ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت toxkanjan كە 2011-12-18 02:16 PMئەۋەتىلدى :
مەيلى قانچە مىڭ يىل بولسۇن،كىروران گۈزىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرنىڭ بىرى.بولۇپمۇ بېشىدىن چىققان پىت بۇنى ئىسپاتلايدۇ.80-يىللاردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى چاچ سوپىنى ئشلىتىشنى بىلمىگەچكە پەقەت جىگدە يېلمى بىلەن چاچ تارايتتى.شۇڭا ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ ئۆز ئارا بېشىنىڭ پىتىنى باقىدىغان(چاچتىن ئېلىپ ئۆلتۈردىغان)ئادەت بار ئىدى.ھازىرمۇ چەت يېزىلاردا يەنە بار.شۇڭا كىرورەن گۈزىلنى ئۇ يەردىن بۇيەردىن دىگەنلەر پەقەت ئاجىزلاردۇر.كىروران گۈزىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلدى ھەم ئۇيغۇرغا ئوخشايدۇ شۇڭا ئۇيغۇر دىيشكە ھەقلىقمىز. 
سىزنىڭ ماۋۇ مەنتىقىڭىزگە چىداپ تۇرالماي،بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قارىسام خېلى ئەستايىلدەك كۆرۈنىسىز،ئەمما بۇ پەلىپەتىش يەكۈننى سىزنىڭ ئورنىڭىزدا باشقىلار يېزىپ قويمىغاندۇ-ھە؟ئەجىبا پىت ئۇيغۇرغا خاسمىدۇ؟پىتنىڭ بارلىقى ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاشنىڭ پاكىتىمۇ؟قەدىمقى ۋاقىتتا باشقا مىللەتلەردە پىت يوقمىدى(ئەمەلىيەتتە يۇيۇنۇش شارائىتى ناچار بولغان مىللەتلەردە ھازىرمۇ پىت بار)؟ئەجىبا ھازىرقى ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىمىزدا پىتنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئۇيغۇرنىڭ يوقۇلىشى دەپ قارامدۇق . تازىمۇ كۈلكىلىك،بىمەنە گەپ بولدىدە بۇ!كروران گۈزىلىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى بەدىنىدىن چىققان پىت بىلەن ئەمەس،ئۇنىڭ تېپىلغان ئورنى،يىل تارىخى ،كىيىم-كېچىگى،چىراي-تۇرقى،ئىرقى ئايرىمىسىى ،دەپنە قىلىنىش ئالاھىدىلىگى،بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى خىمىيىلىك تەركىپ ئانالىزى قاتارلىق نەق ماددى ئىسپاتلار بىلەن،شۇ چاغدىكى لوپنۇر ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ ياشاش تارىخى،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 3-4مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىخى،مەدىنىيەت ئالاھىدىلىگى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىلمى سېلىشتۇرما تەتقىقاتى ئارقىلىق يەكۈن چىقىرالايمىز.ئەلۋەتتە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوخشىمىغان تەتقىقىات نەتىجىلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۈت بولىشى تولىمۇ تەبئى ئەھۋال،باشقا گەپنى ئىنچىكىلەپ سۆزلەپ كەتمىسەممۇ بىلىسىز ھەقىچان.شۇڭا بۇ يەردە ئۇنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىگىنى ئورۇنسىز تالىشپ ئولتۇرماي،شۇ جەسەتنىڭ بايقىلىشىدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەجدادىنىڭ سىماسىنى كۆرىۋالسىڭىز تولىمۇ ياخشى دەپ قارايمەن.