ئاساسى ماتېريالى:قوناق كونسىرۋاسى2~3دانە،،سۇ يېغى ،سىنفىن (كىراخمالنىڭ بىرتۇرى)
تەم خۇرۇچى:ئاق شېكەر،قۇشۇمچە توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى:قوناق كونسىرۋاسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ چويلىىغا تۇكۇپ سۇيىنى پاكىزسارقىتىپ
(چۇقۇم سۇسىزلىنىشى لازىم)لىق بىر سىقىم سىنفىن سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا بىر كىلوگىرام ئەتىراپىدا ماي قۇيۇپ ياغنى 7-دەرىجىدە(ياغ ئۇستىگە ئالقاننى
بىر غېرىچ ئارلىقتا ئەكەلسىڭىز ئالقانغا قىزىقلىق تەگسە)قىزىتىپ
ياغنى ياغ قاچىسىغا قۇيۋالىمىز. قۇرۇق قازانغا تەييارلىۋالغان قوناقنى تەكشى نىپىز
قازانغا سېلىپ نان(كىچىك ۋاقتىڭلاردا بەلكى قازان نېنى يىگەن بۇلىشىڭلار مۇمكىن شۇ نان )
شەكلىدە ئەكىلۋېلىپ نۇرمال ئوتقا قۇيۇپ قىزىتىلغان ياغنى قازاننىڭ يان تەرىپىدىن بىر
چۇمۇچ-بىر چۇمۇچتىن قۇيۇپ قېتىشقاندا چويلىغا سۇزىۋالىىپ ئۇستىگە
ئاق شېكەر سىپىپ چىرايلىق توغراپ تەخسىگە ئالىمىز