ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ۋە مۆھتەرەم ئەزالار !
پوچتا كەپتىرى مۇسابىقىسى تەنھەرىكەت تۈرىگە تەۋە بولۇپ بىزدىمۇ بۇ مۇسابىقىغە قىزىقىدىغانلار ۋە قاتنىشىۋاتقانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى، بۇ «كەپتەرۋاز» دەپ ئاتىلىۋاتقان سەلبىي مەنىدىكى بىكارتەلەتلىكنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغانلارنىڭ ھەرىكىتىدىن پەرقلىنىدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىنىڭ مۇنۇ ئۇچۇرىنى تورداشلارغا يەتكۈزمەكچىمەن.
----------------------------------------------------
ئۇيغۇرچە «كەپتەر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى» قۇرۇلدى
2011-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر قىسىم پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» رەسمىي قۇرۇلۇپ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى، مەقسىتىمىز كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئانا تىلدىكى پىكىرلىشىش سورۇنى ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
بېكىتىمىز يېڭىدىنلا ئىشقا كىرىشكەن بولغاچقا خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشى تەبئىي ئەھۋال، تورداشلارنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېكىتىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ھەقسىز پروگرامما بىلەن تەمىنلىگەن نۇرقۇت ئەتىرىتىگە، كروران تور بېكىتى تور تېخنىكا گۇرۇپپىسىغا ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىدا ياردەمدە بولغان تور بېكەتلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئىزىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن!
ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى
تور ئادرېسىمىز:
http://www.iile.cn
ناۋادا مىسرانىم تورىدىكى ئەزالار ئىچىدە كەپتەرگە قىزىقىدىغانلار بولسا بۇ ئۇچۇرنى بىر بىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىڭلارنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز، ئاللىنبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولۇنغان ئەمما ئۇيغۇرچە تور سورۇنى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار كەپتەر كۇلۇبلىرى (جەمئىيەتلىرى) بولسا مۇنبىرىمىزنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-15 01:54 AM):
تور ئادرېسىنى
http://www.izgu.net قا ئۆزگەرتىپ قويغان بولساڭلار!