ئەسسالاملەيكۇم!!!
مەن تۆۋەندە مۇنبەرداشلارغا سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تور يۈزىدىكى مەشخۇلات ئۇسۇللۇرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى مىسرانىمدىن پايدىلنىپ دوسلارغا سۇنماقچى،ئەگەر بۇتېما كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشسە،سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ باشقا مەزمۇنلۇرنىمۇ ئىچكىرلەپ دوسلارغا سۇنمەن،مەسلەن:تور بانكىسىدىن پايدىلنىپ تېلفۇن ھەققىنى تاپشۇرۇش،تور بانكىسىدىن پايدىلنىپ كارتىدىن-كارتىغا ھېسابات ئاغدۇرۇش(پۇل يۆتكەش)،ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىنى تور بانكىسىدىن پايدىلنىپ تاپشۇرۇش دىگەندەك نۇرغۇن ئۇچۇرلار!!!
مەخسەتكە كەلسەك:ئەڭ ئاۋال مۇنبەرداشلارغا دەپ قويدىغىنىم،ئارىمىزدا بەلكىم بۇ مەشخۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى بىلدىغانلار بۇلىشى مومكىن،بىلمەيدىغانلار بۇلىشىمۇ مومكىن،ئاساسى مەخسەت بىلمەيدىغانلارغا ئۆگۈتۈپ قويۇش،تېخىمۇ كۆپ مۇنبەر ئەھلىنى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ قولايلىق يەرلىرنى يەن بىر قەدەم تۇنۇتۇش.(قۇرۇق سۆزلەر مۇشۇيەردە تۈگسۇن)ھى ھى
تۆۋەنكى بارلق مەشخۇلاتلارنى قىلىش ئۈچۈن،ئەڭ ئاۋال سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى بىجىرمىز(كارتىسى بارلار بولسا قايتا بىجىرىلمىسىمۇ بۇلدۇ) كارتىنى بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن،شۇكارتىنى بىجىرگەن ئورۇندىن Uشەكىللىك قاتتىق دېسكا بىجىرمىز،خەنزۇچە(U-盾)،بۇدېسكىنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە
شەكلىmp3گەئوخشىشىپ كىتىدۇ،بۇلارنى بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن ئۆيۈمىزدە ئولتۇرۇپلا مەشغۇلات قىلالايمىز،مەسلەن يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك تىلفۇنغا پۇل قاچلاش،توردىن نەرسە- كېرەك سېتۋېلىش ئىشقىلىپ نۇرغۇن پايدىلىق يەرلىرى بار.
تۇنجى قەدەمدە سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تور بېتىگە كىرمىز
http://www.icbc.com.cn/icbc/ مۇشۇ ئادرىسنى چىكىپ كىرسەك تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك توربەت يۈزىگە كىرمىز.
توربەت يۈزىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن يۇقۇردىكى رەسىمدىكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن يەرنى چىكىمىز.
ئۇيەرنى چەككەندىن كىيىن تۆۋەنكى ئورۇن ئېچىلدۇ.
بۇئورۇن ئېچىلغاندىن كىيىن ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن يۆلۈنۈش بويچە مەشخۇلات ئېلىپ بارمىز،يەنى يۇقۇردىكى كاتەكچىدىن-تۆۋەنگەقاراپ بىرىنچى كاتەكچىگەكارتا نۇمۇرىنى كۈرگۈزسىز ئىككىنچى ئورۇنغا Uشەكىللىك دېسكىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى كۈرگۈزسىز،ئۈچۈنچى ئورۇنغا ياندىكى ھەرىپ ئارلاش سانلارنى كۈرگۈزسىز ئىش تامام.
ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ تور بانكا دۇنياسىغا كىردىڭز،تۆۋەنكى رەسىمگە قاراڭ
بۇرەسىم بولسا سىزنىكى توربانكىڭزنىڭ يۈز قىسمى يەنى باش بەت قىسمى بۇلدۇ.
سىز مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا تور بانكىڭزغا كىرگەندىن كىيىن تۆۋەنكى ئورۇنلارنى بېسىپ كارتىڭزدىكى پۇل ھېساباتىڭزنى تۇلۇق تەكشۈرەلەيسىز
بۇرەسىمگە قاراڭ
يۇقۇردىكى رەسىم كۆرسەتكەن ئورۇننى چەكسەك،تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك تارماق ئورۇن ئېچىلدۇ.
يۇقۇردىكى رەسىمدە
ئىككى خىل پۇل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بار،بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا پەقەت كارتىڭزدىكى پۇلنىڭ قانچىلىق ئىكەنلىكىلا چىقىدۇ.
يۇقارقى رەسىم بولسا ئىككىنچى خىل پۇل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى يەنى (明细查询)دىگەن خەتنى باسسىڭز مۇشۇخىلدىكى رامكا ئېچىلدۇ،بۇرامكا ئېچىلغاندىن كىيىن كاتاكچە ئىچىدىكى چېسلا ۋاقىتلىرنى ئۆزىڭىز تەكشۇرمەكچى بولغان ۋاقىتقا ئۇدۇللاپ بۇلۇپ ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن ئورۇننى چىكىسىز.
ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا بولسا كارتىڭزنىڭ بارلىق ھېساباتىنى ئېنىق تەكشۈرەلەيسىز،مەسلەن:كارتىڭزغا قانچىلىق پۇل كىردى،قاچان -قەيەردە،قايسى رايوندىن(قەشقەردىنمۇ.ئۈرۈمچىدىنمۇ ياكى باشقا شەھەردىن كەلگەن پۇلمۇ دىگەندەك)ئىشقىلىپ بارلىق ئىنچىكە ۋاقىتنىڭ ھەممىسى كۆرۈندۇ.
تور بانكىسىنىڭ دەسلەپ قەدەم تۇنۇشتۇرۇش مۇشۇيەردە ئاخىرلاشتى،ئەگەر سىلەرگە چۈشۈنۈشسىز بۇلۇپ قالغان يەرلىرى بولسا ئاستىغا ئېنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇڭلار،مەن ۋاقىت چىقىرىپ جاۋاپ قايتۇرمەن.
كىچىك ئەسكەرتىش:مۇشۇ ئۇسۇللارنى بىلۋالساڭلار باشقا بانكىلارنڭمۇ قەدەم باسقۇچلىرى مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش،ئاساسى جەھەتتىن پەرىقلەنمەيدۇ،باشقا بانكىلارنىڭ تور بانكىسىنىمۇ مۇشۇخىل ئۇسۇلدا ئىشىلتىپ ماڭساڭلار بۇلىۋىردۇ.
مەنبە:ئۆزەم(ئەلدىيار)