بىر كۈنى بىر دېھقان ئىشىگنى دەرەخگە باغلاپ قۇيۇپ ئېشەكنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قۇيۇپ ھەدەپ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تاياقنى دەرەخگە ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ
سوراپتۇ بىرەيلەن-نىمە قىلۋاتىسىز ئاكا ئىشەكنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قۇيۇپ قۇلىقىغا داپ چېلىپ؟
دېھقان- بۇ ناكەس شەھەرگە كىرگۈچە يېنىدىن بىرەر ئاپتىموبىل، يا بىرەر موتسىكىلىت، ياكى بولمىسا بىرەر ئادەم بەكراق يۆتىلىپ ئۈتىدىغان بولسىلا قورقىنىدىن چىچچاڭشىپ ئۈركۈپ زادىلا مىنى خاتىرجەم قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا قورقماسلىقنى ئۈگىتىېۋاتىمەن (ماتىريالدىن)
دۆلىتىمىز 56گۈلدىن تەركىب تاپقان بىر رەڭدار چوڭ ئائىلە، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خاسلىقى، مىللى ئەئەنىسى بار. ئەگەر ھەممە مىللەت ئوخشاش بۇلۇپ كەتسەك بۇ راڭدارلىقتىن نە ئەسەر قالسۇن..... باغدا قىزىل ئەتتىرگۈلمۇ بۇلىدۇ، سېرىق ئەتىرگۈلمۇ، يەنە تېخى قارا ئەتىرگۈلمۇ .... شۇڭا باغ شۇنچە رەڭدار. ئەگەر ھەممىسى ئوخشاش بۇلۇپ كەتسە .... رەڭدارلىق دىگەن سۆز بىھاجەت بۇلۇپ قالىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ پىشقەدەم رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىۋى كىيمى بىلەن كۈرۈشسەك بولىدىكەنغۇ... ھازىرقى رەھبەرلىرىمىزمۇ ھىچنىمە دىمىگەن يەردە بىر قىسىم «يەرلىك خاقان» لارنىڭ بىزنىڭ مىللى ئەئەنىۋى كىيىملىرىمىزنى «كىيمە» دەيدىغانغا ھىچقانداق ئاساسى يوق ئەلبەتتە. ئەجىبا ئۇلار ئەشۇ دۆلەت رەئىسلىرىدىنمۇ چوڭمۇ؟ ھۇقۇقى شۇنداق يوغانمۇ؟
.........
بالامدىن سورىدىممەن -بالام ھاۋا مۇزلاپ قالدى بېشىڭىزغا بىر نەرسە كىيىۋېلىپ بىرىڭ زۇكامداپ يەنە ئاغرىپ بەرمەڭ ماڭا
ۋاي دادا بىزنىڭ مۇئەللىم باش كىيمى بىلەن مەكتەپكە بېرىشىمىزغا يول قويمايدۇ؟دىدى بالام
-نىمىشقا ئەمدى؟
-بولمايدۇ دىگەندىن كىيىن بولمايدۇ!
-ئۆتكەندە يارقىن پوسما كىيىپ كىلىپتىكەن بىز نىڭ مۇئەللىم مەكتەپ شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرغان باش كىيىم كىيمەڭلا دىسەم نىمىشقا كىيدىڭ دەپ ئۇنى بەكلا تەنقىد قىلىپ كەتتى. ئۇ شۇ كۈنى چېچىنى چۈشۈرۋېتىپتىكەن شۇڭا باش كىيىم كىيىپ بىرىپتۇ، مۇئەللىم ئۇنىڭ پوسمىسىنى دەرىزىدىن چۆرىۋەتتى. تەنەپۇستا باشقا باللارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بېشىغا «ئۇستۇرا ھەقىنى بىرىۋەت» دەپ كەچكىچە شاپىلاقلاپ ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغلاپ ئۈيىگە كەتتى.
.....
ئەمدىلا يەتتە ياشلىق بالامنىڭ مۇئەللىمىنىڭ سۆزىنى تۇتىيا بىلىپ مەن بىلەن قارشى چىقىشى مەيلى .. ئەمما بۇ زادى نىمە قىلىق ئەمدى. ئۇ بىر باش كىيمىغۇ خالاس.
.... ھەتتا مەلۇم يېزىدا ئۇزۇن كۆينەك،كىيگەنلەرنى، ساقال بۇرۇت قويغانلارن دىھقانلارنى دادۈيگە يىغىپ بىر كۈن مەجلىس ئاچقانلىقكىنىمۇ كۆرگەندە بۇنچىۋالا ئويلاپ كەتمەپتىكەنمەن.
يەتتە ياشلىق بالام چېغىدا مۇ ئەلىمدىن قورقۇپ قەھرىتان سوغاقتىمۇ بېشىغا بىر نەرسە كىيەلمىسە بۇ قانداق گەپ ئەمدى
شۇڭا بارلىق يولداشلاردىن قورۇقىقىدەك ئىشلاردىن قورقايلى بىھۇدە ئىشلاردىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىزنى ئالدۇرۇپ كېسەل بولغاننىڭ ئورنى يوق. جەميەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان، ئادەمنى ئاساس قىلىپ ئىلمى تەرەققى قىلىش دولقۇنى پۈتۈن جۇڭخۇا ئىلىنى قاپلىغان مۇشۇنداق دەۋىردە ئانچە مۇنچە قانۇن ئۆگۈنەيلى، ئۇ ئۆزھۇقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك يول توغرا يول.
يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويايلىكى: ھەممە ئىش چېغىدا ياخشى.بىز يا سەئۇدىلىق بولمىغاندىكن ياشقا چۇشلۇق قويايلۇق ئۇ تۈكنى .بىرنىڭ پۇقى مىڭغا دەپ دىگەندەك ئىش مانا.
دىققەت:تىمىنى شەخسى كۆزقاراش، پىكىر ئورتاقىلىشىش يۈزىسىدىن يازدىم. ئىنكاسچىلار سۆزنى توغرا ئىشلىتىڭ.
مەنبە: تەڭرىتاغ مۇنبىرى
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3779