مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 10

قەدىمكى خېتىم مەدەنىيىتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62296
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 815
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 03:31:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      1834 - يىلى تېكىسسېر بوزكېيىنى بايقىغاندىن تارتىپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بۇ رايونغا كېلىپ تەكشۈرۈپ ، قېزىشقا قىزىقتۇرۇپ كەلدى . 1869- يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى تۆمۈريول ئېنژىنىرى جون ۋودنىڭ قول ئاستىدىكى قېزىش ئەترىتىدىكىلەر يېفىسۇدىن بۈيۈك بۇتخانىنى بايقىدى.  ئۇلار يۈر يۈزىدىن 10ئىنگىلىزچى تۆۋەن جايدىن  بۇتخانىنىڭ مەرمەر تاشتىن ياتقۇزۇلغان يەر يۈزىنى قېزىپ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، گېرمانىيىلىك شېرمان 1870- يىلى تروي خارابىسىنى بايقىدى.بۇ بايقالغان مەدەنىي يادىكارلىقلار  مىس قوراللار دەۋرىگە تەۋە بولىدۇ . 1893- يىلى بوز كېيىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى لاي تاختا يېزىقى ( ئومۇمى سانى نەچچە مىڭ پارچە) چىقتى . ئۈستىگە مەلۇم شەكىلدىكى تەسۋىرىي يېزىق ئويۇلغان. بۇ لاي تاختىدىكى يېزىقلارغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئاناتولىيەنىڭ تارىخى قەدىمقى گرىتسىيە، رىم قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭكىدىن نۇرغۇن يىللار ئاۋۋال ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەردى .
  1872- يىلى ۋىليام لەيت ئىسىملىك ئېرلاندىيىلىك مىسسىئونىر ( دىن تارقاتقۇچى) سۈرىيە شەھىرىنىڭ خامماسدىن قېزىۋېلىنغان ئۈستىدە ئويما بار بولغان 5 پارچە تاشقا ئىگە بولدى. لەيتنىڭ ئۆزى بۇ تاش پارچىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى بەلگىلەرنى چۈشەنمىسىمۇ ، دىن تارقاتقۇچى بولغاچقا  ئۇ «تەۋرات» قا ئىنتايىن پىششىق ئىدى.«تەۋرات» تا بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم خىتىملىقلار ئاددى تىلغا ئېلىنغان . ئىسرائىلىيىلىكلەر تۇرۇۋاتقان  يېرىگە كەلگەندە ، پەلەستىندە تۇرۇۋاتقان  بىر قانچە مىىللەتلەر ئارىسىدا خىتىملىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ؛ يەنە ئابراھام ( خېتىم ئادىمى ئىفلۇن)نىڭ قولىدىن ئايالى سارانى دەپنە قىلغان ئۆڭكۈرنى سېتىۋالغان ؛ شۇنداقلا نامسىز ” خېتىم پادىشاھى“ سولوموندىن ئات سېتىۋالغان، سولوموندىكى نۇرغۇن خوتون ۋە توقاللار ئارىسىدا خېتىملىقلار بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۈرىيە پادىشاھىنىڭ قانداق قىلىپ بىر قوشۇن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ پايتەختىنى قورشىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان . بىر مەزگىلدىن كېيىن شەھەر ئىچىدىكى ئاشلىق تۈگەپ ، كىشىلەر ئېشەك بېشى، كەپتەر مايىقىنى تاماق ئورنىدا يىگەن. قورشىۋېلىنغان ئادەملەر ئۈمىدىنى ئۈزمەكچى بولغاندا مۆجىزە يۈز بەرگەن؛ تەڭرى” سۈرىيە قوشونىغا چوڭ قوشۇندىن كەلگەن جەڭ ئېتى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقان “ . سۈرىيىلىكلەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى خېتىملىقلار ۋە مىسىر بىرلەشمە ئارمىيەسىنى چاقىرىپ ئەكىلىپ خاننى قوغدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئالاقزادە بۇلۇپ قېچىپ كەتكەن.
   يۇقارقى خاتىرىلەرگە ئاساسەن لەيت ئەگەر « ئىنجىل » دە بۇ قوشۇننى مىسىر قوشۇنى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغاندا بۇ ئەلۋەتتە قۇملۇق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسى بولمايدۇ دەپ قارىغان . شۇنداق قىلىپ خېتىملىقلار بۇرۇن تەڭداشسىز بۇلۇپ، ئۇلار ئىلگىرى چوقۇم خامماستىكى تاشقا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى ئويغان، شۇنداقلا بۇ تاشلاردىكى ئابىدىلەرنى خېتىملىقلار قالدۇرغان دەپ قىياس قىلغان .
لەيت بۇ بەش پارچە تاشنى بۈيۈك بېرىتانىيە مۇزىيخانىسىدىكى مۇتەخەسسىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ تاش ئۈستىدىكى بەلگىلەرنى يېشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان.
1879 - يىلى ئاچبورد شېس ئېسىملىك ئەنگلىيىلىك ئالىم تېكىسسر ئىلگىرى بوزكىي ۋە ياسەينىياكادا تارتقان سۈرەت ۋە خامماس تېشىنىڭ رەسىمىنى سېلىشتۇرغان. شېس ئىككى پارچە رەسىمدىكى بەلگىلەرنىڭ ئوخشاشلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن شېس ئوخشاش بىر مەدەنىيەتنىڭ ئاناتولىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن جەنۇپقا نەچچە يۈز ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى سۈرىيەگە كۆچكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ قانداق دەپ ئويلىغان. شېس ئۇنداقتا بەلكىم «ئىنجىل » دا تىلغا ئېلىنغان ئادەم خېتىملىقلار بۇلۇشى مۇمكىن ھەمدە ئۇلار بەلكىم بوزكىيى ئەتراپىدا تاغ چوققىسىدا قەلئە ياسايدىغان مىللەت بۇلۇشى مۇمكىن دەپ يەنىمۇ بىر قەدەم پەرەز قىلغان .
   1880- يىلى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن « ئىنجىل » ئارخىئولوگ ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىندا ، شېس يەنە بىر قېتىم ئېرلاندىيىلىك ۋىليام لەيتنىڭ 6 يىل ئىلگىرىكى خامماس ئابىدىسى خېتىملىقلارنىڭ ئەسىرى دېگەن ھۆكۈمنى جاكارلىغان .
  لەيتمۇ بۇ ئۇزۇن مۇددەت ئۇنتۇلغان مىللەت توغرىسىدا  «خېتىملىقلار ئىمپىرىيىسى» دەپ بىر پارچە كىتاپ نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتاپ پۈتۈنلەي يېڭى بولغان خېتىم ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا يول ئېچىپ بەرگەن. تارىخشۇناسلارنىڭ قەدىمىي دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتكەن . شۇنداق ديىشىكە بولىدۇكى، خېتىملىقلار ئۆزىنىڭ يېشىش مۇمكىن بولمىغان يېزىقى ئارقىلىق ، ئاخىرى ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى ئىگە بۇلۇشقا تېگىشلىك بولغان ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئاسسۇرىيە ۋە مىسىر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارمۇ ماتېرىياللاردىن  خېتىملىقلار مەدەنىيىتى توغرىسىدا يىپ ئۇچىنى بايقىغان .
   ئەڭ ئاخىرىدا، خېتىملىقلار مەخپىي دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ تۈركىيەدە تېپلماي، بەلكى يىراق بولغان مىسىردە بايقالغان، 1887- يىلى قاھىرەنىڭ جەنۇبىغا 200 ئېنگىلىز مىل يىراقلىقتىكى نېل دەرياسى بويىدىكى تايىل ئامارنا كەنتى ئەتراپىدا بىر تۈركۈم مەخپى ساقلانغان لاي تاختا بايقالغان . بۇ بىر قانچە قۇر رەتلىك تەسۋىرىي يېزىق ئويۇلغان لاي تاختا ئەسلىدە مىسىر فىرئەۋىنى ئاخناتوننىڭ دېپلوماتىيە ۋە مەمۇرىيەت خېتى بۇلۇپ،  بۇ فىرئەۋن قەدىمى مىسىر تارىخىدىكى دىن ئىسلاھ قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 14- ئەسىردە،  ئۇ يېڭى بىر پايتەخت ئاختاتۇننى قۇرغان ، ئاختاتۇننىڭ مەنىسى” ئاتۇننىڭ نۇرى يورۇتقان جاي“ دېگەنلىكتۇر. ( تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغىنى، بۇ فىرئەۋىننىڭ ئىككىنچى ئايالى تۇغقان ئوغلى، كېيىن ئاجايىپ مەشھۇر بولغان تۇتان كامىن بۇلۇپ، تۇتان كامىن 20 ياشقا بارمايلا سىرلىق ئۆلۈپ كەتكەن . سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ) ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن لاي تاختا يېزىقىدا بىر داڭلىق خان ھەمدە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ يۆنىلىشى تەپسىلىي سۆزلەنگەن. بىر پارچە لاي تاختا يېزىقى خېتىم پادىشاھى سۇبىلۇلىۋۇمانىڭ ئوردا ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ ياش ئاخناتۇننىڭ مىسىر پادىشاھىلىق ئورنىغا  چىققانلىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى خەت ئىكەن . كۆپلىگەن خەتلەر بابىلۇن ئاككاد يېزىقىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دېپلوماتيە ئورتاق تىل يېزىقىدا يېزىلغان .
   لېكىن ئىككى پارچە لاي تاختا باشقىلارغا ئوخشىمىغان ، ئۇلار ھېچكىم بىلمەيدىغان يېزىقتىن شەكىللەنگەن ، ئۇنداقتا بۇ ئىككى پارچە لاي تاختا ئۈستىگە زادى نىمىلەر يېزىلغان ؟
  1893 -يىلى، بىر فىرانسىيىلىك ئىنسانشۇناس ئاناتولىيەنىڭ بوزكىيىدىن ئىككى پارچە لاي تاختا قېزىۋالغان. ئۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن، بۇ ئىككى پارچە لاي تاختا ئۈستىدىكى تەسۋىرىي يېزىق بىلەن مىسىردىكى ئامارنا كەنتىدىكى ھېلىقى يېشىش مۇمكىن بولمىغان تەسۋىرىي يېزىقنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ كۈتۈلمىگەن بايقاش قەدىمقى مىسىر مەدەنىيىتى بىلەن خېتىم مەدەنىيىتىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
  1905- يىلى بىر پارچە مۇشۇنداق تەسۋىرىي يېزىق يېزىلغان بوزكىي لاي تاختىيى گېرمانىيىلىك ئاسسىرىئولوگ خوك ۋىنكىرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى . ۋېنكىر ۋە بىر گۇرۇپپا ياردەمچىلىرى 10- ئايدا بوزكىيىغا بېرىپ 34 پارچە لاي تاختاينى كولاپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپىنچىسى مۇشۇنداق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدىغان تەسۋىرىي يېزىق بىلەن يېزىلغان ئىدى .
   بۇ لاي تاختا يېزىقى ۋە بوزكىيى غايەت زور خارابىسى بىزگە گويا بۇ خارابىلىكلەر خېتىملىقلارنىڭ بىر مۇھىم شەھىرى، بۇ تەسۋىرىي يېزىق بەلكىم خېتىملىقلارنىڭ يېزىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەندەك قىلاتتى .
    مۇشۇ نۇقتىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ئۇ ئىككىنچى يىلى يەنە بىر قېتىم كولىدى . بۇ قېتىم ۋېنكىر ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بالدۇرلا بۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ، ئادەتتە چوڭ قەلئە دەپ ئاتىلىدىغان جاينىڭ ئەتراپىدىن تېزلا رەتلىك تېزىلغان مۇكەممەل ساقلانغان لاي تاختا يېزىقىنى كولاپ چىقتى . ۋېنكىر بۇ يەرنىڭ ئادەتتىكى ئاھالە ئولتۇراق رايونى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى.  ئۇ”بوزكىي چوقۇم ئىنتايىن مۇھىم مەركەز“ دەپ پەرەز قىلدى . ئۇنى گۇمانلاندۇرىدىغىنى بۇ خارابىلىك بىلەن خېتىملىقلار ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بار ؟ قارىغاندا، بۇ سىرنى ئېچىش ئۈچۈن، سەۋرچانلىق بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قېزىش كېرەك ئىدى . 20 كۈندىن كېيىن بىر قازغۇچى ۋېنكىرگە بىر پارچە ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان ئاككاد تىلى لاي تاختا يېزىقىنى ئەكىلىپ بەردى . ۋېنكىر ئەسلەپ تۇرۇپ :” ئۇنى كۆرۈپلا ئىلگىرى كۆرگەنلىرىم بىلەن زور پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدىم “ دىگەن .
ئۇ زادى نىمىنى كۆرگەن ؟

‹‹ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ›› دېگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى .
تەرجىمان :ئۆزۈم  
بۇ تەرجىمە ماقالەم ‹‹مىراس›› ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11525
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 6972 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 04:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۇ   ...............                  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11490
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 04:26:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ سىرلىق ۋەقەنىڭ نىمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ، تىمىنىڭ ئاخىرىمۇ تۇيۇقسىز جىپپىدە توختاپ كەتتىغۇ ئەستەغپىرۇللاھ  !ئەستەغپىرۇللاھ !

ئالدى يۇزنى تەرجىمە قىلغان، ئادەم كەينى يۇزنىمۇ تەرجىمە قىلۋەتمەي بىر يولدىلا .........

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 549
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 05:09:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا. جاپا چىكىپسىز.
مەن ئاۋال داۋامىنى ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاي ئەيىپكە بۇيرىماڭ ھە.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65382
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5250
تۆھپە نۇمۇرى: 1400
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 05:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بۇ خېتىم دېگەن گەپ بىز بىلەن ھېچقانداق تارىخى باغلىنىشلىقى يۇقتەك تۇرىدۇ.

بەگزادە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6122
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5765
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 5540 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مىسىرلىقلار» دەپ بىر كىنو كىنو بولىدىغان 3500يىللار ئىلگىرىكى دەۋىر تەسۋىرلىنىدىغان. شۇنىڭدا خىتىتىلارنىڭ تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدىغان بىر ۋەقەلىك يەنى خىتىتىلاردىن ئېلىپ كەلگەن تۆمۈردىن ياسالغان قېلىچ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ مىس قېلىچىنى بىرنى ئۇرۇپلا سۇندۇرۋېتىدىغان بىر كۆرۈنۈش بارلىقى بەك ئېسىمدە.

http://koxuk.blogbus.com/

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5610
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1442 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 07:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللاي سىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67768
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 739
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 07:21:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىمنى دىسەم بۇ مەزمۇننى ئوقۇپ پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.

كىشىگە يامانلىق ئويلىغانلىق ئۆزىگە ئورا كولىغانلىق.

قان ئىچدە قان ......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1166
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 08:25:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنى تەتقىق قىلشىنى تاشلىمايلى ،ئەجرىڭىزدىن سۆيۆندۈم !

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 1847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16503
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8125 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 09:52:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار-خېتىملىقلار كىمنىڭ ئەجدادى بولغۇيتى !~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش