قىممەتلىك مىراس – خوتەن قەغىزى
( 2009- يىلدىكى تور ئۇچۇرىدىن)
ئۈژمە قوۋزاقلىرى قاتارلىق پۈتۈنلەي تەبئىي خام ئەشيالارنى ئاساسلىق ماتېرىيال
قىلىپ قەدىمىي ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان خوتەن قەغىزى،ئۇيغۇر قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى، خوتەن قەغىزى ئاسانلىقچە يىرتىلمايدۇ ، چىرىمايدۇ ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە، قاتلىشىپ كەتسىمۇ تۈزلەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك ،كۈن نۇرى ياكى نەملىكتىن ئۆزگەرمەيدۇ، رەڭگى ئاق سۈپەتلىك بولۇپ قاش تېشى سۈركەپ پاتلانغاندىن كېيىن يۈزى سىلىقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر قانداق قەلەم بىلەن خەت ياكى رەسىم سىزغاندا رەڭ يېيىلمايدىغان ، ئۇزاق يىللارغىچە رەڭگى ئۆڭمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىدە خوتەن قەغىزىنى ،خەت -چەك، دىنىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يېزىش، ۋەسىقىلەرنى يېزىشقا ئوخشاش مەتبەدە ئىشلەتكەندىن سىرت ، كىيىم كېچەك، دوپپا تىكىشتە قاتۇرما قىلىش ھەم مىللىي تىبابەت دورىلىرىنى ،قەن- ناۋات ، تاتلىق گېزەكلەرنى ئوراش، ئىشىك ، دېرىزە كۈزنەكلىرىنىڭ يېرىقلىرىغا چاپلاپ توپا - چاڭدىن ساقلىنىش …قاتارلىق ھەر ساھەلەردە كەڭ قوللانغان.
شۇ ۋەجىدىن خوتەن قەغىزى يىپەك يولى سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە ، مەشھۇر بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتى ،گەرچە ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىدا ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كەڭ قوللىنىلغان قەغەز بولسىمۇ ، بىراق ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىغان ھەمدە بارغانچە تار دائىرىدە قوللىنىلىدىغان بىر خىل يەرلىك خاراكتېرىگە ئىگە بويۇم بولۇپ خوتەننى مەركەز قىلىپ ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنچىلىك شەكلى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.
يىراق يېزىدىكى داڭلىق ھۈنەرۋەن
2002 – يىلى ئامېرىكا سىمىتسونىيون مۇزىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئويۇشتۇرغان يىپەك يولىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايرىمىدا ،خوتەننىڭ يىراق يېزىسىدىن كەلگەن بېشىغا چىرايلىق گۈللۈك دوپپا كىيگەن 80 ياشلاردىكى بىر بوۋاينىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي چاققانلىق بىلەن شاخ - شۇمبا ، قەدىمىي ، ئىپتىدائىي ئەسۋابلار بىلەن بىر دەمدىلا ئۆزگىچە قەغەز ۋاراقچىلىرىنى ياساپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى كۆرسىتىشى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى. مانا بۇ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزا بۇددا كەنتىدە ياشاپ ،خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونىنچى ئەۋلاد ، خوتەن قەغىزى ئۇستىسى توختى باقى ئاكا ئىدى.
خوتەن قەغىزى – ئېلىمىشنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆت چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللىي قول سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. دەرۋەقە، بۈگۈنكى زاماننىڭ يېڭىچە سانائىتى گەرچە ئۇنى بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋار قىممىتىدىن سىقىپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى ھامان سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەسىقىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەرخىل ئىلىم – پەن ھۈججەتلىرى ئەنە شۇ خوتەن قەغىزىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىي مىراس سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قەدىمكى«يىپەك يولى» سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، «خوتەن قەغىزى»نامى بىلەن ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان. چۈنكى «خوتەن قەغىزى» ئاسانلىقچە يىرتىلمايدىغان ۋە چىرىمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ ئەۋرىشىمچان بولغاچقا، خەت يېزىشتىن باشقا يەنە دورا – دەرمانلارنى ئوراش، كىيىم – كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش، ھەرخىل گۈزەل – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
خوتەن قەغىزىنى ئىشلەش خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن شەھىرى (ئىلچى) دىكى بىر قانچە مەھەللىلەر ھازىرغىچە «قەغەز مەھەللىسى» دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ياسىلىش ئۇسۇلى: خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى «سامان قەغىزى» نىڭ خام ماتېرىياللىرىغا ئوخشاشمايدىغان ھالدا، توغراق ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئىبارەت. دەسلەپ توغراق ياكى ئۈجمە قوۋزىقىنى يىغىپ ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىدۇ. قوۋزاق بىرئاز يۇمشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرتقى قوپال قاتلىمىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىدىكى بىر قەۋەت نېپىز ئاپئاق قەۋىتى ئايرىۋېلىنىدۇ. مانا شۇ خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەۋەتنى قازاندا ئىككى سائەتچە قاينىتىپ بوتقا (لاتقا) قىلىنىدۇ. بۇ قوۋزاق بوتقىسىنى ياغاچ توقماق بىلەن سوقۇپ ئەزگەندىن كېيىن، مەخسۇس ياغاچ تۇڭغا سېلىپ، ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا سۇ قۇيىدۇ ۋە ئۇنى توختىماي قوچۇپ ئۇماچقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچتا، بۇ قوۋزاق ئۇمىچىنى مەخسۇس ياسالغان چۆمۈچ (يېچكوك دېيىلىدۇ) ئارقىلىق ئۆلچەملىك ياغاچ قېلىپقا تەكشى قۇيۇپ، سۇ كۆلچىكىدە سۈزۈلىدۇ. قېلىپنىڭ يۈزى تەكشىلەنگەندىن كېيىن، شۇ پېتى كۈن نۇرىغا قاقلاپ قويۇلىدۇ. قەغەز بوتقىسى قۇرۇغاندىن كېيىن، قەغەزنى قېلىپتىن سويۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەغەز تاختىسى پۈتىدۇ. بۇنداق قەغەزنىڭ بىر تاختىسى ياسىلىپ چىقىش ئۈچۈن، تەخمىنەن سەككىز – ئون چېلەك سۇ سەرپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ماتېرىيال تەييار بولسا، بىر قەغەزچى ئۇستا بىر كۈندە بۇنداق قەغەزدىن ئۈچ يۈز تاختا ياساپ چىقالايدۇ. بۇنداق قەغەزنى قېلىپتىن ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تېخىمۇ سىپتا ۋە پارقىراق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ھاجەت تۇغۇلسا، گۈرۈچنى ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئەلگەكتنى ئۆتكۈزۈپ، ھېلىقى قەغەز يۈزىنى تەكشى پاتلاپ، قاشتېشى بىلەن سۈركەپ سىلىقلايدۇ. قەدىمكى مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلەر پۈتۈلگەن قەغەزلەر مانا شۇ سىلىقلانغان خوتەن قەغىزىدۇر.
قولغا تايىنىپ خوتەن قەغىزىنى ياساش بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى قوقىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئىتى سۈپىتىدە تارىختىن ئۆچكىنى يوق. ھازىرمۇ دوپپىچىلار ۋە دورىپۇرۇشلار بۇ قەغەزنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى تورى
http://uyghuracademy.com/?p=20319