مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1168|ئىنكاس: 13

يېڭى يىل(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11313
تۆھپە نۇمۇرى: 1528
توردا: 3001 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:54:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭى يىل
(ھېكايە)



     مانا مەن تۆت كۆز بىلەن  ﻛﯜﺗﻜﻪن ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﯧﺘﯩپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ﺋﺎھ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ! ﺗﻪﺳﺘﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﻤﻪي ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.
   ﺗﻮﻏﺮا، ئۇنى قايەردە ،قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزۈش كېرەك ؟ رﯦﺴﺘﻮراﻧﺪا  رەڭلىك ئولتۇرۇش كېرەك. بۇلتۇرقى يېڭى يىل يوقىلاڭ ئىشلار تۈپەيلى ھېلىقى قاۋاقخانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئەمدى بۇ قېتىمقىسىنى چوقۇم ئۇنداق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ يىلقى تاپاۋىتىم بۇلتۇرقىغا قارىغاندا خېلى ياخشى. ﺑﯩﺮاق، خوتۇن بىلىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۇ بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن بىر ئەقىل تاپقاندەك ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، ئۈسەلدە دۆۋىلەكلىك تۇرغان ھۆججەتلەرنى تېزلىكتە يىغۇشتۇرغىنىچە سىرتقا قاراپ يول ئالدى.
ئىشخانا بىناسىدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ تېلىفون ئۇرۇشقا باشلىدى:
_ھە ‹‹كۈنتايان››رېستۇرانىما؟ مەن 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئايرىمخانا زاكاس قىلاي دىگەنتىم ،ئايرىمخانا بارمىكىن؟
__ھە،بار   9-ئايرىمخانىلا قالدى،-دېدى مۇلازىم جاۋابەن.
__ باشقىسى يوقما؟
__يوق .
__بوپتۇ ئەمىسە شۇ بولسۇن.
__ئىسمىڭىز كىمكىن؟
__ ئابدۇللا .
__ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.
__گېپىڭمۇ تولا نېمە ئىكەنسەن ،خۇددى پۇلۇڭنى بەرمەي قېچىپ كېتىدىغاندەك كىشى.
__رەنجىمەڭ ئاكا بۇ دېگەن قائىدە.
__سەن دېرىكتورۇڭغا ئېيت ،‹‹ھېلىقى ئابدۇللا  .ئايدىڭكېچە ئايرىمخانا بۇيرۇتقاندى زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشقا ۋاقتى يوق ئىكەن ››دەپ دېدى زەردە بىلەن ئۇ.
__كەچۈرۈڭ ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ بۇ دېگەن تۈزۈم.
__ھەجەپمۇ تولا سۆزلەيدىغان بىرنىمە ئىكەن بۇ ، بوپتۇ ئەمىسە مەن ھازىرلا بېرىپ تاپشۇراي باشقىلارغا بېرىۋەتمەي تۇر.
__ماقۇل ، ئەمىسە تېزراق كېلىڭ.
     ئابدۇللا تاكسى توسۇپ ئۇدۇل رېستۇرانغا باردى. دەرۋەقە بىر نەچچەيلەن ھېلىقى ئايرىمخانىنى تالىشىپ تۇرۇشۇپتىكەن. ئۇ زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەندە ھېلىقى كىشىلەرگە مەغرۇر قىياپەتتە بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
مانا ئۆگۈنلۈككە موشۇ يەردە قۇچقاچلىرىم، ئەل ئاغىنە دوست بۇرادەرلىرىم بىلەن بىر يىلنى بىرگە ئۆتكۈزىمىز نېمە دېگەن مەنىلىك ، توۋا! ئادەمدە ئانچە -مۇنچە يۈز ئابروي دېگەن بولمىسا بىكار ھېلىقى بىچارىلەرگە قارىمامدىغان مەن بىلەن ئايرىمخانا تالىشىپ يۈرگىنىنى ئۇلار دېگەن كىم ،مەن دىگەن كىم؟! قارىغاندا ئۇلار مىنىڭ كىمىلىكىمنى بىلمىسە كېرەك ،مۇلازىم بالا خېلى ئەقىللىق ئىكەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلگەچ مەن كەلگىچە ئايرىمخانىنى بېرىۋەتمەپتۇ قارىغاندا ئۇ خېلى ئىش بىلىدىغان بالا ئوخشايدۇ . دىمەك ئىنسان دېگەندە مەيلى قانداقلا بولمىسۇن چىۋىننىڭ قانىتىچىلىك ئەمەل بولغانغا يەتمەيدىكەن. تېخى ئايالىم كەچكىچە :
__ سىز كۈندىلا ھاراق ئىچىپ مەستلا يۈرىسىز ئۇنداق قىلسىڭىز باشقلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭىز قالمايدۇ دەپ كاپشىيدۇ تېخى بۇ تۇغماس خوتۇن ،شۇنىڭ  بىلەنمۇ 10نەچچە يىلنى بىكارغا ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن ئېسىت !...
ئۇ رەڭلىك سورۇننى ئويلىغانسېرى  تېخىمۇ ھاياجانلىناتتى،سەتەڭلەر كۆز ئالدىدا نامايان بولماقتا ئىدى . ئەگەر نومۇس قىلمىغان بولسا كوچىدا ئۇيان -بۇيان سەكرىگەن ،ئاۋازىنىڭ بارىچە توۋلىۋەتكەن بولاتتى .
ئەتىسى تۈننى ئاران تاڭغا ئۇلاشتۇرغان ئابدۇللا ناشتىمۇ قىلماستىن بالدۇرلا  ئىدارىگە يول ئالدى.
_ناشتا قىلىۋېلىپ مېڭىڭ،- دېدى ئايالى ئۇنىڭغا.
__ ناشتا قىلغۇم يوق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى ئۇ. يول بويى مەنغۇ رېستۇراننى زاكاس قلىپ قويدۇم چىقىمىنى كىم تۆلەيدۇ؟ ھە راست راخمان تۆلەيدۇ.
كەچكىچە ئۇنىڭغا تۆلىتىۋەرسەم قانداق بۇلار ؟ ياق  نېمىسچە ئولتۇرىمىز ، توغرا شۇنداق قىلايلى، ئايىقى چىقماس خىياللار بىلەن ئۇ ئىدارىسىگىمۇ يېتىپ كەلگەنلىكىنى سەزمەيلا قالدى . ئىشخانىغا كىرىپ ئۇيان -بۇيان قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە سىرتقا قاراپ يول ئالدى، ئۇ دوقمۇشتىكى بوتكىغا چىقىپ 100گىرام قېقىۋالغاندىن كېيىن قايتىپ كىردى، قولى ئىشقا بارماي ئۇنۇڭ-بۇنۇڭغا تېلىفون قىلىشقا باشلىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ راخمان ،رىشات، پەرھات، قېيۇم قاتارلىق تۆت بۇرادىرىگە تېلىفون قىلىدى، ئۇلارمۇ رازىمەنلىك بىلەن :
__ بولىدۇ دېيىشتى بىر ئېغىزدىن.ئەمدىغۇ ئەرلەر تەق بولدى قىزلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ تېلىفون دەپتىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى بىر ھازادىن كېيىن تېلىفون قىلىشقا باشلىدى:
__ ھەي ! قۇچقۇچۇم بارمۇ يا؟
__بار، ئۆزىڭىزچۇ؟،- ئەركىلىگىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى گۈزەلنۇر.
_بار جېنىم.
__يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ؟
__ئالدىراش بولۇپ كەتتىم دەڭا شۇ سەۋەبلىك ئىزدىيەلمىدىم.
__بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقىتى ئەجەپ تېلىفون قىلىپ قاپسىزغۇ؟
__سىزنى سېغىنىپ قالدىم، شۇڭلاشقا تېلىفون قىلىشىم،بولماپتۇما؟
__بولمايدىغان نەرى بار دەيسىز؟
__مۇنداق ئىش 31-چېسلا كەچقۇرۇن ‹‹كۈنتايان ››دا يېڭى يىلنى بىرگە ئۆتكۈزەيلى دېگەن خىيال بىلەن تېلىفون قىلىشىم .
__ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، مەن تېخى قانداق قىلارمەن دەپ ئويلىغاندىم. ھە نېمە تاپشۇرۇقلار بار؟
__ئەقىللىق قۇچقۇچۇم ، ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىقتە !باشقا ئىش يوق چىرايلىق دوستىڭىزدىن 4نى باشلاپ كەلسىڭىزلا بولىدۇ، ھە راست ئۆكتەبىر بايرىمىدا چاقىرغاندەكلەر بولسا بولمايدۇ جۇمۇ؟
__خاتىرجەم بۇلۇڭ .
__يەنە دەپ قوياي ھېچكىمنىڭ تاڭ ئاتقىچە كېتىشىگە رۇخسەت يوق .
__ بولىدۇ ، ھە قايسى ئايرىمخانىدا ؟
__9-ئايرىمخانىدا.
__بولىدۇ ئەمىسە شۇ كۈنى كۆرۈشەيلى خەير-خوش!
ئابدۇللانىڭ يۈرەكلىرى گويا كىچىك بالىدەك تېپچەكلەشكە باشلىدى .مانا ئەمدى ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان بولدۇم، ئۇنىڭ ئەكەلگەنلىرى ئىچىدىن چىرايلىقراق بىرەرسى بولۇپ قالسا شۇنىڭ بىلەن بىرگە بولارمەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا گۈزەلنۇر بىلەن ئۇ ھاياجانلانماقتا، شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى سىماپتەك ئېرىشكە باشلىغاندى.
     بۈگۈن ئۇ سەل بالدۇرراق ئىشتىن چۈشتى، بىر ئاز مېۋە-چېۋە ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۆيىگە يول ئالدى يول بويى ئايالىغا يەنە نېمە دەپ يالغان سۆزلەش ھەققىدە قايتا-قايتا ئويلاشتى، ۋە ئىچىدە بۇ ئايالمىغۇ كۆنۈپلا قالدى مەن بولمىساممۇ كارى ئانچە يوق دىگەنلەرنى ئېسىگە ئالدى ۋە ئاخىرى تۇرپاندىكى ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى تۈگەپ كېتىپتۇ 31-چىسلا كەچ قۇرۇن بېرىپ  2-چىسلا سەھەردە قايتىپ كېلىمەن دەپ ئايالىنى ئالداش خىيالىغا كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر چارە تاپقانلىقىدىن رازى ئىدى.
تاماقتىن كېيىن ئۇ تۇرپاندىكى ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى تۈگەپ قاپتۇ ئەتە ئىشتىن چۈشۈپلا ماڭىمەن 1-چىسلا كېلىمەن دېدى،- ئايالىغا.
_مەنمۇ بارىمەنمۇ؟،-  سورىدى ئايالى ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇپ .
_سىز بارماي تۇرۇڭ، قىرقى نەزىرىدە بىرگە بارايلى دېدى جاۋابەن ئۇ.
__بولىدۇ، ئەمىسە مەنزە يېڭى يىلنى تۆت تام بىلەن ئۆتكۈزىدىكەنمەندە؟
__خۇدا بۇيرىسا كېلەر يىلى بىرگە ئۆتكۈزىمىز دېدى جاۋابەن ئۇ .
     ھەممە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۇ تېخىچىلا ئۇخلىمايتتى، مانا شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتتىنمۇ ئۇزۇن بۇ كېچە ئاخىرى تاڭغا ئۇلاشتى ،ناشتىدىن كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن خوشلۇشۇپ ئىدارىسىگە يول ئالدى .بۈگۈن ئۇنۇڭ قولى ئىشقا بارمايتتى چۈنكى ئۇنۇڭ كاللىسىغا بۈگۈن كەچتىكى سورۇن كىرىۋالغانىدى.
     سورۇنمۇ باشلاندى. ئابدۇللا قاتارلىقلار رېستۇرانغا بۇرۇنلا بېرىپ بولغانىدى، ھايال ئۆتمەي گۈزەلنۇر بىر -بىرىدىن كېلىشكەن 4چوكاننى باشلاپ سورۇنغا ھازىر بولدى. سالام -سائەتتىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك جايدىن ئورۇن ئېلىشتى. سورۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئابدۇللا گۈزەلنۇرنى سىرتقا چاقىردى ۋە ئۇنىڭغا:
__مەن ھېلىقى سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئولتۇرغان قىرقىم چاچ،قاڭشارلىق، بەللىرى تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ تۇرىدىغان ئوڭ مەڭزىدە يارىشىملىق خالى بار ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالاي بولامدۇ ؟- دېدى ئۆتۈنگەندەك.
__سىز بەكلا ئۈجمە كۆڭۈل جۇمۇ مەن بىلەن بىر نەچچە قېتىم بىرگە بولدىڭىز ئەمدى شۇ سەتەڭگە كۆزۈڭىز چۈشۈۋاتامدۇ ؟بوپتۇ ئۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ دېدى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .شۇنداق قىلىپ سورۇنمۇ باشلاندى .ئارىلىقتا سورۇن ئەھلى بىر قۇر تونۇشتۇرۇلدى .ھېلىقى سەتەڭنىڭ ئىسىمى ئايىمگۈل بولۇپ ئابدۇللاھنىڭ بېقىنىدىن ئورۇن ئالدى رومكىلار ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى بىردەم تانسا ئوينالسا بىردەم يۇمۇر سۆزلىنىشكە باشلىدى .
ئايىمگۈلنى ھاراق سەل تۇتى بولغاي خۇمار كۆزلىرىنى سورۇن ئەھلىگە تىكىپ تۇرۇپ مەن سىلەرگە يۇمۇر سۆزلەپ بېرەي دىگىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى:
__بىر جۈپ ئەر -ئايال بار ئىكەن ئېرى كەچكىچە كوچىدىن كىرمەيدىكەن بىر كۈنى ئايالى خاپا بولۇپ سىز داۋاملىق ئۆيگە كەلمەس بولۇۋالدىڭىز بۇ نېمە قىلغىنىڭىز دەپتۇ زەردە بىلەن يولدىشىغا.
__مەن دېگەن ئەركىن قۇش، قانداق ۋاقىتتا قايتقۇم كەلسە شۇ ۋاقىتتا قايتىمەن دەپتۇ ئايالىغا.ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئايالىمۇ بىر كېچە ئۆيگە كىرمەپتۇ . يولدىشى خاپا بولۇپ :
__بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ نېمىشقا ئۆيگە كەلمەيسەن نەگە باردىڭ ؟دەپتۇ غەزەپ بىلەن.
__مەن دېگەن قەپەستىكى قۇش باشقىلار قاچان قويۇۋەتسە شۇ چاغدا قايتىمەن دەپتۇ.
ھەممە پاراققىدە كۈلۈشتى، بەزىلەرنىڭ كۈلكىدىن كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كېتىشتى يەنە بەزىلىرى تولا كۈلۈپ قۇرساقلىرىنى تۇتۇپ قېلىشتى.
سورۇن داۋاملاشماقتا، مانا سائەت ئىسترېلكىسى دەل 12نى كۆرسەتتى. دەل شۇ چاغدا  بۇ بەشەيلەن بىر -بىرىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەشتى، رومكىلار داۋاملىق ئايلانماقتا، يۇمۇر، لەتىپە،رۇبائىلار سۆزلەنمەكتە. ئابدۇللامۇ  بوش كەلمەسلىك ئۈچۈن كۆپچىلىككە مەن سىلەرگە بىر رۇبائىي ئوقۇپ بېرەي،- دېدى ۋە باشلىۋەتتى:

سەت-سېمىز خوتۇندىن ياخشىدۇر چوشقا،
تېگىشكىن سەن ئۇنى ئون باغ قۇمۇشقا.
ھەم سېمىز قاملاشماس يۈرۈش-تۇرۇشى،
بىرگە ياتساڭ قىينايدۇ خورەك تىۋىشى.

     يارايسەن !يارايسەن !نېمە دېگەن ئېسىل رۇبائىي بۇ ھەممە ئالقىش ياڭرىتىشتى ۋە يەنە بىرنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلشتى. ئۇ مەغرۇر قىياپەتتە، رومكىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ:

بىر قۇلۇم قۇرئاننى تۇتتى ،يەنە بىرى جام،
گاھىدا ھالال مەن، گاھىدا ھارام.
كۆك گۇمبەز ئاستىدا بىزلەر ياشىغان ،
يا ئەمەس مۇسۇلمان ،يا كاپىر تامام.

ئالە شەرىڭنى! نىمانداق بىر -بىرىدىن ئېسىل رۇبائىلار بۇ ھەممە بىر ئېغىزدىن ماختاشتى ،دەل شۇ پەتتە گۈزەلنۇرنىمۇ ھاراق تۇتۇشقا باشلىغاندى ئۇ يېنىدا ئولتۇرغان رىشاتقا قاراپ مەنمۇ سىلەرگە بىرنى ئېيتىپ بېرەي دىگىنىچە باشلىۋەتتى.

مەسچىتلەر ئاۋاتتۇر مەزىنى بىلەن،
چىرلايدۇ بارچىنى ئەزىنى بىلەن .
مەزىنغۇ ئەزەلدىن زىناخور نەرسە،
ئوينايدۇ جالاپنىڭ ئەرزىنى بىلەن.

ئالە شەرىڭنى! مانا رۇبائىي دېگەن مۇنداق بولمامدۇ دېيىشتى ھەممە بىر ئېغىزدىن . شۇنداق قىلىپ تۈن نىسبى بىلەن بۇ بەش جۈپ ئەر -ئايال بىر-بىرنى يۆلەشتۈرگىنىچە مېھمانساراي تەرەپكە قاراپ يول ئېلىشتى...
  كېچىچە جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرگەن ئابدۇللا كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ئورنىدىن تۇردى ۋە ئايىمگۈلگە :
_سىز نىمانچە پەيزە جېنىم مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپلا قالدىم،- دېدى.
_مەنمۇ شۇ جېنىم مەن موشۇ ۋاققىچە بۇنداق لەززەتلىنىپ باقمىغان سىز بەك يامانكەنسىز خۇمۇ دېدى خۇمار كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي تۇرۇپ . ئىككىيلەن بىر پەس مۇڭداشقاندىن كېيىن ئايىمگۈل ئۇنڭغا :
_يولدۇشۇم قايتىپ كەلگۈچە ئۆيگە قايتىۋالاي بولمىسا ئىش چاتاق دېدى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. ئابدۇللا ئايالنى ئۇزۇتۇپ قويدى ۋە ئاخشام رېستۇراندىن ئېلىۋالغان ھاراقتىن تولدۇرۇپ بىر ئىككى رومكا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن مەن 2-چىسلا قايتىپ كېلىمەن دىگەنتىم ئەمدى قايەرگە بارارمەن؟دىگەن خىياللار بىلەن سىرتقا چىقتى بۈگۈن ھاۋا تولىمۇ سوغۇق بولۇپ سوغۇق شامال خۇددى نەشتەردەك سانجىلاتتى. ئۇ ئاخىرى ئۆيىگە قايتىش نىيىتىگە كەلدى ۋە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .
     ئابدۇللا ئۆيىگە دەلدەڭشىگەن پېتى كىرىپ كەلدى. ئۆي ئىچى تىمتاس بولۇپ ئۆيدە ئادەم يوقتەك قىلاتتى ئۇ ئىچىدە ماۋۇ خوتۇننىڭ ھورۇنلۇقىنى قارىمامدىغان؟ تېخىچە ئۇخلاۋاتقان ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ياتاق ئۆيىگە :
_ۋوي خوتۇن مەن قايتىپ كەلدىم دىگىنىچە كىردى ، كارىۋاتتا ياتقان ئايالىدىن زۇۋان چىقمىدى توۋا ماۋۇ خوتۇننى دېگىنىچە يەنە ، ۋوي خوتۇن قوپە ئورنۇڭدىن چاي دەملە قۇرسىقىم ئاچتى،- دېدى ئۇ.
__نېمىگە ۋارقىرايسىز جېنىم قويۇڭە ھاراقتىن ،مەن يەنە ئىچىمەن ئەگەر پۇلىڭىز بولمىسا مەندە بار يەنە ئەكىرىمىز قويۇڭە دىگەندىن كېيىن قويۇڭە! بولمىسا مەن سىز بىلەن ياتاققا بارمايمەن جۇمۇ ؟
_نېمە دەيدۇ ماۋۇ ساراڭ ھەي قانجۇق نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن؟
_مىنى تىللىماڭ جېنىم قۇيۇڭ دىگەندىن كېيىن قۇيۇڭ مەن قانمىدىم يەنە ئىچىمەن ،بولۇڭە تېز  مەن بۈگۈن تولىمۇ خۇشال بۇ مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم خۇشال بولۇشۇم دىگىنىچە كۈلۈشكە باشلىدى . بۇ خوتۇن كىمگە گەپ قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇ ھەممە ئۆيگە بىر قېتىمدىن كىرىپ چىقتى بىراق باشقا ھېچكىم يوق ئىدى . توۋا بۇ خوتۇن ئېلىشىپ قالدىمۇ نېمە؟ دىگەنلەرنى خىيال قىلدى ئۇ چالا كەيىپچىلىكتە ۋە يەنە .
_ھەي ساراڭ بولدۇڭمۇ نىمانداق گەپلەرنى قىلىسەن دەپ ۋارقىرىدى زەردە بىلەن.
__بولۇڭە چاققان يولدۇشۇم 2-چىسلا قايتپ كېلىدۇ تازا بىر قانغۇدەك ئىچىۋالايلى كېلىڭە تانسا ئوينايلى ئالىمجان .ئايالى توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى تاقىتى قالمىغان ئابدۇللا غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ بارغانچە يوتقاننى ئاچتى ۋە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقان ئايالىنى كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى .
_ۋايجان!- دىگىنىچە كۆزلىرىنى ئاچتى ئايال، لېكىن ئۇ مەستچىلىكتە بېشىنى كۆتۈرەلمەيتتى :
_ جېنىم قاچان قايتىپ كەلدىڭىز مېنى نېمە قىلغانغا ئۇرۇسىز دېدى يولدىشىغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
_ۋوي قانجۇق خېتىڭنى ئال .
_ئالسام ئالدىم .تولا ئادەمنى ئۇرماي گېپىڭىزنى ئېنىق دىسىڭىز بولمامدۇ؟
ئابدۇللا بېشىنى بىر چايقىدى -دە، سوتتا كۆرۈشەيلى دىگىنىچە پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتتى شۇندىن ئېتىبارەن بۇ بىنادا مەست بولۇپ قالسا باشقىلارنىڭ ئىشىكىنى مۇشتلايدىغان يېرىم كېچىدە ناخشا توۋلاپ قوشنىلارغا ئارام بەرمەيدىغان ئابدۇللاھنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدىغان  بولدى.  كىشىلەر  ئارىسىدا ئابدۇللا يېڭى يىل ئۆتكۈزگىلى كېتىپتۇدەك دېگەن سۆز  تېزلا پەيدا بولدى...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kilyang + 33 يەنىمۇ تىرىشىڭ ئىملاگە دىققەت قىلىڭ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 33   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

فىلىم ئشلەش ھەۋە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4560
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4221 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 09:34:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا  مەن تېخى ئايالىنىمۇ سورۇندا  ئۇچۇرتىپ قالامىكى دىسەم ؟؟؟  ئمۇ ئۇچىغا چىققان ....

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64763
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1333
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 09:58:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئايالى ئىرىدىن ۋەھشىكەنغۇ ، بىر ئىشلارنى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدىغان خاتونكەن بۇ ~~
ئالدىرماڭ يارەي ، سىزگىمۇ بارەي دىگەن گەپ بەك توغرا گەپ جۇمۇ ~!!

nothing is impossible,just do it

ئاللاھ ھەممىمىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63408
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 724 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2011-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ......

ياپۇن سامۇرايلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33021
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 4719 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 02:59:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېردىن يامان چىقىپتۇ ئاۋۇ خۇتۇنمۇ...

مۇھەببەت -ئۇ ئىشەنچنىڭ مەھسۇلى!!

گۈلۈم~قايدا سەن؟

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41613
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 600
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 1709 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 03:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەت مۇشۇ دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتتىما؟
...ھەي ئىمانسىزلىق.......

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1743
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26997
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4216 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 03:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى كۆرۈپ مۇنداق بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى :


ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر ئەر شەھەردىكى مەلۇم مىھمانخانىغا ياتاق ئېچپ يېتىپتۇ ( باشقا بىر قىز بىلەن ) ، ئايلى ئىرىنىڭ ئۆيدە ياتمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ئۇمۇ نەخ شۇ مىھمانخانىدا يېتىپتۇ ( باشقا ئەر بىلەن ) ..
ئەتىسى سەھەر ، ئىشقا مېڭىشتىن ئىلگىرى ئىككىلىسى ياتاقنىڭ كارىدورىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ ( بىر قەۋەتتىكەن ياتىقى ) بىر بىرىنى كۆرۈپ قېتىپلا قاپتۇ .


كىيىن بىلسەك تىپ تىنىچ ئۆيىنى تۇتىۋەردى . ئەردە مەسئۇلىيەت ، جاسارەت كەم بولسا ئايالدا باشباشتاقلىق ، ھاياسىزلىق كۈچىيىپ كىتىدۇ !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5518
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 08:26:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيتىمىزدە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلارنۇرغۇن

گۆشگېردە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68781
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 11:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا كۈلۈشكەن يۇمۇرنى ئەسلى ئۇزىگىلا توقۇپتىكەن-ھە.

گۆشگېردە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68781
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 11:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا كەپتۇ بۇ بايقۇشقا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش