ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،مۇنبەر ئەھلى كۆپچىلىككە بىر تەۋسىيەم بار. نۇرغۇن دوستلار بىلەت تاشلاپ ھازىر خېلىلا يۇقىرلاپ كەتتى، [بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا تورنىڭ ئومۇملىشىشىشى ۋە ئىشلىتىش سەۋىيسنىڭ دۆلتىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولدۇ ئەلۋەتتە.]
"ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"دېگەن مۇسۇلمانچە ئەقىدىنى ئۆزنىڭ مىزانى قىلىپ ياشىغان بىر تەقۋادار ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ قۇربىي يەتكەندە ئۆز قولى بىلەن ياساپ،ياشانغاندا بولسا ئىككى كالىسنى سېتىپ بولسىمۇ بىر يېزنىڭ ئادەملىرنىڭ بېخەتەر يول يۈرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،دېھقانچلىق ،چارۋۇچىلىق ئىشلىرىغا قولايلىق يارتىش ئۈچۈن كۆۋرۇك ياساپ ئەلگە نەپ يەتكۈزگەن بىر بۇۋايغا بېلەت تاشلاش ئىشدىن ئىبارەت. ھازىر ئەڭ ئاخىرقى 2كۈن ۋاقىت بىلەت تاشلاش ۋاقتى قالدى دوستلار.
ئۆزنىڭ مىننەتسىز بۇ ئەمگىكىنى ئۇن تىنسىز داۋاملاشتۇرغان بۇ بۇۋاينى بىر قېتملىق يەر تەۋرەشتە كىشلەر بىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئسىمى ئەنىيەت ئىسلام ئىدى.ئۇنىڭ يۇرتى غۇلجا توققۇزتارا ناھىيە مۇيۇنگۇزەر كەنتى بولۇپ يېقنىدا غۇلجا ناھىيە ۋە توققۇزتارا ناھىيدە 6بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەپ جۈملىدىن مۇيۇنگۇزەر كەنتى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېين، ئاۋامنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا مۇشۇ كۆرۇكنىڭ رولى پەۋقۇللادە زور بولغان. . قۇتقۇزۇش ماشىنلىرى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كەنىت ئىچىگە كىرەلگەن ۋە خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇش كۆچۇرۇش ئىشلىرنى ۋاقىتدا ئېلىپ بارالىغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچلىك يەنە بىر قېتىم ئەنىيەت بۇۋاينىڭ كۆۋرۇكى ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ رەھمەتنى بىلدۈرۇشتى . بۇۋاينىڭ كۈلۈپ تۇرغان يۈزدىكى قورۇقلار ،ۋە ئۇنىڭ قاپارغان بىر جۈپ قوللىرى كۆپچلىككە ئۇنىڭ قانچلىك جاپالارنى باشتىن كەچۇرۇپ بۈگۈنكى بۇ كۆۋرۇكنى پۈتتۇرگەنلىكىگە دەلىلى بولۇپ تۇرغان ئىدى.ئۇ ئىزچىل تۈردە ئەلنىڭ غىمنى يەپ ئەل ئۈچۈن تۆھپە قوشالىغان ۋە بۇ قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمىغان، پەقەت بىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان بەندە ئىدى،ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرى ھازىر جەمىئيەتتە، گېزىت ژورناللارغا تارقالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خالىسانە ۋە ئۇن تىنسىز ساۋابلىق ئىش قىلىشتەك ئېسل خسلىىتى ئەتراتىكى ئاممىنى شۇنداق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر خادىملارنىمۇ ناھايىتى تەسىرلەندۇردى.
دەل شۇنداق بولغاچقا بۇۋاينىڭ ئىش ئىزلىرنى تەپسلى ئىگەللىگەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۇنى بۇ يىل يەنى"2011
- يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۇرگەن شەخسلەر" تىزملىكگە يوللىدى. خۇشاللىق يېرى بۇ ئۇيغۇر بۇۋاي بۇ قېتملىق باھالاشقا قاتناشقان بولۇپ كىرىپ بىلەت تاشلاش ئوبيىكىتى بولالىدى. ئەمدى گەپ ئۇنىڭغا چۈشكەن بىلەت سانىغا باغلىق.
مىليارد نوپۇسكە ئىگە ،56 مىللەت بولغان دۆلتىمىزدە بىر ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ ئەڭ ئاخىر تاللنىپ چىقىشى بىز ئۈچۈنمۇ رايونىمىز ۋە مىللەت ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ تۇيغۇسى ئاتا قىلدۇ؛شۇڭلاشقا مەن كۆپچلىكتىن ئىنايەتخان بوۋىمىز ئۈچۈن ھەر قايسمىز بىر تالدىن بېلەت تاشلاپ ئۇنى شۇ شەرەپكە ئېرشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلمەن؛.
قالدۇرۇلغان ئادىرىسقا كىرىپ ئۈسىتى تەرەپتىن 4-قۇرنىڭ بېشىدا بۇۋاينىڭ سۇرىتى بار .شۇنىڭدىكى بېلەت تاشلاش دېگەن خەنزۇچە خەتنى باسسڭىز،بىر تەستىق نۇمىرنى كىرگۇزۇڭ دەپ چىقىدۇ.كاتەكچە ئىچىگە سېستىما كۆرسەتكەن سان ۋە ھەرپلەرنى يېزىپ قويسڭىزلا بىلەت تاشلغان بولسز. بىر ip دا پەقەت بىرلا بىلەت تاشلاشقا بولىدۇ، شۇڭا بىرلا قېتىم تاشلىسىڭىز كۇپايە،ئىككى قېتىم باسسىڭىز سىز بىلەت تاشلاپ بولدىڭىز دەپ خەت چىقىۋالىدۇ.
تۆۋەندە مۇناسىۋەتىلىك رەسملەر ۋە بىلەت تاشلاش ئادىرسى قالدۇرۇلدى. ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە بىز بۇ بۇۋايغا مەدەت بېرەيلى!!!
مۇشۇ ئادىرسىنى باسسىڭىز يان تەرەپتە. زىيارەت قىلامسىز دەپ سورايدۇ. ھەئە نى بېسىپ كېرەسلە
بىلەن تاشلاش ئادىرسى:
http://www.xinhuanet.com/newmedia/zgwsgd2011/index5.htm