مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2723|ئىنكاس: 50

ئوغۇرلانغان ھەج راسخوتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 386
تۆھپە نۇمۇرى: 829
توردا: 1005 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 09:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىرىڭ...جىرىڭ...جىرىڭ!!!!!!
ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىمنى يىرتىپ ئېچىپ،سائىتىمگە قارىسام بىر يېرىم  بوپتۇ.جۈمەدىن ئاباي يېنىپ ئەمدىلا  كۆزۈمنى يۇمغانىدىم.مىنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇمنى بىرى بۇزۇۋەتسە بەك ئاچچىقىم كىلىدۇ.چۈنكى چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى بەك قىسقا....كەلگەن نومۇرغا قارىۋېتىپ تىلىفۇننى ئالدىم.
-لى ساقچى ئەمەلدارى ياخشىمۇ؟
-ياخشى.
-مىنى ئىزدەپ قاپسەنغۇ؟مەن ياخشى شەھەر پۇقراسى جۇمۇ.
-كەچۈر.ئالدىنقى دىلونى سەن پاش قىلغانىدىڭ.پۈتۈن شەرەپ ماڭا كەلدى.
-ھېچقىسى يوق.مەن ئۇ نەرسىلەرگە قىزىقمايمەن.
-شۇنداقتىمۇ سىنى بىر تاماققا چاقىرىۋالمىسام بولماس؟
-نەدە يەيمىز؟ مەن شەرقى شىمال جۇۋاۋىسىنى)东北饺子 )يىمەيمەن جۇمۇ.
-مەن دېگەن ئۈرۈمچىنىڭ ساقچىسى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ياخشى بىلىمەن.بۈگۈن سائەت ئالتىدە، ۋاقتىڭ بارمۇ؟
-بار.
- بەيگە مەيدانىغا كىلىپ تېلېفون قىل كاۋاپ يەيلى.
-بۇ گېپىڭ ياقتى.ئەمىسە ھېلى كۆرۈشەيلى.
-ماقۇل ئەمىسە خوش.
-خوش.
كەچتە لىۋىنچاڭ بىلەن بىلەن بەيگە مەيدانىدىكى بىر كاۋاپخانىدا كۆرۈشتۇق ۋە كاۋاپ يىگەچ پاراڭلاشتۇق.
سەن مىنىڭ نومۇرۇمنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟،-دېدى لىۋىنچاڭ ھەيرانلىق بىلەن.
-ئۆتكەنكى گاز دېلوسىدا قارىسام سەن خېلى ياخشى ساقچى ئىكەنسەن.شۇڭا 110غا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئىنكاس قىلىدىغان مەسىلە بار ئىدى دەپ مۇشۇ ئەتراپقا،مەسئۇل ساقچىنىڭ نومۇرىنى سورىدىم.دېلو مەلۇم قىلسا سەن كەلگەندىكىن مەسئۇل ساقچى سەن بولىسەندە.
-مىنىڭ ياخشى ساقچىلىقىمنى قانداق بىلدىڭ؟
-قارىسام پاگونۇڭ بىر سىزىق ئۈچ يۇلتۇز ئىكەن. ئەتىگەننى ئەتىگەن دىمەي نەق مەيدانغا ئۆزۈڭ  كەپسەن.ھازىر سەندەك مەسئۇلىيەتچان ساقچى ئەمەلدارى ئازدە .
-سىنىڭ تېلېفون نۇمۇرۇڭنى  قانداق بىلىۋالغىنىمۇ بىلەمسەن؟
-110غا دېلو مەلۇم قىلغانلارنىڭ نومۇرى چوقۇم ساقلىنىدۇ دە ،بۇنى كىچىك بالىمۇ بىلىدۇ.
-مەن ئۈرۈمچىگە بەش يېشىمدا كەلگەن، سەن شەرقى شىماللىق ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭ؟
-بويۇڭ ئىگىز، چاسا يۈز،تېرەڭ قاراغا مايىل.خەنزۇلارنىڭ ئىچىدە سەندەكلىرى كۆپرەك شەرقى شىمالدىن چىقىدۇ.
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە لىۋىنچاڭغا  تېلېفون كەلدى.قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا مەلۇم دىلونى ئۇقتۇردى بولغاي.ئۇ تەپسىلى ئاڭلاپ بولۇپ:
- ھازىرلا نەق مەيدانغا بارىمەن .نەق مەيدانغا ئادەم كىرگۈزمەڭلار،-دېدى دە تېلېفوننى قويدى ۋە:
-بىر بوۋاي ھەجگە تەييارلىغان 30مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى دەپ دېلو مەلۇم قىپتۇ. نەق مەيداندا ھېچ قانداق يىپ ئۇچى يوق دەيدۇ مەن بىلەن بېرىپ باقامسەن؟،-دەپ سورىدى مەندىن.
-مەن بارسام قائىدىگە سىغامدۇ؟،-دەپ سورىدىم ئىككىلىنىپ.
-سىغىدۇ.
مەنغۇ ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشىشنى خالاپ كەتمەيمەن. لېكىن بۇ ئىشقا ئارلاشقۇم كەلدى.چۈنكى نۇرغۇن  بوۋاي -مومايلارنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى ھەرەمگە بېرىش.يول راسخودى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان نەرسە.ئۇ بوۋايغا راستىنلا ئىچىم ئاغرىدى.
بىز لىۋىنچاڭنىڭ ماشىنىسىدا نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدۇق.بوۋاي بىزنى سىرتتا ساقلاپ تۇرغانىكەن .بوۋاينىڭ ئىچى قاتتىق پۇشقانلىقى ئۇنىڭ قارىداپ كەتكەن چىرايىدىن ئېنىقلا بىلىنىپ تۇراتتى.بوۋاي لىۋىنچاڭنىڭ دىلۇغا مەسئۇ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپلا تەخىرسىزلىك بىلەن  سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەن ئاتمىش سەككىز ياشقا كىردىم.ئىسمىم قادىراخۇن. مەلىمىزدىكى مەسچىتنىڭ يېنىدىكى كاۋاپداننى مەن ئاچىمەن. ھەجگە ئاتاپ تىرشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ يىغقان ئازراق پۇلۇم بار ئىدى.بۈگۈن بازاردىن يېنىپ  بۈگۈن سودا قىلغان پۇلنى قوشىۋىتەي دەپ قارىسام پۇل ئورنىدا يوق، ھەي!!!....
بوۋاينىڭ سۆزىنى يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچى لىۋىنچاڭغا تەرجىمە قىلىپ بەردى.لىۋىنچاڭ تەرجىمانى ئارقىلىق بوۋايدىن بەزى سۇئاللارنى سورىدى.
-يۈتكەن پۇلنىڭ ئېنىق سانى قانچە؟
-32400يۈەن.
-پۇلنى نېمىشقا بانكىدا قويمىغانتىلە؟
-مەن بانكىنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ بولالمايدىكەنمەن،چىكەنجىنىمۇ ئىشلىتەلمەيمەن.
-ئۆينىڭ نەرىگە قويغان؟
-ياستۇقنىڭ قېتىدا ئىدى.
-پۇلنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نەدە كۆرگەن؟
-تۈنۆگۈن بازاردىن يانغاندا بار ئىدى.
-پۇلنى سىزدىن باشقا كىم بىلەتتى؟
-ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئۇ ھەممىنى تەپسىلى خاتىرىلەپ بولغاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ ئۆيىگە يەنى نەق مەيدانغا كىردۇق.ئۆي تۆت قەۋەتلىك بىر كونا بىنانىڭ بىرىنچى قەۋەت سول قول تەرەپتە ئىدى، مۆلچەرىمچە 35كۇۋادىرات مېتىر ئۆپچۆرىسىدىكى چوڭلۇقتىكى چاققانغىنە بىر يۈرۈش بىر ئېغىز ئۆي ئىكەن.پۈتۈن ئۆينى تەپسىلى كۈزىتىشكە باشلىدىم.ئۆي بىزەلمىگەن پەقەتلا ھاكتا ئاقارتىلغان.ئۆينىڭ تۈزۈلىشىمۇ ئاددى.ئىشىكتىن كىرىشتە كارىدور. كارىدورنىڭ ئىچىدىكى تامغا  كىشىنىڭ دېققىتىنى ئالاھىدە تارتىدىغان يوغان بىر ئىشكاپ قويۇلغان.ئىشكاپنىڭ ئىچىدە بوۋاينىڭ بىر قانچە ىۇر كىيىملىرى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قويۇلغان بولۇپ ئىچىدىن قويۇق كاۋاپ ھىدى كىلەتتى. كارىدوردا بۇنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. كارىدورنىڭ سول قول تەرىپىدە چوڭراق كەلگەن بىر ئېغىز ھۇجرا ئۆي.ئۆيدە بىر كارىۋات قويۇلغان ، ياندىكى خېلى چوڭ يەر ئاق قالدۇرۇلغان بولۇپ يەرگە ئەرزان باھالىق گىلەم توشقۇزۇپ سېلىنغان،كارۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى كونىراپ سىرىمۇ ئاز قالغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە 14دىئۇملۇق رەڭسىز تىلىۋوزور قويۇلغانىدى .كارىدۇرنىڭ  ئوڭ قول تەرىپىگە ئەپچىللا كەلگەن بىر ئاشخانا ،بىر مۇنچا جايلاشقانىدى.ئاشخانىنىڭ ئوڭ قول تەرىپىگە بىر تەكچەچىقىرىلغان ئۇنىڭغا قازان-قومۇش-چېنە چەينەكلەر تىزىپ قويۇلغان.تەكچىنىڭ يېنىدا كىچىككىنە بىر توڭلاتقۇ.ئۇدۇلدا گاز ئوچاق. مۇنچىغا كەلسەك ئۇ تېخىمۇ ئاددى بىر سۇ ئىسسىتقۇچ ،كىچىككىنە تەرەت كاتىكى. بىر تۇرۇبا تۇربىنىڭ ئاستىغا بىر داس قويۇلغان.ھەممە ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ھىم ئىتىك. بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئانچە مۇنچە بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ۋە بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدىم.
-سىلى يالغۇز تۇرىدىكەنلىدە؟
-شۇنداق.موماي بەش يىل ئاۋال تۈگەپ كەتكەن.
-بالىلىرىچۇ؟
-پەقەت بىرلا قىزىم بار شىڭخادا.ئۇنىڭ بالىسى جىق كۈنىمۇ قەدىر ئەھۋال.يۈز كۆرۈشمىگىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى.
-تۈنۆگۈن پۇلنى قويغاندىن تارتىپ  پۇلنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلگىچە بولغان ئارىلىقتا بولغان ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن،
ھىچنىمىنى قالدۇرماي.
-پۇلۇم تېپىلارمۇ بالام؟،-بوۋاينىڭ ئەس-يادى شۇنىڭدا ئىدى.
-شامال ئۆتمەيدىغان تام، ئىز قالمايدىغان ئىش يوق بوۋا ،بولغان ئىشنى  تەپسىلى سۆزلەپ بەرسىلە ئوغرىنى تېپىشقا جىق ياردىمى بولىدۇ.
-بولىدۇ.مەن تەپسىلى سۆزلەپ بېرەي.ئاخشام پۇلنى قويۇپ قۇيۇپ،ئاشخانىغا كىرىپ چاي قاينىتىپ ،ئازراق نان بىلەن كەچلىك چاي ئىچتىم.
ئاندىن كىچىك تەرىتىم قىستاپ ھاجەتكە كىردىم.ئاندىن چىقىپ كاۋاپنى توغراپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ توڭلاتقۇغا سالدىم.
ئۇنىڭ گېپىنى بۆلمەي تۇرالمىدىم.
-ئۆيگە بىرەرسى كەلدىمۇ؟
-ئاخشام كەلمىدى.
-بۈگۈن كەلدىمۇ؟
-شۇنداق.
-ئەمىسە بىرىنچى قېتىم ئادەم كەلگەندىن تارتىپ سۆزلىسىلە،ئابايقىدەك تەپسىلى قىلىپ.
-بولىدۇ.ئەتىگەن سائەت سەككىزلەردە مەھەللە كومىتېتىدىكى سۇ پۇلى يىغىشقا مەسئۇل ئارزىگۈل دېگەن چوكان پار سۇ پۇلى يىغقىلى كىلىپ سۇ پۇلىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
-سۇ سائىتىنى تەكشۈردىمۇ؟
-شۇنداق.بولمىسا سۇ پۇلىنى قانداق ھىسابلايدۇ؟،-پۇل غېمىدا قالغان بوۋاي سۇئاللاردىن بىر ئاز تېرىكىپ قالغانىدى.
-ئۇ باشقا ئۆيلەرگە كىردىمۇ؟
-ياق. مۇنچىغا كىرىپ سۇ سائىتىنى تەكشۈرۈپلا چىقىپ كەتتى.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-ئاندىن كېيىن بىردەم ئارام ئالاي دەپ ياتقانىدىم.ئۇدۇل قوشنام ھاشىماخۇن كىرىپتۇ.بىردەم ۋەزىيەتنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ ئولتۇردۇق،ئارلىقتا مەن چاي دەملىگىلى چىقتىم.ئۇ بىر قېتىم ئوبۇرنىغا كىرىپ چىقتى.
-چاينى قايناتتىلىمۇ  ياكى چايداندا قايناقسۇ بارمىدى؟
-قايناقسۇ بارئىدى.
-تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتتا چاينى دەملەپ كىردىلە؟
-بىر نەچچە مىنۇتتىلا.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-ھاشىم ئاخۇن سائەت ئونلار بىلەن چىقىپ كەتتى.سائەت ئونبىر ئەتراپىدا ئۆيگە پوچتىكەش كەپتۇ.قىزىم ماڭا قىشلىق ئىچ كىيم ئەۋەتىپتىكەن.
ئۇ ئۇنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىپ، قىزىمنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بەردى.
-سىلىنىڭ ساۋادلىرى يوقكەندە؟
-شۇنداق.
-ئۇ پوشتىكەچنى ئوبدان تونۇملا؟
-خېلى ئوبدان تونۇيمەن.ئۇ بۇ يەرلەرگە خەت توشۇۋاتقىلى ئىككى يىلچە بولدى. مەن بۇ يەردە ئۇزاق تۇرغاچقا مەھەللىدىكىلەرنى ئاساسەن تونۇيمەن.بەزى كىشىلەرنى تاپالمىسا ئۆيىنى مەن كۆرسىتىپ قويىمەن.ئۆزىمۇ ياخشى بالا .ئۆتكەندە بىناغا ئوت كەتكىلى تاس قالغاندا شۇ بالا
بەك كۈچ چىقىرىپ ئوتنى ئۆچۈرىۋالغان.مەلىدىكى ياش باللا ‹‹ئوت كەتتى››دەۋاتسا يىراق قېچىپ تۇردى.
-داۋامىنى سۆزلىسىلە .
-ئۇ خەتنى ئوقۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۆيدىن قەلەم ئېلىپ چىقىپ تاپشۇرۇۋالغانلىق ئىسپاتىغا ئىسمىمنى يېزىپ بەردىم.ئاندىن ئۇ قايتتى.
-ئۆيگە كىردىمۇ؟
-ياق.بوسۇغىدىنلا قايتتى.
-داۋامىنى سۆزلىسىلە.
-ئاندىن كېيىن ئۆيدە ئازراق كاۋاپ بار ئىدى ،چاي دەملەپ نان بىلەن شۇنى يىدىم.ئاندىن تاھارەت ئېلىپ جۈمەگە چىقىپ كەتتىم.جۈمەدىن يېنىپ بازارغا تەييارلىق قىلاي دەپ ئۆيگە كىرسەم ئۆي چىلىق-چىلىق سۇ.
-ئىشىك ئىتىقمىكەن؟
-شۇنداق.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-قارىسام مۇنچىدىكى تۇرۇبا يولى تىشىلىپ كىتىپتۇ.ئۆيدىكىسى سولياۋ سۇ تۇربىسى بولغاندىكىن ،سولياۋ خالتىدىن بىرنى كۆيدۈرۈپ ئېقىتىپ تۈشۈكنى ھىملەپ قويدۇم .قارىسىام سۇ توختىدى.كاۋاپتاندا كىيىدىغان كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ بازارغا چىقتىم.كۈندىكىدەك سائەت ئىككىدىن ئالتە يېرىمغىچە بازارقىلىپ ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.
-ئىشىك ئىتىكمىكەن؟
-شۇنداق.
-داۋاملىق سۆزلىسىلە.
-قارىسام پۇل يوق شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلدىم.ئۇنىڭ داۋامى سىلەرگە ئايان.
بۇ ئارلىقتا ھېلىقى بالا لى ۋىنچاڭغا بۇلارنىڭ ھەممىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىپ ئۈلگۈردى.لى ۋىنچاڭ بۇلارنى تەپسىلى خاتىرىلىۋالدى ۋە ئۇ بالىغا نەق مەيداننى تەپسىلى سۈرەتكە تارتىشنى بۇيرىدى.مەن ئاۋۋال پامىرنى ئىتىپ تۇربا يولىغا ئېقىتقان سولياۋنى چىقىرىپ قاراپ بېقىپ ئۇنى يەنە شۇ ئۇسسۇلدا ھىملەپ قويدۇم.ئاندىن ئىشكاپنى تەپسىلى كۈزىتىپ چىقتىم.
-ئىشكاپنىڭ ئىچىنى قاچان سۈرتكەن؟،-دەپ سورىدىم بوۋايدىن.
-ئىچىنى سۈرتۈپ باقمىدىم.
بىز ئۆيدىن قايتىپ چىقتۇق.بۇ دىلو ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ئىدى.
-قانداق قارايسەن؟،- دەپ سورىدىم لىۋىنچاڭدىن.
-بۇ ئېنىقلا ئىشكەنغۇ؟
-قانداق؟
-بۇ بوۋاي يالغان ئەنزە مەلۇم قىپتۇ.
-قانداقسىگە؟
- ئىشىكنىڭ قۇلۇپىمۇ ساق دېرىزىمۇ ساق.ئىشىكمۇ ھىم دېرىزىمۇ ھىم .ئوغرى قانداق كىرىپ قانداق چىقىپ كىتىدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئاختۇرۇلغاندەك قىلمايدۇ.لىكىن پۇلنى قويغان يەرنى ھېچكىم بىلمىسە؟ئاختۇرماي قانداق تاپىدۇ؟
-ئەمىسە ئۇ نىمىشقا يالغان ئېيتىدۇ؟
-ئادەم قېرىسا بەزىدە شۇنداق بوپ قالىدۇ.
-مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن.بۇ بوۋاي قېرىغان بىلەن تېتىككەن.ئالجىغان ئادەم دىلونىڭ جەريانىنى ئۇنداق ۋاقتى- سائىتى بىلەن دەپ بېرەلمەيدۇ.
-مەن ئويلىغىنىمنى دەپ بولدۇم،ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى.
-بۇنىڭ ئوغۇرلىق دىلوسى ئىكەنلىكى ئېنىق.ئىشىك-دېرىزىنىڭ ئىتىكلىكىدىن قارىغاندا ئوغرى چوقۇم مەلۇم بىر پۇرسەتتە ئۆيگە يوشۇرنىۋالغان.
ئۇ ئۆيدە يوشۇرۇنغىدەك يەردىن پەقەت ئاشۇ ئىشكاپلا بار .مەن ئىشكاپنىڭ تېگىگە قارىسام ئازراقمۇ چاڭ- توزان يوقكەن.لىكىن بوۋاي ئۇ يەرنى تازلىماپتۇ،دىمەك بىرەيلەن مەقسەتلىك ئاياق ئىزىنى يوقاتقان.
-ئەمىسە يەردىمۇ ئىز يوققۇ؟
-سۇنى شۇڭا قويۇپ بەرگەندە.ئۇ تۇرۇبا يولىدىن يا ئىسسىق سۇ ماڭمىسا نىمىدەپ يېرىلغىدەك؟
-ئىشىكلەردىمۇ بارماق ئىزى يوق.
-ئۇ پەلەي كىيىۋالغان.
-ئەمىسە ئۇ پۇلنى قانداق تاپالايدۇ؟
-ئۇ پۇلنىڭ نەدىلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ.
-قانداقسىگە؟
-چۈنكى ئۇ ئاختۇرمايلا تاپالىدىدە.
-ئەمىسە ئۇ قاچان كىرىۋالغان؟
-ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن ئونبىر بولغان ئارلىقتا كىرىپ ،بوۋاي جۈمەگە چىقىپ كەتكەندە قېچىپ كەتكەن.
-ئۇ قانداق كىرىۋالغان؟
-ئۈچ ئادەمنىڭ بىرەرسى بوۋاينىڭ دېققىتىنى تارتىپ تۇرغان.ئوغرى شۇ چاغدا ئىشكاپقا مۆكۈنگەن.
-ئۇلارنىڭ قايسىسى؟
مەن جىمىپ قالدىم.بۇ دەل مىنى قىيناۋاتقان مەسىلە ئىدى. ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسىنىڭ ئېھتىماللىقى بار لېكىن تۇتۇۋالغىدەك بىرەر يوچۇق يوق ئىدى.
لى ۋىنچاڭمۇ جىمىپ قالغانىدى. ئۇ ماشىنىسىدا مىنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى.
-خوش،لى ساقچى ئەمەلدارى مەن بىرەر ئىشنى بايقىسام ساڭا خەۋەر قىلىمەن.
-بولىدۇ تىلىفۇن قىلىشايلى ئەمىسە.يەنە بىر ئىش ئىسمىمنى ئۇدۇل چاقىرىۋەر بىز دوستقۇ؟
-چاتاق يوق.
-مەنغۇ بىرەرسى بىلەن ئۇنچە ئاسان دوستلىشىپ كەتمەيمەن،ئەمما لىۋىنچاڭ ماڭا خېلى ياخشى تەسىر بەرگەنىدى.مەن خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلەيمەن.ئەمما تەلەپپۇزۇم بەك ناچار.لىۋىنچاڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم پاراڭلىشىش جەريانىدا،ئۇنىڭدا كۆنەلمەسلەك ،مەنسىتمەسلىك ياكى زاڭلىق قىلىش ئالامەتلىرى پەقەتلا كۆرۈلمىدى. ئۆزىمۇ ئوچۇق- يورۇق .
ياتقاچ بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى قايتا-قايتا ئويلاپ،كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلەتتىم.لىكىن ھېچ بىر ئۇچىنى تاپالمايتتىم.سۇ پۇلى يىغقىلى كەلگەن
ئايال مۇنچىغىلا كىرگەن.ئوغرىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئىشكاپقا مۆكۈۋىلىشى تەس.مونچا ئىشكاپقا بەك يېقىن.قادىر بوۋاي مونچا تەرەپكە قارىسىلا ،ئىشكاپ
ئۇنۇڭغا كۆرۈنىدۇ.ھاشىم ئاخۇنغا كەلسەك ئۇنىڭ ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى،يەنى قادىر بوۋاي چاي دەملىگىلى كىرگەندە ئىشىكنى ئېچىپ ئوغرىنى كىرگۈزىۋېتىپ، ئۆزى چاندۇرماي ئولتۇرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.لىكىن بۇ ئىشلار ناھايىتى چاققانلىق ،يۈرەك ۋە تەمكىنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.پوچتىكەش ئۆيگىمۇ كىرمىگەن ئۇنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك.مۇشۇ خىياللار كاللامنى چىرمىۋېلىپ ھېچ بىر ئوچۇق نەتىجە چىقىرالماي كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىمىدىم.
ئەتىسى لىۋىنچاڭغا تېلېفۇن قىلدىم ئۇ ماڭا ئۈچەيلەننى تەپسىلى تەكشۈرگەنلىكىنى ھېچ قايسىسىنىڭ جىنايەت تارىخى يوقلىقىنى ئېيتتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۈچەيلەن بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشقا كىلىشتىم.يولدا ماڭغاچ ئۇنىڭغا قىياسلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم .ئاۋۋال ئارزىگۈلنى ئىزدەپ
باردۇق .ئۇ نىڭ بىلەن بىر ئاز پاراڭلاشتۇق.ھېچ بىر گۇمانلىق يەرلەرنى بايقىمىدۇق.بىز ئارزىگۈلدىن ئايرىلىپ گۇمانلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ،
ھاشىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق.ماشىنىدىن چۈشىشىمىزگە قادىر بوۋاي ئۇچراپ قالدى.ئۇ بىر كىچىدىلا خېلىلا ئورۇقلاپ كەتكەنىدى.ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ ،ئۇنىڭغا يولىدا تەسەللىلەرنى بېرىپ ئۇنى بىر ئاز خاتىرجەم قىلىپ ھاشىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كىردۇق.مەن ھاشىم ئاخۇننى كۆرۈپلا بىر ئاز ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولدۇم. چۈنكى بۇ ھاشىماخۇن خېلىلا قېرىلىق يەتكەن ئادەم ئىكەن.لىكىن كۆڭلۈمگە شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالغان بولمىسۇن يەنە دىگەن خىيال كىلىپ، ئۇ بىزگە چاي قۇيغىلى ماڭغاندا  ئۇنى تۇيۇقسىز پۇتلىۋەتتىم.لى ۋىنچاڭ چاققانلىق قىلىپ تۇتۇۋالمىغان بولسا راستلا قاتتىق
يىقىلىپ كىتەتتى.ھاشىم ئاخۇن توغۇرلۇق قىياسلىرىممۇ يوققا چىقىپ،لى ۋىنچاڭ بىلەن پوچتىكەشنى ئىزدەپ ماڭدۇق.ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ جىق رولىمۇ يوق ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپمۇ ھېچ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي ماشىنىغا چىقىپ قايتىشقا تەمشەلدۇق.يولغا چىقىپ بىردەمدىن كىيىن لىۋىنچاڭ
-ئاپلا ~مەن ئۇ ئۈچەيلەن بىلەن بولغان سۆھبەتنى خاتىرلىۋالماپتىمەن،-دىدى ئۆزىچە ئەندىكىپ.
-مىنىڭ ئىسىمدە بار ،دەپ بەرسەم يېزىۋالامسەن يا،-دىدىم چاقچاق ئارىلاش.ئۇ سۆھبەتنىڭ مەنچە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.لىكىن لى ۋىنچاڭنىڭ بۇنچىلىك ئاكتىپلىقىنى كىم بىلسۇن .ئۇ ماشىنىنى بىر يەرگە توختىتىپ خاتىرە دەپتىرىنى ئالدىيۇ شۇنچە ئىزدەپمۇ قەلىمىنى تاپالمىدى.
-قەلىمىم نەگە كەتكەندۇ..سەندە قەلەم بارمۇ؟،-دەپ سورىدى ئۇ ئەستايىدىل قىياپەتتە.
-قەلەم سەندەك خاتىرلىگۈچىدە بولمىسا،مەندە نىمىش قىلىدۇ،-دەپ بولۇپلا تۇرۇپ قالدىم ۋەخوشاللىقىمدىن توۋلاپ سالدىم
- توغرا قەلەم!!!!!ھەجەپ ئسىمگە كەلمەپتا؟نىمىشقا قەلىمى بولمىسۇن؟ھاھاھا.....
-قانداق قەلىمىمنى بىرەر يەردە كۆرگەنمىدىڭ؟-ئۇنىڭ سەبىلەرچە چىرايى ماڭا بەك كۈلكىلىك تۇيۇلدى.
-لى ۋىنچاڭ مەن ئازراق بىر نەرسىنى بىلگەندەك قىلدىم.لىكىن جەزىملەشتۈرەلمەيمەن.يۈر قادىر بوۋاينىڭكىگە ھەيدە!
-نېمە ئىشنى بايقىدىڭ زادى دىمەمسەن!نىمە ئىش قىلىدىغىنىڭنى بىلمەي نەگە دىسەڭ شۇ يەرگە ئاپىرىدىغان شوپۇرۇڭ بولمىسام يا مەن،-دەپ
غۇدۇرىدى ماشىنا ھەيدىگەچ.
-بىر ئاز تەخىر قىل ،مەن ھازىر تېخى قىياسىمنى جەزىملەشتۈرەلمەيمەن.
ھايال ئۆتمەي يەنە قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.بىز ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئاددىغىنا سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن:
-ئالدىنقى قېتىم ئۆزلىرى پوچتىكەشكە قول قويۇپ بەرگىلى ئۆيدىن قەلەم ئېلىپ چىقتىم دېگەن ئىدىلە.
-شۇنداق.
-پوچتىكەچتە قەلەم يوقمىكەن؟
-ئۇ ئاختۇرۇپ تاپالمىدى قارىغاندا چۈشۈرۈپ قويغان ئوخشايدۇ.
بىز يەنە قايتىپ چىقتۇق.
-سەن مۇشۇ بىر جۈملە سۇئالىڭغا بۇ يەرگە كەلگەنمىدىڭ ؟،-دەپ سورىدى لى ۋىنچاڭ.
-ھازىر بۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.سەن دەرھال پوچتىخانىدىن پوچتىكەشنىڭ قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە نەرسە ئەكەلگەندە يەنە قايسى ئۆيلەرگە
كىرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرەلەرسەنمۇ؟
-بۇ كىچىك ئىشكەن.ج خ ئورگانلىرىنىڭ بۇلارنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقوقى بار.
-لېكىن پوچتىكەش ئۇقمىسۇن.
-بولىدۇ.
ئۇ يەنە بىر نەچچە ئۆيگە نەرسە يەتكۈزگەنىكەن بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىر-مۇبىر كۆرۈشۈپ چىقتۇق.ئۇ قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرىشنىڭ
ئالدىدا ئىككى ئۆيگە ،ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئۆيگە نەرسە ئاپارغانىكەن. قادىر بوۋايدىن باشقىلارغا قول قويۇشقا قەلەمنى ئۆزى بېرىپتۇ.ئۇ قەلەم يوق دەپ قادىر بوۋاينى ئالدىغانلىقى ئېنىق .ئۇنىڭدا چوقۇم مەسىلە بار.
لى ۋىنچاڭ قىياسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
-ئۇنى دەرھال قولغا ئېلىش كېرەك.پۇلنى بىرتەرەپ قىلىۋەتمىسۇن يەنە،-دىدى ئالدىراپ.
-نىمە دەپ قولغا ئالىسەن ؟قەلىمىم يوق دەپ ئالدىدى دەپما؟ گۇمان بىلەن24سائەتلا تۇتۇپ تۇرالايسەن.مۇشۇنچىلىك ئىشنى پىلانلىغان ئادەم 24سائەتلىك سوراققا بەرداشلىق بېرەلمەسمۇ؟ ئۇ قادىر بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلگەندە تاپالماي، يەنە بىر ئۆيگە كىرگەندە تاپتىم دىسە بولىۋىرىدۇ.
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟،-دېدى ئۇ تىتىلداپ.
-ئىزىغا چۈشىمىز.
-ئەمىسە مەن ئەترەتتىكىلەرگە خەۋەر قىلاي.
-بولمايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرەز خالاس.ئېنىق پاكىت يوق .ۋاقتى كەلگەندە خاتا چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىزىم توغرا بولسا ئۇنىڭ يەنە بىر مايمۇندەك چاققان شېرىگى بار .ئامال با ئۇلارنى چۈچۈتۈپ قويمايلى.ئۆزىمىزلا بارايلى يۈر.
-شېرىگىنىڭ چاققانلىقىنى قانداق بىلدىڭ؟
-بوۋاي قەلەمنى ئېلىپ چىققىچە بولغان ۋاقىت بىر مىنوتقا يەتمەيدۇ.بۇنچىلىك ۋاقىتتا  تىۋىشسىز ئىشكاپقا مۆكۈنەلىگەن ئادەم ئەلبەتتە چەبدەس بولىدۇدە.
بىز ئۇنىڭ پوچتىخانىدا ئىشتىن چۈشۈشىنى كۈتتۇق.ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ بىرەر سائەت تورخانىدا ئولتۇردى.ئاندىن كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتماي بىر نەچچە يەرگە تىلىفون قىلدى.بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭ  ئىككى دوستى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.قارىغاندا ئۇلار يەنە ئادەم ساقلاۋاتاتتى. بىردەمدىن كىيىن چېچىنى غەلىتە بويىۋالغان، بويى پاكار، 15ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بالا ئاشپوزۇلغا كىرىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇردى.ئۇلار تاماق بۇيرۇتۇپ ،تاماق چىققاندىن كىيىن ھاراق ئىچكەچ پاراڭلاشتى.كەيپىياتى بەكلا كۆتۈرەڭگۈ،
بىرەر ئىشنى تەبرىكلەۋاتقاندەك قىلاتتى.لى ۋىنچاڭ بۇ داشقاللار چوقۇم ئاشۇ بىچارە بوۋاينىڭ پۇلىنى خەجلەۋاتىدۇ دەپ توختىماي تىللاپ ئولتۇردى.
بىر دەمدىن كىيىن ئۇلار يەپ -ئىچىپ قېنىپ قايتىپ چىقىشتى.مەن لى ۋىنچاڭغا :
-لى ۋىنچاڭ ،نىشان ئۆزگەردى ،بىز ئاۋۇ بالىنىڭ پېيىگە چۈشەيلى،-دىدىم بالىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.
-پوچتىكەچنى يۈتتۈرۈپ قويساق بولماس؟،-دىدى ئۇ ئىككىلىنىپ.
-ئەگەر پۇلنى شۇلار ئالغان بولسا،بۇگۈن چۇقۇم غەلبىسىنى تەبرىكلەپ ئولتۇرۇش قىلدى.بىر كىچىك بالىنى ئۈچ چوڭ ئادەمنىڭ ئاتايىتەن تاماق يىمەي ساقلىغانلىقىدىن قارىغاندا،ئۇ چوقۇم تەبرىك سورىنىدىكى مۇھىم شەخس. مىنىڭچە مۆكىنىۋالغىنى دەل شۇ.ئەگەر بۇلار ئالمىغان بولسا بوچتىكەشنىڭ پېيىغا چۈشىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
-چوقۇم مۇشۇلار ئالدى،-دەپ قويدى لى ۋىنچاڭ.مەن ئۈنسىنمىدىم.
ئۇلار بىردەم خوشلاشقاندىن كىيىن ،پوچتىكەش باشقا ياققا،قالغان ئۈچەيلەن ئارىسىدىن بىرى ھەيدەپ كەلگەن ‹‹ئاۋتو››ماشىنىغا چىقىپ ماڭدى.
بىز ئۇلارغا يىراقتىن ئەگىشىپ خېلى ماڭغاندىن كىيىن،ئۇلار تاغ ئۈستىگە  قولىنىڭ ئۇچىدىلا كىسەك بىلەن قوپۇرۇپ قويغان ئىككى قەۋەتلىك بىر قوروغا كىرىپ كەتتى.ئەتراپتا مۇشۇ قورودىن باشقا بىرەر ئۆيلۈك ئادەممۇيوق ئىدى. مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ قورونىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ،قورونىڭ ئىشىكى  يېنىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر دۆۋە ئەخلەتكە يېقىنلاشتىم.يۈرىگىم سېلىپ كىتىۋاتاتتى.مەن ئۆزەمنىڭ قورقۇنچاق ئىكەنلىكىمنى يوشۇرمايمەن.لىكىن ئەخلەتنى بىر ئاختۇرۇپ باقمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. چۈنكى ئەخلەتنى ئوبدان كۆزىتىپ ،ئانالىز قىلغاندا،بىر  ئۆيدە تەخمىنەن قانچە ئادەم بارلىقى،جىنسى،نىمە يىگىنىدىن تارتىپ بىلگىلى بولىدۇ.تەۋەككۈل  قىلىپ ئامال بار تىۋىش چىقارماي ئەخلەتنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.كاللامدا توختىماي ئانالىز قىلاتتىم.بۇ مۆلچەرىمچەبىرەر ھەپتىدە يىغىلغان ئەخلەت. ھەيز قەغىزى ،گىرىم بۇيۇم لىرىنىڭ قۇتىسى دىگەندەك نەرسىلەر كۆرۈنمەيدۇ،قارىغاندا قورودا ئايال كىشى يوقكەن.ئوھوي ئۇكۇل؟ ھەجەپ ياخشى.....ئەگەر بىۋاستە پاكىت تېپىلمىسا ئۇلارنى قورقماي تۇتۇپ ئەكەتسەك بولىۋېرىدۇ دىگەن گەپ.سۈيدۈكىنى بىرلا تەكشۈرسەك،زەھەر چەككەنلىكى مانىمەن دەپلا چىقىدۇ.قانچىلىك سوراق قىلاي دىسەك قىلالايمىز.ھوي بۇ نىمە؟ مەن يەنە بىر تېخى تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان قارا رەڭلىك
رەخ پارچىسىدىن بىرنى تېپىۋالدىم.كەچۈرۈڭلار مەن قىززىققان نەرسەمنى پۇراپ بېقىش ئادىتىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن.ئەمدى رەخ پارچىسىنى بۇرنۇمغا ئاپىرىشىمغا ،بىر قول مۈرەمدىن ‹‹كاپ››قىلىپ تۈتتى.يۈرىكىم قارتلا قىلىپ ۋارقىرىتىشكە تاسلا قالدىم،قارىسام ئۆلگۈر لى ۋىنچاڭ ئىكەن.
-نىمىش قىلىۋاتىسەن؟يۈرىگىمنى ئالدىڭ،-دىدىم پەس ئاۋازدا ئاچچىقلاپ.
-سەن نىمىش قىلىۋاتىسەن ئىتتەك ئەخلەتنى پۇراپ؟،-ئۇنىڭ چىرايىدىن مىنى بىر چۈچىتىۋالغانلىقىغا ئىنتايىن خوش بولۇپ كەتكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.
مەن گەپ قىلماي ئاباي پۇراشقا ئۈلگۈرمىگەن رەختنى راسا بىر پۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنى لى ۋىنچاڭغا سۇندۇم .ئۇمۇ رەختنى ھەيرانلىقتا بىر قولىغا ئېلىپ راۋۇرۇس پۇرىۋېتىپ‹‹كۆيۈك؟››دەپ سورىدى مەندىن ،مەن بېشىمنى سىلكىپ يەنە بىر پۇرا دەپ ئىشارەت قىلدىم.ئۇ يەنە بىر ئوبدان
پۇرىۋەتكەندىن كىين ‹‹كاۋاپ؟››دەپ سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى.مەن ئاباي ئانچەجەزىملەشتۈرەلمىگەنىدىم،لى ۋىنچاڭغىمۇ پۇرىغانىكەن
كاۋاپپۇرىغىنى چوقۇم توغرا ئىدى. مەن لى ۋىنچاڭغا ماشىنىنى ئىشارەت قىلدىم.ئىككەيلەن ماشىنىغا چىقتۇق مەن ئۇنىڭغا:
-ئوغرى چوقۇم مۇشۇ يەردىكەن.بۇ رەخت دەل ئىشكاپقا يۇشۇرۇنغاندا كىيگەن كىيىمنىڭ پارچىسى. شۇڭا ئۇنىڭدا قادىر بوۋاينىڭ ئىشكابىدىكى
كاۋاپ پۇرىقى سىڭىپ قالغان.ئۇ شۇ كۈنى كىيگەن بارلىق كىيىم-كىچىكىنى كۆيدۈرىۋەتكەن،تەلىيىمىزگە بۇ رەخ پارچىسى كۆيمەي قالغان، ئاباي ئەخلەت ئارىسىدىن يەنە  بۇنى تېپىۋالدىم.بۇ ئۇنىڭ شۇ كۈنى كىيگەن ئايىغىنىڭ چەمى.رەختى كۆيۈپ چەم ساق قالغان.ئەترەتكە ئەمدى خەۋەر قىل،-دىدىم.
-بۇلارمۇ كۈچلۈك ئىسپات بولالمايدۇ ،-دىدى لى ۋىنچاڭ ئۇھسىنىپ.
-خاتىرجەم بول ئۇنى تۇتساقلا بولىدۇ.
-ئىقرار قىلمىسىچۇ؟
-چوقۇم قىلىدۇ،-دىدىممەن ئىشەنچىلىك.
بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن لى ۋىنچاڭ بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتى. چۈكى ئۇ ماڭا ئىشىنەتتى.ئۇ تىلىفون ئۇرۇشقا باشلىدى.بىردەمدىن كىيىن ئاچچىغىدا‹‹ئاناڭنى ››دەۋەتتى ئۇ.ئەسلى بۇ تاغدا تىلىفون ئىشلىمەيدىكەن.مىنىڭمۇ شۇنداق ئىدى.لىۋىنچاڭ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كيىن
- سەن ئۇلارغا قاراپ تۇر مەن ئادەم ئېلىپ چىقاي!،-دىدى.
-نىمە ؟ مەن  گىياھ ئۈنمەيدىغان مۇشۇ قاقاس تاغدا يالغۇز قالامدىم؟ئۇلار مىنى بايقاپ قالسا ،مەن ھەرگىز ‹‹ئاۋتو››بىلەن يۈگرەشتە بەسلىشەلمەيمەن.
-يۈر ئەمىسە. بىللە بېرىپ  كىلەيلى.
-بولمايدۇ ئۇلارنىڭ بۇيەردە قانچىلىك تۇرىدىغىنىنى ئۇقۇپ بولمايدۇ.مەخسۇس زەھەر چىكىش ئۈچۈنلا كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن،ئەڭ ياخشىسى
ئۇنى يوقىتىپ قويمايلى.
-ئەمىسە سەن مىنىڭ خىزمەت كىنىشكەمنى ،كىملىكىمنى ئېلىپ ئىدارىغا بار ،مەن ساقلاپ تۇراي.
-مەن ماشىنا ھەيدىيەلمەيمەن.
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
-تاپانچاڭ بارمۇ؟
-ياق.ئادەتتە خەتەرلىك ۋەزىپە بولمىسا ئېلىپ يۈرمەيمىز.
-ئەمىسە ئۆزىمىز تۇتايلى.
-خەتەرلىك ئەمەسمۇ؟
-مەن ئىككىسىگە تېتىيمەن،سەن ئاشۇ بالىنى قاچۇرىۋەتمىسەڭلا بولدى.
-قورودا باشقا ئادەم بولسىچۇ؟
-يوق،-دىدىم كىسىپلا.
-بولىدۇ،سەن دىگەندەك قىلايلى،- ئۇ ماڭا بەكلا ئىشىنەتتى.
-ھېلى ئۇلار تۇرغان ئۆينى تېپىپ،مەن ئۈچ دىگەن ھامان تەڭلا بۆسۈپ كىرىمىز.تەمتىرەپ قالغان ئادەمنى جايلىماق ئاسان.
-مەيلى.
بىز ئاستا مېڭىپ قورو ئىچىگەكىرىپ ،بىناغا يېقىنلاشتۇق.تەلىيىمىزگە ئۇلار ئىتمۇ باقماپتۇ.بىنانىڭ كارىدورىدا چىراق يوق ئىدى.ئۇلار ئىچىدىكى ئۆيدە بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ ئولتۇراتتى.بىز تام ياقىلاپ ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق .مەن ساناشقا باشلىدىم.
-بىر...ئىككى....تۆت!
لى ۋىنچاڭ ساناقنى ئاڭقىرىپ بولالماي ،ئىشىكتىن ئېتىلىپلا كىرىپ كەتتى.مەن يەردىن بىر خىش پارچىسىنى ئېلىپ تام كەينىگە مۆكۈندۈم.
ئىچىدىن ۋارقىراشلار،بىر نەرسىلەرنىڭ ئۆرۈلگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى.جىدەل راسا قىزىغانىدى.مىنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا تاقىتىم يوق.
ئوۋغا تىكىلگەن بۈركۈتتەك ئىشىككە پۈتۈن دېھقىتىم بىلەن قاراپ تۇراتتىم.تۇيۇقسىز شىپ قىلىپلا بىرى ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى،كىلىشتۈرۈپ خىش بىلەن بېشىغىلا بىرنى سالدىم.ئۇ‹‹ۋايجان››دەپلا گۈپ قىلىپ چۈشتى.ئىچىدىكى جىدەلمۇ بېسىققانىدى.ئاستا مارىلاپ باقسام تۆتەيلەن يەردە سۇنايلىنىپ
يېتىپتۇ.لى ۋىنچاڭ باش كۆزلىرى قان. ھەدەپ ئۇلارنىڭ بەلتاسمىسىنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى باغلاۋېتىپتۇ.ئۇ ھەممەيلەننى باغلاپ بولغاندىن كىيىن،
مەن ئاندىن ئۆيگە كىرىپ ،لى ۋىنچاڭغا ياردەملەشتىم.مىڭ تەستە بەشەيلەننى ماشىنىغا بېسىپ بولدۇق.شۇ چاغقىچە بىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.
ئۇنىڭ چىرايىدىن قاتتىق جىلە بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.ئاخىرى چىدىماي سۆز ئاچتى ئۇ:
-بىللە بۆسۈپ كىرىمىز دىگەنىدۇققۇ؟
-مەن ئۈچ دىمەستە كىرىپ كەتتىڭدە،تۆت بىلەن ئۈچنىڭ خېلى پەرقى بار،-دىدىم مۇغەمبەرلىك بىلەن.
-ھەرنىم بولسا بۇ داشقاللار خېلى چىكىپتىكەن،بولمىسا ئۆلۈگۈم چىققان بولاتتى،ئۈچەيلەندىن باشقا ئادەم يوقمىش تېخى.
-قاخشاۋەرمە بولدى.مەندىن ئۆتكەن بولسۇن ،مەن سىنىڭ ئۇلارغا تېتىيالايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ مۇھىم ئادەمنى مەن يىقىتتىمغۇ مانا.
-ھىم.كىچىك بالىنىڭ كەينىدىن كىسەك بىلەن ئۇرۇپ تېخى كۆرەڭلەپ كەتكىنىنى.
-ئامال يوق .ئىشقىلىپ مەن بولمىسام قاچۇرىۋىتەتتىڭ.
-راستلا چاققان نىمىكەن،پەقەتلا تۇتۇق بەرمىدى،شۇنى تۇتىمەن دەپمۇ جىق تاياق يەۋالدىم.ھە راست!سەن قانداق بىلدىڭ مىنىڭ گۇمپامنىڭ ياخشىلىقىنى؟
-سىنىڭ پاگونۇڭ بىر سىزىق ئۈچ يۇلتۇز ئىكەن.سىنىڭ بۇ يېشىڭدا خىزمەت كۆرسەتمىسەڭ،خىزمەت سىتاجىڭ ھەرگىز ئۇنىڭغا توشمايدۇ.سىنىڭ بۇ كاللاڭ بىلەن مۇرەككەپ دىلولارنى پاش قىلىپ كىتىشىڭ ناتايىن .سەن دىلو پاش قىلالمىغاندىكىن چوقۇم باتۇرلۇق قىلغان. ئاباي ھاشىماخۇننىمۇ
ناھايىتى ئەپچىل يۆلىۋالدىڭ. مەن خېلى  ھۇشيار ئادەم ئاباي ئەخلەتخانىدا سەن مۆرەمنى تۇتمىغۇچە سىنىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىڭنى سەزمەپتىمەن.
سەن خېلى ئوبدانلا مەشىق كۆرگەن.
-ھىم....
-ھازىر سىنىڭ ئۆيەڭگە بارايلى.
-مۇشۇ بەشەيلەننى ئېلىپ؟
-شۇنداق.
-ئاۋۋال سوراق قىلمامدۇق ئاپىرىپ؟
-ئىدارەڭگە بارساق مەن ئۇنى سوراق قىلىشقا ھەرگىز قاتنىشالمايمەن.
-ئۆيدىمۇ ئىقرار قىلدۇرالمىساق چاتاق بولىدۇ.ئۆز ئالدىغا سوراق قىلىش قانۇنغا خىلاپ.
-ئۇ چوقۇم ئىقرار قىلىدۇ.
ئۇ خېلى ئۇزۇندا ھوشىغا كەلدى.بىز ھېچنىمە دىمەي ئۇنىڭغا قاراپلا تۇردۇق.سۈكۈت بىر ئازداۋاملاشقاندىن كىيىن ئۇ ئېغىز ئېچىپ:
-مىنى نىمىشقا تۇتىسىلەر؟ئاباي مىنى كىم ئۇردى ؟مەن ئەرز قىلىمەن،- دىدى پوپاڭلىق بىلەن.
مەن ئالدىرىماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم .ئۇ ئېلىپلا گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى.
-سىنى شېرىگىڭ ئىقرار قىلىپ بولدى...پۇل نەدە؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
-نىمە پۇل؟ نىمە شېرىك مەن چۈشەنمىدىم،-دىدى ئۇ خۇپسەنلىك قىلىپ.
مەن ئالدىرىماي ئۇلارنىڭ قەلەمدىن پايدىلىنىپ كىرىۋالغىنىدىن تارتىپ،سۇ قويۇپ ئاياق ئىزىنى يۈتتۈرگەنلىكىگىچە،قادىر بوۋاي مەسچىتكە ماڭغاندا غىپپىدە قاچقىنىدىن تارتىپ، شۇ كۈنى كىيگەن كىيىمنى كۆيدۈرگىچە بولغا ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم .ئۇنىڭ بېشى بارغانسىرى چۈشۈپ كەتتى.ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹ئويلاپ باق ئۇ ئىقرار قىلمىسا بىز سىنىڭ ئۇ تاغدا ئىكەنلىكىڭنى قانداق بىلەيلى؟››دەپ گەپنى ئاخىرلاشتۇردۇم مەن.
-ھۇ نامەرت،-دىدى ئۇ ئاچچىقلاپ.
-سەن كىچىككەنسەن ،سىنى بەك ئۇزاق يېتىپ نابۇت بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاپ  سىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ يوللايدىغانغا كىلىشتۇق.كىيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمە،-دىدىممەن كۈيۈنگەن قىياپەتتە.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن پوزىتسىيىسى ياخشىلىنىپ ،ھەممىنى ئىقرار قىلدى.ئەسلى پوچتىكەش ئۇنىڭغا ئونمىڭ يۈەن بېرىدىغانغا كىلىشىپ ئۇنى ياللىغان ئىكەن.500يۈەنگە خىروئىن سېتىۋاپتۇ قالغىنى بانكا كارتىسىدا بار ئىكەن.  ئىقرارنامىنى يازغۇزۇپ قولنى قويغۇزۇپ ئۇھ..دىدۇق.
ئۇنىڭ ئىقرارى بىلەن پوچتىكەشمۇ قولغا چۈشتى. ئۇمۇ مىڭ يۈەننى خەجلەپ بوپتۇ.قالغىنى بار ئىكەن. ئۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ راسا ئۇخلىدىم.
ئەتىسى قاماقخانىدا لى ۋىنچاڭ ماڭا پوچتىكەش بىلەن كۆرۈشىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى.مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ كۆرۈشكۈم بار ئىدى.چۈنكى يىشىلمىگەن بىر تۈگۈن بار ئىدى بۇ تۈگۈننى پەقەت ئۇ ئۆزىلا يىشەلەيتتى.لى ۋىنچاڭدىن ئۇقسام ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن.
ئۇ ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ:
-مەن تۇتۇلۇپ قېلىشىمنى يەنە كىلىپ بىر كۈندىلا  پاش بولۇپ قېلىشىمنى پەقەت ئويلىمىغانىدىم.پىلانىمدىن سۇ كىرمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.
مۇمكىن بولسا مىنى قانداق پاش قىلغانلىقىڭنى سۆزلەپ بەرسەڭ،قانداق مەغلۇپ بولغىنىمنى بىلىپ قالسام.
مەن دىلو جەريانىدىكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم.ئۇ جىمجىت ئاڭلاپ ئاخىرىدا ئۇھسىنىپ قويدى.
-مەنمۇ سىنىڭ سۇئالىڭغا جاۋاپ بەردىم .مىنىڭمۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . سەن بوۋايدا پۇل بارلىقىنى ۋە نەگە قويغانلىقىنى قانداق بىلدىڭ؟،-دەپ سورىدىم سىلىق ئاھاڭدا.
-بوۋاينىڭ ئۆيىدە تىلىفۇن يوق. قىزى ئۇنىڭ بىلەن خەت -چەكتە ئالاقىلىشىدۇ.بوۋاينىڭ ساۋادى بولمىغانلىقتىن جاۋاپ خەتنى بەزى مەن يېزىپ بېرەتتىم. بىر قېتىم بوۋاي خەت ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ھەرەمگە مېڭىشقا پۇل يىغىۋاتقانلىقىنى شۇڭا قىزىغا پۇل ئەۋەتەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.شۇنىڭدىن
كىيىن شۇ پۇل كاللامغا كىرىپلىۋالدى.مەن بوۋاينى ئوبدان كۈزەتتىم ئۇ كۈندەچۈشكىچە ئۆيدە كاۋاپ ئۆتكۈزۈپ چۈشتىن كىيىنكى بازارغا تەييارلىق قىلىدۇ.پىشىندىن كىيىن بازارغا چىقىپ سائەت ئالتە يېرىملاردا دۇكاننى تاقاپ بازارداتاپقان پۇلىنى ئۆيگە ئەكىرىپ كىتىدۇ.كەچتە ھېچ يەرگە بارماي ئارام ئالىدۇ.ئاساسەن كۈندە مۇشۇنداق.دىمەك پۇل ئۆيدە. بىر كۈنى بوۋاي سىرتقا چىقىشى بىنانىڭ يەر ئاستىدىكى بىر كۆرپىگە ئوت قويۇۋەتتىم.ۋە بوۋاينى ئۆيىڭىزگە ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ چاقىرىپ كەلدىم .زال پۈتۈن ئىس بولۇپ كەتكەن بولۇپ،ئىسنىڭ نەدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان بوۋاي يۈگۈرۈپ ئىشىكنى ئاچتى،-دە،كىرىپ ياستۇقنى قولىغا ئالدى.بۇ ئەسكى ياستۇق ئەلۋەتتە ئۆيدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس. مەن سەپسالمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم دە كۈچەپ ئوت ئۆچۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتىم،-دەپ سۆزىنى تۈگەتتى ئۇ.
كۆڭلۈمدىكى تۈگۈن ئاخىرى يىشىلدى.
چىقىپ تۈنۆگۈن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتش داۋامىدا تاياق يەپ چىرايى مۈشۈكئېيىققا ئوخشاپ قالغان لى ۋىنچاڭ بىلەن بىللە قادىر بوۋاينى يوقلاپ باردۇق.لى ۋىنچاڭ 32400يۈەننى قادىر بوۋايغا تۇتقۇزدى.قادىر بوۋاي خوشال بولغىنىدىن يىغلاپ تاشلىدى.بىزگە جىق رەھمەت ۋە دۇئالارنى قىلىپ كەتتى.بىزمۇ يەلكىمىزدىن بىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدۇق.مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغاچ:
-كىيىن يەنە دىلولار بولسا ساڭا تىلىفۇن قىلىمەن،-دىدى لى ۋىنچاڭ.
-چاتاق يوق،-دىدىممەن كىسىپلا.
-سىنى قوشۇلماسمىكى دەپ ئويلىغانىدىم،-ئۇ.
-ئۇلار خەجلىۋەتكەن 1500يۈەن پۇلنى ئۆزەڭ قوشۇپ بوۋاينىڭ پۇلىنى تولۇقلاپ قويغىنىڭ ئۈچۈن گېپىڭگە قوشۇلدۈم.بولمىسا مەن مائاشسىز رازۋىتچىك بولۇشنى پەقەت خالىمايمەن.
شۇ پاراڭلار بىلەن ئۆيگىمۇ كىلىپ قالدۇق.مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.قارىسام تىلىفونۇمغا لى ۋىنچاڭدىن مۇنداق ئۇچۇر كەپتۇ.
‹‹بىر...ئىككى...تۆت...،سەن بەك مۇغەمبەركەنسەن››


مايماق ئىجادىيتى

ھىكاينىڭ بىرىنچى قىسىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66271

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئادەمددك ياشا ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4385
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9494
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 1522 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:00:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇ ھېكايىما ؟ مەن تېخى راس ئىش ئوخشايدۇ دەپتىمەن ...
ئەسەردىكى مەن نېمىدىگەن ئەقىللىق ..
مەن مۇشۇنداق دېلۇ ئىشلرىگە بەك قىزىقىمەن ...
بىرىنجى قىسمنى چوقۇم ئوقۇيمەن ...
سىزگىمۇ قول قويدۇم ...
مايماق دېگەن تەخەللۇسىڭىز ئالامەت قىززىقارلىقكەن ... مايماق ..

گۈل ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64763
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1333
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر !!
رازىۋېتكا فىلىمى كۆرگەندەك ھېسىياتتا تۇرۇپ ئوقۇۋەتتۇققۇ ~!!!!

nothing is impossible,just do it

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5875
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ak tamaka kixini har koyha salidu ha

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ھاياتقا قاراپ مە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53886
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:21:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر تەشەككۈر....................

ئىھ ئاللاھ !  ھەق يولىدا چىڭ تۇرۇشىمنى مېنىڭ كۆڭلىمگە سالغىن ،نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن مىنى ساقلىغىن

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8048
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6769 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەششەت يېزىپسىزغۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69793
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى تەرجىمە ھىكايىسىمىكىن دىسەم ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەن ئەمەسمۇ . رازۋىتكا ھىكايىڭىز قالتىس ياخشى چىقىپتۇ، مەتبۇئاتلارغا  بەرسىڭىزمۇ بولغۇدەك. نادىر ئەسەرلەر قاتارىغا تىزىلسا بولغۇدەك.

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1743
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26997
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4216 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:36:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا ماۋزۇ قويۇشنى ئويلاشمىدىڭىزما ؟

تەرجىمە ئەسەردەكلا چىقىپتۇ .

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

شۈكۈرى اللاھ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5019
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1708 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[color=#1f497d]  رازۋىدكا ھىكايىسى يىزىشقا بەك ئۆتكۈر، تەسەۋۇرغا باي كاللا كىتىدۇ. قالتىس يزىپ قويۇپسىز، ھارماڭ.
  بىشىنى ئوقۇپ تىخى راست بولغان ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. ئەمەلىيەتتە ساقچىلار بۇنداق ماھىر ئەمەس، ھەم دىلو ئىشلىرىغىمۇ بۇنچە كۆڭۈل بۆلمەسمىكى دەپ ئويلايمەن. بولسا ئاق چەككەن، ياكى قىمار ئوينىغاندىن بىر نەچچىنى تۇتىۋالسا، شۇلاردىن بىر نەرسە ئۈندۈرىۋىلىپ كۈنىنى ئۆتكۈزەمدىكى. بەلكىم خاتا چۈشىنىپ قالغاندىمەن.

haciجون.... تورغا ئىشەنمە، تورسىزمۇ يۈرمە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67528
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:42:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايماقنىڭ ئەتىراپىدا يۈز بەرگەن ئىشمىكىن دەپتىمەن.ئەسلىدە .‹مايماق ئىجادىيتى ›ئىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش