مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1808|ئىنكاس: 36

ئادەمنىڭ تەقدىرى زادى كىمنىڭ قولىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيگەن يەرنىڭ  

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62805
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 433
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-10-30
ئاخىرقى: 2012-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 06:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ تەقدىرى زادى كىمنىڭ قولىدا؟

   ئادەم بۇدۇنياغا تۇغۇلغان ئىكەن چوقۇم خىلمۇ - خىل قىسمەتلەرئۈستىدە ياشايدىغانلىقى ھەممىزگە بەش قولدەك ئايان ۋە ئېنىق. ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ھەقتائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇدۇنياغا ئاپىرىدە بولىدىغانلىقىمۇ قىل سىغماس ھەقىقەت، بىراق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تىرىشچانلىقىغا چۈشلۇق راھىتىنى كۆرەلمەيدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تارتقان جاپاسىدىنمۇ نەچچچە ھەسسە مەنپەئەت ئېلىپ راھەت پاراغەتتە ياشايدۇ، ھەققى جاپانى چەككەن، ۋاپا ئوتىدا كۆيگەن ئاشىقلار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇيۇ بىراق  ھەقىقى  مۇھەببەت ۋىجدانسىز، ۋاپاسىزلارغا تەئەللۇق بولۇپ قالىدۇ.
    مەن نۇرغۇن كىشىلەردىن ۋە دانىشمەنلەردىن بۇ توغۇرلۇق سۇئال سورىدىم ، بىراق قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم. چۈنكى بىرى دەيدۇ: ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى ، تەقدىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ قولىدا دەپ،   يەنە بىرى دەيدۇ تەقدىر ياراتقۇچىنىڭ قولىدا، پىشانەڭگە پۈتۈلگەندىن ھەرقانچە تىرىشسساڭمۇ قۇتۇلالمايسەن دەپ، مەن ئالدىنقىسىنى دېسەم ھەتتا مېنى خۇداغا ئىشەنمەيدىكەنسەن  دەپ ئاھانەت قىلىپ كەتتى.
   شيڭا مىسرانىم تورىدىكى دوستلاردىن بۇ ھەقتە سوراپ، ياخشىراق جاۋاپقا ئېرىشكۈم كەلدى. شۇڭا بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىڭلاردىن ئورتاقلاشسام دەيمەن.
  
دەپ ،ھۆرمەت بىلەن :شېرىن ئەسلىمە.

  مەنبە: ئۆزۈم.

بىلمىدىم مەن سۆيگەن سۆيگۈ دېگەننى، كىملەرنىڭ بەختىدىن بەرگەنسەن كېسىپ. شۇقەدەر كۆيۈشكە بۇيرىغان تەڭرىم، نە ئۈچۈن ۋىسالنى قىلمىدىڭ نىسىپ....

ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت

ئالىي ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24294
تۆھپە نۇمۇرى: 5509
توردا: 10617 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:05:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارتىشنى مەن ياراتتىم يارالمىشىڭ ئۆزۇڭدىن ...
شۇڭا ئادەم ئۆزنى بىلىشى ۋە ئۆزنى باشقۇرۇپ يامان ئىشلاردىن تېزگىنلىشى كېرەك

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63662
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 367
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2011-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەقدىر بىلەن ھۆرلۈك ئارسىدىكى ئىنسان

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ



ئىنسان كائىناتتىكى ئورنىغا نەزەر سالساق، پەقەت فىزىئولوگىيلىك ئۆسۈش خۇسۇسىيتى بولغان ئۆسۈملۈكلەردىن ھېس ۋە ھەركەتكە ئىگە ھايۋانلاردىن يۈكسەك ئەقىل-ئىدىراك ، مۇرەككەپ تەپەككۇر بىلەن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرغان ئالى ئورنىمىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر ئېيتىمىز. ئەھلى سۈننەت ۋەجامائە اللاھ تائاللا پۈتكەن قەزا ۋە قەدەر بىلەن ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى ئارسىدىكى ئەقىل - ئىدىراكلىق ئىنساننىڭ ھاياتىنى بىر - بىرىگە مۇناسىپ مۇنداق ئىككى دائىرە بۇيىچە چۈشەنگەچكە ، چوڭقۇر ئىمان ۋە ساغلام ئەقىدە بىلەن كېيىنكىلەرگە ئۆرنەك بولغۇدەك توغىرا مەسلەكنى بەرپا قىلالىغان . بۇ ئۇلارنى قەزا ۋە قەدەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن ئىستېلاھ مەنىسى، شەرىئەتنىڭ ئەسلى روھى بۇيىچە چۈشەنگەن ۋە ئىزاھلىغاننىڭ نەتىجىسىدۇر.   
بىرىنجى دائىرە: ئاللاھنىڭ ئىرادە خاھىشى بىلەن پۈتكەن قەزا ۋە قەدەر بۇيچە يۈ بېرىدىغان ، ئىنساننىڭ ھېچقانداق ئىرادە ۋە ئىختىيارى تاللىشى بولمىغان ئىشلاردۇر. بۇ دائىرىدە ئىنساندا ھېچقانداق شەخسىي ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا پۈتكەن تەقدىر ، بېكىتكەن قانۇنىيەتلەرگە تۇلۇق بويسۇنغۇچى ئورۇندا بۇلىدۇ. بۇ ھەممىنى يوقتىن بار قىلغان، ئۆز ئىرادە قۇدىرىتى بىلەن ئاسمان -زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارسىدىكى شەيئىلەرنى ياراتقۇچى ۋە ئۇلارغا مۇناسىپ ئۆلچەم ، قانۇنىيەتلەرنى بېكىتكۈچى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدىرەت ئەزىمىتى ۋە ئۇلۇغ ھېكمىتىدۇر.   
ئىنسان ھاياتقا ئۆز ئېرادىسى، ئىختىيارىسىز كەلگىنىدەك، بۇ دۇنيادىن ئۆز خاھىشىسىز كىتىدۇ. ئىنساننىڭ قاچان ، قايسى يۇرتتا دۇنياغا كېلىشى، ئەر ياكى ئايال ، ئېگىز ياكى پاكار ، ئاق ياكى قارا، سەت ياكى چىرايلىق بولۇشى، قانداق مىجەز-خاراكتىرى بىلەن تۇغۇلۇشى، قاچان ، قانداق سەۋەپلەر بىلەن ئۆلۈشى، ھاياتتىكى رىزقى قاتارلىقلار پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكەن قەزا ۋە قەدەر بويىچە بولۇپ، بۇ جەھەتلەردە ئىنساندا ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكى بولمايدۇ. قورسىقى ئاچسا يېيىش، ئۇسسىسا ئىچىش، ئۈگدەك باسسا ئۇخلاش، چارچىسا ئارام ئېلىشتەك فىزفئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكلەر ، مېھر-مۇھەببەتكە تەشنا بۇلۇش، مال - دۇنياغا ھېرىسمەنلىك ، قانماس-تۈگىمەس ئارزۇ - ھەۋەسلەر ئاللاھ تائالا ئادەمنى ياراتقاندا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا يۇغۇرلۇپ كەتكەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىرادە ۋە تاللىشىدىن خالى خۇسۇسىيەتلەردۇر. لېكىن، شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىھتىياجلارنى قاندۇرۇشتا قانداق ۋاستىنى - ھالال ياكى ھارامنى تاللىشى ئۆز ئىلىكىدىدۇر. بىرەر ئادەمنىڭ ئېگىز يەردىن چۈشۈپ كېتىپ باشقا بىرەرسى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى، ئوۋ ئوۋلىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئاتقان ئوقۇنىڭ خاتا كىتىپ بىرەرىگە تىگىپ ئۇنى ياردار قىلىشى ياكى ئۆلتۈرۈپ قويىشىدەك تاسادىپىلىقلار ئەلۋەتتە ئىنساننىڭ ھېچقانداق ئىرادە ۋە تاللاش ئىختىيارى بولمىغان، ئاللاھ تەرپىدىن پۈتۈلگەن قازادۇر. ئىنساننىڭ قەزا ۋە قەدەرگە چەكسىز ئىمان ئېيتىشى ، ئۇنىڭغا رازى بۇلىشى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ خاھىشى، ھېكىمىتى ۋە ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە بۇلىدىغانلىقىغا چىن پۈتۈشى ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. مانا مۇشۇ  مەنىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەتتە نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كەلگەن « .اللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆز خاھىشى بۇيىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى»(سۈرە فۇرقان 2- ئايەت)«بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق(يەنى ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بىكىتتۇق) ، سىلەرنى باشقا بىر  قەۋىمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز» (سۈرە ۋاقىئە 60- 61- ئايەتلەر)   ، «لېكىن ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشىرىكلارنى خار قىلىشنى ) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدردە مۇشىرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى) » (سۈرە ئەنفال 42- ئايەت)   
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ :«ئاللاھ تائالا بەندىسىگە بىر يەردە ئۆلۈشنى پۈتكەن بولسا، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن شۇ يەرگە بېرىشقا ئىھتىياج تۇغدۇرىدۇ ».
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىرىنجى دائىرىدىكى بۇ ئىشلار ئۈچۈن بەندىدىن ھىساب ئالمايدۇ. چۈنكى ، بۇ ئىشلانىڭ ھەممىسى بىر ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە، ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولۇپ ، ئىنسان ئۇ ئىشلارنى بىلىشكە ، تاللىۋېلىشقا ، ئەگەر ياخشىلىق بولسا قولغا كەلتۈرۈش ،يامانلىق بولسا ئۇنى دەفئى قىلىشقا قادىر ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسىبەت يەتكەن ئادەم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« ھەرگىز ئەگەر ھېلىقىدەك قىلغان بولسام ، ئۇنداق ئىش يۈز بەرمەيتتى ئەمەسمۇ دېمىگىن، بەلكى ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق بۇلۇشنى پۈتۈپتىكەن، تەقدىر قىلغان ئىش بولدى دېگىن، ئەگەر دېگەن سۆز كىشىنى شەيتاننىڭ يولىغا باشلايدۇ».
    مانا بۇ بىرىنجى دائىرە ھەققىدىكى ساغلام ئەقىدە قەدەرىيلەرنىڭ تەقدىرنى نەرزەردىن ساقىت قىلىدىغان، ئىنساننىڭ ئىختىيارىنى تېگشلىك بولمىغان دەرىجىدە كۆپتۈرۋېتىدىغان  خاتا كۆز قارىشىغا رەددىيە بېرىدۇ. ئىمام جەئغەر سادىق قەدەرىيە فىرقىسىدىن بولغان بىر كىشىگە:« سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ باققىن»دېدى. ئۇ كىشى ئوقۇپ ئاللاھ تائالانىڭ:«رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دېگەن ئايىتىگە كەلگەندە، ئىمان جەئفەر ئۇنىڭغا:« سېنىڭچە بەندىنىڭ ئەمەللىرى ئۆزى تەرپىدىن بۇلىدىغان ، تەقدىرگە ، ئورۇنلاشتۇشقا ۋە مەرھەمەتلەرگە ئائىت نەرسىلەرنڭ ھەممىسى مەيدانغا كەلگەن ۋە تاماملانغان تۇرسا، يەنە نېمىگە ئاللاھتىن ياردەم تىلەيسەن؟» دېگەندى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇكىشى قەدەرىيلەرنڭ كۆز قارىشىدىن بۇرۇلۇپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ھەق يولغا قايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى ھەر بىر بەرندىگە پەرىز قىلىنغان قەزا ۋە قەدەرگە ئىمان ئېيتىش ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇشنىڭ ئېسىل ئۆرنىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ:«ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىسىگە پۈتكەن تەقدىرىدىن ھەيرانمەن، ئەگەر ئۇ بەندىگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، پەرۋەرىدىگارىغا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ ۋە شۈكۈر قىلىدۇ، ئەگەر بىرەر مۇسىبەت يەتسە پەرۋەردىگارىغا ھەمدۇ سانا ئېيتىدۇ ۋە سەۋىر قىلىدۇ، مۆمىن بەندە ھەممە ئىشلىرىدا مۇشۇنداق ئەجىرگە ئېرىشكۈچىدۇر».   
    ئىككىنجى دائىرە: ئىنساننىڭ ئىرادە ، ئەركىنلىك ۋە ئىختىيارلىقىدىكى ئەمەللەر بولۇپ، ئىنسان ئۆز خاھىشى يۇيىچە ئاللاھ بۇيرىغان ھىدايەت ياكى ئاگاھلاندۇرغان گۇمىراھلىق يولىنى تاللىۋالىدۇ. قاراڭغۇ كېچىدە قارا تاش ئۈستىدىكى قارا چۈمۈلىنىڭ ھەركىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمى ، ھېكىمىتى شۇكى، ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە خاھىشى بىلەن قايسى يولنى تاللىشى، ئۇنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن ياكى گۇمىراھلىقتا قالغۇچىلاردىن بولۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمى ئەزەلىدە مەلۇملۇق، لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇشۇ مەزمۇندا سۈرە ئەنئامدە مۇنداق دەيدۇ:« غەيپىنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى ، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن)تۆكۈلگەن ياپىراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن ، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىلىقتۇر» (6- ئايەت) «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلانغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ » (سۈرە بەقەرە 255- ئايەت)  
ئىنساننى ئەقىل_ ئىدىراك ۋە تەپەككۇر بىلەن ھەممىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادە، ئىختىيارى بىلەن قىلغان بارىلىق ئەمەللىرىگە ، سۆزلىرىگە مەسئۇل بۇلىشىنى ۋە شۇنىڭغا لايىق مۇكاپاتلىنىدىغان ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن . ئاللاھ تائالا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى نازىل قىلىپ، ھەق يولنى بايان قىلىپ، ئىنسانغا تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرگەن ۋە ئىلمى ئەزەلىيسى بىلەن ئىنساننىڭ قايسى يولنى تاللىشى ، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بۇلىشىنى ئالدىنئالال بىلىپ، ئىنسانغا تەقدىر قىلىپ پۈتۈپ قويغان. ئىمام ئۆمەر نەسەفىنىڭ كىتابىدا بۇ نوقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:« بەندىلەرنىڭ ئىختىيارى ئەمەللىرى بولۇپ، ئەگەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بولسا ساۋاپ تاپىدۇ، ئاسىيلىق قىلىش بولسا جازالىنىدۇ. جەبەرىيلەرنىڭ :‹ بەندىدە ھېچقانداق قۇدىرەت، ئىختىيار، مەقسەت يوق، بەندىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھېچقانداق قۇدىرەت قىممىتى يوق بولۇپ، جانسىز شەيئىدىن پەرىقلەرنمەيدۇ› دېيىشى دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى ئىنساننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى بىلەن تىتىرەش ھەركىتىنىڭ پەرقى ئېنىق، ئالدىنقىسى ئىنساننىڭ ئىختىيارى بىلەن مەقسەتلىك قىلىنغان بولسا، تىتىرەش ئىنساننىڭ ئىختىيارىسىز يۈز بىرىدۇ. ئەگەر بەندىدە ئىختىيار ۋە تاللاش ئەركىنلىكى يوق دېيىلسە، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە يۈكلىگەن بۇيرىغانلىرىنى قىلىش، چەكلىگەنلىرىدىن ساقلىنىشتەك تەكلىپنىڭ ۋە شۇ ئاساستا بېرىلىدىغان ساۋاب ۋە جازانىڭ ھېچقانداق مەنىسى ۋە ھېكىمىتى بولمايدۇ». بۇنداق بولىشى ئاللاھ تائالانىڭ:«ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش ) دەپ ئويلامدۇ؟ » ( سۈرە قىيامەت 36- ئايەت ) دېگەن ئايىتىدە ئېيتىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئادەمنى يارتىشتىكى ھېكىمىتى ۋە مەقسىتىگە نىسبەتەن مۈمكىن ئەمەستۇر.
«قۇرئان كەرىم» دە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىككىنچى دائىرىنى تەكىتلەپ نۇرغۇن ئايەتلەر كەلگەن.  
    « يەر يۈزىدىكى بارىلىق ھادىلسەر ۋەئۆزۈڭلار ئۇچىرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش) ، شۈبىھسىزكى ئاللاھقا ئاساندۇر » (سۈرە ھەدىد 22- ئايەت )؛ «بىلەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان - زىمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزغا (يېزىلغان )، بۇ (يەنى بىلىش)ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاساندۇر »(سۈرە ھەج 70- ئايەت) ؛« ئۇلارغا ئېيتقىنكى، (خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋەمۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ)(سۈرە تەۋبە 105- ئايەت)«ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى بالا)  ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ»(سۈرە نەجىم 32- ئايەت؛ «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى ، ئى ئىنسانلار!سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمىكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمىكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بۇلىدۇ، مەن سىلەر ئۈچۈن ھامىي ئەمەسمەن»(سۈرە يۇنۇس108- ئايەت) ؛ «بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش)قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاپ (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى-يامان ئەمەللىرى خاتىرلەنگەن نامۇئەمەل) بار، ئۇلارغا ساۋاپنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ» (سۈرە مۆمىنۇن 62- ئايەت)؛ «(ئۇنىڭغا) ( خارلىق بىلەن ئازاب ) سېنىڭ قىلمىشىلىرىڭ(يەنى كۇفرىڭ ۋە گۇمىراھلىقىڭ) يۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر، (دېيىلىدۇ)»( سۈرە ھەج 10- ئايەت)   
      ئىنساننىڭ ھەق يولنى پەرىق ئېتىشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، گۇناھتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئەقىل پاراسەت ، كۈچ قۇۋۋەت  ۋە ئىختىيار ئاتا قىلغان. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا ، بەندىنىڭ  ئىش- ھەركەتلىرىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر. بەندە بولسا قىلغۇچى ياكى كەسىپ قىلغۇچى، يەنى قولغا كەلتۇرگۈچىدۇر. چۈنكى، ئاللاھنىڭ يارتىشسىىز ۋە مۇۋەپپەق قىلىشىسىز يالغۇز قول سېلىپ ئىشلەش بىلەن بەندىنىڭ ئىش-ئەمەللىرى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. بۇ مەزمۇندا ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۆزىنىڭ مەشھۇر كىتابى«فقە الاكبر» (بۈيۈك فىقھى)دا مۇنداق دەيدۇ:« بەندىلەرنىڭ سادىر قىلغان ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارى رەۋىشتە قىلغان ئىشىدۇر. ئاللاھ تائالا بولسا شۇ ئىش ئەمەللەرنى ياراتقۇچىدۇر. ئىش- ھەركەتلەر ئالاھنىڭ ئىلمى ، خاھىشى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئىمان ۋە ئىتائەت قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ئىلمى ، خاھىشى ، ئەمرى، ياقتۇرىشى، رازىلىقى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئەمما ، كۇفرى ۋە ئاسىيلىق قىلىش بولسا ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ياقتۇرىشى بىلەن بولمايدۇ، ئۇ پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە تەقدىرى دائىرىسىدىدۇر. چۈنكى ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ كۇفرلىق قىلىشىغا ھەرگىز رازى بولمايدۇ». ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇكى ، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېگەن: « سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا يارىلىپ 40 كۈنگىچە ئابى مەنە ھالىتىدە تۇرىسىلەر، ئاندىن كىيىن پارچە گۆش ھالىتىگە كىرىسىلەر، ئاندىن كىيىن ئاللاھ تائالا پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، روھنى پۈۋلەيدۇ ۋە بەندىنىڭ رىزقى ، ئەجىلى، ئىش-ئەمەلى ۋە بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز شەقى ئىكەنلىكىدەك تۆت نەرسىنى يېزىشقا بۇيريدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان بىر ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، بىر ئادەم جەننەت ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمەلىنى قىلىپ ، جەننەت بىلەن ئارلىقى بىر گەز قالغاندا پۈتۈلگەن تەقدىر بۇيچە دوزىخى بۇلۇپ قالىدۇ، يەنە بىر ئادەم دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىش ئەمەلىنى قىلىپ، دوزاخ بىلەن ئارلىقى بىر گەز قالغاندا، پۈتۈلگەن تەقدىر بۇيىچە جەننىتى بەندە بۇلۇپ كېتىدۇ». بۇ ھىدى ئۆلىمالار بىردەك ئېتىراپ قىلغان ، دەرىجە جەھەتتىن ئەڭ توغرا سەھىھ ھەدىسىتۇر، بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالنىڭ ئىلمىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلى ، ئىنساننىڭ يارىتىلغان چېغىدىلا ئۆز ئىرادىسى ۋە خاھىشى بىلەن ھىدايەت ياكى زالالەت يولىنى تاللىشى ئاللاھ تائالاغا ئالدىنئالا مەلۇملىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. يەنى ، ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنىڭ ئىش - ئەمەللىرىنى قىلىغان ئىنساننىڭ ئاخىردا دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ، ئاقىۋەتتە دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى ، ئۇ ئىشلار يۈ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىلمى ئەزەلىسى بىلەن ئالدىنئالا بىلىپ، شۇنى تەقدىر قىلىپ ئىنسانغا پۈتۈپ قويىدۇ. ھەرگىزمۇ بەزى كىشىلەر چۈشۈنىۋالغاندەك: «تەقدىرى پۈتۈلۈپ بولسان بۇ ئىنسان مەيلى ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن ، بەرىبىر پۈتۈلگەن تەقدىر بۇيىچە دوزاخقا كىرىشكە مەجبۇر» دىگەن خاتا مەنىنى ئەمەس، بەلكى مەيلى قانچە چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ھەممىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلمى ئەزەلىسىدە يېزىقلىق ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ گويا رېئاللىقنىڭ قېلىپىدەك دەلمۇدەل چۈشۈدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ. Qxq-Mpx{  
ئاللاھ تائالنىڭ سۈرە «يۈنۇس» تىكى مۇنۇ سۆزىنىڭ بۇ مەزمۇننى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز:«سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىكى قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان-زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگەندۇر»(61- ئايەت)   
ئەمما ، يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىككىنجى دائىرىنى ئىنكار قىلغۇچى جەبەرىيلەر، بەزى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆز كۆزقاراشلىرىغا مۇناسىپ كېلىدىغان مەنىلەرنى بىرىپ شەرىھلىگەنىدى. ھەقىقەت دېگەن ئۇنى سۆزلەش بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قارشىسىدىكىلەرگە رەددىيە بېرىش بىلەن تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ. تۆۋەندە ئاشۇ بىر قىسىم ئايەتلەرنى ، قۇرئان ، ھەدس ۋە شەرىئەتنىڭ ئەسلىق مەقسىتى، روھى بۇيىچە شەرىھلىگەن ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ نۇپۇزلۇق تەفسىر كىتابلىرىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ باقايلى.   
ئاللاھ تائالا سۈرە ئەھزابتا مۇنداق دەيدۇ« ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر»(38- ئايەت) بەزىلەر بۇ ئايەتنىڭ ئىنساننىڭ ئىرادە ۋە ئىختىيارغا ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسەتكەنىدى، ئىمام تەبەرى بۇ خىل قاراشقا رەددىيە بېرىپ، ئۆز تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەت ئىبنى زەيد ھەققىدە نازىل قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىلملى ئەزەلىسى ۋە ئۇلۇغ ھېكىمىتى بىلەن مەخلۇقاتلارنى يارتىشتىن ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ، خاھىشى ، تاللىشى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلگۈچىدۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا سىر بولغان ئىلمى غەيىپتۇر. ئاللاھ تائالا مەجبۇرلاش بىلەن ئەمەس ، ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادە خاھىشى بىلەن قايسى يولنى تاللىشىنى ئالدىنئالا بىلگۈچىدۇر. بەندىلەرنىڭ رىزقىنى ، ئەجىلىنى پۈتكەندە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، ھىدايەت تېپىشى ياكى زالالەتتە قېلىشىنى ئىلمى ئەزەلىسى بىلەن بىلىپ لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتكۈچىدۇر. ئىنساننىڭ ئەمەللىرىدە مەجبۇرلىنىش ئەمەس ، ئۆز ئىختىيارى خاھىش ئەكىس ئەتكەچكە ، ئاللاھنىڭ ئىتائەت قىلغۇچىغا جەننەت بىلەن مۇكاپات ، ئاسىيلىق قىلغۇچىغا دوزاخ بىلەن جازا بەرگەنلىكى ئادالەتلىكتۇر». ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «فقە الا كبر»كىيابىدىكى مۇنۇ سۆزلىرى يۇقىرىقى نوقتىى تەكىتلەيدۇ:«ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇۋۋەتنى گۇناھ يوللىرىغا ئىشلەتكەن بەندە شۇ كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئاللاھتا ئىتائەت قىلىشقا ئىشلىتىشكىمۇ قادىردۇر. بەندە ئاللاھ ئاتا قىلغان ۋە تائات - ئىبادەتكە سەرىپ قىلىشقا ئەمىر قىلغان كۈچ-قۇۋۋىتىنى گۇناھ، ئاسىيلىق قىلىشقا ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغۇچىدۇر».   
ئاللاھ تائالا سۈرە تەكۋىردە مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ(يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا)راۋرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان ) نەسىھەتتۇر، پەقەت ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر، (يەنى ئاللاھ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق) ».(27- 28- 29- ئايەتلەر). جەبەرىيلەرنىڭ بۇ ئايەتنى ئىنساننىڭ ئىختىيار، خاھىشىقا ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلى قىلىپ چۈشەندۇرگەندى. ئەمما ، بۇ ئايەتنى ئوبدانراق ئوقۇپ باقساقلا: «سىلەردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر» ئايىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا خالاش ئىختىيارىنى مۇقۇملارشتۇرغانلىقى ۋە كەينىدىنلا بۇ ئىختىيارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىس ۋە خاھىشى دائرسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى بىلگۈچى ۋە تەقدىر قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىمىز. جامىئۇل ئەزھەرنىڭ سابىق شەيىخى ئىمام مەراغى«تەفسىرى مەراغى»دا بۇ ئايەتنى تەفسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« يەنى قۇرئان ھەق يولنى تېپىشنى خالىغان ئادەمنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشى ئۈچۈن زىكىرىدۇر، پەندى نەسىھەتتۇر، ئەمما ، ھەقتىن يۈز ئۆزىگەن، گۇمراھلىقنى تاللىغان ئادەمگە قۇرئان تەسىر كۆرسەتمايدۇ، ئاللاھ تائالا مەجبۇرىيەتلەرگە تەكلىپ قىلغان ئىنسانغا ئۇنىڭ ھەق يولنى تېپىشى ئۈچۈن ئىختىيار قىلىش ۋە تاللاش ئەركىنىلىكىنى بەرگەن. شۇڭا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى سىلەرنىڭ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشىڭلار پەقەت ئاللاھ تائالا ۋۇجۇدۇڭلارغا كۈچ-قۇۋۋەتنى ئاتا قىلمىسا ، سىلەرگە تاللاش ئىختىيارى نەدىن كەلسۇن».  
      شۇڭا ئاللاھ تائالا سۈرە «كەھف»تە ئىنسانغا خالاش ئىختىيارى ئاتا قىلغانلىقى ھەققىدە بايان قىلىپ مۇنداق ديدۇ:«(ئى مۇھەممەد!) (بۇ)ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن ، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن، دېگىن»(29- ئايەت)؛«ئى مۇسۇلمانلار! (بەدىردە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن ) ئۆلتۇرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى( سىلەرگە ياردەم بېتىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى، ( ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشىرىكلارغا ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ بەلكى ئەمەلدە ئۇنى مۇشىرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە )ئاللاھ ئاتتى»(سۈرە ئەنفال 17- ئاتەت). ئەھلى سۈننە تەفسىرشۇناسلىرىدىن بولغان ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ تەفسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: مۇجاھىد بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى سۆزلەپ: «مۆمىنلەر بەدىر غازىتىدىن يانغاندا مەن پالانىنى ئۆلتۇردۈم ، مەن پۇستانىنى ئۆلتۇردۇم دەپ كۆز - كۆز قىلىشقاندا بۇ ئايەت نازىل قىلىنغان. بۇنىڭ مەنسى : سىلەر ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن مۇشىرىكلارنى ئۆلتۇرمىدىڭلار، بەلكى ئاللاھ سىلەرگە كۈچ- قۇۋۋەت ۋە غەلبە سەۋەبىلىرىنى بېرىش بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈردى». ئىمام شەۋكانى ئۆز تەفسىرىدە بۇ ئايەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«يەنى ئاللاھنىڭ سىلەرگە كۆرۈنمەس پەرىشتىلەرنى ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە دۈشمەن قەلبىگە قورقۇنىچ ، ۋەھىمە سالغانلىقىنى بىلىڭلار، ئۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلارشتۇرۇپ بەرگەن غەلبە سەۋەبلىرى بىلەن ئۆلتۈردىڭلار». بۇ ئايەت قەدەرىيلەرنىڭ بەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىنى ياراتقۇچىدۇر، دېگەن كۆز قارىشىغا رەددىيە بىرىدۇ. ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا مۇشىرىكلارنى ئۆلتۈرۈش سەۋەبلىرىنى ھازىرلارپ بېرىش بىلەن ئۇلارغا غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ بولسا ئىنساننىڭ بارىلىق ئىختىيارىي ئەمەللىرىنىڭ مەلۇم مەقسەتكە يېتىشتە ئاللاھنىڭ قۇدىرىتىسىز، ئۇلارغا شۇ ئىشنىڭ سەۋەبىلىنى بويسۇندۇرۇپ بىرىشىسىز ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىق ئومۇمىي قانۇنىيتىدۇر. ئىنسان ئۇرۇق سېلىپ يەر تېرىيدۇ، لېكىن يامغۇر يېغىش بىلەن يەرنىڭ سۇغىرىلىشى زىرائەتنىڭ ئۆسىشى ۋە ھوسۇل بېرىشى بىر ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدۇ.  
      تەقدىر مەسىلىسىنى يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىككى دائىرە بۇيىچە چۈشىنىش بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقدىر ئەقىدىسى بايان قىلىنغان ھەدىسلىرىنى يۈزەكى ھالدا ئەمەس ، ھەدىسنىڭ ئەسلىي ئېيتماقچى بولغان مەقسىتى بىلەن توغىرا چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئىمام مۇسلىم «سەھھۇل مۇسلىم»دا زىۋايەت قىلىدۇكى، مۇزەينەدىن ئىككى ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كىلىپ:« ئى رەسۇلۇللاھ! كىشلىەرنىڭ تىرشىپ-تىرمىشىپ جاپا تارتىپ قىلىۋاتقان ئىش ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم قىلىنىپ پۈتۈلۇپ بولغان ئىشلار ئۈچۈن چېپىپ يۈرىشەمدۇ ياكى كەلگۇسىدە يۈر بەرمەكچى بولغان  ئىشلار ئۈچۈنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« بەلكى ئالىبۇرۇن ھۆكۈم قىلىغىپ ، پۈتۈلۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈندۇر» ، دېدى. ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان مۇنۇ ئايەت بۇنىڭ دەلىلىدۇر:«روھ بىلەن ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنى پاك قىلغان ئادەم چۇقۇم مۇراىدىغا يىتىدۇ»( سۈرە شەمىس 7-  9- ئايەتلەر). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز جاۋابىدا سۇئال سورىغۇچىلارغا مۇنداق ئىككى نوقتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن: بىرىنچى نوقتىدا ، كىشىلەرنىڭ بۈگۈن قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئالدىنئالا مەلۇملۇق ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالا ھەربىر ئىنساننى ياراتقاندا ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئەمەللەرنى قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ئىختىيارى خاھىشى بىلەن تاللىغان يولدا مېڭىپ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىنى بىلىدىغان ئۇلۇغ ھېكىمەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلغا ئالغان ئايەتتە بولسا ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق ۋە ئىتائەت يولىنى كۆرسىتىپ ، شۇنىڭغا مېڭىشقا بۇيرىغانلىقىنى ، يامانلىق، گۇمىراھلىق يولىنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن چەكلىگەنلىكى، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارنىڭ ھەر بىر ئىنساننىڭ قايسى يولنى ياللىشىنى شۇ ئىش يۈز بىرىشتىن ئىلگىرىلا ئىلمىي ئەزەلىسى بىلەن بىلىپ پۈتۈپ قويىدىغان ئادىل ھۆكىمى بىلەن تەقۋادارلىق يولىدا ماڭغۇچىنى تاللىغۇچىنى جازالايدىغان تەقدىرىنى ئىخچام ئىبارىلەر بىلەن مەزمۇنلۇق بايان قىلغان. كىمنىڭ تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆزىنى پاكلايدىغانلىقى ئاللاھقا مەلۇملۇق بولغاچقا ، ئۇنىڭغا نىجات تاپقۇچىلاردىن بولىدىغانلىقى پۈتۈلگەن ، كىمنىڭ گۇناھ ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزىنى بۇلغايدىغانلىقى ئاللاھقا مەلۇملۇق بولغاچقا ، ئۇنىڭغا زىيان تارتقۇچىلاردىن بۇلىدىغانلىقى پۈتۈلگەن. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۆز سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە:«سىلەرنىڭ ئاخىرەتتە جەننەتتە ياكى دوزاختا بۇلۇشۇڭلار نامە-ئەمەل كىتابڭلارغا يېزىلىپ بولغاندۇر». دېدى. ساھابىلەر:« ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنداق بولسا يېزىلغان نامە - ئەمەللىرىمىزگە ئاساسلىنىپ، ئىشلىمەي يۈرىۋەرسەك بولمامدۇ؟»دىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ياق ئىشلەڭلار، ھەر بىر بەندىگە تەقدىر قىلىپ پۈتۈلگەن يولى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. كىمىكى سائادەتمەن جەننەت ئەھلىدىن بولىدىكەن ، ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ، كىمىكى بەخىتسىز شەقى بولىدىكەن ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىش - ئەمەللىرىنى قىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ»، دېدى. ئاندىن كېيىن « (پۇل- مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىيدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز، بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېساپلىغان، كەلىمە تەۋھىيدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك ، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز» (سۈرە ‹‹لەيل›› 5-  10-  ئايەتلەر) ئايىتىنى ئوقۇدى. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى بەندىلەرنىڭ سائادەتمەن ياكى بەخىتسىز بۇلىشى پۈتۈلۈپ كەتكەن بولسا، .ئىش - ئەمەلنىڭ نىمە ھاجىتى، ھېچ ئىش قىلمىساقمۇ ھەر بىرىمىز ئۆز پىشانىمىزگە پۈتۈلگىنىنى كۆرمەيمىزمۇ ؟ دەپ خاتا چۈشەنگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىنساننىڭ ئىبادەت قىلىش، ئىشلەش، ئىجتىھات قىلىش ئۈچۈن يارىلغانلىقى ، كىمىكى جەننەت ئەھلىدىن بولۇش ئۈچۈن ئىجتىھات قىلىپ ئىشلىسە، ئاللاھنىڭ ئۇ يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، ئاللاھنى ، قىيامەت كۇنىنى ئۇنتۇغان كىشنىڭ ئۆز ئىختىيارى خاھىشى بىلەن ھېچقانداق مەجبۇرلارنمىغان ھالدا ئاسىيلىق يولنى تاللايدىغانلىقىنى ، ئالدىنقى كىشىنىڭ تائەت-ئىبادەت يولىنى تاللايدىغانلى ئاللاھقا مەلۇملۇق بولۇپ، ئۇ كىشىگە بۇ يولنى  ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىدىغانلىقى، ئىككىنجى كىشىنىڭ ئاسىيلىق قىلىش يوللىنى تاللىشى ئاللاھقا مەلۇملۇق بۇلۇپ، بۇمۇ ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بىرىلىدىغالىقىنى بايان قىلغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى ئايىتىنى بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.
     ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر كىشى تەقدىر توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ خاتا چۈشەنچىنى بايان قىلىپ سۇئال سورىغاندا، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ:« ۋاي ساڭا، ئەگەر سەن قەزا ۋە قەدەرنى كىشىنىڭ ئىختىيار خاھىشى بولمىغان مۇجبۇرلاش دەپ چۈشەنگەن بولساڭ، مۆمىنلەرگە بېرىلىدىغان ساۋاب، ئاسىيلارغا بىرىلىدىغان جازانىڭ ھېچقانداق ھېكمىتى ۋە مەنىسى بولمىغان بۇلاتتى»دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد» كىتابىدا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى دەيلەمى مۇنداق دېگەن:« مەن ئۆمەر ئىبنى كەئىبىنىڭ يېنىغا بېرىپ، كۆڭلۈمدە تەقدىر ھەققىدە ئازىراق مۇجىمەللىك بار» ، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھنىڭ كۆڭلۈمدىكى مۇجىمەللىكنى تۈگىتىۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېدى:« ئەگەر ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسىنى ئازاپلاشنى خالىسا، خالىغىنىنى قىلغان ۋە بۇنىڭلىق بلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلغۇچى بولمىغان بۇلاتتى، ئەگەر رەھىم قىلىشنى خالىسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇلارغا جىمى ياخشى ئەمەللىرىدىنمۇ سۆيۈملۇكتۇر. ئەگەر ئاللاھ يولىدا ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇن سەرپ قىلساڭلىمۇ ياكى تەقدىرگە ئىمان ئېيتمىغۇچە ئاللاھ سېنىڭ ئەمىلىڭنى قۇبۇل قىلمايدۇ. پېشانەڭگە پۈتۈلگەندىن قېچىپ قۇتالالمايسەن، ئاللاھ ساڭا ھۆكۈم قىلمىغان تەقدىر ئوقى ھەر قانچە قىلساڭمۇ ساڭا تەگمەيدۇ. ناۋادا بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇن ئۆلگەن بولساڭ، دوزاخقا كىرەتتىڭ». شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىدىم، ئوخشاش جاۋاب بەردى. ئاندىن ھۇزەيفە ئىبنى يەمانغا كېلىپ سورسام ، ئوخشاش جاۋاب بەردى.ئاندىن زەيد ئىبنى سابىتقا كەلسەم، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىمام تىرمىزىي «سۈنەنى تىرمىزىي» دا رىۋايەت قىلىدۇكى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:« بەندە مەيلى ياخشىلىق ياكى يامانلىق بولسۇن ، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىغا ئىمان ئېيتمىغۇچە ، پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ئىشتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قېچىپ قۇلالمايدىغىنىغا، ئاللاھ ھۆكۈم قىلمىغان تەقدىر ئوقۇنىڭ ئۆزىگە ھەرگىزمۇ تەگمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ». بۇ مەنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بار:«بىلگىنكى، ئەگەر پۈتۈن خەلىق ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانسىمۇ، ئاللاھ تەقدىرىڭدە پۈتكەن پايدىدىن باشقىسى تەگمەيدۇ، ناۋادا پۈتۈن خەلىق ساڭا بىرەر زىيان_ زەخمەت يۈتكۈزۈش ئۈچۈن بىرلەشسىمۇ ، ئاللاھ پېشانەڭگە پۈتكەندىن باشقىنى قىلىشقا قادىر ئەمەس. ئىنساننىڭ نام-ئەمەل كىتابى ئاللىبۇرۇن يېزىلىپ ، يېپىلىپ بولدى». بۇ ھەدىلەر بەزىلەر چۈشىنىۋالغاندەك مەجبۇرلاش مەنىسىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىلمى ئەزەلىسى بىلەن  ئىنساننىڭ ئىختىيارى ھالدا قانداق ئەمەللەرنى قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن شۇلارنى ئالدىن تەقدىر قىلىپ ئىنسانغا پۈتۈن قويغانلىقىنى بۇ ھەدىسلەردىن تېخمۇ ئۇچۇق كۆرىۋالالايمىز.
تەقدىر بىلەن دۇئانىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بەزى كىشىلەرگە مۇجمەل بولغان ۋە توغرا چۈشىنىش زۆرۈر بولغان تەقدىر ئەقىدىسىدىكى موھىم مەزمۇندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :«قەزانى پەقەت دۇئالا ياندۇرلايدۇ، دۇئا قەزە بىلەن ئۇچىرىشىدۇ - دە، ئىككىسى تاكى قىيامەتكىچە ئۆز ئارا ئېلىشىدۇ». ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:« دۇئا ـــــ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاچقان پەزىلى - كەرەم ۋە رەھمەت دەرۋازىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ لۇتغىدۇر، يەنى مەرھىمىتىدۇر، ھۆكۈم قىلىنغان تەقدىر ئوقى ئەمەلگە ئېشىش دائىرسىگە كىرىپ، نىشانغا قاراپ كېتىۋاتقاندا دۇئا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدۇ-دە،  تەقدىر ئوقىنىڭ كۆزلىگەن نىشانغا تېگىشىنى ئاستىلتىدۇ ياكى نىشانغا بوشىراق تەگكۈزىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار :‹ پەرۋەردىگارىمىز، سەندىن پۈتۈلگەن قەزانى قايتۇرۇشنى ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭدا مېھرىبانلىق ۋە يۇمشاقلىقنى سورايمىز› دەپ دۇئا قىلىدۇ» .

تەقدىر يولىدا تەدبىر


تەقدىر مەسلىسىنى چۈشىنىشتە نۇرغۇن خاتا كۆز قاراش ۋە خاھىشلار ئوتتۇرىغا چىققان ، ھەممە ئىشنى تەقدىردىن كۆرۇش، ھورۇنلۇق، ئىرادىسىزلىكتەك ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ تەقدىرگە ئارتىش، ياخشىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەۋەب قىلماي، تىرىشماي، بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ تۇرۇش، چارە-تەدبىر قىلماي، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش»دەپ يېتىشتەك ئىسلام دىنى روھىغا يات بولغان بۇنداق ناچار خاھىشلارنى بىز تارىختىلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەتراپىمىزدا ئېچىنىش ۋە ئەپسۇسلىنىش بىلەن كۆرۈپ تۇرىمىز. VGDEP!)-8  
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدا بىر ئوغرىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نېمىشقا ئوغرىلىق قىلدىڭ؟» دەپ سورىغانىكەن، ئوغرى: «ئاللاھ تائالا پېشانەمگە شۇنداق قىلىشىمنى پۈتۈپتىكەن»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىپ يەنە دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. ئەتراپتىكىلەر ئەجەبلىنىپ: «قولىنى كېسىشقۇ ئوغرىلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن، يەنە نېمىشقا دەررە بىلەن ئۇرىدۇ؟» دېيشىپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : «قولىنى كېىش ئوغرىلىق قىلغانلىقى، دەررە بولسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلىقى ئۈچۈن»دەپتۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەدىنىدىن شامغا يۈرۈش قىلىپ سەرىغ دىگەن جايغا كەلگەندە شامدا ۋابا تارقالغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ شامغا كىرىش ياكى كەينىگە قايتىپ كېتىش ھەققىدە ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قايتىپ كېتىش قارار قىلنىپتۇ. ساھابىلاردىن ئەبۇ ئۇبەيد جەرراھ: «ئى ئۆمەر! ئاللاھنىڭ پۈتكەن تەقدىرىدىن قاچامسەن؟» دىگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مۇشۇ گەپنى سەندىن باشقا بىرىسى دېسە ئەجەبلەنمەس ئىدىم، شۇنداق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن يەنە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچىمىز، ئەگەر بىر كىشى دەريا ۋادىسىغا بارسا، دەريانىڭ بىر تەرىپى ئوتلاق، يەنە بىر تەرىپى گىياھ ئۈنمەس قاقاس يەر بولسا، ئوتلاقتا پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن، قاقاس يەردە پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولىدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن. ساھابە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ۋابا تارقالغان جاي ھەققىدە ئېيتقان: «ئەگەر ۋابا تارقالغان جايدا بولساڭلار، ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمەڭلا، ئەگەر باشقا يەردە بولساڭلار ۋابا تارقالغان جايغا بارماڭلار»دېگەن ھەدىسىنى يەتكۈزگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناھايىتى خۇش بولغان. ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ توغرا تەقدىر ئەقىدىسى بىلەن ھەممە خىل ھالەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم قىلغان، ئىلمى ئەزەلىدە مەلۇملۇق بولغان تەقدىرى ئىكەنلىكىنى، ۋابا كېسىلىگە دۇچ كېلىشتەك تەقدىر ئالدىدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەدبىر قىلىشمۇ ئالاھنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى، پادىلىرنى قاقاس يەردىن ئوتلاققا يۆتكىگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ بىر خىل تەقدىرىدىن يەنە بىر خىل تەقدىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋابادىن ھەزەر ئەيلەپ شامغا كىرمىگەنلىكى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار» (سۈرە بەقەرە 195-ئايەت) ئايىتىنىڭ رېئاللىققا جانلىق تەدبىقلىنىشى ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەممە ئىشلىرىدا سەۋەب-تەدبىر قىلاتتى، جەڭگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى قوشۇنلارنى پۇختا تەييارلىق قىلدۇراتتى، قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتەتتى. شەھەر ئەتراپىغا خەندەك كولىتىپ ئوقياچىلارنى جايلاشتۇراتتى. ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيىپ جەڭگە كىرەتتى. يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى، ھەمراھلىرىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئالدىنئالا تەييارلىتاتتى، ئۆيدىكىلەرگە تاكى قايتىپ كەلگۈچە يەتكۈدەك يېمەك-ئىچمەك جايلاپ بېرەتتى، ھەرگىزمۇ تەقدىرنى بانا قىلىپ، ئاسماندىن رىزىق چۈشۈشنى ساقلاپ ئولتۇرمايتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كېسەل بولۇپ قالغاندا، ساقىيىش ئۈچۈن داۋا قىلاتتى ھەم ساھابىلىرىنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇيتى. «ئاللاھ تائالا ھەر قانداق كېسەلنى داۋاسى بىلەن قوشۇپ ياراتقان» دېگەن ھەدىسنى ئۆز ئەمەلىيتىدە كۆرسىتەتتى. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھوزۇرىدا: «ئى رەسۇلۇللاھ! ھەر نەرسە تەقدىر بىلەن بولسا، كېسەلگە داۋا قىلىشنىڭ نېمە لازىمى؟»دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: «كېسەلگە داۋا تەقدىردىندۇر، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن داۋا پايدا قىلىپ كېسەل شىپالىق تاپىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.   
تەقدىرگە شەكسىز ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەرنى قىلىش، شۇ جۈملىدىن ھەر قانداق ئىشنى تىرىشىپ ئىشلەپ چارە-ئامال قىلىش، سەۋەب قىلىپمۇ ئالدىنى ئالالمىغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە رازى بولۇش، غەيىب مەسىلىلەردە شەك-شۈبھىگە، ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىھۇدە زىغىرلاشتىن ساقلىنىش ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ تەقدىر مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بارلىق ئەقىدە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا تۇتقان يولى ئىدى. شۇنداقلا بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا، ئىزىنى بېسىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك ئېسىل ئۆرنەك ئىدى. تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەر بىر كارتىنىلىرىدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مۆجىزىدار كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ، ئىنساننى پەرۋەردىگارى بىلەن مەھكەم باغلاپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، كائىناتتىكى ماس بىرلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىنسانغا سەۋىر، ئۈمىد ۋە خاتىرجەملىك بېقىشلايدۇ.  

يۇقارقى نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇ ئىككى ئەسىرى بۇ تىمىڭىزغا تۇلۇق ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بولىدىغۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ ئىككى ماقالىنى ئوقۇسىڭىز تەقدىر مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بوپ قالىسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3570
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5391
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 1731 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تەقدىر پىشانىگە ئىشىنمەن، تەقدىرمىزگە نىمىنى پۇتكەن بولسا شۇنى كۆرىمىز، بەزىدە:- تەقدىرىم ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ، ھەركىم ئۆز تەقدىرنىڭ تۇمۇرچىسى -دەپ ئويلاپ  تىرىشىپ تەقدرنى ئۆزگەرتمەكچى بولساقمۇ  ئۇنداق بولماي قالىدۇ ، چۇنكى پىشانىگە شۇنداق پۇتۇلگەن ، توي قىلشمۇ شۇنداق،ئاللاھ سىزگە كىمنى جۇپ قىلىپ ئاتىغان بولسا شۇ ، 5---6 يىل يۇرگەن مابەتمۇ پىشانىگە پۇتمىگەن بولسا بىر كۇندىلا ناتۇنۇشقا ئايلىندغان گەپ ،  مەن تەقدىرگە ئىشىنمەن

ئاللاھ، ئاپامغا ئۇزۇن ئۆمۇر ئاتا قىلغايسىز !!!

كەلمىگەن تەلەيد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1839
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6233
تۆھپە نۇمۇرى: 269
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:26:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(rinatcn) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

مۇشۇ قايسى ئايەت ؟ ياكى بىرەر ھەدىستە بايان قىلىنغانمۇ ؟

ھەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن ، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن . ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى ، ئېغىلدا ئېسىقلىق سىسىق گۆش ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63662
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 367
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2011-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:34:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(adil820) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ئايەتلەردىن بۇ گەپنى تاپالمىغان ئىدىم. ھەدىسلەردە قانداقكىن تاڭ....مۇشۇ يارتىش مەندىن، يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن ، دىگەن گەپكە بىر چۈشەنچە بىرىلسە دەيمەن...مۇشۇ گەپ خەلىق ئېغزىدا تارقىلىغلىق، بۇنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟

كەلمىگەن تەلەيد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1839
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6233
تۆھپە نۇمۇرى: 269
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(.isyankar.) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

توغرا دەيسىز ~ جىق ئادەملەر ‹‹اللاھ مۇشۇنداق دەپتىكەن ›› دەپ سۆز باشلايدۇ ، ئەگەر قۇرئاندا بۇ گەپ يوق بولسا بۇ گەپ ئاللاھقا قىلىنغان تۆھمەت ھېسابلىنىپ قالارمۇ ؟

ھەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دىگەن ، ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن . ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى ، ئېغىلدا ئېسىقلىق سىسىق گۆش ئىكەن.

ئاللاھ يولىدا جې

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6068
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 4607 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:31:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئۆزگەرتكەن  بارلىق رىئاللىق دەل ئاللاھ سىزنىڭ پىشانىڭىزگە پۈتىۋەتكەن تەغدىردۇر . ....

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69583
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:31:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹تەخدىر› دىگەن پۇتكۇل ئىنسانىيەت ھاياتىدا يۇلۇققان بارلىق كوڭۇلسىزلكلەرگە ۋە مەغلۇبىيەتكە بىرىلگەن روھى تەسەللدىن ئىبارەت.
[سەن دەيسەن تەخدىرگە پۇتۇلگەن تەدەر]
[مەن دەيمەن تەخدىرگە ئەگمەيمەن بويۇن]
[تەخدىرنىڭ ئويۇنىنى كوپ چاقچاقلىرى ]
[چۇنكى بۇ ھايات ئولومگە قولداش سىرداش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64550
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76
تۆھپە نۇمۇرى: 49
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2012-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:41:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەقدىر ئۇ ئەزەلدىن بار نەرسە لىكىن بىز ئۆزىمىز نىڭ قولىمىزدا باشقۇرشىمىز ئۆزمىز ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش