مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6193|ئىنكاس: 77

پەدىشەپسىز  ئاشىق مەشۇقلارنى كۆرگەندە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 08:38:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەدىشەپسىز  ئاشىق مەشۇقلارنى كۆرگەندە

         
                                                  
     بەزى ئۇيغۇر  قىزلىرنىڭ ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇپ ،شەرمى ھاياسىنىڭ يوقاپ ئىمانىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا تولا ئىچىم قايناپ قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە , سىڭلىمدەك ئوماق گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرغا ئانچە -مۇنچە  سۆزلەپ تەربىيە قىلىپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم .

  ئوسمان ئىككەيلەن بۈگۈن ئاغىنىمىز ئابدۇخالىقنىڭ  تويى بولغاچقا   ئىشلار بولسا قارىشىپ بېرەرمىز دەپ رېستۇرانغا قاراپ يول ئالدۇق . رېستۇرانغا كەلسەك بىرەر ئۈستەل توشقىدەك  مېھمان يوق ،رېستۇران مۇلازىمەتچىلىردىن سورىساق قىز بىلەن يىگىت گىرىمدىن تېخى كەلمەپتۇ .سائەتكە قارىدىم سائەت كەچ سائەت يەتتە بولۇپ قاپتۇ تەكلىپنامىگە سائەت بەشتە چاقىرىپ قويۇپ ساھىپخان ئۆزىمۇ يوق تۇرسا مېھمانلاردىن رەنجىگىلى بولاتتىمۇ ؟
   ئۇلار كەلگىچە  بىردەم ئايلىنىپ  كېلەيلى دېيىشىپ ئۈزۈم بۇلاققا قاراپ يول ئالدۇق . ئۈزۈم بۇلاق كۆلىنىڭ كېچىلىك مەنزىرسى خېلى گۈزەل ئىدى رەڭمۇرەڭ چىراقلار كۆلدىكى رەڭمۇ رەڭ بېلىقلار ئادەمگە شادلىق تۇيغۇسى بېغىشلايتى . بىز شۇ گۈزەل مەنزىرلەرنى تاماشا قىلىپ كۆل بويىدا ئايلىنىپ يۈرەتتۇق  ،بىر قىز بىلەن بىر يىگىتنىڭ  قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈپ ئولتۇرغىنى دىققىتىمىزنى تارتتى . بىز بىردەم ئۇلارغا قاراپ قالدۇق ، ئۇلار بىزدىن ۋە باشقىلاردىن خىجىل بولمىغاچقا بىز  ئۇلاردىن خىجىل بولۇپ قالدۇقمىكىن باشقا يەرگە قارىۋالدۇق .   
- نىمە بولۇپ كەتتى بۇ ،- دېدىم ئوسمانغا قاراپ
-مەن تېخى باشقا مىللەتمىكىن دەپتىمەن ئىككىلىسى ئۇيغۇركەنغۇ ؟ ،- دېدى  ئوسمان ئۇلارغا يەنە بىر قارىۋىتىپ ،مەنمۇ قارىدىم  قىز ،ئاق يۈزلۈك  ،شەھلا كۆز ،  ئورۇق خېلى چىرايلىق قىز ئىدى قارىماققا ئەمدىلا 17- 18 ياشلارغا كىرگەندەك قىلاتتى  يىگىتمۇ رەتلىك ھەم ئېسىل كىيىنۋاپتۇ قارغاندا ئاتا -ئانىسى پۇلدار ئوخشايدۇ 20-21  ياشلارغا  كىرگەندەك كۆرىنەتتى .
ئاشىق -مەشۇق ئوخشايدۇ ،- دېدى ئوسمان كۆزۈمنى توسىۋىلىپ ،- قارىما يامان بولىدۇ ،-دېدى  چاقچاق قىلىپ ئۇ كۆزۈمنى قولىدىن تارتۋىلىشىغا مەن ئۇلار تەرەپكە ماڭدىم .
-نەگە ، نىمە قىلىسەن ،-دېگىنىچە ئوسمانمۇ كەينىمدىن كەلدى
-سورىما  ھازىر بىلىپ قالىسەن ،- ئۇلارغا يېقىنلا كېلىپ قالغۇچە ئۇلار سۆيۈشۈشتىن توختاپ قالمىدى .
- ئەسلامۇئەلەيكۇم ،-دېدىم يىگىتكە سالاملىشاي دەپ قولۇمنى ئۇزۇتۇپ   
- ۋەلەيكۇمسالام  ،-دېدى يىگىتمۇ قولىنى ئۇزۇتۇپ ،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام نىممۇ توغرا دېييەلمىدى قەستەن قىلۋاتامدۇ يە ، ئويلۇنۇپ قالدىم
- ئايالىڭىزمۇ ، سورۇدۇم قىزنى كۆرسىتىپ ،- يىگىت قىزغا قاراپ
-  ئۇلارنى تۇنۇمسەن  ،- دېدى سەل چىڭ ئاۋازدا  ، قىز  ئورنىدىن تۇرۇپ
- ياق تۇنۇمايمەن ،- بىزگە بىر قارىۋىتىپ ،- يۈرە باشقا ياققا بارايلى ،- دېدى يىگىتنىڭ قولىنى تارتىپ ئۇلار مېڭىشقا تەمشەلدى .  
- ھەي سىڭلىم ، ئاغىنەم،- دەپ سۆزۈمنى باشلىدىم ئۇلارغا قاراپ ،- قارىسام ئاشىق -مەشۇقتەك  قىلىسىزلەر مۇھەببەتلىشىش خاتا ئەمەس بىراق پەدىشەپ بىلەن  مۇھەببەتلىشىڭىزلەر،- دېدىم كەسكىن تەلەپپۇزدا ، قىز سەل ئوڭايسىزلاندىمۇ قىزىرىپ كەتتى يىگىتنىڭ پەيزىنى بۇزۋەتكىنىمگە ئاچچىغى كەلگەن چېغى
- نىمە كارىڭ بىز بىلەن  ،- دېدى مۇشتۇمۇنى تۈرۈپ
-ھەي ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇردەك يۈرۈش ،- مېنىڭمۇ ئاچچىغىم غۇژژىدە  كەلدى ،- كوچا كويدا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈپ يۈرۈپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  يۈزىنى تۆكۈشمە ،- دېدىم يۇقۇرى ئاۋازدا ئەتىراپتىكىلەر بىزگە قاراشتى ھەم بىر بىر لەپ يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى.
-ۋاي نىمە دېمەكچى سەن مېنى باشقۇرىمەن دېگىچە  ئىنىڭنى باشقۇرە جالاپ سىڭلىڭنى ........،-ئۇ ئاغزىنى بۇزۇپ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدىدە ماڭا بىر مۇش ئاتتى . بۇ مۇش مەن تۇيۇقسىز تۇرغان  چاغدا تەگكەچكىمۇ ياكى ئۇ يىگىت خېلى بەستلىك بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئولتۇرلۇپ قالدىم .
- نىمە دەۋاتسەن ۋوي پەس بولۇپ قالغان ،- ئوسمان ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ بىرنى ئۈستى .
- ئوسمان قولىڭنى تارت ،- ئورنۇمدىن تېزلىكتە تۇردۇم قارىسام يىگىتنىڭ بۇرنىدىن قان چىققىلى تۇرۇپتۇ ،- ھەقىقي ئوغۇل بالىلار ئۆزئارا مۇش ئېتىشمايدۇ ،- ئۇ ئوغۇل بالا بولمىسا يەنە بىرنى ئۇرسۇن ، ئاندىن مەنمۇ قاراپ ئولتۇرمايمەن ،-ېدىم ئوسماننى ئاجىرتۋىلىپ يىگىت جىم بولۇپ قالدى .
-سىڭلىم  ئاپىڭىز سىزنى قىز بالا دەپ تۇققاندۇ ھە ،- دەپ سۆز باشلىدى ئەتىراپتىكىلەردىن بىرى ،- مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ ئاپىڭىزنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزىڭىز بىلەن كىرىسىز ؟ ئاتىڭىنى قايسى يۈزىڭىز بىلەن ئاتا دەپ چاقىرسىز ؟ ،- قىز بۇلارنى ئاڭلاپ يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى .      
   يىگىت قىزنىڭ كەينىدىن  ،- گۈلچەھرە  ،-دېگىنىچە  تۇرۇپ قالدى .  
- ياخشى كۆرسەڭ كەينىدىن  بارغىن ھازىر ئۇ سېنىڭ مۇھەبىتىڭگە تەسەللىيىڭگە ھەقىقي ۋەدىلىرىڭگە مۇھتاج ، دېدىم يىگىتنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ ،- بىراق ئېسىڭدە بولسۇنكى پاك مۇھەببىتىڭگە ئەرزىمەس ھەۋەسلەر ، بىمەنە تېتىقسىز ، پەدىشەپسىز قىلىقلار ئارىلىشىپ قالمىسۇن . پەدىشەپ  بىلەن مۇھەببەتلەشكىن ،- دېدىم  ئۇ ئىشەنچ بىلەن قولۇمنى سىقىپ ،- بولىدۇ. دېدى-دە  قىزنىڭ كەينىدىن كەتتى .
      
  شۇنداق بىز بۇنىڭدىن  كېيىن مۇشۇنداق پەدىشەپسىزلەرنى كۆرگەندە ئۇلارغا تەربىيە قىلايلى ، ئۇلار بىزدىن خىجىل  بولمىسا بىز ئۇلاردىن خىجىل بولۇپ نىمە قىلىمىز. نەدە كۆرسەك شۇيەردە ئەدىبىنى بېرەيلى، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار ئەمەس گۈزەل ئەخلاقىمىز، گۈزەل ئۇيغۇر ئۆرۈپ- ئادىتى  مىراس قالسۇن !


ئاپتورى :  مىليونىر  

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
bityon2 + 5
boxuk + 100 ئەركەك
zumrettash + 100 مىللىتىمىزگە سىزدەك ئەركەكلەر كېرەك.
吾日古丽 + 50
tumaris427 + 20

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 275   باھا خاتىرىسى

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

yaxawargin totkun bolsimu

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38167
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5375
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئېيتىسىز ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار ئەمەس گۈزەل ئەخلاقىمىز، گۈزەل ئۇيغۇر ئۆرۈپ- ئادىتى  مىراس قالسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3570
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1733 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:17:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى قىلپسىز جۇمۇ، ئۇ ئىككىيلەنمۇ گەپ چۇشىندىغان ياشلاركەن ، ئەگەر سىلەر ؛ نىمە كارىمىز، نىمە قىلسا قىلا -دەپ قۇيۇپ كەتكەن بولساڭلار بۇنداق ھاياسىزلار تېخمۇ يوغىناپ ، بۇنداق ئىشلار تېخمۇ كۆپۇيۇپ كەتكەن بولاتتى، بىز ھەممىمىز مۇشۇنداق بەتقىقلارنى كۆرگەندە ئامال بار كۆرمىگەنگە سالماي چىرايىقل بىر-ئىككى ئېغىز تەربىيە قىلىپ قويساق ياخشى ، مىليونىېر ئەپەندىممغۇ ئەر كىشى بولغاچقا قورقماي تۇرۇپ گەپ قىلپتۇ ،خەق تىللاپ ، مۇش ئاتسا مەن قانداق قىلارمەن قىز بالا تۇرسام ھە ،

ئاللاھ، ئاپامغا ئۇزۇن ئۆمۇر ئاتا قىلغايسىز !!!

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4452
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلارمۇ شۇ قالتىس تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى، لىكىن بۇ مەھسۇلات ئۆلچەمسىز مەھسۇلات بولغانلىقى ئۈچۈن بىلگەنلەر ئىستىمال قىلمايدۇ، بىلمىگەنلەر ئىستىمال قىلىۋېرىدۇ، ئاقىۋەت زىياننى ئۆزى تارتىدۇ، دېمەكچى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىشىمىز بىزدىكى مەسئۇلىيەت، شۇنداق قىلالىساقلا ئۇلار كىيىنكى زىياننى تارتمايدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا قانداق قىلىپ چۈشەندۈرۈشمۇ مۇھىم مەسىلە. گەپكە كېلەيلى، مەسىلەن ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىۋاتقان يەرلىرىگە بېرىپ ‹‹ ئاچچىقىمىزدا ›› نىم دېيىشىمىزنى بىلمەي قالىمىز ۋە ياكى بەك قاتتىق گەپ قىلىپ قويىمىز، بۇ يەردە دېمەكچى ئۇسۇلغا دېققەت قىلىش كېرەك، قانداق قىلىپ ئۇلارنى ھەقىقى قايىل قىلىش، سىزنىڭ ئا يەردە قىلغان بىر ئېغىز گىپىڭىز ھالقىلىق رول ئوينىغان‹‹ ئۇغۇل بالا بولسا يەنە بىرنى ئۇرسۇن، ئاندىن مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن›› ئۇغۇل بالا بولسا دىگەن گەپ سەل ئويلاندۇرۇپ قويغان بۇلۇشى مۇمكىن، چۈنكى سىزمۇ ياخشى بولسۇن دەپ نەسىھەت قىلىۋاتىسىزدە! شۇڭا نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلىغا دېققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنداقلارنى توسايلى! يا سىز ئوڭايسىزلىنىسىز ، يا ئۇ ئوڭايسىزلىنىدۇ، شۇندىلا تۈزۈلۈش ئېھتىمالى بار! ئاللاھ ئوغۇل -قىزلىرىمىزغا ھەقىقى ئىمان پاك دىيانەت ئاتا قىلغاي!

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

ئۈزەڭگە رەھىمسى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41752
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3371
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر دۇنيادىكى ھەممە ئۇغۇللارمۇشۇنداق ئويلغان بولسا بىز ئۇيغۇرلا قانچە بەخىتلىك بولغان بۇلاتىتى ھە ! ئاللا  ھەممە بەندىسىگە ئىنساپ ئاتاقىلسۇن !!!

ھەر بىر قېتىم ئىشىكتىن سىرتقا چىققاندا ئىشىكنى يېپۋىتىشنى  ئۇنۇتماڭ،چۇنكى ئىشىك يېپىلدى ئەمدى ئۇ ئۆتمۈشكە ئايلانىدى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:33:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا خېلى يۈرىكىڭىز بار ئىكەن ، ئەگەر ئاۋۇ قىزمۇ يولسىز بولغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايتىدە.........

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64120
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4342
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق ئشلانى ئىماندىن باشقىسى توسالمايدۇ.

ئانارازى ،ئاللاھ رازى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:42:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورونلۇق پىكىر

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36537
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5179 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:46:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللاھ ھەممەيلەنگە ئىنساپ بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3570
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1733 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:48:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  miradil-212 كە 2011-12-17 11:36 PMئەۋەتىلدى  :
ئۇنداق ئشلانى ئىماندىن باشقىسى توسالمايدۇ.
ھەممە ئىشنى تۇسۇشنى ئىمانغىلا ئارتىپ تۇرۋالساق قانداق بولىدۇ ؟ ئەگەر شۇ چاغدا مىليوننېر : ھەي ، بۇ ياشلارغا  ئىمان تىلەيلى ، ئىمان تاپقاندا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ  _ دەپ قۇيۇپ ، كارى بولماي كېتىپ قالغان بولسا ئۇلار تېخمۇ چەكتىن ئاشقان بولاتتى ، شۇڭا دەيمەن ؛ ئۇنداق ئىشلارغا يۇلۇققاندا ئىمان ئىنساپمۇ تىلەيلى  ھەم قولدىن كېلىشچە نەسىھەت قىلىپ تۇسۇيلى،  سىز تۇسۇيسىز، مەن تۇسۇيمەن، ئۇ توسۇيدۇ ، شۇنداق بولىۋەرسە بۇنداق سەت ئىشلارنى قىلغۇچىلار ياكى بەك قىلغۇسى بارلارمۇ خۇدادىن، ئاندىن قالسا جەميەتىكى كىشلەرنىڭ تەنبىھىدن قورقۇپ بولىسمۇ قىلمايدىغان، تەپ تارتىدغان بولىدۇ ، ھەم بۇ ئىشلارمۇ  بارا-بارا ئازلايدۇ دەپ ئويلايمەن

ئاللاھ، ئاپامغا ئۇزۇن ئۆمۇر ئاتا قىلغايسىز !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش