بىخەتەرلىك تەربىيسىمۇ ياكى قورقۇنچاقلىق تەربىيسىمۇ؟
- جېنىم ئۇكام،موتۇنى ئاستا ھەيدىسىڭىز!
- مانا قارىسىلا،ھازىر ئاران ئوتتۇز-قىرىقتا كېتىۋاتىمىز.
- ئوتتۇز-قىرىقتا ھەيدىسىڭىز بولمايدۇ.
- نەچچىدە ھەيدىسەم بولىدۇ؟
- يىگىرمىدىن ئاشۇرماي ھەيدىسىڭىز بولىدۇ.
- مۆمىن مۇئەللىم،بۇنداق ئۇزۇن يولدا يىگىرمىدىن ئاشۇرماي ھەيدىسەم،موتۇر قىزىپ موتۇنىڭ ئۆمۈرى قىسقىراپ كېتىدۇ.
- ئىتىك ھەيدىسىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئۆمۈرى قىسقىرايدۇ.
- يا ئاللا،ماڭا ئوقۇغۇچى بالىلارغا تەربىيە بەرگەندەك بىخەتەرلىك تەربىيسى بېرىپ كەتتىلىمۇ دەيمەن ئەمدى.
- ئوقۇغۇچى بالىلارغا بۇنداق بىخەتەرلىك تەربىيسى بەرمەيمەن.
- قانداق تەربىيە بېرىلا؟
- موتۇغا مىنگەشمەڭلا،ماشىنىغا چىقماڭلا،يۈگۈرمەڭلا،ئىتىك ماڭماڭلا….
- ۋېلىسپىت مىنمەڭلا،يولغا كىرمەڭلا،يولدىن چىقماڭلا،ئويغا چۈشمەڭلا،دۆڭگە چىقماڭلا…
- ئۆزۈڭىز بىلىپ تۇرۇپ سورايدىكەنسىز ئادەمدىن.
- مەن دېسەم،مۆمىن مۇئەللىم سىلە تۆت-بەش يىلدىن بۇيان بېرىپ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەربىيىسى ماڭا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئەمەس قورقۇنچاقلىق تەربىيىسىدەكلا تۇيۇلىدۇ.
- سىز قانداق قىلدىڭىز بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى؟
- مەن يولغا كىرمەڭلا،يولدىن چىقماڭلا،يۈگۈرمەڭلا دېمىدىم،ئۆزۈڭلار يول تاللاپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز مېڭىڭلا دەپ تەربىيە بەردىم.
- ئەتە-ئۆگۈن بىرەر بالا خەتەرگە ئۇچۇراپ قالسا،يوقۇرىغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
- سېلىنىڭ مۇشۇ سۇئاللىرىنىڭ ئۆزىدىنلا قورقۇنچاقلىق پىسخىكىلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.
- قورقۇنچاق بولساقمۇ تېنچ بولغان ياخشى.
- تېنچ بولغانغۇ ياخشى،بىراق قورقۇنچاقلىقنى بالىلارنىڭ قېنى-قېنىغا سىڭدۈرۋەتسەك،ئەتە–ئۆگۈن بۇ بالىلار جەمئىيەتتە ئۆزۈنىڭ پاشىسنى قانداق قورقۇپ ياشايدۇ؟
- ئەتە-ئۆگۈن بالىلار بوزەك قىلىنسا قوغدايدىغان قانۇن بار.
- ھېلىمۇ سادىر پالۋان سېلىنىڭ سىنىپتا ئوقۇپ قالماپتىكەن بولمىسا،پالۋان ئاتىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،كېچىسى ئۆزى يالغۇز تەرەتكە چىقالماي قىينىلاركەن.
مەنبە: ئۆز قەلەم