بالىلىرىنى بېقىۋاتاملا ياكى تەربىيلەۋاتاملا؟
- بالا دېگەننى مال باقتۇرمەن،ئاش ئەتكۈزىمەن،سۇ ئەكەلتۈرىمەن،قىزىلمۇچ تەرگۈزمەن،…دېمىسەك جاپا تارتىپ بالا بېقىپ چوڭ قىلىپ نېمە قىلامىز مۇئەللىم؟
- قارىسىلا ئاكا،مالنى سەمىرىتىپ ئۆلتۈرۈپ يىيىش ئۈچۈن،ئىشەكنى ھارۋا قېتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن،مۈشۈكنى چاشقان تۇتقۇزۇش ئۈچۈن باقىدىغانلىقىمىز،يەنە مەكتەپ دەرۋازىسىنى ئوغرى-قاراقچىلاردىن ساقلاش ئۈچۈن باقىدىغانلىقىمىز توغىرا.بىراق،بالىنى ئۆيدە ئىشقا سېلىش ئۈچۈن باققانمەن دېگەنلىرى پەقەت توغىرا بولمىدى. ئالدى بىلەن سېلىنىڭ بالىلىرىنى باقتىم،بېقىۋاتىمەن دېگەن مۇشۇ سۆزلىرىنىڭ ئۆزۈلا خاتا.نېمىشقا خاتا دەملا؟
بىرىنچىدىن،بالىلىرىنى بېقىش دېگەن ھايۋاننىڭ قولىدىنمۇ كېلىدۇ.لېكىن ھايۋانمۇ ھەرگىز بالىسىنى ئىشقا سېلىش،قېرىغاندا راھىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن باقمايدۇ.بەلكى بالىسىغا بولغان مېھىر-مۇھاببەت تۈپەيلىدىن بېقىشى،ياشاش ماھارىتنى ئىگەللىتىشى مۇمكىن.ئىككىنچىدىن،بېقىش دېگەن بۇ سۆز ئۆي،دەرۋازا، خامان،ئېچىق،قوي،كالا،توخۇ،توشقان،ئىت،مۈشۈك،ھەتتا پىت باققاندىمۇ ئىشلىتىدۇ.سېلى بالىلىرىنى ھەرگىز يوقاردا مەن تىلغا ئالغان نەرسىلەر قاتارىدا كۆرمەيدىغانلا؟
- ۋوي تۈز گەپ قىلسىلا،نېمە دېگەنلىرى بۇ مۇئەللىم؟
- ئالدى بىلەن ئۆزلىرى تۈز گەپ قىلماي قويدۇلا ئەمەسمۇ.بالىلىرى ھەرگىز ئىت،مۈشۈككە ئوخشىمايدۇ.ئىت مۈشۈكنى يېمەك- ئىچمەك بېرىپ،ئاغىرتىپ قويماي،ئۆلتۈرۈپ قويماي باقسىلىلا بولىدۇ.بىراق ئادەم بالىسىغا قارىتا ئىت مۈشۈكنى باققاندەك باقتىم،بېقىۋاتىمەن،باقىمەن دېگەن ئاڭدا ئەمەس،تەربىيلىدىم،تەربىيلەۋاتىمەن،تەربىيلەيمەن دېگەن ئاڭدا بولمىسىلا بولمايدۇ.
- ئەمدى شۇ مۇئەللىم،بىز دېھقان خەق ئاغزىمىزدا سىلىدەك دەپ بولالمايدىكەنمىز .
- ئېغىزلىرىدا دەپ بولالمىسىلا كېرەك يوق،لېكىن كاللىلىرىدا چوقۇم،بالىلىرىنى بېقىش ئېڭىلا ئەمەس،تەربىيلەش ئېڭى بولۇشى كېرەك.باقتىم،باقىمەن دېسەك،ئادەمنىڭ بالىسىنى چوڭ قىلىشى بىلەن ھايۋاننىڭ بالىسىنى چوڭ قىلىشىنىڭ ھېچقانچە پەرقى قالمايدۇ.يەنە بىر گەپ،سىلىنىڭ بايا ئېيتقان بالامنى ئىشلىتىمەن،قېرىغاندا مېنى باقىدۇ دەپ بېقىۋاتىمەن،دېگەن سۆزلىرىمۇ خاتا.بۇنداقتا ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئەجداد-ئەۋلاد مۇناسىۋىتى بولماي،بېقىش-ئىشلىتىش،بېقىش-باقتۇرۇش مۇناسىۋىتى بولۇپ قالىدۇ.بالىلىرى سېلىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر-مۇھاببەتلىرىنى تازا ھېس قىلالمايدۇ.
مېنىڭچە،ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنلەرگە بولغان مېھىر-مۇھاببىتى تەبئىي، غەرەزسىز، خالىس، تاماسىز ۋە مىننەتسىز مۇھەببەت بولۇشى كېرەك.شۇڭا بالىلىرىنى ئۆزلىرى قىلىدىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا تولا تۇتۇپ قالماي،مەكتەپكە تولۇق ماڭدۇرتسىلا.بىزمۇ،سىلىمۇ ئورتاق مەقسەتتە،ئورتاق نىيەتتە بۇ بالا مېنىڭ خىزمەتكارىم ئەمەس،ئوقۇغۇچۇم،پەرزەنتىم،چوڭ بولغاندا مۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك،مۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم بولسۇن،دەپ تەربىيلىسەك،بالىلىرى كەلگۈسىدە ھەم ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ،ھەم ئۆزلىرىگە ۋاپادار پەرزەنت بولۇپ سىلىنى ئويلىغانلىرىدىنمۇ ياخشى بېقىپ،كۆڭۈللىرىنى سۆيۈندۈرىدۇ.ئەگەر مېنىڭ دېگەنلىرىمگە چىن پۈتمەي،بالىلىرىنى بېقىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ،تەربىيلەشكە سەل قارىسىلا،كەلگۈسىدە سىلە قېرىغاندا باشقا ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش«ئادەم بالىسىنى باقساڭ،ئاغزى-بۇرنىڭدىن قان ئۆتەر،ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭدىن ياغ ئۆتەر»كەن دەپ يىغلاپ- قاقشاپ يۈرۈيلا شۇ…
مەنبە: ئۆزۈم