قەشقەر، ئۇ بىر چۈش
جۇتاۋ
جۇتاۋ:
داڭلىق يازغۇچى، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «جاھاندا ئاز ئۇچرايدىغان قۇش»،«تاغ – دەريالار ھۆكمى»،«كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ سەددىچىنى»قاتارلىقلار بار
ئالاھەزەل 30 يىل ئىلگىرى بولسا كېرەك، مەن ئۆزۈم سەككىز يىل ياشىغان قەشقەر ھەققىدىكى تەسىراتىمنى مۇشۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن بايان قىلغان ئىدىم:«سەن بىر نەزەر تاشلاپلا ئۈرۈمچىنىڭ ئىچ – باغرىنى كۆرەلەيسەن، ئەمما قەشقەرنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ جۇدا كۆزلىرىگە يوشۇرۇنغان مەنىلەرنى بىلەلىشىڭ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس». شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ گېپىم ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئۆز جايىدىن چىققان ھېكمەتلىك گېپىگە ئايلىنىپ كەتتى. دېمىسىمۇ، كۆپ ئادەم قەشقەردىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تاكى ھازىرغىچە قەشقەرنى چۈشىنىمەن دېيىشكە جۈرئەت قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى.
تەڭرېتىغىنىڭ جەنۇبىي يامزىلىدا جىمجىتقىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەشقەر، دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىش غەمكىنلىكىدىن ئازراقمۇ قورققان ئەمەس. نەچچە مىڭ يىللىق جاھان كەچۈرمىشلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قەشقەر، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئۆزگىچە قىياپىتىمىز بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇ يەردە ئاسمان پەلەك قەد كۆتۈرگەن بىنالار ھەم خىلۋەت قەدىمىي كوچىلار بار، ئۇ ھەم جاھانغا يۈزلەنگەن، ھەم ئۆزگەرمەس خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان، ھەم كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، ھەم تارىخنىڭ يىلتىزىغا مەھكەم باغلانغان ... ھازىىرقى ئالىملار «21 – ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار، مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئالماشتۇرۇش»نى بىلىۋالدى. ئەمما، ئۇلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىلا بىز مۇشۇ خىل ئىقتىدارنىڭ ساناقلىرى ۋە تاۋلاشلىرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى بىلمەيدۇ. قەشقەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشەنمەك قىيىنكى، ئۇنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتنىڭ چات ئارىسىدىكى پەرق ھەددىدىن زىيادە چوڭ.
پەرق قانچىلىك چوڭدۇ؟ ئېلىمىز ئىچىدىن ئىزدەپ كۆرىدىغان بولساق، قەشقەرنىڭكىدەك چوڭ پەرقى بارىدىن يەنە بىرنى تاپقىلى بولمايدۇ، نەزىرىمىزنى دۇنياغا تاشلىساقمۇ قەشقەردىنمۇ ناتونۇش جاي ئاز ئۇچرايدۇ. ياۋروپا، ئامىرىكا مەدەنىيتى بىزدىن يېراق بولسىمۇ، ئەمما يۈز يىللاردىن بېرى ئۇچرىشىش ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلار كۆپلەپ ئىلىپ بېرىلدى. ھالبۇكى، قەشقەر بولسا ئۆزىمىزنىڭ قورۇسى ئىچىدىكى بىر خىلۋەت بۇلۇڭ سۈپىتىدە قېلىۋەردى. ئۇنى چۈشىنىش يېتەرلىك بولمىدى، تەتقىق قىلىش بولسا تېخىمۇ ئاز.
تۈمەن دەرياسىنىڭ قىزغۇچ سۈيى توختىماي لۆمشۈپ ئېقىپ تۇرىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم قورۇسىنىڭ قىياپىتىدىن چوڭ باي قورۇقىنىڭ ئىزنالىرىنى ھېلىمۇ ئاز – تولا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ؛ كەڭ ھەم تۈز كەتكەن ئاسفالىت يوللار بىلەن سىرلىق ئوردىغان ئوخشايدىغان ئەگرى – بۈگرى تار كوچىلارروشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان؛ سۈكۈت جىمجىتلىقىغا چۆككەن ئىپارخان قەبرىستانلىقى بىلەن ئۆستەڭ بويى سودا كوچىسىدىكى ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كىتىۋاتقان شاۋقۇن – سۈرەنلىك ئاۋات مەنزىرە كىشىگە بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل دۇنيانى ئەسلىتىدۇ؛ تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن، ئۈستىگە ھاۋا ئارمىيە فورمىسى كىيىۋالغان ئايال ئەسكەر بىلەن يولنىڭ چېتىدە تېز قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقان، يۈزىگە چۈمبەل تارتىۋالغان ئايال كىشىگە گويا دېڭىز سۈيى بىلەن دەريا سۈيى بىر – بىرىگە ئۇرۇلغان چاغدىكى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە بولغان ئاشۇ دەقىقىلەرنى ئەسلىتىدۇ! ھېتگاھ جامىئەسىنىڭ ئالدىدا تۈمەنلىگەن ئادەملەر ھېيىت تەنتەنىسىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ ساماغا چۈشىشى بىلەن، خىلۋەت كوچىلارنىڭ بىرىدىكى قورۇسىدا نەچچە ئون غەلىتە مۈشۈكلەرنى باققان موماي تەنھالىق ئىسكەنجىسىدىكى زېرىكىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەردىكى مەۋجۇتلۇق.
شۇنداقلا نەزەر تاشلايدىغان بولسىڭىز، قەشقەر باشقا يەرلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، ئۇ سىزنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ، قايمۇقتۇرىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭغا مەڭگۈ چوڭقۇرلاپ كىرەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، تىلى، ئۆرپ – ئادىتى، ئىچكى دۇنياسى ھەقىقەتەنمۇ تۈرلۈك توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر كېتىۋاتقان يولىڭىزدا بىر مەست سىزگە ئېسىلىۋىلىپ، بىللە ھاراق ئىچىمىز دەپ تۇرىۋالسا، سىز بارسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، سىز ئۇنىڭ كېسەك تاملىق كوچىلارنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئۆيىنىڭ شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرەلمەيسىز. ئاخىرىدا ئۇ پېشانىڭىزگە سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن، يېرىم – يارتا خەنزۇچە گەپلەر بىلەن «بىز بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەن كېلىدىغان بولسا ئېتىپ تاشلايمىز!» دەيدۇ. مانا بۇ قەشقەر ئادەملىرى، ئۇلار ھۆرمەت ۋە دوستلۇققا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئوخشاشلا، قەشقەردىكى خەنزۇ كىشىلىرىمۇ ئۈرۈمچىدىكىلەرگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ ھەمدە خەنزۇچە گەپ قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش بەزى تاۋۇشلارنى سوزۇپ ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، «دەيمەن» دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ شېۋىسىدە «دەي – مەن» دەپ سوزۇپ ئېيتىلىدۇ. سىز خۇنەن – خۇبېي ئادەملىرى، جىياڭشى – جىياڭسۇ ئادەملىرى، سىچۈەن – گەنسۇ ئادەملىرى ھەتتا گۇاڭدۇڭ – يۈننەن ئادەملىرىنى ئۇچرىتالايسىز، ئىشقىلىپ، ھەممە يەرنىڭ ئادەملىرى دېگۈدەك بار. ئۇلار بۇ يەرگە تۈرلۈك شەكىل ۋە ھەر خىل سالاھىيەتلەر بىلەن كەلگەن، بەزىلىرى مۇشۇ يەرگە سېڭىشىپ، ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد ياشاپ، ئۇرۇق-ئەۋلادى كۆپەيگەن؛ بەزىلىرى بولسا يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىپ، باشقا جايلاردا جاھاندارچىلىق قىلغان. بىراق، ئۇلار پۈتكۈل ھاياتىدا قەشقەرنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمىغان، چۈنكى قەشقەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ ئەسلەيدىغان جايغا ئايلانغان.
جۇڭگودىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەر ۋە تەرەققىي تاپقان رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا، قەشقەر پەقەت بىر كىچىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما قەشقەر كىچىك جاي ئەمەس. ئۇ قارا قۇرۇم ۋە تەڭرى تېغىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك ئىككى تاغ تىزمىلىرىغا تايىنىپ، ئۇلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان دەريالاردا توختىماي ئېقىپ تۇرغان سۇلار بىلەن ۋادىلارنى سۇغىرىپ، بۇ يەردىكى ئادەملەرنى بېقىپ كەلگەن؛ ئۇ تەكلىماكاندىن ئىبارەت بۇ غايەت چوڭ، بىپايان قۇملۇققا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ ئاستىدىكى پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىق ئۇنى كۈتۈپ تۇرماقتا. «تۈركى تىللار دىۋانى»دەك شاھانە ئەسەر ئاپىرىدە بولغان بۇ يەرنى مەدەنىيىتى يوق دېيىشكە بولمايدۇ؛ قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ بۇ قەدىمى زېمىنىنى ھەر گىز بوش چاغلاشقا بولمايدۇ. قەدىمدىن بېرى قەشقەر كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقان ۋە بوففېرزونالىق رول ئوينىغان جاي. پارس مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بۇ يەردە بىر – بىرىگە سوقۇلغان، بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ بۇ يەردە نۆۋەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان، يەنە يىپەك يولىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ياۋروپا مەدەنىيىتى بىلەن موڭغۇل مەدەنىيىتى دېڭىزدىن ئەڭ يېراق بۇ يەردە يېغىلىپ، ئۇنىڭ مۇرەككەپ خاراكتېرى، كۆپ قاتلاملىق پىسخىكىسى ۋە ئۆزگىچە ئەخلاق – پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئادەملەر «قەشقەرگە بارمىغۇچە شىنجاڭنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دېيىشىدۇ. توغرا، لېكىن قەشقەرگە بارمىسا، غەربىي دىيار مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك مول ئىكەنلىكىنى تىخىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. قەشقەرنىڭ ئۆزى بىر چۈش، سەككىز يىل ياشىغان بۇ يەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە، يەنىلا تولىمۇ مۇرەككەپ، راست – يالغىنى ئارلىشىپ كەتكەن چۈشتەك بىلىنىدۇ. سىزنىڭ ئەسلىمىلىرىڭىزدىكى ئاشۇ ئادەملەر ۋە ئىشلار، شەھەر سېپىلى ۋە كۆللەر، كوچىلار ۋە ئاھالىلەر، كۈندۈز ۋە كېچىلەرنىڭ قايسىسى راست، قايسىسى خىيالىي تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ئايرىمىقىڭىز تولىمۇ قىيىن! ئۇلار بىر – بىرى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھال خۇددى ئاغزىڭىزدا مەززىلىك تەمى قالغان ئەتكەنچايدىن سۈت بىلەن چاينى ئايرىغىلى بولمىغاندەكلا ئىش.
ئېھتىمال، سىز نۇرغۇن يەرلەرگە بارغان، ھەتتاكى پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ چىققان بولىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سىز يەنىلا قەشقەرگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشىڭىز كېرەك. ئۇ يەردە زەرەپشان دەرياسىنىڭ بېلىق كاۋىپى، مارالبېشىنىڭ قوي گۆشى ۋە قەشقەرنىڭ ئۈزۈمى، ئۆرۈكى، ئەنجۈرلىرىنى تېتىپ بېقىشىڭىز كېرەك. ھېرىپ قالسىڭىز ئۆستەڭ بويىدىكى دەرەخ سايىسىدە سايىدىغاچ ئۈگدىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ چاغدا سىز چوقۇم باشقا جايدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر چۈش كۆرۈشىڭىز مۇمكىن.
______________________________________________________
(«خەلق گېزىتى» 2007–يىل 7–ئىيۇل سانىدىن، ھەبىبۇللا مۇھەممەت تەرجىمىسى
«تەڭرىتاغ»ژورنىلى 2009 – يىللىق 1–سان، ‹36 –37 –بەتلەر›