ماتىرياللار:قوي گۇشى ، باش پىياز ، ئۇن ،سۇ ماي ، يېسىۋېلەك، پەمىدۇر، كۆكمۇچ، سامساق، كەرەپشە، مايلىق يېسىۋېلەك
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاقمۇچ.
تەييارلاش:خېمىرنى مۇنداق يۇغۇرۇپ تەييارلىۋالىمىز ،گۆشنى ئۇششاق توغراپ باش پىيازنى چاناپ، تۇز ، ئاقمۇچ بىلەن تەملەندۈرۈپ قىيما قىلىپ تەييارلاپ ،خېمىرنى يېيىپ تۆت چاسا كىسىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلاپ قۇيىمىز.
قورۇمىسى تەييارلاش ئۈچۈن گۆش كۆكتاتلارنى دان-دان توغراپ تەييارلىۋالىمىز (رەسىمدىكىدەك)
ئەمدى رەسمى پىشۇرۇشقا كىلەيلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تەييارلانغان چۆچۈرىنى قازانغا سېلىپ
پىشۇرۇپ تەخسىگە سۇزۇپ تەييارلايمىز.
قازانغا ماي قۇيۇپ گۆش ،پىيازلارنى سېلىپ تۇز سېلېپ كەينىدىن يىسۋېلىك،كەرەپشە،كۆكمۇچ ،
پەمىدۇر سېلىپ قورۇپ كوك سەي(مايلىق يېسۋېلىك،پالەك) لەرنى سېلىپ سامساق سېلىپ تۇز
تەمىنى تېتىپ چۆچۈرىنىڭ ئۇستىگە سېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ
ئەسكەرتىش:ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلارنى قىلىپ يىسىڭىزمۇ بولىدۇ مۇمكىن بولسا چۆچىرىنى
قازانغا سېلىپ پىشقىچە بولغان ئارلىقتا يەنە بىر قازاندا قورۇمىسىنى تەييارلاپ ئىككىلىسىنى تەڭ
پىشۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.سىز چۆچۈرە خېمىرىنى يۇغۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز
بۇ ئادىرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
http://axpaz.cn/bbs/read.php?tid=644
ئالاھىدىلىكى :ئائىلىدە تەييارلاپ يىيىشكىمۇ ئەزىز مىھمانلارنى كۇتىۋېلىشتا تەييارلىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ
تەمى ئۆزگىچە بولۇپ مېھمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ
چۆچۈرە قورۇمىسى ئىجادى قورىما بولۇپ پەقەت ئاشپەز تورى ۋە مىسرانىم تورىغىلا يوللاندى
باشقا تور بەتلەرنىڭ كۇچۇرۇپ تارقىتىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ،
پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ،
پات يېقىندا بۇ قورىما نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدۇ تورداشلارنىڭ قوللاپ بىرشىنى ئۇمۇت قىلىمەن
ئائىلە ماش ئۇيماقورمىسى(家常豆腐)
ئاساسى ماتېرىيال:ماش ئۇيۇتما(دوفۇ)،گۆش ،كۆك قىزىل مۇچ.قېرىنقۇلاق،مايلىق يېسىۋىلەك
تەم خۇرۇچلار:تۇز،تېتىتقۇ،غول پىياز،زەنجىۋىل،سامساق،كىراخمال ،ماي،جاڭيۇ،قزىلمۇچ مېيى،
كاۋاۋىچىن ،شورپا،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ ،پەمىدۇر قىيامى
تەييارلاش ئۇسۇلى:1- دۇفۇنى 3سانتا ئەتىراپىدا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدە توغراپ قىزىغان مايغا سىلىپ، مايدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز.
2-قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قوناق چوڭلۇقىدا توغرالغان گۆشنى سىلىپ قورۇپ چالا پىشقاندا ،سۇڭپىياز،زەنجىۋىل،
سامساق،قاتارلىق ماتىرياللارنى سىلىپ قورۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سىلىپ قىزارغاندا مۇۋاپىق مىقتاردا،پەمىدۇر قىيامى سىلىپ پۇراق چىققاندا مۇۋاپىق مىقداردا شورپا قۇيۇپ،تۇز،جاڭيۇ،تېتىتقۇ،بىلەن تەمىنى
تەڭشەپ تەييارلانغان دۇفۇنى سىلىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ ئازراق كىراخمال سۈيى قۇيۇپ ئىلەشتۈرۈپ تەخسىگە ئالىمىز.
ئالاھىدىلكى:رەڭگى قىزىل ،پارقىراق ،ماسلاشقان دۇفۇ مىزىلىك يۇمشاق تەننەرقى تۆۋەن
مەنبە:
ئاشپەز تورى