ئەمىر ئەلشىرنىڭ بايانى
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان
بۇ زاتنىڭ تەخەللۇسى نەۋائىدۇر ،تۈركىي شېئىرنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن ھىچكىم ئۇنىڭدەك راۋان ،گۈزەل ،مەزمۇنغا باي ۋە ئۇنىڭچىلىك ھەددۇ-ھىسابسىز كۆپ نەزىم ئۇسلۇبىغا كەلتۈرمەپتۇ.ئۇ زات بۇ پەنگە ئۇستازدۇر ،ئۇنىڭ تۈركىي تىلدىكى شېئىرلىرى ھەزرىتى مەۋلانە جامىنىڭ پارسىي شېئىرلىرىغا ئوخشاشلا زور شۆھرەتكە ئىگىدۇر .
ئەمما ئەمىر ئەلشىرنىڭ پارس تىلدىكى شېئىرلىرىمۇ تولا ،پارسىي شېئىرىدا ‹‹فانى››دىگەن تەخەللۇسنى قوللىنىپتۇ ،ھەزرىتى خاجە ھافىز شىرازى __ئۇنىڭ سىرلىرى مۇقەددەس بولغاي __نىڭ دىۋانلىرىغا جاۋابەن دىۋان تۈزۈپتۇ .
ئەمىر خۇسرەۋ دىھىلۋىدىن كىيىن ‹‹دەريائى ئەبرار››(ياخشىلار باغچىسى ) ناملىق قەسىدىنى ھىچكىم ئەمىر ئەلشىرچىلىك نەزم قىلماپتۇ .ئەمرى خۇسرەۋنىڭ دەريائى ئەبرار قەسىدىسنىڭ مەتلىئى بۇدۇر :
نەزىم :
ئاتەشىن لەئلىكى تاجى خۇسرەۋانرا زىۋەرەست،
ئەخكەرى بەھرى خەيالى خامى پۇختەن دەر سەرەست .
تەرجىمىسى مۇنداق :
ئاتەشىن لەئلىكى شەھلەر تاجىغە زىۋەردۇردۇر ،
ئول فىشۇرماقغە خەيالى خامنى ئەخكەردۇردۇر.
خالايىقنىڭ پەخرى، دىن ۋە مىللەتنىڭ نۇرى ھەزرىتى مەۋلانا ئەبدۇررەھمان جامى __ئۇنىڭ سىرلىرى مۇقەددەس بولغاي__ ئىككى ھەرەمنىڭ شەرەپلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقىنىدا ،ئەمىر ئەلشىر بۇ روبائىينى تۈزۈپ ،ئۇ زاتنىڭ ئىستىقباللىرىغا (ئالدىغا) ئەۋەتىپتۇ .
نەزىم :
ئىنساف بېدېھ ،ئەي فەلەكى مىينا فام ،
تا زەينى دو كۇدامى خۇب تەر كەرد خىرام.
خۇرشىدى جەھان تاب تۇ ئەز جانىبى سۇبىھ ،،
يانا ماھى جەھانگەردى مەن ئەز جانىبى شام .
تەرجىمىسى مۇنداق :
ئىنساف ئەتكىل ،ئەي فەلەكى مىينا فام ،
بۇ ئىككىسدىن قايسىگە خۇب بولدى خىرام .
يا جانىبى سۇبىھىدىن سىنىڭ خۇرشىدىڭ ،
يا جانىبى شامدىن بىزىڭ ماھ تەمام .
ئەمىر ئەلشىرنىڭ ئۈچ تۈرلۈك دىۋانى، بىر پارسىي دىۋانى بار .تۈركى تىلدا ‹‹تەزكىرەتۇل_ئەۋلىيا ›› ،‹‹تۈركى خەمىسە››قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپتۇ ، بۇنىڭىدن بۆلەك يازغان كىتابلىرىمۇ تولا .بىرلا پارسچە دىۋاندىن باشقا ھەممە ئەسەرلىرى تۈركىي تىلىدا تەسنىپ قىلىنغان .
ئەمىر ئەلشىرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ باخشىلىرىدىندۇر .ئاتىسنى ‹‹كىچىككىنە باخشى ›› دەپ ئاتايتتى ، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئىدى .ئەمىر ئەلشىرنىڭ سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىلەن كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى .سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا پادىشاھ بولغاندىن كىيىن ئەمىر ئەلشىر ئۇنىڭ خىزمىتىگە باردى ،مىرزا ئۇنى پەرۋىش قىلدى .شۇ ئەسىردىكى تەڭداشسىز ئالىم ۋە پازىل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمىر ئەلشىرنىڭ تىرىشچانلىقى ،تەربىيە ۋە پەرۋىشكارلىقى بىلەن كامالەت تاپتى .ئەمىر ئەلشىرنىڭ بايلىقى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندىكى ،ھەممە مال _مۈلۈك ئۈسكۈناتلىرىدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا ئون سەككىز مىڭ شاھرۇخى (شاھرۇخ مىرزا نامىغا قۇيۇلغان ئالتۇن پۇل ) كىرىم بۇلاتتى ،ئۇنىڭ ھەممىسنى پەزىلەت ئىگىلىرى ئىچىدىكى مۇھتاجلارغا سەرپ قىلاتتى .بەزى كۈنلىرى ئازراق بىر نەرسە ئاشاتتى ،بەزى كۈنلىرى ئون سەككىز مىڭ شاھرۇخى تۇلۇق سەرپ بۇلاتتى .ئاخىرقى ئۆمىردە بارلىق مۇلازىملىرى ،ئەمىرلىك ھەشەمىتى ۋە شاھانە ئۈسكۈنلىرنىڭ ھەممىسنى ئەمىر بابا ئەلىگە تاپشۇردى .ئەمىر بابا ئەلى شۇ ئەسىردىكى سىپاھلارنىڭ ئالىدنقى قاتارىدىكى كىشى ئىدى .ئەمىر ئەلشىر ئۆزى لەشكىرى ئىشلاردىن ئىستېپا بېرىپ سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىلەن سۆھبەتداش بولدى ،قۇدرىتىنىڭ يىتىشچە ھاجەتمەنلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلاتتى ،پەزىلەت ئىگىلىرنى پەرۋىش قىلاتتى .مال __مۈلۈك ئەسۋابلىرنىڭ پۈتكۈل مەھسۇلاتىنى تەڭرى يۇلىدا ياخشى ئىشلارغا خالىس سەرپ قىلدى .شۇ قەدەر تولا مەسچىت ،لەڭگەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدىكى ،ئىھتىمال ئۇنچىۋالا كۆپ ئىمارەتلەرنى ئالەم سەھىپىسىدە ئانچە كۆپ كىشى بىنا قىلالمىغان بولغىيتتى .بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇراساندا ئۇ ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساقلىنىۋاتىدۇ .شۇ ئەسىردىكى پەزىلەت ئەھلى ئىچىدە ئۇنىڭ پەرۋىش قىلشىغا ۋە ياردىمىگە ئىگە بولمىغان ھېچكىم يوق .
ئەمما ئەمىر ئەلشىر ئىنتايىن نازۇك ،زېرىپ كىشى ئىدى ،ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۆزىدەك نازۇك زېرىپ بولىشنى تىلەيتتى .خالايىققا بۇنداق بولۇش مۈشكۈل ئىدى ، شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر ئەمىر ئەلشىردىن ئازار يەيتتى .ئەمىر ئەلشىرنىڭ نازۇكلۇقىتىن باشقا ئەيىبى يوق ، ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك ،مەرد ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى .پۈتكۈل ئۆمىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن يەككە _يىگانىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزدى .بېيىت :
ھاسىلى دەريانىڭ ئېرۇر بىر گۇھەر،
بەس كىشىدە بولسا ئەگەر بىر ھۇنەر.
دېمەك ،ئەلىشىرنىڭ بىرلا ئەيبىدىن ئۆزگىسىى پۈتۈنلەي ھۈنەر ئىدى .
تارىخى رەشىدىي 1.قىسىم 430.بەتتىن __433.بەتكىچە
2007 -يىلى 7-ئاي 1.نەشىرى
2007-يىلى 11-ئاي 2. بېسىلىشى
شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى