(1)
hokumran
قەدىرلىنىش ئۈچۈن ، قەدىرلەشنى بىل !
ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ،
يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟
كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ،
بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟
(2)
NAZLI806
ئاللاھ بەختىمنى بەرسۇن!!!
قاراڭغۇنى تىللاۋەرگۈچە،ماڭ بېرىپ بىر تال شام ياق!!
(3)
ARKZAT
بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس!
ئەركزاتمەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.
( Y.O. ARKZAT ) (4) Eltekin
تىلىم، دىلىمغا ئەگەش !
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس. — ئەلتېكىن
(5)
barquk8
ھەيرانمەن خېلى-خېلى يوغان دەخلەرنىمۇ پالتىدا چاناپ ئۆرۈيدىكەن ،لىكىن شۇ پالتىنىڭ تۇتىدىغان دەستىسمۇ ياغاچتىن ئىكەن ، سەن ھەرگىزمۇ شۇ پالتىنىڭ تۇتىدىغان دەستىسى بوپ قالمىغىن ئۇيغۇرۇم !!!
(6)
توخار
ئىدىيىدىكى قاتماللىق،روھىيەتتىكى گادايلىق،ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈك،ئىرادىدىكى بوشاڭلىق تۈپەيلى زامان بىزگە تار كۆرۈنۋاتىدۇ. |
(7)
uygurnisa.
ئۈزەڭگە رەھىمسىز بول بولمىسا باشقىللا تەرپىدىن ..
ھەر بىر قېتىم ئىشىكتىن سىرتقا چىققاندا ئىشىكنى يېپۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ،چۇنكى ئىشىك يېپىلدى ئەمدى ئۇ ئۆتمۈشكە ئايلانىدى....
(8)
sahar01
پەزىلەت-قەلىبنىڭ جۇلاسى.
گۈزەللىك ئىزدىمە ئۇ سەندە،بەخىت ئىزلىمە ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا...........
(9)
yvgan
اللە مىھرىبان
دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مەلۇم ھەركىتى ئەسكى بولىدۇ. -يۈگەن
(10)
gulum0991
ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ ،ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ.
(11)
menggutash
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.
(12)
sarkarda01
ئەسلىمە كىشىدە خوشاللىقمۇ،قايغۇمۇ قوزغايدۇ!
مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس. شەربەتى
(13)
zanjiwil
قۇشنىڭ ئۇيقۇسىدا ئۇخلا!
سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.
(14)
atiriba
بۆشۈك تەۋرەتكەن قول دۇنيانى تەۋرىتەلەيدۇ.
(15)
bilikyar01
ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن.ئامىن!
ئادەمسەن شەكسىز دۇر ئازماق ھەقىقەت،
نىجاتلىق ئىزدىسەڭ باريەنە پۇرسەت .
تۆۋبىگە يېقىن بوپ ھۆرلۈك ئىزدىسەڭ ،
يىراقتۇرسىنىڭدىن بەلكىم ھالاكەت .
يۇقۇرىدىكى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئېسىللىقى تىلىدىن خارەكتىرىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ . مانا مۇشۇنداق ئېسىللىقنى ئەنئەنىگە ئالاندۇرۇپ ئېسىل مىللەتنىڭ ئەزىز بالىلىرى بولۇشقا تىرىشساق نىمە دىگەن زور خۇشاللىق ھە؟
بۇ پەقەت ئاز بىر قىسىم مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئىمزالىرى . بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىمنىڭ قەلب گۆھەرلىرى مۇنبەردە جۇلالاپ تۇرۇپتۇ . مەن ئوقۇپ بولالىغانلىرىمنى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللاشنى داۋاملاشتۇرىمەن . ئاخىرىدا ئەزىز مۇنبەرداشلىرىمغا بەخىتلىك تۇرمۇش ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن .
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى