ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تېمنى كۆرۈپ ئولتۇرغان بارلىق تورداشلار! ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىختىيارلقى بىلەن بىزنىڭ ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك كۈچىنى چىقىرىۋاتقان،ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق خىزمىتىمىزگە بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشىۋاتقان، يەنە بىزنى قوللاپ،ئىلھام كۈچ-قۇۋەت ئاتا قىلغان،بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
گۇرۇپپىمىز كۆپلىگەن مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى ئاستىدا ،ئاخىرى ئۇيغۇر يازغۇچىسى چوپانىنىڭ ‹‹ ياغاچ مىدال›› ناملىق تارىخى رومانىنى كومپىيوتېرغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇردۇق.
چۈشۈرۈش ئادىرسىنى قالدۇرۇشتىن بۇرۇن ،بۇ يەردە كىچىككىنى بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتەي ،مۇنبەرگە ئارلاپ ئارلاپ توپ توپى بىلەن ئېلكىتابلار يوللىنىۋاتىدۇ. مەن يوللىغۇچى ئۇلىنىش قىلغان بوشلۇقتىكى كىتابلارغا بىردىن بىر قاراپ چىقتىم ھەممىسى ئىلگىرى مۇنبەرگە يوللىنىپ بولغان كىتابلاركەن.شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نۇرغۇنلىغان ئەزالار كىتابلارنى بەس بەس بىلەن چۈشۈرىدىكەن.يېڭى ئەزالار ئىلگىرى كۆرمەي شۇڭا چۈشۈرۋاتغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.لىكىن ئەستايىدىل قارىسام كىتابنى چۈشۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا مۇنبەرنىڭ دائىملىق ئەزالىرى ئىكەن.سىلەرگە دىسەم ھازىر ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئىسلامى ئېلكىتابلار ئۈزلۇكسىز يېڭلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ ،بۇنىڭىدىن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاللا يولىدا توختىماي ئۆز كۈچىنى زىھنىنى سەرىپ قىلۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.لىكىن ئەدەبى كىتابلار، تارىخى كىتابلار يېڭلىنىشى بەك ئاز، ئاساسەن يوق دىيەرلىك.مەن دىمەكچى سىز ئېلكىتاب دىسلا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ چۈشۈرۈۋەرمەي مەندە بارمىدۇ يا دەپ ئويلاپ بېقىڭ.
نۇرغۇن كىتابلار مىسرانىم مۇنبىرىدە تۆت ئايلىنىپ بولدى سىز توردىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن يىغىپ بولدىڭىز ھەرگىزمۇ مەندە يوقمىكى دەپ گۇمان قىلىپ قالماڭ.مېنىڭچە نۇرغۇنلارنىڭ كومپىيوتىردا ئوخشاش كىتاب كومپىيوتىرنىڭ تۆت يېرىدە ئايرىم ئايرىم ساقلاقلىقمىكىن دەيمەن.
بەزىلەر كىتابنى ئوقۇماي تەكشىگە ئېلىپ ساقلايدىغان ئادەملەرنى ئالتۇن تارتىۋاتقان ئېشەككە ئوخشىتىدىكەن.چۈشۈرگەن كىتابلارنى ئانچە-مۇنچە ۋاراقلاپ قويسىڭىز ،سىزدە ئازراق تەسىرى قالسا ئاندىن تورغا يوللانغان كىتابلارنىڭ قايتا-قايتا چۈشۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
لىكىن بۇ كىتابنى چۈشۈرۈۋېرىڭ بۈگۈن تېخى پۈتتۈردۇق.
بۇ كىتاب ئۆزى ئاددى بولسىمۇ لىكىن ئاز دىگەندە مۇنبەردىكى 50دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئەجىر قىلىشى ئارقىلىق پۈتۈپ چىقتى.
مۇنبەر يۈزىدە بۇ كىتابنى ياساشقا قاتناشقان بارلىق دوستلارغا چىن-كۆڭلۇمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەسلى بىز بىر كىتابنى 15 كۈندە پۇتتۇرۈشنى پىلانلىغان لېكىن بەزىلەرنىڭ مەسئۇليەتسىزلىك قىلىشى، سەممىيەتسىزلىك قىلىشى سەۋەبىدىن بىر قانچە كۈن كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.
بىز بۇندىن كىيىن يەنە داۋاملىق يېڭى ئېلكىتابلارنى ياساپ دوستلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمىز. ئەگەر ھەرقانداق ياخشى تەكلىپ-پىكىرىڭىز بولسا ئايمىغايسىز،يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن دوستلارنىڭ كىتاب ياساشقا قاتنىشىشىنى سورايمىز.
يۇقىرىقى كىتابنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:
چۈشۈرۈش
مەنبە:ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى