مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5076|ئىنكاس: 56

بەخت ئەتراپىمىزدا(پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1839
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19636
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7305 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 03:02:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلفۇنۇمنىڭ قاتتىق سايرىشى شۇنچە شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتتى....ھەي يەنە بەش مىنۇت ئۇخلىۋالغان بولسام نىمە دىگەن راھەت! ئىرەنچىكلىك بىلەن كۆزلىرىمنى ئاچماي تۇرۇپ تىلفۇنۇمنى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدىنن سىيپاشتۇرۇپ يۇرۇپ تىپىۋالدىم-دە قەيەرلىرىنىدۇر بىسىپ ئۇيقۇمغا دەخلى  
قىلىۋاتقان يىقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىنى بىسىپ ئۆچۈرۋەتتىم...
ئەمدى چۈش كۆرۈشكە باشلىۋىدىم....يەنە شۇ يىقىمسىز ئاۋاز...ئۇف ئەجەپمۇ ئىچىمنى پۇشۇردى...تىلفۇننى قۇلۇمغا ئىلىپ بىر كۆزۈمنى ئىچىپ ۋاقىتتا
قارىۋىدىم سەھەر سائەت ئالتە يىرىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى...ئاپلا ....تۈنۈگۈن تاغام بىلەن سائەت يەتتە يىرىمدا مەن پىراكتىكا قىلماقچى بولغان مەكتەپنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈشكە ۋەدە بىرىپ قۇيغىنىم ئىسىمگە كەلدى.
دىرىڭڭىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۇرۇپ كەتتىم،شۇئان بىشىم پىررىدە قىيىپ كۆز ئالدىم قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتى-دە جايىمدا موككىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. خۇدايىم ساقلىسۇن مۇشۇنداق قىلىۋىرىپ مىڭەمگە قان چۈشۈپ قىلىشتىن...

ئالدىراشلا سۇخانىغا كىرىپ يۇزۇمنى يۇيۇشقا باشلىدىم. ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان  كاستىيۇم-شىمىمنى كىيىدىم. ئاق ياقىلىق مايكام بىلەن كاستىيۇم چاپىنىم مىنى بۆلەكچىلا روھلۇق كۆرسەتكەن ئىدى. نىمىلا دىگەن  بىلەن بۈگۈن بىرىنجى كۈن،چوقۇم ياخشى تەسىر قالدۇرۇشۇم كىرەك...چىچىمنى ئىگىز بىر بۇغۇپ سۇسقىنا گىرىم قىلىۋالدىم. سائەتكە قارىۋىدىم ،يەتتە بوپتۇ،دىمەك يىرىم سائەتكىچە مەكتەپكە بىرىپ بولۇشۇم كىرەك. لىكىن قايسى ئاياغنى كىيسەم بولار؟ ئاياغ ئىشكاۋىمغا قارىۋىدىم، كۆزۈم قارا رەڭلىك ئىگىز پاشنىلىق ئاياغقا چۈشتى،مۇشۇنى كىيەي. تازا ماسلاشقۇدەك. ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمنى كەسپىي تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىدەك ھىس قىلدىم-دە مەمنۇن بۇلۇپ سومكامنى ئىلىپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم.

تاكسىدىن چۈشۈپلا مەكتەپكە كىرىپ كىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا منى ساقلاپ تۇرغان تاغام بىلەن كۆرۈشتۈم. خۇددى ئىنتىھان مەيدانىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىدەك نىمىگىدۇر بىر خىل جىددىيلىشىپ كىتىپ باراتتىم، تاغام سىزىپ قالدى بولغاي ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى:
__نازى قىزىم، جىددىيلەشمەڭ، سىز ئەمدى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بىرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولدىڭىز، سىز بۇنداق جىددىيلەشسىڭىز مەكتەپ مۇدىرى سىزنى ئىشلەتمەي قالمىسۇن يەنە...

قىزىرىپ كەتتىم:
__تاغا، شۇ جىددىيلەشمەي دىسەممۇ ئۆزلىكىمدىن جىددىيلىشىپ كىتىۋاتىمەن، ماقۇل مەن ئۆزۈمنى سالماق تۇتىۋالاي، خەق پىراكتىكىغا كەلگەن يىڭى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئەمەس، نەچچە يىللىق تەجىربىسى بار ئوقۇتقۇچى ئىكەن،دەپ بىلسۇن...

تاغام ئىككىمىز كۈلۈشكىنىمىزچە مۇدىر ئىشخانىسىغا كىردۇق. تاغام مۇدىر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتى. قارىغاندا ئۇلار كونا تۇنۇشتەكلا قىلاتتى.
__قادىر ئاغىنەم،كەلدىڭلارمۇ ئاغىنەم، قىنى قىنى، ئولتۇرۇڭلار ....
__ئۇنچە تەكەللۇپ قىلىپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ پەرھات مۇدىر،__تاغام قول ئىلىشىپ كۆرۈشكىنىچە ماڭا قاراپ__قىنى نازى قىزىم،سىزمۇ ئولتۇرۇڭ__دىدى سافانى ئىما قىلغىنىچە.

ئۇنىڭغىچە ئىككسى ئەھۋاللىشىپ بىردەم پاراڭ سىلىشتى، مەن بىرچەتتە ئولتۇرغاچ مەكتەپ مۇدىرىغا سەپ سىلىشقا باشلىدىم، يىشى 45~50لەر ئەتراپىدا بولۇپ چىرايىدىن سالماقلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى خۇشخۇيلىقى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. جىددىيلىكىم ئاللىقاياقلارغىدۇر يوقاپ ئەمدى ئۆزۈمگە ئىشەنگەن ھالدا ئەركىن نەپەس ئىلىشقا باشلىدىم.

ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل،ھەم كىلىپ تاغامنىڭ يىقىن دوستىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىشلەيدىغىنىمنى ئويلاپ بىر تەرەپتىن خۇش بولسام بىر تەرەپتىن خىزمەتداشلىرىم بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەرمەنمۇ؟ ئۇلار مىنى يىڭىيارچى كۆرۈپ كۆزگە ئىلماي قالارمۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇردۇم.
__ ھە نازى دىگەن جىيەنىڭلا مۇشۇ قىز ئىكەندە؟ _خىيالىم ئۈزۈلۈپ دىققىتىم مەكتەپ مۇدىرىغا يىغىلدى.دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇدۇم:
__ھە مەن شۇ پەرھات مۇئەللىم.
__سىزنىڭ تەرجىمالىڭىزنى تاغىڭىز ماڭا بەرگەن، بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، ئوقۇغان كەسپىڭىزمۇ ئوقۇتقۇچىلىق ئىكەن، بىر ئاي پىراكتىكىدىن كىيىن رەسمىي ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ بىر ئەزاسى بولىسىز، بۇ جەرياندا كۆپرەك تەجىربە توپلاڭ، بىلمىگەنلىرىڭىزنى بىزنىڭ ئىلمىي مۇدىرىمىز دولقۇن مۇئەللىمدىن سورىسىڭىز بولىدۇ، سەل تۇرۇپ مەن سىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي. تىرىشڭ قىزىم.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىىلىق مۇئامىلىسىدىن تولىمۇ خۇرسەنلىك ھىس قىلدىم.
__رەھمەت سىزگە پەرھات مۇدىر، چوقۇم تىرىشىمەن،
__ياخشى تىرىشىپ نازى قىزىم ماۋۇ پەرھات مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىڭىزگە ئالغۇدەك بولۇڭ-ھە؟__دىدى تاغام چاقچاق ئارلاش.
__قادىر ئاغىنە، مەخسۇس مىنى يىقىتىش ئۈچۈن كەلدڭلارمۇ نىمە؟ قىنى بۇ قىزىمدا راستىنلا شۇنداق جاسارەت بولسا ئورنۇمنى شۇكۈنىلا بوشىتىپ بىرىمەن جۇمۇ؟
ئىككىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.
ئۆزۈمنى خۇددى راستىنلا پەرھات مۇدىرنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالغاندەك خىجىل بولۇپ كەتتىم.
__ئەمىسە پەرھات، نازى قىزىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، قىزىمنى ياراملىق ئوقۇتقۇچى قىلىپ چىقىشىڭغا ئىشىنىمەن ئاداش. باشقا ئىشلار ساڭا قالدى-ئەمىسە.
__بولدى خاتىرجەم بول ، نازى مۇئەللىم ھەممىمىزنى خۇرسەن قىلغۇدەك ئىشلەپ كىتىدىغاندەك تۇرىدۇ،شۇنداقمۇ قىزىم_ھە؟
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نازى مۇئەللىم دىگىنىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىق خۇش بولۇپ كەتتىم. ھەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلدىم.مۇئەللىم، ئىيتماققا ئاسان، ۋەزنى قانچىلىق ئىغىر سۆز-ھە؟!

تاغامنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ پەرھات مۇدىر دولقۇن ئىسىملىق ئىلمىي مۇدىرغا مىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويماقچى بولۇپ مۇئاۋىن مۇدىر ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدۇق. ئەمدىكى خىيالىم ماڭا يىتەكچى بولىدىغان دولقۇن ئىسىملىق ئوقۇتقۇچىنى يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقاپ دەرس تەييارلاپ ئولتۇرغان سۈرلۈك ئوتتۇرا ياش بىر كىشىنى دەپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.

مانا ئىلمىي مۇدىر ئىشخانىسنىڭ ئالدىغىمۇ كىلىپ بولدۇق، ئىشىك يىرىم ئوچۇق ئىدى. پەرھات مۇدىر ئىشىكنى يىنىك چىكىۋىدى،ئىچىدىن :كىرىڭ دىگەن يىقىملىق ئاۋاز ئاڭلاندى.

ئىشىكتىن كىرىپلا كۆرگىنىم مۇدىرنى كۆرۈپلا ئورنىدىن لىككىدە تۇرغان ئىگىز بويلۇق، قاملاشقان 27~28ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ياش ئوقۇتقۇچىنى كۆردۈم،كاللامدا ئىشخانىدا ئىمىي مۇدىر يوقكەندە؟ دىگەن خىيال لىپپىدە قىلىپ ئۆتتى.
__ دولقۇن مۇئەللىم، ئالدىراش ئوخشىمامسىز؟__دىدى مۇدىر كۈلۈمسىرەپ.

مۇدىر دىگەننىڭ سەل سۈرى بار دەپ ئاڭلىغان مەن، لىكىن بۇ مۇدىر ئازراقمۇ سۈرى يوق، كىشىشنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈردىغان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئىدى،
__پەرھات مۇدىر، ياخشىمۇسىز،__دىدى،_كەينىدىن ماڭا قاراپ__ ياخشىمۇسىز؟__دەپ ئەھۋال سوراپ قويدى.
مەنمۇ جاۋابەن ياخشىمۇسىز دىگىنىمچە بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم.

__سىزگە بىر ئىشنى تاپشۇرغىلى كەلدىم بۇ قىزنىڭ ئىسمى نازى، مەكتىپىمىزگە يىڭى كەلدى، بۈگۈندىن باشلاپ بىر ئاي پىراكتىكا قىلىدۇ، كىيىن رەسمىي سىپىمىزغا قۇشۇلىدۇ__دولقۇن ئىسىملىق بۇ ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئويلىغىنىمدىن دەل ئەكىسچە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بايامقى تەسەۋۋۇرۇم كۆز ئالدىمغا كەلدىدە ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم. مۇدىر گىپىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى:

___بۇنىڭدىن كىيىن نازى مۇئەللىمنىڭ بىلمىگەن يەرلىرىگە سىز يول كۆرسىتىڭ، بىر ئايدىن كىيىن سىناق ئالىمەن، لاياقەتلىك بولالمىسا سىزدىن كۆرىمەن-ھە؟__دىدى مۇدىر چاقچاق ئارلاش.

دولقۇن مۇئەللىم دەرھاللا ئىنكاس قايتۇردى:
__خاتىرجەم بولۇڭ مۇدىر، دىگىنىڭىزدەك قىلىمەن، سىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى يىتەكلاپ چىقىمەن. كىيىن مەكتىپىمىزنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىسى بولىشىغا ئىشىنىمەن.__دولقۇننىڭ شۇ گەپنى دەۋاتقان پەيتتە كۆزلىرىدىن بىرخىل ئۈمۈدكە تولغان نۇرنىڭ يالىت قىلىپ چاقنىغىنىنى كۆرگەندەك بولدۇميۇ دەرھال پەسكە قارىۋالدىم.

مۇدىر رازىمەنلىك بىلەن بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى-دە :
__ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، ياخشى ئىشلەڭ،_دىگىنىچە مىھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەتتى.
__قىنى ئولتۇرۇڭ، ئاۋۇ سىزنىڭ خىزمەت ئۈستىكىڭىز.
__رەھمەت،__سەل قۇرۇنغىنىمچە بىرىپ تۇنجى ئۆزۈمگە تەۋە بولغان خىزمەت ئۈستىلىدە ئولتۇردۇم.

بۈگۈندىن باشلاپ مەن بىر ئوقۇتقۇچى،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەم شۇنداق،ئەمدى مەن تىرىشمىسام بولمايدۇ، دادام ئاپامنىڭ :‹‹يىنىپ كىلىپ بىزنىڭ يىنىمىزدا ئىشلىگىن،سىنىڭدىن ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز، ھىلىمۇ ئۈرۈمچىدە تۆت يىل ئوقۇدۇڭ،يەنە قىيمىغۇدەك نىمىسى بار...››دىگەندەك گەپلىرىگىمۇ لايىقىدا جاۋاب بىرىپ، تاغامغا دەپ يۇرۇپ مۇشۇ يەردە يەنى ئۈرۈمچىدە قىلىشنى تاللاپ قالغان ئىدىم، گەرچە بۇ يەردە تارتىشقىدەك ئالاھىدە سەۋەب بولمىسىمۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمغا قارىغاندا ئاران تۆت يىل تۇرغان ئۈرۈمچى شەھىرىگە شۇنچە كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم، خۇددى بۇ يەر مىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ،كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن زىمىندەك...

__ئىسمىڭىز نازىمۇ؟
تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن دەرھال ئىسىمگە كەلدىم،قارىسام دولقۇن مۇئەللىم ماڭا دوستانە قاراپ تۇرۇپتۇ.
__ھەئە،ئىسىم نازى،_دىدىم جاۋابەن.
__ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىسىمكەن،ئىسىمىم دولقۇن، بۇنىڭدىن كىيىن ئىككىمىز خىزمەتداش، بىلەلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا،قانداق مەسىلىگە يۇلۇقسىز ئىككىللەنمەي مەندىن سوراڭ.

__رەھمەت سىزگە،__مەن بۇ خىزمەتدىشىمدىن تولىمۇ رازى بولغان ئىدىم،سىزگە پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان مۇھىتتا سىزگە ياردەم بىرىدىغان بىراۋنى ئۇچراتسىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك ھىس قىلىسىز،مىنىڭ ھازىرقى ھىسياتىم دەل شۇنداق ھىسىيات ئىدى.

ئەتىسىدىن باشلاپ رەسمىي ئالدىراش بولغىلى تۇردۇم، ئوقۇتقۇچى ئىيتماققا ئاسان،ئورۇندىماق تەس بولغان بىر ۋەزىپىكەنغۇ؟ ئۇھ...ھىلى دەرس پىلانى تۈزسەم ھىلى دەرسكە يۈگۈرۈيتتىم، كەچتە 40ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرىقىنى ئۆيگە ئىلىپ بىرىپ بىر تەرەپتىن تاماق يىگەچ بىر تەرەپتىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈيتتىم.

ئارلىقتا ئۆيدىكىلەر تىلفۇن ئۇرۇپتۇ. ئاپامنىڭ دىيىشىچە بۇ قىتىم تاغام خىلىلا كۈچىگەنمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن تاغامنى پات-پات يوقلاپ تۇرىشىمنى، ئۆزۈمنى ئاسرىشىمنى، خىزمەت بىلەنلا بولۇپ كەتمەي ئەمدى سەل-پەل ئەتراپىمغا قاراپ قۇيۇشۇمنى جىكىلىدى،(بۇ دىگىنى تۇيۇڭغا تەييارلىق قىل دىگىنى ئىدى).

ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاران دىگەندە ئىشقا چىقسام ماڭا ھازىر توي قىلىشنى كىم قۇيۇپتۇ؟ ئۇ ئىشلارنى تىخى ئويلاشقۇدەك بولمىغان ئىدىم، ئاپامغىغۇ ھە دەپ قۇتۇلمىسام بىر پاتمان ۋەز ئىيتاتتى.

ئارىدىن ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتتى. مەنمۇ ھىسابتا كۆنۈپ قالدىم.
بۈگۈن جۈمە ،ئەتە ئۆگۈن ئىككى كۈن دەم ئىلىش كۈنىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بۆلەكچىلا يىنىك ھىس قىلدىم. تەكشۈرىدىغان تاپشۇرۇقلارمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۆزۈمچە شەنبە-يەكشەنبە ئىككى كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشۈم توغرىسىدا ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىيال قىلىشقا باشلىدىم:

‹‹بۈگۈن ئۆيگە بىرىپ ھىچ ئىش قىلماي ياخشى تاماق ئىتىپ تىلۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇراي،دوسلىرىم بولغان بولسىغۇ ياخشى بولاتتى،لىكىن ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھەرتەرەپلەرگە تاراپ كەتتى، قارىغاندا بۇ شەھەردە تاغامدىن باشقا يىقىنىم يوق ئوخشايدۇ، شەنبە قانغۇچە ئۇخلاپ ئاندىن تاغامنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ كىلەي،كەچتە قايتىپ كىلىپ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈي،دەرس پىلانى تۈزەي...يەكشەنبە...››

__نازى،دەم ئىلىشنى قانداق ئۆتكۈزەي دەيسىز؟__قارىسام دولقۇن ماڭا سۇئال نەزىرىدە تىكىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. خىياللىرىمنى بىلىۋالدىمۇ نىمە؟
__تىخى ئويلاشمىدىم،__يالغان سۆزلىدىم، ھازىر دەل شۇنى ئويلاۋاتقان ئىدىم،دىسەم قاملاشمىغۇدەك.
__خالىسىڭىز دەم ئىلىش كۈنى بىللە تاماق يىگەچ ئايلىنىپ كەلسەك، قارىسام سىزنىڭ ئالاقىلىشىدىغان ئادەملىرىڭىزمۇ كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ،_دىدى دولقۇن كۈلۈمسىرگىنىچە.

__ئالاقىلىشىدىغان ئادەملىرىمنىڭ ئازلىقىنى سىز قانداق بىلىسىز؟
__سىز بىلەن بىرگە ئىشلىگىلى ئىككى ئاي بولاي دىدى،يا تۈزۈك تىلفۇن كەلمەيدىكەن، كەلسىمۇ تۇققانلىرىڭىز،يىراقتىكى دوسلىرىڭىز ئىكەن.
__سىز قانداق بىلدىڭىز؟__ھەيرانلىقىمنى يۇشۇردۇم. شۇندىمۇ سەل خىجىل بولدۇم، دىمىسىمۇ ئۈرۈمچىدە ھازىر تۈزۈك ئارلاشقۇدەك دوسلىرىم يوق ئىدى، بولمىسا ئۆزۈممۇ دوست بولۇشقا يارايدىغان قىزلاردىن ئىدىم. ئىچىمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يىراقلارغا كەتكەن دوسلىرىمنى تازا تىللىۋالدىم، ئۇلار بولغان بولسا خەقمۇ بۇنداق ئويلىمايتتى.ئۆزۈممۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلمايتتىم.

__نىمىشقا بىلمىگۈدەكمەن؟ بىر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىلمىسەم سىزنىڭ يىتەكچىڭىز بولالمايتتىم.
مەنمۇ جاۋابەن كۈلۈپ قويدۇم.
__ئۇنداقتا ئەتە ئىشلىرىڭىز بولسا ئورۇنلاشتۇرىۋىلىپ،ئۆگۈنلۈككە يەكشەنبە كۆرۈشەيلى بولامدۇ؟__دولقۇننىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرى مەندىن جاۋاب كۈتمەكتە ئىدى، دىمىسىمۇ مىنىڭ باشقا ئىشلىرىم يوق،دەل يەكشەنبىنى قانداق ئۆتكۈزىشىمنىڭ خىيالىنى قالغاندا دولقۇن  بۇ تەكلىپنى قويدى، بۇمۇ بولغىنى،يالغۇز يۈرگەندىن كۆرە دولقۇن بىلەن ئايلىنىپ كىلەي،كۆڭلۈممۇ ئىچىلىپ قالار.

__مەيلى ئەمىسە.
__رەت قىلمىغىنىڭىزغا رەھمەت نازى.
__يىتەكچىمنىڭ بۇيرۇقىنى قانداقمۇ رەت قىلاي__تۇنجى قىتىم ئىككىمىز تەڭ ئىچىلىپ كۈلۈپتۇق،شۇندىلا ئوتتۇرىمىزدىكى بىزنى تۇسۇپ تۇرغان قىلىن بىر تامنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى سۇس ھىس قىلدىم.

كەچتە ئۆيگە قايتتىم، يۇلدا ماڭغۇچە نىمىشقىدۇر يەكشەنبىلىك ئۇچرىشىشنى ئويلاپ بىرخىل بولۇپ قالدىم، ئويلاپ باقسام دولقۇن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغىنىمغا ئىككى ئاي بولاي دىگەن بولسىمۇ ئىككىمىز ئەزەلدىن تۇرمۇشىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقماپتۇق، دولقۇننىڭ قىز دوستى بارمۇ-يوق،بۇنى ئەزەلدىن سوراپ باقماپتىكەنمەن، ئەمدى ئويىسام...ۋاي خۇدايىم،خەق مىنى ئىككى ئايدىن بۇيان كۈزەتكەن بىلەن مەن ئەجەپ دىققەت قىلىپ باقماپتىكەنمىنا؟ ئەگەر ئۇنىڭ قىز دوستى بولسا مەن يەكشەنبە كۆرۈشۈپ يۈرسەم قاملىشامدۇ؟
توختا نازى،يەكشەنبە كۈنى چوقۇم سوراپ كۆر،بولمىسا ياخشى بولمايدۇ،گەرچە خىزمەتداش بولساقمۇ ئۇ دىگەن ئىشخانىدىلا قالىدۇ، سىرتقا چىقساق ئوخشىمايمىز....

مۇشۇنداق ئالجۇقا خىياللارنى قىلىپ ئۆيگىمۇ كىلىپ قاپتىمەن.
ئۆزۈمنىڭ پىلانىم بويىچە تاماق ئىتىپ بىر تەرەپتىن تاماق يىگەچ بىر تەرەپتىن ھۇزۇرلىنىپ كىنو كۆرۈشكە باشلىدىم، ئۆزىنى ئەركىن قۇيىۋەتسە نىمە دىگەن راھەت...
يانفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلگەنلىك سىگىنالىنى ئاڭلاپ كۆزۈم تىلۋۇزۇردا ئالدىمدىكى ئۈستەلنى سىيپاپ تىلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم.
‹‹بىر ھەپتە ئىشلەپ ھىرىپمۇ قالغانسىز، ياخشى ئارام ئىلىپ، بالدۇر ئۇخلاڭ،خەيرلىك كەچ،يەكشەنبە ئۇچرىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭ-ھە؟››
ئۇچۇر دولقۇندىن كەلگەن ئىدى،تۇيۇقسىز بۇنداق يىقىنچىلىققا كۆنەلمىگەن بولساممۇ لىكىن يامان كۆرمىدىم. خىلى ئۇزۇن بوپتىكەن بىراۋنىڭ ماڭا كۆيۈنۈپ بۇنداق ئۇچۇر يۇللىمىغىلى...
‹‹رەھمەت سىزگە›› ئۇچۇر قايتۇرۇپ بولۇپ خۇددى بىرى بۇيرۇق بەرگەندەك ياتاق ئۆيۈمگە ئۇخلىغىلى ماڭدىم.

تاغامنىڭ ئۆيىگە كەلسەم تاغامنىڭ ئوغلى ئەركىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كانادادىن قايتىپ كەپتۇ، مىنى كۆرۈپ بۆلەكچىلا خۇش بولۇپ كەتتى:
__ۋاھ نازى،چوپچوڭلا بولۇپ كىتىپسەنغۇ؟ كۆرۈشمىگىلى خىلى يىللار بولۇپتۇ،بەكلا ئۆزگۈرۈپ كىتىپسەن جۇمۇ...
ئەركىننىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشى مىنى چوڭلار ئالدىدا خىجىل قىلىپ قويدى،ئۆزىمۇ بۇرۇنقى سىرىق ياڭيۇ ھالىتىدىن 180گىرادۇس ئۆزگىرىپ باشقىچىلا ئىسكەت كىرىپ قالغان، بىر قارىسىلا يۇقۇرى مەلۇمات ئالغان كىشىدەك كۆزگە ئىسسىق كۆرىنەتتى.

__بالام،نازى قىزىم چوڭ بولدى، بۇرۇنقى ئۇششۇق،يىغلاپلا تۇرىدىغان نازى ئەمدى يوق، بۇرۇنقىدەك كىچىك بالا كۆرۈپ بۇنداق ماختاۋەرسەڭ خىجىل بولمامدۇ؟__ تاغامنىڭ ئايالى مىھرىبان ئاپامنىڭ شۇنداق دىيىشى بىلەن ئەركىنمۇ جىم بولدى، لىكىن كۆزلىرى تىخى ئويناپ تۇراتتى.

__ھە قىزىم،كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟__تاغام مىھرىبانلىق بىلەن سورىدى.
__ھەئە تاغا،كۆنۈپ قالدىم،خىزمەتداشلىرىممۇ بەكلا ياخشى،ھەر جەھەتتىن كۆيۈنۈپ كۆپ ياردەملەرنى بەردى،ھازىر بىمالال ئۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ خىزمەت قىلالايمەن،__نىمىشقىدۇر ياخشى،كۆيۈنۈپ،دىگەن گەپلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا خۇددى تاغامغا دولقۇننى ماختاپ بىرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىمدە ئۆزۈمنىڭ قىلغان گەپلىرىمدىن ئۆزۈم خىجىل بولۇپ قالدىم. تاغام بولسا بۇ خىجىللىقىمنى سەزمىگەندەك گىپىنى داۋاماشتۇرماقتا ئىدى:

__ئالدىرماڭ قىزىم، سىز ئۈگۈندىغان بىلىملەر تىخى نۇرغۇن،ھەرگىز قانائەت قىلىپ توختاپ قالماڭ،ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتىكى خىزمەت مەشغۇلاتىدا كۆپ پەرق بولىدۇ، بۇرۇن نەزىرىيە ئۈگەنگەن بولسىڭىز ئەمدى شۇ ئۈگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە باغلاپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىش كىرەك،شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمىنى پۇختا ئىگەللىگەن بولىسىز.

تاغامنىڭ سۆزىدىن بايام ئۆزۈمنىڭ ‹‹ئۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ›› دىگەن گەپنى ئوشۇق قىلىپ سالغانلىقىمنى ھىس قىلىپ قالدىم. ۋاي خۇدايىم،مىنىڭ مۇشۇ ئاغزىم-زە...
مىھرىبان ئاپامغا ياردەملىشىپ بىرەي دىگەننى بانا قىلىپ غىپپىدە تاغامنىڭ يىنىدىن ئايرىلدىم-دە ئاشخانا ئۆيگە كىرىۋالدىم.مىھرىبان ئاپام تۈجەبىلەپ بايا دۈملەپ قويغان پولۇغا سوغۇق سەي راسلاۋاتاتتى. مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ دەرھال ئىغىز ئاچتى:
__نازى بالام،مىڭىڭ،بىرىپ تاغىڭىز بىلەن،ئەركىن بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇڭ،سىز دىگەن مىھمان__دىگىنىچە سىرتتقا ئىتتىردى.
__مىھرىبان ئاپا، ياردەمىشەيچۇ؟  ھەرقىتىم كەلسەم مۇشۇنداق تەكەللۇپ قىلىۋالدىكەنسىز، خىجىل بولىدىكەنمەن،مىنى ئۆز كۆرمەمسىز-يا؟

مىھرىبان ئاپام گىپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى:
__ماۋۇ قىزنىڭ گىپىنى كۆرمەمدىغان، ئىشلەپ چارچاپ كەتتى،ئىشقا سالماي دىسەم قىلغان گىپىنى، ماقۇل ئەمىسە يىنىمدا تۇرۇپ قىلغانلىرىمنى كۆرۈڭ-ھە؟
تالىشىپ يۇرۇپ قىلغۇدەك ئىش بولسا ئۆزۈم قىلىۋەتتىم.
تاغام،مىھرىبان ئاپاملار ھەقىقەتەنمۇ ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ،بۇلارنىڭ قىزى بولمىغاچقىمىكىن،مىنى ئۆز قىزىدەكلا كۆرەتتى. مۇشۇ قىتىم خىزمەت ئىشىغىمۇ تاغام خۇددى ئۆز بالىسىنىڭ ئىشىغا چاپقاندەك ياردەم قىلىپ كەتتى، شۇڭىمۇ ئاپاملار مەندىن خاتىرجەم ئىدى. پات-پات قايتىپ كىلىپ يىنىمىزدا خىزمەت قىلساڭ بولمامدۇ،دەپ قويىدىغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا مەندىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيتتى.

تائاملار بىرەر قۇر يىيىلىپ بولغاندىن چىنە-قۇچىلارنى يۇيۇپ رەتلەۋىتىپ قۇنۇپ قىلىڭ،دەپ تۇتىۋالغىنىغا قارىماي ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم، ئەركىن ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرىۋالدى، ئىككىمىزنىڭ يىشى ئۈچ ياش پەرقلەنسىمۇ(ئۇ مەندىن3ياش چوڭ ئىدى) ھازىرقى قىلىقى بەئەينى كىچىك بالىنىڭ ئۆزى ئىدى.
تاغام:
__بوپتۇ نازى بالام، ئەركىن ئاپىرىپ قويسۇن، بىخەتەر بوىدۇ،__دىدى تاغام،ئامالسىز بوپتۇ دىدىم.
ئۆيدىن چىقىپ كەتكەچ تاغام مىھرىبان ئاپاملارنىڭ كۆزىدىن ئىككىمىزغا مەسلىكى كەلگەندەك قاراپ تۇرىشىدىن بىرخىل شۈبىھلىنىپ قالدىم.

ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگۈچە ئەركىن توختىماي گەپ قىلىپ كەلدى،ھىلى بۇنى دىسە ھىلى ئۇنى دەيتتى،بولۇپمۇ گەپنىڭ مەركىزى مىنىڭ ئۆزگىرىپ بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالغانلىقىمنى، ئۈرۈمچىدە قىلىپ ناھايتتى ياخشى بولغانلىقىنى،بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرالايدىغانلىقىمىز...دىگەندەك گەپلەر ئىدى.
___ئەركىن ئاكا،ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ماڭمامسەن؟__ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ تەكەللۇپ قىلدىم.
__بولدى نازى، مەن ئەمدى كىتەي، كۈندە ئۆزۈڭ يالغۇز قايتامسەن؟ ئۆزۈڭ يالغۇز مۇشۇ يەردە تۇرامسەن؟
__ھەئە،__ئەركىننىڭ گەپلىرىدىن بىرخىل مەندىن ئەنسىرگەندەك ھالەتنى ھىس قىلغان ئىدىم،__مەندىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟
__ھەئە،__ئەركىننىڭ چىرايى بىرخىل جىددىي تۈس ئالغان ئىدى،__ئىشتىن چۈشۈپ بالدۇرراق ئۆيگە قايتقىن، يالغۇز تۇرىۋاتقىنىڭنى ئالدىراپ باشقىلارغا دىمە-ھە؟ يا بولمىسا بىزنىڭ ئۆيدىلا تۇرە،قىز بالا يالغۇز سىرتتا تۇرسا ئانچە ياخشى ئەمەس.

ئەركىننىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم.
__خاتىرجەم بولغىنە ئاكا، ھىچنىمە بولمايدۇ،بىرەر ئىش بولسا ساڭا ھايت دەۋەتسەملا بولدىغۇ؟سەندەك ئاكام تۇرغان يەردە مەن نىمىدىن قورقاتتىم؟
__ئۇغۇ شۇ،__ئەركىن ئەمدى كۈلۈمسىرىدى__ئەمىسە ئۆيۈڭگە تىزرەك كىرىپ كەتكىن، كىلەر ھەپتە بىزنىڭ ئۆيگە بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن-ھە؟
ۋاقتىم بولسا ئىش ئورنۇڭغا بىرىپ سىنى يوقلاپ تۇرىمەن.


خۇشلىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم، كۆيۈمچان نەۋرە ئاكام،مىھرىبان تاغا-ھاممىلىرىم...مەن نىمىدىگەن بەخىتلىك!
ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشۇمغا دولقۇندىن ئۇچۇر كەلدى:‹‹نازى، بۈگۈنكى دەم ئىلىشنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدىڭىزمۇ؟››
كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ ئۇچۇر قايتۇردۇم‹‹ ھەئە،تاغاملارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كەلدىم،سىزچۇ؟›› ئۇچۇرنى يۇللاپ بولۇپ ئۆيدىكى خىزمەت ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا كىلىپ تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم، تەكشۈرۈپ تۈگەي دىگەندە ئۇچۇر كەلدى:‹‹مەن ئەتىكى ئۇچرىشىشقا تەسىر يەتمىسۇن دەپ بۈگۈن بىركۈن تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ،دەرس پىلانلىرىنى تۈزۈپ تۈگەتتىم›› كۈلۈمسىرگەن چىراي ئىپادىسىنى قۇشۇپ يۇللاپتۇ.

ئۇچۇر قايتۇرمىدىم، دەرس پىلانىمنى تۈزۈپ بولۇپ ،ئىشلار بىرەر قۇر تۈگۈتۈپ سائەتكە قارىسام كەچ سائەت8نى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ، بىردەم تورغا چىقىپ خەۋەر كۆردۈم، تىلفۇنۇمنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىكرانغا قارىۋىدىم،دولقۇن تىلفۇن ئۇرۇپتۇ، تىلفۇننى ئالدىم:
__ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،تىنىچلىقمۇ؟
__ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام نازى،ياخشى تۇرۇپسىز.
__ياخشى دولقۇن مۇئەللىم.
__منى مۇئەللىم دەپ چاقىرماي،ئۇدۇللا ئىسمىمنى ئاتاۋىرىڭە،بولمىسا غەلىتىلىك ھىس قىلىپ قالىدىكەنمەن.
__ماقۇل دولقۇن مۇئەللىم،ياق دولقۇن.
تىلفۇندا ئىككىلىمىزنىڭ كۈلگەن ئاۋازى بىر-بىرىمىزگە ئاڭلاندى.
__شۇ سىزنى نمە قىلىۋاتىدىكىن،دەپ تىلفۇن قىلغان،ئىشلىرىڭىز قانداق؟
__شۇ بۈگۈن تاغاملارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ،كىلىپ تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ،دەرس پىلانى تۈزۈپ دىگەندەك ئەمدى بىكار بولۇپ تۇرىشىم ئىدى.
__ھە،مەنمۇ بۈگۈن بىركۈن مۇشۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدۇم،سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سوراي دەپ تىلفۇن ئۇرغان.

ئۆزۈمنىڭ دولقۇن بىلەن تۇنجى قىتىم  خىزمەت ئىشلىرىدىن تاشقىرى ئۆزئارا پاراڭلشىپ تۇرۇپمۇ خۇددى بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ كىلىۋاتقان ئادەمدەك تەبىئىيلىك ھىس قىلغىنىمدىن ھەيران قالدىم. بولدىلا قالغان گەپلەرنى ئەتە پاراڭلاشساقمۇ ئوخشاشقۇ...
__ھە،رەھمەت سىزگە،ئەمىسە ئەتە كۆرۈشەيلى.
__ھە ئالدىراش ئىشىڭىز بارمىتى؟ ئەمىسە دەخلى قىلماي ،__ئۆزۈمنىڭ پاراڭلىشىشنى رەت قىلىۋەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم،شۇندىمۇ خۇش بولدۇم:
__ھە ئازراق ئىشم بار ئىدى،ئەمىسە شۇنداق بولسۇن.

دولقۇن بىلەن ئەتە كۆرۈشۈپ نىمە قىلماقچى؟ نىمىشقا كۆرۈشىمەن؟ يالغۇزلۇق ھىس قىلغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ ياكى...؟بۇمۇ  خىزمەت مۇناسىۋىتى ئەمەستۇ-ھە؟ مەن شۇنداق ئويلىساممۇ باشقىلارنىڭ ئۇنداق ئويلىشى مۇمكىن ئەمەس، كۆرۈشمەيمۇ يە؟ ئۇنداق قىلسام سەت تۇرمامدۇ؟ خۇددى ئۆزۈمنى كۆرسىتىۋالغاندەك...بەلكىم ئوشۇق ئويلىۋالغاندىمەن، كۆرۈشۈپ تاماق يىيىشقۇ شۇ؟ نىمە بوپتۇ؟ مۇشۇ ئويلىغانلىرىمنى دولقۇن بىلسە نىمە دەپ قالار.....

ئوھۇي....ئۇيقۇمنى ئۇخلاي،نىمە بولسا ئەتە بولسۇن،ئەتىكى ئىشلارغا بۈگۈن زىھنىمنى چىچىپ يۈرمەي.

يەنە شۇ ئۆلگۈر قوڭغۇراق ئاۋازى...ئۇيقۇمنى بۇزۇپ...ئادىتىم بويىچە كۆزۈمنى ئاچماستىن ياستۇقۇم ئاستىدىن تىلفۇنۇمنى سىيپاشتۇردۇم-دە خالىغان كۇنۇپكىلىرىنى باستىم،ئاۋاز ئۆچتى،ئۇيقۇمنى داۋاملاشتۇردۇم،قەيەردىندۇر غۇۋا:‹‹ۋەي...،نازى...،گەپ قىلىڭە›› دىگەندەك ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى، قۇلاقلىرىم بۇ ئاۋازنىڭ چۈش كۆرگەندىكى ئاۋاز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

ئاپلا!قارىغاندا تىلفۇن ئۇلىنىپ كىتىپتۇ-دە؟!! كۆزلىرىمنى دەرھال يوغان ئىچىپ قۇلۇمغا تىلفۇننى ئالدىم،
دەرۋەقە بايامقى ئاۋاز دولقۇن تىلفۇن قىلغان ۋاقىتتىكى مۇزىكا بولۇپ مەن قوڭغۇراق ئاۋازى دەپ خاتا تۇنۇپ قىلىپ بىسىۋەتتىم،دەپ ئويلىغىنىمدا دەل تىلفۇننىڭ يىشىل كۇنۇپكىسىنى بىسىپتىكەنمەن. نىمە سەتچىلىك بۇ!

__ۋەي!
__ۋەي نازى، تىلفۇننى ئىلىپ گەپمۇ قىلمايسىزغۇ؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟
نىمە دەي؟ تىلفۇننى ئىلىپ قۇيۇپ ئۇخلاۋاتقان ئىدىم،دەمدىمەن؟
__بايا بىسىلىپ كتىپتۇ،ئاڭلىماي قاپتىمەن.
نىمە ئىش بار ئىدى،دىگەندەك ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلاپ تۇرۇدۇم.
__ھە ئەسلى مۇنداق ئىكەندە، سىزنى ئالغىلى باراي دىگەن،مىڭىشتىن بۇرۇن خەۋەرلەندۇرۇپ قوياي دەپ تىلفۇن ئۇرغان.
__مۇشۇنداق سەھەردىما؟
__ھا..ھا....__تىلفۇندىن كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى،__نازى ،ھازىر سائەت10دىن ئاشتى، تىخىچە ئۇخلاۋاتىپسىزدە؟ ئەمىسە سىز دەڭە، قاچان ئالغىلى باراي؟

تامدىكى سائەتكە قارىدىم،دەرۋەقە سائەت چۈشتىن بۇرۇن 10دىن25مىنۇتنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇخلىغىنىمنى بىلىپ دولقۇننىڭ ئالدىدا بەكمۇ خىجىللىق ھىس قىلدىم.
__ھە....ئەمىسە مەن سىزگە بىر سائەتتىن كىيىن تىلفۇن قىلاي،شۇ ۋاقىتتا كىلىڭ ئەمىسە.

شۇنداق دىيشىپ تىلفۇنى قويىۋەتتىم،مۇشۇنداقمۇ ئۇخلىغان بارمۇ؟ ھەقانچە دەم ئىلىش بولسىمۇ 10يىرىم بولغۇچە ئۇخلىغىنىمنى ئويلىسام ئۆز-ئۆزۈمگە كايىغۇم كىلەتتى،تىخى دولقۇننىڭ بىلىپ قالغىنىچۇ...

ئالدراش يۇزلىرىمنى يۇيۇپ يارىشىملىق كىيىملىرىمنى كىيىپ ئادىتىم بويىچە سۇسقىنە گىرىمنى قىلىپ تەق بولدۇم. مۇشۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىپ بولغۇچىمۇ بىر سائەت ۋاقىت كەتكەن ئىدى، ھازىر ۋاقىتنىڭ پەقەتلا بەرىكىتى يوق ئىدى،بولۇپمۇ مەندەك بۈگۈن 10يىرىمغىچە ئۇخلىغانلارغا...

دولقۇن ئىككىمىز كۆرۈشكەندىن كىيىن يىڭىدىن تىجارەت باشلىغان باغۋەن تاماقخانىسىغا كىردۇق، تاماقلارنى بۇيرىتىۋەتكەندىن كىيىن ئىككىلىمىز نىمە دىيىشىمىزنى بىلەلمىدۇق، دولقۇننىڭ بىرنىمىلەرنى دىگۈسى كىلەتتىيۇ، دىيەلمەيتتى. ئۆزۈم نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇشۇنداق بىرىنىڭ ھەمرا بولۇپ
بىرگە تاماق يەپ،بىرگە ئايلىنىپ يۇرۇشنى ئۈمۈد قىلغان بولساممۇ ،بۈگۈن بىرخىل كۆنەلمىگەندەك ھىسياتتا بولماقتا ئىدىم.

تاماق چىققۇچە ئۇنى-بۇنى دەپ يەنە خىزمەتنىڭ گىپىنى قىلىشىپ ئولتۇرغان بولدۇق، بىر چاغدا دولقۇن:
__نازى،ھەدىسىلا خىزمەتنىڭ گىپىنى قىلىۋەرمەيلى،ھىلىمۇ ئىككى ئايدىن بۇيان خىزمەتتىن باشقا گەپ قىلىشىپ باقماپتۇق، بۈگۈن ئىككىلىمىز خىزمەتداش ئەمەس، ئىككىلىمىز ئوقۇتقۇچى ئەمەس، مەنمۇ يىتەكچى ئەمەس، قانداق؟__دىدى دوستانە رەۋىشتە.

مەن كۈلۈپ كەتتىم،دىمىسىمۇ بۈگۈن تۇنجى قىتىم ئايرىم تاماق يىگىلى كىلىپمۇ ئىككى ئايدىن بۇيان كۈنۈپ قالغان ئادىتىمىز بويىچە مۇشۇ يەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ،مەكتەپنىڭ گىپىنى قىلىشىپ ئولتۇرغان ئىدۇق.

__ماقۇل،دەڭە ئەمىسە، نىمە دىيىشىمىز؟
__ئۆزلىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلىشايلى، مەسىلەن، بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈش،قانداق ياشاش، تۇرمۇشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش،يەنە،يەنە بۇنىڭدىن كىيىنكى دەم ئىلىشلاردا نەلەردە تاماق يىيىش،...دىگەندەك...ھە راست نازى، سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟

ما گەپنى، ئەسلىدە بۈگۈن مەن ئاتايىن دولقۇندىن مۇشۇ سۇئالغا جاۋاب ئالماقچى بولغان ئىدىم،تىخى ئەگەر بار دەپ قالسا بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئايرىم تاماق يىسەك بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئايرىم ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى ئويلىغان، كىم بىلسۇن دولقۇننىڭ مەندىن چاققان چىقىپ بۇ سۇئالنى ئاۋال سورىۋالدىغىنىنى.

__ياق، مەن تىخى ئۇ ئىشلارنى ئويلاشقۇدەك بولمىدىم، خىزمەت ئىشىم ئەمدى ھەل بولدى،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلارنى ئەمدى ئويلىشارمەن.

نىمىقىدۇر بۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ ئۆزۈمچە قىزىرىپ كەتتىم، توۋا مەندىكى نىمە ئۆزگىرىش بۇ؟ خۇددى ئوغۇللار بىلەن تۇنجى قىتىم تاماق يەۋاتقاندەك. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم  بىلەن بىللە تاماق يىگەندىمۇ بۇنداق خىجىللىق ھىس قىلمىغان.

__سىزنىڭچۇ؟ قىز دوستىڭىز بارمۇ؟

دولقۇن ئالدىراپ جاۋاب بەرمىدى، پىيالىدىكى قىززىق ھەم قىنىق دەملەنگەن بۆلجۈگەن تەملىك چاينى بىر ئوتلىدى،كەينىدىن ماڭا تىكىلىپ قارىدى، بۇ قارىشى شۇنچىلىك مەنىلىك ئىدىكى داۋاملىق قاراپ تۇرىۋىرىشقا جۈرەت قىلالمىدىم.

__سىزگە دىسەم نازى، مىنىڭ قىز دوستۇم ھازىر يوق، بۇرۇن بار ئىدى،كىيىن توي قىلدى، مانا ھازىرغىچە بىرەر قىز بىلەن ئارلىشىپ باقمىدىم،  ئۇلارنىڭ يۈزسىزلىق قىلىشىدىن قورقتۇم. ___دولقۇن چوڭقۇر ئۇھ تارتقىنىچە بىر تاماكىدىن بىرتال تۇتاشتۇردى-دە گىپىنى داۋام قىلدى.

__،قاچان سىزنى كۆردۈم،شۇكۈنىدىن باشلاپ ئۆلگەن مۇھەببەت ھىسلىرىم قايتىدىن يىڭى ھاياتلىققا ئىرىشكەندەك بولدى، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇش بولدۇمكى بۇنى سىز ھەرگىز ھىس قىلالمايسىز...راستىمنى دىسەم بارا-بارا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمەن. مىجەزىڭىزنىڭ تۈزلىكى، خۇشخۇيلىقىڭىز،سەمىمىيلىكىڭىز سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى تىخىمۇ ئاشۇردى،خالىسىڭىز يىقىن ئارلىشىپ ئۆتسەك...

ھاڭۋاققىنىمدىن دولقۇننىڭ ئاغزىغا قاراپلا قاپتىمەن، دولقۇنغا بولغان باھايىم يامان ئەمەس بولسىمۇ،لىكىن دولقۇننىڭ بىردىنلا كۆڭلىدىكى گەپ-سۆزنىڭ ھەممىنى ماڭا بىرلا يولى تۆكىۋەتكىنىنى قۇبۇل قىلالماي ئولتۇراتتىم. دولقۇنغا قارىدىم. دولقۇن ئۈمۈدلۈك كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە مەندىن جاۋابىمنى ساقلىغاندەك ئولتۇراتتى.

ئۇنىڭغىچە تاماقلارمۇ چىقىشقا باشلىدى. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم. دولقۇن مىنىڭ نەزىرىمدە ئەستايىدىل،ئىغىر-بىسىق،ئۆزىنى تۇتىۋالغان بالىلار تىپىدىن ئىدى. دولقۇن ئويلىشىپ بىقىشىمغا ئەرزىيتتى.

___بىلىمەن نازى، سەل تۇيۇقسىز بولۇپ قالدى، مەن مۇشۇنداق ئادەممەن، گەپنى ئايلاندۇرۇپ قىلىشنى بىلمەيمەن، مىنىڭچە ھەممە گەپ تۈز بولغان ياخشى، ئىشىنىمەنكى سىزنى خۇدايىم بۇيرىسا بەختلىك قىلىمەن. تەلىپىمنى رەت قىلمىغان بولسىڭىز....

__قىنى دولقۇن،تاماق يەيلى،__گەپنى بۇرىماقچى بولدۇم. سىرتىمدىن قارىسا ھىچنىمە بولمىغاندەك تۇرغىنىم بىلەن ئىچىمدىكى جىددىيلىكىمنى چاندۇرماي ئاران ئولتۇراتتىم. مەكتەپتىكى شوخ ئوغۇل ساۋاقداشلىرىممۇ ماڭا بىزەڭلىك بىلەن تەلەپ قۇيۇپ تۇرىۋالغاندىمۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تىللاپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىۋەتكەن،شۇ چاغلاردىمۇ ھىچنىمە بولمىغاندەك يۇرىۋەرگەن ئىدىم. لىكىن بۈگۈن ئوخشىمايتتى...
قارىغاندا چوڭ بولغان ئوخشايمەن.

دولقۇن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ياخشىلىشىغا ئەگىشىپ دولقۇننىڭ ماڭا بولغان كۆيۈنۈشلىرىمۇ ئىشىپ باردى، دولقۇننى خاتا تاللىمىغىنىمغا ئىشىنىمەن. يىنىمدا كۆيۈنىدىغان ئادەم بولسا ھەقىقەتەنمۇ باشقىچە روھلۇق بولۇپ قالىدىكەن كىشى.

ھازىر ئەتىگەندە ئىشقا كەلسەم دەرس پىلانىمنى بەزىدە دولقۇن تۈزۈپ قويىدۇ، بەزىدە تاپشۇرۇقلىرىمنى ياردەملىشىپ تەكشۈرىشىپ بىرىدۇ. چۈشتە ئۆيدە تاماق ئەتمىگەنلىكىم ئۈچۈن ساۋاملىق ماڭا ھەمرا بولۇپ بىللە تاماق يەيدۇ.ئىشتىن چۈشكەندە بولسا ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئاپىرىپ قۇيۇشلىرى بار تىخى.

شەنبە -يەكشەنبە ئىككى كۈنلۈك دەم ئىلىشىم كۆپىنچىسى دولقۇن بىلەن ئۆتەتتى. شۇڭىمۇ تاغامنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان قىتىم سانىم بارا-بارا ئازىيىشقا باشلىدى.

دەرس تەييارلاپ ئولتۇرسام تىلفۇنۇم سايرىدى. قارىسام ئاپام ئۇرۇپتۇ.خۇشاللىق بىلەن تىلفۇننى ئالدىم.
__ئاپا ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.قانداقراق ئەھۋالىڭ؟
__ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ياخشى قىزىم، ئۆزۈڭ سالامەتمۇسەن؟
__مەن ياخشى ئاپا ،ئۆي ئىچى ھەممىسى تىنىچلىقتۇ؟
__تىنىچلىق بالام،تىنىچلىق، بالام؟ ئاڭلىسام تاغاڭنىڭ ئۆيىگە يىقىندىن بۇيان بارمايۋاتىپسەن-ھە؟

نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم،شۇنىدىمۇ گەپ تۇقۇدۇم:
__ۋاي شۇ ئاپا خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىدىن بىرىپمۇ بولالمىدىم،ئالدىمىزدىكى دەم ئىلىشىمدا بارىمەن ئاپا.

تىلفۇندىن ئاپامنىڭ خۇرسىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
__ماڭا قارا بالام، ئۈرۈمچىدە شۇ تاغاڭنى بار دەپ سىنىڭ شۇ يەردە ئىشلەپ قىلىشىڭغا قۇشۇلدۇق،سەندىن خاتىرجەم بولدۇق، ئەمدى خىزمەتكە چىقىۋىلىپ ئۆزۈڭ بىلگىنىڭنى قىلىپ يۇرسەڭ تازا ياخشى بولمايدۇ قىزىم، سەنمۇ كىچىك ئەمەس، خىزمەتكىمۇ چىقىپ بولدۇڭ،ئەمدى كەلگۈسى ئىشىڭنى ئويلىشىپ بىزنى بۇ جەھەتتىن بىر خاتىرجەم قىلىۋەتسەڭ بولاتتى. بىزمۇ سەندىن ئەنسىرەپ يۇرمەيتتۇق.

بۇرۇنقى ۋاقىت بولسا ئاپامنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلىساملا نىرۋام ئۆرلەيتتى،ھازىر بولسا نىمىشقىدۇر مۇلايىملىق بىلەن ئاپامنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتىم.
__تاغاڭنىڭكىگە بىرىپ تۇر، يۇقاپ كەتمە، ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولمايدۇ،ئۇلارمۇ ساڭا ئاز كۆيۈنمىدى .....

ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم. دولقۇن بولسا نىمە دەيدۇ؟دىگەندەك ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى.

__نىمە دەيتتى؟مىنى ئىتتىك توي قىل،دەيدۇ.
ئۆزۈم دەپ بولۇپ ئۆزۈم بەكلا خىجىل بولۇپ كەتتىم،خۇددى دولقۇنغا مەن توي تەكلىۋى قۇياۋاتقاندەك....

دولقۇن سەل تۇرۇپ قالدىيۇ كەينىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:
__ھا..ھا...نازى خىجىل بولۇپ كەتتىڭىزما؟ ئاپام ناھايتتى توغرا دەپتۇ،توي قىلمىساقمۇ بولمايدۇ، بىر-بىرىمىزنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن چۈشىنىپ بولدۇق....
__قىلىن....

تاغامنىڭ ئۆيىگە دەم ئىشلىتا باردىم. يەنىلا شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى. ئەركىن بولسا ئۆتكۈر كۆزى بىلەن چىرايىمدىن نىمىنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك قاراۋاتاتتى.

___نازى،ماڭە،تاماق پىشقۇچە بىردەم كىتاب كۆرىمىز.

مەن ئەركىننىڭ كەينىدىن ئۆينىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىتابخانە قىلىنغا ئۆيگە كىردىم.بۇ ئۆي ئاساسلىقى تاغامنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابلىرى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى.

ئەركىن مەن كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئىشكنى يىپىۋەتتى،كەينىدىن ماڭا بىرھازا تىكىپ تۇرغاندىن كىيىن :
__نازى،نىمىشقا بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەيدىغان بولۇپ كەتتىڭ؟__دەپ سورىدى.

ئەركىننىڭ بۇ قىلىقىدىن كۈلگۈم كىلىپ كەتتى.
__ئالدىراش بولۇپ كىتىپ شۇ،ئەركىن ئاكا،ئىشقا چىقتىڭمۇ؟
__مەن ئىشقا چىقىپ بولغىنى قاي زامان،مىنىڭ گىپىمنى قۇيۇپ سىنىڭ گىپىڭغا كىلەيلى،سەن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن رەنجىپ قالمىغانسەن؟

ئەركىننى چاقچاق قىلىۋاتاتمدىكىن دەپ قارىسام ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ تۇرۇپتۇ.
__نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭ ئەركىن ئاكا، مەندىن خاپا بولۇپ قالدىڭما؟
__ياق.
__ئەمىسە نىمانداق سۇئاللارنى سوراپ يۇرىيسەن؟ بۇنىڭدىن كىيىن ۋاقتىم چىقسىلا چوقۇم كىلىمەن__كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.

__ئەمىسە ئۆيگە كىلىپ تۇر،بۇنداق جىممىدە يۇقاپ كەتمە، ئۆزۈم ئىش ئورنۇڭغا بىرىپ سىنى يۇقلاپ كىلەي دىسەم مەنمۇ يىقىندا ئىشقا چۈشتۈم دىگىنە. بۇنىڭدىن كىيىن ئۆيگە كەلمەيدىغان ئىشنى قىلما-ھە؟ ئاڭلىدىڭمۇ؟
__خوپ!__دىدىم شوخلۇق بىلەن.
ئاشخانا ئۆيدىن مىھرىبان ئاپامنىڭ تاماق يەۋىلىڭلار دەپ چىقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
__ماڭە تاماق پىشىپتۇ،ئۆيدىن چىقاي دىيىشىمگە ئەركىن قولىنى مۆرەمگە قۇيۇپ:
__كەلمىسەڭ سىنى كۆرگۈم كىلىدىكەن،__دىۋىدى غەلىتە ھىس قىلىپ قالدىم. بۇ گەپنى قىلغاندىكى ئىپادىسى قانداقتۇر ئاكىسىنىڭ سىڭلىسىغا دىگەن گىپىغا ئوخشىمايتتى. بەلكىم ئوشۇق ئويلىۋالغان بولسام كىرەك ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتىم.

كەچتە ئۆيگە قايتىپ ئەمدى ئارام ئالاي دىسەم ئەركىن تىلفۇن ئۇرۇپتۇ. نىمىشقىدۇر تىلفۇننى ئالغۇم كەلمىدى. ئۆزۈمدە ئەركىنگە نىسبەتەن قانداقتۇر بىرخىل تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان يىتىرقاش ھىسىياتى پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى.
تىلفۇن ئۇزاق سايرىغاندىن كىيىن ئامالسىز ئالدىم.
__ۋەي،نازى،نىمىشقا تىلفۇننى بۇنچە كىچىپ ئالىسەن؟
__ھە ئەركىن ئاكامما؟ ئاڭلىماي قاپتىمەن.
__ھە، نازى سەن بىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دىگەن.
__بولىدۇغۇ؟ مەن بىكار ھازىر
__نازى؟
__ھە؟
__ماڭا راست گەپ قىلە،سەن بىرى بىلەن ئارلىشىۋاتامسەن؟

ئەركىننىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق سورىشىدىن ئەجەپلەندىم،ھەم خىجىل بولدۇم، كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بولساقمۇ ئەزەلدىن بۇ تىمىدا ئەزەلدىن پاراڭلىشىپ باقمىغاچقىمۇ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قىلىۋاتاتتىم.
__گەپ قىلە نازى؟
__ئەركىن ئاكا، بولدى قىلە،باشقا گەپ قىلىشايلى.
__ھىم، قارىغاندا پەرىزىم خاتا ئەمەسكەندە.
__نىمە پەرەر؟
__خىلى ئۇزۇن بولدى،جىممىدە يوقاپ كەتتىڭ،سىنى بىرى بىلەن ئارلىشىۋاتقان بولسا ۋاقتى تەگمەي كىلەلمىدىمىكىن دىگەن،ئويلىغىنىمدەك توغرا چىقىپتۇ.

ئىچىمدە ئەركىننىڭ ماڭا بولغان كۆيۈنۈشى دەپ ھىسابلىدىم،شۇندىمۇ گەپلىرىنىڭ بىر يەرلىرى قولاشمايتتى. ئىتراپ قىلايمۇ قىلمايمۇ؟ ھازىر دىمىسەم كىيىن ھامىنى بىلىدىغان گەپ ،ئۇنىڭدىن ھازىرلا دەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى سورىدى.
__شۇنداق ئەركىن ئاكا.
__بولىدۇ ئەمىسە نازى،ياخشى ئارام ئال، كىيىن كۆرىشەيلى.
__ئەركىن ئاكا، شۇ گەپنى سوراشقا تىلفۇن ئۇرغانمىتىڭ؟__قارشى تەرەپ تىلفۇننى قۇيىۋەتكەن ئىدى. ئەجەپلىنىپ تىلفۇنىمغا قاراپ قۇيدۇم.

دولقۇن ئادەتتە بۇ ۋاقىتتلاردا تىلفۇن ئۇرۇپ بولىدىغان،ئەجەپ جىممىدىغۇ؟ ئۆزۈم ئۇرۇپ باقاي.
ماڭا تۇنۇش بولۇپ كەتكەن تىلفۇن نۇمۇرنى باستىم،تىلفۇن ئۇلاندى،لىكىن ئالدىغان ئادەم يوق. قايتا ئۇردۇم يەنە ئالىدىغان ئادەم يوق...

ئەجەپلىنەرلىك ھىس قىلدىم. يەنە قايتا ئۇرىۋىدىم،تىلفۇن ئىتىك ئىدى. ئىچىمدە دولقۇنغا نارازى بولغان ھالدا ئارام ئالدىم.

ئەتىسى ئىشخانىغا بارسام دولقۇن مەكتەپكە كەلمەپتۇ،سۈرۈشتۈرسەم بۈگۈن رۇخسەت سوراپتۇ.
دولقۇن ئادەتتە بىرەر ئىش بولسا ماڭا تىلفۇن ئۇرۇپ خەۋەرلەندۈرۈپ قويىدىغان، ئەجەپ ماڭا ھىچنىمە دىمىدىيا؟ تىلفۇنى تىخىچە ئىتىك.

ئىچىم تىت-تىت بولغان ھالدا بىركۈننى ئۆتكۈزدۈم. ئۆيگە قايىتىپ كەلسەممۇ يەنە دولقۇندىن خەۋەر يوق. خەپ دولقۇن،كۆرۈشىمىزغۇ؟ شۇ ۋاقىتتا قانداق يامانلايمەنكى قىنى...

ئۆيدە ئەتىكى دەرسكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم،تىلفۇنۇم سايرىدى، ئەمدى تىلفۇن قىپتۇ-دە؟
يۈگۈرۈپ بىرىپ نۇمۇرغىمۇ قارىماي تىلفۇننى ئالدىم.
__ۋەي نازى،قانداقراق ئەھۋالىڭ؟
تىفۇننى ئەسلى ئەركىن ئۇرغان ئىدى، دولقۇن ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئۈمۈدسىزلەنگەن بولساممۇ چاندۇرمىدىم.
__ياخشى،ئۆزۈڭ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
__مەن ياخشى، نىمە قىلىۋاتىسەن؟
__دەرس تەييارلىقى ئەركىن ئاكا، ئۆزۈڭچۇ؟
__مەن ئۆيدە،شۇ سىنى نىمە قىلىۋاتىدىكىن دەپ تىلفۇن ئۇرۇشۇم ئىدى،ھە راست ئەتە سىنى كۆرگىلى باراي، ماقۇلمۇ؟

ئانچە خالاپ كەتمىسەممۇ ئەدەپ يۇزىسىدىن ماقۇل بولدۇم.
__بولىدۇ ئەمىسە،ئەتە سىنى ساقلايمەن.

ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ تىفۇننى قۇيىۋەتتىم. پۈتۈن ئىسى-يادىم دولقۇندا قالغان ئىدى. باشتا رەنجىگەن بولسام ئەمدى ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالمغاندۇ-ھە؟ ئاپام ئاغرىق دەۋاتاتتى، ئاپىسىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالغانمىدۇ-يا؟

يەنە بىر تىلفۇن ئۇرۇپ بىقىشنى ئويلاشتىم. ئۇرىۋىدىم، ئالدىراش بولۇپ چىقتى،دىمەك تىلفۇن ئىچىلغان. خۇش بولۇپ يەنە قايتا ئۇردۇم. بۇ قىتىم تىلفۇن ئۇلاندى. نىمىشقىدۇر خىلى ئۇزۇندىن كىيىن دولقۇن تىلفۇننى ئالدى.
__ۋەي نازى،ياخشىمۇ؟
ئاۋازىن ئاڭلاپ ئالدىن تەييارلاپ قۇيغان گەپلىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى.
__ياخشى،باركەنسىز-ھە؟
__خاپا بولماڭ،جىددىي ئىچىم چىقىپ قىلىپ سىزنى خەۋەرلەندۇرۇپمۇ قۇيالمىدىم،قالغان گەپنى ئەتە ئىشخانىغا بارغاندا دىيىشەيلى،ئاپامنىڭ مىجەزى يوق، دوختۇرخانىدا ئاپامغا قاراۋاتقان.

ئويلىغىنىمدەك چىقتى. مەنمۇ ئوشۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھىس قىلدىم،ھەم خاتىرجەملىك ھىس قىلدىم.
__بوپتۇ ئەمىسە،ئاپىڭىزغا ياخشى قاراڭ، ئۆزىڭىزنىمۇ ياخشى ئارام ئىلىڭ، ئەتە كۆرىشەيلى.
__سىزمۇ ھەم شۇ نازى،سىزنى كۆرگۈم كەلدى.
__مىنىڭمۇ ھەم شۇ،ئەمىسە شۇنداق بولسۇن،خۇش،ئاللاغا ئامانەت.
دولقۇننى خىيال قىلغىنىمچە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى سەزمەپتىمەن.

ئەتىسى ئىشخانىغا بارسام،دولقۇن مەندىن بۇرۇن كىلىپ بوپتۇ،كۆزلىرى سەل ئولتۇرۇشقان بولۇپ چارچىغانلىقى مانامەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى،كۈلۈمسىرىشىمۇ شۇنچە جانسىز. تۇرقىغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى.
__دولقۇن ئاپىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
دولقۇننىڭ چىرايىدىن سەل ئۈمۈدسىزلىككە ئوخشايدىغان،لىكىن چاندۇرغۇسى يۇقتەك بىرخىل رەۋىشتە جاۋاب بەردى.
__يامان ئەمەس،خۇداغا شۈكرى.
مەنمۇ ئوشۇق گەپ قىلمىدىم،يەنە گەپ قىلسام ئىچىشقان يىرىگە تۇز سەپكەندەك ئىش قىلغان بولاتتىم.
__ھە،ياخشى بولۇپ قالغان بولسىلا بولدى، ئىشتىن چۈشۈپ ئاپىڭىزنى يوقلاپ كىلەيمۇ؟

دولقۇن چوقۇم خۇش بولۇپ ماقۇل دەيدۇ،دەپ ئويلىدىم. ئەپسۇس،دولقۇن دەرھاللا رەت قىلدى.
__بولدى،كىينچە بىرگەپ بولسۇن، ئاپامنىڭ ھازىر كۆپ ئادەم بىلەن كۆرۈشكىدەك ھالى يوق.كىيىن ئاپام ياخشىلىنىپ قالغاندا ئۆزۈم سىزنى ئالدىغا ئاپىرىمەن.

تۇنجى قىتىملىق ئاكتىپلىق بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىنى قۇيۇپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغىنىمدىن ئۇۋالچىلىق ھىس قىلغان بولساممۇ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىپ چاندۇرمىدىم.
__مەيلى ئەمىسە.

دولقۇننىڭ ئوشۇق گەپ قىلغۇسى يوقتەك قىلاتتى. مەنمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغاندىن كىيىن ئارامىدا قوياي دەپ ئويلىدىم-دە ئۆز ئىشىم بىلەن مەشغۇل بولدۇم.
بىر چاغدا سىرتتىن بىرنىڭ ئىشىكنى يىنىك چەككەنلىكىنى ئاڭلاپ بىرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، قارىسام ئەركىن ئىكەن.
__قانداق،تىپىپ كىلىپتىمەنمۇ؟__ئەركىن خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئىشخانىغا كىردى.
__بۇ يەرنى تىپىپ كىلەلمىسەڭ سىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇپ ئوقۇغىنىڭغا ئىشەنمەيتتىمدە؟__ئەركىننى ئىشخانىغا باشلىغا كىرىسلوغا تىكلىپ قىلدىم،قىنى ئولتۇرە؟
__ياخشىمۇسىز؟__دولقۇن شۈبھە ئارلاش ئەركىنغا قاراپ ئەھۋاللاشتى.
__ياخشى تۇرۇپسىز؟__دىدى ئەركىنمۇ جاۋابەن. دولقۇننىڭ كىمۇ؟دىگەندەك قاراشلىرىغا قاراپ ئەركىننى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدىم:
__بۇ نەۋرە ئاكام ئەركىن بولىدۇ،تاغامنىڭ ئوغلى.ئەركىن ئاكا،بۇ دولقۇن مۇئەللىم،مىنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم.

__ھە،نازى گىپىڭىزنى داۋاملىق ماڭا قىلىپ بىرەتتى__دىدى دولقۇن كۈلۈمسىرەپ.
__ھە،نازىمۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ بەرگەن،__دىدى ئەركىن جاۋابەن.

لىكىن ئەركىن نىمىشقىدۇر بىرخىل ئىچىلىپ ئولتۇرالمىدى.دولقۇندىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندەك ھىس قىلدىم. بەلكىم خاتا سىزىمىم بولسا كىرەك.
قايناقسۇدىن بىر ئىستاكان ئەركىننىڭ ئالدىغا قويدۇم
__ئەركىن ئاكا،بىزنىڭ ئىشخانىدا قايناقسۇدىن باشقا ئىچىملىك يوق، مۇشۇنى ئىچكەچ تۇرغىن.
__ھىچقىسى يوق نازى، قانداق كۆنۈپمۇ قالغانسەن؟
__ھەئە،كۆنۈپمۇ قالدىم.
__بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دەم ئىلىش ئىدى، سىنى يوقلاپ ئۆتەي دەپ كەلدىم، ھەراست مانى ساڭا ئالغاچ كەلدىم__دىگىنىچە قولىدىكى خالتىسىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى.
__نىمە بۇ؟__ئىچىنى ئىچىۋىدىم،مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان شاكىلات ئىدى__رەھمەت ساڭا،ئاۋارە بولۇپ كىلىۋەرسەڭ بولمامتى؟
__سەن بۇرۇندىن ئامراق ئىدىڭغۇ؟ يىسۇن دەپ ئالغاچ كەلدىم.__دىدى سەمىمىيلىك بىلەن.
دولقۇنغا قارىۋىدىم،قاپاقلىرى نىمىشقىدۇر ساڭگىلاپ كىتىپتۇ. توۋا...ھىلىمۇ ئاكام دەپ تۇنۇشتۇرغىنىم.

ئەركىن بىردەم ئولتۇرۇپ قايتماقچى بولدى. نىمىشقىدۇر دولقۇنغا پات-پات قاراپ قۇياتتى.
__نازى،مەن ماڭاي، ئالدىمىزدىكى دەم ئىلىشتا ئاپام سەن ياقتۇرۇپ يەيدىغان پولۇ ئىتىپ قويماقچى،بار-ھە؟ بارمىساڭ ئۆيدىكىلەر خاپا بولۇپ قالىدۇ.
دولقۇننىڭ ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقاندەك خىجىل بولۇپ كەتتىم:
__ھە ماقۇل ئەركىن ئاكا، بارىمەن.
__ئەمىسە ئۆزۈڭگە دىققەت قىل،كەچتە بالدۇرراق ئۆيگە قايتقىن__شۇنداق دىگىنىچە بىز بىلەن خۇشلىشىپ ماڭدى. دولقۇنمۇ ئەدەپ يۇزىسىدىن ئۇزۇتۇپ قويدى.

ئەركىن كەتكەندىن كىيىن دولقۇننىڭ چىرايى تۇتۇلۇپلا كەتتى.
__نەۋرە ئاكىڭىزما؟__دەپ سورىدى ئىشەنمىگەندەك قىلىپ.
__ھە؟ نەۋرە ئاكام؟ نىمە بولدى؟__دولقۇننىڭ ئىپادىسىدىن ھەيران قالدىم.ئادەتتە خىلى ئىش بولۇپ كەتسىمۇ ئىغىر-بىسىق يۇرۇيدىغان دولقۇن بۈگۈن چىدىماسلىق قىلىۋاتاتتى.

__ھىچنىمە بولمىدى، نەۋرە ئاكىڭىز سىزگە ئالاھىدە كۆيۈنىدىكەن،شۇ دەيمىنا؟
__چىدىماس، نەۋرە ئاكامدىنمۇ كۈنلەۋاتامسىز-نىمە؟__كۈلۈپ كەتتىم.
__ياقەي‹‹ئاكىڭىز››دىن كۈنىگىلى بولامتى نازى؟

دولقۇننىڭ تەلەپپۇزى ھىچ چاقچاق قىلغاندەك ئەمەس،تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلدى،شۇندىمۇ دولقۇننىڭ بۈگۈن كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ گەپ-سۆز قىلمىدىم.

دەم ئىلىش كۈنى دولقۇننىڭ تىلفۇنىنى ساقلىدىم،ھىچ تىلفۇن ئۇرىدىغاندەك ئەمەس، بۇرۇن بولسا ئاللىبۇرۇن سەھەردىلا تىلفۇن ئۇرۇپ مىنى ئويغىتىۋىتىدىغان. سائەت11بولدى،يەنە تىلفۇنى يوق، ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ تىلفۇن ئۇرۇدۇم.
__ۋەي دولقۇن ياخشىمۇ؟
__ياخشى نازى.
__نەدە سىز؟ تىلفۇن ئۇرمىدىڭىزغۇ؟
__دوختۇرخانىدا نازى،ئاپامغا قاراۋاتىمەن.
__ھە،شۇڭا تىلفۇن ئۇرماپتىكەنسىزدە؟
__ھەئە، سىزچۇ؟ نىمە قىلىۋاتىسىز؟
__مەن تىخى سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنى ساقلاپ ئولتۇرغان.
__بۈگۈنمۇ ئاپام سەل ئۆزگىرىپ قىلىپ دادام ئىككىمىز ئاپامغا قاراۋاتقان،__دولقۇننىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
__مەن بارايمۇ يە دولقۇن؟ ئاپىڭىز بىلەن كۆرۈشمىسەممۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈپ كىلەي بولمىسا...
__مەيلى ئەمىسە.

شۇنداق قىلىپ دوختۇخانىغا قاراپ ماڭدىم. دوختۇرخانا ئالدىدىكى ئاشخانىدىن نارىن چۆپتىن ئۈچ كىشلىك ئىلىپ داباۋ قىلىۋالدىم.
تىلفۇن ئۇرسام دولقۇن كۆپ ئۆتمەيلا چىقتى، كۆزلىرى قىزىرىپ قالغاندەك بولۇپ يىغلىغاندەك قىلاتتى. نىمىشقىدۇر مىنىمۇ يىغا تۇتتى. چاندۇرمىدىم.
__مەڭ،ئۈچ كىشلىك نارىن ئىلىۋالدىم،ئىسسىقىدا يەۋىلىڭلار.
__نىمىمۇ قىلاتتىڭىز بۇنچە ئاۋارە بولۇپ،بايام تىخى تاماق يىگەن ئىدۇق.
__بولدى،تۈزۈتنى ئاز قىلىپ دەرھال يەۋىلىڭ،سۇۋۇپ قالسا يىگىلى بولمايدۇ.
قۇلۇمدىكى تاماقنى دولقۇنغا تۇتقۇزدۇم.

__مەيلى ئەمىسە، سىزچۇ؟بۈگۈن نىمە ئىش قىلىسىز؟

جاۋاب بىرىپ بولغۇچە تىلفۇنۇم سايرىدى. تىلفۇننى ئەركىن ئۇرغان ئىدى. قايسى كۈندىكى دولقۇنىڭ ئەركىننى كۆرۈپ كۈندەشلىق قىلغىنىنى ئويلاپ تىلفۇننى ئالماسلىقنى ئويلاشتىميۇ،تىخىمۇ خاتا چۈشەنمىسۇن،دەپ تىلفۇننى ئىلىۋەردىم:
__ۋەي ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.
__ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نازى،نەدە سەن؟
__مەن دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا.
__نىمە؟ ئاغرىپ قالدىڭما؟
__ياق،مەن ئاغرىپ قالمىدىم، بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئاغرىپ قاپتىكەن،يوقلىغىلى كەلگەن.
ئەركىن بىر پەس جىممىدە بولغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
__ئەمىسە قاچان كىلىسەن؟ ھەممىمىز سىنىڭ كىلىشىڭنى ساقلاپ ئولتۇردۇق، تاماقمۇ پىشىپ بولدى،تاكسىدىن بىرنى توسۇپ غاچچىدە كىلە.

تىلفۇننىڭ ئاۋازى سەل يۇقىرى بولغاچقا دولقۇن بىمالال ئاڭلىيالايتتى. دولقۇنغا قارىۋىدىم،دولقۇن ئىپادىسىز ماڭا قاراپ تۇراتتى. ھەئە ياكى ياق دىيىشىمنى بىلەلمەي سىكىنۇت ئىككىللىنىپ قالدىم.
__ۋەي گەپ قىلە؟ نىمانداق جىممىدە تۇرىسەن؟ بۈگۈنمۇ زۆرۈر ئىشىڭ بارمىدى-يە؟

__بىرىپ كىلىڭ نازى،باشقىلارنى ساقلاتماڭ__دولقۇن ئىپادىسىز كۈلۈمسىرىدى.
__ھە ماقۇل ئەمىسە.

تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم.
__ئاپامنىڭ يىنىغا كىرىپ كىتەي،سىزمۇ مىڭىڭ ئەمىسە.
__مەيلى ئەمىسە،بىر ئىش بولسا تىلفۇن قىلارسىز.مەن ماڭاي.

دولقۇننىڭ جانسىز دوختۇرخانىغا مىڭىپ كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۇرۇكۈم ئىچىشتى، مەنمۇ بىر بالىدە؟ دولقۇننىڭ ھازىرقى ھىسىياتىنى چۈشىنەتتىم. قىيمىغاندەك قاراپ قۇيۇپ تاكسىدىن بىرنى توسۇدۇم-دە تاغامنىڭكىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتىم.

تاغامنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە ئوخشىتىپ ئىتىلگەن پولۇنىڭ مىزىلىك پۇراقلىرى بۇرنۇمغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى. مىھرىبان ئاپاملار كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالدى.
__ئەركىن تىلفۇن ئۇرمىسا كەلمەيتىڭىز ھە قىزىم؟
__ياقەي،مەنمۇ ھازىر ماڭاي دەپ تۇرغان__خىجىل بولدۇم.
__نازىمۇ ماڭاي دەپ تۇرۇپتىكەن، مىنىڭ تىلفۇن ئۇرۇشۇپ توغرا كىلىپ قاپتۇ، ئۇرمىغان بولساممۇ كىلەتتىكەن،شۇنداققۇ نازى-ھە؟
ئەركىننىڭ مىنى ئاقلاپ دىگەن گىپىدىن تاغام ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كەتتى:
__بالام، كۆردىڭىزمۇ ؟ يىقىندىن بۇيان ئەركىن سىزنى ئاقلاپلا تۇرىدىغۇ؟
__دادىسى، يوق گەپنى قىلمىڭە، نازى بالامنى خىجىل قىلىپ،قىنى بالام، يۇقۇرغا چىقىڭە...__مىھرىبان ئاپامنى گىپى بىلەن تاغاممۇ ئوشۇق گەپ قىلمىدى، ئەركىنمۇ ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى.

تائاملار يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن تاغام ئىشىم بار ئىدى،دەپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. مىھرىبان ئاپام ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي قازان-قۇمۇشلارنى ئۆزى يىغىشتۇردى، مەن يىنىدا پاراڭلاشقاچ تۇراتتىم.
__بالام، مەكتەپتە ئىشلىرىڭىز ياخشىدۇ-ھە؟__ دىدى مىھرىبان ئاپام قاچا يۇيغاچ.
__ھەئە،خۇداغا شۈكرى ،يامان ئەمەس.
__ھە، كۆنۈپ قالغان بولسىڭىزلا بولدى__مىھرىبان ئاپام كۈلۈمسىرەپ__قىزىم، ئۆيگە ئاز كىلىدىغان بولىۋالدىڭىز، خىزمىتىڭىز بەك ئالدىراشمۇ؟

ئاپلا، مەن جاۋاب بىرىشتىن ئەڭ قورقىدىغان سۇئال مۇشۇ ئىدى، دىمىسىمۇ باشقا تۈزۈك بانا يوق ئىدى.
__ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ دىگەندەك.
__ھە...ئۇ دىگىنىڭىزمۇ راست،باشقا كۈنلىرى ئىشلەيسىز، كىر-قات يۇيدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولمايدۇ،دەم ئىلىشتىن پايدىلىنىپ يۇيىۋالمىسىڭىز سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس.

مىھرىبان ئاپامنىڭ توغرا چۈشەنگىنىدىن خۇش بولدۇم،ھەم يالغان سۆزلىگىنىمدىن خىجىل بولدۇم.
مىھرىبان ئاپام بىلەن پاراڭلىشىۋاتسام دولقۇن تىلفۇن ئۇرۇپتۇ، ئادەتتە تىلفۇن كەلسە بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىلىۋىرەتتىم،لىكىن بۇ قىتىم ئوخشىمايتتى، چىقىپ ئالاي دىسەم سەت تۇراتتى،ئالماي دىسەم دولقۇننى خاتا چۈشۈنۈپ قالارمىكىن دىگەن ئويدا ئارىسالدى بۇلۇپ تۇرۇپ قالدىم، مىھرىبان ئاپام ھىس قىلدى بولغاي، كۈلۈمسىرىگىنىچە قول يۇيۇش ئۆيىگە چىقىپ كىرەي دەپ ئاشخانىدا مىنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى.

__ۋەي؟
__ھەجەپ تەستە ئالدىڭىز نازى.
__ھە،يىنىمدا چوڭلار بار ئىدى،تىلفۇن ئىلىش بىئەپ بولۇپ قالدى.
__ھىم...مۇنداق ئىكەندە، نەۋرە ئاكىڭىزمۇ بارمۇ؟
__ھەئە،ئۇمۇ بار.
__ھە بوپتۇ باشقا ئىش يوق، ئۆزۈمچە تىلفۇن ئۇرغان، ئۆيگە قايتىپ تىلفۇن ئۇرۇڭ ئەمىسە.

دولقۇننىڭ كۆڭلىنىڭ يىرىملىقىنى ھىس قىلدىم، قايسى كۈنى ئەركىن ئىشخانىغا بارغاندا بىرخىل بولۇپ قالغان، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ باشقىچە ئويلاپ قالغان بولسا كىرەك.

ئۇنىڭغىچە مىھرىبان ئاپام كىردى.
__يۇرۇڭ قىزىم،بىردەم مۇڭدىشايلى.
كەينىدىن ئەگىشىپ مىھرىبان ئاپامنىڭ ئايرىم خانىسىگە كىردۇق.
مىھرىبان ئاپامنىڭ ماڭا دەيدىغان بىر گىپى باردەك،لىكىن نىمىشقىدۇر ئىغىزىدىن چىقىرالمايۋاتقاندەكلا ئىدى. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ پاراڭ تىمىمىز ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى ئىشىمغا بىرىپ تاقالدى.

__ئەمدى قىزىم،سىزمۇ كۆز ئالدىمىزدىلا چوڭ بولدىڭىز، ئۆزىمىزنىڭ قىزىدەكلا كۆرىمىز سىزنى، سىزمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭىز، تۇرمۇش توغرىسىدا ئويلانغانلىرىڭىز باردۇ-ھە قىزىم، بۇ يەردە سىزگە مۇڭ سىرداش بولغۇدەك ئاپىڭىز يوق، مەن سىزنىڭ ئۆز ئاپىڭىزدەكلا قىزىم،قىنى يىقىندىن بۇيان تۇرمۇشىڭىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ،بىر بىلىپ باقاي دىدىم قىزىم.

مىھرىبان ئاپامنىڭ گەپ-سۆزلىرى بۈگۈن بۆلەكچىلا ئىدى. شۇندىمۇ نىمە توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى بولغىنىنى سەل-پەل پەملىدىم.
__مىنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوق،شۇ خىزمەت بىلەن دىگەندەك.

__شۇ قىزىم، خۇدايىم بۇيرىسا مانا خىزمەتكىمۇ چىقتىڭىز، ئەمدى تۇرمۇشىڭىز توغرىسىدا ئويلاشمىسىڭىزمۇ بولمايدۇ، قىزىم،مىنى دوستىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلىشىڭ، سىزنىڭ يۇرىۋاتقان يىگىتىڭىز بارمۇ؟

شۇنچىلىك خىجىللىق ھىس قىلدىمكى يۇزلىرىم ئوت بولۇپ ياندى.

__ۋاي يۈزى تۆۋەن قىزىم، خىجىل قىلىپ قويدۇم-ھە بالام،__مىھرىبان ئاپام يۇزلىرىمنى سىلاپ ئەركىلىتىپ قويدى.

نىمە دىيىشىم كىرەك؟ ھەئە،بار،ئىسمى دولقۇن، دىيىشىم كىرەكمۇ ياكى...يالغان سۆزلەپ يوق دىيىشىم كىرەكمۇ؟ كاللامدا زىدىيەتلىك جاۋابلار بىر-بىرىدىن ئۆتمەكتە ئىدى.

__ھىچقىسى يوق قىزىم،بولسا بار دەڭ،بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى، تەغدىرىڭلار بىر بولسا بۇ ئىشنىى ھىچكىم توسىيالمايدۇ،بۇ يەردە بىز سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز قىزىم،بىز سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئورنىدا...

مىھرىبان ئاپامنىڭ ئىللىقلىق ھەم سەمىمىيلىك ئارلاشقان بۇ گەپلىرىدىن تەسىرلەندىم.

__ھەئە،__ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.

مىھرىبان ئاپام ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
__ياخشىغۇ قىزىم،  خىجىل بولىدىغان ئىش يوق،ھازىرقى مەزگىلىڭىز سىزنىڭ تۇرمۇشقا ئەمدى چۆكىدىغان ۋاقتىڭىز، نىمە ئىش قىلىدۇ قىزىم؟ئۆزى قەيەردىن؟

__بىز بىلەن بىر مەكتەپتە مىھرىبان ئاپا، خىزمىتىمىز ئوخشاش...ئۈرۈمچىلىك بالا.
__ياخش بوپتۇ قىزىم، خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن، سىزگە كۆيۈنەمدۇ قىزىم؟

گەپ قىلمىدىم، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ئوقۇغۇچىدەكلا بىشىمنى سىلىپ ئولتۇراتتىم...
__ۋاي بولدى قىزىم، سورىمىغان بولاي ،سىزنى بەك خىجىل قىلىپ قويدۇم-ھە تاتلىق قىزىم، بوپتۇ، ياخشى ئۆتۈڭلار بالام،چىرايلىق يۇرۇڭلار...

بىرمۇنچە نەسىھەت،سىلىق گەپلەردىن كىيىن ئۆيدىن چىقتۇق. ئەركىنمۇ مىھرىبان ئاپام ئىككىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كىتابخانە ئۆيدىن چىقتى.
__نىمىلەرنى دىيىشىپ كەتتىڭلار-ھە مەخپى؟ مەندىن يۇشۇرغۇدەك؟

ئەركىنگە قارىسام خۇددى بىزنىڭ چىقىشىمىزنى ساقلاپ تۇرغاندەك تاقەتسىزلىنىپ سورىدى.

__ھىچنىمە دىيىشمىدۇق، __مىھرىبان ئاپام ئەركىننىڭ چىچىنى مىھرىبانلىق بىلەن ئوڭشىغاچ.

ئەركىن كۈلۈپ قويدى.
__بوپتۇ دىمىسەڭلار...

__مىھرىبان ئاپا،ئەركىن ئاكا،مەن ماڭاي ئەمىسە،ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ.
__قونۇپ قالساڭ بولمامدۇ ئەتە بەرىبىر ئىشقا چىقمىغاندىن كىيىن؟__دىدى ئەركىن نارازى بولغاندەك.

__ئەتە ئۆيىنى يىغىشتۇرمىسا بومايدۇ بالام، نازىنى خىجىل قىلما__دىدى مىھرىبان ئاپام مەن جاۋاب بەرگۈچە،كەينىدىن ئەركىنگە قاراپ:
__ماڭ ئەركىن،نازى بالامنى ئۆيگە ئاپىرىپ قوي،كەچ بولۇپ قالدى،قىز بالا يالغۇز ماڭسا ياخشى بولمايدۇ.

ئەركىن نارازى  بولغاندەك ئۇھسىنىپ قويدى،كەينىدىن چاپىنىنى ئىلىپ مىنى ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ ماڭدى.
__بولدىلا ئەركىن ئاكا، سىنى ئاۋارە قىلماي،ئۆزۈم كىتىۋىراي،بولسى سىلە قىلىڭلار مىھرىبان ئاپا، ئۆزۈم تاكسى توسۇپ كىتىمەن.

__بالام، يەنىلا ئەركىن ئاپىرىپ قويسۇن.

رەت قىلالمىدىم، بۇنچە كۆيۈنۈش ئالدىدا يەنە رەت قىلىۋەتسەم ئوڭايسىزلىنىپ قالاتتىم.

ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگۈچە ئەركىن ئىككىمىز بىر ئىغىز گەپلەشمىدۇق، ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئەركىن ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى.

بىرەر ئىغىز گەپ قىلمىسام بولمايتتى:
__ئەركىن ئاكا ،رەھمەت ساڭا،سىنى ئاۋارە قىلىپ....

__تۈزۈت قىلىۋەرمىگىنە نازى،خۇددى يات ئادەمدەك...
__ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ ماڭامسەن يا؟

بولدى ،ئۆيۈڭگە كىرمەي، نازى، ھىلىقى سەن بىلەن بىر ئىشخانىدىكى ھىلىقى بالا سىنىڭ مۇھاببىتىڭ شۇما؟

بۈگۈن زادى نىمە بولغان بولغۇيتتى بۇلارغا...ھىلى مىھرىبان ئاپام سورىسا،ئەمدى ئەركىن سورىسا...راستىمنى دەپلا قۇتۇلاي...

__ھەئە.
ئەركىن جىممىدە بولۇپ قالدى،ئارقىدىن قاپاقلىرىنى يالغاندىن تۈرۈپ كۈلۈمسىرەپ قويدى:
__بولىدىغان بالىدەك قىلىدۇ، لىكىن ئۆزۈڭگە كۆپ دىققەت قىل، بوزەك قىلسا ماڭا دە،ئۆزۈم ئەدىپىنى بىرىمەن.

گەپلىرىدىن كۈلۈپ كەتتىم، ھەي...نىمىدىگەن كۆيۈمچان تۇققانلار بۇ؟ خۇدايىم تۇققانلىرىمدىنلا تەلىيىمنى بەرگەن ئوخشايدۇ.
__رەسمەت ساڭا ئەركىن ئاكا، ماقۇل،چوقۇم ساڭا دەيمەن.
__بولىدۇ ئەمىسە، ماڭە، ئەمدى ئۆيۈڭگە چىقىپ كەتىكىن،ئاۋايلا-ھە؟ تىلفۇن ئۇرۇپ تۇر،يوقاپ كەتمە.

ھەرقىتىم يوقاپ كەتمە دىگەن ۋاقتىدا ئاۋازىدىن قانداقتۇر بىرخىل ئۈمۈدسىزلىك ئارلاشقاندەك ھىس قىلاتتىم، زىل كۆڭلۈم نىمىنىدۇر ھىس قىلاتتىيۇ،دەرھال ئىنكا قىلاتتىم.

ئۆيگە كىردىم. ھەي...ئەركىننىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى غۇۋا ھىس قىلىپ تۇرساممۇ، كۆڭلۈمدە يەنىلا ئىنكار قىلىپ ماڭاتتىم، تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى مەن ئۆزۈم ئوشۇق ئويلىۋالغان دەپ ئۆزۈمنى ئىشەندۈرەتتىم. بىر يەرلىرىم ماڭا ‹‹ياق،ئۇنداق ئەمەس،ئەركىن سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان›› دەپ نىدا قىلاتتىيۇ،يەنە بىر كۆڭۈلۈم ‹‹مۈمكىن ئەمەس،ئۇنداق ئويلىساڭ توغرا بولمايدۇ،ئوشۇق ئويلىۋاپسەن›› دەيتتى...

ئۇنىڭ ئۈستىگە مىھرىبان ئاپامنىڭ سۇئاللىرىمۇ مىنى گۇمانغا سىلىپ قويغان ئىدى،نىمىلا بولمىسۇن يىگىتىم بارلىقىنى مىھرىبان ئاپاممۇ،ئەركىنمۇ بىلدى،بۇمۇ ياخشى بولغىنى،ئەمدى شۇنداق ئويلىغان تەغدىردىمۇ پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلىدۇ...دولقۇن...ھە راست ،دولقۇنغا تىلاۇن قىلىۋىتەي،بەلكىم تىت-تىت بولۇپ تىلفۇنۇمنى ساقلاۋاتقاندۇ...

نۇمۇرىنى بىسىپ بىردەم ساقلىدىم، تىلفۇن ئىلىندى:
__ۋەي،نازى،ئۆيگە قايتتىڭىزمۇ؟
__ھەئە،ھازىر ئۆيگە كىرىشىم، سىزنى خەۋەرلەندۈرۋىتەي دەپ تىلفۇن ئۇرىشىم.
__ھە،__دولقۇننىڭ ئاۋازى پەس ئىدى.
__سىزچۇ نىمە قىلىۋاتىسىز؟
__دوختۇرخانىدا ،ئاپامغا قاراپ.
__خىلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟
__بىرخىل تۇرىدۇ.

دولقۇننىڭ ئوشوق گەپ قىلغۇدەك رايى يوق تۇراتتى.
__ئەمىسە تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم، ئاپىڭىزغا ياخشى قاراڭ...
__ماقۇل ئەمىسە، دۈشەنبە كۆرىشەيلى،
__ئەتە كۆرگىلى بارايمۇ يە؟
__ياق بولدى، ئىشلىرىڭىز بولسا ئورۇنلاشتۇرۇڭ.

يەنە بىر قىتىم رەت قىلىندىم، بوپتىلا، كىيىن ھەممە ئىشلار ئۆز يولى بىلەن بولار.

دۈشەنبە كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىشقا چىقتىم،دولقۇن نىمىشقىدۇر بۇرۇنقىدەك قىزغىن ئەمەس ئىدى،بەلكىم پۈتۈن ئىسى-يادى ئاپىسىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى بىلەن قالغان بولسا كىرەك، مەنمۇ توغرا چۈشەندىم.

ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتتى،مەنمۇ ئادەتتىكىدەك ئىشلىرىمنى قىلىپ دەم ئىلىش كۈنلىرى تاغاملارنىڭكىگە بىرىپ دىگەندەك ئۆتكۈزدۈم، دولقۇننىڭ ئاپىسىمۇ بالنىستىن چىقتى.
بۇ ئارلىقتا دولقۇن بىلەن خىزمەت ۋاقتىمدىن باشقا ۋاقىتلىرىمدا كۆرۈشمىدىم. بۇرۇنقىدەك قىزغىن پاراڭلىشىشلارمۇ ئازلاپ قالغان ئىدى.

مەن ئىزچىل دولقۇننىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ دولقۇنغا كۆپمۇ گەپ قىلىپ كەتمىدىم. نىمىشقىدۇر دولقۇن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنمەس قىلىن تام ئورناپ قىلىۋاتقاندەك،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تامنىڭ تىخىمۇ قىلىنلىشىپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قىلىۋاتاتتىم.

__دولقۇن، سىزگە نىمە بولدى؟ ماڭا دىيەلمەيۋاتقان گىپىڭىز باردەكلا.
__ئۇنداق ئەمەسقۇ؟
__ئەمىسە...__ئەمىسە نىمىشقا ماڭا بۇرۇنقىدەك قىزغىن مۇئامىلە قىلمايسىز؟ دىمەكچى بولدۇميۇ تەستە گىپىمنى يۇتىۋەتتىم.

دولقۇن چوڭقۇر بىر ئۇھسىنىپ قويدى. كۆزلىرىنى مەندىن ئىلىپ قىچىپ كومپىيۇتىر ئىكرانىغا قارىۋالدى.
ئىچىم بەكلا پۇشۇپ كەتتى،نىمە گەپ بولسا ئوچۇق دىسە بولمامدۇ دەيمەن، نىمە قىلىدۇ ئۆزىنىڭمۇ،مىنىڭمۇ ئىچىمنى پۇشۇرۇپ. قاچانغىچە توغرا چۈشۈنۈپ يۇرىيمەن؟ بىر قىز بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆڭلۈم نىمىلەرنىدۇر تۇيۇۋاتاتتى.

__نازى،كەچتە بىللە تاماق يەپ كىلەيلى.

ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىمىغىلى.
__مەيلى ئەمىسە...

كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ بىز تۇنجى قىتىم تاماق يىگەن باغۋەن تاماقخانىسىغا كىردۇق. بۇرۇنقىغا ئوخشاش تاماق زاكاس بىرىۋىتىپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇردۇق. دولقۇن تاماكىسىنى كۈچەپ چەككىلى تۇردى. مەن بىلەن ئارلىشىپ يۇرگەندىن باشلاپ تاماكىنى ھىسابتا تاشلىغان بولغان ئىدى، قايتا تاماكا چىكىشىگە قاراپ كۆڭلۈم بىرقىسىما بولۇپ قالدى.

__گەپ قىلىڭە دولقۇن، نىمە بولدى سىزگە؟ مەن يا كۆڭلىڭىزگە ئازار بەردىممۇ؟

دولقۇن گەپ قىلمىدى،تاماكسىنى كۈچەپ ئۆچۈردى.ئالتىنجى سەزگۈرۈم
مەن دولقۇننىڭ بۇ ھالىتىدىن كۆڭلۈم نىمىنىدۇر تۇيغاندەك بولدۇم. يۇرىكىم ئەنسىز سوقماقتا ئىدى. بۇرۇن ھاياجاندىن ئەنسىز سوققان بولسا ھازىر بىر شۇملۇقتىن بىشارەت بىرىۋاتقاندەك...

__نازى،ماڭا ئۆچ بولۇپ كىتەرسىزمۇ؟
تۇيۇقسىز دىيىلگەن بۇ گىپىدىن ھەيران قالدىم.
__نىمىگە ئۆچ بولۇپ كىتىمەن؟
__نازى،ئاۋال،گىپىمنى دەۋالاي،ئاندىن گىپىڭىزنى ئاڭلاي ،ماقۇلمۇ؟
جىددىي دىيىلگەن بۇ گىپىن يۇرۇكۈم ئىغىپ كەتتى.
__ھە قىنى دەڭە.
ئارلىقتا تاماقلار كەەلدى.
__ئاۋال تاماق يەڭ،ئاندىن باشقا گەپنى دىيىشەيلى.
دولقۇن زورلاپ كۈلۈمسىرىدى،لىكىن بۇ قىتىمقى كۈلۈمسىرىشى ماڭا تولىمۇ سۈنئىي،يات تۇيۇلدى.
__ياق،ئاۋال گىپىڭىزنى دەڭ،ئاندىن تاماق يەيلى.
__گىپىمنى ئاڭلاڭ،ئاۋال تاماق يەڭ،بولمىسا سۇيۇپ قالدۇ.
__مەيلى دولقۇن، سۇيۇپ قالسىمۇ يەۋىرىمەن،قىنى دەڭە.

دولقۇن يەنە بىرتال تاماكا تۇتاشتۇرماقچى بولىۋىدى،مىنىڭ چىرايىمنىڭ تۇتۇلغىنىنى كۆرۈپ قانداق ئالغان بولسا شۇنداق جايىغا قويۇپ قويدى.

__مۇنداق ئىش نازى، بىز بەكلا ياخشى ئارلاشتۇق،سىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن،سىزنىڭمۇ مىنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن. يىرىم يىل جەريانىدا تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتۇق...

ئىچىم سىقىلىپ كەتتى، خۇددى ماتەم نۇتقى سۆزلەۋاتقاندەك...

__گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەڭە!

ئاۋازىمنىڭ قاتتىق چىقىشىدىن دولقۇن لىككىدە بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدىيۇ،دەرھال بىشىنى يەنە چۈشۈرۋالدى.
__ماڭا قاراپ گەپ قىلىڭ!
__ۋاقىرماڭ نازى،سىزگە پەقەت ياراشمايدىكەن.__دىدى دولقۇن پەس ئاۋازدا.

ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم.دولقۇن گىپىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدۇم،قىنى گەپ-سۆز قىلماي، زادىى نىمىنى دىمەكچى ئىكەن.بىر بىلىپ باقاي.

__ئۆزىڭىز بىلىسىز،ئاپام بۇ قىتىم قاتتىق ئاغرىدى، ھە دىسىلا دوختۇرخانىدىن كىلەلمىدى، ھىلىمۇ خۇداغا شۈكرى،ھازىر خىلى ياخشى. ئاپامنىڭ مەقسىتى كۆزىنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا مىنىڭ تۇيۇمنى كۆرۈش ئىكەن.

گىپىنىڭ داۋامىنى ساقلىدىم، دولقۇن تولىمۇ ھەسراتلىك چوڭقۇر ئۇھ تارتتى.دىققەت بىلەن گىپىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىمغا قاراپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى.

__ئاپامنىڭ بۇ ئارزۇسىدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم،گەپ ئارلىقىدا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىستۇرۇپ،سىز بىلەن توي قىلىش مەقسىتىمنىڭ بارلىقىنى ئىيتىپ
ئۆتتۈم،باشتا گىپىمنى زەن سىلىپ ئاڭلىدى،كەينىدىن ئاپامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۆزى تاللاپ كىلىن كۆرگۈسى بار ئىكەن،سىزنىڭ گىپىڭىزنى شۇنچە قىلساممۇ ھەتتا بىر قىتىم بولسىمۇ كۆرۈشۈپ بىقىشنى ئىيتساممۇ زىنھار يىقىن كەلمىدى.يەنە دىسەم يەنە ئۆز گىپىنى يورغىلىتىپ ئۆتىۋالدى. مىنىڭ سىزدىن قەتتىي ئايرىلغۇم يوق ئىدى،لىكىن ئاپام مىنى بىقىپ مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلىپتۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ تەلىۋىنى يەردە قويماسلىقىنى ئويلاشتىم...

گىپىنى ئاڭلىغانسىرى جەھلىم تۇتىۋاتاتتى،بىر تەرەپتىن ئاپىسىنىڭ تەلىۋىنى يەردە قويمىغان گەپ ئاڭلايدىغان بالا ئىكەنلىكىگە قايىل بولساممۇ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغانسىرى ئاچچىغىم كىلىۋاتاتتى.
__ھە ،شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كىتەيلى،سىزمۇ بىرىنى تىپىپ موككىدە تويىڭىزنى قىلىۋىلىڭ،مەنمۇ ئاپام ئىلىپ بەرگەننى خوتۇن قىلىپ ئۆتەي ،دىمەكچىمۇ سىز دولقۇن؟

دولقۇن گەپ قىلمدى، خۇددى گىپىم تۈگىدى دىگەندەك ئولتۇراتتى.

__مەنمۇ بەك كۆپ دەپ كەتتىم. كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم،ئاپام گەپلىرىمگە زادى قۇلاق سالمىدى،يىشى چوڭ بولۇپ قالغاندا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدىكەن. يىشى چوڭ بولۇپ قالدى،دەپ گىپىنى ئاڭلىمايمۇ بولمايدىكەن. مىنى كەچۇرۇڭ نازى، راستىنلا...ئالدىڭىزدا بەكلا خىجىل، سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن،لىكىن...

ئالدىمدىكى بۇ بالىنىڭ ئۆزۈم ھۆرمەتلەپ ياخشى كۆرۈپ ئارلاشقان دولقۇن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالغان ئىدىم. چۈشۈممىكىن دەپ ئۇيەر-بۇيەرلىرىمنى چىمداپمۇ كۆردۈم، ئاغرىدى،دىمەك ئوڭۇم ئىدى. چىداپ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم. چىرايىم قەتتىيلا ئۆزگەرمىدى،خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك، لىكىن ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدىكى، ئىچى ئاچچىق بولۇشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئەمدى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.

كۆڭلىدە بۇ گەپلەرنى دىسەم چوقۇم يىغلايدۇ،قاتتىق،ئازاپلىنىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك.ھىچ ئىش بولمىغاندەك تەمكىن ئولتۇرغىنىمغا قاراپ دولقۇن سەل ھودۇقۇپ قالدى.

ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كەتتىم،ئىچىمدە قاتتىق يىغلىدىم، ئازاپلاندىم، سىرتىمغا قەتتىي چىقارمىدىم. چىرايىم خۇددى ماشنا ئادەمنىڭ چىرايىدەك
ئىپادىسىز ھالدا دولقۇنغا قاراپ ئولتۇراتتىم.

__نازى؟
__ھە؟
دولقۇن ماڭا قاراپ ھەيران قالغان بولسا كىرەك،نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى.
__گەپ قىلىڭە؟ گىپىڭىز تۈگىدىمۇ؟
__مىنى كەچۇرۇڭ، راستىنلا...بىلىمەن، ھەسرەتتە،ئارماندا قالىدىغىنىمنى،ئاللا يەنە بۇيرىسا بەختىمىزنىڭ بىرگە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئاپامنى ئامال بار قايىل قىلىمەن دەپمۇ قايىل قىلالمىدىم...

__بولدى،سۆزلىمەڭ. قىنى تاماق يەيلى،قوسقۇم ئىچىپ كەتتى.

ئالدىمدىكى مۇزدەك بولۇپ كەتكەن،مايلىرى توڭلاپ قالغان لەغمەننى يىيىشكە باشلىدىم،يىگەندىمۇ ئىشتەي بىلەن يىدىم.
__نازى،بۇ تاماقنى يىمەڭ. باشقىدىن تاماق چاقىرتاي.

ئىچ-ئىچىمدىن قاپساپ كىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى تاماق بىلەن قۇشۇپ يەۋاتاتتىم. كۆز يىشىمنى دولقۇنغا ھەرگىز كۆرسەتمەيمەن،ھەرگىز...
يالۋۇرۇپ يۇرۇشنى تىخىمۇ خالىمايمەن.

__بولدى چاقىرماڭ،بايام دىدىمغۇ؟ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ بولۇپ سۇيۇپ قالسىمۇ يەۋىتىمەن دەپ...

دولقۇن تۇسۇپ قالالمىدى. تاماقنى يەپ بولدۇم، دولقۇن ئىچى ئىچىشقاندەك ماڭا ئەلەم بىلەن قاراپ تۇراتتى...
كۈلۈمسىرەپ دولقۇنغا قارىدىم. خۇددى بۇرنقىدەكلا...

__بولىدۇ دولقۇن،بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ ھىچقانداق ئىشىمىز يوق،مەن سىزنى تۇنىمايمەن،سىزمۇ مىنى تۇنۇمايسىز،مەكتەپتە بىز پەقەت ۋە پەقەت خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتىمىزلا بار. سىزمۇ ماڭا ئوشۇق گەپ قىلمايسىز،مەنمۇ ھەم شۇ...ماقۇلمۇ؟

قەتتىيلىك بىلەن دولقۇنغا قارىدىم،ئۆزۈمگە بۇ جۈرەتنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم،دولقۇنمۇ ماڭا قاراپ ھەيران بولغىنىچە گەپ-سۆز قىلماي تۇراتتى.
سومكامنى ئالدىم،دولقۇنغا قارىدىم،مانا مۇشۇ ئاشخاندىن باشلانغان مۇھەببىتىمىز مۇشۇ ئاشخانىدا ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇراتتى.
__سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي،ماقۇلمۇ؟
__رەھمەت بولدى، ئۆزۈم كىتىۋىرەي، خۇدايىم سىزگە ياخشى ئايال،ئاپىڭىزغا كۆيۈمچان كىلىندىن بىرنى ئاتا قىلار.
__نازى!!

ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ دىگەندەك چىقىپ كەتتىىم، مەن يەرنى دەسسەۋاتامدىم،ياكى يەر مىنى دەسسەپ مىڭىۋاتامدۇ،بۇنى ئىلغا قىلغۇدەك ئەمەس
ئىدىم. توۋا...تۇنجى مۇھەببەت تارىخىم مانا مۇشۇنداق قىسقىغىنە يىرىم يىل ئىچىدە ئاياغلاشقان ئىدى. مىڭىۋاتىمەن،مىڭىۋاتىمەن،بۇرۇنلىرىم ئىچىشىپ كۆزلىرىمدىن ياش تاراملاپ تۆكۈلمەكتە...يىغلا نازى يىغلا...يىغلاشقا پۈتۈلگەنسەن...
دولقۇنننىڭ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئويلىسام چۈشۈمەىمۇ كىرمەيتتى، دولقۇن تەرىپىدىن ئۆزۈمنى ئالدانغاندەك،مىنى ئەخمەق قىلىنغاندەك ھىس قىلدىم. ئۆزۈمگە ئاز...
توۋا...دولقۇنمۇ ئوغۇل بالا ھە؟ مەن ئىشەنگەن،كەلگۈسۈمنى ئۇنىڭدىن ئايرىپ قارىيالمايدىغان بالا ئەنە شۇ دولقۇن-ھە؟!
ئۆي تەرەپكە مىڭىپ كىتىۋاتىمەن،خۇددى يۇرۇگۈمگە دەسسەپ مىڭىۋاتقاندەك...
بىر تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ ئۈمۈدى،ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغىنىنى قوللىغان بولساممۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قىلغىنىغا پەقەتلا قايىل ئەمەس ئىدىم....

قانداق بولدى،بىر چاغدا قارىسام ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا تۇرىمەن...بولدى نازى،ئەمدى يىغلىما،ئۇنى ئويلىما....ھەممە ئىشلارنى بىر قىتىملىق چۈش دەپ بىلگىن. ھەممىنى باشتىن باشلا.....

ئۆيگە كىرىپ يۈزۈمنى مۇزدەك سۇدا يۇيدۇم،خىلى سەگىدەپ قالغان ئىدىم. پۈتۈن كاللام بىر ئاق نۇقتىنى بويلىغىنىچە پىرقىرىماقتا ئىدى، بۈگۈن مەن ئۆزۈمگە تەۋە ئەمەستەكلا ھىسياتتا ئىدىم.

ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ ئاپامغا تىلفۇن ئۇردۇم،شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپماقچى بولدۇم.
ئاپام بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن پاراڭلاشتىم، ھەممىنى ئۇنتۇپ سەبىيلىكىمگە قايتقاندەك ئاپامغا تىلفۇندا ئەركىلىدىم، كىچىككىنە گەپ بولسىلا كۈلۈپ تۇردۇم، ئاپاممۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماڭا قايتىپ كىلىپ ئۆزىنىڭ يىنىدا تۇرىشىنى، شۇندىلا خاتىرجەم بولىدىغىنىنى، خىزمىتىمنى
يۆتكەپ بىراقلا قايتىپ كىلىشىمنى قايتا-قايتا جىكىلىدى. بۇرۇن بۇ گەپنى ئاڭلىسەم ھە دەپ مىيىققىدا كۈلۈپ قوياتتىم.

ھازى بۇ گەپلەر ماڭا تولىمۇ يىقىملىق ئاڭلىنىۋاتاتتى، دولقۇندىن ئايرىلغىنىم بىلەن مىنىڭدىن مۇناسىۋەت جەھەتتە مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان ئاپام-تۇققانلىرىم بار ئىدى.

شۇنداق ،كىتەي! بۇ يەردە مىنىڭ تاغاملاردىن باشقا تارتىشقۇدەك نىمەم بار ئىدى؟ دولقۇن ئوغۇل بالا تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ گىپىنى يەردە قويماي مەندىن ئايرىلىپ كەتتىيۇ، مەن قىز بالا تۇرۇپ ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىسام قانداق بولىدۇ؟ قاتتىي قارارغا كەلدىم! كىتىمەن، بۇ شەھەردىن كىتىمەن، مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئانا يۇرتۇمغا، ئاپامنىڭ ئىللىق باغرىغا كىتەي!

تاغامنىڭ شۇنچە نەسىھەتلىرىگە چىرايلىق جاۋابىنى بەردىم. ئۆزۈمنىڭ ئاپاملارنى بەكلا سىغىنغىنىمنى،شۇ يەردە تۇرسام كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدىغانلىقىمنى،ئاپامنىمۇ خاتىرجەم قىلىپ مەندىن قايتا ئەندىشە قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىمنى قايتا-قايتا تااملارغا چۈشەندۈردۈم،
ئۇلار باشتا ھەيران بولغان بولسا،ئەمدى چۈشەنگەندەك ئاخىرى قايىل بولدى.

__ئۆزىمىزنىڭ بالىسىدەك بولۇپ قالغان ئىدىڭىز قىزىم، مەيلى ئىختىيارىڭىز،بۇمۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز قىزىم.

مىھرىبان ئاپام بولسا تەجىربىلىك كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ بىر پەس سۈكۈتتە ئولتۇردى،كەينىدىن ئىغىر بىسىقلىق بىلەن:
__نازى بالامنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر، مەيلى،ئىختىيار سىزدە بالام.

ئەركىن بولسا بىرخىل قىيمىغاندەك ئولتۇراتتى.خىلىدىن كىيىن ئىغىز ئاچتى:
__نازى، بىر ئوبدان ئىشلەۋاتاتتىڭ،نىمىشقا كىتىسەن؟

ئەركىنگە كۈلۈمسىرەپ قارىدىم، ئۇنىڭ ھازىرقى ھىسىياتىنى چۈشىنەتتىم.
__كىتەي،ئاپاملارنى كۆگۈم كەلدى،شۇلارنىڭ يىنىدا تۇرۇپ ئازراق بولسمۇخىزمىتىنى قىلىۋالاي.

__خۇدايىم بۇيرىسا يەنە كىلىسىز قىزىم، بۇمۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز تۇرسا ،شۇنداقمۇ بالام؟__مىھرىبان ئاپام كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.
__ھەئە ،خۇدايىم بۇيرىسا ئەلۋەتتە كىلىمەن.

ئەركىن بىشىنى سۇس چايقاپ قويدى.
__ئەمىسە نازى قىزىم، قارىڭىڭىزنى ئۆزگەرتمىسىڭىز،ئۇنداقتا مەن سىزنى تۇرپاندىكى مەكتەپكە يۆتكىلىپ كىتىشىڭىزنىڭ ئامالىنى قىلىپ بىرەي.
__رەھمەت تاغا،ھىلىمۇ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم،ئالدىڭىزدا بەك خىجىلمەن.

__ياقەي قىزىم، ئۇنداق دىمەڭ،سىزمۇ ئۆزۈمنىڭ بالىسى تۇرسىڭىز...

تاغاملارغا يەنە بىرقىتىم ئادەمگەرچىلىك قەرز بولدۇم،گەرچە بۇلار ئۇنداق ئويلىمىسىمۇ ئۆزۈم ئىچىمدە خۇدايىم بۇيرىسا كىيىن مۇشۇ قىلغانلىرىنى چوقۇم ھەسسىلىپ قايتۇرىمەن،دىگەننى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.

يۆتكىلىش ئىشىممۇ ھەل بولدى، بىكەتتە چامادانلىرىمنى كۆتۈرگىنىچە ئەركىن ماڭا ھەمرا بولۇپ مىڭىۋاتاتتى. بىرقەدەم-ئىككى قەدەم!
ئۈرۈمچىدىن ئەمدى ئايرىلىپ ئۆز يۇرتۇمغا قايتىدىغان بولدۇم، بۇ ھىسىياتىم بۇرۇنقىدەك قىيالماسلىق ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنى بۇ يەردىن كىتىپ ناھايتتى توغرا قىلغاندەك ھىسىياتتا ئىدىم.
ماشىنا سىگىنال بىرىشكە باشلىدى، ئەركىن چامادانلىرىمنى ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
ئەركىننىڭ ھازىرقى ھالىتى ماڭا ناھايتتى ئايان ئىدى.

__نازى،كىتىپلا يوقاپ كەتمەي يەنە كىلىپ تۇر-ھە؟ئارلىقتا پۇرسەت بولسىلا سىنى كۆرگىلى بارىمەن، كۆپ ئويلىما-ھە؟
__نىمىنى كۆپ ئويلىما دەيسەن ئەركىن ئاكا؟
__مىنى بىلمەيدۇ-دەپ قالما، ھىلىقى دولقۇن دىگەننىڭ كاساپىتىدىن كەتمەكچى بولىۋاتىسەنغۇ شۇ،ئۇمۇ ياخشى بولغىنى...نىمىلا دىمىگەن بىلەن بىر بىلىمگە ئىرىشتىڭ__ئەركىن ناھايتتى تەمكىنلىك بىلەن بۇرۇنقىدەكلا سەمىمىي گەپ قىلىۋاتاتتى. دولقۇن ئىسىمنىڭ چىقىشى بىلەنلا دولقۇنغا قەيەردىندۇر بىسىلىپ قالغان نەپرىتىم قوزغىلىپ قالدى.

شۇندىمۇ ھازىر ئەڭ ياخشى ھالىتىمنى ساقلىمىسام بولمايتتى. ماشىنا قوزغالدى،ئەركىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ خۇش دىگەندەك ماشىنىنىڭ كىتىشىنى ساقلىدى. ماشىنا خىلى ئۇزىغان بولسىمۇ يىراقتىن ئەركىننىڭ سىماسىنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى، بارا-بارا ئەركىننىڭ سىماسى بىر چىكىتكە ئايلاندى،دە ئاخىرى كۆرگىلى بولمىدى.

‹‹كەچۇر ئەركىن، كۆڭلۈڭنى چۈشەنسەممۇ بىلمىگەنگە سالدىم،مىنى بىر سىڭلىڭ قاتارىدا ئەسلىسەڭلا بولدى...دولقۇن،ساڭىمۇ رەھمەت، ماڭا ياخشى بىر ساۋاقنى بەردىڭ، بۇنىڭدىن كىيىن بىرىگە ئالدىراپ كۆڭۈل بەرمەسلىكنى ئۈگەتتىڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاتا-ئانامنىڭ يىنىغا قايتىشىمغا زور كۈچ چىقاردىڭ، سەن تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولۇپ،مەندىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلمىغان بولساڭ ئىدى، ئۈرۈمچىدە يەنە قاچانغىچە تۇرۇشۇمنى بىلمەي يۇرەتتىم، بەلكىم مەڭگۈ قايتماسلىقىممۇ مۈمكىن ئىدى....››



ھەش-پەش دىگۈچە ئۆز يۇرتۇمغا كىلىپ ئىشقا چۈشكىنىمگىمۇ يىرىم يىل بولاي دىدى. ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن-ھە؟ ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن، ئۆز ۋاقتىدا مەڭگۈلۈك دەپ ئۆزىمىزگە ھەم ئۆزگىگە بەرگەن ۋەدىلەرمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىردەملىككە ئايلىنىدىكەن.

ئاپامنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا ئۈلگۈرتۈپ ئەتكەن مىزىلىك تائاملىرى، ھەدەمنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۆيىگە زورلاپ ئاپىرىپ قوندۇرۇۋىلىشلىرى...دەم ئىلىش ۋاقىتلىرىمدا يىزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىرىپ ناتۇنۇش بولۇپ كىتەي دەپ قالغان سەھرا مەنزىرلىرىدىن قانغۇچە زوق ئىلىشلىرىم....

ئىشقىلىپ ئۈرۈمچىنىڭ ھەرتەرەپتىن كىلىدىغان بىسىم ئىچىدە ياشاپمۇ ۋايسىماي شۇ يەردە نەچچە يىلدىن بۇيان ياشاپ كىلىۋاتقانلىقىمغا ھەيران بولدۇم.
ئۆز يۇرتىغا نىمە يىتىدۇ دەيسىز؟ كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق مەنىلىك ئۆتمەكتە.ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئەگىشىپ دولقۇننىڭ سىماسىمۇ ماڭا بارا-بارا يات تۇيۇلۇپ،ئەسلىمىلىرىم خاتىرىسىدىن يۇيۇلۇپ ماڭماقتا ئىدى.

ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرىشىمغا ھەدەم كەچتە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىلىشىمنى ئىيتتى. سائىتىمغا قارىدىم ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ.
ھەدەمنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئىشىكنى چەكسەم ئىشىكنى يىشى 30~35ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال ئاچتى ۋەز قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشۈپ كەتتى.

__ۋاي-ۋۇي ياخشىمۇسىز ئۇكام، قانداقراق ئەھۋالىڭىز؟ بايام تىخى سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىشىپ ئولتۇرغان، قىنى قىنى، ھىرىپ كەتكەنسىز، يۇقۇرىغا چىقىڭە؟...ئاداش، سىڭلىڭ كەلدى!!__دەپ توۋلىدى ئاشخانا ئۆيگە قاراپ.

بۇ ئاچاشنىڭ قىزغىنلىقىدىن ئۆزۈمنى ھەدەمنىڭ ئۆيىگە ئەمەس بەلكى مۇنۇ ئالدىمدىكى ئاچاشنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كەلگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم، ھەم بۇ خىل قىزغىنلىققا يىتىرقىغان ھالدا جاۋاب قايتۇردۇم:
__ھە،ياخشىمۇسىز ھەدە!

قىسقىغىنە كۆرۈشۈشتىن كىيىن ھەدەمنىڭ يىنىغا چىقتىم ،قارىسام ھەدەم پىشىپ بولغان چۆپلەرنى تەخسىلەرگە بۆلىۋاتقان ئىكەن، مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدى:
__چاقىرمىغان بولسام كەلمەيتتىڭ-ھە ئۇكام!

مەنمۇ كۈلۈپ قويۇپ ھەدەمگە ياردەملەشكەچ ھەدەمدىن :
__ئاۋۇ ئاچاش كىم بولىدۇ؟__دەپ سورىدىم.
ھەدەم ماڭا قاراپمۇ قويماستىىن ئىشىنى داۋاملاشتۇردى:
__مىنىڭ يىقىن دوستۇم، ئۆزى مۇشۇ يەردىن، خىلى يىللار بولغان ئۈرۈمچىگە كىتىپ كۆرۈشەلمىگىنى، يىقىندا بۇ يەردىكى تۇققانلارنى يوقلىغىلى كەپتىكەن، شۇ قاتارىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتۇ.

تاماقلارنى مىھمانخانا ئۆيگە تۇشۇشقا باشلىدىم، ھەدەمنىڭ بايىقى دوستى بولسا ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى :
__ۋاي ئەكىلىڭە سىڭلىم مەن ئالاي،سىزمۇ ئىشلەپ چارچىغانسىز__شۇنداق دىگىنىچە قولۇمدىكى لەغمەننى ئالدى.

نىمانچە قىزغىن ئاكتىپ ئاچاش بولغۇيتتى-ھە؟ مەنمۇ ئانچە تۈزۈت قىلىپ كەتمىدىم. ئولتۇرۇپ تىلۋۇزۇر كۆرگەچ تاماق يىيىشكە باشلىدۇق.  
تىلۋۇزۇر كۆرگەچ كۆزۈمنىڭ قىرىدا ئۇ ئاچاشقا قاراپ سىلىۋىدىم، كۆزۈم مىنىڭ ئۈستۈمدىن توختىماي ئايلىنىۋاتقان ئۇ ئاچاشنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئىككىلىمىز بىربىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇق.

__ئاداش، بۇ سىڭلىڭنى مەن بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن، بۇنداق چىرايلىق ئوماق سىڭلىڭنىڭ بارلىقىنى تىخى بىلمەيدىكەنمەن جۇمۇ؟__دىدى مەسلىكى كەلگەندەك ماڭا قاراپ.

ئۆزۈممۇ 24لەردىن ئىشىپ قالغان قىز بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈنمۇ كىچىك قىزلارغا ماس كىلىدىغان بۇ خىل ماختاشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم.

ئاچام يەۋاتقان تامىقىنى قۇيۇپ ماڭا مىھىر بىلەن قارىۋالدى،كەينىدىن دوستىغا:
__ئۆزىمۇ بەك ئوڭلۇق قىز بولدى بولمىسا، شۇ بىر يىرى گىپىمىزنى ئاڭلىمايدۇ.

يەۋاتقان تامىقىمنى قۇيۇپ ھەيران بولغىنىمچە ھەدەمگە تىكىلدىم!
__ھەدە،ماڭا ئۇۋال قىلما-ھە؟ مەن قانداق گىپىڭنى ئاڭلىماپتىمەن؟

__ھا..ھا...___ھەدەم ئىچىلىپ كۈلۈپ كەتتى___قارا تۇرقۇڭغا! باشقا گەپلىرىمىزنىغۇ بەك ئاڭلايسەن،شۇ تويۇڭنى قىلىۋال دىگەن گىپىمىزنى قىرىڭغا ئىلىپ قويمىدىڭ!!

ھەدەم بىلەن دوستى ئككىلىسى كۈلۈشۈپ كەتتى،ھەدەمنىڭ مەن تۇنىمايدىغان دوستى ئالدىدا مىنى خىجىل قىلىپ قويغىنىغا ئاچچىغىم كەلدى:
__ھەدە،كىيىن سەن بىلەن ئايرىم ھىسابلىشىمەن، دوستۇڭنىڭ يۇزى-ھە؟

ئۇلار تىخىچە كۈلىشىۋاتاتتى. دوستى بولسا ماڭا ھەۋەسلەنگەندەك قاراپ گىپىنى داۋام ئەتتى:
__ سەنمۇ قىززىق جۇمۇ ئاداش، نىمە بوپتۇ؟ ئالدىرماي قىلىدۇ شۇ توينى، خىزمەتكە چىققىلى ئەمدى بىريىل بولۇپتۇ، نىمە ئالدىراش دەيمەن؟ خۇدايىمنىڭ بىكىتىپ قويغىنى بار،ۋاقتى-سائىتى توشسا قىچىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ،شۇنداقمۇ سىڭلىم-ھە؟

بۇ ئاچاشنىڭ تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلغاندەك ھىس قىلىپ مىننەتدارلىقمنى بىلدۈرۈش يۇزىسىدىن توغرا دىگەندەك گىپىنى قوللاپ بىشىمنى لىڭشىتتىم...

مانا مۇنداق گەپ قىلمامدۇ دەيمەن؟ ھىلىمۇ كەلگەندىن بۇيان شۇ گەپ، ھىلى ئاپام ياندىن قىردىن گەپنى توي ئىشىغا بۇراپ گەپ قىلىۋاتقان، ھەدەممۇ ھەر كەلسەم مۇشۇ ئىشقا كۆڭلۈ بۆلۈپ قويۇشۇم توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتقان...قىز چوڭ بولسا نىمانداق تەستۇ؟ يا چىقىپ بىرسىنىڭ قولىنى تۇتۇپلا مانىڭغا تىگىمەن دىگىلى بولمىغان...

ئىش ئورنۇمدىنمۇ بىرنەچچە خىزمەتداشلىرىمنىڭ تەكلىۋىنىمۇ چىرايلىق رەت قىلدىم، باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرىشىغا ئەسلا يىقىن كەلمىدىم. ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلىپ تۇرغاندەك! مەن توي قىلىپ بولساملا ئاندىن بۇ كۆزلەر تەڭ يوقايدىغاندەك ھىس قىلدىم.

ئارىدىن بىرھەپتە ئۆيكەندىن كىيىن ھەدەمنىڭ ئۆيىدە تىلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتىم،ھەدەم مىۋە ئاقلىغاچ ماڭا بىردەم قاراپ تۇردى،كەينىدىن :
__نازى؟ سىڭلىم،بىزنىڭ ئۆيدە توي قىلمىغاندىن سەنلا قالدىڭ، كۆڭلىڭدىكىنى دىگىنە؟

__ۋاي-ۋاي-ۋاي! يەنە باشلىدىڭغۇ ھەدە؟ شۇڭىمۇ كەلمەي دىگەن.

ھەدەمگە ئەركىلەپ ئاغزىنى توسىۋالدىم، ھەدەم قولۇمنى بىر تەرەپكە چۈشۈرۈپ قۇيۇپ سۆزىنى يەنە داۋام ئەتتى:
__ئۆزۈڭ بىلىسەن ،كىچىك يەرنىڭ كىچىكلىكى بار، بىكار گەپ-سۆزگە قالمايلى، ھازىر نىمەڭ كەم؟ خىزمىتىڭ دىسە خىزمىتىڭ بار، ينىڭدا ئاپام دادام،يەنە مەن بار، ئەمدى بىر ئۆينىڭ پىشىنى تۇتمىساڭ بولمايدۇ جۇمۇ؟ ئوبدانراق ئويلىشىپ قوي!

__سەنلا ماڭا تاپە بولدى، مەنمۇ يۇز كۆرۈشمەي. سەن بولىدىكەن،دىسەڭ شۇنىڭغىلا تىگەي!!__دەپ بولۇپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.

ھەدەممۇ مۇشۇ گىپىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كۆزى خوشاللىقتىن يوغىناپ كەتتى:
__ۋاھ راست-ھە؟ گىپىڭدە تۇرىسەن-ھە؟
قارىسام ھەدەم مۇنداقلا دەپ قويغان چاقچاق گىپىمگە ئىسىلۋاپتۇ.
__قانداق؟ ماڭا تىپىپ قويغىنىڭ بارمىدى؟__يەنە چاقچاق قىلدىم كۈلۈپ.

ھەدەم قولىدىكى مىۋىنى پىچاق بىلەن بىللە بىر تەرەپكە قۇيۇپ ئىتتىرىپ قويدى، كەينىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن ماڭا قارىدى:

__شۇنداق ئۇكام، ساڭا راستىنلا بىرىنى ئويلىشىپ قالدۇق، ئۆتكەندە كەلگەن دوستۇمنى بىلىسەنغۇ؟ ئۆزىمۇ ناھايتتى ياخشى ئايال، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە بىر نەۋرە ئىنىسى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى مەسلىھەتلىشىپ تۇرپاندىن بىر قىز ئىلىپ بەرمەكچى بوپتۇ، ئۆزۈڭ بىلىسەن،ئۇلارنىڭ تىگى تۇرپاندىن ئەمەسمۇ؟ ئۇلارمۇ ئۆز يۇرتلىقىمىز باشقا يۇرتنىڭ قىزىغا قارىغاندا ياخشى دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ.

ھەدەم ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتاتتى، مىنىڭ كاللام بولسا قۇپقۇرۇق ئىدى، ئۆيدىكىلەرنى دىمىسىمۇ مۇشۇ جەھەتتىن پەقەتلا رازى قىلىپ باقماپتىمەن، بىرىنى ئاق دىسەم بىرىنى كۆك دەپ كۆڭلۈمنى بىرىگە بىرىشتىن قورقۇپ ھەممىنى رەت قىلىپ يۇرگەن ئىدىم، تۇققانلىرىممۇ ماڭا يامان بولسۇن دىمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە مۇشۇ قىتىم بولسىمۇ كۆرۈشۈپ باقاي،بولغۇدەك بولسا تۇيۇمنى قىلىپ ھەممىنى رازى قىلاي.

ھامىنى قىلىدىكەنمەن مۇشۇ توينى،مۇھەببەتلىشىپمۇ باقتىم، ئاخىرى نىمە بولدى؟ ئۇنىڭدىن كۆرە توي قىلىپ بولۇپ ئاندىن مۇھەببەتلىشەي!

__مەيلى ئەمىسە كۆرۈشۈپ باقاي!

__ۋاي تاتلىق سىڭلىم،مۇنداق دەپ تۇرمامسەن؟ ئەمدى مىنىڭ سىڭلىمغا ئوخشىدىڭ، قىز بالا دىگەن قارا سىڭلىم ئەردە ياخشى،بولمىسا يەردە دەپتىكەن....ئۇ بالا ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كىلىدىكەن، شۇ كۈنى كۆرۈشۈڭلار ئەمىسە، ئاۋال كۆرۈشۈپ باشقا ئىشنى كىيىن دىيىشمەمدۇق؟

مەيلى دىدىم. ئاۋال كۆرۈشۈشپ باقمايمۇ؟ بولمىغاندا بىرگەپ بولار!

مانا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يەكشەنبىمۇ كەلدى. ھەدەمنىڭ ھىلىقى دوستى ھەدەملەرنىڭ ئۆيىدە ئىكەن. بارسام بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ كەتتى. ئۆتكەندە ئەجەپلەنگەن بولسام بۇ قىتىم ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم، چۈنكى ئۆتكەندە بىكارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلماپتىكەن. مىنى كۆرۈپ بىقىپ،گەپكە سىلىپ بىقىپ،ئاندىن كۆڭلىدە ئىنىمغا ماس كەلگۈدەك،دەپ ھەدەمگە كۆرۈشۈپ بىقىشىمنى ھاۋالە قىلدى ھەقىچان!

__يا سىنى ئالغىلى كەلسۇنمۇ يا؟ ئۆزۈڭ بارساڭ خىجىل بولۇپ قالما يەنە.
__شۇنداق قىلسۇن بولمىسا__ھىلىقى ئاچاشمۇ قۇشۇمچە قىلدى.

__ۋاي ياقەي بولدى، ئۆزۈم باراي،مىنى نەدە ساقلاپ تۇرىدىكەن؟
باشقىلارنىڭ ھاۋالە قىلىشىپ، تارتىشىپ،نىزىقاپ يۇرۇشنىى تازا ياقتۇرمايتتىم. ئۆزۈم بارسام ئوخشاش ئەمەسمۇ؟


ھەدەمنىڭ دوستى تىلفۇن قىلىپ نەۋرە ئىنىسىنىڭ قەيەردە ساقلاۋاتقانلىقىنى سورىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.
__ئوماق سىڭلىم، نەۋرە ئىنىم سىزنى ‹‹يىشىل ئارال›› قەھۋەخانىسىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدە ساقلاۋاتىپتۇ. 26-نومۇر ئىكەن.

ئۆيدىن چىقتىم، تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ ‹‹يىشىل ئارال›› قەھۋاخانىسىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم. مانا قەھۋاخانا ئالدىغا كىلىپمۇ بولدۇم، نىمىشقىدۇر ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرى بىلەن بۇ يەردە ئۇچراشماقچى بولغىنىمنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزۈمگە كۈلۈپ قويدۇم.
كىتەيمۇ يا؟ بۇنداق قىلسام بولمايتتى، ھامىنى كەلدىم، كۆرۈشۈپ كىتەي. كۆڭلۈمدە بۇ قىتىمقى ئۇچرىشىشنىڭمۇ باشقا ۋاقىتقا ئوخشاشلا ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.چۈنكى مىنىڭ ئىچىمدىن چىقمىغاندىن كىيىن ھەممىسى ياسالما ئىدى، باشقىلارغا مۇز قاپاق،دىگەن تەسىرنى بىرەتتىم.

خىيال بىلەن بولۇپ كىتىپ ئۆزۈمنىڭ ئىككىنجى قەۋەتكە چىقىپ قالغانلىقىمنىمۇ تۇيماپتىمەن. 26-نومۇرلۇق ئايرىم خانىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. تۇتقۇچىنى تۇتۇپ بىردەم تۇرۇپ كەتتىم،خۇددى ئاچساملا بومبا پارتلاپ مىنى كۈكۈم-تالقان قىلىۋىتىدىغاندەك!

ئىشىكنى يىنىك چەكتىم،ئىچىدىن:
__كىرىڭ،دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىشىكنى يىنىك ئىتتىردىم:
__ياخشىمۇسىز؟__كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئۇدۇلدىكى كىرىسلودا ئولتۇرغان تۇنۇش چىراينى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىشىم چىرايىمدا قىتىپلا قالدى!

ئۇدۇلۇمدا دولقۇنمۇ ماڭا ئوخشاش قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ تۇرماقتا ئىدى!
__نازى؟؟؟؟ قانداقسىگە؟
كاللامدا سىكىنۇت ئىچىدە دولقۇن مىنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەيران قالدۇرۇپ كەچۇرۇم سورىماقچى بولۇپ كەپتۇ-دە دىگەن خىيال دولقۇننىڭ بۇ ئىپادىسىگە قاراپ دەرھال تۇماندەك تاراپ كەتتى!!

دولقۇن ناھايتتى ھەيران قالغان ئىدى، مەنمۇ ھەم شۇنداق ئىدىم. كەينىدىن نمە ئىش ئىكەنلىكىنى ناھايتتى تىز سۈرەتتە ھۆكۈم قىلدىم!
دولقۇننىڭ ھەدىسىنىڭ تۇنۇشتۇرغىنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتى نازى__يەنى مىنىڭ ئىكەنلىكى ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىدى، مەن بولسام ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيدىغان بىر ئىش ئىدى!
ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە خىلى ئۇزۇن تىكىلىپ قالدۇق، باشتا ھەيران بولۇپ تاساددىبىيلىق ھىس قىلغان بولسام، ئەمدى كۆڭلۈمدىكى كۆمۈلۈپ قالغان نەپرىتىم قايتىدىن باش كۆتۈرمەكتە ئىدى.

دولقۇن تولىمۇ قاملاشمىغان ھەركەتلىرى بىلەن مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى:
__قىنى قىنى نازى ئولتۇرۇڭ،ئولتۇرۇڭ نازى.
گەپ-سۆز قىلمىدىم، ئەمدى ئۆزۈمنى ناھايتتى تۇتىۋالغان ئىدىم، ھىسىياتىم بىلەن ئىش كۆرسەم بولمايتتى، ئەقلىم بىلەن نورمال تەپەككۇر قىلغان ھالدا كىرىسلودا ئولتۇردۇم.
دولقۇن ھىچ قولىشالايدىغاندەك ئەمەس،بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، ئۇ ھازىر بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى تىزلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىۋاتاتتى،مەنمۇ نىمە دەيدىغىنىنى پەرەز قىلىپ ئولتۇرماقتا ئىدىم.


__ياخشى تۇرۇپسىز نازى!
__ناھايتتى ياخشى تۇرۇپتىمەن، مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز.
__ھە، دولقۇن تەمتىرەشلىرىنى سەل بىسىۋالدى، دولقۇننىڭ بۇ ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىل دىسە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگىچە ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم.
__نازى، سىزنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولدۇم،راستىنلا!خۇدايىم تەغدىرىمىزنى بىر قىلىپتۇ،ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىمەن، ئايلىنىپ كىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇنۇشتۇرغىنىنىڭمۇ سىز بولۇپ چىقىشىڭىزنى!راستىمنى دىسەم بەكلا خۇش بولۇپ كىتىۋاتىمەن!راسلا...

دولقۇن توختىماي سۆزلەۋاتاتتى، چۈشەندۈرىۋاتاتتى، بۇقىتىمقى بۇ تاساددىبىيلىقتىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى توختىماي چۈشەندۈرىۋاتاتتى...

ئۇ قانچە سۆزلىگەنسىرى شۇنچە جەھلىم تۇتىۋاتاتتى....مىنى تاشلىۋەتكەن دولقۇن مانا مۇشۇ-ھە؟ تەغدىرنىڭ چاقچىقى ئاجايىپ-تە؟ ئۆز ۋاقتىدا مىنىڭ نىمە بولۇشۇم بىلەن كارى يوق مىنى ئىككى ئىغىز كەچۇرۇم سوراش بىلەنلا ئەسكى كىگىزنى تاشلىغاندەك كارى بولمىغان دولقۇن بۈگۈن تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مىنىڭ ئالدىمدا ھال ئىيتىۋاتتاتتى. ئىپادىسىز ھالدا چىرايىغا قاراپ قويدۇم!

__سۆزلەپ بولدىڭىزمۇ؟
__نازى سىز خۇش بولمىدىڭىزمۇ؟
مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم!
__مەن خۇش بولدۇم، نىمىشقا خۇش بولماي؟ ئەلۋەتتە خۇش بولۇشۇم كىرەك! لىكىن دولقۇن ،بۇ خۇش بولۇشۇم قانداقتۇر سىز بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قىلىشتىن ئەمەس، تەغدىرنىڭ سىزنى يەنە ئۇچۇرۇپ يۇرۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ماڭا يالۋۇرۇشىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم.

دولقۇن نىمىشقىدۇر بىچارىلەرچە ماڭا قارىدى:
__بىلەمسىز نازى،سىزنى بىرمىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق،ئىشەنسىڭىز ھازىرمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، شۇ ۋاقىتتا مىنى دەپ يۆتكىلىپ كەتكىنىڭىزنى ئويلىسام ئۆزۈمگە بەكلا ئاچچىغىنىم كىلىدۇ، نازى ماڭا يەنە بىر قىتىم پۇرسەت بىرەلەرسىزمۇ؟

دولقۇن ھازىر ئۆزەىرىپ غەلىتە ئادەمگە ئاۇلىنىپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى، بۇرۇنقى مەن ياخشى كۆرگەن دولقۇننىڭ سىماسىنى قانچە ئىزدىسەممۇ تاپالمايۋاتاتتىم. بۇرۇنقى ئىغىر-بىسىق، كەمتەر، دولقۇننىڭ ئورنىغا مەككار،قۇۋ بىرى ئالمىشىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم، ئۆزۈمچە يىرگەنگەندەك بولدۇم.

__بولدى ئەمدى سۆزىمەڭ،__سومكامنى ئالدىم،ئىشىك تۈۋىگە كىلىپ ئارقامغا ئۆرۈلدۈم، دولقۇن چىچىنى قاماللاپ ئولتۇراتتى،پۇشايمانمۇ نادامەتكىمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىرخىل تۇيغۇدا ئوتۇراتتى.

___سەمىمىيەتسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت ئۇرۇقى يوق گۈلگە ئوخشايدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىمنى سىزدەك تۇترۇقسىز،گىپىدە تۇرمايدىغان ،مەسئۇلىيەتسىز كىشىگە ھەرگىز تۇتقۇزمايمەن،ئەگەر شۇنداق قىلسام ئۆزۈمنىمۇ كەچۇرەلمەيمەن، خۇش دولقۇن،خۇدايىم سىزگە يەنە
‹‹نازى››لارنى ئۇچراشتۇرار...

گىپىمنى تۈگىتىپ تىزلىك بىلەن ئايرىم خانىدىن ئايرىلدىم. ئىچ-قارنىم بوشاپ قالغاندەك! ئۆز ۋاقتىدا ئاشخانىدا دولقۇنغا دىيەلمىگەن گەپلىرىمنى كىچىكىپ بولسىمۇ بۈگۈنگە كەلگەندە دەۋالغىنىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ يىنىك ھىس قىلىۋاتاتتىم.

بۇرۇن ئەلەم بىلەن،يىغا بىلەن ئازاپ بىلەن يىنىدىن ئايرىلىپ چىققان بولسام، ھازىر قانداقتۇر بىر جەڭدە ئۇتۇق قازان قەھرىماندەك ،غەلبە قازانغاندەك تۇيغۇ بىلەن يىنىپ چىقىۋاتاتتىم.

ئالدىرماڭ يارەي!سىزگىمۇ بارەي!

ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ھەدەمنىڭ قانداق بولدى،دىگىنىگىمۇ پەرۋا قىلماي ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم، تۇيۇقسىز ئەركىن ئىسىمگە كەلدى! ماڭا بىردىنبىر ھەقىقىي كۆيۈنگەن ئادەم يىنىمدا تۇرسا مەن ئىزدەپ يەنە نەگە بارىمەن؟ تىزلىك بىلەن ئەركىننىڭ نۇمۇرىنى باستىم. تىلفۇن تىزلا ئىلىندى، مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە قارشى تەرەپتىن ئەركىننىڭ خۇشال ئاۋازى ئاڭلاندى:
__نازى،بارمۇسەن؟ يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟

ھەرقىتىم ئەركىنگە ئۇزۇن ئۆتمەي تىلفۇن ئۇرساممۇ يوقاپ كەتتىڭغۇ دەپ تۇرىۋالاتتى. بۇنىڭدىن قانداقتۇر بىريىقىنلىقنى ھىس قىلاتتىميۇ، چاندۇرمايتتىم. بۈگۈن ئوخشىمايتتى،چۈنكى مەن ناھايتتى خۇشال ئىدىم،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەختنىڭ نىمىلىكىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.


__مەن بار ئەركىن ،ئۆزۈڭچۇ؟ نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مىنى قاچان كۆرگىلى كىلىسەن؟

ئۆزۈمنىڭ تۇنجى قىتىم ئەركىننى ‹‹ئاكا››دىمەي چاقىرالىغىنىمدىن مەمنۇن بولدۇم! تىلفۇندىن ئەركىننىڭ چوڭقۇر تىنىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
__بايا نىمە دىدىڭ؟ ئەركىن دىدىڭما؟__ئەركىن ھاياجانلانغاندەك قىلاتتى،ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەكلا!
ئۇنىڭ بۇ گىپىگە كۈلۈپ كەتتىم:
__ھەئە،ئەركىن دەپ چاقىرىۋاتىمەن، بولماپتىمۇ؟

__ياق،ياق،مۇشۇنداق چاقىرغىن،بەك يىقىمىق ئاڭلىنىدىكەن، ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە مەنمۇ دەل سەن تەرەپكە كاماندىروپكىغا چىقاتتىم، شۇ چاغدا بارىمەن.

__سىنى ساقلايمەن ئەمىسە،تىزرەك كەلگىن!
__نازى،چوقۇم ئەڭ تىز سۈرەتتە بارىمەن، كۆرۈشكىچە ئامان بول-ھە؟
__سەنمۇ ئامان بولغىن...

تىلفۇننى قويىۋىتىپ ھەدەمنىڭ يىنىغا چىقتىم،ھەدەم ماڭا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇراتتى. ھەدەم گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىتىۋىدى،دەرھال توسىۋالدىم:
__ھەدە، ماڭا پولۇ ئىتىشنى ئۈگۈتۈپ قويە،ئەركىن كىلەر ھەپتە كىلىدىكەن،ئۆز قولۇم بىلەن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى تەييارلاپ بىرەي...

مەن ھەدەمنىڭ ھەيران بولغىنىچە تۇرۇپ قالغانلىقىنىمۇ قەستەن كۆرمەسكە سالدىم-دە سومكامنى ئىلىپ ئاپام-دادامنىڭ ينىغا___ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم!


تۈگىدى.

ئىكران ئالدىدا__مەلىكە (سوفىيە)

ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 100 جەلىپ قىلارلىق ئەسەر!
NAZLI806 + 99 مىنىڭچە  ماۋزۇسى  شۇ
sarkarda01 + 77 ماۋزۇنى قايتا ئويلىشىپ بېقىڭ!
زامانى + 555 پوۋسىت ئىسمىنى يەنە بىرئويلاشسىڭىز
tagnur + 300 نادىر تېمىڭىزغا تەشەككۈر
无名 + 5 ياخشى ئەسەر.
jahankuz + 20 قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن !
شاتئاي + 500 بــــارىـــكاللا ئـــۇمـــاق !!
吾日古丽 + 100
پادىشاھ + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1856   باھا خاتىرىسى

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

فىلىم ئشلەش ھەۋە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4560
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4221 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:29:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف نىمانداق جىق مەن كەچتە توك ئۆچكەندە ئوقۇي ئۇرۇن ئىلىپ قويۇپ

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5518
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
ئىسىل
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز...ئۇف

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11313
تۆھپە نۇمۇرى: 1528
توردا: 3001 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر تۇرمۇش چىنلىقىغا تويۇنۇپتۇ سىيۇژېت بۆلەكلىرىمۇ ياخشى چىقىپتۇ .رەھمەت سىزگە !

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ھەر بىر كۈن ئىنس

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 789
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7640
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[mp3=1]http://bbs.basbas.cn/attachment/BasbasMon_1111/2_4971_dd2ef079f3a7472.mp3[/mp3]

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38399
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1376 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:58:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر ھە ؟نادىرلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگىدەك،،تىلى تۇلىمۇ راۋان چىقىپتۇ،ھە راسىت بىرلا قىتىمدا يىزىپ تۈگىتىۋەتگىنىڭىزگە تۇلىمۇ خۇشال بۇلدۇم،ئاخىرى يۇق ئەسەرلەرنى ئۇقۇپ بەك زىرىكىپ كەتكەن ئىدىم ئەجەپمۇ ھاردۇغۇم چىقتى!تىخىمۇ تىرىشىڭ،،نادىر ئەسەرلىرىڭزنى ساقلايمەن،،،

ئاينىگار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4051
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6752
تۆھپە نۇمۇرى: 278
توردا: 5258 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 05:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن . ئۇقۇي ،داۋامى با دىگەن ئەسەردىن بەكمۇ زىرىككەن ئىدىم.تەسىراتىمنى كىيىن سۇزلەي.

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئادەم ئۆز تەقدىرنى ئۆز بەلگىلە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65250
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1025
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 05:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. ھەققەتەن توغرا ، بەخىت ئەتىراپىمىزدا ، لىكىن بىز ئاسانلىقچە بۇنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيمىز ، ھېس قىلىپ يەتكەن ۋاقتىمىزدا تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز.
ئۇلۇغ ئاللا ھەمىمىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغاي.

دۇنيا سىنىڭكى، خىجىللىق ۋە رەسۋالىق مەڭگۈ شەيتانغا مەنسۈپتۇر، سەن ئاللاھ ئالدىدىلا پاك بولساڭ چەكلەنمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6444
تۆھپە نۇمۇرى: 920
توردا: 2529 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 05:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا قىپسىز نازى.تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ياخشى يىزىلغان پوۋسىتكەن.ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2711
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3667 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 05:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپچىلىكنىڭ نازى ۋە دولقۇنغا بەرگەن باھاسىنى بىلىپ باققۇم بار !؟

بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان، بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان. ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز-تاۋۇشسىز، قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مېكىيان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش