مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1317|ئىنكاس: 8

ئەلشىر نەۋائى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65382
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8267
تۆھپە نۇمۇرى: 1490
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 05:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                ئەلشىر نەۋائى
نىزامىدىن ئەلشىر نەۋائى مىلادىيە 1441-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىرات شەھرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بالىلىقى شاھرۇھ  مىرزا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغراكىلىدىغان بولۇپ، كىچىكىدە شاھزادە ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىر مەدرىستە تەربىيە ئالغان. ۋە تۆت يېشىدىلى ساۋاسى چىقىپ، پارىس شىئىرلىرىنى يدا ئېلىشقا باشلىغان.
1447-يىلى شاھرۇھ مىرزا ۋاپاتى بىلەن ئوردا قالايمىقان، ئەل ئىچى مالىمان بولۇپ ئەلشىر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كىتىپ ئىككى يىلدىن كىيىن ھىراتقا قايتىپ كىلىدۇ. 1452-شاھرۇھنىڭ نەۋرىسى ئوبۇلقاسىم بابۇر ھىراتتا تەخىتكە ئولتۇرۇپ ئەلشىر ئائىلىسىگە ھامىيلىق قىلىدۇ ، لىكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەلشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ۋاپات بولىدۇ. ئوبۇلقاسىم بابۇر ئەلشىر ۋە ئۇنىڭ دوستى ھۈسەيىن بايقارانى ئۆز ھامىيلىققىغا ئېلىپ مەھشەدكە ئېلىپ كىتىدۇ. كىيىن ئەلشىر قەلەم يۇلىنى، ھۈسەيىن ئەلەم يولىنى تۇتۇپ، ئەلشىر مەۋلانە لۇتفىنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ تالانتلىق ئىستىدات ئىگىسى بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ. ئۇ 10 ياش ۋاقىتىدىن تارتىپىلا شىئىر يېزىشقا باشلىغان بولۇپ 15يېشىدا يۇرتتا شائىر سۈپىتىدە تۇنىلىدۇ، بۇھەقتە ئۇ ئۆزى « پېقىرنىڭ نەزمىللىرى خۇراساندا شۆھرەت تۇتىب ئەردى» دەپ يازىدۇ. ئۇستازى لۇتفى ئۇنىڭ يازغان غەزەللىرىدىن مەمنۇن بولۇپ ئۇنىڭ يازغان :« ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش، بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر، يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قوياش. » دېگەن غەزىلىنى « تۈركى تىلىدا يېزىلغان نەچچە ئون مىڭ بىيىتى بىلەن تىگىشمەكچى » بولغان.
1467-1468-يىللىرى ھۈسەيىن بايقارا ھىراتنى ئىگەللەپ 1469-يىلى كىچىكلىكىدى دوستى ئەلشىرنى سەمەرقەنتتىن ھىراتقا تەكلىپ قىلىپ  ئوردا مۆھىردارى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئەلشىر مۆھۈردارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.
1472-يىلى ھۆسەيىن بايقارا ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەيدۇ ۋە ئەمرى كەبىر ئۇنۋانىنى بىرىدۇ. ئەلشىر بۇ مەنسەپنى تۇتقانىدىن كىيىن زىھنىنى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە ئاسايىشلىق يەتكۈزۈشكە قارىتىپ، شەھەرلەر ئاۋات، خەلق تۇرمۇشى باياشات، شىئىر، سەنئەت ئىشلىرى تەرەققى قىلغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە مەدرىس، شىپاخانا قۇرۇلۇشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
1478-يىلى نەۋائى ئوردىدىكى بىر قىسىم مۇناپىقلارنىڭ ھىيلىسى بىلەن ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈلۈپ ئاستىراباتقا ھاكىم قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ. 1500-يىللارغا كەلگەندە شائىرنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىشقا باشلايدۇ. شۇ يىلى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئسيانچىلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ ھىراتقا قايتىشىدا ئەلشىر دوستىنىڭ ئىقبالىغا چىقىپ كۆرۈشىۋاتقاندا قان قۇسۇپ ھۈشىدىن كىتىدۇ. شۇ ئورنىدىن تۇرالمىغانچە 1501-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى مەڭگۈ كۆز يۇمىدۇ.
ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى:
  « بەدايىئۇل بىدايە »  تۈرك تىلىدا 1470-يىل
« مۇفرەدات»  پارس تىلىدا 1485-يىل
« خەمسە » ( بەش داستان) تۈرك تىلىدا 1485-يىل
« تارىخى مۈلكى ئەجەم » پارس تلىدا 1490-1495-يىللىرى
« مىزانۇل ئەۋزان »  پارىس تىلىدا 1492-يىل
« لىسانۇت تەيىر » ، « مۇھاكىمەتۇل لوغەتەيىن»   « خەزائىنۇل مەئانى » تۈرك تىلىدا، « دىۋانى فانى» « مەھپۇبۇل قۇلوب» 1495-1500-يىللىرى.

مەنبە :« شىنجاڭ ئۆزبىك ئەدىپلىرى »، « جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى 2011-يىللىق 12-سان»

بەگزادە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56286
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3877
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 09:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ..ئۇيغۇر ئەلىشىر نەۋائى!!

madariya بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 01:10:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44245
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3022
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-6-12
ئاخىرقى: 2013-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 04:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۇل بولگىنىڭىزگە كوپ رەخمەت بۇرادەر نەۋائنىڭ ھۆرمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدە ،سىزنىڭ مۇشۇنىڭغا   ھىساپ . قاغا قاق ئىتەر ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتەر

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 05:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  madariya كە 2011-12-17 01:10 AMئەۋەتىلدى  :
مەنەقە ئىسىل يازمەلەرنى ئۇيۇرلار ھەچكىم كۆرمەيدىلەر ، نوۋويىنىڭ ھورمەتى ئۇزبېكىستەندىلەر.  
نەۋائى ئۇ بىز ئۇيغۇر تۈرۈكلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇستازى. ئۆزبەكسىتانىڭلاردا  سىتالىننى ھازىر غىچە جۈدە ھۆرمەتلايدىغۇ.

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئۆلۈم مۇتلەق ھەق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58550
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5378
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 10:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلىشىر  ناۋايى ، يۇسۇف خاس  ھاجىپ  قاتارلىق  دۇنياغا  مەشھۇر ئالىملىرىمىز   تىلغا ئېلىنسا، ئۇلارنىڭ  ئىلىم  كامالىتىدىن، تالانت ۋە ئستىداتىدىن  شۇنچىلىك  قايىللىق  ھىسسىياتىغا  چۇمىمىزكى ، ئۆزىمىزنڭ  ئاشۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ  ئەۋلادى  بولغانلىغىدىن  پەخىرلىنىپ  تېرىمىزگە پاتماي  قالىمىز.  ئامما  ئۇلارنىڭ  قايسى  -قايسى   ئىلىملەرنىڭ  ئالىمى  ئىكەنلىكىنى  تۇلۇق  بىلمەيمىز. ئۇلار  ئەينى  دەۋىردىكى  كوپلىگەن  ئىلىملەرنىڭ  ساھىبى  ۋە  ئالىمى  ئىدى  شۇنداقلا ئۇلار يەنە كامالەتكە  يەتكەن  دىنى  ئالىم ئىدى . يەنى  ئۇلار  كىچىك  ۋاختىدىلا  قۇرئاننى  تۇلۇق  يادلىغان  كىيىن  ئەرەپ  تىلىنى پىششىق  ئۆگۇنۇپ  فىقھى ۋە  تەپسىرشۇناسلىقلار نى  كامالەتكە  يەتكۈزۈپ  ئۆگەنگەن  ئىسلام  ئۆلىمالىرى  ئىدى.   لىكىن بىزنىڭ  نەزىرىمىزدىن  ئۇلارنىڭ  دىنى  ئالىم  ئىكەنلىكى  ئىزچىل  چەتتە  قېلىپ  كىلىۋاتىدۇ .  بۇ  ھال  كىشىنى  تولىمۇ  ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .

بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى كۆڭلۈڭ ئارام تاپقان جاي .

ئۆلۈم مۇتلەق ھەق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58550
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5378
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلىشىر  ناۋايى ، يۇسۇف خاس  ھاجىپ  قاتارلىق  دۇنياغا  مەشھۇر ئالىملىرىمىز
   تىلغا ئېلىنسا، ئۇلارنىڭ  ئىلىم  كامالىتىدىن، تالانت ۋە ئستىداتىدىن  شۇنچىلىك  قايىللىق  ھىسسىياتىغا  چۇمىمىزكى ،
ئۆزىمىزنڭ  ئاشۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ  ئەۋلادى  بولغانلىغىدىن  پەخىرلىنىپ  تېرىمىزگە پاتماي  قالىمىز.
  ئامما  ئۇلارنىڭ  قايسى  -قايسى   ئىلىملەرنىڭ  ئالىمى  ئىكەنلىكىنى  تۇلۇق  بىلمەيمىز.
ئۇلار  ئەينى  دەۋىردىكى  كوپلىگەن  ئىلىملەرنىڭ  ساھىبى  ۋە  ئالىمى  ئىدى  شۇنداقلا ئۇلار يەنە كامالەتكە
  يەتكەن  دىنى  ئالىم ئىدى .
يەنى  ئۇلار  كىچىك  ۋاختىدىلا  قۇرئاننى  تۇلۇق  يادلىغان  كىيىن  ئەرەپ  تىلىنى پىششىق  ئۆگۇنۇپ
فىقھى ۋە  تەپسىرشۇناسلىقلار نى  كامالەتكە  يەتكۈزۈپ  ئۆگەنگەن  ئىسلام  ئۆلىمالىرى  ئىدى.
   لىكىن بىزنىڭ  نەزىرىمىزدىن  ئۇلارنىڭ  دىنى  ئالىم  ئىكەنلىكى  ئىزچىل  چەتتە  قېلىپ  كىلىۋاتىدۇ .
  بۇ  ھال  كىشىنى  تولىمۇ  ئەپسۇسلاندۇرىدۇ

بۇ دۇنيانىڭ جەننىتى كۆڭلۈڭ ئارام تاپقان جاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73189
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3004
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 10:38:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1524 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 10:57:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەۋائىي ھەزرەتلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە ھازىرقى زامان ئۆزبەك قاتارلىق قېرىنداش خەلققە ھەم ئورتاق بولغان، ھەم ئۆز-ئارا رىشتە باغلاپ تۇرىدىغان بۈيۈك نامايەندە! كىمدە-كىم ئاتالمىش ھازىرقى زامان مىللەت نەرىيىسى بويىچە نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى بېكىتىشكە ئورۇنىدىكەن،شۇ قارا يۈز!نەۋائىي بوۋىمىزمۇ ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ.ياشىسۇن ئىتتىپاقلىق!يوقالسۇن بۆلگۈنچىلىك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   almas8888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-15 11:05 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش