ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
ئەڭ ئاۋال مىسرانىم تورىغا رەھمەت،بىزگە مۇشۇنداق بىر سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن!!!
سودا-سانائەت تور بانكىسىنىڭ بىرىنچى قىسىم دەرىسلىكىنىڭ ئادرېسى
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66672بىرىنچى قىسىم دەرىسنى كۆرمىگەنلەر مۇشۇ ئادرىستىن كىرىپ كۆرۋالغايسىزلەر،شۇندىلا بۇ ئىككىنچى قىسىم دەرىسنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ كىتەلەيسىزلەر.
مەن بۇقېتىم سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇنلار ئاساسلىقى:سودا-سانائەت بانكىسىدىن سودا-سانائەت بانكىسىغا پۇل ئاغدۇرۇش(پۇل يۆتكەش)،سودا-سائانەت بانكىسىدىن باشقا بانكا كارتىسىغا پۇل ئاغدۇرۇش،،،،(پۇل يۆتكەش)
تۇنجى قەدەم بىرىنچى دەرىسكە ئوخشاش،ئەڭ ئاۋال سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكىسىغا كىرمىز ،ئادرىسى(http://www.icbc.com.cn/icbc/)تور بانكىسىغا كىرىپ، بىرىنچى دەرىستە دىيىلگەن باسقۇچ بويچە ئۆزىمىزنىكى تور بانكا يۈزىگە كىرمىز،
كىرىپ بولغاندىن كىيىن يۇقىرىدا دېيىلگەن مەزمۇنلارنى باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بارالايمىز.دېققەت(باللار تەرتىپنى بۇزماي ئولتۇرايلى،دەرىس باشلاندى
ھى ھى )
ئۆزىمىزنىكى تور بانكاكىسىغا كىرسەك تۆۋەنكى رەسىمدەك ئورۇن ئېچىلدۇ(بەت يۈزنىكى لازىملىق يېرىلا كېسپ ئېلىندى).
سىز ئۆزىڭزنىكى تور بانكا يۈزىگە كىرسىڭز يۇقارقى رەسىمدىكىدەك بىرقاتار خەتلەر كۆرۈندۇ،بۇنىڭ ئىچىدىن(پۇل ئاغدۇرۇش‹پۇل يۆتكەش›)دىگەن خەتنى تاللايمىز.تۆۋەنكى رەسىمدە كۆرسۈتىلگەن ئورۇن شۇ
سىز بۇ ئورۇننى چەكسىڭز رەسمى ھالدا پۇل ئاغدۇرۇش ئورنىغا كىرگەن بۇلسىز،بۇيەرنى چەكسىڭز تۆۋەنكىدەك ئورۇن ئېچىلدۇ،تۆۋەنكى رەسىم ئورۇنغا قاراڭ
ئەمدى بۇ رەسىمنى تەپسىلىلەرەك چۈشەندۈرمىسەك بولمايدۇ،يۇقارقى رەسىمدە بىر قانچە ئورۇن كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان ،كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان ئورۇنلار مەن ئۆزەم ئادەتتە كۆپەرەك ئىشىلتىدىغان ئورۇنلار ھەم مەشغۇلاتقا بىرقەدەر پىشىق،(كىچىك ئەسكەرتىش:بۇيەردە مەن ئىشىلتىپ باقمىغان نۇرغۇن يەرلىرى بار،مەن ئىشلەتكەن يەرنىلا سىلەرگە سۆزلەپ بېرۋاتىمەن،قالغان يەرلىرنى ئېھتىياجىڭىزلارغا قاراپ ئىشلەتسىڭزلەر بۇلدۇ)!!!رەسىمدە كۆرسۈتىلگەن بىرىنچى ئورۇن يەنى يۇقۇردىن-تۆۋەنگەقاراپ بىرىنچى كاتەكچىگە ئېلىنغان ئورۇننى ئىشىلتىش ئۇسۇلى:قارشى تەرەپ بىلەن سىز ئوخشاشلا سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ بانكا كارتىسىنى بىجىرگەن بولسىڭز ،ئىككىڭىزلەرلا ئوخشاش تور بانكىسى ئاچقان بولسىڭزلار مۇشۇ ئورۇندىن ھېسابات يۆتكىسىڭزلار بۇلدۇ.
ئىككىنچى كاتەكچىگە ئېلنغان ئورۇن بولسا :قارشى تەرەپ سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى بېجىرىپ تور بانكىسىنى ئاچمىغان بولسا ،سىز مۇشۇ كاتەكچە ئورنىدىن پايدىلنىپ پۇل يۆتكەيسىز.
ئۈچۈنچى كاتەكچىگە ئېلىنغان ئورۇن بولسا:سىز بۇئورۇندىن پايدىلنىپ سودا-سانائەت بانكىسىدىن باشقا بانكا كارتىلىرغا پۇل يۆتكەيسىز.
تۆتۈنچى كەتەكچىگە ئېلىنغان ئورۇن بولسا:سىز بۇ ئورۇندىن پايدىلنىپ رايونىمىز(شىنجاڭ سىرتىدىكى) سىرتىدىكى سودا-سانائەت بانكىسىغا پۇل ئاغدۇرالايسىز.
مەن يۇقارقى تۆت باسقۇچ ئىچىدىن ئىككىنچىسىنى،يەنى قارشى تەرەپ تور بانكىسى ئاچمىغان بولسىمۇ پۇل ئاغدۇرۇش دىگەن قىسمىنى تۆۋەنكى رەسىم ئارقىلىق سۆزلەپ بېرەي،تۆۋەنكى رەسىمگە قاراڭ:
بۇ پارچە رەسىم دىكى كۆرسۈتۈلگەن كۆرنۈش رەسمى ھالدا،قارشى تەرەپ تور بانكىسى بېجىرمىگەن بولسىمۇ پۇل سېلىش باسقۇچىغا كىرگەن كۆرنۈش بۇلدۇ،
يۇقارقى رەسىمدىكى1-كاتەكچىگە قارشى تەرەپنىڭ تۇلۇق،توغرا بولغان خەنزۇچە ئىسىم- فامىلىسى يېزىلدۇ.2-كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان يەرگە قارشى تەرەپنىڭ توغرا بولغان بانكا ھېسابات نۇمۇرى يېزىلدۇ.3-چوڭ كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان ئورۇنلارغا بولسا قارشى تەرەپكە ئەۋەتىلدىغان پولنىڭ ئىسمى تاللىندۇ(مەسلەن:ئۇيەرگە ئامېركا دوللىرى،شىاڭگاڭ پۇلى،خەلق پۇلى دىگەندەك پۇللار بار)،ئاستىدىكى كاتەكچىگە قارشى تەرەپكە ئەۋەتىلدىغان پۇلنىڭ
سانى يېزىلدۇ.قالغان ئىككى كاتەكچىنى تولدۇرمىسىڭزمۇ بۇلدۇ!!!
ئەڭ ئاستىدىكى قىزىل كەتەكچە ئىچىگە ئېلىنغان ئورۇن بولسا؛ئەگەر سىز قارشى تەرەپكە پۇلنى ئاغدۇرۇپ بولغانلىقىڭزنى ئۇچۇر ئارقىلىق بىلدۈرۈپ قويماقچى بولسىڭز ئاشۇ كاتەكچە ئىچىگە قارشى تەرەپنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى يېزىپ قويسىڭز بۇلدۇ(بۇنىڭ ھاجىتى بولمىسا يازمىسىڭزمۇ بۇلدۇ) سىز يۇقارقى ئورۇنلارنى توغرا-تۇلۇق يېزىپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى (提交)يوللاش دىگەن يەرنى باسسىڭز تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك ئورۇن ئېچىلدۇ:
بۇ خىل باسقۇچقا كىرگەنلىكىڭزسىزنىكى يۇقارقى باسقۇچلارنى توغرا قىلغانلىقىڭزنى كۆرسىتىدۇ،يۇقارقى رەسىمدە بولسا:بۇرەسىمدىكى كۆرسىتىلگىنى قارشى تەرەپ بىلەن سىزنىكى كارتا ماتىريالىڭز(ئىسىم-فامىلە،تۇرۇشلۇق ئورۇن دىگەندەك)،شۇنداقلا سىزنىكى قارشى تەرەپكە ئەۋەتمەكچى بولغان پۇل سوممىڭز،تۇتۇلدىغان ھەقلەر كۆرسىتىلدۇ
ھەممىنى كۆرۈپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن تۆۋەنكى باسقۇچقا كىلمىز رەسىمگە قاراڭ:
سىز بۇ باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەن كۆرنۈش بويچە مەشخۇلات قىلسىز،يەنى ئاۋۇ بوش ئورۇنغا 4890دىگەن نۇمۇرنى كۈرگۈزسىز(دېققەت:بۇ تۆت سان قارشى تەرەپ كارتىسى ئىچىدىكى سان بۇلدۇ،سىز بىرقېتىم خاتا مەشخۇلات قىلسىڭز بۇسانلار بىر قېتىم ئۆزگىرەيدۇ،يەنى قارشى تەرەپ كارتىسى ئىچىدىكى باشقا تۆت سان قىزىل رەڭگە كىردۇ،سىز ئاشۇ سانلارنى ئوخشاشلا ئاشۇ بوش ئورۇنغا يازسىز)يېزىپ بۇلۇپ مۇقۇملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسسىز،،،،،،،،ئەمدى سىز يۇقارقى باسقۇچلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ بولغان بولسىڭز ئاساسى جەھەتتىن، پۇلنى قارشى تەرەپكە يوللاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەن بۇلسىز.
يۇقۇردا دىيىلگەندەك مۇقۇملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن بىر كاتەكچە ئېچىلدۇ،ئۇ كاتەكچە ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلسى،كارتا نۇمۇرى،كارتىنىڭ رايون تەۋەلىكى،دىگەندەك ئۇچۇرلارغا ئېگە بۇلسىز،بۇلارنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ-سېلىشتۇرۇپ توغۇرلىغىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاستىدىكى جەزىملەشتۈرمەن دىگەن كۇنۇپكىنى باسمىز،بۇيەرنى بېسىپ بولسىڭزلا بولمايدۇ،يەنى U-盾نىڭ ئۆزىدىمۇ ئىككى قېتىم جەزىملەشتۈرسىز(مەسلەن:كومپۇيۇتۇردا جەزىملەشتۈرۈپ بولدىڭز،U-盾ئۈستىدىكى OKكۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم باسسىڭز كارتىڭزدىكى پۇل ،سىز يوللىغان پۇل سانى بويىچە قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىغا ئۈتىدۇ.)
ئەسكەرتىش:ئەگەر رەسىملىك دەرىس چۈشۈنۈشلۈك بولمىغان بولسا ئېغىر ئالماسلىقىڭزلارنى سورايمەن،چۈشۈنىشسىز بۇلۇپ قالغان يەرلىرنى يەنى سىز كۆرۈپ بىلەلمىگەن يەرلىرنى ئاستىغا ئېنكاس سۈپىتىدە يوللاڭ. مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچەڭ چۈشەندۈرمەن،باشقا مۇنبەرداشلارمۇ ماڭغا ياردەملىشىپ چۈشەندۈرۈشۈپ بېرىپتۇ،ئۇلارغىمۇ كۆپ تەشەككۈر !!! يۇقىرقى رەسىمدە بۇيىۋېتىلگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كارتامنىڭ ئىچىدىكى ماتىرياللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا بۇيىۋېتىلدى،دەرس بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
( مەنبە:ئۆزۈم تەييارلىغان )