مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4442|ئىنكاس: 54

«جاللات خېنىم»توغىرسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6711
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1076 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 12:11:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر قايتا تولۇقلىنىپ يوللاندى .
    «جاللات خېنىم»توغىرسىدا  
نۇربىيەم قۇدىرەت

رومان چوڭ ھەجىمدىكى ئىپىك  ئەسەر بولۇپ، ئۇ تارىخى رومان  ۋە بەدىئى رومان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.تارىخى رومان بولسا تارىخى تىمىدا يىزىلىدۇ.ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېىنىم»نامىلىق ئىككى توملۇق  رومان تارىخى تىمىدا يىزىلغان.بۇ رومان مەرھۇم ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز»ۋە «ئويغانغان زىمىن»رومانىدىن قالسا ھەققىەتەن ياخشى يىزىلغان بولۇپ روماننىڭ ئالاھىدىلكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.بۇ روماندا ۋەقەلىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ پىرسۇناژ ئوبرازى كۆپ قاتلاملىققا ئىگە.بۇ روماندا پىرسۇنازلار بىرقەدەر كۆپ يەنى سۇلتان ئىسمائىلخان،مەلىكە مۆھتىرەم خىنىم،ئاپپاق خوجا ئۇنىڭغا يانداش پىرسۇناژلار بولسا مىرزا باباقبەگ،غالدان... قاتارلىق نۇرغۇن شەخىسلەر سۆزلەنگەن.ئۇلارنىڭ خاراكىترىنى ئىچىپ بىرىشتە ئايرىم تەسۋىرلىمەستىن بەلكى ئۇلارنىڭ سۆز –ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىچىپ بەرگەن.ھەر بىر نىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۇتقان ئورنى تىخىمۇ ئىنىق ئىپادىلەپ بەرگەن.ۋەقەلىكلىرى بەدىئى رومانغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ بولسىمۇ ۋەقەلىكنىڭ تولۇق ئىچىپ بىرىشقا ئىمكانىيەتنىڭ بىرىشچە تىرىشقان.ئاپتۇر گەرچە ھازىرىقى زاماندا ياشىغان بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتكى دەۋىر ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان.قارىماققا يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىدىكى ئىشلار ۋە ئاپپاق خوجا توغىرسىدا سۆزلىگەندەك قىلىسمۇ بۇ روماننىڭ مەركىزىي ئىددىيسى،ئاپتۇرنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان مۇھىم ئوبراز يەنىلا مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمدۇر.ئۇ ئۆزنىڭ ئاياللىق قىممىتى ،غورۇرى گۇزەل پەزىلىتى ئارقىلىق تونۇلىدۇ.ئەلەمدە ۋە قەلەمدە تەڭ يىتىشكەن . شۇنداقلا سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىن بولسۇن تىلى ئاددى بولۇشتەك ئارتۇقچىلققا ئىگە .مەيلى سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىن بولسۇن مەيلى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئىشلىتىش جەھەتتە ياخشى يىزىلغان. تىلى ئاددى ،چۈشۈنشلىك ،ئوبرازلىق سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.بىر لىنيە بىلەن يازماسىتن بىر قانچە لىنيە بىلەن يىزىلغان ھەتتا داڭلىق شائىرلارنىڭ شېئرلىرنىمۇ ئۆزىگە مۈجەسسەملەشتۇرگەن.  
مەسىلەن:  
مۇشائىرە ئىيتىۋىتىپ تاماقلىرىمۇ قۇرۇپ كەتتى.ئەمدى گىلمىزنى نەمدىۋالايلى –دېدى مىرزا باباقبەگ ئالتۇن قەدەھتىكى شارابنى سۇلتان ئىسمايىلخانغا ئۇزۇتۇپ ئۆمەر ھەييام شېئرنى ئوقىدى:  
مەي نەغمە ھۆر كەبى ئۇلپىتىڭ بولسا،  
سۇ بويى چىمەندە سۆھبىتىڭ بولسا.  
ھوزۇرلان بۇنىڭدىن ئويلىمادوزاخ،  
بۇنچىلىك بولغاي ئۇ جەننىتىڭ بولسا.  
سۇلتان ئىسمائىلخان جاۋابەن ئۆمەر ھەييام روبائىيسىدىن بىرنى ئوقۇدى.  
سۇپسۇزۇك ئەي شاراپ،ئەي تۇسى رەئىنا،  
مەن شۇنداق چەيكىم،ساڭا مەندىن شەيدا.  
كۆرگەنلەر دىيشسۇن نەدىن كەلدىڭىز؟  
شارابنىڭ ئەي كۈپى،كېلىڭ مەرھابا...  
دىگەنگە ئوخشاش.بۇنىڭدىن باشقا ئەھمەد يەسەۋۋى،ھىرقتى،سەككاكى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شىئىرلىرىمۇ ئۇچرايدۇ.  
بۇ ئەسەردە ئالاھىدە تىلىغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇپ »ئەسىرنى ئەينى زاماندا قەدىرلىگەنلىكى، قىممتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئالغان .بۇ توغىرسىدا مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرۇشكە بولىدۇ.424-بەت  
ئەلشىر نەۋائىيىنىڭ «مەھبۇبۇل-قۇلۇپ»كىتابىنى ئوقۇپ ئولتۇراتتىم.ئاپتۇر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلدە يازغان بۇ كاتتا ئەسىرىدىكى مول ھايات تەجىربىلىرى ۋە بىلملىرىنىڭ يەكۈنى، زور ئىجتىمائى مەسىللەر ھەققدە يۇرگۈزۈلگەن پەلسەپىۋى ھۆكۈملىرى مەلىكە مۆھتىرەم خىېنىمنى ئۆزىگە  پۇتۇنلەي رام قىلىۋالدى.»  
ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئەسەر ئەلشىر نەۋائىينىڭ بىر ئۆمۈرلىك قان –تەرى بەدىلگە كەلگەن ئەسەر بولۇپ، «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» تا «ياخشلىق»ۋە «يامانلىق»تىن ئىبارەت بىر جۇپ ئەخلاقنى تۇتقا قىلىپ،جەمئىيەت، ئائىلە،شەخسنىڭ ئىجابى، سەلبى ئەخلاقنى مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەينى زاماندا ئجتىمائى تەبىقىلىرى،بولۇپمۇ دىھقانلار،ئەقلى ئەمگەكچى مۇددەرسلەر، تىۋىپلار  كاتىپلار،ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر ھەققدە تەھلىل يۇرگۈزگەن.بەزى بىر ئەسەرلىرى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام»دا كۆرۇلىدۇ.گەرچە ئاز بولمىغان ئىلمى ماقالىلەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلگەن بولسمۇ بىراق بىزدە ئەلشىر نەۋائىي توغىرسىدا تەپسىلاتلار توغىرسىدا چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسەرلەر بارلققا كەلمىگەن.  
ھۆرمەتچان ئابدۇرەھمان«تەسەۋۇپ پەلسەپسى»248-بەت  
«جاللات خىېنم»نامىلق تارىخى روماندا پىرسۇناژلار ئوبرازى كۆپ قاتلاملىققا ئىگە.يەنى مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ ئوبرازى ياراتقاندا كۆپ قاتلام بويىچە ياراتقان ئۇنى ئەلەمدە ۋە قەلەمدە تەڭ يىتىشكەن قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.مەيلى ئۇ جەڭگاھتا بولسۇن،ئوردا سۆھبىتدە بولسۇن ئۆتكۈر پىكىر يۇرگۈزگەن ۋە ماھارەت كۆرسەتكەن.ھەممە مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمغا قايىل بولغان.  
روماندا پىرسۇناژ ئوبرازنى يارتىش تىلى ئاددى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولسمۇ،ئۆز نۆۋتىدە بىر قىسم نوقسانلاردىن خالىي بولالمىغان.  
نۇرغۇن كىشلەر جەرە-ساما سىلىپ، ھۆكۈمەت ئوقۇيدۇ.بۇ ئوقۇغان ھۆكۈمەتلىرى ئەھمەد يەسەۋۋنىڭ شىئىرلىرىى ئىكەنلىكنى ئىزاھلايدۇ.ئۇنداقتا ئەھمەد يەسەۋۋى كىم؟ ئۇ قانداق ئادەم؟ ئەينى ۋاقتتا پەقەت شۇ ئادەمنىڭلا شىئىرلىرىنى جەرە-ساما سىلىپ ھۆكۈمەت قىلىپ ئوقۇشقا بولامدۇ؟ باشقلارنىڭ شىئىرلىرنى ھۆكۈمەت قىلىپ ئوقۇشقا بولمامدۇ؟  
ئەھمەد يەسەۋۋى-ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئۆزەك قىلغان ئوتتۇرا ئاسيا پەلسەپە ۋە ئەدەبيات تارىخدىكى مۇھىم تارىخى شەخىس. تۇركىي تەسەۋۋۇپ شىئىرينىڭ ئاساسچىسى سوپىلق يولى-يەسەۋۋى تەرىقسنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانلارغا قاراشلىق تۇركسىتان ۋىلايتىنىڭ يەسسە دىگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن.1116-يىلى تۇركىستان ۋاپات بولغان. يەنە بىر مەلۇماتتا بۇگۈنكى ئاقسۇ ۋىلايتىگە قاراشلىق باي ناھىيسنىڭ سايرام كەنىتىدە دۇنياغا كەلگەن دىگەن قاراشمۇ بار.ئۇ «دىۋان ھېكمەت» ناملىق پەلسەپىۋى شىئىرى كىتابى بار.بۇ كىتاپ 42قىسم،2مىڭ مسرالىق«ھېكمەت»،232مسرالىق «مۇناجات»644مىسرالىق«مىراجنامە»جەمئى 2876مىسرادىن تەشكىل تاپقان.بەزىدە ئۆز ئىسمىنى «مىسكىن يەسەۋۋى»«قۇل خوجا ئەھمەد»نامدا ئاتىغان.1  
ئەھمەد يەسەۋۋىنىڭ شىئىرلىرنى جەرە –ساما سىلىپ ھۆكۈمەت قىلىپ ئوقۇيدۇ.بۇنىڭدىن باشقا كىشلەرنىڭمۇ ئەسەرلىرىنى ھۆكۈمەت قىلىپ ئوقۇشقا بولىدۇ.  
«بەختسىز سەئىدىيە»ناملىق تارىخى روماندا مۇنۇ مسرالارنى كۆرۇشكە بولىدۇ.123،124،173-بەتتە:  
تەركىدۇنيالىق ئىبادەت مەغزىدۇر،  
تەركىدۇنياكى خۇدانىڭ پەيزىدۇر.  
ھەر نېمە خاني دۇرۇر بولغىل يىراق،  
ئۇل نىمە كىم نەپسى قىلسا ئىختىيار.  
بولغاي ئول دەرگاھى ھەقتە شەرمىسار.2  
دەپ جەرە-ساما سالىدۇ.  
173-بەتتە بولسا:  
يائاللا دوست، يائاللا!  
ھەق دوست،ھەق دوست!  
گۇناھلىرى ھىسابسىز،  
قيامتى مەدەتسىز،  
يائاللا دوست ،يائاللا  
دەپ ھۆكۈمەت ئوقۇيدۇ.  
بەزى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتلىشى نامۇۋاپىق بولغان .مەسلەن:27-بەت  
سۇلتان ئابدۇللاخان لەشكەر بىشنىڭ جاۋابنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەي يەنە ۋارقىرىدى:  
-ھاڭقىيىپ تۇرماي، ئاچ دەرۋازنى بەتبەخىت!بۇ يەردىكى «ئاچ دەرۋازنى» دىگەن سۆز خاتا ئىشلەتكەن بولۇپ تارىخى پاكىتلاردا بولسا «قوۋۇق»دەپ ئاتالغان.  
ئەخەت تۇردىنىڭ «بەختسزسەئدىيە»(2010-يىل 3-ئاي 2-نەشىرى)47-بەت  
-يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق يېتىۋىرىمىز،ھەزىرتىم!-دېدى غالدان سۇئالنى داۋاملاشتۇرۇپ ،-سىز «قەلئەنىڭ ئىچىدىكلەر ھەركەتكە كەلدى،ناھايتى تىزلا قوۋۇقلارنى ئىچىپ بىرىدۇ»دېگەندىڭىز.  
59-بەت يۇقىردىن سانغاندا 12-قۇر  
-ھىم...چاغىرىبەگ يۇرۇڭ،ھوجىرىغا كىرىپ پاراڭلىشايلى،-نىياز بەگ ئۇنى قولتۇقىدىن ئېلىپ،قاناتلىرىغا تۆمۈر قاپلانغان چوڭ قوۋۇقنىڭ يىندىكى ھوجىرىغا باشلاپ كىرىدى.  
61-بەت يۇقىردىن سانغاندا 2-قۇر  
-ئۇلار بىلەن سۆزلىشىڭ قوۋۇقتىن چىقىرىش ئىشنى ئۆزۇم ئورۇنلاشتۇرمەن.  
3.«جاللات خېنىم» ناملىق تارىخى روماندا ھىرىقىتى،ئەلشىر نەۋائىي، ئۆمەر ھەييام توغىرسىدا مەلۇمات بەرمىگەن.بۇ كىشلەرنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويغا سالدۇرىدۇ.تارىخى كىتاپلارغا ئاساسلانغاندا:  
ئەلشىر نەۋائىي -1441-يىلى ھىرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.1501-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»،«خەزائىنول مەئانى»،«چاھار دىۋان»ناملىق ئەسەرلىرى بولۇپ 3132 پارچە شىئىر 44900مىسرادىن تەشكىل تاپقان.  
ھىرقتى-ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئىمىن غوجامقۇلى 1634-يىلى قەشقەر يىڭشەھەر ناھيسنىڭ تازغۇن يىزسىدا تۇغۇلۇپ 1724-يىلى 90يىشدا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭ «مۇھەببەتنامە-مىھنەتكام»ناملىق ئەسرى بولۇپ 903بيىت، 1806مىسرادىن تەشكىل تاپقان.  
ئۆمەر ھەييام-1048يىل 18-مايدا ۇغۇلۇپ، 1131-يىل 4دىكابىر 83يىشدا شاپۇر شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.«ھەييام»نىڭ مەنسى «چىدىرچى»دىگەن مەنسى بار.  4.«جاللات خىنىم »دىگەن ئەسەردە مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ بىر پەرزەنتى دىيلىسە ،«بەختسىز سەئىدىيە»دە بولسا ئۈچ پەرزەنتى بار دىيلگەن.«مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمنىڭ ئەبىت بەشىرسىدە» بولسا ئۈچ پەرزەنت دىيلىگەن.
گەرچە بۇ ئەسەردە يۇقارقىدەك نوقسانلار كۆرۇلسىمۇ بىراق ھەركىزمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
ئاخىرىدا يازغۇچىنىڭ قەلمىنىڭ ىبەرىگەت بىرىشنى تىلەيمەن.تىننىڭ سالامەت ئىشلرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشنى تىلەيمەن. باسقان ئىزىدىن گۈللەر پۇرەكلەپ ئىچلىشنى تىلەيمەن.بەخىت ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن.
پايدىلانما ماتىرىياللار:
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» (1887-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى):ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت «تەسەۋۋۇپ پەلسەپسى»(2001-يىلى 11-ئاي 1-نەشىرى)  
ئابدۇللا خاراباتى«مەسنەۋى خارابات»  
مەزكۇر ئەسەرنى يوللىغۇچىلار ئاپتۇر ئىسمىنى ئۆچۇرۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە ئۆز قەلىممى

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3549
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.
بۇرومانمۇ ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان، مەن ئاجايىپ بىرىلىپ ئوقۇغان . قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن .

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7056
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5203 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹جاللات خېنىم › ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل چىققان ئەسەر ،ئۇ ئەسەردىن بىز پەقەت تارىخ ۋە مەدەنيەت ئۇچۇرلىرىغىلا ئىگە بولۇپ قالماستىن ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەڭداشسىز ئىپادىلەش كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز، ياش يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ باسقان ئىزىدىن تېما ئاپتورى ئېىيتقاندەك باسقان ئىزىدىن گۈللەر پورەكلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:22:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتن ياخشى يوللاپسىز جاللات  خېنىم دېگەن روماننى ئوقۇپ ئالامەت تەسىر قىلغان ئىدىم

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە بۇ روماندا جاللات خېنىمنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى جانبازلىق ماھارىتىنىى سەل مۇبالىغە قېلىۋېتىپتۇ ، بولۇپمۇ ھېلىقى جەڭگە چىققاندا قارشى تەرەپنىڭ بىر جانبازچىسى بىلەن يەكمۇ يەك ئېلىشقاندا مۆھتىرەم خېنىم ئېتنىڭ بېشىنى بۇراپ قاچقان بولۇۋېلىپ كەينىگە يېتىپ ئاتقان ئوقىنى نەق كۆزىگە تەككۈزۈپ يەر چېشلىگۈزىدۇ ، كىچىككىنە بىر قىزنىڭ بۇ ھەركەتلىرى مىنىڭچە خەنلەرنىڭ بەزەن فېلىملىرىدىكى كۆرىنىشلىرىگە ئوخشاش تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن...
يەنە بۇ ئوبزۇردىكى ‹‹قارىماققا يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىدىكى ئىشلار ۋە ئاپپاق خوجا توغىرسىدا سۆزلىگەندەك قىلىسمۇ بۇ روماننىڭ مەركىزىي ئىددىيسى،ئاپتۇرنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان مۇھىم ئوبراز يەنىلا مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمدۇر.›› بۇ تەھلىلگە ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىدىم ، مىنىڭچە مەركىزى ئېدىيى ئۇ ئەمەستۇ ؟ گەرچە ‹‹جاللات خېنىم ››دەپ ماۋزۇ قويۇلسىمۇ ئاپتۇر ئۇ تارىخىي شەخىسكە ئېنىق  بىر باھا بەرمىگەن  ، بەلكىم كۆز قاراشلارنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن... ‹‹.ئۇ ئۆزنىڭ ئاياللىق قىممىتى ،غورۇرى گۇزەل پەزىلىتى ئارقىلىق تونۇلىدۇ.ئەلەمدە ۋە قەلەمدە تەڭ يىتىشكەن .››  مىنىڭچە ئاپتۇر  جاللات خېنىمغا ئۇنداق باھا بېرىشى ناتايىن ....

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 03:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ چە بۇرومان شۇنداق ياخشى چىقان دەپ قارايمەن   
  بۇروماننى   مەندەك كاللىسى  ئاددى ئادەملە  بىرنەچچە قېتىم ئۇقىمىسا تۈشىنەلمەيدكەن  بۇلۇپمۇ پىرشىنازلا شۇنداق جىق

ئاللاھ خالىسا بىر كىنو قىپئىشلىسە بوللاتتتى   
مابلەق كەمبولسا  جەمىيەتتىن  يىغسا  

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

يوقۇتۇشنىڭ تۈپ ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10230
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9834
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1769 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 03:36:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاللات خېنىم رومانى ناھايتى ياخشى يېزىلغان رومان . بۇ روماندىكى كىشى ئىسىملىرى ، يەرلىك شىۋە ، ئادەمگە ھەقىقەتەن شۇ دەۋىردە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن . يەنە باھادىرنامە دىگەن رومانمۇ ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان ئالاھىدە رومان. يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

مۇھەببەتتىن كەچسەڭمۇ ئازاپ 。 ۋىسالىغا يەتسەڭمۇ ئازاپ 。 ئاي پاتسا تىترمە قوياش يار ساڭا 。 تەقدىرىڭ ھومايسا چاقچاق دەپ سانا 。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 03:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاللات خېنىم رومانى ناھايتى ياخشى يېزىلغان رومان .                     [s:302]  [s:302]  [s:302]  [s:302]  [s:302]  [s:302]

مەن كىمگە ئھتىياجلىق ئۇ نىمگە ئھتىياجلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 03:39:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

مەن كىمگە ئھتىياجلىق ئۇ نىمگە ئھتىياجلىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش