|
|
|
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، مىسرانىم ئۈچۈن تىنىمسىز تەر ئاققۇزۋاتقانلار ۋە دائىم سىرىتتىن زىيارەت قىپ تۇردىغان دوستلار ، ھەممىڭلارغا ئاللانىڭ سالىمى بولسۇن ! تېنىڭلار سالامەت ، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن !
بۈگۈن سەل چېچىلىپ قالدىم ، بىلمىدىم ئۆزۈمنىىڭ ئەزەلدىن خەقنىڭ نەرسىسىنى ئۆزۈمنىڭ قىلغۇم كەلمەيدىغان مىجەزىم بولغاچقىمۇ ياكى ئەجىر مېۋەمنى باشقىلار قاراپ تۇرۇپلا مېنىڭ دېگەچكىمۇ سەل ئاچچىقىم كەلدى . ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق :
تۈنۈگۈن بىر تورداش دوستۇم ماڭا ئۇچۇر يوللاپ مۇنداق دېدى ، - <<مەن بىلەن >> دېگەن شېئىرنى زادى سىز يازدىڭىزمۇ ؟ بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ، - ئەلۋەتتە ، ئۇ شېئىرنى مەن ئوقۇشقا بارغان يىلى يازغان ، نېمە بولدى ؟ - ئۇ شېئىرىڭىزنى باشقىلار مېنىڭ قىلۋاپتۇ ، ئۇ شېئىرىڭىزنى مەن بەك ياقتۇراتتىم ، شۇڭا سىزگە ئىيتىپ قويۇش قارارىغا كەلدىم . . . . . ئۇ شۇنداق دەپ بۇ رەسىمنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردى .
ئىسلامجان شېئىرى دېگەن يەرنى كۆرۈپ يا كۈلىشىمنى ، يا خاپا بولۇشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم ، توۋۋا ، جاھاندا مۇنداقمۇ يۈزسىز ئادەملەر بولىدىكەن ھە - دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، ئىسلامجان دېگەن بۇ ئادەم زادى كىم بولغىيتى دەپ خېلى سۈرۈشتۈردۈم ، بىراق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم ، پەقەت ئۇنىڭ جىلىليۈزى ئالتۈيدىن ئىكەنلىكىنى ، بۇ مۇنبەرگىمۇ كىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلەلىدىم ، شۇڭا بۇ يەردىلا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش قارارىغا كەلدىم .
<<مەن بىلەن >> ناملىق بۇ شېئىرىمنى راست گەپنى قىلسام ئۆزۈممۇ ياقتۇرىمەن ، گەرچە كەسپى شائىر بولمىساممۇ شېئىرلىرىم ئىچىدە ئەڭ ياخشى چىققىنى شۇ دېسەممۇ بولىدۇ . ئۇ شېئىرنى مەن 2006 - يىلى 22 - ئىيۇل كۈيتۈندە يازغان ، باشقىلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىلى كەچلىك گېزىتىگە ئەۋەتىلىپ 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى << رەنجىمە >> ناملىق غەزىلىم بىلەن بىللە <<ئىككى غەزەل >> نامىدا بېسىلغان .
بۇ گېزىتتە بېسىلغان نوسخىسى :
مانا بۇ مەن باشتا رەسىم ھالەتتە لايھىلىگەن نوسخا . ئەلۋەتتە شۇ مەزگىللەردە ئىملاغا خېلىلا ئاجىز ئىدىم .
مەن بۇ شېئىرنى 2010 - يىلى 8 -ئاينىڭ 30 -كۈنى بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللىغان ، بۇ مۇنبەردىكى ئادىرسى : https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=11629
بۇ يەردە ئىسلامجانغا شۇنى دېگۈم كىلۋاتىدۇ ، سىز كىچىك بالىمۇ ياكى چوڭ ئادەممۇ ، ۋەياكى ئوتتۇرياشمۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ، لېكىن سىزنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىڭىز ئېنىق ، ئىسلامجان دېگەن بۇ ئىسىمنى ئۇيغۇر زاتى ئەزەلدىن قىز بالىغا قويۇپ باقمىغان ، بوپتۇ ئانىڭىز سىزنى ئوغۇل دەپ تۇغقان ئوغۇل بالا بولسىڭىزمۇ ئەگەر سىز كىچىك بالا بولسىڭىز مەن يەنە سىزنى توغرا چۈشىنەي ، بىراق ئەشۇ نەزەردىن جامالىدىن دېگەن ئىسىمنى ئىسلامجان شېئىرى دەپ ئۆزگەرتىشكە قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنىغاندۇ ؟ مەن ئۆزۈم بىر قانۇن ئىجرا قىلىدىغان خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئەمەس بەلكى بىر ئوغۇل بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنى ۋېجدان ئارقىلىق ، غورۇر ئارقىلىق سوراق قىلغۇم كىلۋاتىدۇ . بۇ يەردە مەن يەنە سىزنى توغرا چۈشىنۋاتىمەن ئىسلامجان ئەپەندىم ، مېنىڭ شېئىرىمنى ياقتۇرغاچقا شۇنداق قىلغاندۇ دەپ ، بىراق سىز ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى دېگەن نەرسىنى بىلەمسىز ؟ قەلەم تۇتقان ئادەمنىڭ ئەشۇ قۇرلارغا قانچىلىك ئەجىر قىلدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
پۇل بولسا مەن مەيلى دېگەن بولاتتىم ، بىراق بۇ دېگەن بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ مېۋىسى ، ئەجرى ، قان - تەرى . . . . ئاز - تولا كۈچ چىقىرىپ قايتىدىن باشقا شەكىلدە لايھىلىگەن بولسىڭىزچۇ كاشكى ، يەنە شۇ مەن لايھىلەپ قويغان ئەينى نوسخىنىڭ بىر بۈرجىكىدىكى مېنىڭ ئىسمىمنى ئۆچۈرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىڭىزنى يىزۋالغىنىڭىز كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمىدى ، توخۇ چىغىدا تەييار چېچىپ بەرگەن داننى تاتلاپ يەيدۇ ، نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ئۇ دەل ئۆزۈم ئەجىر قىلدىم دېگەن مەنىدە ئەمەسمۇ !؟ سىز ئەجىبا توخۇچىلىكمۇ بولالمىدىڭىزمۇ ؟
خەيىر ، كۆپ سۆزلىمەي ، بەلكىم سىز شۇ چاغلاردا سەل قارىغان بولسىڭىز كېرەك ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ مۇنبەردە راستىنلا بولسىڭىز بۇ تېمىغا ئىنكاس يىزىڭ !
ئۇ شېئىرىمنى 2006 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلۋاپسىز ، بەلكىم سىز شۇ چاغلارا كىچىكتۇرسىز ، لېكىن ھازىر ئەريەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن ، مەيلى ئۆزىڭىزنى ئاقلاڭ ، مەيلى نېمىلا دەڭ بۇ مۇنبەردە ئورتاقلاشساق دېگەن ئۈمۈدتىمەن .
بەلكىم ئالتۆيلۈك مەۋلاننى تونىشىڭىز مۆمكىن ، مېنىڭ بۇ شېئىرىم دەل شۇ ساۋاقدىشىم ئارقىلىق توردا تارقىلىپ كەتكەن ، ئەينى چاغدا مەن كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ ئۇ ھىچكىمگە بەرمەي ئۆزۈم ساقلايمەن دېسە ئۇنۇڭغا بەرگەن گۇناھمۇ ئۆزۈمدە ، مەن شۇ چاغدىلا سىزدەك ئادەملەردىن ئەنسىرگەن . . .
كۆپ چېچىلىپ قويدۇم ، مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
|
|
|
|
|
|