مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3116|ئىنكاس: 0

چاۋشىيەن ئالىي رەھبىرى ۋاپات بولدى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 22639
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3331 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 02:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


چاۋشىيەن ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىمجۇڭئىل  1942-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگۇ چاۋشەن
چېگرىسىدىكى جۇڭگۇغا قاراشلىق بەيتۇشەن مەخپى لاگىرىدا تۇغۇلغان . كىمئېرسىن چاۋشەن
دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن چاۋشەنگە بېرىپ ئوقۇغان. 1950-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە پىيۇڭياڭ
قىزىل بايراق ئىنقىلابى ئىنىستوتىدا سىياسى ئىقتىساد ئوقۇغان.(ئۇ بەلكىم كىيىنكى چاۋشىيەن
رەھبىرى بولۇشتەك غايىللرىنى مۇشۇ يەردە تىكلىگەن بولۇشى مۇمكىن ، تەرجىماندىن ) 1964-يىلى
كىمئېرسىن نامىدىكى ئۇنىۋىرسال ئالى بىلىم يۇرتىنى تاماملىغان.
1964-يىلى6-ئايدىن 1972-يىل 2-ئايغىچە چاۋشەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىدا
ھەيئەت بولغان . ئۇنىڭدىن كېيىن چاۋشەن ئەمگەك پارتىيىسىدە بۆلۈم باشلىقى، باشقارما باشلىقى،
باش كاتىپ ، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان. 1980-يىلىدىن كېيىن ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ ئورۇنباسار
سېكىرتارى، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئالى قوماندانى، شۇجىسى بولغان 1982-يىلدىن
1998-يىللىغىچە ئۇ ئۇدا چاۋشىيەن ئەڭ ئالىي قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى بولغان . 1990-يىلى
12-ئايدىن 1993-يىلى 4-ئايغىچە چاۋشىيەن خەلىق ئارمىيسىڭ ئەڭ ئالىي قۇماندانى ،
دۆلەت مۇداپىئە دائىمىي كومتىتىنىڭ كومتىت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .1997-يىلى
10-ئاينىڭ 8-كۈنى چاۋشىيەن ئەمگەك پارتيسىنىڭ شۇجىىسى بولغان ، . 1998-يىلى
9-ئاي ۋە 2003-يىلى9- ئايدا ئايرىم ئايرىم ھالدا دۆلەت مۇداپىئە كومتىتىنىڭ
كومتىت باشلىقلىقغا قايتا سايلانغان.
2003-يىلى ئڭ 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ئالىي خەلىق قۇرۇلتيىنىڭ مەسئۇلى بولغان ھەم
شۇ يىلى 4-ئايدا يەنە بىر قېتىم ،دۆلەت مۇداپىئە دائىمىي كومتىتىنىڭ كومتىت باشلىقلىق
ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .2010-يىلى 9-ئايدا چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى
ئۇنى ئەمگەك پارتىيسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسەتكەن .
كىم جۇڭئىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 1975-يىلى ۋە1982-يىلى‹‹ جۇمھۇرىيەت قەھرىمانى ››
دىگەن نامغا ئىرىشكەن ،(بۇ چاۋشەندىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ ، تەرجىماندىن ).
1992-يىلى 4-ئايدا ئۇ ‹‹چاۋشەن دىموكىراتىك خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ مارشالى ››
دىگەن نامغا ئىرىشكەن ، ئىلگىرى كىيىن 3 قېتىم كىمىرسىن ئوردىنىغا ۋە باشقا
مۇكاپات نام ئاتاقلارغا ئىرىشكەن .
ئۇ 1983-يىلى جۇڭگۇغا كىلىپ زىيارەتتە بولغان ، 2000-يىلى 5-ئاي ،2001-يىلى 1-ئاي
، 2004-يىلى 4-ئاي ، 2006-يىلى 1-ئاي ،2010-يىلى 5-ئاي ،2010-يىلى 8-ئايلاردا
جۇڭگۇدا غەيرى رەسمىي زىيارەتتە بولغان .2011-يىلى 8-ئايدا جۇڭگۇنىڭ شەرقىي شىمالىدا زىيارەتتە بولغان .
چاۋشەننىڭ ئالى رەھبىرى كىمجۇڭئىل 200-11-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
(ئىككى كۈن بۇرۇن ) سەھةر سائەت ئىككىدە يۈدەك كېسىلى قوزغصلىپ ۋاپات بولدى.

توۋەندىكىلرى ئۇنڭغا دائىر بىر قىسىم سۈرەتلەر






مەنبە :سىنا تورى
http://news.sina.com.cn/w/2011-12-19/111623655850.shtml

ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hazniqi + 10 يەنە بىرسى ئۆلەپتۇ مۇستەبىتتىن
XaPaRaG-5 + 21 قۇلۇپلاپ قۇيغىننى ۋاي قۇرقانچۇقلار !
kaisar + 10 ئون كوي نەزىر پۇلى بېرەي
Jim + 10 مۇستەبت ئۈچۈن مىسرانىممۇ يىغلاپتىغۇ
تۇران + 10 چاۋشىيەن جىددىي ھەربىي ھالەتكە ئۆتتى
ربانى + 10 مۇستەبىتلەر  موشۇنداق ئۆلۈپ تۇ
ئۇيغۇرشاھ + 10 چاۋشيەن تۈگەشتى.ئامرىكىغا بىر پۇرسەت
toxkanjan + 50 ئۆلسە ۋارسىلق قىلدىغان بالسى بارغۇ.
yawaat0998 + 10 ئۆلگەنلىكىنى 2كۈن كىيىن خەۋەر قىپتۇ
aptap104 + 11 ماتەممۇ بۇ . مەرھۇمنىڭ روھى قورۇلۇپ قا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 152   باھا خاتىرىسى

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش