ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ
نەمۇنىسى
نىيۇتۇننىڭ‹‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى››ناملىق كىتابى
نىيۇتۇن-دۇنيا جامائەتچىلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان بۈيۈك زات،ئۇ يەكۈنلىگەن ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى ۋە يەرشارى مېخانىكىسى نەتىجىسى كلاسىك مېخانىكا ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئاساسىي قاراشلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ،ئۈچىنجى ھەرىكەت قانۇنى ۋە جىسىملارنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان،شۇ ئارقىلىق كىلاسىك مېخانىكىنىڭ ئۇلۇغۋار سېستىمىلىرىنى تۇرغۇزغان.ئۇ يەنە دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى ئىجاد قىلىپ،يېڭى ماتىماتىكىلىق ئانالىز قورالىنى مېخانىكىلىق ئىسپاتلاش ۋە خۇلاسىلەشگە ئەكىرگەن ھەمدە پۈتكۈل مېخانىكىنى مۇستەھكەم دېدۇكسىيە ئاساسىدا تىكلەپ،مېخانىكىنى ھەقىقىي بىر پەنگە ئايلاندۇرغان.بۇ پارلاق سەمەرىلەر نىيۇتۇن ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىققان‹‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى››دا خاتىرلەنگەن.
نىيۇتۇن (1642-1727)ئەنگىلىيىنىڭ ۋورستورپتىكى كىچىك بىر كەنتتە دۇنياغا كەلگەن.كېيىنكىلەر ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئېگىسى››دەپ تەرىپلەشكەن نىيۇتۇندا كىچىكىدە ئالاھىدە زېرەكلىك ۋە ئەقىللىقلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلمىگەن.ئاتىسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەچكە،ئاپىسى قايتىدىن تۇرمۇشقا چىققان.بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنچىۋالا ياخشى ئائىلە تەربىيىسى ۋە باياشات تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېرىشەلمىەەن.ئۇ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى تىرىشچانلىقى ھەمدە جاپالىق كۆرەشلىرى ئارقىلىقلا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسەت ۋە يۈكسەك ئىجادىي قۇدرەتكە ئېرىشكەن.
نىيۇتۇننىڭ ئلىم-پەن ساھاسىدىكى گىگانىت كىشى ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ.ئەمما،ئۆزى ئېيتقاندەك،ئۇ‹‹گىگانىتلارنىڭ مۈرىسىدە تۇرىدۇ››ياكى ئېنىشتىيىن ئېيتقاندەك‹‹...تەقدىر-قىسمەت ئۇنىڭغا ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ئورۇن بەرگەن››.نىيۇتۇن تۇغۇلغان 17-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تەبىي پەن داغدام ئىلگىرىلەۋاتاتتى.ئاسترونىمىيە جەھەتتە كوپىرنىك قۇياش مەركەز تەلىماتى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ،كېپلېر يەنە پلانىتلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھەرىكەت قانۇنىنى بايقاپ،يېڭى ئاسترونىمىيە تەرەقىياتى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ.مېخانىكا جەھەتتە،گالىلىي دىنامىكا ئىلمىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ،ئەركىن چۈشكەن جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قانۇنى ۋە ئىنېرتسىيە قانۇنىنى بايقاپ،مىقدار سان تەجرىبىسى ۋە ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش تەتقىقاتىنىڭ يولىنى ئاچىدۇ.ماتىماتىكا ساھاسىدە دېكارت ئانالىتىك گېئومېتىرىيىنى ئىجاد قىلىپ،ئۆزگەرتكۈچى مىقدارنى ماتىماتىكىغا ئەكىرىدۇ،شۇنىڭدەك ھەرىكەت ۋە ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ئايلىنىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ئۇلاردىن باشقا يەنە گيۇيگېنسنىڭ مەركەزدىن قېچىش كۈچى تەتقىقاتىدىكى دەسلەپكى نەتىجىلىرى،بورېلى ۋە خۇك قاتارلىقلارنىڭ ‹‹سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى تارتىش كۈچىگە مۇھتاج››قىياسىمۇ بار.ئۇمۇمەن يەر شارى مېخانىكىسى،ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىرىكىپ،كلاسىك مېخانىكا سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش پۇرسىتى پىشىپ يېتىلگەنىدى،يەن كېلىپ ياۋۇرپا كاپىتالىستىك ئىگىلىكى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ،تەبىئىي پەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ يېتەكلەشكە جىددىي ئېھتىياج بۇلۇۋاتاتتى.
نىيۇتۇن ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا كېپلىرنىڭ ئۈچ قانۇنى،گالىلېينىڭ ئەركىن چۈشكەن جىسىم تەجرىبىسى ۋە دېكارتنىڭ قاينام نەزەرىيىسى قاتارلىقلارغا دائىر ئەسەرلەرنى بېرىلىپ ئۇقۇغان.1665-يىلى ۋابادىن قېچىپ يېزىسىغا قايتقاندا،يەرنىڭ تارتىش كۈچى مەسىلسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلاپ،يەر شارى مېخانىكىسنىڭ پىرىنسىپى بويىنچە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلىغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە ‹‹سانلار قاتارى ئۇسۇلى››(دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال ھېسابلاش ئۇسۇلى)نىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ئويلىنىشقا كىرىشكەن ھەمدە كۈن نۇرىنى پارچىلاش تەجرىبىسى بىلەن مەشغۇل بولغان.1667-يىلى نيۇتۇن كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ،ئۈچ بىرلىك ئىنۇستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان،شۇنداقلا مېخانىكا،ئوپتىكا ۋە ماتىماتىكا جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان.1669-يىلى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بارلوۋ پروفېسۇر،نىيۇتۇننىڭ ئىقتىدارى ۋە بىلىمى ئادەتتىن تاشقىرى بۇلۇپ،بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،دەپ قاراپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن لوكاس پېروفېسسورنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ئورنىنى تېخى ئەمدىلا 26ياشقا كىرگەن نىيۇتۇنغا بوشىتىپ بېرىدۇ.1672-يىلى نىيۇتۇن ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.1684-يىلى ئۇ تارتىش كۈچى تەلىماتىنى قايتىدىن تەتقىق قىلىدۇ،نەتىجىدە زور مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ،كەسىپداشلىرىنىڭ يوقۇرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ.نيۇتۇن 1686-يىلى يېقىن دوستى ھاللېي قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە ‹‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى››ناملىق كىتابنى يېزىشقا باشلاپ،ئۆزىنىڭ مېخانىكا ۋە ماتىماتىكا ساھەلىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاشكارە ئېلان قىلىش،ئۇمۇميۈزلۈك خۇلاسىلاش ئىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ.
‹‹تەبى.ەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئاساس››دېيىلىدۇ)ناملىق كىتابى 1687-يىلى نەشىر قىلىنىدۇ،1713-يىلى2-قېتىم نەشىر قىلىنىدۇ،1725-يىلى نيۇتۇن ۋاپات بۇلۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇن يەنە تۈزىتىلگەن 3-نەشرى بېسىلىدۇ.
نيۇتۇن‹‹ئاساس››نىڭ كىرىش سۆزىدە:‹‹بىزنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىمىز تېخنىكا ئەمەس،بەلكى پەن؛ئادەم كۈچى ئەمەس،تەبىئەتنىڭ قۇدرىتى››،‹‹تەتقىق قىلىدىغىنىمىز تەبىئەت نەزەرىيىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى››،‹‹فىزىكا دائىرىسىدىن ماتىماتىكىنى ئامالنىڭ بارىچە چىقىرىپ تاشلاش››،‹‹تەبىئەت ھادىسلىرىنى ماتىماتىك قانۇنىيەتلەرگە قايتۇرۇش››.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،نيۇتىننىڭ نىيىتى ئىنتايىن ئۇلۇغۋار.ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى،فىزىكا مەزمۇنى بىلەن ماتىماتىكىلىق ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ،يېڭى بولغان تەبىئەت پەلسەپىسى(تەبىئەت نەزەرىيىسى)سىستېمىسى بەرپا قىلىش،بارچە تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر مېخانىك چۈشەندۈرۈش قۇرۇلمىسى يارىتىش.
‹‹ئاساس››نىڭ مەزمۇنى جەمئىي ئۈچ بۆلۈمدىن تۈزۈلگەن.كىتاب مەزمۇنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىككى پارچە سۆز بېشى بېرىلگەن،گەرچە ئۇنىڭ ھەجىمى پۈتۈن كىتابنىڭ تۆت پىرسەنتى ئەتراپىدا بولسىمۇ،ئۇنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مۇھىم.
سۆز بېشىنىڭ بىرى،‹‹چۈشەندۈرۈش ۋە قۇشۇمچە ئىزاھات››.نيۇتۇن ئۇنىڭدا دەسلەپ ماسسا،ھەرىكەت مىقدارى دېگەنگە ئوخشاش بەزىبىر مېخانىكا ئاساسىي چۈشەنچىلىرىگە ئېنىقلىما بېرىش ئۈچۈن مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنىڭ خۇسۇسىيىتى،رولى ھەمدە ئۆلچىمى قاتارلىقلار ھەققىدە بايان قىلىدۇ.ئاندىن نيۇتۇن مۇتلەق ماكان ۋە مۇتلەق زاماننىڭ يېڭى ئۇقۇمىغا باشلاپ كىرىپ،ئۆزىنىڭ مۇتلەق ماكان-زامان قارىشىنى تۇرغۇزىدۇ.نيۇتۇننىڭ ماكان-زامان قارىشى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە زور چەكلىمىلىككە ئىگە دەپ قارالسىمۇ،ئەمما،نيۇتۇن مېخانىكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئوينىغان رولى ئاز ئەمەس.
سۆز بېشىنىڭ ئىككىنچىسى،‹‹ھەرىكەتنىڭ ئاساسى ۋە تېئورېمىسى قانۇنى››.بۇنىڭدا نيۇتۇن مەشھۇر بولغان ھەرىكەتنىڭ ئۈچ چوڭ قانۇنىنى چۈشەندۇرىدۇ.بىرىنچى قانۇن،ئىنېرتسىيە قانۇنى:‹‹ئەگەر ھەربىر جىسىمغا سىرتقى كۈچ تەسىر قىلسا ئۇنىڭ ھالىتى ئۆزگىرىدۇ،ئەكسچە بولغاندا شۇ جىسىم ئەسلىدىكى تۇرغۇن ھالىتى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ››.ئىككىنچى قانۇن،ھەرىكەت قانۇنى:‹‹ھەرىكەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن سەرپ قىلىنغان ئېنىرگىيە ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ھەمدە ئۇ ئېنىرگىيە رولىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ھاسىل بولىدۇ››.بۇ ئىككى قانۇننى نيۇتۇندىن بۇرۇن بىردەك گالىلىي بايقىغان ياكى ئۇچرىشىپ بولغانىدى،نيۇتۇن ئۇ قانۇنلارغا تېخىمۇ ئېنىقلىما بېرىپ،تېخىمۇ يىغىنچاق ئىپادە شەكىللىرى قوشقان.ئۈچىنچى قانۇن،تەسىر كۈچ ۋە ئەكس تەسىر كۈچ قانۇنى بۇلۇپ،بۇنى نيۇتۇن دەسلەپ ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان.بۇ ئاساسلىق ئۈچ قانۇننىڭ بەرپا بۇلۇشى،كلاسىك مېخانىكىنىڭ ھەرىكەت ھەققىدىكى بايانلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن.سۆز بېشىدا ئاساسلىق ئۈچ قانۇندىن كېيىن،قۇشۇمچە قىلىنغان ئالتە ئەقلىي ھۆكۈم بار.ئېنىرگىيىنىڭ بىرىكىش ۋە پارچىلىنىش پرىنسىپى،ھەرىكەتنىڭ قاتلىنىشى ھەم نىسبىيلىك پىرىنسىپى قاتارلىقلارمۇ سۆزلىنىدۇ.
كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ماۋزۇسى‹‹جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا››بۇلۇپ،14بابقا بۆلىنىدۇ.ئاساسلىقى،تارتىش كۈچى تەسىرىدىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكەت يولى بىلەن ئېنېرگىيىنىڭ مۇناسىۋىتى تەتقىق قىلىنىدۇ.مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى،دىففېرېنسىئال -ئىنتېگرال ئىلىمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى،چەكسىز كىچىك مىقدارنى بەلگىلەيدىغان تاناسىپلار.مۇھىم نۇنتىلارنىڭ يەنە بىرى لىمىت(ئاخىرقى چەك)ئۇسۇلى ھەمدە چەكسىز كىچىك مىقدارنى قوللىنىپ،كېپلىر ئۈچ قانۇنىنىڭ ھەقىقي مەنىسىنى يېشىپ بېرىش.مەسىلە،تارتىش كۈچىنىڭ رولى بىلەن كېپلىر ھەجىم قانۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ،تارتىش كۈچى بىلەن مۇساپا كىۋادىراتىنىڭ تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈردىغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ.نيۇتۇن بۇ بۆلۈمدە يەنە ئوپتىكىنىڭ مېخانىكىلىق ماھىيىتىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ،ھالبۇكى،‹‹نۇرنىڭ ئوپتىك زىچ مۇھىتتىكى سۈرئىتى نۇرنىڭ شالاڭ مۇھىتتىكى سۈرئىتىدىن تېزراق بولىدۇ››دېگەن خاتا يەكۈننى چىقىرىپ قويىدۇ.
ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ باش سەرلەۋھىسى ‹‹جىسىملارنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا››دېيىلگەن بولسىمۇ،ئاساسلىقى قارشىلىق كۈچىنىڭ ۋاستىسى بىلەن جىسىملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى مۇھاكىمە قىلىنغان.ئىككىنچى بۆلۈمى جەمئىي توققۇز بابقا ئايرىلغان.ئاۋال مۇھاكىمە قىلىنغىنى،جىسىملار ھەرىكەتلەنگەندە سۈرئەت ياكى سۈرئەت كۋادراتىنىڭ ئوڭ تاناسىپلىق قارشىلىق كۈچىگە ئۇچراش ئەھۋالى ئانالىز قىلىنغان،ئارقىدىنلا ئاقار جىسىملارنىڭ تۇرغۇن مېخانىكىسى ۋە دىنامىكىسىغا دائىر بەزى تېئورېمىلار ھەم ئىلمىي قىياسلار مۇھاكىمە قىلىنغان.ئەڭ ئاخىرقى بىر بابتا سۇيۇق جىسىملارنىڭ قايناقسىمان ھەرىكىتى تەتقىق قىلىنغان بۇلۇپ،قاينام ھەرىكىتىنىڭ سەييارىلەرنى كېپلىر ئۈچىنجى قانۇنىغا ئەمەل قىلدۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن،شۇ ئارقىلىق دېكارتنىڭ سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئېفىر قاينىمى قىياسىنى ئىنكار قىلغان.
ئۈچىنجى بۆلۈمىنىڭ ماۋزۇسى‹‹ئالەم سىستېمىسى توغرىسىدا››بولۇپ،مېخانىكىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى،ئاساسىي قانۇنىدىن پايدىلىنىپ ئالەمدىكى ھەرخىل ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرگەن.ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى،نىيۇتۇننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئۇچۇق ئوتتۇرغا قۇيۇشى،شۇنداقلا بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ سەييارە ۋە ھەمراھلار،قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى،دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرىلىشى ۋە پەسىيىشى ھەم يەر شارى ئىككى قۇتۇبىنىڭ سەل ياپىلاق ئېللىپسسىمان بۇلۇش مەسىلسىنى مۇۋەپىقىيەتلىك چۈشەندۈرگەن.
نيۇتۇن ئۈچىنجى بۆلۈمدە يەنە بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ‹‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ئەقلىي يەكۈن قانۇنى››نى تەنتەنىلىك ئوتتۇرغا قويغان،قانۇننىڭ بىرىنچىسىدە:‹‹ئاشۇ چىنلىقنى يېتەرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ھادىسىدىن سىرت،تەبىئەتتىكى شەيئىلەرنىڭ باشقا سەۋەبىيانتلىرىنى ئىزدەپ يۈرمەسلىك كېرەك...چۈنكى تەبىئەت دۇنياسى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ،ئارتۇقچە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى بېزەپ كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ››دېيىلگەن.قانۇننىڭ ئۈچىنچىسىدە:‹‹ماددىلارنىڭ خاسلىقىنى ئاشۇرۋەتكىلى بولمايدۇ،ئاجىزلەشتۇرۋەتكىلىمۇ بولمايدۇ،شۇنداقلا بىزنىڭ تەجرىبىمىز ئۈچۈن چامىمىز يېتىدىغان دائىردىكى بارچە جىسىملارغا ئىگە بولغۇچى بارلىق جىسىملارنىڭ ئۇمۇمىي خاسلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك››دېيىلگەن.قانۇننىڭ تۆتىنچىسىدە:‹‹تەجرىبىنى پەلسەپەدە بىز ئاشۇ ھەرخىل ھادىسىلەردە قوللانغان يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن مەسىلىنى تامامەن توغرا ياكى توغرىلىققا بەك يېقىنلاشقان دەپ قارىشىمىز كېرەك؛گەرچە ئۇنىڭ ئەكسچە بولغان ھەر قانداق قىياسلارنى تەسەۋۇرغا سىغدۇرغىلى بولمىسىمۇ،بىراق ئۇنى توغرىلايدىغان باشقا ھادىسە كېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئەھۋال كۆرۈلىشتىن ئاۋال يەنىلا شۇنداق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك››دېيىلگەن.
نيۇتۇننىڭ بىرىنچى قانۇنى ئاددىيلاشتۇرۇش قانۇنى بولسا،ئىككىنچى قانۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىدۇر.ئاددىيلاشتۇرۇش قانۇنى تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا نىسبەتەن پەن-تېخنىكا ئىستىتىكىسىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ،ئۇ باشتىن-ئاخىر كىشىلەرنىڭ ئىلمىي نەزەرىيىلىرىگە باھا بېرىشتىكى ئاساسىي ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى.بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە بىردەكلىكنى تېپىپ چىقىدۇ،ئۇ كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنى ئىزدەپ تېپىشىغا ئۈنۈملۈك ئىلھام -مەدەت ۋە ياردەم بېرىدۇ.ئۇنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى قانۇنلىرى مېتۇدولوگىيە ھەم بىلىش نەزەرىيە نۇقتىسىدىن ئىلمىي تەتقىقاتلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.ئۈچىنچى قانۇندا،تەجرىبە ۋە ئىدراكنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش تەكىتلەنگەن؛تۆتىنچى قانۇندا،ئۇمۇملاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنى‹‹ھەممىگە قادىر››دەپمۇ قارىمىغان،شۇ ئارقىلىق نېگاتېۋىزىمنىڭ*بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىگىمۇ،مېتافىزىكىنىڭ مېخانىك(ئۆلۈك)رېئالچىلىقىغىمۇ ئېغىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.بۇ ئىككى قانۇنغا ئەمەلىيەتتە نىسپىي ھەقىقەت بىلەن مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ دېئالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتى ھەمدە ھەقىقەتنىڭ تەجرىبە ۋە تەرەقىيات قانۇنىيىتى يۇشۇرۇنغان.
نيۇتۇن ياشىغان دەۋردە پەن بىلەن پەلسەپە ئايرىۋىتىلمىگەن بۇلۇپ،‹‹پەلسەپە ››دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى پەن ۋە پەلسەپەنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.‹‹ئاساس ››ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى تەبىئىي پەن جەھەتتە كۆرۈلىدۇ،شۇنداقلا بۇ كىتاب پەلسەپە جەھەتتىمۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بايقاشلارغا ئىگە بۇلۇپ،پەن تارىخىدىكى ئابىدە بۇلۇپلا قالماستىن،ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدىكىمۇ نۇرلۇق ماياكتۇر.‹‹ئاساس››نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا ئالىملار ۋە پەيلاسوپلارنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەن.18-ئەسىردىكى ئاسترونۇم لاپلاس ‹‹ئاساس››نى ‹‹فىزىكا پېنىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن››،ئۇ ‹‹ئىنسانىيەت ئەقىل -پاراسىتىگە تەئەللۇق بولغان بارچە نادىر ئەسەرلەردىنمۇ ئېشىپ كەتكەن››دەپ قارىغان.20-ئەسىردىكى ئېنىشتېيىن نيۇتۇننىڭ نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەندە مۇنداق دېگەنىكەن:‹‹ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كېيىنمۇ غەربنىڭ ئىدىيە،تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنى ھېچكىم ئۇنىڭغا بەلگىلەپ بېرەلمىگەن››.
مەنبە:شىنجاڭ ئۇنۋىرسىنتى نەشىر قىلغان‹‹دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100كىتاب››ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
رەسىملەرنى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،بەيدۇ تورىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى.