشى،قارىغاندا رازۋىتكا ھىكايىسىدەك قىلىدۇ. ھەممىنى كۆرۈپ بولۇپ ئىنكاس يازىمەن.

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1031
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:52:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىز مۇشۇنداق دىلو خاركتىلىك ئەسەرلەرنى ئادەتتە كۆپرەك ئوقۇشنى ياخشى كۆردىغان ئوخشمامسىز! بۇ ئەسىرىڭىز راستىنلام چەتنىڭكىگە ئوخشاپ قالدىكەن ، مۇشۇنداق ئەسەرلىرڭىزنى توپلاپ بىر كىتاپ قىلىپ چىقارسىڭىز بولغۇدەك . بىرىنجى بولۇپ مەن سىتىۋالاتتىم...........

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 914
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20746
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 4641 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:55:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايماق ئەسلىدە تاشچىلىق قىلماي خۇسۇسى رازۋىتچىك بولسىڭىز بولاتتىكەنتۇق ! تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەنسىز .سالامەت بولۇڭ مايماق !!

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69164
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 11:57:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇلۇق ئۇقۇپ كلۋاتمەن مەن سېزگە بەك قايىلنۇرغۇن گەپلىرم بار ئېدى................

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4963
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 1642 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 12:13:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم كۈچىڭىز بولدىكەن جىمۇ ، خۇددىنەق مەيداندا  دىلو بىجىرۋاتقان ساقچىدەكلا يېزۋېتىپسىز .

ئادەم بولماق تەس ئەمەس ، ئادەمدەك ياشىماق تەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64763
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1333
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-20 12:32:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايماق ئەپەندى ، ئەسەرلىرڭىز چەتئەللەرنىڭ رازىۋىتكا ھېكايىلىردەك شۇنداق پەيزى چىقىۋاتىدۇ ؛ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنىڭ
ئايىغىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
كۆپ تەشەككۈر !!

nothing is impossible,just do it
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش