ياقۇپ ھاشىمنىڭ ئۆيدىكىلىرى
جىنايەتچىلەر سوت مەيدانىغا ئېلىپ كىلىنىپ قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ، ئالدانغان بالىلارنى سېتىۋېلىپ ۋېنجۇغا ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالغان شىنجاڭلىق ياقۇپ ھاشىم قاتارلىق كىشىلەر ، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش جىنايىتى بىلەن لۇچىڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغان . سوت مەھكىمىسى تۆت ئادەمگە بىر يېرىم يىللىقتىن ئۈچ يىللىققىچە ئوخشاشمايدىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ھەمدە 20 مىڭ يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە تەڭ بۇلىمىغان شىتراف قويغان . ئىگىلىنىشچە ، بۇ دېلو 2009-يىلى «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىغا توزۇتۇش كىرگۈزۈش لاھىيسى(يەتتىنچى)»ئېلان قىلىنىپ يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان ، مەزكۇر شەھەردە تېخى بۇ خىلدىكى دېلونىڭ تۇنجى قېتىم سوتلىنىشى ئىكەن .
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ، ج خ مىنىستىرلىقى مەملىكەت مىقياسىدا ئادامنى ئالداپ سېتىش ، شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى قانۇنغا خىلاپ جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەشكە زەربە بىرى ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان . 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ، لۇچىڭ ج خ تارماقلىرى9 نەپەر ئوغرىلىققا سېلىنىۋاتقان شىنجاڭلىق بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىققان ، ھەمدە مۇشۇ بىر يىپ ئۇچى بىلەن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن بالىلارنى سېتىۋېلىپ ، ۋېنجۇدا ئوغرىلىققا تەشكىللىگەن شىنجاڭلىق ياقۇپ ھاشىم قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇۋالغان .
سوت داۋامىدا ، ، سودىيە سوئال سورىغاندا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ ئۆزنى ئاقلاش ، ياكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا كەلگەندە تەرجىمان تەرەپكە قاراپ قۇيۇشتىن باشقا ، ياقۇپ ھاشىمدا ھېچ بىر چىراي ئىپادىسى بۇلىمىغان . سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولۇپ، ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدىلا ئاندىن ئايالىغا يىغلاپ تۇرۇپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغان ، تەرجىمان ئەسقەرنىڭ دېيىشىچە ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى :« قىزىمنىڭ رەسىمىنى ماڭا ئەكېلىپ بەر» ئىكەن .
ئەسقەرنىڭ دېيىشىچە ، ياقۇپ ھاشىمنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى ،كىچىك قىزى تۇغۇلغاندا ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىش ئىكەن ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تۇتۇلۇپ ئىككىنچى كۈنى قىزى ئاندىن تۇغۇلغان . ئالتە ئاي ئىچىدە ئۇ قىزىنى ئىزچىل سېغىنغان .«شۇڭا ئۇ ماڭار ۋاقتىدا ئايالىغا تاپىلاپ ، بالىلىرىنى ياخشى بېقىشىنى ، يەنە كىچىك قىزىنىڭ رەسىمىنى ئاپىرىپ بېرىشنى دېگەن » .
تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىپلىشىچە ، بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ، ياقۇپ ھاشىم 12 ياشلىق شىنجاڭلىق قىز خانقىز رازاقنىڭ ئوغرىلىققا ئۇستىلىقىنى ئاڭلاپ ، 20مىڭ يۈەن خەجلەپ يۇرتدىشى ئەركىن ئوسماندىن سېتىۋېلىپ ، ۋېنجۇ ئەكېلىپ ئوغرىلىققا سالغان . ئۈچىنچى ئايدا ، ياقۇپ ھاشىم يەنە 3000يۈەن خەجلەپ ئەركىن ئوسماندىن قۇرامىغا يەتمىگەن پەرىزات ئېلىنى سېتىۋالغان .
ياقۇپ ھاشىم چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئوغرىلىق شايكىسىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ ، ياسىن توسۇن ئىككىنچى خوجايىن ئىكەن ، ئاۋۇت ھۇشۇر بىلەن مەمەت سەمەتنى باشقۇرىدىكەن ، ياسىن توسۇن ئارقا سەپكە ۋە زاڭ ماللارنى ئېلىشقا مەسئۇل بولدىكىن ، ئاۋۇت ھۇشۇر بىلەن مەمەت سەمەت خانقىز رازاق قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئوغرىلىق قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىشقا مەسئۇل ئىكەن . بۇ يىل ئىككىنچى ئايدىن تۆتىنچى ئايغىچە بۇلغان ئارىلىقتا ، مەزكۇر شايكا بىر نەچچە قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى كونترول قىلىۋېلىپ شەھەر رايونىدىكى ئەنلەي پىرسىتان ، فەنيىڭ مەيدانى ، ئىككىنچى قۇشۇمچە دوختۇرخانا قاتارلىق جايلاردا ئوغرىلىق قىلىپ ، تاپقان زاڭ پۇل –ماللارنى ياقۇپ ھاشىمغا تاپشۇرغان ، ياقۇپ ھاشىم شايكا ئەزالىرىنىڭ ياتاق – تاماق ، تۇرمۇش خىراجىتىگە مەسئۇل بولغان .
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ ، مەزكۇر شايكا ئەزالىرى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئوغرىلىق قىلىشقا تەشكىللىگەن ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، جاۋابكار ياقۇپ ھاشىم بالىلارنىڭ ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇلارنى سېتىۋالغان ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئالدانغان بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتىنى سادىر قىلغانلىق دەپ قاراپ ، بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىپ ، ياقۇپ ھاشىمغا مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىش ، ھەمدە 20 مىڭ يۈەن شىتراف قويۇش ؛ ياسىن تۇرسۇنغا مۇددەتلىك بىر يىل توققۇز ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش ، 15مىڭ يۈەن شىتراف قويۇش ؛ ئاۋۇت ھۇشۇر بىلەن مەمەت سەمەتكە مۇددەتلىك بىر يېرىم يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىش ، 10مىڭ يۈەن شىتىراف قويۇش ھۆكۈمىنى چىقارغان .
مەنبە ؛ نۇر خەۋەرلەر تورى
مەن بۇ خەۋەرنى كۈرۈپ شۇنداق ئېچىندىم. بۇقىلمىشلار ئۆز قېرىنداشلىرىمىزدىن چىقىپتۇ بەك، بەك ئېچىندىم ........