مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3046|ئىنكاس: 56

ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان بوۋاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 829
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 04:29:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىرىڭ...جىرىڭ...جىرىڭ!!!!!!
ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىمنى يىرتىپ ئېچىپ،سائىتىمگە قارىسام ئەمدى تۆت بوپتۇ.چۈشنىڭ تاتلىق يېرىگە كەلگەنىدىم.چۈشتىن كىيىنلىك ئۇيقۇمنى
بىرى بۇزىۋەتسە بەكلا ئاچچىغىم كىلىدۇ.يەنە لى ۋىنچاڭكەن.تىلىفۇننى ئالدىم.
-نىمىشقىلىۋاتىسەن رازۋىدكا ماھىرى؟،-دەپ سورىدى ئۇ.
-ئۇخلاۋاتقانتىم.ئۇيقۇ بۇزۇش ماھىرى.
-مەن ئۇيقا بۇزۇش ماھىرى ئەمەس،سەن ئۇخلاش ماھىرىكەنسەن.قاچانلا تىلىفۇن قىلسا قاخشاپ.
-مەن كاللامنى ئىشلىتىپ نېرۋام چارچاپ كىتىدۇ.شۇڭا ئۇخلايمەن.سەنغۇ بىرەر سوتكا ئۇخلىمىساڭمۇ ھېچنىمە بولمايسەن .
-بولدى مەن ساڭا گەپتە تەڭ كىلەلمەيمەن .بىرى ئېسىلىپ ئۆلىۋاپتۇ كىلەمسەن ؟
-قىزمىكەن؟
-بىر بوۋاي.
-نەق مەيدان نەدە؟
-شىمالى كۆلگە چىقىپ كىتىدىغان يولدىكى شىياڭ لې ئاھلىلىكلەر قوراسىنى ئۇقامسەن؟
-بىلىمەن.
-ئىككىنچى بىنا بىرىنچى كورپۇس 18-قەۋەت 1802-نومۇرلۇق ئۆي.
-بىلدىم.
لى ۋىنچاڭ بىلەن ئاددىلا كۆرۈشۈپ دىلوغا چۈشۈپ كەتتۇق.لى ۋىنچاڭ ئاۋۋال ماڭا ئازراق چۈشەنچە بەردى.
-ئۆلگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى لىيۇ خاۋ ئەن.72ياش.بويى 1مىتىر 65سانتىمىتىر.63كىلو .پېنسىيىگە چىققان تېخنىك.بىر بېقىۋالغان ئوغلى بار.باشقا ئائىلە تاۋاباتلىرى يوق.دىلونى بېقىۋالغان ئوغلى بۈگۈن سائەت تۆتتىن 15مىنۇت ئۆتكەندە مەلۇم قىلغان.ئۆلگۈچى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر گە بولغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت7دىن 9غىچە.سائەت ئوندا بىر قېتىم ئۆلگۈچى بىلەن تىلىغۇندا كۆرۈشكەن.
-بىرەر نەرسە يۈتۈپتۇمۇ؟
-ياق.
-جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىچۇ؟
-تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
-بارماق،ئاياق ئىزىچۇ؟
-تەكشۈرىۋاتىدۇ.
-دىلو مەلۇم قىلغۇچىچۇ؟
-ئۇنىڭ كەيپىياتى بەك ناچار.دېرىزە تۈۋىگە تاماكا چەككىلى كەتتى بولغاي.
-يۈر.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقايلى.
مەن ئادەتتە ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى ئوبدان ئىگىلەپ ،ئاندىن نەق مەيدان كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن.چۈنكى نەق مەيدان ئۆزگەرمەيدۇ. سۆز ئۆزگىرىدۇ.
ئۇ بويى بىرمىتىر يەتمىش سانتمىتىر ئەتراپىدىكى، كوسا ئادەم بولۇپ قىرىق ياش ئۆپچۆرىسىدە ئىدى.ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن  ،كۆزلىرىدە  ئازاپ ئۇچقۇنلىرى ئەكىس ئىتەتتى.بارلىق دەردىنى تاماكىدىن چىقىرىپ ئۇنى كۈچەپ -كۈچەپ شورايتتى.
-ياخشىمۇسىز؟،-دىدىم سۆز باشلاپ.
-ياخشىمۇسىز.
-ئاتىسىدىن ئايرىلغاندىكى ئازاپنى مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان.ھامان ئۆتۈپ كىتىدۇ.بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭ.
-رەھمەت سىزگە.
-ئەرزىمەيدۇ.تونۇشۇپ قالايلى ئىسمىم سەزگۈر.
-ئىسمىم لىيۇ يۇڭ جىيەن.
-كەچۈرۈڭ .بىلىشىمچە ئۆلگۈچى ئۆز ئاتىڭىز ئەمەسقۇ دەيمەن؟
-شۇنداق ئۇ مىنى بېقىۋالغان.
-ئاتىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز توغۇرلۇق تەپسىلى سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
-مەن ئىسىمنى بىلسەم ئاتا-ئانام يوقكەن.بەزىدە تېرىپ يەپ-بەزىدە ئوغۇرلاپ يەپ،بىنالارنىڭ ئاستىدا ئۇخلاپ سەرگەردان بولۇپ يۈرەتتىم.
بىر كۈنى كەچلىك بازاردا بىكار چۆگىلەۋاتسام،ئىگىسى يوق بىر پۇكەي ئۇچراپ قالدى.بەلكىم ھاجەتخانىغاكەتكەن بولسا كېرەك.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پۇكەيدىكى كۈمۈش ئۈزۈككە قول سالدىم.دەل شۇچاغدائويلىمىغان يەردىن،بىرى قولۇمنى ‹‹كاپ››تۇتتى.چۆچۈپ قارىسام
رەتلىك كىيىنگەن زىيالى سۈپەت بىر كىشى ئىكەن. ئۇقولۇمدىن سۆرىگەنچە  مىنى خالىراق يەرگە ئاپىرىپ،ماڭا ئۇغۇرلۇقنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى،بۇندىن كىيىن ھەرگىز باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە قول سالماسلىقىم كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدى.ئاندىن قورسۇقۇمنىڭ
ئاچ-توقلىغىنى سورىدى. مەن گەپ قىلماي تۇرسام.ئۇماڭا سېرىق ئاش كاۋاپ ئېلىپ بەردى.يىگەچ مەندىن ئۇنى-بۇنى سوراپ مىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قارا يىتىم ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ ،تاماقتىن كىيىن مىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇ يالغۇز تۇرىدىكەن. كىيىن ئۇقسام ئايالى ۋە بالىلىرى ماشىنا ھادىسىسىدە بىراقلا قازا قىلغانىكەن.ئۇ مەندىن ئۇنىڭغا بالا بولۇشنى خالامدىغانلىقىمنى سورىدى.مەن شۇ ھامان‹‹ دادا ››دەپ ئۇنىڭ
ئالدىغايۈكۈندۈم.چۈنكى ھېچكىم ماڭا ئۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ مىنى بالىچىلاپ بېقىۋالدى.
-بىلىشىمچە ،سىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاتىڭىز بىلەن تىلىفۇندا ئالاقىلاشقان شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق.
-نىمىلەرنى دىيىشكەنىدىڭلار؟
-مەن دادامغا بىر ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرغان شۇنىڭ گېپىنى قىلىشتۇق.
-ئۇ چاغدا سىز نەدە ئىدىڭىز؟
-مەن ماجىياڭخانا ئاچىمەن.شۇيەردە ئىدىم.
-ماجىياڭخانىڭىزنىڭ ئورنى نەدە؟
-بوستان گۈللىكىنىڭ قېشىدا.
-تىلىفۇندا نىمىلەرنى دىيىشكىنىڭلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
-بولىدۇ.
-مەن قىزىپ ماجىياڭ ئويناۋاتاتتىم.تىلىفۇن كەلگەنىدى تىلىفۇننى يانچۇقۇمدىن سۇغۇرۇپلا ‹‹مىنى يوق دەپ قوي›› دەپ شىياۋفاڭغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
-شىياۋفاڭ دىگىنىڭىز؟
-مىنىڭ قىز دوستۇم.
-سۆزىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
-ئەسلى تىلىفۇننى دادام ئۇرغان ئىكەن شىياۋفاڭ تىلىفۇننى ماڭا بەردى.دادام تىلىفوندا ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى سورىدى. ئۇ مەھسۇلات ھازىر قىسكەن.دادامغا شۇنى چۈشەندۈردۈم.
دادام بالدۇرراق قايتىشىمنى تاپىلىدى.ئۇندىن كىيىن تىلىفوننى قويدى.مانا مۇشۇلار.
-دادىڭىزنىڭ كەيپىياتى نورمالمىتتى؟
-نورمال.
-تىلىفۇننى قويۇپ بولۇپ يەنە قانچىلىك ئوينىدىڭىز؟
-ئۆيگە قايتقۇچە.
-سىز ئۆيگە قانچىدە كەلدىڭىز؟
-تۆتتىن ئاشقانداراق.
-ئىشىك ئىتىقمىكەن ؟
-شۇنداق.ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرسەم دادام مىھماخانىدىكى تورۇسقا ئېسىقلىق تۇرىدۇ. قورقۇپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدىم.
-نەق مەيداندىكى بىرەر نەرسىگە چېقىلدىڭىزمۇ؟
-ياق.
-بىرەر نەرسىگە پۇتلاشتىڭىزمۇ ؟
-ياق.
-نەق مەيدانغا كىرمەپسىزدە؟
-مەن دادامنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتىپ بوسوغىدىن كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم.
ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ لى ۋىنچاڭنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى يېزىۋاتقان قوللىرىمۇ تەڭلا توختىدى.ئۇنىڭ ئاڭلاپ يېزىش سۈرئىتىگە
قول قويماي تۇرالمايمەن.ۋىنچاڭدىن
-  تەكشۈرۈپ بولغانمىدۇ،-دەپ سورىدىم.
-ھەقاچان تەكشۈرۈپ بولدى.
-يۈر نەق مەيدانغا كىرىپ باقايلى،-دىگەچ نەق مەيدانغا قاراپ ماڭدىم.
بۇ ئۆي بىريۈز ئون كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان بىر يۈرۈش تۆت ئېغىز ئۆي بولۇپ .ئىشىكتىن كىرىشكە ئوڭ تەرەپ ئالاھىدە چوڭ مىھمانخانا.مىھمانخنىنىڭ شەرق تەرەپتىكى تېىغا چاپلاشتۇرۇپ قەدىمى تۈستىكى ياغاچ كىرسلو قويۇلغان. ئۇنىڭ ئالدىدىغا بىر پاكار ئەينەك ئۈستەل قويۇلغان.ئۈستەل ئۈستىدە بىر پارچە قەغەز تۇراتتى.
-نەق مەيداندىكى بىرەر نەرسىگە چېقىلدىڭلارمۇ؟،-دەپ سورىدىم  تەكشۈرگىچىلەردىن.
-ياق،جەسەتنىمۇ ناھايىتى ئاۋايلاپ چۈشۈردۇق،ھېچنىمىگە چېقىلمىدۇق.تىزگىنەكتىكى بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ ،تېلىۋوزورنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرىۋەتتۇق.چۈنكى بەك ئۈنلۈك ئىكەن.
-بارماق ئىزى بارمىكەن؟
-ئۆلگۈچىنىڭكەن.
قەغەزگە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇدۇم. قەغەزگە ئادەتتىكى ئىش قەغىزى ئىشلتىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭغا قىسقىغىنە قىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى.
ۋەسىيەتنامە
مەنكى لىيۇ خاۋئەن.ئۆلۈپ كىتىپ قالسام مىنىڭ بارلىق مۈلكۈمگە ئاسراندى ئوغلۇم لىيۇ يوڭ جىيەن ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
يىل ئاي كۈن
چىسلا بۈگۈننىڭ ئىدى .بۇرنۇمنى يېقىن ئاپىرىپ خەتنى پۇراپ كۆردۈم.خەتتىن سىياھ ھىدى تېخى تولۇق كەتمىگەنىدى.بۇ خەتنىڭ بۈگۈن يېزىلغانلىقىنى دەلىللەيتتى.
-قوليازمىنى تەكشۈردۈڭلارمۇ؟
-ئوخشاشلىق دەرىجىسى %92،-دەپ جاۋاپ بەردى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىم.
ئەمدى نەزىرىمنى قەغەزنىڭ سول تەرىپىگە قويۇپ قويۇلغان قەلەمگە  ئاغدۇردۇم.
بۇ ئادەتتىكى بىر سىياھ قەلەم ئىدى.
-قەلەمدىكى بارماق ئىزىنى تەكشۈردۈڭلارمۇ؟
-شۇنداق .ئۆلگۈچىنىڭكەن.
-جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىچۇ؟
-بوغۇلۇپ، ئوكسىگىن يىتىشمەي ئۆلگەن. بەدىنىنىڭ باشقا يېرىدە زەخمىلەنگەن ئىز يوق. جان ئۈزگىلى بەش سائەت ئەتراپىدا بولغان.يەنە سائەت
ئونبىر ئەتراپىدا.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئارغامچىغا سەپ سالدىم.ئاندىن يەردىكى ئۆرۈك پېتى تۇرغان ئورۇندۇققا سەپ سالدىم ۋە تەكشۈرگۈچىدىن
-ئورۇندۇقتىكى ئىزلارچۇ؟
- پەقەت ئۆلگۈچىنىڭ ئاياق ئىزىلا باركەن.
جەسەتنى ئىنچىكىلەپ كۈزىتىپ بولۇپ ئەتراپقا سەپ سالدىم.ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا بىر جۈپ كۆك رەڭلىك ساپما كەش بىر-بىرىگە مىنگىشىپ تۇراتتى.غەربى تامدا ھەشەمەتلىك تېلىۋوزۇر قويىدىغان ئىشكاپ ،ئۇنىڭ ئۈستىدە 42دىئوملۇق تېلىۋوزور بار بولۇپ ،ھازىرمۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئالتىنچى يۈرۈش قانىلىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. تېلىۋوزور ئەتراپىدا ھەممە ئىش نورمال ئىدى.
ئىشىكتىن كىرىىش سول قول تەرەپ قاتار ئۈچ ھوجرا، ئۇنڭ يېنىدا ئاشخانا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا ھاجەتخانا بار ئىدى.ھەممە يەرنە ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ بۇ يەرلەردىنمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقىمىدىم.ئەڭ ئاخىرىدا تىلىفۇندىكى ئۇرغان كىرگەن نومۇرلارنى كۆرۈپ باقتىم.بوۋاينىڭ ئىزدىشىدىغا كىشىلىرىمۇ ئاز بولسا كېرەك. ئوغلىغا ئۇرغان ۋە ئوغلىدىن كەلگەن تىلىفۇنلار كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى.ئەڭ ئاخىرقىسى بۇگۈن سائەت ئوندا ئوغلىغا ئۇرغان تىلىفۇن ئىدى.
-قانداق قارايسەن؟،-سورىدىم ۋىنچاڭدىن.
-ھېچقانداق.بوۋاينىڭ ئوغلى سائەت توققۇزدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.بۇۋاي سائەت ئونلاردا ئوغلى بىلەن تىلىفۇنلاشقاندىن كىيىن ،10دىن 11غىچە
بولغان ئارلىقتا ۋەسىياتنامىنى يېزىپ ،ئاندىن ئارغامچىغا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان.
-نىمىشقا؟
-بەلكىم تىلىۋوزوردا بىرەر نەرسە تەسىر قىلغانمىكىن....ئىشقىلىپ مىنىڭچە بۇ دىلونىڭ باشقا گۇمانلىق يېرى يوق.
-مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.بىر نەچچە گۇمانلىق نۇقتىلار بار.بىرى ۋەسىيەتنامىدا ئەگەر مەن ئۆلۈپ كىتپ قالسام دىيىلگەن.ئۆلىۋالغۇچىلار ۋەسىيەتنامىدا كۆپىنچە مەن ئۆلگەندىن كىيىن دەپ يازىدۇ.
-بەلكىم جىددىلەشكەندۇ.
-يەنە بىرى ساپما كەشنىڭ بىر-بىرىگە مىنىۋېلىشى ئانچە توغرا ئەمەس.چۈنكى جان چىقاي دىگەندە ئادەم قاتتىق تىپىرلايدۇ.ساپما كەشنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن ئارلىققا چۈشۈش مۇمكىنچىلىقى بەك تۆۋەن.
-لىكىن بار.
-ئۇنىڭ ئۈستىگە جەسەتنىڭ بوينىدىكى ئارغامچا ئىزى ئارغامچىدىن چوڭ.
-تىپىرلىغاندا ئارغامچا مىدىرلاپ كەتكەن گەپ.
ۋىنچاڭنىڭ سۆزلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى.لىكىن نىمىشقىدۇ يەنە بىر يەرلىرىمدىن قايىل بولغۇم كەلمەيتتى
-مۇمكىن بولسا شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 6-يۈرۈش قانىلىدا سائەت10دىن11گىچە نىمە كىنو قويۇلغىنىنى بىلسەك بولاتتى،-دىدىم ۋىنچاڭغا.
-‹‹ئەسكەر رىياننى قۇتقۇزۇش››مەن ئەتىگەن ئانچە مۇنچە كۆرگەنىدىم،-دىدى ۋىنچاڭ ئېنىقلا.
ئەمدى تېخىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلدىم.‹‹ئەسكەر رىياننى قۇتقۇزۇش››ھەقىقەتەن بىر نادىر فىلىم.لىكىن كۆرۈنۈشلىرى بىر ئاز قورقۇنۇشلۇق.مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ بىرزىيالى بوۋاينىڭ سائەت ئوندا بالىسى بىلەن نورمال پاراڭلىشىپ،ئاندىن كىيىن پۇتى ئۈزۈلۈپ،ئوق يەپ ئۈچىيى تېشىغا
چىقىپ قالىدىغان ئۇرۇش فىلىمىنى كۆرگەچ ۋەسىيەتنامە يېزىپ ،ئاندىن ئارغامچىغا ئېسلىپ ،پۇتىدىكى ئورۇندۇقنى تىپىۋەتكەن كۆرۈنۈشلەرنى بىر-بىرگە باغلىيالمىدىم.لىكىن باشقا ئەقىلگە مۇۋاپىقراق دىلو جەريانىنىنىمۇ تاپالمىدىم.
-جمىپلا كەتتىڭغۇ؟،مىڭ ئويلىساڭمۇ ئەمەلىيەت ئۆزگەرمەيدۇ،-دىدى.لى ۋىنچاڭ خىيالىمنى بۆلۈپ.
-ئەمەلىيەت شۇنداق بولسىلا مەيلىتىغۇ.....
-سەن بەك جاھىل جۇمۇ.
-مەسىلەن قانداق جاھىللىق قىلدىم؟مىنىڭ گۇمانلىرىمنى پەقەت ئېھتىماللىقى يوق دىيەلمەيسەن.
-ئەمىسە بىرەرى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ يىچىقىدىدىن كىرىپ . بوۋاينى  ئاۋۋال چىرايلىق ۋەسىيەتنى يازغۇزۇپ.ئاندىن ئۇنى ھېچ قانداق ئىز قالدۇرماي ئۆلتۈرۈپ،ئاندىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ،يەردە ئىز قالدۇرماي بەخىرامان چىقىپ كەتكەنما؟ئەگەر راست شۇنداق بولسا بۇنداق قىلغىنى ئادەم ئەمەس جىنكەن.
-نەق مەيدانغا يەنە بىر كىرىپ باقايلى،-دىدىممەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماي.
-جاھىل ئەمەسمىش تېخى.
نەق مەيدانغا كىرىپ،ئەڭ ئاۋۋال جەسەتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنى يەنە سىنچىلاپ تەكشۈردۈم. بوينىدىكى ئىز  ئۇ ئېسىلغان ئارغامچىدىن خېلىلا توم
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىقىدا ئىز چۈشمىگەن يەرلەرمۇ بار. دىمەك ھەرگىز تىپىرلىغاندا سۈرۈلمىگەن. سۈرۈلگەن بولسا ئىز تەكشى چۈشەتتى.چوقۇم بىرى ئاۋۋاك ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ئېسىپ قويغان. جەسەتتىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ ئۈستەل يېنىغا كەلدىم.ۋەسىيەتنامىگە ۋە قەلەمگە سەپ سالدىم .ھېچقانداق بىر يېڭى يىپ ئۇچى بايقىمىدىم.ئاندىن قەدىمىمنى يۆتكەپ مونچىغا كىردىم.بۇ يەردىمۇ ھېچ قانداق يىپ ئۇچى يوق ئىدى.ئاندىن ئاشخانىغا كىردىم.ئاشخانىدىكى جوزىدىكى بىر ئىستاكان چاي ئالاھىدە دېھقىتىمنى تارتتى. چاي ئازراقمۇ ئىچىلمىگەنىدى. بۇ بەكمۇ گۇمانلىق ئىدى.ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەر چاينى دەملەپ قويۇپ ئىچمەي قالىدىغان ئەھۋال كۆپ.ئەمما بىر ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئادەمنىڭ  چاينى ئۆلۈش ئالدىدا ئاتايىن دەملەپ،ئاندىن ئۇنى ئىچمەي ئۆلۈۋېلىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس.ئەجىبا ئۇ ئۇنى ئۆلۈپ بولغاندا باشقىلار كىرىپ ئىچسۇن دەپ ئىستىكانغا قۇيغانمۇ؟
-ئىستاكاندىكى بارماق ئىزىچۇ؟،-دەپ سورىدىم تەكشۈرگۈچى خادىملاردىن.
-بوۋاينىڭلا باركەن.
-بۇ ئىستاكانلاردىچۇ؟،-دىدىم ئەينەك ئىشكاپ ئىچىگە دەستىلەپ قويۇلغان ئىستاكانلارنى كۆرسىتىپ.
-ھەممىسى يۇيۇلغانكەن.
ئىككىلەنمەيلا ئەڭ ئاستىدىكى ئىستىكاننى ئېلىپ ئۇنىڭغا سەپ سالدىم. ئۇنىڭ ئاسىتىدا كىچىككنە شاما پارچىسى ئىستاكانغا چاپلىشىپ قالغانىدى.شامىغا سىنچىلاپ قارىسام تېخى ھۆل ئىكەن.چوقۇم چاي قۇيۇلغان ئىستىكان ئىككى.بىرى قەستەن ئىزىنى يوقاتقان. دەرھال بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ تەكشۈرگۈچىدىن سورىدىم:
-ئىشىكىنىڭ ئىچىدىكى تۇتقۇچتا بارماق ئىزى بارمىكەن؟
-يوقكەن.
-سىرتىدىكى تۇتقۇچتىچۇ؟
-بالىسىنىىڭلا بار ئىكەن.
قاتىل ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويغانىدى.بالىسى تېخى سائەت ئوندا ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەن تۇرسا .نىمىشقا ئۇنىڭ بارماق ئىزى يوق؟
ئاندىن يەنە ھوجرىلارنى ئايلىنىپ كۆردۈم.بوۋاينىڭ ھوجرىسىدا ئۇنىڭ ئالبومى بار ئىكەن .ئېلىپ رەسىملەرنى كۆرۈپ باقتىم.ئۇنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتىم.بۇ بوۋاينىڭ خەرىتە سىزىۋېتىپ چۈشكەن رەسىمى ئىدى.رەسىمنىڭ مىنى ئەڭ قىزىتۇرغان يېرى ئۇنىڭ قولىدىكى قەلەم.چۈنكى قەلەم  ئۇنىڭ ئوڭ  قولىدا ئىدى.رەسىملەرنى  تېز-تېز ۋارقلاشقا باشلىدىم.باشقىلار بىلەن ھاراق سوقاشتۇرغان بۇ رەسىمدىمۇ ئىستىكان ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا.ماۋۇ بايراق كۆتۈرىۋېلپ چىقارغان رەسسىمدىمۇ بايراق ئوڭ قولىدا.شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى بۇ بوۋاي ئوڭ خەي.لىكىن بوۋاي ۋەسىيىتىنى  يېزىپ بولۇپ قەلەمنى ۋەسىيەتنامىنىڭ سول تەرەپىگە قويغان.بۇ بىر ئاۋارىچىلىق.نەق مەيداننى بىر ئاز كۆزىتىۋېتىپ
ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم.
-قانداق؟بىرەر نەرسە بايقىدىڭمۇ؟،-دىدى لى ۋىنچاڭ قىززىقسىنىپ.
-ياق.قارىغاندا سىنىڭ ئېيتقانلىرىڭ توغرىكەن مەن جىق ئويلاپ كىتىپتىمەن،-دىدىم چاندۇرماي.
-شۇ.دىدىمغۇ سىنى جاھىل دەپ.
-يۈر قايتتۇق.مىنىڭ ئۇيقۇم كىلىۋاتىدۇ،-دىدىم بوش ئەسنەپ.
لى ۋىنچاڭ بېشىنى چايقاپ قويۇپ،قول ئاستىدىكىلەرگە قايتسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.ئاندىن كىيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلىغا ئانچە -مۇنچە تەسەللى بېرىپ قويۇپ مەن بىلەن قايتىپ چىقتى....
ئەتىسى لى ۋىنچاڭنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. چاي دەملەپ ،بىر قېتىملىق ئىستىكانغا لىقلاپ ماڭا ئۇزارتقاچ
-بۈگۈن ئۇخلىماي مىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىڭدىن بەكمۇ خوشالمەن،-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
-مىنىڭمۇ پەقەت ئۇيقۇمدىن كەچكۈم يوق ئىدى،بىراق دىلو ئىشى مۇھىم دە،-دىدىم چاينى بىر ئوتلىۋېلىپ.
-قايسى دىلو؟،-دەپ سورىدى ئۇ ئەجەپلىنىپ.
-لىيۇ خاۋئەننىڭ دىلوسى.
-مەسىلە يوقكەن دىگەنىدىڭغۇ؟
-سىنى ئالداپ قويغانىدىم.
-نىمىشقا؟
-سەن بەك تۈز لىيۇ يۇڭجىيەنگە چاندۇرۇپ قويمىسۇن دەپ شۇنداق دەپ قويغانىدىم.
-سەن لىيۇ يۇڭجىيەننى گۇمانلىق دىمەيدىغانسەن؟ئۇنىڭ دىلو يۈ بەرگەندە نەق مەيداندا يوقلۇقىغا گۇۋاھچى كۆپ جۇمۇ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆز بولمىسىمۇ بالىسى تۇرسا؟
-نەق مەيداندىكى ماددى ئىسپاتتىن قارىغاندا  مىنىڭچە بۇ دىلو  مۇنداق يۈز بەرگەن.
-سۆزلە، قۇلىقىم سەندە.
-بۇ جىنايەتنى لىيۇ يۇڭجىيەن بىلەن يەنە بىرەيلەن شېرىكلىشىپ سادىر قىلغان.لىيۇ يۇڭجىيەن 9دا ئۆيدىن چىقىپ ماجىياڭخانىغا كەتكەن.سائەت
ئوندا دادىسى بىلەن تىلىفوندا كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بىرەيلەن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئايىغىنى كىيىپ ، بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرگەن .بوۋاي ئۇنى چوقۇم ئوبدان تونۇيدۇ. بوۋاي ئۇ كىرىشىگە ئۇنىڭغا چاي دەملىگەن.قاتىل شەپە چىقماسلىقى ئۈچۈن تىلىۋوزۇرنىڭ خالىغان قانىلىنى ئېچىپ قويۇپ،بوۋاينى بىر ئامال بىلەن مىھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەن.ئاندىن كىيىن مىھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گىلەمدە ئۇنى كەينىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرگەن.ئاندىن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئايىغىنى سېلىۋېتىپ،بوۋاينىڭ ساپما كەشىنى كىيىپ ئاشخانىدىكى ئۆزىنىڭ ئىستاكانىنى پاكىزلىۋېتىپ،ئۇنى تەبىئىي ھالدا دەستىلەنگەن ئىستىكاننىڭ ئەڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان.لىكىن ئىستاكاندىكى شاما پارچىسى بەك كىچىك بولغاچقا دېھقەت قىلمىغان.
-ئۇ ئىستاكاننى تۇتمىسىلا بولاتتىغۇ؟،-دىدى ئۇ گېپىمنى بۆلۈپ.
-لىكىن ئىككى ئىستاكان چاي بولسا ،بوۋاينىڭ يالغۇز ئۆلۈۋالغانلىقىغا زىت بولۇپ قالىدۇ.
-چۈشەندىم سۆزلەۋەر.
-ئاندىن كىيىن چىقىپ ۋەسىيەتنامىنى يازغان.
-لىكىن قوليازما %92ئوخشاش تۇرسا؟
-مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەسىيەتنامىنى بوۋاي بۇرۇنلا يازغان. شۇڭا  ئۆلۈپ كىتىپ قالسام دەپ يېزىلغان.چوقۇم ۋەسىيەتنامىنى لىيۇيۇڭجىيەن بۇرۇنلا ئېلىۋېلىپ قاتىلغا بەرگەن. قاتىل بۇ ۋەسىيەتنامىنى بوۋاينىڭ قوليازمىسىنى يېزىشنى قېتىىرقىنىپ مەشىق قىلغان.مەنچە توختىماي ۋەسىيەتنامىنىڭ ئۈستىگە نىپىز قەغەز قويۇپ بوۋاينىڭ خېتىنى ئىزلاپ يېزىپ مەشىق قىلغان.شۇڭا خەتنىڭ %5 ئوخشىمايدىغان يېرى يىل،ئاي،كۈندىكى ساندا.
-بەلكىم.ئاخىرىنى سۆزلە.
-ئاندىن كىيىن قەلەمنى پاكىز سۈرتىۋېتىپ، قەلەمنى جەسەتكە تۇتقۇزۇپ جوزىغا قويۇپ قويغان.تىزگىنەكنىمۇ شۇنداق قىلغان ئەپسۇس ئۇ قەلەمنى ۋەسىيەتنامىنىڭ سول تەرىپىگە قويۇپ قويغان.ئەمما بوۋاي ئوڭ خەي.ئاندىن ئورۇندۇقنى ئېلىپ جايىغا قويغاندىن كىيىن ، ئۇنى پاكىز سۈرتۈۋەتكەن.ئاندىن ئورۇندۇققا چىقىپ،ئاغامچىنى سېلىپ ،بوۋاينى ئارغامچىغا ئېسىپ، ئورۇندۇقنى ئۆرىۋەتكەندىن كىيىن ساپما كەشنى  يەرگە تاشلاپ قويۇپ،ئىشىكنىڭ ئىچى،سىرتىدىكى تۇتقۇچنى پاكىزە سۈرتىۋېتىپ چىقىپ كەتكەن.
-بۇلارنى نىمە ئۈچۈن قىلغان؟،-دەپ سورىدى ئۇ بۇ سۆزلىرىمدىن ھەيران بولۇپ.
-مىراس ئۈچۈن.
-بەرىبىر شۇنىڭ تۇرسا؟
-ئۇنىڭغا بەلكىم جىددى پۇل لازىم بولغان.ئىشقىلىپ تەخىر قىلالمىغان.
-ئىشلار ئىنىق بولغاندىن كىيىن ،ئۈنى تۈنۆگۈنلا تۇتساق بولماسمىدى؟
-لىيۇ يۇڭجىيەن نەق مەيداندا بولمىغاچقا دەلىل-ئىسپات يىتەرلىك ئەمەس.ئۇ قاتىلنى ئىقرار قىلمىسىلا جىنايىتىنى بىكىتكىلى بولمايدۇ.
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
-ئەمدى بېرىپ ئۇنى تۇتىمىز.
-تۈنۆگۈن بىلەن بۈگۈننىڭ نىمە پەرقى؟
-تۈنۆگۈن خىزمەتداشلىرىڭ بار.
-دىمەكچى بولغىنىڭ؟
-سىنڭ ئۆيۈڭدە سوراق قىلىمىز.
-ئىقرار قىلمىسىچۇ؟
-چوقۇم ئىقرار قىلىدۇ.
-ئالدىنقى قېتىمقىدەك شېرىكىڭ ئىقرار قىلىپ بولدى دەيدىكەنمىزدە؟
-ئەمدى ئۇ ئامال ئاقمايدۇ.
-نىمىشقا ؟ئۇ چاغدا بىز جىنايەتچىنىڭ شېرىكىنىڭ كىملىكىنى بىلەتتۇ ھازىر بىلمەيمىز.
-ئەمىسە قانداق ئىقرار قىلدۇرىمىز؟
-مىنىڭ ئامالىم بار.
ئۇ ماڭا ئىشىنەتتى.بىز لىيۇ يۇڭجىيەننى ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆيدىن تاپتۇق.
بارساق ئىشىك ئوچۇق ئىكەن .ئۆي تۈنۆگۈنكىدىن خېلىلا ئۆزگەرگەن بولۇپ، مىھمانخانىدىكى تېلىۋوزور ۋە تېلىۋوزور ئىشكابى ئېلىۋېتىلىپ،ئىشكاپ ئورنىغا بىر  ئۈستەل قويۇلغان.ئۈستەلگە ئالتۇن رەڭلىك رەخىت يېپىلىپ،ئۈستەل ئۈستىگە بوۋاينىڭ يوغان رەڭسىز رەسىمى قويۇلغانىدى.ئۈستەل ئالدىغا بىر ئورۇندۇق قويۇلۇپ ئۇمۇ ئالتۇن رەڭلىك رەختە يېپىلىپ ئۈستىگە بىر كۈجىدان قويۇلغان، ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدىكى يەرگە بىر ئادەم پاتقۇدەك پالاز قويۇلغان بولۇپ ،ئاپپاق رەڭلىك قارىلىق كىيىمى كىيىۋالغان لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنىڭدا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى.
بىزنىڭ كىرگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ  ئۇزاق يۈكۈنۈپ پۇتى سىقىراپ قالغانلىقتىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ بىزگە قاراپ:
-يوقلاپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت،-دەپ يالغاندىن يىڭى بىلەن كۆزىنى سۈرتۈپ قويدى.
-يۈر بىز بىلەن ماڭ!!سەندىن سورايدىغان گەپ بار،-دىدى لى ۋىنچاڭ قوپاللا. ئۇنىڭ چىرايىدىن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ياسالمىلىقىغا كۆڭلى ئېلىشقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.
-مەن مۇسىبەتلىك ئادەم.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بارسام بولارمۇ؟
-ياق ھازىرلا بارمىساڭ بولمايدۇ،بىز بىلەن ماڭ.
-مەن بۈگۈن كىچىچە دادامنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ،ۋاپادارلىقىمنى ئادا قىلاي دەپ نىيەت قىلغان.مەن بۈگۈن ھېچ يەرگە بارمايمەن.
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىل!ماڭامسەن يە ئەپ ماڭامدىم؟،-دىدى لى ۋىنچاڭ تېرىكىپ.ئۇ ئۇنىڭ ‹‹ۋاپادار ئوغۇل›› ئويۇنىدىن زېرىككەنىدى.
-سىنىڭ داداڭ ئۆلۈپ كەتسە ئەتىسى سەن بىر يەرگە بارارمىدىڭ؟،-دىدى ئۇ يەنە ئەزۋەيلەپ.
لى ۋىنچاڭنىڭ چىدىغىچىلىكى قالمىدى بولغاي.قوللىرىنى كەينىگە قەيرىپ كويزا سېلىپ،پاتتاڭدىن ئىتتىرىپلا ئۇنى ھەيدەپ  مېڭىپ،لىفىتكە چىقتۇق.
چۈشكىچە لىيۇ يۇڭجىيەن سىلەرنىڭ بۇقىلمىشىڭلار قانۇنسىزلىق،تۇتقۇن قىلىش دەپ ئالىجوقا توۋلاپ تۇردى.لى ۋىنچاڭ ئۇنى ماشىنىنىڭ كەينىگە بېسىپ ئۆيىگە ماڭدى. مەن كەينىدىن بارماقچى بولدۇم چۈنكى مەن سوراق ئۈچۈن تەييار قىلىدىغان ئازراق نەرسە بار ئىدى.
نەرسىلەرنى تەييارلاپ لىۋىنىچاڭنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدىم. لى ۋىنچاڭ لىيۇ يۇڭجىيەننى ئەڭ ئىچىدىكى ھوجرىدىكى بىر ئورۇندۇققا چەمبەرچاس باغلاپ ئاغزىغا لاتا كەپلەپ قويغانىدى. بىز سىرتقى ئۆيدە تۇرۇپ پاراڭلاشتۇق.
-ئىقرار قىلغۇزالىدىڭمۇ؟
-ياق. ھېچنىمىنى دىمىدى.
-ئاغزىغا نىمىشقا لاتا كەپلەپ قويدۇڭ؟
-توۋلاپ توختىمىدى.ئاچچىقىمدا ئۇرىۋەتمەي دەپ شۇندا قىلدىم.
-ياخشى قىپسەن.
-بۇ نىمە ئوكۇل؟
-جاننى ئالىدىغان ئوكۇل.
-بۇ قەپەزدىكى چاشقاننى نىمىش قىلىسەن؟
-ئۇنىڭغا بۇ ئۇكۇلنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋىتىمەن.
-ئۇنداق قىلىپ نىمە قىلىسەن؟
-ئۇنى ئۇكۇلنى ئۇرىۋىتمەن دەپ قورقىتىمەن دە .نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر قەتئىي ئارلاشما.
-بولىدۇ.
لىيۇ  يۇڭجىيەن بار ئۆيگە كىرىپ قەپەزنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ،ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم.ئۇ ماڭا يەۋەتكىدەك قارايتتى.
-قارا لىيۇ يۇڭجىيەن.سەن مىنى قاراپ قورقۇتالمايسەن.بىز ئەڭ ياخشىسى چىرايلىقچە پاراڭلىشايلى.بولمىسا جاپا تارتىپ قالىسەن.توۋلىما مەن ئاغزىڭدىكى لاتىنى ئېلىۋىتەي قانداق؟،-دىدىممەن سىپايە ئاھاڭدا.ئۇ  بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى. مەن بېرىپ بىر ئىستىكانغا سۇ قۇيدۇم ۋە ئۇنىڭ
ئاغزىدىكى لاتىنى ئېلىۋېتىپ،ئىستاكاننى ئاغزىغا تەڭلەپ تۇتۇپ بەردىم.ئۇ غورتىلدىپ سۇنى ئىچىۋەتتى.
-يەنە ئىچەمسەن؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-بولدى.سۇئالىڭنى تېز سورا. مەن قايتىپ مۇسىبەت تۇتمىسام بولمايدۇ،-دىدى ئۇ جىددى تەلەپپۇزدا.
-بولىدۇ ،ئەمىسە سۆزۈمگە قۇلاق سال،-دەپ سۆزۈمنى باشلاپ، ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ سىلىق ئاھاڭدا دىلونىڭ جەريانى توغرىسىدىكى
قىياسلىرىمنى ۋە ئىسپاتلارنى ئۇنىڭغا بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم. ئۇ باشتا ئازىراق جىددىلەشتى.لىكىن يەنە ئۆزىنى بېسىۋالدى.
-سىنىڭ جىنايىتىڭ ئېنىقلىنىپ بولدى،ئەمدى شېرىگىڭنى تاپشۇر،-دىدىممەن ئۇنىڭغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.
-سىنىڭ بۇ قىياسلىرىڭ پەقەت دادامنىڭ قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.لىكىن مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.مەن ھېچكىمگە ئايىقىمنى سېلىپ بەرمىدىم. مەن كۆرگەن ۋەسىيەتنامە دەل سىلەر كۆرگەن ۋەسىيەتنامە.سەن دىگەن ئاللىقانداق كونا ۋەسىيەتنامىنى مەن كۆرۈپ باقمىغان بولدى مىنى قويۇۋىتىڭلار ،مەن سىلەرنى ئەرز قىلمايمەن. سىلەردىن دادامنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تۇتۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن،-دىدى ئۇ
قەتئىي چاندۇرماي.بۇ ھىلىگەر جىنايەتچى بىزدە ئەڭ مۇھىم بىر پاكىتنىڭ كاملىقى يەنى قاتىل توغرىسىدا ھېچقانداق يىپ ئۇچىمىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالغانىدى.مەن ئۇنىڭدىن چىرايلىقچە گەپ ئالالمايدىغانلىقىمنى بىلدىم ۋە ئالدىرىماي قەپەز قويۇلغان ئۈستەلگە قاراپ ماڭدىم.
-قارا لىيۇ يۇڭجىيەن ،بۇ چاشقان نىمىدىگەن تېتىك؟،-دىدىم ئۇكۇلنى قولۇمغا ئالغاچ.چاشقان ئۆزىنىڭ قىسمىتىدىن بىخەۋەر ‹‹چىر-چىر››قىلىپ تىنماي قەپەز ئىچىدى چۆرگىلەيتتى.لىيۇ يۇڭجىيەن ئاڭقىرالماي بىر چاشقانغا بىر ماڭا قارايتتى.لىيۇ يۇڭجىيەنگە قاراپمۇ قويماي ،خۇددى پېشقەدەم دوختۇرلاردەك ئەستايىدىل قىياپەتتە چاشقانغا ئوكۇلنىڭ يېرىمنى ئۇردۇم.شۇنداق تېتىك چاشقان ھايال ئۆتمەيلا يىقىلىپ ،بىردەم تارتىشىپ جان بەردى.
-ئەگەر تاپشۇرساڭ،قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىسەن.ئىپادەڭ ياخشى بولسا سىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ يوللاپ قويىمىز.جاھىللىق قىلساڭ
بۇ چاشقاننىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولسا،سىنىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ،-دىگەچ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ توختىدىم.
-ھا!ھا!ھا!نوچى بولساڭ ئوكۇلۇڭنى ئۇر.قانۇنسىز سوراق قىلىپ بىر بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرىۋېتىپ ھەرقايسىڭمۇ ياخشى كۈن كۆرۈشمەيسەن!،-دىدى ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن.
-راست پۇشايمان قىلمايسەن؟
-خىڭ.......دەپ كۆزلىرىنى ئەپقاچتى ئۇ.
-قارىغاندا بىر قارارغا كەپ بوپسەن،-دىدىمدە چاققانلىق بىلەن قالغان ئۇكۇلنى ئۇرۇپلىۋەتتىم.ئىتتىك بولمىسام لى ۋىنچاڭ ئوكۇلنى تارتىۋېلىششى چۇقۇم ئىدى.ئىككەيلەن بىردەم قېتىپلا قالدى.لى ۋىنچاڭ يۈگرەپ كىلىپ قولۇمدىن ئۇكۇلنى ئېلىپ يەرگە تاشلىۋېتىپ:
-ساراڭ بوپ قالدىڭمۇ ؟ بەكلا ئاشۇرۇۋەتتىڭ!!!،- ئۇ بەكلا جىددىلىشىپ كەتكەنىدى.مەن ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي قورقۇپ ،چىكىسىدىن توختىماي تەر قۇيۇلىۋاتقان لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئالدىغا كىلىپ قولياغلىقىمنى ئېلىپ ئۇنىڭ پىشانىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ:
-ئۇ چاشقان بەكلا كىچىك.بۇنچىلىك مىقداردىكى ئوكۇل يېرىم سائەتلەرگىچە جېنىڭنى ئېلىشى مۇمكىن.لىكىن ئىقرار قىلساڭ مەندە جېنىڭنى ساقلاپ قالالايدىغان ئامالمۇ يوق ئەمەس،ئىشقىلىپ تېزراق بىر قارارغا كەپ بول،ئەمدى دەي دىگەندە جېنىڭ چىقىپ كەتسە،پۇشايمان قىلغىنىڭ بىكار،-دىدىم سىپايىلىق بىلەن.ئۇ ئەمدى ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە،لى ۋىنچاڭ يۈگرەپ كىلىپ يېنىمنى ئاختۇرۇغىلى تۇردى.
-ئاۋارە بولما  ۋىنچاڭ، زەھەر قايتۇرۇش دورىسى يېنىمدا ئەمەس.مەن سىنىڭ پىرىنسىپچىلىقىڭنى بىلگەچكە ،زەھەر قايتۇرىدىغان دورىنى بىنانىڭ
ئىچىدىكى بىر يەرگە تىقىپ قويغان،-دىدىم ئۇنىڭ ئاختۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي.
-بولدى قىل،بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭ،گۇناھى بىكىتىلمىگەن ئادەمگە ھەرقانداق جازا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!،-دىدى ۋىنچاڭ جىددىيلىشىپ .
-شۇنداق، شۇنداق.لى ساقچى باشلىقى مىنى قۇتقۇزىۋېلىڭ.مەن سىزدىن ئۆتۈنەي.مەن راستلا دادامنى قەسلىمىدىم،-دىدى قورقۇپ ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن ليۇيۇڭجىيەن لى ۋىنچاڭنىڭ بۇ يەردىكى بىردىنبىر نىجاتكارى ئىكەنلىكىنى بىلىپ.
-لى ۋىنچاڭ...مەن بۇنداق كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلىپ،يەنە تېخى پۈتۈن مال-بىساتىنى ئۇنىڭغا قالدۇرماقچى بولغان دادىسىنى ئۆلتۈرگەن بۇنداق تۇزكور مۇناپىقنىڭ جاجىسىنى بېرىپ ھەرقانداق كۈننى كۆرسەم مەيلىكى،بۇ ناكەسنىڭ قانۇنى جازاغا ئۇچرىماي بىچارە بوۋاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بەخىرامان خەجلىگىنىنى كۆرۈشكە رازى ئەمەسمەن.ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن مىنى تۇتۇپ ئىدارەڭگە ئاپار مەسئۇلىيەتتىن ھەرگىز قاچمايمەن.
مەندىن زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئېلىشنى ئويلىما .بىلىسەن مەن بەك جاھىل!،-دىدىم قەتئىيلىك بىلەن.لى ۋىنچاڭ بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ مەندىن زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. مەن تىقىپ قويغان دورىنى ئىزدىگىلى چىقىپ كەتتى بولغاي.
مەن ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايمەن ،چۈنكى مەن تىققان نەرسىنى باشقىلارنىڭ تاپالىشى تەس.
بېرىپ قەپەزنى ئالدىمدە قورققىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇم. ئاندىن ئالدىرىماي بېرىپ ئۈستەل ئۈستىدە ئولتۇردۇم.
-قارىغاچ ئولتۇر.بۇ چاشقان بىلەن بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە تۇغۇلمىغان بىلەن بىر يىل بىر ئاي بىر كۈندە ئۆلىدىغان بولدۇڭ.قەسەم ئىچىپ قول بېرىشىپ ئاكا-ئۇكابولۇشقانلارمۇ بۇنداق بولۇشى ناتايىن،-دىدىم كۈلۈمسىرەپ.
-ئۇنداق قىلما.مەن راستىنلا گۇناھسىز،-لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئاۋازى تىترەپ ئارانلا چىقاتتى.
ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن بىرىگە غىڭشىپ ئولتۇرىۋەردىم. ئۇكۇل ئۇرۇپ يىگىرمە مىنۇتلاردىن كىين لى ۋىنچاڭ ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇدۇل ياندىكى يەنە بىر ھوجرىغا كىرىپ كەتتى.مەن مىيىقىمدا كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇرىۋەردىم .چۈنكى ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلماقچى
ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم. ھايال ئۆتمەي لى ۋىنچاڭ بىز بار ھوجرىغا كىردى ،ئۇ ئۈستىگە چاپان كىيىۋالغانىدى.
-تاپالماپسەندە دورىنى،- دىدىم لى ۋىنچاڭغا غىڭشىۋاتقان ناخشامنى ئۈزۈپ.
-ئەمدى بولدى قىل سەزگۈر. ئۇ ئىقرار قىلمىسىمۇ بىز چوقۇم يېڭى يىپ ئۇچى تاپالايمىز،جاھىللىق قىلما،ئۇ راستلا ئۆلۈپ قالىدۇ،-دىدى لى ۋىنچاڭ
يېلىنغان تەلەپپۇزدا.
-ئۆلسە مەيلى،-دىدىم بەخىرامان. لى ۋىنچاڭ چاپاننىڭ ئىچىگە قولىنى تىقىپ 64تىپلىق قورالىنى چىقىرىپ چىكەمگە تىرىدى.ئۇ پەقەتلا چىداپ تۇرالمىغانىدى.
-ئېتىۋەتسەڭمۇ بەرمەيمەن،-دىدىم يەنە بەخىرامان.
بۇ چاغدا لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىغانىدى.
-كۆزلىرىڭ تورلىشىۋاتامدۇ؟بۇ زەھەر ئىچكەندىن كىيىنكى نورمال ئەھۋال.بىر دەمدىن كىيىن ئىچ ئەزالىرىڭ قاناشقا باشلاپ ،پۈتكۈل خۇددى ئىچ ئەزالىرىڭنى پىچاقتا قوچىۋاتقاندەك بولىسەن بۇمۇ نورمال ئەھۋاك بىردەم چىدىساڭلا ئۆتۈپ كىتىدۇ.
-مەن دەي-مەن دەي ،سەن بەئەينى ئەزرائىلكەنسەن ،مەن دەي،مىنى ئۆلتۈرمە،- دىدى ئۇ بىراقلا يۇمشاپ.
-ماڭا قورالىڭنى تەڭلەپ تۇرماي دەرھال قەلەم-قەغەز ئېلىپ كىر ،ئىقرار قىلىپ بولغىچە ئۆلۈپ قالمىسۇن يەنە ،-دىدىم لى ۋىنچاڭغا.خوشاللىقىم چىرايىمغا چىقىپ كەتكەنىدى.
-ماقۇل سەن چىقىپ زەھەر قايتۇرۇش دەرىسىنى ئېلىپ كىر، مەن ئىقرارنامىنى يازغۇزاي،-دىدى لىۋىنچاڭ قەغەزگە يۈگۈرگەچ.مەن سىرتقا قاراپ ماڭدىم.
بىنانىڭ زالىدا تامغا يۆنىلىپ تۇراتتىم لى ۋىنچاڭ يۈگۈرۈپ كىلىپ قولۇمدىن تارتىپ مىنى ئۆي تەرەپكە ئېلىپ ماڭغاچ
-ئىقرارنامىنى يېزىپ بولدى،دەرھال ئۇنىڭغا دورىنى بەر،- دىدى ئۇ .ئۇ جىددىلەشكەنلىكىدىن ھاسىراپ كەتكەنىدى.ئۆيگە كىرىشىمگىلا ليۇ يۇڭجىيەن تىترەپ تۇرۇپ:
-ماڭا دەرھال دورىنى بەر، تېز بول،مەن ھەممىنى ئىقرار قىلدىم ،ھېچنىمە يۇشۇرمىدىم،دەرھال دورىنى ماڭا بەر،-دىدى.
مەن ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ ئىقرارنامىنى ئەزمىلىك بىلەن قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.ئىقرارنامە تەپسىلى يېزىلغان ئىدى . ئەسلى مۇنداق ئىش  ئىكەن.
ئۇ بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى خەي نەنگە ساياھەتكە بېرىپ،تاسادىبى ئۆزىگە كارامەت ئوخشايدىغان بىرىنى ئۇچرىتىپ ھاڭ-تاڭ قالغان.ئۇ ئادەممۇ لىيۇ يۇڭجىيەننى كۆرۈپلا‹‹ئاكا›› دەپ توۋلاپ ئۇنى قۇچاقلىغان.چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئەسلى بىر قوشكىزەك ئاكىسى بارلىقىنى ،بۇلار ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندە،ئاكىسىنىڭ مەلۇم بىر بازاردا يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھەر قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. ئۇ لىيۇيۇڭجىيەننى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئۆز ئاكىسى ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمىگەن.ئەپسۇس ئۇ چاغدا لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى
ئاللىبۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن. دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ ئىشنىڭ راست ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.لىكىن لىيۇ يۇڭجىيەننىڭ بۇ ئىنىسىنىڭ قارا جەمىئەت
بىلەن ئالاقىسى بار بولۇپ،بىر خېلى ئەمەلى كۈچى بار قارا جەمىئەت كاتتىۋىشىغا ئىشلەيدىكەن.بىر كۈنى ئۇ بىر مىليون بەشيۈزمىڭ يۈەن قىممىتىدىكى خىروئىننى ساتقىلى ئېلىپ ماڭغاندا ،ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ خىروئىننى دېڭىزغا تاشلىۋېتىپ ئىسپات بولمىغانلىقتىن قوتۇلۇپ
قالغان.ئەمما ئۇنىڭ كاتتىۋېشى ئۇنى مالنى تىقىۋالدىڭ دەپ تۇرىۋالغان.قىيىن قىستاققا ئېلىپ ئامال قىلالماي 60كۈن ئىچىدە مالنى يا پۇلنى تېپىشنى ،ئەگەر تاپالمىسا جېنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەھدىد سالغان. دەل شۇ چاغدا لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالغان.
لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنىڭغا قېچىپ كىتىش تەكلىۋىنى بەرگەن .لىكىن ئىنىسىنىڭ بۇ رەھىمسىز،تەسىرى زور ، قارا جەمىئەت كاتتىۋېشىنىڭ قولىدىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەن.لىيۇ يۇڭجىيەن ئەمدىلا تونۇشقان بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قانداش ئىنىسىنى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن قۇتقۇزىۋېلىشقا بەل باغلىغان .ئىككەيلەن كاتتىۋاشقا خەۋەر قىلىپ قويۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن. لىيۇ يۇڭجىيەن بارلىق ئاماللارنى قىلىپمۇ بۇنچە كۆپ پۇل تاپالمىغان.شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىق مىھرى ھەممىدىن ئۈستۈن كىلىپ  بوۋاينى قەستلەشنى پىلانلىغان.بوۋاينىڭ ۋەسىيەتنامىسنىڭ نەدىكىنى بۇرۇنلا بىلىدىغان لىيۇ يۇڭجىيەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ ئىنىسىغا بوۋاينىڭ قوليازمىسىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن بەرگەن.پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە يەنى تۈنۆگۈن  لىيۇ يۇڭجىيەن ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بوۋايغا بىر ساغلاملىق دورىسىنى كۈچەپ ماختاپ،بوۋايغىمۇ زاكاس قىلىپ قويغانلىقىنى ،ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە بىر تىلىفۇن قىلىپ قويىشىنى تاپىلاپ چىقىپ كەتكەن. بوۋاي تىلىفۇن قىلغاندا ئۆزىگە تىلىفۇن قىلغان ئادەمنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھچى تېپىش ئۈچۈن ،ماجىياڭغا قىزىققان بولۇپ تىلىفۇننى قىز دەستىغا تۇتقۇزۇپ قويغان.ئاندىن ئىنىسىغا ئۇچۇردا خەۋەر قىلىۋەتكەن. قاتىل  ئاكىسىغا ئوخشاش ياسىنىپ ئۆيگە كىرگەن.بوۋاي ئۇنى ئارىيالمىغان.قالغان ئىشلار مىنىڭ پەرەز قىلغىنىمدەك ئىكەن.ئۇنىڭ سوراق جەريانىدا شۇنچىلىك قەيسەر بولغىنى بىكار ئەمەسكەن.قاتىل ئۇنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى ئەمەسمۇ؟لىكىن ئۇ ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئالدىدا يەنىلا ئاجىز كىلىپ قالدى. مەن ئىقرارنامىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ كۆزۈمنى ئىقرارنامىدىن ئەمدى ئۈزۈشۈمگە جىددىلىشىپ ساراڭ بولايلا دەپ قالغان لىۋىنچاڭ:
-دەرھال ئۇنىڭغا دورىنى بەر،تىز بول،-دىدى ئالدىراپ .
-تولۇق يېزىپسەن ،لىكىن بىر نەرسە كام قاپتۇ. ئۇ ھازىر نەدە؟،-دەپ سورىدىم لىيۇيۇڭجىيەندىن لىۋىنچاڭ بىلەن كارىم بولماي.
-راۋاق يولىدىكى‹‹ دو كې لەي ››مىھمانخانىىسىدا،-دىدى ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كىيىن.
-يۈر ۋىنچاڭ بۇنى ئىدارەڭگە ئاپىرىپ بېرىپ، دەرھال قاتىلنى تۇتايلى،ئۇ ئاكىسىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ قېلىپ قېچىپ كەتمىسۇن يەنە،-دەپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدىم.
-بولدى ئۇ ھەممىنى ئىقرار قىلدى ئۇنىڭغا دورىنى بەر،-دىدى ۋىنچاڭ قولۇمغا ئېسىلىۋىلىپ.
-خاتىرجەم بول ،ئۇ ئۆلمەيدۇ.ئاباي ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ بەرگىچە سۇغا ئازىراق تىنىچلاندۇرۇش دورىسى سېلىۋەتكەن.شۇڭا كۆزىنى ئاچالمايدۇ.
-ئۇكۇلچۇ؟
-ئۇنىڭغا ئۇرغىنىم ھەممە ئادەم بىلىدىغان ‹‹ئاۋانگارت››(先锋)ئوكۇلى،زۇكام بولغاندا ئۇرۇپ باققان بولغىدىڭ؟
-ئەمىسە چاشقان نىمىدەپ ئۆلدى؟
-مەن چاشقانغا ھاراق ئىچكۈزىۋەتكەن.‹‹ئاۋانگارت››نىڭ تەركىبىدىكى ماددا ئىسپىرتقا يولۇقسا قاندا چۆكمە پەيدا قىلىپ تومۇر توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھاراق ئىچىپ بولۇپ بۇ ئۇكۈلنى ئۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ.
-راسمۇ؟
-ماڭا ئىشەن.
لىيۇ يۇڭجىيەن چەكچىيىپ قاراپلا قالغاندىدى.
-دىلونى بەك چىريلىق پىلانلاپسەن. يەنە ئون مىنۇت تەخىر قىلغان بولساڭ ئۇتاتتىڭ،-دىدىم لىيۇ يۇڭجىيەنگە قاراپ.
-ھۇ مۇتىھەم!ئالدامچى!ساختىپەز!!،-لىيۇ يۇڭجىيەن ئەسەبىلىشىپ توۋلاشقا باشلىدى .ئاغزىغا لاتىنى يەنە تىقىپ قويۇپ، ئۇنى ئېلىپ ماڭدۇق.
-ئاباي مىنى بەك قورقىتىۋەتتىڭ،ماڭا دەپ قويساڭ بولماسمىدى،-دىدى لىۋىنچاڭ ماشىنا ھەيدىگەچ .
-سەن شۇنچىلىك قوقمىساڭ،ئۇ گۇمانلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە جىددى مۇھىت ئۇنىڭغا پايدىلىق.قانچە جىددىلەشسە شۇنچە  تېز ئىقرار قىلىدۇ.
-ئاباي تاپانچا تەڭلەپ سالدىم كەچۈر.
-بىرىنچى قېتىم باشقىلارنىڭ ماڭا تاپانچا تەڭلىشى.يۈرىكىم سېلىپ كەتتى مىنىڭمۇ.
-ئەمىسە تەڭ بوپتۇق. ھا!ھا!ھا!ئۇ ئورۇننى خاتا دەپ بەرمىگەندۇ ھە.
-تۇتالمىساق بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. قارا جەمىيەتتىكىلەر ئۇنىڭ جاجىسىنى تېخىمۇ قاتتىق بېرىدۇ.
شۇ گەپلەر بىلەن لىيۇ يۇڭجىيەننى ئاپىرىۋېتىپ،ساقچىدىن  يەنە ئىككىنى ئېلىپ قاتىل بار مېھمانخانا تەرەپكە ماڭدۇق.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيىۋالدى .
بۇ مىھمانخانا ئاددى ئەمما پاكىز ئىكەن. مىھمانخانا خادىمىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ 509-نومۇرلۇق ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق.5-قەۋەتتىكىلىكىنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولدۇم.چۈنكى بىر ياكى ئىككىنچى قەۋەتتە بولغا بولسا دېرىزىنىمۇ ساقلىماي بولمايتتى. مەن يىراقراق يەردە ساقلاپ تۇردۇم.لىۋىنچاڭ ئىشىكنى چەكتى.
-تاك!تاك!تاك!
-كىمۇ؟
-مۇلازىم.
-يوقال!!مىنى ئاۋرە قىلما.
-ئەپەندىم ئاستىڭىزدىكى ئۆينىڭ تورۇسىدىن سۇ ئېقىۋېتىپتۇ.تۇربا يوللىرىنى تەكشۈرۈپ باقايلى دىگەن.
قاتىل:
-ئاناڭنى،قانداق ئەخلەت مىھمانخانا بۇ،-دەپ ئىشىكنى ئازراق ئېچىشىغىلا ئۈچەيلەن ئۇنى يەرگە بېسىۋېلىپ قولىغا كويزىنى سېلىپ،ئۇنى ھەيدەپ چىقتى.
ئۇنىڭ چىرايى لىيۇ يۇڭجىيەنگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى.


مايماق ئىجادىيىتى
ھىكاينىڭ بىرىنچى قىسىمىنىڭ ئادرىسى:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66271
ھىكاينىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ ئادرىسى:https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66437

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 100 يازمىلىرىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12966
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5031
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:19:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچ ھىكايىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقتىم، ياخشى ئەسەركەن، كاللام ئىچىلىپ قالدى.

شۈكرى ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4005
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 4192 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:21:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس زىرەك ساقچى ئىكەن ،،،،  كىنو قىلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك بۇنى،،، لىكىن سوراپ باقسام چاشقانمۇ ھاراق ئىچەلەمدا؟؟؟

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8046
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6768 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:40:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغانچە نوچى يېزىۋاتسىلەنغۇ    داۋاملىق يېزىڭلا  ھە  

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:49:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايماق ئەپەندى جاپا تارتتىڭىز(ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇنىڭنى قان ئىتە،ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇنىڭنى ياغ ئىتە)دىگەن شۇدە

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8032
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4053 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 12:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدىن سوراپ باقسام مايماق، بۇنى تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ياكى ئويدۇرۇپ يازدىڭىزمۇ؟ بەك قىزىقىپ قالدىم. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ياخشى يېزىلىپتۇ.
يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى مايماق. (مايماق دېسە ئەجەپ كۈلكىلىك ئادەم تىللىغاندەك بىلىندىكىنە... )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45474
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 49
توردا: 709 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 12:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندە بىر قىسىم يوللاۋاتىسىز  ھە ......بىرنىمۇ  قالدۇرماي تولۇق ئوقۇۋاتىمەن .....سىز ساقچىمۇ ؟؟

ئتقاد-ئارغامچا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54691
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 910
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 2139 سائەت
تىزىم: 2011-9-4
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 12:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رازۋىتكا جەريانىدىكى ھەر بىر ئىنچكە گۇمان-تەھلىللەر ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىكەن.

فتنە قىلماق خۇنى ناھەقتىن يامان،فتنەچى قالماس جەھەننەمدىن ئەمان،خۇنى ناھەق فتنەدىن  پەيدابولۇر،فتنەدىن ئالەمدە كۆپ غەۋغا بولۇر.--(ئاپتورنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3396
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 2909 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 12:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن، كىنو قىلىپ ئىشلىسە چوقۇم ياخشى كىنو  بولىدۇ

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 517
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 01:07:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش