مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 871|ئىنكاس: 8

موسكۇۋا خىياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11364
تۆھپە نۇمۇرى: 1528
توردا: 3016 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 10:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                     موسكۋا خىياللىرى  
                                                                      نەبىجان تۇرسۇن
بۇ تېما ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تاىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ بولۇپ بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ ئۇنى ‹‹يارغول تورى ››دا ئۇچۇرۇتۇپ قالدىم شۇ ۋەجىدىن مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم ھازىرقى زامان ياشلىرىمىزغا ئازدۇر -كۆپتۇر پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دىگەن ئۈمىدتە مەن كەڭ تورداشلارنىڭ قالايمىقان ئىنكاستا بولماسلىقىنى چىن قەلبىمدىن ئۈتىنىمەن.
تۈنجى قەدەم
1990- يىلى 23- مارت ، باش باھارنىڭ سىم - سىم يامغۇرلۇق كەچلىكى ئىدى . سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىن ئۇچقان ئىل - 86  تىپلىق ئايروپىلانى موسكۋانىڭ  شېر مېتۋا - 2  ناملىق خەلقئارا ئايرودرومىغا يېنىككىنە قوندى . ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن موسكۋا ھەققىدىكى خىياللىرىمنىڭ ، ياق ، ئانا ۋەتەنگە بولغان ھەقىقىي سېغىنىشىمنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى .
مەن موسكۋا شەھىرىنىڭ خەرىتىسىگە قاراپ ، ئاخىرى مېنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلغان سابىق س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنى تېپىۋالدىم . تاكسىنىڭ ياردىمى بىلەن موسكۋا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە ، يەنى قىزىل مەيداندىن ئانچە يىراق بولمىغان روژدېستۋنېكا كوچىسىغا جايلاشقان ، سابىق س س س ر دىكى ئەڭ چوڭ ، شۇنداقلا دۇنياغا مەشھۇر شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئۆزەمنى مەلۇم قىلدىم . ئاسپرانتورا باشلىقى ۋاسىلىي كاربوۋىچ مېنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى ھەم بىر دەمدىن كېيىن مېنى ئىلمىي رەھبىرىم ، ئاتاقلىق تۈركولوگ ، ئۆمۈر بويى قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ھەم تارىخىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئىلىم ساھەسىدە شۆھرەت قازانغان ئالىم دىمتىرىي ۋاسلىيىف بىلەن تونۇشتۇردى . ئۇ مېنىڭ روس تىلىدا ئۆزى بىلەن بىمالال سۆزلەشكىنىمنى كۆرۈپ ، مېنى قىزغىن قۇچاقلاپ ، ھاياجان بىلەن : < يارايسىز ، ھەقىقىي يىگىت ئىكەنسىز ، ئۇلۇغ ئويغۇر مىللىتى بىلەن تىل تېپىشىش ھەر قاچان ئاسان > دىدى .
بىز چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتۇق . پاراڭ ئارىسىدا ئىشخانىنىڭ بېزىلىشىگە دىققەت قىلدىم . مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ ، سوۋىت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ ، مۇئەللىم مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەن . قىزىق يېرى شۇكى ، ئىشخانىنىڭ بىر تېمىغا 19 - ئەسىردىكى ئاتاقلىق روس شەرقشۇناسى ن . بىچۇرىننىڭ سۈرىتى ئېسىلغان ، يەنە بىر تامغا تۈركىيە مەنزىرىسى چاپلانغان ئىدى . مەن شىنجاڭدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى قىزلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسسۇل سۈرەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان 1990 - يىللىق كالېندارنى مۇئەللىمگە تەقدىم قىلدىم . ئۇ ، كالېندارنى زور ئىشتىياق بىلەن كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن تامغا ئېشىپ قويدى ۋە : < مانا بۇگۈندىن باشلاپ روس ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا يېڭى كۈن ، يەنى بىزنىڭ شەرقشۇناسلىق مەركىزى بولغان بۇ ئىشخانىنىڭ تېمىدا تارىختا تۈنجى قېتىم ئۇيغۇر كالېندارى ئېسىلدى > دىدى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا .
ئىشخانىدىكى كاتىپ ، ماشىنىست ۋە باشقا خادىملارمۇ چاۋاك چېلىشتى . مەنمۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم . دېمەك ، ھاياتىمدىكى سوۋىت ئىتتىپاقىدا باشلانغان تۈنجى كۈنۈم مانا مۇشۇنداق تەسىرلىك ئۆتتى . مۇئەللىم مېنى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە باشلاپ كىرىپ ، ئالىملارغا تونۇشتۇردى ۋە ئاخىرىدا مەن تەقسىم قىلىنغان < شەرق ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىي تەتقىقات بۆلۈمى > گە باشلاپ كىرىپ ، باشقا ئالىملارغا تونۇشتۇردى . بۇ يەردە مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىي تېمىلىرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بىر قانچە ئالىم بار ئىدى . ئۇلار مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ، ھەممىسى ئەڭ تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى توغرىسىدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشتى . بىز كۆپ پاراڭلاشتۇق . چۈشتىن كېيىن ۋاسلىيىف مېنى پىكاپتا موسكۋا شەھىرىنى ئايلاندۇردى ...... ھە ، مانا بۇ ، <ماكسىم گوركىي باغچىسى > ، مانا بۇ ، موسكۋادىكى ئەڭ چوڭ كوچا < ماكسىم گوركىي كوچىسى > ، مانا بۇ مايا كوۋسكىي ھەيكىلى .....
ئوستاز يول بويى ھەر بىر كوچا ھەتتا ھەر بىر ھەيۋەتلىك بىناغىچە تونۇشتۇرۇپ ماڭدى . موسكۋا كوچىلىرى ھەقىقەتەن رەتلىك ، ھەممە ئورۇن ئۆز رېتى بويىچە ئورۇنلاشقان ، ماگىزىنلار ئاز بولۇپ ، ئادەملەر رەتلىك ، پاكىز كىيىنىشىپ ، تېز - تېز قەدەملەر بىلەن مەغرۇر يۈرۈشەتتى . كوچىدا ماشىنىلارنىڭ گۈركىرەشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ۋاڭ - چۇڭلار يوق ، قىسقىسى كاۋاپچىلار ، تاڭجاڭلار ، زاسۈيپەزلەر ، پىچاق چاقلىغۇچىلارنىڭ ئالىتاغىل ۋارقىراشلىرى ، ماشىنىلارنىڭ قالايمىقان سىگناللىرى بۇ يەردە مەۋجۇد ئەمەس ئىدى . بۇ يەردە مەززىلىك تاماق پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان قاتار - قاتار ئاشخانىلاردىن قىلچە ئەسىر يوق بولۇپ ، قورسىقىڭ ئاچسا ئۆيۈڭگە قايتىشتىن باشقا ئامال يوق ، روسلارنىڭ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى يوق بولسا كېرەك ، قىسقىسى ، ئۇلار قورساق تويغۇزۇدىغان جايلارنى كۆپلەپ قۇرۇشتى ئويلاشمىغانىدى . ئەكسىچە ، بىز جۇڭگولۇقلار قورساقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغىنىمىز ، قورساق ئۈچۈن ياشاپ ، يەنىلا شۇ قۇرساق غېمىدە بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ، بىرىنچى بولۇپ شەھەرلەرنى ئاشخانىلاشتۇرۇشنى ئويلاشقان بولساق كېرەك . دېمىسىمۇ ، موسكۋاغا كەلگەن ئۈچ كۈندىن بۇيان قىززىق بىر پىيالە چاي ، ئىسسىق بىر تەخسە لەڭمەن ، تۆت زىق كاۋاپ ، ياكى بولمىسا تونۇردىن يېڭى سويۇلغان شىرمان نان بىلەن شورپىلىرى ئېقىپ تۇرغان سامسىلارنى بەك سېغىندىم ، ئاشۇ تائاملىرىمىزغا زار بولدۇم . مەن بىلەن بېيجىڭدىن بىرگە چىققان ھەمراھلىرىممۇ باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ، ماڭا ئەپسۇسلۇق بىلەن قاراشماقتا ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ، جاۋغايلىرى يېرىلىپ ، گەز باغلاپ كەتكەن بولۇپ ، توختىماي < تۆت تەخسە قورۇما > نىڭ گېپىنى قىلىشىپ ، ئۆيلىرىنى ئەسلەشمەكتە ئىدى .
ئۇستازىم چىرايىمغا قاراپ بىر نەرسىنى سەزدى بولغاي :
__ ساقلىقىڭىز يوقمۇ - نىمە ؟ _ دەپ سورىدى .
__ ھە ، __ دىدىم مەن ، __ ئۈچ كۈن بولدى ، بېشىم قېيىپ ، كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتىدۇ .
__ بەلكىم ھاۋا ماشلاشمىدى بولغاي ، كۈنۈپ قالىسىز ، __ دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاچ پىكاپىنى بۇراپ _ بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن كونا بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە : _ ئۆيگە مەرھەمەت ، سىزنى چايغا تەكلىپ قىلىمەن ، _ دىدى .
بىز ئۆيگە كىردۇق . بۇ ، ھاياتىمدا كۆرگەن تۈنجى روس كىشىنىڭ ئۆيى ئىدى . روس ئۆيلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن چوڭ پەرق قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ۋاسلىيىف كۈلۈپ تۇرۇپ :
_ ئۆيۈمدە قورۇنماي چاي ئىچىشىڭىز ۋە تاماق يېيىشىڭىزنى سورايمەن ، چۈنكى بىز توڭگۇز گوشى ئىشلەتمەيمىز ، _ دىدى ئەسكەرتىپ .
شۇنداق قىلىپ ، موسكۋاغا كېلىپ تۈنجى قېتىملىق ئىسسىق چاي بىلەن ئىسسىق تاماق ( كالا گوشى بىلەن ياڭيۇ ) نى مۇئەللىمىمنىڭ ئۆيىدە يېيىشكە مۇيەسسەر بولدۇم . جىسمىمغا قايتىدىن كۈچ كىرگەندەك بولدى . قورساق تويغۇرغاندىن كېيىن بىز يەنە سىرتنى ئايلىنىش قارارىغا كەلدۇق . مانا ئەمدى شەھەر مەنزىرىسى باشقىچىرەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى ، خېلىلا روھلىنىپ قالدىم .
ۋاسىلىيىف موسكۋا شەھىرىنىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەچ قوشۇمچە قىلىپ :
__ قەشقەرنىڭ تارىخىي موسكۋانىڭ تارىخىدىن 1000 يىللار ئۇزۇن ، بىز روسلار ياكى سىلاۋيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ، ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، سىلاۋيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا سىلەر ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان ، شانلىق يۇقىرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدىڭلار ، __ دىدى ، ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ : _ مەشھۇر كلاسسىك روس تۈركولوگلىرىدىن ۋ . رادلوف : < ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەڭ قەدىمكى ، كۆپ سانلىق تۈركىي خەلق ئىدى > دىگەن . مەشھۇر روس ئالىمى س . مالوفمۇ : < ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى > دىسە ، ئامېرىكىلىق مەشھۇر روس شەرقشۇناس گ . ۋېرسادسكىي : < ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى رولى سىياسىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغانىدى . ئۇلار جۇڭگودىن تاكىي كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردىكى سودا يولىنى كونترول قىلىپ ، جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن ھىندى - ياۋروپا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلەردە ۋاستىچىلىق رول ئوينىدى > دەپ ھۆكۈم قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئورنى ۋە رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . ئەگەر ھازىر دۇنيادىكى 40 نەچچە دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋە ئالدىنقى ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خۇلاسىلىرىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ ئولتۇرساق گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ . قىسقىسى ، سىلەر ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇلۇغ خەلق . بۇ ، تارىخىي ۋە ئىلمىي يەكۈن - ئەلۋەتتە . بۇگۈنكى ھالىتىڭلارنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن . قىسقىسى ، سىلەر يەنىلا ئۆز تىرىشچانلىقىڭلارغا تايىنىپ ياشاۋاتىسىلەر . كېلەچەكنىڭ سىلەردە بولۇش - بولماسلىقى پەقەت ئۆزۈڭلارگىلا باغلىق ، _ دىدى .
كەچكى ۋاننا ماڭا شۇنچىلىك ياقتىكى ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇئەۋزەل شارائىتىدىن بەھۇزور ھوزۇرلاندىم . شۇنى قوشۇمچە قىلماي بولمايدۇكى ،يەنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ياشىغان كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئۆزگىچىلىكلىرىنى كۆردۇم . قىسقىسى ، ھەر قانداق ئۆيدە ، مەيلى چەت يېزا - قىشلاق بولسۇن ياكى شەھەردە بولسۇن ، كېچە - كۈندۈز ئىسسىق سۇ تەييار تۇرىدۇ . ئېلېكتر ، گاز ، ئىسسىق سۇ بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش ۋاستىلىرى ھېسابلىنىدۇ . تۇرمۇش ۋاستىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئېلېكترلەشتۈرۈلگەن ۋە ماتورلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ شەخسىي پىكاپى ياكى موتسېكلىتى بار . توڭلاتقۇ ، كىر ئالغۇ ، رەڭلىك تېلېۋىزور ۋە باشقا ئېلېكتر بۇيۇملىرى ئەڭ چەت يېزا - قىشلاقلارغىچە ئومۇملىشىپ بولغان . كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئۆز ئۆيىدىكى ۋاننىلىرىدا نەچچە ۋاق يۇيۇنۇپ ، پاكىز دەزماللانغان كىيىملەرنى كىيىشىپ ، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى چېچىشىپ يۇرۇشىدۇ . كەچلىرى ئەڭ ياخشى كيىملىرىنى - ئەرلىرى چوقۇم كاستۇم - بۇرۇلكىلىرىنى ، ئاياللىرى ئۆزى خالىغان يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ تىياتىرخانىلاردا ئولتۇرۇشلىرىغا قارىسىڭىز شۇنچىلىك مەستلىكىڭىز كېلىدۇ . ئۇلار قالايمىقان ۋارقىراشمايدۇ ، ئۆز ئارا كۇسۇلداشمايدۇ ، ھەممە كىشى جىمجىت ئولتۇرۇپ ، دىققەت بىلەن كونسىرتلاردىن ھوزۇرلىنىدۇ . زۆرۈر تېپىلغاندا چاۋاك چالىدۇ ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خالىغان ئارتىسقا گۈل تەقدىم قىلىدۇ ( ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ تەقدىم قىلىدىغىنى بىزنىڭكىدەك سۈنئىي گۈل ئەمەس ) . ئۇلارنىڭ كىنو - تىياتىرخانىلىرىنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى ، ئەگەر قىش كۈنلىرى بولسا ، سىز تاشقىرىقى ئىشىكتىن كىرىپلا بىرىنچى بولۇپ پەلتۇيىڭىزنى سېلىپ ، باش كىيىمىڭىزنى ئېلىپ گاردىروپكا ( كىيىم ساقلايدىغان جاي ) غا تاپشۇرىسىز - دە ، پوپايكا ياكى كاستۇم - بۇرۇلكىڭىز بىلەنلا ئولتۇرۇپ تىياتىر كۆرىسىز . بىز تەرەپتە بولسا تامامەن باشقىچە ، تىياتىرغا بارغاندا ياسىنىشقا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ . تىياتىرخانىدا ئەرلەر ئاشۇ سىرتتا كىيىپ يۇرىيدىغان شىلەپىلىرى بىلەن ، ھەتتا قۇلاقچىلىرىنى كيىپ ، پەلتۇلىرىغا يۆگىنىپ ئولتۇرۇشىدۇ . ئەلۋەتتە مەن بۇنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن . چۈنكى ئۈرۈمچى تىياتىرخانىلىرى . رېستۇرانلىرى ، جامائەت سورۇنلىرى ، ھەتتا ئىدارە - ئورگانلار ، مەكتەپلەردە بىردەك ھالدا گاردىروپكا تەسىس قىلىنمىغان . يېڭىلىشمىسام ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40 - 50 - يىللىرىدا بىزدە بۇ مەدەنىيەت بار ئىدى . ئۇيغۇرلىرىمىز ياۋروپا يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ ( سوۋىت ئىتتىپاقى ، تۈركىيە ۋە باشقىلار ئارقىلىق ) تەسىرىنى ئاللىقاچان قوبۇل قىلىپ ، ئاياللىرىمىز ئىگىز پاشنىلىق توپلىيلارنى كىيىپ ، چاچلىرىنى بانتىلاپ ، ئەرلىرىمىز كاستۇم - بۇرۇلكىلارنى كىيىپ ، چاچلىرىنى مايلاپ ياكى دوپپىلىرىنى ياراشتۇرۇپ كىيىشىپ لېرىك ۋالىس كۈيىگە پىرقىرىشاتتى . دېمەكچىمەنكى ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك قەدەمكىي ۋە يېقىنقى زامان شۇنداقلا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ئىگە خەلق بولغاچقا ، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر قانداق مەدەنىيەت شاماللىرىغا يەنىلا ئېرەنسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسا كېرەك . يەنە بىر ياقتىن ، بۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىمىزغا ۋە مىللىي پىسخىكىمىزغا باغلىق بولۇپ ، ياۋروپالىقلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئۇيغۇرلار غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىمېنتلىرىنى ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلالايدىكەن ھەم شۇنىڭغا پىسخىكا جەھەتتىن يېقىنلىقى بار خەلق ئىكەن . دېمىسىمۇ ، 80 - يىللاردا جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى بىلەن ئۆز ئارا بېرىپ - كېلىش باشلانغاندىن كېيىن ، ياۋروپا مەدەنىيىتى ( ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە نوقۇل ھالدا مەدەنىيەتنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆزدە تۇتىمەن ) ئالدى بىلەن غۇلجا، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قايتا نامايەن بولدى . ئۇيغۇر بوۋاي - مومايلىرى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ياۋروپا مودىسىدىكى كىيىملىرىنى بىراقلا 70 - ، 80 - يىللارنىڭ ياۋروپا پاسونىغا ئۆزگەرتتى . ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرى ، ئوتتۇرا ياشلىقلىرى سوۋىت پەلتۇلىرى ، ئۆتۈكلىرى ، كاستۇم - بۇرۇلكىلىرىنى كىيىشىپ ، بىر مەھەل كىيىم - كېچەكتە ياۋروپالىشىش دولقۇنى قوزغىدى . ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ماگىزىنلىرى سوۋىت ماللىرى بىلەن تولدى . ھەممە ياقتا ئۆزبېكچە ، تۈركچە ، روسچە ، ھەتتا ئېنگلىزچە ناخشىلار ياڭرىدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئاتالمىش سوۋىت ماللىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا گېرمانىيە ، فرانسىيە ، چېخ ، رومىنىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ماللىرى ھەم ئۇلارنىڭ يېڭى - يېڭى پاسونلىرى ئىدى .
ئوخلىماقچى بولۇپ يېشىندىم ، لېكىن مېڭەمدىن خىياللار ھېچ كەتمەيتتى . ئەكسىچە ، خىياللار تېخىمۇ كۆپىيىشكە ، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىشكە باشلىدى ....
ئاڭلانماس ئاۋازلار
ھەر بىر مىنوتنى ساناپ يۈرۈپ دېگۈدەك بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىنى تۈگەتتىم . ئەمدى موسكۋا مەن ئۈچۈن تونۇشلۇق بىر شەھەرگە ئايلاندى . مۇئەللىم مېنى پىكاپ بىلەن ئايلاندۇرغان ئاشۇ كوچىلارنى ئۆز ئاياغلىرىم بىلەن تەنھا ئارىلىدىم . بۇ يەرگە خاس ياشاش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم . ئۇزۇن ئۆچىرەتلەردە سەۋىرچانلىق بىلەن كىتاب ئوقۇغاچ نۆۋەت كۈتۈشكىمۇ كۆنۈپ قالدىم . بەلكىم روسلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئۆز نۆۋىتىنى كۈتۈش سەۋرچانلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەلق بولسا كېرەك . روسلارنىڭ تەشكىلچانلىقى يۇقىرى خەلق ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك . سىز موسكۋا كوچىلىرى ، ماگىزىنلىرى ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ئۇزۇن - ئۇزۇن ئۆچىرەتلەر توپىنى ئۇچرىتىسىز . ئۆچىرەتتە تۇرغاندا ئەگەر كىمىكى ئۆز نۆۋىتىنى باشقىلارغا دەپ قويماي كېتىپ قېلىپ ، كېيىن قېتىلىۋالىمەن دىسە ۋە ياكى خالىغانچە قىستىلىپ كىرىمەن دىسە دۈپدۈگلەك ، سېمىز روس مومايلىرىنىڭ تىل - ھاقارىتىگە ئۇچرايدۇ ، شۇڭا ھەممە ئۆز نۆۋىتىنى چىڭ قوغدايدۇ . ئۇلارنى تەشكىللەش كەتمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت قارىشى شۇنچىلىك كۈچلۈككى ، پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتقا چوقۇم بىر مىنوتمۇ كېچىكمەي ئۈلگۈرۈشى شەرت . بىزلەردەك < سائەت مانچىدە > دەپ پۈتۈشسە < ئانچىدە > سۆرۈلۈپ كېلىدىغان ، قىسقىسى ، كېلىشىۋالغان پەيتكە كېچىكىدىغان ئىشلار ئۇلاردا مەۋجۇت ئەمەس . بىزدە تەشكىلچانلىقمۇ يوق . ئىختىيارىي تەشكىلچانلىقىمىز پەقەت ھەر ھېيت نامىزى كۈنىلا تولۇق ئايان بولىدۇ . ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر ئادەتتىكى كۈنلىرىمۇ ئاشۇ ھېيت نامىزى ، بولۇپمۇ قۇربان ھېيت نامىزى كۈنى نامازغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ۋە ئالدىرىغان چاغدىكىدەك ھېسسىياتتا بولسا ئىدى كاشكى ، بىزدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ، چېچىلاڭغۇلۇق تۈگىگەن بولار ئىدى . ئەگەر ئاشۇ ھەر ھېيت نامىزىدىن يانغان چاغدىكىدەك ئۆز ئارا تونۇشمايدىغانلارمۇ بىر - بىرىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، ئۆز ئارا ئاللادىن خاتىرجەملىك تىلەشكەندەك باشقا كۈنلەردىمۇ بىر - بىرىمىزگە شۇنداق دوستانە ، سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلەشسەكمۇ كاشكى ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولار ئىدى . قىسقىسى ، بىز چېچىلاڭغۇلۇقىمىز ، ئىتتىپاقسىزلىقىمىز ، ھەسەتخورلۇقىمىز تۈپەيلى ھەر قاچان ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈش ، دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىر ئىدىيە ، بىر مەقسەت ئۈچۈن تەشكىللىنەلمىدۇق . مېنىڭچە ، تەشكىلچانلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقى يوق خەلقتە ئىستىقبالمۇ بولمايدۇ . بۇگۈن ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، تۇرپان ، ئاقسۇ ، خوتەن كوچىلىرىدا چىرايىمىزدىن توپا ياغقان ، ئوبرازىمىز خۈنۈقلەشكەن ، قاتۇرۇپ كىيىۋالغان كاستۇم - بۇرۇلكىلىرىمىزدىن يەنىلا ئەسكى جەندە پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان شۇ ئېتىبارسىز ھالەتلىرىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەنە شۇ قەيت قىلىنغان تەرەپلەردىن بولغان بولسا كېرەك .
روسىيىدە ئاسپرانتورا تۇرمۇشى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە . ئاسپرانتلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا يېقىن دوستلۇق ، مېھرىبانلىق ئالاھىدە گەۋدىلىك ئەھۋال . ھەر كۈنى كەچتە ھەممە ئاسپرانت كۈتۈپخانىلار ۋە ئىش ئورۇنلىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر - بىرىنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ چاي ئىچكەچ پاراڭ سوقۇشىدۇ . بەزىدە بۇ سۆھبەتلەر قىزغىن ئىلمىي مۇنازىرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ . بولۇپمۇ قىز ئاسپرانتلار مۇنازىرىگە تېخىمۇ ئامراق كېلىدۇ . ئۇلار گۈزەل - لاتاپەتلىك ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق ، شۇنداقلا جەلپ قىلارلىق بولۇپ ، سانمۇ كۆپ ، ئىلمىي سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى . ئۇلار ھامان دادىللىق بىلەن ئۆز پىكىرىنى ، نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . لېكىن ئۇلار ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ، ئايال كىشىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئىشلىرى ، يەنى ئۆي ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ( بۇ يەردە تەپسىلىي توختىلىپ ئولتۇرمايمەن ) ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېسىدىن چىقارمايدۇ . قىسقىسى ، ئۇلار ياخشى بىر ئالىم ، ياخشى بىر ئانا ھەم ياخشى بىر رەپىقە بولۇشقا تىرىشىدۇ . ئۇلار كۆپ ئوقۇيدۇ ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىق روھى ئەرلەرنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن . شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ بەشتىن ئىككى قىسمىنى ئاياللار تەشكىل قىلىدۇ . ئەلۋەتتە ، مەن بۇ يەردە قىزلىرىمىزنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن . بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ مەيلى ئەقىل - پاراسەت ، گۈزەللىك ۋە ئەخلاق - پەزىلەتتە بولسۇن ، دۇنيادىكى ھېچقانداق قىزلاردىن قېلىشمايدۇ .
ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆتكەنلىكى كوچىلار ، ئۇلار دەسسىگەنلىكى تۇپراق ، ھوزۇرلانغان مەنزىرىلەر ۋە چاچلىرىنى يۇيۇپ - تارىغان دەريا - كۆللەر ، قىسقىسى ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قەدىمى تەگكەن ھەر قانداق يەردىن مەڭگۈ مۇھەببەت ۋە باھار ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ ، شۇڭا مەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە مۇنداق خاسىيەتلىك قىزلىرىمىزنى ئاسراشنى ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى ، ھالىغا يېتىشنى ، ئۇلارنىڭ قەددىنى ، ھۆرمىتىنى كۆتۈرۈشكە ھەر قاچان تەييار تۇرۇشىنى تىلەيمەن ، ئۇيغۇر قىزلىرى بىزنىڭ سىڭىللىرىمىز ، ھەدىلىرىمىز ۋە ئانىمىز . ئۇلارنىڭ ھاياتتا خورلىنىپ ، بىزلەرگە نەپرەت ، سەسكىنىش ، يىرگىنچ بىلەن قارىشىنى كۆرۈپ تۇرۇش نېمىدىگەن ئازابلىق ئىش - ھە ؟ شۇڭا مەن دوستلىرىمغا مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى دەڭسەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
گېپىمىزگە كەلسەك ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ياتاقخانىلىرىدىكى ئاسپرانتلار ئارىسىدىكى بۇ قىزغىن مۇنازىرىلەر دائىم دېگۈدەك كۈلكە - چاقچاقلارغا ئايلىنىپ ، نەچچىلىگەن شامپانىسكى - ۋىنولارنىڭ قۇرۇقدىلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ . ئارقىدىن ئۇدارلىرى كۈچلۈك دېسكو مۇزىكىسىنىڭ دولقۇنلىرىغا جۆر بولۇپ ، ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن دېسكوغا چۈشىدۇ . چارچىغاندىن كېيىن بولسا رومانتىك ، يېنىك مۇزىكىلار قويۇلۇپ ، تىنچ تانسا ئوينىلىدۇ . قىسقىسى ، بىزدىكىدەك سېسىق ، ئاچچىق 60 گرادۇسلۇق ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ ، بىرى چاقچاق قىلسا كۈلدۈم دەپ تۈكىنى تارتقان ئۆچكىدەك سەت مەرەيدىغان ، ئارقىدىن ھۆ - ھۆدەپ قۇسىدىغان ، ھاراقنى زورلايدىغان قىلىقلار بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەس . سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ ئالىي ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى بولغان بۇ ئاكادېمىيىنىڭ ئىشىكى ھەممە مىللەت ئۈچۈن داغدام ئېچىۋېتىلگەن ، بۇ يەردە ھەر قايسى سابىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىن ئاسپرانتلار ، بىلىم ئاشۇرغۇچىلار شۇ يەرنىڭ يەرلىك مىللىتىنى ئاساس قىلىپ كۆپلەپ ئەۋەتىلىدۇ ياكى ئۆز ئىختىيارلىرى بويىچە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ .بۇ يەردە قازاق - قىرغىزلارنى ، ئەزەربەيجان ، تاجىك ، مۇڭغۇل ، تۇركمەن ۋە ئۆزبېكلەرنى كۆرىسىز . ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان نۇرغۇنلىغان دوكتور ۋە كاندىدات دوكتورلار ئۆز جۇمھىرىيەتلىرىدە ھەتتا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ . بەزىبىر تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا سانى ئاز ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 249 مىڭ بولۇپ ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەت مەلۇماتى بويىچە پۈتكۈل ئىتتىپاقتىكى 130 دەك مىللەتنىڭ ئىچىدە 60 - ئۇرۇندا تۇرىدىكەن . ئۇيغۇرلاردىمۇ ھازىرغىچە 500 دەك دوكتور ۋە كاندىدات دوكتور يېتىشىپ چىققان . ئەگەر بۇنى نوپۇس بويىچە سۇندۇرساق ھەر بەش - ئالتە يۈز ئۇيغۇرغا بىر دوكتۇر ۋە ياكى بىر كاندىدات دوكتور توغرا كېلىدۇ . پەقەت موسكۋا ۋە سانكىت - پېتربورگنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەخمىنەن 80 گە يېقىن ئۇيغۇر ئالىمى ( بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دوكتۇر ، پروفېسسور ۋە دونسېنت ) ئىشلەيدۇ . مەسىلەن : موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، فىزىكا پەنلىرى دوكتورى ، موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتى ئاتوم - يادرو تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ، دۇنياغا داڭلىق ئالىم ئالېكساندىر رەخىموف ، روسىيە فېدىراتسىيىسى ( سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ) ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى ، تېخنىلوگىيە پەنلىرى دوكتورى ، ئالەم كېمىلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماشىنىسى مۇتەخەسسىسى ، ئاتاقلىق ئالىم تېلىمان كەرىمبايىف ، سانكىت - پېتربورگلىق مەشھۇر ئالىم ، پروفېسسور ، دوكتور دەمىر ئىسمائىلۇف ، جەمئىيەتشۇناس پروفېسسور ، دوكتور ئابلەھەت قاھارۇف ، موسكۋا دۆلەتلىك كونسېرۋاتورىيىسىنىڭ پروفېسسورى ، ئاتاقلىق دىرىژور ئەزىز دۇگاشىف ۋە باشقىلار ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىر كۈنى دەل ئەنە شۇنداق چايلارنىڭ بىرىدە مەپتۇن قىلارلىق قارا كۆزلىرى ھەممىگە قىزىقىش ۋە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان ، ئىقتىسادشۇناس ،ئۆزبېك قىزى X X ماڭا :
__ روسلار مەرد خەلق ، سەن ئۇلار بىلەن چىقىشىشنى بىلسەڭ سەندىن ھېچنىمىسىنى ئايىمايدۇ ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىچى تارلىق قىلمايدۇ . ئىچىدە بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ . ئەگەر سېنىڭ قابىلىيىتىڭ بولسا سىنى ھېچنىمىدىن چەكلىمەيدۇ . لېكىن چوڭ ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ئۇتتۇرمايدۇ . ئۆزبېكىستاندا ھەر 1000 ئادەم ئىچىدە 860 ئادەم ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن . قىرغىزىستان ، قاراقىستان ، تاجىكىستان ، تۈركمەنىستاندىمۇ بۇ سانلار ئانچە پەرق قىلمايدۇ . دېمەكچىمەنكى ، بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان . ئىلىم - پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاكادېمىك ، دوكتور ، كاندىدات دوكتورلىرى بار . ھازىر تېخىمۇ كۆپەيمەكتە . بىر ئۆزبېكىستاندىن ھەر يىلى تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم موسكۋادىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ۋە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ ، _ دىدى . ئۇ ، بۇغداي ئۆڭ چىرايىدىن مەغرۇرانە ئالامەتلەرنى ياغدۇرۇپ سۇئال نەزەرى بىلەن ماڭا قادالدى ، _ ئۈنىڭىز ئىچىگە چۈشۈپ كەتتىغۇ ؟ سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىمۇ ئاكادېمىك ، دوكتور ، كاندىدات دوكتورلارمۇ بەك جىققۇ دەيمەن ؟ ! سىلەر ئۇيغۇرلارمۇ بېيجىڭ ، شاڭخەيلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ۋە ئالىي تەتقىقات مەركەزلىرىدە كۆپلەپ تەربىيە ئالامسىلەر ، ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى خېلى كۆپمۇ ؟ _ دىدى .
مېنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەنىدى . مەن نېمىدەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمەي بويۇنلىرىمغىچە قىزىرىپ ، ئۆز - ئۆزەمگە ئۆكۈندۈم ..... قايسىدۇر بىر ماتېرىيالدىن كۆرگەن سانلىق مەلۇمات ئېسىمگە كەچتى ، بىزدە ھەر 10 مىڭ ئادەم ئىچىدە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەنلەر تۆت - بەش ئەتراپىدا . خەلقىمىزدە ساۋاتسىزلار كۈرمىڭ . قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلاردا ھازىرمۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇچرىتالايسىز . يېزىلاردىكى ئادەملىرىمىز دۇنيادىن بىخەۋەر ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تېخىچىلا ئاشۇ ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرى بىلەن ياشىماقتا ..... مەن : < بىزدە ھازىر ئاز بولسىمۇ دوكتوردىن بىر نەچچىسى چىقتى . بېيجىڭ ، شاڭخەيلەردە ئوقۇۋاتقانلار بولسا ، كۈنسايىن كۆپيىىۋاتىدۇ . ھەقىقەتەن شۇ ئۆزبىكىڭىزنىڭ بەختى بار ئىكەن . ئاللا سىزلەرنى تېخىمۇ بەختلىك قىلغاي >دىمەكچى بولدۇميۇ ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم ۋە گەپنىڭ تېمىسىنى باشقا ياققا بۇرۇۋەتتىم . ئومۇ مېنىڭ نىيىتىمنى چۈشەندى بولغاي ، مېنى ئارتۇقچە قىستىمىدى .
مەن موسكۋاغا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدە مۇئەللىم مېنى ئىنىستىتوتتىكى ئالىملارغا تونۇشتۇرغاندا : < ئۇيغۇر ئاسپرانت > دىگەن ئىزاھەتنى بەرمەي قالمايتتى . مەن تونۇشقان بۇ ئالىملار مۇئەللىمنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئاڭلاپ ، ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق بىلەن قولۇمنى چىڭ سىقىپ ، مېنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مېنى < ئۇلۇغ مىللەتنىڭ پەرزەنتى > دەپ سۈپەتلىگەندە ، مەن روسلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرلارانى ياخشى بىلسە كېرەك ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن . ئەپسۇسكى ، ئىش مەن ئويلىغاندەك چىقمىدى . كېيىن مەن ھەر خىل سورۇنلاردا تونۇشۇپ قالغان ھەر خىل كەسپ ۋە ھەر خىل تەبىقىگە تەۋە روسلارغا ئۆزۈمنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ دىگەن جايىدىن كەلگەنلىكىمنى ئېيتسام ، ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن : < سىز جۇڭگولۇقلارغا ھېچ ئوخشىمايدىكەنسىز ، ئاتا - بوۋاڭلار جۇڭگوغا قاچان بېرىپ قالغانىكەن ؟ > دىگەندەك بىمەنە سۇئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى . مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ سۇئاللارنى قويۇشتى . قىسقىسى ، ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ئادەملەرنى بەكلا ئاز ئۇچراتتىم . بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى يىراق شەرق ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ياكى خىزمەت قىلغانلار ئىدى . ئەگەر ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇشۇنداق بىر مىللەتنىڭ يەر يۈزىدە بارلىقىنى بىلىدىغان بىرەر ئادەمنى ئۇچراتسام ، قەۋەتلا ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم . بولۇپمۇ بۇ يەردىكى ياشلار < ئۇيغۇر > دىگەن مىللەتنىڭ يەر شارىدا بار - يوقلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى < ئۇيغۇر دىگەن نىمە ئۇ ؟ > دىگەندەك سۇئاللارنى بېرىپمۇ قوياتتى . ھەتتا مەن بىلەن بىرگە ئوقۇۋاتقان ئاسپرانتلار ئىچىدە مۇڭغۇل ۋە ئافغانلاردىن باشقىلىرى < ئۇيغۇر > دىگەن مىللەت ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىكەن . كېيىنكى كۈنلەردە مەن ياتىقىمغا دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى ئېسىپ قويدۇم ۋە ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرغا ئائىت ھەر خىل رەسىملىك ماتېرىياللارنى ئەكەلدۈردۈم . خىيالىمدا ، ياتىقىمغا بىرەر مېھمان كىرىپ قالسا ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ساۋاتقا ئىگە بولسۇن ، ھېچبولمىغاندا نوپۇسى 8 مىليون ، دۇنيادىكى 2000 مىللەت ئىچىدە نوپۇسى جەھەتتە 94 - ئورۇندا تۇرىدىغان ، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەت ھېسابلانغان بۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ قالسۇن ، ئەڭ بولمىغاندا بۇ مىللەتنىڭ نامىنى بولسىمۇ ئاڭلاپ قالسۇن ، دىگەن ئويغا كەلدىم . 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رومىنيە ، بولغارىيە ، يوگۇسلاۋىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئايلاندىم ، ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئويغۇر دىگەننى پەقەتلا بىلمەيدىكەن . دېمەك ، غەربىي ياۋروپا ، ئافرىقا ، ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلارغا بارساڭ بىزنى بىلمەيدىغانلار تېخىمۇ كۆپ . مەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ ، بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسام ، مەنمۇ ئەشۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلاردەك : < بىز ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىدۇ ، دۇنيادا بىزدەك ئۇلۇغ خەلق يوق > دەپ مەيدەمگە مۇشتلاپ ، كېرىلىپ يۈرۈۋەرگەن بولاتتىم . ھازىر شۇنداق ئويلايمەنكى ، بىز ھەقىقەتەن ئۇلۇغ خەلق ، پەخىرلەنگۈچىلىكىمىز بار . لېكىن بىز دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن مۇزىكا گۈرۈپپىسى بولغان < 12 مۇقام > نى بولۇشىچە ياڭرىتىپ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەدىمكى گۈزەل سەنئەت غارلىرى بولغان مىڭئۆيلىرىمىزگە كىرىپ ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا كۆپ ئادەم ئوينايدىغان < ساما > ئۇسۇلىمىزنى قەشقەر ھېيتكاھىمىزنىڭ ئالدىدا تازا كۈچەپ ، ئەسەبىيلەرچە ئوينىساقمۇ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى < ئىدىقۇت شەھىرى > نىڭ ئەڭ ئىگىز خارابە مۇنارىسى ئۈستىگە چىقىپ ، ئۈزۈملىرىمىزنى يىگەچ يىراقلارغا كېرىلىپ نەزەر سالساقمۇ ، ئۇرۇمچىدىكى < قىزىلتاغ > مۇنارىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ، يىراقلارغا : < مەن پالانچى ، بىزنىڭ مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپىمىز ، پەخىرلەنگۈدەك پالانى ، پۇكۇنىلىرىمىز بار ..... > دەپ جار سالساقمۇ ، جاھان ئەھلى بىزگە : < سەن كىم ؟ > دىگەن سۇئالنى بېرىۋېرىدۇ .....
كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە مانا موسكۋادا بەش يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم . ئەمدى ماڭا موسكۋانىڭ ھېچنىمىسى يات ئەمەس . بۇ يىللاردا ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولدۇم . لېنىننىڭ قاتۇرۇلغان دىدارىنى كۆردۈم . قىزىل مەيداندا تۇرۇپ ، كرېمىل سارىيىنىڭ ئەڭ ئىگىز مۇنارىسى ئۈستىدىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل بايرىقىنىڭ بىر پاي ئۇقسىز قانداق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇم . س س س ر نىڭ تۈنجى ۋە ئاخىرقى زۇڭتۇڭى مىخائىل گورباچېفنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخىرقى نۇتقىنى ئاڭلىدىم . قىسقىسى ، مەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا كېلىپ ، ئۆزگەرگەن روسىيە فېدېراتسىيىسىدە قالدىم . ئۆز - ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم : قېنى ، تارىختىكى چىنگىزخاننىڭ مۇڭغۇل ئېمپېرىيىسى ؟ قېنى ، ئەجدادلىرىمىز قۇرغان ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى ؟ قېنى ، شۇ ئالېكساندىر ماكىدۇنىسكىينىڭ قۇرغان ئىمپېرىيىسى ؟ قېنى شۇ قۇدرەتلىك تاڭ سۇلالىسى ؟ .... دېمەك ، تارىخ چوقۇم ئۆز تەرەققىيات يولى بويىچە ماڭىدۇ ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ ، ئەمما ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلىشى مۇمكىن ، خالاس . مەن كۆرگەن شۇنچە قۇدرەتلىك سوۋىت ئىتتىپاقى ھېچبىر شەپىسىزلا دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاندى . بۇنى كىم قىلدى ، بۇنىڭغا كىم ئەيىبلىك ؟ مېنىڭچە ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئەيىبلىك ئەمەس ، بەلكى بۇ ئىنسانىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ئادىل ھۆكمى ، بۇنداق ھۆكۈمدىن ھېچقانداق كۈچ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . چۈنكى ، تارىخ رەھىمسىز ۋە ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر . مەن بۇ قىممەتلىك بەش يىلدا 2 - قېتىملىق ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم . گەرچە 1917- يىلىدىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ قىشلىق سارايغا قانداق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن بولساممۇ ، لېكىن 1993- يىلى 4- ئۆكتەبىردە توپ ئوقلىرىنىڭ ئاق سارايغا قانداق تەگكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم ، ئادەملەرنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم ۋە كۆردۇم . بۇ ، ھەقىقەتەن بىر دەھشەتلىك مەنزىرە ئىدى .

مانا يەنە بىر سوۋغا __ 1995 - يىلى 9- ماي سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى ، سوۋىت تارىخىدا مۇنداق كاتتا بايرام پەقەت ئىككى قېتىم بولغان. بىرىنچىسى ، 1945- يىلى 9- ماي ، ئىككىنچىسى مانا بۇ يىل . موسكۋا كوچىسىدا قاينام - تاشقىنلىق بايرام كەيپىياتىنى موسكۋالىقلار بىلەن بىر گە سۈردۈم . بۇ كۈنى كوممۇنىستلارنىڭ ، دېموكراتلارنىڭ ئادەملىرى يول - يولدا نوتۇق سۆزلەپ ، ئۆزلىرىنىڭ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرقى روسىيە دۆلەت تۈزۈمىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى . يەنىلا ھەممە ياقتا < ھۇررا ، ھۇررا > دىگەن سادالار ئاڭلىناتتى . بۇ بەئەينى يېڭى ئىنقىلابقا ئوخشايتتى . بۇ كۈنى كوچىلارغا ھازىر روسىيىدە مەۋجۇد بولغان ھەممە پارتىيە - گۇرۇھلار ئۆزلىرىنىڭ پىلاكاتلىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ ، ئۇلار ھەر خىل گىزىت ، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتاتتى ، بۇنىڭغا قاراپ روسلار سىياسىي قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى خەلق ئوخشايدۇ دىگەن ھېسسىياتقا كەلدىم . لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە ، سانسىزلىغان تاماشىبىنلار سىياسەت بىلەن قىلچە كارى بولماستىن ، سەيلە قىلىشاتتى ، ئارتىسلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرەتتى . كۈلكىلىك يېرى شۇكى ، سىياسىي نۇتۇق ئاڭلاشنى خالىماي ، ئارتىسلارنىڭ سىياسىي تۈس ئالغان ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى . بۇ كۈنى قىزىل مەيداندا ۋە < ھۆرمەت بىلدۈرۈش تېغى > دا ھەيۋەتلىك پارات ئۆتكۈزۈلدى . بۇنىڭغا 40 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى . مەن يەنىلا ئۆزۈم يالغۇز بايرام كەيپىنى سۈردۈم . ئويلىدىمكى ، ھېچكىممۇ مۇشۇ مىڭلىغان مېھمانلار ئارىسىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغاندۇ ، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمىگەندۇ . بىرەرى سوراپ قالسا ئۇنىڭغا : < مەن ئۇيغۇر > دىسەم ، تايىنلىق ھەيران قالار ، بەلكى < سېنىڭ نېمەڭ قايسى فرونتتا ئۆلۈپتىكەن > دەپ ئادەتتىكىدەك سۇئال قويار ، بەلكى يەنە شۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشەندۈرۈپ قىينىلارمەن . بىراق ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتنىشىپ ، يېرىمى دىگۈدەك جەڭدە قۇربان بولغان ، ئۇيغۇر يىگىتلىرى موسكۋا ، لېنىنگراد ( سانكىت - پېتىربورك ) ، كىيېف ، ستالىنگراد ، مىنىسكىي ، ئودىسسا قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلەردىكى دەھشەتلىك جەڭلەردە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ، سوۋىت ئىتتىپاقىنى گېرمان فاشىستلىرىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان . ھەتتا ئۇلار بېرلىن ، كراگوۋ ، ۋارشاۋا ، بۇداپىشت ، بۇخارىست ، پىراگا قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا شەھەرلىرىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ ، تىللاردا داستان بولغىدەك مەردلىكلەرنى كۆرسەتكەن . نۇرغۇن ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ جەسەتلىرى ياۋروپا شەھەرلىرىنىڭ جەڭ خارابىلىرى ئارىسىدا تاشلىنىپ قالغان . ھازىرمۇ شۇ شەھەرلەرگە بارساڭ كۆڭلۈڭدە بىر خىل ئاجايىپ ئىللىق سەزگۈلەر پەيدا بولىدۇ . بۇ بەلكى ئەشۇ يىگىتلەرنىڭ ئاققان ئىسسىق قانلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر . بۇ ئورۇشتا ئاز نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ نەپەر سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ، بىر نەپەر پولشا جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى ۋە بىر نەپەر قازاقىستان خەلق قەھرىمانى چىقتى . بۇنىڭدىن باشقا ، لېنىن ئوردېنى ، قىزىل يۇلتۇز ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئوردېن - مېداللارغا ئېرىشكەنلەر ناھايىتى نۇرغۇن . ھەتتا كۆپلىگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى 1945- يىلى ئاۋغۇستتا سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ تەركىبىدە شەرقىي شىمالغا كېلىپ ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالنى ياپون فاشىستلىرىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ، ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزغان ئەمەسمۇ ؟ كىم بىلىدۇ ، شەرقىي شىمالنىڭ بىپايان زېمىنىدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ جەسەتلىرى تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەندۇ ؟ !
بايقال سۈيى
1990- يىلى ئىيۇلدا يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا ۋەتىنىمگە قاراپ يولغا چىقتىم . مەن بۇ سەپەردە موسكۋا - بېيجىڭ تۆمۈر يولىنى تاللىۋالدىم . 1990 - يىلى 16- ئىيۇن كەچتە موسكۋانىڭ يارۇسلاۋىسكىي ۋوگزالىدىن چىققان پويىز شەرققە قاراپ ئۆز سەپىرىنى داۋام قىلدى . بىر ئۇخلاپ ئويغانسام ، پويىز يېشىل ۋادىلارنى ئارىلاپ تېز سۈرئەت بىلەن كېتىۋېتىپتۇ . دېرىزىدىن ئەتراپقا نەزەر سالدىم ، شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىنىڭ مەخمەلدەك يېشىل ۋادىلىرى ، ئورمانلىرى ، دەريالىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان بۇ پويىز دېرىزىسىدىن ئەتراپقا قاراش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى .
كۆز ئالدىمدا تېز - تېز غايىپ بولۇپ ، ئۆز - ئارا ئالمىشىپ تۇرغان سۈرەت كەبىي گۈزەل مەنزىرىلەر ، دېرىزىدىن ئۇرۇلۇپ كىرىۋاتقان ئەتتىگەنلىك نەمخۇش - ساپ ھاۋا مېنى پەپىلەپ قايتىدىن شېرىن ئۇيقۇ قوينىغا ئېلىپ كەتتى . قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن ، پويىزنىڭ سىلكىنىشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم . قارىسام سەپەرداشلار - بىر پولەك ، بىر ھونگىر ، بىر بومبا ساقاللىق قېرى روس ( تومۇر يول خادىمى ) سىرتقا مېڭىۋېتىپتۇ . ياش ھونگىر سەپەردىشىم ماڭا ئىستانسىغا كەلگەنلىكىمىزنى ، پويىزنىڭ 15 مىنوت توختايدىغانلىقىنى ئېيتتى . پويىزدىن چۈشۈپ ئۇياق - بۇياققا يۈرۈپ ، بىر دەم ھەرىكەتلەندىم . بىر دەمدىن كېيىن پويىز يەنە قوزغالدى . مەن پويىز رېستۇرانىغا كىرىپ ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلدىم ، ئاندىن ۋاگونغا كىرىپ جايىمنى تېپىپ ئولتۇردۇم . قارىسام بومباساقاللىق روس ۋوتكىسىنى تىكلەپ قويۇپ ، قارا ئارپا نېنىنى كېسىپ ، ئۇنىڭغا سېرىق ماي بىلەن ئاق ماي سۈركەپ يەپ ئولتۇرۇپتۇ . ئۇ ماڭا بىر ئىستاكانغا ۋوتكا قۇيۇپ ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ، رەخمەت ئېيتىپ ، ئۇنى گۈپپىدە كۆتۈرۇۋەتتىم . قېرى روس مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈپ ، ئاغزىمغا ئۆز قولى بىلەن ھېلىقى زاكۇسكىلىرىدىن سېلىپ قويدى . بىر دەمدىن كېيىن ھونگىر بىلەن پولەك پەيدا بولدى . ئۇلار بۇنى كۆرۈپ ، سومكىلىرىدىن بىردىن پوتۇلكا چىقاردى . شىرە ئۈستىدە ھەش - پەش دېگۈچە ھونگىر ۋىنوسى بىلەن پولەك ۋوتكىسى پەيدا بولدى . مەنمۇ سومكامدىن ئۈرۈمچىگە ئەكىتىپ دوستلارغا خاتىرە قىلاي ، دەپ ئېلىۋالغان روس ۋوتكىسىنى چىقاردىم . بىر دەمدىلا شىرە ھەر خىل زاكوسكىلار بىلەن توشتى .
شۇنداق قىلىپ ، سەپىرىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى .
قېرى روس تولىمۇ قىززىق ئادەم ئىدى . ئۇ ئەسلى دون كازاكلىرىدىن بولۇپ ، ئۇلان ئۇدە شەھىرىدىكى تۆمۈر يول ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن . بۇ ئۇنىڭ ئوكرائىنىيىگە بېرىپ ، موسكۋا ئارقىلىق ئۆيىگە قايتىش سەپىرى ئىكەن . ھونگىر بۇداپىشتلىق ئىشچى بولۇپ ، ئاتپوسكا ئېلىپ مۇڭغۇلىيىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېتىۋېتىپتۇ . ئۇ ، روس تىلىدا يامان ئەمەس سۆزلەيتتى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، مۇڭغۇلىيىدە قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان ھونلار ياشاپتۇدەك . ئۇ شۇ ئانا تۇپراقنى كېچىكىدىن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ ، مانا بۇگۈن شۇ جايغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ . بولەك كىشى سودىگەر بولۇپ ، جۇڭگودىن مال ئېلىپ ، ئۇنى موسكۋا ئارقىلىق پولشاغا يوتكەپ ساتىدىكەن . بۇ ئۇنىڭ جۇڭگوغا ئونىنچى قېتىم بېرىشى ئىكەن .
بىز بىر ياقتىن ئىچكەچ پاراڭلىشىپ خېلى چىقىشىپ قالدۇق . ھاراقنىڭ كەيپى تۇتقانسېرى چىرايلىرىمىز ئېچىلىپ يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ كەتتۇق . بولۇپمۇ روس بوۋاي مېنىڭ تارىخقا قىزىقىدىغىنىمنى ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ كەتتى . ئۆزىنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ ئەسلىدە تارىخچى بولۇش ئىكەنلىكىنى ، لېكىن ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئۇرۇش پارتلاپ ، جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ ، بەش يىل قانلىق جەڭدىن ساق چىققان بولسىمۇ ، لېكىن ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغاچقا ، تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ئۇلان ئۇدەگە كېلىپ ، تۆمۈر يول مەكتىپىدە ئوقۇپ شۇ يەردە قالغانلىقىنى ، شۇنداقتىمۇ نەگە بارسا شۇ يەرنىڭ تارىخىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان مىجەزىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ، ئۇيغۇرلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ، ماڭا ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قانچە مۇھىم ۋەقە ۋە دۆلەتلەرنى ئاتاپ بەردى . بۇ مەن ئۇچراتقان ئاددى روس پۇقرالىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ ساۋادى بار تۈنجى روس كىشىسى ئىدى . مەن ئۇنى ۋاسلىي بوۋاي دەپ ئاتىدىم . ئىچىمدە بۇ ھاراقكەش بوۋايغا ھۆرمىتىم قوزغىلىپ قالدى . ئايلىنىپ - چۆرگىلەپ ، گېپىمىز يەنىلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بولۇپ قالدى . ۋاسلىي بوۋاي تاماكىسىنى قاتتىق بىر سورىۋېتىپ :
__ بىلەمسەن ھونگىر ، يېنىڭدىكى بۇ يىگىت كىم ؟ سەن ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەنسەن ، _ دىدى روس بوۋاي مەسخىرە قىلغاندەك ۋە ئىشەنچ بىلەن ، __ بۇ سېنىڭ تۇغقىنىڭغۇ ، شۇنىمۇ بىلمەمسەن ؟ تارىخىي مەنبەلەرنى ئوبدان ۋاراقلاپ باق ، ھونلار دېمەك ، قەدىمكى ئۇگۇر دېمەكتۇر . ئالىملار بۇ ئۇيغۇر دىگەن سوز بىلەن باغلىنىشى بار ، دېيىشىدۇ . قىسقىسى ، كۆپلىگەن ئالىملار ھونگىرلار قەدىمكى ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بولسا ، ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئەشۇ ھونلارنىڭ ئەۋلادى ، دېيىشىدۇ . دېمەك ، سىلەر تۇغقان خەلقسىلەر .
ھونگىرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ بېشىنى لىڭشىتتى . بۇ راستمۇ ؟ دېگەندەك قىلىپ ماڭا سۇئال نەزەرى بىلەن قاراپ قويدى ۋە مەندىن :
__ سىلەر قاراچاچلىق ، قارا كۆزلۈك ، بىز سېرىق چاچلىق ، كۆك كۆزلۈك ، بىزنىڭ قىياپەتلىرىمىز تامامەن باشقىچە تۇرسا ، قانداقسىگە تۇغقان بولىمىز ؟ _ دەپ سورىدى . بۇ سۇئالغا يەنىلا ۋاسلىي بوۋاي جاۋاپ بەردى :
__ ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ، لېكىن ئازراق مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارىلىشىپ قالغان ، بۇلار قەدىمدە تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرقىلىق خەلق ئىدى ، ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك ، سېرىق چاچلىق ، ئاق يۈزلۈك ، قاڭشارلىق خەلق ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار مۇڭغۇل ئىرقىي ۋە باشقا ھىندى - ياۋروپا خەلقلىرى بىلەن ئارىلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۈرلۈك سەۋەپ تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن . خاتالاشمىسام ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمكى بۇ ھالەتلەر ھازىرمۇ مەۋجۇدقۇ دەيمەن ؟ دىدى .
بېشىمنى لىڭشىتتىم ، بوۋاينىڭ بىلىمىنىڭ كۆپلۇكىگە قايىل بولدۇم . بىز ئۇنىڭدىن كەلگەنلىكى شەھەرلەرنى سورىساق ، ئۇ ، بۇ شەھەرنىڭ تارىخىي توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرەتتى . مەن مۇشۇنداق قىزغىن سەپەرداشلىرىمنىڭ ھەمراھلىقىدا زېرىكىشنى ئۇنتۇپ ، پويىز ئۈستىدە ھەش - پەش دېگۈچە ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتتىم . چەكسىز تايگا ئورمانلىقىنى ئارىلاپ يۈرۈپ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بايقال كۆلى بويىغا يېتىپ كەلدۇق . پويىز بايقال بويىدىلا 6 سائەت يۈردى .
بوۋاي دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىپايان بايقال سۈيىگە قاراپ ، ئولتۇرۇپ كۆتۈرەڭگۈ ، بوم ئاۋازدا بايقال توغرىسىدىكى كازاك ناخشىلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئېيتىشقا باشلىدى . پويىز ئاخىرى بايقال بويىدىكى بىر ئىستانسىدا توختىدى . پويىزنىڭ بۇ يەردە توختاش ۋاقتى 10 مىنوت بولغاچقا ، ئادەملەر گۈزەل بايقال مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن پويىزدىن يۈگۈرۈشۈپ ، قىستىلىشىپ دېگۈدەك چۈشۈشتى . بۇ يەردە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپمۇ ئۈلگۈردى . بوۋاي ھايت - ھۇيت دېگۈچە يوغان بىر باكقا بايقال سۈيىنى قاچىلاپ پويىزغا چىقتى . پويىز يەنە قوزغالدى . بوۋاي ھەممىمىزگە بايقال سۈيىدىن قويۇپ بېرىپ :
ئىچىڭلار ئاغىنىلەر ، بۇ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكىز ، تاتلىق كۆل سۈيى ، تەنگە داۋا ، قانغۇچە ئىچىۋېلىڭلار ، _ دىدى . ئۇ يەنە ماڭا ۋە ھونگىرگە قاراپ ، _ سىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىچىڭلار .چۈنكى ، سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مۇشۇ سۇدا ئاتلىرىنى سۇغارغان ۋە ئۆزلىرىمۇ ئىچىپ مۇشۇنداق باتۇر ئوغلان بولۇپ يېتىشكەن ! _ دىدى .
بىز سۇدىن قانغۇچە ئىچىشتۇق ، ھاراققا زاكۇسكا قىلدۇق . بۇ سۇ بىلەن ھاراق ئىچسەم ئۆزۈمنى پەقەت مەست بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم . بەدىنىمگە يېڭى كۈچ - قۇۋۋەت كىرگەندەك بولدى . پويىز ئالغا يۈرمەكتە ، بەزىدە ئەتراپتىكى پاكار تاغلار ئارىسىدا شۇڭغۇپ كىرىپ ، بۇ تاغلار ئارىسىدىكى ئايلانما يوللاردا يۈگۈرسە ، يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆل مەنزىرىسى غايىپ بولاتتى . مەن كۆز ئالدىمدىن توختاۋسىز ئۆتۈۋاتقان بۇ تاغلار مەنزىرىسىگە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم . بۇ تاغلار قارىماققا ئانچە ئىگىز - ھەيۋەتلىك ئەمەس ئىدى . لېكىن زىچ ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ ، كىشىگە سىرلىق تىلسىماتقا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى . قانچىلىك ۋاقىت مۇشۇنداق قاراپ ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا بوۋاينىڭ يوغان قوللىرى مۇرەمگە چۈشكەندە خۇددى ئويقىدىن ئويغانغاندەك ئەندىكىپ بوۋايغا قارىدىم .
__ نىمىگە بۇنچىۋالا ھاڭۋېقىپ قالدىڭ ؟ _ دەپ سورىدى بوۋاي . ئۇ خېلىدىن بېرى مېنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان بولسا كېرەك ، _ سەن نېمانچىۋالا خىيالچان بالىسەن ، كۆزلىرىڭدە ئوي - خىيالدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ . ئېيتقىنچۇ ، بۇ تاغلاردىن سەن زادى نىمە ئىزدەيسەن ؟ بىرەر گۈزەل قىز ئىزدەمسەن يا ؟ قىز دىگەن موسكۋادا قالدى ! _ چاقچاق قىلدى بوۋاي .
__ ۋاسلىي ئىۋانوۋىي ، _ دىدىم جاۋابەن ئۇنىڭغا ، _ قەدىرلىك ۋالىي بوۋا ، بولدى ، چاقچىقىڭىزنى قويۇڭ ، مەن بۇ تاغلارغا خېلىدىن بېرى سۇئال قويىۋاتىمەن ، ئۇلار ھېچ جاۋاپ بەرمەيدۇ ، كۆڭلۈمدە شۇ تاپتا زور بىر ئېچىنىش ۋە ماتەم تۇيغۇسى بار . بوۋا .
__ نىمە ئىش ، دېگىنچۇ ئوغلۇم ؟ مەن ساڭا ياردەم قىلارمەن . ھېچ بولمىغاندا بۇ تاغنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەرمەن ، _ دەپ كۈلدى بوۋاي يەنىلا چاقچاق ئارىلاش .
__ تامامەن ئەكسىچە ۋاسلىي ئىۋانوۋىچ ، _ دىدىم ئۇنىڭغا جىددىيلىك بىلەن ، _ ئەكسىچە ، مەن بۇ تاغنىڭ ھېكايىسىنى سىزگە سۆزلەپ بېرەي . بىلەمسىز ، بۇ تاغنى پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ . چۈنكى مۇشۇ تاغلار 1949 - يىلى 28 - سىنتەبىردە بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ باشلامچىسى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرىي ئەھمەتجان قاسىمى قاتارلىق سۆيۈملۈك ئوغلانلىرىمىزنى يۇتۇپ كەتكەن . ئاشۇ ئورمانلار ئارىسىدا ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ روھلىرى كېزىپ يۈرگەندۇ ....
مەن بوۋايغا ئەھمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئاشۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پاجىئەسى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم . ھېكايەمنى ھونگىرمۇ ، پولەكمۇ قىزىقىش ۋە زور ئىچىنىش بىلەن ئاڭلىدى ھەم ئۆزلىرىمۇ ئىختىيارسىز ئاشۇ تاغلارغا قارىشىپ سۆزسىز ئولتۇرۇشتى . ئاخىرى يەنىلا بوۋاي سۈكۈناتنى بۇزدى :
__ يىگىتلەر ، بولدى قىلىڭلار ، قېنى ، ئاشۇ تارىخ ئۈچۈن بىر رومكىدىن قېقىۋېتەيلى ، ئال رومكىنى نەبىجان ، _ دىدى ئۇ . ئارقىدىنلا گۇپپىدە ئىستاكاننى كۆتۈرۈۋەتتى .
سەپىرىمىز داۋاملىشىۋەردى . پويىز ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى . يېرىم كېچە بولغاندا ۋاسلىي بوۋاي مېنى ئويغاتتى ، ئۇ ماڭا يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن پويىز ئۇلان ئۇدە شەھىرىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . دىمەك ۋاسلىي بوۋايدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىت كەلگەنىدى . ئۇ ، يېنىمدا ئولتۇرۇپ ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن سىنچىلاپ قاراپ ، بىر بوتۇلكىنى سۇندى .
__ئال بۇنى ، بۇ بايقال سۈيى ، _ دىدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ، _ بۇنى قانغۇچە ئىچ ، بۇ سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىچكەن سۇ . سېنىڭ ئەجدارلىرىڭ مۇشۇ سۇنى ئىچىپ باتۇر بولغان ، ئاتلىرىمۇ مۇشۇ سۇنى ئىچكەنلىكى ئۈچۈن بولىشىچە چېپىپ ئاسىيادىن ياۋروپاغا بېسىپ ئۆتكەن . بۇ ، خاسىيەتلىك سۇ . بۇ سۇنى ئىچكىنىڭدە قەھرىمان ئەجدادلىرىڭنىڭ قانلىرى تومۇرلىرىڭدا قايتىدىن دولقۇنلايدۇ . شۇ چاغدا مەن تارىختىكى سېنىڭ بوۋىلىرىڭ - باتۇر تەڭرىقۇتنى ، ئۇغۇزخاننى ، مۇيۇنچۇرنى ، سولتان سۇتۇقنى كۆرگەندەك بولىمەن ! ...
بىز قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق . ھونگىرمۇ ، پولەكمۇ ئويغاندى . بوۋاي يېرىمداپ قالغان پوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ، ئۇنى تۆتكە بۆلۈپ تەڭ قىلىپ قۇيدى . بىز بوۋاي بىلەن خوشلىشىش ھارىقىنى ئىچىشتۇق . كۈلكە - چاقچاقلار بىلەن ئاخىر پويىزنىڭ ئۇلان ئۇدەگە يېتىپ كەلگىنىنىمۇ بىلمەي قاپتۇق .
بىز بوۋايغا ياردەملىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن پويىزدىن چۈشۈپ بىردەم پاراڭ سوقۇشتۇق . ئاخىرى گۈدۈك چېلىندى . بوۋاي ئۇچىمىزنى بىر - بىرلەپ سۆيۈپ چىقتى ۋە ھەر بىرىمىزنىڭ يەلكىسىگە تېخى مۇشتلىرى بىلەن نۇقۇدى . شۇنداق قىلىپ ، ئاخىرى بىلىملىك ، چىقىشقاق ۋاسلىي بوۋاي بىز بىلەن كۆز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى .
ئۈچىمىز بىر - بىرىمىزە قارىشىپ ئۈن - تىنسىز كارىۋاتلىرىمىزغا چىقىپ يېتىشتۇق . قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئويغانسام تاڭ يورۇپ ، ۋاگوندا يولۇچىلارنىڭ پاراڭلىرى ، رادىئودىن ناخشىلار ياڭراپ كېتىپتۇ . ئورنۇمتىن تۇردۇم - دە ، دېرىزىدىن سىرتقا نەزەر سالدىم . پاھ ! پويىز كاتتا بىر دەريانى بويلاپ كېتىۋېتىپتۇ . دەرھال يېنىمدا ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرىيدىغان كىچىك خەرىتىلەر توپلىمىنى ئېلىپ ، ئۇنىڭدىن بۇ دەريانىڭ ئىسمىنى تاپتىم . بۇ دەل ئاشۇ مەشھۇر ئانا دەريا - ئۇرخۇن دەرياسى ، كىتاپلاردىن تولا ئوقۇپ قەلبىم قېتىغا چوڭقۇر ئورنىشىپ كەتكەن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، جۈملىدىن ياۋروپا - ئاسىيانىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ئالەمشۇمۇل رول ئوينىغان ئۇيغۇر - تۈرك قەبىلىلىرىنى ھاياتلىق ۋە مەردلىك سۈيى بىلەن سۇغارغان ئۇلۇغ ئانا دەريا ئىدى ! مانا بۈگۈن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم . قىرغاقلىرى قويۇق ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلار بىلەن پۈركەلگەن دەريا ، سۈيىنىڭ شۇنچىلىك ئۇلۇغ بولۇشىغا باقماي تولىمۇ تېز ئاقاتتى . بەزى جايلىرى خېلى كەڭرى بولۇپ ، بەزى جايلىرى چوڭقۇر قايناملارنى شەكىللەندۈرگەنىدى . ئادەتتە بۇنداق جايلارنىڭ كەڭلىكى سەل تارراق بولسىمۇ ، لېكىن بىر خىل سىرلىق ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى . پويىز ئۇرخۇن بويىدا ئالاھەزەل ئىككى سائەتچە ماڭدى . پويىز خەنۇپقا قاراپ يۈرگەنسېرى دەريانىڭ ئېقىش دائىرىسىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى ، شۇنداقلا ئېقىش تېزلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن ئىدى . بارا - بارا ئورمانلار ۋە سۇ يۈزىگە ساڭگىلاپ چىلىشىپ تۇرغان چاتقاللار ئازىيىپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىز ، قويۇق ئۆسكەن ئوت - چوپلەر ئىگىلىدى . دېمەك ، دەريا ئەمدى بىپايان يايلاقنى ئىككىگە بۆلگەن ھالدا ئاقماقتا ئىدى . يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن توپ - توپ قوي پادىلىرى ، يوغان سېيىرلار ۋە يىلقىلارنىڭ دەريانىڭ بىر قانچە ئاراللارغا بۆلۈنگەن كەڭرى بىر جايىدا سۇ ئىچىۋاتقان مەنزىرىسى نامايەن بولدى . پاكار ئاتلار ئۈستىدىكى مۇڭغۇل مالچىلار قامچىلىرىنى ئاسمانغا شىلتىپ ، بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىشاتتى . بۇ يەردە ھېچقانداق بىر ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا ئائىت نەرسىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇ تاپتا بۇ مەنزىرىلەر كىشىنى يىراق قەدىمكى چاغلارغا ئېلىپ كېتەتتى .
مەن دېرىزە يېنىدىكى قاتلىما ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، ھاياجان بىلەن ئۇرخۇن ۋادىسىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتىمەن . پويىز تېز سۈرئەتتە ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە . پويىز چاقلىرىنىڭ رېلىسقا ئۇرۇلۇپ قاتتىق گۈپۈلدەشلىرىمۇ ھېچ قۇلىقۇمغا ئاڭلانمايتتى .
تۇيۇقسىز يادىمغا بىر ئۆي كېلىپ قالدى ، ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ ئانا سۈتىدەك پاك ئۇرخۇن سۈيىدىن بىر پۇتۇلكا قاچىلاپ ، ۋاسلىي بوۋاي بەرگەن بايقال سۈيى بىلەن بىرگە ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىش ئىدى . پويىزنىڭ ئۇرخۇن بويىدىكى بىرەر بېكەتتە توختىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىم . لېكىن ئۇرخۇن بويىدا بىرەرمۇ ۋوگزال يوق ئىكەن . دېمەك ئالدىمىزدىكى چوڭ ۋوگزال مۇڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور شەھىرى ئىدى . لېكىن ، يەنىلا ئەپسۇسلانمىدىم . چۈنكى ئۇرخۇن سۈيى ئاخىرقى ھېسابتا بەرىبىر بايقال كۆلىگە قۇيۇلاتتى . دېمەك بايقال سۈيى چوقۇم ئاشۇ ئۇرخۇن سۈيىدىن كۆپەيگەن ، بايقال سۈيى مەردلىك قەتىرلىرىنىڭ توپلىنىشى ئىدى .
پويىز ئۇلانباتۇر شەھىرىگە كېلىپ توختىدى . سوۋىت پاسۇنىدا سېلىنغان بىنالار بىلەن بېزىلىپ ، سوۋىت شەھەرلىرىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن دۇنيا بويىھە ئەڭ چوڭ يايلاق شەھىرىنىڭ بۇ ۋوگزالى كۆزگە تولىمۇ سۆرۈن كۆرۈنەتتى .
بۇ شەھەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن بىر خىل چۈشكۈنلۈك بىلەن غايىۋى مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى . بۇ يەردە يېرىم سەئەتتىن ئوشۇق توختىغاندىن كېيىن پويىز قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ ، بىپايان يايلاقلارنى ، ئىگىز تاغلارنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ، ئىككىنچى كۈنى چۈشتە بېيجىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، مەن ۋاسلىي بوۋاينىڭ بۇ يادىكار سۈيىنى بېيجىڭغىچە ، ئۈرۈمچىگىچە ئېلىپ كەلدىم ھەم دوستلىرىمغا ، ۋەتەنداشلىرىمغا ئىچكۈزدۈم . شانلىق تارىخنى ئەسلەپ ، قەھرىمان ئەجدادلارنى ياد ئېتىپ بۇ سۇنىڭ بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىدىن ئۇچتۇرپانغىچە بولغان سەپىرىمدە يوللارغا ، بىپايان ئېتىز - دالىلارغا ، تارىم دەرياسىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئاقسۇ ، توشقان دەريالىرىغا چېچىۋەتتىم
ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدىكى چۈشلۈك چاي
موسكۋانىڭ مەركىزىي كوچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋولگاگراد يولىدا پىكاپىڭىزنى سائىتىگە 80 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ھەيدەپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ ، تېكىستىلىشكىي ( توقۇمىچىلار ) مېتروسىغا يېقىن كەلگىنىڭىزدە ، يول بويىغا ئورنىتىلغان ئىگىز ئېلان تاختىسىغا كۆزىڭىز چۈشمەي قالمايدۇ . بۇ ئېلان تاختىسى يېنىدىن كۈنىگە نەچچە ئون مىڭلىغان ماشىنىلار ئۇچقاندەك ئۆتۈپ تۇرۇشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە يۈز مىڭلىغان كۆزلەر بۇ ئېلان تاختىسىغا تەڭلا تىكىلىدۇ ، مەن گېزىتلەردە نامىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بۇ ئېلان تاختىسى يېنىغا ئاخىرى يېتىپ كەلدىم . كۆز ئالدىمدا يوغان روسچە خۇشخەت بىلەن يېزىلغان < ئۇيغۇر _ خىلېب > دىگەن سۆز چاقناپ تۇراتتى . دېمەك ، مانا بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا خېلىلا مەشھۇر بولۇپ قالغان موسكۋادىكى ۋە پۈتكۈل روسىيىدىكى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، پۈتكۈل ياۋروپادىكى بىردىنبىر < ئۇيغۇر ناۋايخانىسى > نىڭ ئېلان تاختىسى بولۇپ ، مەن ئاشۇ ئېلان تاختىسىدا كۆرسىتىلگەن سىترېلكا بويىچە سول تەرەپكە ئالاھەزەل 2- 3 يۈز مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن ، كونا پاسۇندا سېلىنغان ئون قەۋەتلىك بىنانىڭ ئالدىغا كەلدىم . بۇ بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋەتلىرى ماگىزىن بولۇپ ، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى ئائىلىلىكلەر ئىدى ، مانا بۇ بىنانىڭ ئىككى قەۋىتى < ئۇيغۇر ناۋايخانىسى > غا تەۋە بولۇپ ، ماگىزىننىڭ ئىشىكى ئۈستىگە يوغان قىلىپ يېزىلغان < ئۇيغۇر - خىلېب > دىگەن سۆزلەرنى خېلى يىراقتىن تونۇۋېلىش مۇمكىن . مەزكۇر ناۋايخانا شۇ رايوندىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرنى كۈندىلىك نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيتتى . مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئۇرغۇۋاتقان ھۆرمەت ، سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ماگىزىن سىرتىدىكى ئاشۇ < ئۇيغۇر ناۋايخانىسى > دىگەن سۆزلەرگە تىكىلىپ خېلى ئۇزاق تۇردۇم . ماگىزىندىن سومكىلىرىغا نان قاچىلاپ ، كۈنسايىن شىددەت بىلەن ئۆسۈۋاتقان مال باھاسى ۋە ئۆزگىرىشچان ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ، روسىيە زۇڭتۇڭى يېلىتسىن ياكى زۇڭلى چېرنامىردىن ۋە ياكى ژېرونوۋسكىي قاتارلىقلار توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلغاچ ئۆيلىرىگە قايتىشقان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى . تۇيۇقسىز < ئوغلۇم ، نان ئېلىشىمغا ياردەم قىلىڭ > دىگەن تىترەك ئۆتۈنۈش ئوي - خىياللىرىمنى بۆلۈۋەتتى .
يېنىمدا نۇرسىز كۆزلىرى ياشاڭغىراپ تۇرغان ، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر موماي خرىستوسقا چوقۇنغان ھالدا ئۈمۈد بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى . يۈرىكىم < جىغغىدە > قىلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى . ئۇ ، شۇ تاپتا كۆزۈمگە روس موماي ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر مومايدەك كۆرۈنۈپ كەتتى ، ئۇ بىزنىڭ ئاشۇ قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر تىلەمچى مومايلىرىمىزغا بەكمۇ ئوخشايتتى . لېكىن ئۇلارنىڭ پەرقى ، بىرسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىنى تىلغا ئالسا ، يەنە بىرسى ھەزرىتى ئېيسانىڭ نامىنى تىلغا ئالاتتى . بىرسى ئالقىنىنى ئېچىپ دۇئا قىلسا ، يەنە بىرسى قولىنى ئىككى مۇرىسى ، پىشانىسى ۋە يۈرىكىگە ئاپىرىپ دۇئا قىلاتتى . مەن دەرھال يامچۇقۇمدىن ئون مىڭ رۇبلى ( بۇنىڭغا ئون نان كېلەتتى ) چىقىرىپ مومايغا بەردىم . موماي ماڭا قايتا - قايتىلاپ رەھمەت ئېيتىپ ، ئۆز ئادىتى بويىچە دۇئا قىلىپ ، ئاللادىن ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە باياشادچىلىق تىلىدى ھەمدە ماگىزىنغا كىرىپ كېتىپ ئىككى نان كۆتۈرۈپ چىقتى . ئۇ مېنىڭ تېخىچە ماگىزىن ئالدىدا تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ قورۇق باسقان چىرايىدىن كۈلكە يۈگۈرتكەن ھالدا ماڭا قاراپ :
ئاللا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ، _ دىدى .
توساتتىنلا كاللامغا بۇ موماي بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش خىيالى كىردى . مەن :
_ موما ، بۇ نان يېيىشلىكمۇ ؟ _ دەپ سورىدىم .
_ بەك يېيىشلىك ، بەك تەملىك ، مەن بۇ ناۋايخانىنىڭ نېنىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن ، _ دىدى موماي جاۋابەن .
_ ئۆيىڭىز مۇشۇ ئەتراپتىمۇ ؟ _ سورىدىم يەنە .
_ شۇنداق ، ئوغلۇم .
_ ئۇنداقتا ، سىز بۇ ناۋايخانىنىڭ نېنىنى يەۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ - دە .
_ ھەئە . ئىلگىرى بۇ ناۋايخانا باشقا نام بىلەن ئاتىلاتتى . نېنىنىڭ تەمىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ، نەچچە يىل بولدى ، ناۋايخانىنىڭ نامىمۇ ، نېنىنىڭ تەمىمۇ ئۆزگەردى ، مېنىڭچە ، بۇنىڭغا يېتىدىغان مەززىلىك ، يۇمشاق نان ھېچيەردە يوق ، _ دىدى موماي ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ .
_ ئۇنداقتا ، نىمىشقا < ئۇيغۇر - خىلېب > دەپ ئاتايدۇ . ئۇيغۇر دىگەن سۆز نىمە مەنىنى بىلدۈرۈدىكەن ، _ دەپ سورىدىم ئەتەي . مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ شۇنداق گەپ تەشكەنىدىم .
_ نىمە مەنىنى بىلدۈرەتتى ؟ ناننىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ ، _ دىدى موماي ئېرەنسىزلا .
تۇرۇپلا غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى . چۈنكى بۇ موماي مېنىڭ ئۇلۇغ مىللىتىمنى ھازىرغىچە يەيدىغان نەرسە دەپ بىلىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ ! لېكىن ، باشقىلار بىزنى بىلمىگىنى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ئاساسىم يوق . چۈنكى بىز ..... مەن ئالدىمدا مۇلايىم كۈلۈپ تۇرغان مومايغا سىنچىلاپ قارىدىم . نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇ بۇ يېمەكلىكنى يەپ ھايات كەچۈرگەن . بۇ يۇمشاق ، تەملىك نان ئۇنىڭغا ھايات لەززىتى بەرگەن ، ئۇنىڭ ئاجىز تېنىگە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلغانىدى . ئۇ قانداقلا بولمىسۇن < ئۇيغۇر > ناملىق بۇ ناننىڭ خاسىيىتىنى تولۇق بىلگەن . شۇڭا مەن يەنىلا مومايدىن سۆيۈندۈم ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقۇم كەلدى . لېكىن موماي ماڭا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىپ كېتىپ قالدى . ئەسلىدە رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىكى مەن ئىدىم . مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تاكى ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم . توساتتىن مېڭەمدە بىر خىيال ، ئاجايىپ بىر پىكىر ۋاللىدە پايدا بولدى . < دېمىسىمۇ بۇ ھەزرىتى ئېيسا مۇرىتلىرىغا ' بۇ مېنىڭ تېنىم ' دەپ ئۆلەشتۈرۈپ بەرگەن ناندەك ناھايىتى ئېسىل ، تەملىك ئەمەسمۇ ؟ >
مەن باش - ئايىغى يوق خىياللارغا چۆمگەن كاللامنى سىلكىۋېتىپ ماگىزىنغا كىردىم . 2 - قەۋەتتىكى ئىشخانىدا مېنى ئۇيغۇر ناۋايخانىسىنىڭ خوجايىنى _ موسكۋادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر يىگىتى نارىمان مۇھەممەت ئوغلى قۇچىقىنى ئېچىپ كۈتىۋالدى . كۆكۈش كۆزلۈك ، ئاق تەنلىك ، قاڭشارلىق ، يوغان چاسا يۈزلۈك ، گەۋدىلىك كەلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنى كۆرۈپ كۆز ئالدىمدا بىزنىڭ ئاشۇ باتۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ سىماسى پەيدا بولدى . ئۇ ، ئۇيغۇر تىلىنى ئانچە راۋان سۆزلىيەلمىسىمۇ ، لېكىن ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە تىرىشاتتى ۋە ئۇيغۇرچە قائىدە - يوسۇنلار بويىچە مۇئامىلە قىلاتتى .
__ سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىز مۇناسىۋىتى بىلەن مەن بۈگۈن ناۋايخانىمىزغا يەنە بىر قانچە موسكۋالىق مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قويغانىدىم . مانا ئۇلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بوپقالدى ، _ دىدى ئۇ سائىتىگە قاراپ .
دەل شۇ چاغدا < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم > دەپ سالام بەرگەن ھالدا 60 ياشلار چامىسىدىكى سالاپەتلىك بىر كىشى ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى . بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق .
__ بۇ كىشى ھۆرمەتلىك پروفېسسور تېلمان كەرىمبايىف ئاكىمىز بولىدۇ ، _ دەپ ماڭا ئۇنى تونۇشتۇردى نارىمان
مۇھەممەت ئوغلى ۋە ئارقىدىنلا مېنىمۇ پروفېسسورغا تونۇشتۇردى :
__ بۇياق ئۆتكەندە سىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن شىنجاڭلىق يىگىت نەبىجان بولىدۇ .
پروفېسسور مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ھاياجان بىلەن : < كەلگىنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ، بالام . سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خوشالمەن > دىدى .
بىز قىزغىن كەيپىياتتا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق . باشقا مېھمانلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ كېلىشتى . ئۆي ھەش - پەش دىگۈچە ئون نەچچە ئادەم ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە قىزىق چاقچاقلىرى بىلەن تولدى . مەن ئۆزۈمنى گويا ۋەتەندە __ ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ئۇيغۇر دۇنياسىدا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلدىم . ھەقىقەتەنمۇ يىراق چەت ئەل شەھەرلىرىدە بىر يەرگە يىغىلىپ مۇشۇنداق ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئېچىلىپ - يېيىلىپ كەڭ - كۇشادە پاراڭ سېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش كەم نېسىپ بولىدىغان غەنىيمەت پۇرسەت ھېسابلىناتتى . بۇ يالغۇز مەن ئۈچۈنلا ئەمەس ، بەلكى ئانا ۋەتەندىن ئايرىلغان پۈتكۈل مۇساپىرلار ئۈچۈن ئورتاق تويغۇ ئىدى . مەن ھەيران قالغان نەرسە شۇ بولدىكى ، بۈگۈن مەن بىلەن بىر داستىخانغا جەم بولغان بۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ نەچچىسى موسكۋادا تۇغۇلۈپ چوڭ بولغان ، ھەتتا نەچچىسىنىڭ ئانىسى روس ، بىر قانچىسىنىڭ موسكۋادا ياشاپ خىزمەت قىلغىنىغا 40 يىللاردىن ئاشقانىكەن ، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئانا تىلى _ ئۇيغۇر تىلىدا ياخشى سۆزلەيتتى ، ھەتتا بار ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە ، بىرمۇ روسچە سۆز ئارىلاشتۇرماسلىققا تىرىشاتتى . بىر قانچىسى ئۆزلىرىنىڭ كىچىكىدىنلا روس مەكتىپىدە ئوقۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنلا سۆزلىشىپ ۋە كېيىن موسكاۋادا ياشاپ يۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەش كۈچى ئاخىزلىشىپ قالغانلىقىنى ، سۆزلىگەندە قىينىلىۋاتقانلىقىنى ، بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ، ۋاقىت چىقىرىپ مەندىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئويلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشتى . مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم . ئۇلارنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم ....
مەن بۇنداق ئەھۋالنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتتىم ۋە ئاڭلىدىم . ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىرىنداشلىرىمىز دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىغا چېچىلىپ كەتكەنلىكى ھەممىگە ئايان . مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بولسۇن ، مەيلى تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ، گېرمانىيە ، ئاۋسترالىيە ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن ، بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىز ھەر قانچە باياشاد تۇرمۇش كەچۈرمىسۇن ئۇلارنىڭ كۆڭلى سۇنۇق . ئۇلارنىڭ قەلبى ھەر ۋاقىت - ھەر مىنۇت ۋەتەنسىزلىك ئازابى بىلەن ئۆرتىنىدۇ . ئۇلارنىڭ تۇرغان - پۈتكىنى ، ھەر بىر ھۈجەيرىسى < ۋەتەن > دىن ئىبارەت بىرلا مۇقەددەس ئۇقۇمغا مۇجەسسمەلەنگەن بولىدۇ . ئەنە شۇنداق سەۋەبلەردىن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇر ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر بۇلۇڭىغا بارسىڭىز بىرەر ئۇيغۇرنى ئۇچراتماي قالمايسىز . ئېنىقكى ، بۇ ئۇيغۇر ئۆز ئانا تىلىدا ئاددى بولسىمۇ سۆزلەيدۇ ياكى سۆزلەشكە تىرىشىدۇ . ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ئاغزى كېلىدىغانلىكى بالىلارنىڭ 12 مۇقام ۋە باشقا ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن دىققەت قىلىپ ئاڭلايدىغانلىقىنى كۆرىسىز . مەن ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋالنى ئۇچراتقىنىمدا دەرھال ئۈرۈمچى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ . ئەپتوبوسلاردا ، تىياتىرخانىلاردا ، يوللاردا ، قىسقىسى ، ھەممە سورۇنلاردا ھەر ۋاقىت ھېلىقى يېرىمى ئۇيغۇرچە ، يېرىمى خەنزۈچە ، ھېچبىر گرامماتىكىلىق ۋە فونىتىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان ، ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرۈدىغان ۋە ئېچىندۇرىدىغان جۈملىلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ، شۇ جۈملىلەرنىڭ ئىگىلىرىگە يىرگىنىش ۋە ئېچىنىش تۇيغۇسى بىلەن قارايمەن . ئۇلار ئۆزىچە كەلتە - كۆسەي خەنزۇچە سۆزلەپ ، خەنزۇچە ئىپادىلىيەلمىگەننى ئامالسىز ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ ، خۇددى خەنزۇ تىلىنى تولۇق بىلىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىپ كېرىلىپ يۈرۈشىدۇ . ھالبۇكى ، ئۇلار خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلگەن تەقدىردىمۇ يۇقىرىراق تەلەپ بىلەن ئېيتقاندا ، يالغۇز خەنزۇچىغا مۇكەممەل بولۇشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا كېرىلىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەسلىكىنى بىلمىسە كېرەك . بىزدە ئىشتىن سىرت ئىككى - ئۈچ خىل چەت ئەل تىلى ئۆگىنىپ بولۇپمۇ داۋراڭسىز يۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىز ئازمۇ ؟ ئەجىبا ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خەنزۈچىنى چالا - بۇلا سۆزلىگىنى ئۈچۈن قىلچە ئۇيالمىسا - ھە ؟ ئۆزىنى سۆيمىگەن ، ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشنى ، قەدىرلەشنى بىلمىگەن ئادەمنى ئۆزگىلەرمۇ ھەر قاچان ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلمايدۇ . ئۇنى پەقەت ئەخلەت - چاۋار قاتارىدىلا كۆرىدۇ ، خالاس .
ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بىر كۈنى ئۈرۈمچىدە كۆپ يىل تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن بىر چەت ئەللىك ئالىم ماڭا : < سىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدەك ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك ، چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ، شۇنداقلا خەلقئارادا ئەھمىيەتلىك ، يەنى ئىچكىرى جۇڭگودىن تارتىپ غەربتە تاكى ياۋروپاغىچە ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ، ئىدىل - ئورال ، شۇنداقلا كىچىك ئاسىيا ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە بولغان دائىرىدە زور ئىشلىتىش رولى بولغان ئۇنۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە تىل ئاز ئۇچرىسا كېرەك ، دەپ ئويلايمەن . مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىختىكى خەلقئارالىق ئورنى ۋە ئەھمىيىتى شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن . چۈنكى بۇ مەسىلە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشىنىدىغان ئادەملەرگە ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر قانداق بىر ئەزاسىغا ئايدىڭ مەسىلە دەپ ئويلايمەن . لېكىن بۇگۈنكى كۈندە شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى ، مەن ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممىلا سورۇنلىرىدا ئۆز تىلىنى بۇزۇۋاتقان ، ئۆز تىلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋاتقان ، ئۇنى خۇنۇكلەشتۇرۇۋاتقان < چالا ئۇيغۇر > لارنى بەك كۆپ ئۇچراتتىم ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىكىدىن ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇغان ، ئۇيغۇر تىلىدا ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن زىيالىيلار > دىگەنىدى .
دىمىسىمۇ ئېغىز تىلىنى قويۇپ تۇرۇپ ، يېزىق تىلىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان فىلىملەرگە ، ئەسەرلەرگە ۋە ھەر خىل يېڭى ئاتالغۇلارغا قارايدىغان بولساق ، ئەھۋال ئانچە پەرقلەنمەيدۇ . تەرجىمانلىرىمىز ، يازغۇچىلىرىمىزمۇ ئەرەب ، پارس تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىشلەتسە ، ئەسىرى پاساھەتلىك چىققاندەك ھېس قىلىشىدۇ . ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزبېك ، قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەردەك بولالمايۋاتىدۇ . ئالايلۇق ، بىز ھاۋارايىدىن مەلۇمات بەرگەندە نۆلدىن تۆۋەن مانچە گىرادۇس ، بۆلدىن يۇقىرى مانچە گرادۇس دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىمىز . قازاقلار بولسا ، < تۆلدىن تۆۋەن ، بۆلدىن يۇقىرى > دىگەندەك مىنوس ، پىلۇس ( مەنپىي ۋە مۇسبەت ) تىن تەركىپ تاپقان ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىنى چىقىرىپ تاشلاپ ، < بۈگۈن مانچە گرادۇس ئىسسىق بولىدۇ ياكى مانچە گرادۇس سوغۇق بولىدۇ > دىگەندەك ئاممىباپ ، چۈشىنىشلىك ، جانلىق ئالىدۇ . مېنىڭچە ، يېڭى كىرگەن سۆزلەرنى مانا شۇنداق جانلىق ، ئېغىز تىلىغا يېقىن ئېلىش كېرەك . چۈنكى خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى يېزا - قىشلاقلاردىكى دېھقانلار ، ئۇلارغا بۇنداق مۈجىمەل تۇيۇلىدىغان ئىلمىي ئاتالغۇلار ئانچە ياقمايدۇ . بۇنداق سۆزلەر خۇددى < يولداش > دىگەن بەزى تېڭىلغان سۆزلەردەكلا تىلىمىزغا ھەقىقىي ئۆزلەشمەيدۇ .
يەنە ئالايلۇق ، قازاقلار تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى ئىخچام ، ئوبرازلىق قىلىپ : < كۆرۈرمەنلەر > دەپ ئىشلىتىدۇ . بىز بولساق < تاماشىبىنلار ياكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر > دېگەندەك قولايسىز ئاتالغۇ بىلەن ئىستىمال قىلىمىز ، قازاقلار كىتاب ئوقۇغۇچىلارنى < ئوقۇرمەن > دەپ ئىشلەتسە ، بىز < كىتابخان > دەپ ئالىمىز ( گەرچە بەزىلەر < ئوقۇرمەن > سۆزىنى تېخى يېقىندىلا ئاندا - ساندا ئىشلىتىپ يۈرگەن بولسىمۇ ) ، بۇنداق مىساللار تالاي .
يەنە بەزى تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئۆلۈك - جانسىز تەرجىمىلىرىمۇ يېزىق تىلىمىزنى بۇزۇۋاتىدۇ . مەن يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈۋېتىپ ، ئۇنىڭدا ، بىر نەچچە دوستلىرىنى تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاتقا مىنىپ دەرھال قېچىشقا دەۋەت قىلغاندا : < ئاتقا چىقايلى ! > دىگەن گەپنى ئاڭلىدىم . بىر تۈرۈپ كۈلگۈم ، بىر تۇرۇپ ئېچىنغۇم كەلدى . بەلكىم ئۇيغۇر ئەمەس ، ھەتتا خەنزۈچىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان خەنزۈ تەرجىمانمۇ بۇنداق سۆزلىمەس بولغىيدى .
ئۆز مىللىتىنى سۆيگەن كىشى ئانا تىلىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدۇ ، قەدىرلەيدۇ ، ئۇنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن كۈرىشىدۇ . موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە شۇنداق ، ئۆز ئانا تىلىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ . لېكىن يۇرتىمىزدىكى خېلى كۆپ ئۇيغۇر قىزلىرى ھېچ ھاجەتسىزلا ئۆز تىلىنى باشقا تىللار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇزۇپ سۆزلەيدۇ. ئۇلار ئاشۇنداق ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگەندە خەنزۈلار مېيىقىدا مەسخىرىلىك كۈلىشىدۇ . مېنىڭچە ، بۇ ئۆز قەدىر - قىممىتىنى ، ئىززەت - غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىق . مەن بەش يىل مابەينىدە نۇرغۇن دۆلەتلەردە بولدۇم ، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم . بۇنداق ئۆز ئانا تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان ئەھۋاللار پەقەت بىزنىڭ شىنجاڭدىلا مەۋجۇد ئىكەن . ئەگەر بىز ئۆز تىلىمىزنى ئاسرىمىساق دىلىمىزنى ، روھىمىزنى ئاسرىيالمايمىز . بىر مىللەتنىڭ راۋاجلانغان ئەدەبىي ۋە ئاغزاكى تىلى ، ئۇرتاق ئېتىقاد ۋە ئۆزىگە خاس مىللىي روھى ، خاراكتېرى بولۇشى كېرەك . بۇ بىزدە مەۋجۇد بولسىمۇ ، لېكىن بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن . مېنىڭچە ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە .
سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ۋە روسىيىدىكى شۇنچە كۆپ مىللەتلەرنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇلار روس تىلى ۋە روس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ھەم بېسىمى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ياشاپمۇ يەنىلا ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتىمىغان . ئېيتايلۇق ، قازاق ، تاجىك ، قىرغىز ، ئۆزبېك ، تاتار ، باشقىرت ، قۇمۇق ، چېچەن ، چېركەس ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى ئۆز ئارا بىر - بىرى بىلەن ياكى تولوق ئانا تىلىدا ياكى تولۇق روس تىلىدا سۆزلىشىدۇ . ئۇتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ شۇنداق . ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىشى %98 نى ، تۈركمەن ۋە تاجىكلارنىڭ %99 ؛ قىرغىز قازاقلارنىڭ بۇنىڭدىن سەل تۆۋەنرەك ئىكەن . ئەگەر بالىلار كىچىكىدىنلا روس تىلىدا ئوقۇغان بولسا ئامال يوق ، ئۇلار چوقۇم روس تىلىدا سۆزلەشمەي مۇمكىن ئەمەس . بىراق ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى ھامان ئىگىلىۋالالايدۇ . بىزدەك ئىككى تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمەيدۇ . ئەلۋەتتە ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر ۋە تىل شارائىتى بىزگە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ ، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان .
قىسقىسى ، ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەش ، بەشقا تىللاردىن قانداق پايدىلىنىش بىر ئادەمنىڭ مىللىي ئەخلاقى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىگە باغلىق ، ئۆز خەلقىنىڭ ئۆتمۇشى ، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئونتۇغان ، يۈرىكىدە ئەجدادلىرىنىڭ شانلىق ئەسلىمىلىرى قالمىغان ئادەم مەنىۋى گادايلىققا ، مەنىۋى ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر . ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز خەلقىنى ، ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشى تەبىئىي ، چۈنكى بۇنداق سۆيگۈ ھەر بىر ئىنساننىڭ تومۇرلىرىدىكى ئىسسىق قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان . بىر مىللەتكە نىسبەتەن تىل يالغۇزلا يېزىق تىلى ۋە ئېغىز تىلى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . ئىنچىكىلەپ كۆزەتكەندە ، مىللەتنىڭ تاشقى تىلى ۋە ئىچكى تىلىمۇ مەۋجۇد ، بەلكى بۇلار مۇھىم تەرەپ ، تاشقى تىل - تارىخىي شەخسىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ، تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن يېزىلغان بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمىي تارىخىي ، مىللەتنىڭ ئىچكى تىلى - شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى - ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس يوشۇرۇن ئىستىكى - روھىي تارىخىي ، مىللەتنىڭ تاشقى تىلى تارىخ بىلەن ، ئىچكى تىلى سەنئەت بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ ، شۇڭا ، ھەر بىر شەخس ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ مىللىي تىلى ئۈچۈن كۈرەشكۈچى ۋە تۆھپە ياراتقۇچى .
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ھەممىلا ئۇيغۇر بىلگەندەك ، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ قەدىمىي تىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىق ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىش كېرەك . ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىلىك ، تېكستولوگىيىلىك ۋە تارىخشۇناسلىق تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە دۇنيادا قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئېلىپبەلىك يېزىق قوللىنىلغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە < قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى > دا ئەجدادلىرىمىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ يېزىلغانلىقى ، ئۇيغۇر يېزىقى ، ئۇيغۇر تىلى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە خەلقئارالىق يېزىق ۋە تىل سۈپىتىدە شەرقتە ئىچكى جۇڭگودىن تارتىپ غەرپتە ياۋروپاغىچە ، جەنۇپتا مىسىرغىچە قوللىنىلغانلىقى ئىسپاتلاندى . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان قوليازمىلار ۋە ھۆججەتلەر پارچىلىرى چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە ساقلانماقتا . روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنىڭ سانكىت - پېتربورگ شۆبىسى مەخسۇس تەسىس قىلغان دۇنيادىكى قەدىمكى قوليازمىلار فوندىنىڭ بىرسى < قەدىمكى ئۇيغۇر قوليازمىلىرى فوندى > بولۇپ ، بۇ فوندىدا روس شەرقشۇناسلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئولدېنبورگ ، گىرانكوف ، مالوف قاتارلىقلار تەرىپىدىن تېپىلغان ۋە توپلانغان 4228 پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار ۋە قوليازما پارچىلىرى ساقلانماقتا . بېرلىن شەھىرىدە ، گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرى گىرۇنۋېدىل بىلەن لېكوك تەرىپىدىن 1902 _ 1914 - يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان تۆت قېتىملىق تۇرپان ئېكىسپىدىتسىيىسى نەتىجىسىدە توپلانغان 8 مىڭ پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما ۋە قوليازما پارچىلىرى ساقلانماقتا . يەنە لوندوندىكى ئۇلۇغ بېرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ئاۋرېل سىتېيىن تەرىپىدىن توپلانغان كۆپ ھەجىمدىكى قەدىمكىي ئۇيغۇر قوليازمىلىرى ساقلانماقتا . بۇ قوليازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلام شارائىتىدا ، شىنجاڭ ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئىدىل - ئورال ، ئىران قاتارلىق جايلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بىلەن يېزىلغان ( مىلادى 11 - 15 - ئەسىرلەرگىچە ) قوليازمىلار ياۋروپادىكى بىر قانچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۈتۈپخانىلىرى ۋە مۇزىيلىرىدا ساقلانماقتا . يۇقىرىدىكى قوليازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇچۇ ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدە يېزىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ خەلقئارالىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارنىڭ بىرىنچى ئۇستازى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان . مۇڭغۇل شاھزادىلىرىنىڭ ، بەگلىرىنىڭ ئوقۇش ، يېزىش ۋە باشقا مەمۇرىي ، ئىقتىسادىي ، ھەربىي باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە رول ئوينىغانلىقى ، جۈملىدىن مۇڭغۇللارغا يېزىق ئىجاد قىلىپ بەرگەنلىكى دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تارىخىي پاكىت . ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇللارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ھەمدە مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەتىۋارلاپ ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا قويۇشى ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىي ، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەلۋەتتە . تاتاتۇڭا ، قارابۇقا ، مۆڭگۈز ، شىبان ، ئانىزاڭ ، ئوردوتېگىن ، ئارغۇن سالى قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار چىنگىزخاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئوت چىگىن ، چىنگىز ئۇغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ يېنىدا كاتىبلىق ، تەرجىمانلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان ھەم ئۇلارغا ئۇستاز بولۇپ ئىلىم ئۆگەتكەن .
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ، خەنلىن ئاكادېمىيىسىنىڭ 47 نەپەر ئۇيغۇر ئەزاسى بولغان . كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرى ، شائىرلىرى ، تەرجىمانلىرى ، تېلشۇناسلىرى ، تىۋىبلىرى ، شۇنداقلا سانغۇنلىرى يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان . كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار يۈەن ئوردىسىدا ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن سىرت جاي - جايلارغا دارىخاچ ۋالىي قىلىپ ئەۋەتىلگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۆھپىسىنى نەزەرگە ئېلىپ ، يۈەن دەۋرىدىكى مۇڭغۇللار تەبىقە ئايرىغاندا ئۇيغۇرلارنى مۇڭغۇللاردىن قالسا 2 - دەرىجىلىك ئىمتىيازلىق مىللەت قاتارىدا كۆرگەن . سۈي - تاڭ دەۋرى ، بولۇپمۇ يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغانىدى .
ئۇيغۇرلار چىنگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن ھىلاكوخاننىڭ ئىراندىكى ھۆكۈمرانلىقى ، باتۇنىڭ ئالتۇن ئوردا خاندانلىقى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ھاكىمىيەتلىرىدىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت يېزىقى ۋە مەمۇرىي تىل تەرىقىسىدە قوللىنىلدى . ئومۇمەن ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى پۈتكۈل مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە مۇھىم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رول ئوينىدى . شۇنداقلا ، مۇڭغۇل خاندانلىقلىرى بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ئىشلىرىدا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىدى . بۇ ھەقتە غەربىي ياۋروپالىق ساياھەتچى ۋىلگىلىم دى روبروك ، ئىرانلىق جۈۋەينى ، رەشىدىددىن قاتارلىقلار ناھايىتى ياخشى مەلۇمات بېرىدۇ . ئىران تارىخچىسى جۈۋەينىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، مۇڭغۇللار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قاراپ ، بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان . ئىلىخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئىلىخانلار دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان ھەتتا ئەينى دەۋردە ئىلىم - پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان خۇراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن .
رەشىدىددىننىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، ھىندىستان ۋە خۇراسانلاردىمۇ ئەمىر - پەرمانلار ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بىلەن چۈشۈرۈلگەنىكەن . تۈرك تارىخچىسى زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ قارىشىچە ، ھىلاكوخان ھازىرقى تۈركىيىدىكى كونىيە قاتارلىق جايلارغا تۇللۇك باقشى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشىنى ئەۋەتىپ ، بۇ جاينىڭ باش ۋالىسى قىلغان . بۇ جايلارغا ئىلىخانلاردىن مەلىكشاھ ۋالىي بولغاندا كۆپلىگەن تۇرپانلىق ئۇيغۇرلار ( ئەينى ۋاقىتتا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ) ۋە قەشقەرلىك ، كۇچالىق ، خوتەنلىكلەر ( ئەينى يىللاردا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلار ) كونىيە ۋە ئىگدى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ يەرلىكلەشكەن . ئىلىخانلاردىن ئەبۇسەئىد زامانىدا ئۇيغۇر ئەرتەنەبەگ پۈتكۈل ئاناتولىغا باش ۋالىيلىققا تەيىنلەنگەن ، قىسقىسى ، ئاناتولى ، ئەزەربەيجانلاردا ئۇيغۇر تىلى كەڭ - كۆلەمدە قوللىنىلغان . ئومۇمەن ئىلىخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ تەسىرى مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى . ھەتتا ئىلىخانلارنىڭ ئارغۇن خانى فرانسوز كارولى فىلىب IV كە ئەۋەتكەن دۆلەت خېتىنى مۇڭغۇل تىلىدا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يازغانىدى . قىسقىسى ، ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە دۇنيادا ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان چوڭ تىل - يېزىقلارنىڭ بىرى ئىدى . ئەگەر بىز بۇ ھەقتە سۆزلەپ كەلسەك تالاي پاكىتلارنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن .
موسكۋادىكى ئۇيغۇر ناۋايخانىسىغا يىغىلغان بۇ ئۇيغۇرلانىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى يەنىلا ئانا ۋەتەن مۇھەببىتى بىلەن سۇغۇرۇلغاچقا ، ھەممىنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى . چۈنكى ئانا ۋەتەن توپىسىنىڭ ھىدى ۋۇجۇدۇم ۋە جىسمىمدىن مانا مەن دەپ پۇراپ تۇراتتى .
__ سىزنى يەنە بىر سۆيۈپ قوياي ، _ دىدى پروفېسسور ، دوكتور تېلمان كەرىمبايىف ئاكا ، _ سىزنى سۆيسەم ئەشۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمنى سۆيگەندەك بولىمەن . چۈنكى سىز شۇلارنىڭ ۋەكىلىسىز . مەن ئەنجان شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان . دادام شۇ ئۇلۇغ قەشقەردىن چىققان . ۋەتەن تۈپرىقىنى كۆرگىنىم يوق ، لېكىن قان - قېتىمدا بىرلا نەرسە يەنى دادامنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ، مۇھىمى ئۇنى بىر كۆرۈش ، شۇ مۇقەددەس تۇپراقنى تۇتىيادىنمۇ ئەزىز بىلىپ كۆزۈمگە بىر سۈرتۈش ئارزۇسى بار . مېنى تەتقىقات ئىنىستىتوتىمىزدىكى ۋە پۈتكۈل ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ھەممە ئالىملىرىمىز ياخشى بىلىدۇ . ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنى مەن ئارقىلىق تونۇيدۇ . 40 يىل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە روسىيە ئۈچۈن ئىشلىدىم . 20 نەپەردىن ئارتۇق دوكتور ۋە كاندىدات دوكتۇر تەربىيىلىدىم ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن روسلار . نۇرغۇن خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشتىم ، ھازىرمۇ قول ئاستىمدا 200 نەپەردىن ئارتۇق ئالىم ئىشلەيدۇ ، مۇنداقچە ئېيتساق ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ، روسىيىنىڭ ئالەم كېمىسى مەنسىز ئاسمانغا چىقمىغان ، ئامېرىكا ، فرانسىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەت مېنى يۇقىرى مائاش بىلەن ھەمكارلىققا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ . لېكىن بىرلا نەرسىگە ئېچىنىمەن ، تا ھازىرغىچە ئانا ۋەتەن ئۈچۈن بىرەر ئۇيغۇر بالىسىنى تەربىيىلەپ ، ئۇنى ئالەم تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى قىلىپ يېتىشتۈرەلمىدىم . ئەلۋەتتە ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىمۇ بۇنداق تېخنىكىغا ئوبدان ئىشلەيدۇ . ھازىرغىچە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ كەسپى بويىچە ئونغا يېقىن ئۇيغۇر ئالىمى تەربىيىلىنىپ چىقتى . ھازىر مەن بىلەن بىرگە دوكتور كامىلجان كەرىمبايىف ، يەنى مېنىڭ چوڭ ئىنىم بىرگە ئىشلەيدۇ ، ئىنىم بىلەن ئىككىمىز - موسكۋادىكى بىر مەركەزدە ئىككى ئۇيغۇر ئالىم ئىشلەۋاتىمىز . ھەي ئېسىت ، تارىخچى بولماي تەبىئىي پەن مۇتەخەسسىسى بولغان بولسىڭىز ، سىزنى مەن ئۆزەملا تەربىيىلىگەن بولاتتىم ، _ دىدى .
نارىمان مۇھەممەت ئوغلى قائىدە بويىچە مېھمانلارنى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇپ چىقتى ۋە بۇ سورۇننى < چۈشلۈك چاي زىياپىتى > دەپ ئاتىدى . تونۇشتۇرۇشتىن قارىغاندا ، ئۇ ، بۇ يەرگە موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، پەقەت ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان ۋە دائىملىق مۇناسىۋەت قىلىدىغانلاردىنلا ئاشۇ 15 كە يېقىن ئادەمنى يىغقانلىقىنى ئېيتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىملار بولۇپ ، ھەر قايسىسى ئۆز تەتقىقات ئورۇنلىرىدا بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوكتور ۋە كاندىدات دوكتورلار بولۇپ ، بىر قانچىسى پروفىسسور ۋە دوتسېنت ئىدى . نارىمان يەنە بۈگۈنكى چايغا موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتى ئاتوم يادرو تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مودىرى ، فىزىكا پەنلىرى دوكتورى ئالېكساندىر رەخىموفنى ۋە باشقا يەنە موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدىغان ئىككى ئۇيغۇر پروفېسسورنىمۇ تەكلىپ قىلغانلىقىنى ، ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ بەك ئالدىراش ئىشى چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى .
سۆھبەتلەر ئارىسىدا نارىمان مۇھەممەتنىڭ ئايالى گۈلبەھرەم ئۆيدە تەييارلىغان لەغمەن ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئەكىلىپ داستىخان راسلىدى . توققۇز ياشلىق قىزى ئىسكىرىپكا بىلەن بىر قانچە ئۇيغۇرچە مۇزىكا ئورۇنداپ بەردى . ئۇماققىنە كەلگەن بۇ قاراقۇمچاق قىز موسكۋا شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ رويال چېلىش مۇسابىقىسىدە ئۆزى ئىشلىگەن مۇزىكىسىنى ئورۇنداپ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى . موسكۋا تېلېۋىزىيىسى بۇ قىز ۋە بىر قانچە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مەخسۇس كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئويۇشتۇرغان ھەم بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بەرگەن . شۇنداق قىلىپ ، < ئۇيغۇر ناۋايخانىسى > دىكى بۇ چۈشلۈك چاي ئاخىرىدا مەشرەپ تۈسىگە ئايلىنىپ ، بىر قانچە بوتۇلكىلارمۇ بىكار بولدى ، كەيپىيات تېخىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى . ئاخىرىدا ھەر بىر ئادەم بىر قەدەھتىن كۆتۈرۈپ قىزىقچىلىق ۋە ياكى بىرەر شىئېر دېكلاماتسىيە قىلىشتى . جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ، پروفېسسور ئابلەھەت قاھاروف قەدەھ سۆزى سۆزلەپ ، موسكۋادىكى ئويغۇرلارغا ۋەكالىتەن شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىغا ، شۇنداقلا ماڭا بەخت ۋە ئۇتۇق تىلىدى ، ئاندىن ئۇ شۇنداق دىدى :
__ موسكۋادا ياشايدىغان ، ھازىرچە ئېنىق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسەن مىڭ ئائىلە دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان بۇ يەرگە كېلىپ ، مۇشۇ يەردە ئوقۇپ ، ئالاھىدە نەتىجە ياراتقانلىرى ، قىسقىسى ، تاللانغان - سەرخىللىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇلارنىڭ تەركىبى ھەر خىل ، يەنى ئاتاقلىق يازغۇچىلار ، رەسساملار ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ئالىملىرى ، ئارتىسلار ، شۇنداقلا زۇۋۇت - كارخانا باشلىقلىرى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي - مەمۇرىي ئورگانلىرى خادىملىرى ، شەخسىي شىركەت ئىگىلىرى ۋە تېخنىك ئىشچىلار ، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا ، موسكۋا ، سانكىت - پېتربورگنىڭ ھەر قايسى ئىلىم ئورونلىرىدا 80 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئالىم ( پروفېسسور ، دوتسېنت ، دوكتور ، كاندىدات دوكتورلار ) ئىشلەيدۇ . بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ھەتتا خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار . بۇلاردىن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئالىم نوبېل مۇكاپاتى لائۇرىياتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن . ئەزىز دۇگاشىف ، مۇرات ناسىروف قاتارلىق ئارتىسلىرىمىز ، سەنئەتكەرلىرىمىز موسكۋا ، مانكىت - پېتربورگ جۈملىدىن پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى سەنئەت مۇخلىسلىرىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى . مۇرات ناسىروف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە روسىيە بويىچە بىر قانچە قېتىم 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا سازاۋەر بولدى . ھازىر ئۇنىڭ ناخشا - مۇزىكا ئەترىتى - < يېڭى پورت > موسكۋادا خېلى داڭ چىقارغان بولۇپ ، مۇرات ناسىروف ئالدىنقى قاتاردىكى ناخشىلار سېپىگە ئۆتتى . سپارتاك ئەخمىتوف قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى موسكۋا ئوقۇرمەنلىرىگە يېقىندىن تونۇشلۇق . قىسقىسى ، موسكۋا ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن جامائەتنى قايىل قىلدى . ئەپسۇسكى سانسىزلىغان روسلار بىز ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدۇ . ئاز ساندىكى بىلگەنلىرى بولسا بىزنى ئىنتايىن ئۇلۇغ ، ئىلغار ، ئەقىل - پاراسەتلىك مىللەت دەپ چۈشىنىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى موسكۋادا ياشىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز غورۇرى ۋە ئابرويىنى قاتتىق قوغدىغانلىقىدا بولسا كېرەك .....
پروفېسسور ئابلەھەت قاھاروف سۆزىنى ئەمدىلا توختىتىشىغا ئىشىك چېكىلدى .
نارىمان مۇھەممەت ئوغلى بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋىدى ، < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم > دېگىنىچە ئاۋىئاتسىيە خادىمى فورمىسىنى كىيگەن بىر كىشى كىرىپ كەلدى .
__ مانا ، مانا ، ئاخىرى كەلدى ، __ دىدى نارىمان خوشاللىق بىلەن ، _ سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇ ياق ئابلىكىم بولىدۇ . قازاقىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ داڭلىق ئۇچقۇچىسى ، يەنى ئايروپىلان باشلىقى .
ئوتتۇرا بويلۇق بۇ ئادەم يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭغا قەدەھ سۆزى بېرىلدى . ئۇ ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ، ھازىرلا ئالما - ئاتادىن ئۇچۇپ كەلگەنلىكى ، بۇگۈن بىر كۈن دەم ئېلىپ ، ئەتە يەنە ئۇچىدىغانلىقى ، ئۆزىنىڭ بۇ سورۇنغا ئۈلگۈرۈپ كەلگىنىگە ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىدى .
ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ بىلەن خېلى چىقىشىپ قالدۇق . ئۇ ، پاراڭ ئارىلىقىدا ماڭا قازاقىستان ئاۋىئاتسىيىسىدە ئون نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ، 20 دەك كۈتكۈچى قىزنىڭ بارلىقىنى ، ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئايروپىلان باشلىقى ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى سوۋىت ئارمىيىسىدە قىرغۇچى ئايروپىلان ھەيدەپ ، كېيىن كەسپ ئالماشقانلىقىنى ، ھازىر ئىل _ 86 ، تۇ _ 154 تىپلىق ئايروپىلانلارنى ھەيدەيدىغانلىقىنى ، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيىسىدىمۇ ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ۋە كۈتكۈچى قىزلارنىڭ ، شۇنداقلا تېخنىك خادىملارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى . مەن ئويلىنىپ قالدىم . پروفېسسور ، دوكتور ئالېكساندىر رەخىموف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە بۈگۈنكى روسىيىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاتوم يادرو تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ ، موسكۋا ئونۋېرسىتېتى ئاتوم يادرو تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى بوپتۇ . ئۇ ، قول ئاستىدىكى نەچچە يۈزلىگەن كۈچلۈك ئالىملارغا ، روسىيە ئاتوم يادرو تەتقىقات ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ . پروفېسسور ، دوكتور تېلىمان كەرىمبايىف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ( ھەم بۈگۈنكى روسىيە ) ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ، 200 دەك ئالىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، ئالەم كېمىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ ، پروفېسسور ، دوكتور دەمىر ساتتاروف سانكىت - پېتىربورگدىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ئوپتىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ، بۇ ساھەدە پۈتكۈل سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ داڭلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ ئالىي ھۆرمەتكە سازاۋەت بولۇپتۇ . دوتسېنت ، دوكتور قەھرىمان نامېشىف موسكۋادىكى روسىيە ئوپتىكا تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا بۆلۈم باشلىقى ھەم لابۇرانت بولۇپ ئىشلەپ ، بۇ ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موسكۋا قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتور م . روزىن ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ماتېماتىكا تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ، پىروفېسسور ، دوكتور ناتالىيە تۇرسۇن قىزى ، ئېلېكترونلۇق مېڭە تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ، پروفېسسور پولات ئاخمېتوف ، تېمريازىف نامىدىكى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي خادىملىرى _ دوتسېنت ، دوكتورلار ، ئاكا - سىڭىل شۆھرەت مۇتەللىپوف بىلەن مارىيە مۇتەللىپ قىزى ھەم ئاكادېمىيىنىڭ يەنە بىر ئالىمى ، دوكتور شەۋكەت ۋە مېدىتسىنا پەنلەر دوكتورى ، پروفېسسور بۇرھان شۇنداقلا باشقا نۇرغۇنلىغان ئىستېداتلىق ئالىملار يېتىشىپ چىقىپتۇ . ئاتاقلىق دىرىژور ، پروفېسسور ئەزىز دۇگاشىف دۇنياغا داڭلىق ئاشۇ < بالىشۈي تىياتىر > ( چوڭ تىياتىر ) دا ئىشلەپ ، بۇ تىياتىر سەھنىسىدە ياۋروپا كلاسسىك مۇزىكىلىرىغا ، سىمفونىيىلىرىگە دىرىژورلۇق قىلىپ ، پۈتكۈل سوۋىت ئىتتىپاقىنى قايىل قىلىپ ، بەش ئىتتىپاقداش جۇمھۈرىيەتنىڭ < خەلق ئارتىسى > دىگەن نامغا سازاۋەر بولۇپتۇ . مۇرات ناسىروف پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە داڭقى كەتكەن ناخشىچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ . سانكىت - پېتىربورگدا ياش رەسسام ئازات مۇھەممىدوف سەنئەت مۇخلىسلىرىنى قايىل قىلىپ ، ئۇيغۇر مىللىتىنى يىراق - يىراقلارغا تونۇتالاپتۇ . قىرغىزىستانلىق ئايتۇرغان تۆمۈر قىزى پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا داڭقى كەتكەن كىنو چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ ، 20 دىن ئارتۇق فىلىمدە باش رول ئېلىپ ، دۆلەتنىڭ كىنو مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولۇپتۇ . مەشھۇر كومپۇزىتور ، پروفېسسور قۇددۇس غۇجاميارۇف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە دۇنياغا داڭلىق كومپوزىتور بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ ھەمدە < سوۋىت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى > نامىغا سازاۋەر بولۇپتۇ . ھەتتا ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت موسكۋادىكى چوڭ تىياتىردا مەخسۇس ئۇنىڭ مۇزىكا -سىمفونىيىلىرىنى ئورۇندىتىپ تەبرىكلەپتۇ . ئەگەر بىز ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم - پەن ، مەدەنىيەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نەقىل كەلتۈرسەك ، مەخسۇس توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ يەردە پەقەت سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا داڭقى كەتكەن بىر قانچە ئالىملارنىلا مىسال قىلدۇق ، خالاس . پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئالىمى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى بويىچە ئاكادېمىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن . مەسىلەن ، قىرغىزىستانلىق ئەزىز نارىنبايىف ، قازاقىستانلىق خوجائەخمەت سەيدىۋاققاسوف ۋە مۇرات ھەمرايوف ؛ تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىمۇ ئۈچ نەپەر ئالىم شۇ دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن . بۇلاردىن باشقا يەنە كۆپلىگەن پروفېسسورلار ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە سابىق س س س ر دا زور ئابرويغا ئېرىشكەن . 60 نەپەردىن ئارتۇق ئارتىس ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ < خەلق ئارتىسى > ، < خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس > نامىغا سازاۋەر بولغان . 20 نەپەردىن ئارتۇق رەسسام بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتلىرىغا ۋە پەخرىي ناملىرىغا سازاۋەر بولغان . سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىدىن سوۋىت ئارمىيىسى ھاۋا ، تانكا ، قۇرۇقلۇق ، ئىچكى ئىشلار تارماقلىرى بويىچە گېنېرال ، پولكوۋنىك ، پودپولكوۋنىك ، مايۇر قاتارلىق يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكى ئوفېتسېرلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان . ئەلۋەتتە ، بۇ يەردە تۈركىيە ، گېرمانىيە ، ئامېرىكا ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىستېداتلىق ئۇيغۇر كىشىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بولالمايمىز .....
پەقەت ئۆز - ئۆزەمگە سۇئال قويغۇم كېلىدۇ : بىز ئۇيغۇرلار راستىنلا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالمامدۇق ؟ قالاقلىق ، قاششاقلىق بىزگە ئاللا تەرىپىدىن بەخش ئېتىلگەنمۇ ؟ شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى ، ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىلغار ئىنسانلار توپىدىن قېلىشمايدۇ . ئۇلار باشقا ئىنسانلارغا تامامەن ئوخشاش . ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆتمۈش زاماندىكىدەكلا ھەسسە قوشۇش ۋە يېڭىدىن يېڭى شانلىق تارىخ يارىتىشقا ھەقلىق ، بۇ تامامەن ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئۆزىنى تەرەققىياتقا ئالغا كەتكەن ئىلغار مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇش روھىلا كېرەك ، خالاس . ئادەم ھەممىگە قادىر ، دېمەك ئادەم شارائىتنى يارىتىدۇ . ئۆزى نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانىڭ ساپ بولۇش - بولماسلىقى يەنىلا ئادەمگە باغلىق ، ئىرادىسىز - قۇرقۇنچاق ئادەملەرگە ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئىرادىسىز خەلققە ھېچقاچان بەخت يار بولمايدۇ .
< ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدىكى چۈشلۈك چاي > مەن ئۈچۈن قانچىلىك زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يېزىپ ئولتۇرمايمەن . مېنىڭچە ، بۇ ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە ئايان ، دېمەكچىمەنكى ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىمۇ ھازىرقى زامان ئىلىم - پەنىنىڭ ئەڭ ئىلغار ، ئەڭ يېڭى تەپەككۇرىنىڭ ئىگىلىرى بار بولسىمۇ ، ئەمما تالايلىغان ئەدەملىرىمىز تېخىچە قالاق تەپەككۇر دۇنياسىدا ياشاۋاتىدۇ . ئوتتۇرا ئەسىر ئېڭى ۋە ياشاش ئۇسۇلى تېخىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا . بۇ نىمىدىگەن زور پەرق - ھە ؟ ! بىزگە ئوخشاش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىدىن كۆپ ئارقىدا قالغان باشقا مىللەتلەر قانچىلىك ؟ ...
نىمە سەۋەپتىن موسكۋا ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇنچە زور تۆھپىلەرنى يارىتالايدۇيۇ ، بىز شۇلاردەك بولالمايمىز ؟ شۇلارنىڭ قېنىدا ئاشۇ ئەقىللىق ، بېجىرىم ئەجدادلارنىڭ گېنى تۈگىمىگەن ، بىراق بىزدىچۇ ؟ ....... بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدە ؟ ..... ئىچكىرىلەپ ئويلىغانسېرى خىياللىرىم چىگىشلىشىدۇ . بولدى بەس !
< ئۇيغۇر چايخانىسىدىكى چۈشلۈك چاي > مېنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى . بۇ < چاي > مېنىڭ مۇسكۋانى تېخىمۇ چۈشىنىش ، ئاشۇ ئۇيغۇر مىللىتىمنى تېخىمۇ سۆيۈش ئىستىكىمنى ئاشۇردى .
كەچ سائەت ئونلاردا < چاي > تارقاپ ، ھەممە تەرەپ - تەرەپلەرگە ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى . يەر ئاستى پويىزنىڭ تېز سۈرئەتتە يېنىك سىلكىشىگە ئەگىشىپ ئولتۇرۇپ ، نارىمان مۇھەممەت ئوغلىنىڭ < ئۇيغۇر ناۋايخانىسى > دا بولۇپ ئۆتكەن بۇگۈنكى < چاي > زىياپىتى ۋە ئانا ۋەتەندىكى ئۈستى چەللە بىلەن يېپىلغان سانسىزلىغان قاپقاراڭغۇ ناۋايخانىلار ، چايخانىلار ، ناۋايلارنىڭ دوزاققا ئوخشاش كۆيدۈرگۈچ ئۆتنىڭ تەپتىدىن قىزارغان قىپقىزىل يۈزلىرى ، توختىماي شۇرۇلداپ قۇيۇلىۋاتقان مۇنچاق - مۇنچاق تەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىرلىشپ كەتكەن ئۈستىباشلىرى ، ئىشلەتكەن قاپقارا لۆڭگىلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى . ھەممىسى ئوخشاش بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ روھى ، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە پەرق ھەقىقەتەن زور ئىدى .
ئۈزۈلمەس مۇقام ساداسى
مەركىزىي پوچتىخانىنىڭ تېلېگراف بىناسىدا 1991 - يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە گەپ - سۆزلەر ياڭرىدى ، تېلېفون كۈتۈش زالىدا تېلېفونىستلارنىڭ : < ئۈرۈمچى ! > ، < ئۈرۈمچى ! ؟ دەپ چاقىرغان ئاۋازلىرى باشقا دۆلەت ۋە شەھەرلەرنىڭ نامىنى چاقىرغان ئاۋازلىرىدىن ئېشىپ كەتتى . پوچتىخانا خادىملىرىنىڭ تىلى ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئاتۇش ، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىمىزنىڭ نامىغا خېلىلا كۆنۈپ قالدى . روس تېلېفونىست قىزلار بۇ ئىبارىلەرنى ئانچە قىينالمايلا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدا ئىشلەتكەچكە دەرھاللا ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇيغۇر قىزلىرى كېلەتتى . سۆزلىشىش نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان ھەر دۆلەت ، ھەر ئىرقتىكى ئادەملەر بۇ ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئىگىلىرىگە قىزىقسىنىپ قارىشاتتى .
تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا تىجارەت بىلەن بۇ شەھەرگە كېلىشكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش ۋە سۆيگۈسى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم كۈچلۈك كېلىدۇ . ئۇلار كۈندە دېگۈدەك مانا مۇشۇ پوچتىخانىغا كېلىپ ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئاتا - ئانىلىرى ، خوتۇن - بالىلىرىغا تېلېفون بېرىپ ئۇلارنىڭ ۋە يۈرتىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇشنى ئادەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار بەس - بەستە سودا ئۇچۇرى ئىگىلەيدۇ . ئۇلار ئادىتى بويىچە بىر - بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئانچە - مۇنچە تىللاپ تورۇشقىنى بىلەن ، بىر يەرگە جەم بولسا ، بولۇپمۇ بۇ پوچتىخانىدا ئۇچراشقاندا ئۆز ئارا ئەھۋال سورىشىپ ، قۇچاقلىشىپ يېقىن ئاغىنىلەردەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ . شۇنداقتىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆڭلۈللىرىگە يەنىلا ئۆزلىرى بىلىدىغان < دەردى > يوشۇرۇنغان بولىدۇ . بۇ دەرتلەرنىڭ تۈپ ئاساسى يەنىلا ئۆز ئارا كۆرەلمەسلىك ۋە ھەسەتخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، لېكىن ئۇلار بۇنى ھەرگىزمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىدۇ . ئۇلار سودىدىن سىرت پاراڭلىرىدا دۇنيانىڭ كۈندىلىك سىياسى ۋەزىيىتى ، مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆز ئارا ئىقتىسادىي ، دىنىي پەرقى ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا ئۆزى بىلگىنىچە تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ . ئايلىنىپ ، چۆرگىلەپ ، دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك ئۇلۇغ مىللەت ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىدەك ياخشى ئۆرپ - ئادەت يوق . ئۇيغۇرلار تارىختا دۇنيا بويىچە ئەڭ يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ، مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار كىتاپ يازغان چاغلاردا روسلار تېخى ئىشتان كىيىشنى بىلمەيتتى . بىز ھازىر قالاق مەدەنىيەتسىز ، ئىتتىپاقسىز ، پەقەت ئۆز ئارا بىر - بىرىمىزگىلا كۈچىمىز يېتىدۇ ، دېگەندەك خۇلاسىگە كېلىشىدۇ . قەشقەرلىك قەشقەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىدىن پەخىرلەنسە، ئاتۇشلۇق ئۆز يۇرتىنىڭ تارىختىكى ئورنىدىن ھەمدە ھازىرقى ئاتۇشلۇقلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن چىققان < يەھۇدىي > ئىكەنلىكىدىن سۆز ئېچىپ ، ئۆزلىرىنى ئۇچۇرسا ، غۇلجىلىق يېقىنقى زامان تارىخىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىدىن ماختىنىدۇ . ئۇنداق تالىشىپ ، مۇنداق تالىشىپ ، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاشلا ھەممە يەردە قېقىندى - سوقۇندى بولۇپ يۈرۈشىدىكى سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقىدىن ، چېچىلاڭغۇلۇقىدىن بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇلار بۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ خۇيىنى تاشلىمايدۇ ، ئۇنى ئۆزگەرتمەيدۇ . بىر كۈنى مەلۇم بىر مەشھۇر روس ئۇيغۇرشۇناسى ئۇيغۇر تارىخىي ۋە تىلى ئۈستىدىكى ئىلمىي مۇزاكىرىدە ئۆز نۇقتىئىنەزەرلىرىنى بايان قىلىۋېتىپ دېگەنلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ : < ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ، مۇستەھكەم يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدا ، باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە ئېغىر . ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى ھەر قاچان ئۇلارنىڭ ئورتاق روناق تېپىشى ، ئورتاق گۈللىنىشىگە ۋە باشقا نۇرغۇن مۇھىم ئىشلىرىغا توسقۇن بولغان . ئۇيغۇرلاردىكى ئورتاق پىسخىكا ، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن ھەددىدىن زىيادە پەخىرلىنىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇد ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆزىنى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار خەلق ھېسابلاش روھىنىڭ ھەر بىر قانائەتچان ئۇيغۇرنىڭ قەلب قېتىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىدە ، ئەگەر زامانىۋىي ئەقىل - پاراسەت بىلەن مۇشۇنداق روھ بىرلەشسە ، ئىتتىپاقلىق ، ئۇيۇشقاقلىق روھى بىلەن ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تەشكىللىيەلىسە ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ روھىيىتىدىكى بارلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ، پارلاق كېلەچەككە قاراپ ماڭغان بولغان بولاتتى !
1993 - يىلى ئەتىيازدا ئۆزبېكىستانغا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بارغان چېغىمدا ، تاشكەنتنىڭ < مۇستەقىللىق مەيدانى > دا كېتىۋېتىپ تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان بىر ئۆزبېك شەرقشۇناس پروفېسسور ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى توغرىسىدا مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىپ : < دۇنيادا ئۆز مىللىتىنى ، ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمىگەن ئادەمنى قانداقسىگە ئادەم دېگىلى بولسۇن ؟ ! مېنىڭ قارىشىمچە ، دۇنيادا ئۆزبېكىستانىمدەك ئۇلۇغ جاي يوق ، مەيلى ئامېرىكا ، مەيلى شىۋېتسارىيە ۋە ياكى يەنە باشقا كاتتا جايلار يەنىلا مېنىڭ قەدىردان ئۆزبېكىستانىمدەك ئەمەس ، چۈنكى ئۆزبېكىستان مېنىڭ شۇنداقلا ئەجدادلىرىمنىڭ قېنى تۆكۈلگەن مۇقەددەس ئانا تۇپرىقىم ، بىزلەر ئىلگىرى سەمەرقەنتلىك ، بۇخارالىق ، تاشكەنتلىك ، نامەنگەنلىك دېيىشىپ ، بىر - بىرىمىزگە نەپرەت كۆزلىرىمىز بىلەن قاراشقانىكەنمىز . شۇنىڭ بەدىلىگە بىزلەر خارابلاشتۇق . مەگەركى ، ھازىر كىم سەن ئۇ يەرلىك ، مەن بۇ يەرلىك دەپ يۇرتۋازلىق قىلسا ، مەن شۇنى مىللىتىمنىڭ دۈشمىنى ھېسابلايمەن > دىگەنىدى . ئۇ يەنە غاڭزىسىنى قاتتىق بىر سورىۋېتىپ : < ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ خەلق ، بىزلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىردۇر . قاراڭ ، بىز ئىككىمىز بىر - بىرىمىزنى يۈزدە يۈز چۈشۈنەلەيمىزكەن . بۇ يەردە ھېچكىم سىزنى ئۇيغۇر دىمەس ، بەلكى مەن سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلارغا بارسام مېنى كىشىلەر ھېچ ئۆزبېك دېمەس ، قىسقىسى ، بىر - بىرىمىزنى ئۆز كۆرەرمىز ، خالاس . كەچۈرۈڭ ، دوستۇم ، بىر گەپنى سىزگە ئېيتقۇم بار . سىلەر ئۇيغۇرلار نېمانچە ئىتتىپاقسىز ، تۆت ئۇيغۇر بىر - بىرىڭلارنىڭ كۆتىڭلارنى كولايسىلەر ، شەخسىي مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن بىر - بىرىڭلارنى ساتىسىلەر . سىلەردە ھەسەتخورلۇقتىن باشقا نەرسىلەر جۈدەكەم ئىكەن . تاشكەنتتە يۈرگىنىمدە ئۇيغۇر ئورتاقلىرىم ( دوستلىرىم دېمەكچى ) قاتمۇ - قات زىددىيەتلەرگە تولغانتى . ئالما- ئاتا ، بېشكەككە بارسام ئۇ يەردىمۇ بىر - بىرى بىلەن تالىشىپ ، دۈشمەنلىشىپ يۈرۈشكەن ئۇيغۇرلارنى كۆردۇم . تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا جايلاردىمۇ ھەم شۇنداق ، مېنىڭچە ، سىلەر ئۇنداق قىلمىساڭلار بۇلار ئىدى . ئۆملۈك بولمىغان مىللەتتە قانداقمۇ ئىستىقبال بولسۇن ؟ ! .... مېنىڭچە ، بۇنىڭ بىرلا سەۋەبى باردۇر ، يەنى سىلەردە شەخسىي مەنپەئەت ئېڭى جۈدە كۈچلۈك ، ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى جۈدە كەم . بىز ئۆزبېكلەردىمۇ شەخسىيەتچىلىك ئېغىر ، لېكىن بىزلەر بۇنى تۈزىتىمىز ، چۈنكى ، بۇ بىزدىكى دۆلەتلىك ئىسلاھات پىلانىنىڭ بىر قىسمى ، سىلەردە بولسا ، ئۆزۈڭلەرگە خاس خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ، مەنىۋىيىتىڭلارنى ئوڭلىيالىساڭلار سىلەر روناق تاپالايسىلەر > دىگەنىدى .
ھەقىقەتەن بۇ ئالىملار دېگەندەك ، ساناپ كەلسەك ئاخىرى چىقمايدىغان بىزدىكى تۈگىمەس زىددىيەتۋازلىق ئىللەتلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىمىزنى قانچىلىك پاجىئەلەرگە دۇچار قىلغانلىقىنى ، بۇ پاجىئەلەردىن ئىللەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ ، گوياكى شىپاسىز كېسەللىك كەبىي مىللىتىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنى خارابلاشتۇرۇپ ، ئاجىزلاشتۇرۇپ ھەم خۈنۈكلەشتۈرۈپ بېرىۋاتقىنى ھەر بىرىمىزگە بەكمۇ ئايان .
ئالىملار مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك نامى < ئۇيغۇر > دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل يېشىپ چۈشەندۈرۈپ كۆرۈپ ، ئەڭ ئاخىرىدا < ئىتتىپاقلىق > ، < ئۇيۇشقاق > دىگەن مەنىلەرنى مۇقىملاشتۇرغاندا ، < بۇ مىللەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدە بۇ مەزمۇنلار بارمۇ - يوق ؟ > دىگەن سۇئالنى قويۇپ كۆرگەن بولغىيمىدى ؟ مېنىڭچە ، < ئىتتىپاقلىق > ، < ئۇيۇشقاق > ، < بىرلىك > دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن نام بىلەن ئاتالغان مىللەت دۇنيادا پەقەت بىرلا بىزنىڭ سۆيۈملۈك مىللىتىمىز بولسا كېرەك . ئەپسۇسلىنارلىقى ، بىز ھازىر بۇ نامغا مۇناسىپ ئەمەس !
بىزنىڭ ئېتنىك تەركىبىمىز ئۆزىنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن بىزنى ئەقىللىق گېنېتىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇ بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك زىددىيەتلىك روھىي دۇنيايىمىزنى ۋە مىللىي پىسخىكىمىزنى شەكىللەندۈرگەن . قۇپال قىلىپ ئېيتقاندا، ساۋاتسىزلىق ، قاششاقلىق ، ھەددىدىن زىيادە نامراتلىق قاتارلىق تەرەپلەر قوشۇلۇپ ، بىزنىڭ زىددىيەتۋازلىق خاراكتېرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئەپسۇسكى ، ساۋاتسىز ئاھالىمىز بىر چەتتە قايرىلىپ قېلىپ ، مىللىتىمىزنىڭ روھىي ئىنژېنېرلىرى بولغان زىيالىيلىرىمىز ، يازغۇچىلىرىمىز ، ئالىملىرىمىز ، سەنئەتكارلىرىمىز ، مەمۇرلىرىمىزمۇ زىددىيەت قاينىمىغا غەرق بولۇشتى . ( ئەلۋەتتە بۇنداق كىشىلەر يەنىلا ئازچىللىق بولۇپ ، ھەممىنى دېمەكچى ئەمەسمەن ) . يۇرتۋازلىق يەتمىگەندەك گورۇھۋازلىق قىلىشىپ ، بىر - بىرىگە ئورا كولاپ ، بىر - بىرىنى ئورىغا تىقىشنىڭ ، پۇتلاشنىڭ كويىغا چۈشتى . بۇ يولدا قوللىنىلغان بەزىبىر رەزىل ۋاستىلەرنى ئېيتىشقا ئادەم نومۇس قىلىدۇ . ئۇ ۋاستىلەر شۇنچىلىك قەبىھكى ، < ئاقنى قارا ، قارىنى ئاق > قىلىپ ، بىر - بىرىگە ئەشەددىي بەدنام چاپلايدۇ . بۇ بەدناملار ھەتتا بىر - بىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى ، شەخسىيىتى ، ئىجتىمائىي سالاھىيىتى ، سۆز - ھەرىكىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ . بۇنىڭ تۈپ مەنبەسى نىمە دىگەن سۇئالنى قويغاندا : < شەخسىي مەنپەئەت > دەپ جاۋاپ بېرىش مۇمكىم . < قۇربان بېرىش روھى > بولمىغان ئادەمدىن ۋاپا ، ساداقەت ۋە ياخشىلىقمۇ كەلمەيدۇ . بۇنداق ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان مىللەتتە ئابرويمۇ بولمايدۇ . بىز ئۇيغۇرلاردىكى < سۇ بېشىدىن لاي بولىدۇ > دىگەن ماقالىنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم . < ھەممە ئىشنى موللا بىلەر ، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيەر > دىگەندەك ، ئاڭلىق ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ، ئۆزى بىلگەننى قىلىشى ، كۈرمىڭلىغان ساۋاتسىز خەلقنىڭ روھىيىتىدىكى كېسەللىكلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى . فرانسۇزلار ، ئېنگلىزلار ، ياپونلار ، روسلار ، تۈركلەر ۋە گېرمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئوپىراتسىيە قىلىش روھى ھازىرچە بىزگە تېخى تولۇق ئايان بولمىسىمۇ ، ئۇلارنىڭ شانلىق ئىجادچانلىق ، ئەركسۆيەر ، ئۆزىنى قۇربان بېرىش روھى بىزگە ناتونۇش ئەمەس . بىز ھەر ۋاقىت ، ھەر مىنوت ئۆزىمىزنى ئاشۇ كۈچلۈك ، قۇدرەت تاپقان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرىشىمىز كېرەك . مەن بەزىدە شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن :
مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىم _ مىللىتىمنىڭ خاراكتېرىدىكى ئۆز كېلەچىكىگە گۆر قېزىۋاتقان ئاشۇ ئىتتىپاقسىزلىق ، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق مىللەتلەر بىراقلا يوقالسا ، مىللىتىم دۇنيادا قايتىدىن بىر تۆرەلگەن بولسا - ھە !لېكىن مەن نىمە ئۈچۈندۇر يەنە بۇ كېسەلچان مىللىتىمنى بەك ئەيىبلەشنى خالاپ كەتمەيمەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا يەنىلا ئالىيجاناپلىقنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەيدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن ، ئۇنىڭ ۋوجۇدىغا ئاجايىپ ئەقىل - ئىدراكنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . بەزىدە ئۇنىڭدىكى شەخسىي رىقابەت ئىجابىي رولمۇ ئويناپ قالىدۇ . ئۇ يەنىلا قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ ئىقىتىسادىي ، مەدەنىي رىقابەت روھىنى چىڭ ساقلىغانىدى .
تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى تارىخنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ : قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ غەرپ بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئوينىغان ئۇلۇغ رولىنىڭ بىۋاسىتە ۋارىسى سۈپىتىدە 20 - ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا بىزنىڭ ساۋاتسىز تىجارەتچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ < ئېرسىيەت خاراكتېرلىك سودا تالانتى > نى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى . بىزنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمىز ئاغزىدىن قوپال ئىبارىلەرنى ياغدۇرۇپ تۇرۇپ ، ھەتتا بىر - بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ يۇرۇپ ، بىر مەھەل موسكۋانىڭ مەركىزىي پوچتىخانىسى ۋە مۇسكۋادىكى < ئۆزبېكىستان > ، < باكۇ > غا ئوخشاش ئاساسلىق رىستۇرانلارنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى بولۇپ قالدى . كىيىۋسكىي ، قازانسكىي ، سانكىت - پېتربورگ پويىز ۋوگزاللىرىنى ، شېرمىتىۋا ، دامادېدوۋا ، ۋنوكوۋا قاتارلىق خەلقئارالىق ۋە ئىچكى ئايروپورتلارنى كونترول قىلدى . < ئوزبېكىستان > رېستۇرانىنىڭ ئالدىدىكى < گۈلزارلىق كوچا > نىڭ چىرايلىق تۆمۈر رېشاتكىلىرى ئۈستىدە خۈددى دۆڭگۆۋرۇكتە ئولتۇرۇشقاندەك تاماكىلىرىنى پۇرۇلدىتىشىپ چېكىشىپ ، توپ - توپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى . < ئۆزبېكىستان > رېستۇرانىدا ئۇيغۇر مۇقام - كۈيلىرى ياڭرىدى . رېستۇراننى ئۇيغۇرچە پاراڭلار قاپلىدى . بۇ جاي بىراقلا پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ( ئاساسلىقى تۈركىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار) نىڭ ئۇچرىشىدىغان مەركىزىگە ، شۇنداقلا پۇتكۈل چېچەن ، گورزىدىن ، ئەزەربەيجان ، ئۆزبېك ، روس مافىيلىرىنىڭ < تىجارەت تەقدىرى > نى پىچىدىغان مەركىزىگە ئايلاندى . بىزنىڭ ئاشۇ ئۆز ئات - جۇنىنىمۇ تۈزۈك يازالمايدىغان تىجارەتچىلىرىمىز ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچنى تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ ، ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالغان چالا - پۇلا روسچە گەپلەر بىلەن ھەر خىل ئىما - ئاشارەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ روس تىللىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتى ياكى يەرلىك سوۋىت ئۇيغۇرلىرى ۋە ياكى ئۆزبېك بالىلىرىنى تەرجىمانلىققا ياللاپ ئىشلەتتى . موسكۋادا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ، ئۆزبېكلەر ، تۈركمەنلەر ھەتتا قازاقلارمۇ موسكۋاغا كېلىشىپ ، بۇ رېستۇرانلارنىڭ ئالدىغا توپلىشىشقا باشلىدى . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ سودا تورى تېخىمۇ كېڭىيىشكە يۈزلەندى . بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدى . قىززىق يېرى شۈكى ، ۋوگزالغا ياكى ئايروپورتقا بارسىڭىز ، ئۇ يەردىكى خادىملار ، ھەتتا ساقچىلارمۇ بىر قاراپلا ئۇلارنى تونۇۋېلىپ ، ئىللىق مۇئامىلە قىلىشىدىغان بولدى . بۇ تىجارەتچىلەر ماللىرىنى دەسلەپ شەرقتە - بېيجىڭغا ماڭدۇردى . بۇ يول ئېتىلسە غەربكە - ۋارشاۋا ، سوفىيە ، بۇداپىشت ، پىراگالارغا ماڭدۇرۇشتى . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تەگمىگەن جايلار يوق دىيەرلىك ئىدى . ياۋروپا شەھەرلىرى ۋە يول ئۈستىدىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى شەھەرلىرىدە ، رومىنىيىنىڭ چۆللىرىدە ، ئوكرائىنىيىنىڭ پاتقاقلىق سازلىقلىرىدا ، بلوروسىيىنىڭ ئورمانلىرىدا ، ۋارشاۋانىڭ ئەتىرگۈللۈك كوچىلىرىدا ، سوفىيىنىڭ ۋوگزاللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالدى .
بىر ئىش ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، بىر كۈنى بىر تونۇش تىجارەتچىنىڭ ئۆيىگە باردىم ، بۇ ئۆيگە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن چىققان يەتتە - سەككىز ئادەم يىغىلىپ قاپتۇ . قىزغىن پاراڭلار بىلەن ئولتۇرۇشتۇق . قەشقەرلىك بىر ھاجىم بازار ئەھۋالىنى سۆزلەپ كېلىپ ، يېڭى بازار ئېچىشنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ياشانغانراق ھاجىم سومكىسىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن دۇنيا خەرىتىسىنى چىقىرىپ ئۈستەل ئۈستىگە يايدى - دە ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىداش دۆلەتلەرنى ، ئۇلار بىلەن تۇتۇشىدىغان يوللارنى ئىزدەشكە باشلىدى ۋە تۆمۈر يول بولماي قالسا ، تاشيول بىلەن مال يۆتكەيدىغانلىقىنى ، ئۇمۇ بولمىسا دېڭىز ئارقىلىق يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . دىمەكچىمەنكى ، بۇ بۇۋاي خەرىتىدىكى خەتلەرنى ئوقۇيالمايتتى ، ئەمما شۇ خەرىتىدىكى بەلگىلەر ئارقىلىق تۆمۈر يول ، تاشيوللارنى پەرق ئېتەلەيتتى ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە يول تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىزدىنىش روھى ھەر قانداق ئادەمنى قايىل قىلاتتى . دېمىسىمۇ شۇ كۈنلەردە بۇ ئادەملەر ستېخىيىلىك تۈردە بولسىمۇ موسكۋانى مەركەز قىلىپ ، ئۇنى شەرقتە سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيە ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ، غەربتە شەرقىي ياۋروپا بىلەن ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىپ كىچىك ئاسىيا ۋە ئەرەپ يېرىم ئارىلى ، جەنۇبىي ئاسىيا شۇنداقلا سىنگاپور ئارقىلىق شياڭگاڭ ، ياپونىيە ، تايلاد ، مالايسىيا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چوڭ بىر سودا چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلغانىدى . ئۇيغۇرلار ھەر خىل سودىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ھازىرقى زامان < يېپەك يولى > بىلەن ياۋروپا - ئاسىيانىڭ ھاۋا بوشلۇقى ، قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇپلا قالماي ، تېنچ ئوكيان ، ھىندى ئوكيان ، كاسپىي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزلاردا ئۇزدى . بۇگۈنكى كۈندە بۇ ئۇيغۇرلار گەرچە ئاللىقاچان موسكۋانى تاشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىرى خېلى ئادەملەرنىڭ ئېڭىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى .
ئۆزبېك ئالىمنىڭ سۆزى مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇرسا، تىجارەتچىلىرىمىزدىكى سودا ماھارىتى مەندە يېڭى ئۈمىدلەرنى پەيدە قىلاتتى . ھەقىقەتەنمۇ تارىختىن بۇيان ئىتتىپاقسىزلىق ئاساسلىق ئامىل سۈپىتىدە تەقدىرىمىزنى خانىۋەيران قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بولمىش پاكىت . نادانلىق ، شەخسىيەتچىلىك ، چىرىكلىك ، ساتقىنلىق خاراكتېرى بىلەن ئىتتىپاقسىزلىق ئىللىتى بىرلىشىپ بىر - بىرىمىزگە ئۆز - ئارا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان مىجەزلەر شەكىللەندى . بۇ ، بىز ئۈچۈن چوڭ بەختسىزلىك بولدى . بۇ بەختسىزلىكىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول ، نادانلىقنى تۈگىتىپ ، 20 - ئەسىرگە خاس ئاڭلىق ، مەدەنىيەتلىك ، ئىلغار تەپەككۇرلۇق ، مىللەت - خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ، دۇنياغا يۈزلەنگەن ، سىرتقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار ئۇيغۇر بولۇپ شەكىللىنىش ئىدى .
يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ، ئەگەر ئاشۇ تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ ئىلغار تەرىپى بولغان جاندىن كېچىپ رىقابەتلىشىدىغان ، ھامان يېڭى يول ئىزدەيدىغان روھى مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مىللىي پىسخىكىسى بولسا ۋە ياكى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتۇش خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسەتلىكلىكى ، خوتەن خەلقىنىڭ ئىرادىلىك ، سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان روھى ، ئىلىلىقلارنىڭ مەدەنىيەتپەرۋەر ، يېڭىلىقپەرۋەر روھى ، قەشقەرلىكلەرنىڭ ھۇشيار ، تاكتىكىچانلىق مىجەزى ، ئاقسۇلۇقلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يەكەنلىكلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا پۇختا مىجەزى ، قومۇل - تۇرپانلىقلارنىڭ ئوچۇق - يورۇق ، جەڭگىۋار روھى بىلەن كەلپىنلىكلەرنىڭ ئىتتىپاق - ئۆملۈكى ، ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ، ئالتاي - چۆچەكلىكلەرنىڭ ئەركىن ، مەرد مىجەزى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىمىز ۋە يەرلىك پىسخىكىلىرىمىز قوشۇلۇپ ، يوغۇرۇلۇپ ، بىر ئورتاق مىللىي پىسخىكىغا ئايلانسا ، ئۇيغۇر خەلقى چوقۇم قايتا گۈللىنىش ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ .
كىرىمېل تېمى يېنىدىكى < مەڭگۈلۈك يالقۇن >
لېنىن مۇزېي يېنىدىكى كىرىمېل سارىيى تېمىنى بويلاپ ئارقا ئىشىكىگىچە بولغان ئارىلىقتا مەشھۇر ئالېكساندىروۋىسكىي باغچىسى جايلاشقان . موسكۋا شەھىرىنىڭ ئەڭ مەركىزىدىكى بۇ باغچا ئانچە چوڭ ، ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ داڭقى پۈتكۈل دۇنياغا پۈر كەتكەن . ھەر يىلى باش يازدا بۇ باغچىدا خىلمۇ - خىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ ، بۇلبۇللار سايرىشىدۇ ، ئۇ ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن تاماشىبىنلارنى ئۆز قوينىغا تارتىدۇ . گۈللۈكنى چۆرىدەپ ياسالغان ئورۇندۇقلاردا ئادەملەر گۈللەرنى تاماشا قىلغاچ دەم ئېلىشىدۇ ياكى جۈپ - جۈپ بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ گۈلدەك ھايات ۋە گۈزەل ئەسلىمە لەززىتىگە چۆمۈلىشىدۇ . ئادەملەرگە مۇھەببەت ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدىغان بۇ باغچا توغرىسىدا كۆپلىگەن شائىرلار يارقىن مىسرالارنى ، مۇزىكانتلار ئەڭ لىرىك مۇزىكىلارنى قالدۇرۇشقان . قىز - يىگىتلەرنىڭ ئورتاق ھاياتقا بولغان تۈنجى قەدىمى مۇشۇ باغچىدا بېسىلىدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ توي قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ . چۈنكى ، بۇ باغچىدا ، يەنى كىرىمېل تېمىنىڭ يېنىدا مەرمەر تاشتىن ياسالغان سۇپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى < يۇلتۇز > دىن ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ئوت يالقۇنلاپ تۇرىدۇ . بۇ ئوت ئادەملەردە ھاياتقا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببەت ئويغىتىدۇ . مانا بۇ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرىسى ئۈچۈن يېقىلغان دۇنياغا مەشھۇر < مەڭگۈلۈك يالقۇن > دۇر . ئالېكساندىروۋىسكىي باغچىسىغا كىرگەن كىشى مۇشۇ ئوتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا بىر پەس ئېغىر سۈكۈتتە قاراپ تۇرماي قالمايدۇ . بەزىلەر دەستە - دەستە گۈللەرنى قويۇپ ، كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆككەن ھالدا ئۈن - تۈنسىز ماتەمگە چۆمىدۇ .
بۇ يەردە كۈنىگە سانسىزلىغان خاتىرە سۈرەتلەر تارتىلىدۇ .
ئورتاق ھاياتقا قەدەم قويغان قىز - يىگىتلەر توي كۈنىنىڭ بىرىنچى سائىتىدە بۇ يەرگە كېلىپ گۈل قويىدۇ ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ . بۇنداق رەسمىيەت پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى خاراكتېرلىك بولۇپ ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇشۇنداق قەھرىمانلار خاتىرىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . بولۇپمۇ ھەر يىلى 9 - ماي < غالىبىيەت بايرىمى > كۈنى بۇ خاتىرە سۇپىسى گۈللەرگە پۈركىنىدۇ . كۆپىنچە ھاللاردا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا ياكى روسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى بۇ يالقۇن يېنىغا كېلىپ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە تەزىيە بىلدۈرۈپ ، گۈل تەقدىم قىلماي كەتمەيدۇ . بۇ خىل ئادەت خەلقئارالىق دىپلوماتىيە رەسمىيەتلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان . 1990 - يىلى لى پىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇسكۋاغا كەلگەندە < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ ، ماتەم بىلدۈرۈپ گۈل تەقدىم قىلدى . بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۈپىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەتمۇ قاتناشقان ۋە موسكۋا ئاخبارات ساھەسى بۇ ھەقتە بەس - بەستە خەۋەر بەرگەنىدى . ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا لى پىڭ زۇڭلى بىلەن تۆمۈر داۋامەتنىڭ نامى ۋە سالاھىيەتلىرى ئالاھىدە تەكىتلەندى . چۈنكى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ، 1950 - يىلى ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈنجى قېتىملىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ( ئۆمەك تەركىبىدە سەيپىدىن ئەزىزىمۇ موسكۋاغا كېلىپ ، ماۋزېدۇڭ بىلەن بىرگە <مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا بېشىنى ئېگىپ ماتەن بىلدۈرگەن ) دىن كېيىن 2 - قېتىم بۇ ئوت ئالدىدا باش ئىگىپ تۇرۇشى ئىدى . 1990 - يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو - سوۋىت مۇناسىۋىتى نورماللىشىپ ، تۈنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا سەمىمىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق قايتىدىن تەكىتلىنىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقى جاكارلاندى . شۇنداق قىلىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن باشلىنىپ ، سەيپىدىن ئەزىزى جۇڭگو - سوۋىت دېپلوماتىيە تارىخىدا تۈنجى قېتىم ستالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ ، تېگىشلىك ھۆججەتلەرگە قول قويغان بولسا ، تۆمۈر داۋامەت س س س ر نىڭ ئاخىرقى ۋە تۈنجى زۇڭتۇڭى بولغان گورباچېفنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن تۈنجى ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قالدى . جۇڭگو - سوۋىت دىپلوماتىيە تارىخىدىكى بۇ ئىككى قېتىملىق دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك سىياسىي ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەنلىكى ، سوۋىت مەتبۇئاتلىرىنىڭ شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە ، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشتىكى يىزىق تېمىلىرىغا ئايلانغانىدى . ئەلۋەتتە ، جۇڭگو ۋەكىللىرىنىڭ تەركىبىدە ،بولۇپمۇ لى پىڭ زۇڭلىنىڭ يېنىدا بېشىغا دۇپپا ، ئۇچىسىغا يارىشىملىق ئاق كاستيۇم - بۇرۇلكا كىيگەن ، قاپقارا قۇيۇق قاشلىرى ئاستىدىكى چوڭ - چوڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان بۇ 2 - دەرىجىلىك ھوقۇقلۇق جۇڭگو ئەربابى مانا مەن دەپلا گەۋدىلىنىپ ، ھەممىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغانىدى . ھەتتە مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى سۇئاللىرىغا لى پىڭ زۇڭلىغا ۋاكالىتەن جاۋاپ بېرىپ ، پارتىيىمىز مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نەتىجىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى يورۇتۇپ بەرگەنىدى . سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى بىر قانچە يىللار ئىچىدە دۆلەت ئىشلىرى كوممىسسارى ، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئەھمەد جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ مۇسكۋادا زىيارەتتە بولغانلىقىنى موسكۋا < ماياك > رادىئوسىدىن ئاڭلىغانىدىم .
1994 - يىلى ئەتىيازدا ئىسمائىل ئەھمەد لى پىڭ زۇڭلى بىلەن بىرگە يەنە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىق سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولدى . لى پىڭ زۇڭلىنىڭ زور سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ستراتېگىيىلىك زىيارىتىدە ئىسمائىل ئەھمەدمۇ خۇددى تۆمۈر داۋامەتكە ئوخشاشلا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ، شۇنداقلا روسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغانىدى . ئىسمائىل ئەھمەد جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدە بەلگىلىك دەرىجە سىمۋوللۇق رول ئويناش بىلەن بىرگە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى ۋە مىللەتلەر باراۋارلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ، شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشتا كاتتا رول ئوينىدى . بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىسمائىل ئەھمەد ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدىكى < مەڭگۈلۈك يالقۇن > خاتىرىسى ئالدىدا ماتەم بىلدۈرۈپ ، گۈل تەقدىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى .
پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمەنكى ، بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان تۆمۈر داۋامەت ، ئىسمائىل ئەھمەدكە ئوخشاش پېشىۋالىرىمىز دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا قەھرىمانلارغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ تەزىيە گۈلى تەقدىم قىلغان بولسا ، مەنمۇ ئۇخشاشلا جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاسپرانت بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەھرىمانلار خاتىرىسىگە ئاتاپ گۈل قويغانىدىم .
مەن ھەر قېتىم ئالېكساندىروۋىسكىي باغچىسىغا كىرگىنىمدە ، كىرىمېل سارىيىنىڭ يېنىدىكى < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىغا كېلىپ ، لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنغا بىردەم قاراپ تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن . < مەڭگۈلۈك يالقۇن > خاتىرە سۇپىسى يېنىدىكى موسكۋا ، لېنىنگراد ( سانكىت - پېتربورگ ) ستالىنگراد ، ئۇدىسسا ، مىنىسكىي ...... قاتارلىق ئون < قەھرىمان شەھەر > نىڭ ئازاد قىلىنغان ۋە قوغداپ قېلىنغانلىق خاتىرىسى ئۈچۈن قويۇلغان ئون كىچىك مەرمەردىن ياسالغان خاتىرە تاشقا قايتا - قايتا قارايمەن . قەھرىمان سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇندەك ئوتلۇق يۈرىكى ۋە ئوتتەك ئىسسىق قانلىرى ، شۇنداقلا لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇن كەبىي ۋەتەنپەرۋەر ، مىللەتپەرۋەر ، ئەركىنلىك سۆيەر روھى بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنى فاشستلارنىڭ تاجاۋۇزى ، زوراۋانلىقى ، قۇل قىلىشىدىن ساقلاپ قالغانىدى . بەش يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ قەھرىمانلىقلار ، سوۋىت جەڭچىلىرىنىڭ ، سوۋىت خەلقىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش ، قۇربان قىلىشتەك پىداكارانە روھىي پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇرۇپ ، بۇ روھ دۇنيا خاراكتېرلىك رىۋايەت ، داستانلارغا ، ناخشىلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى . مەن ھەر قېتىم ئاشۇ يالقۇن ئالدىغا كەلگىنىمدە سانسىز قەھرىمانلارنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىدۇ ، تومۇرلىرىمدا قانلار ئۇرغۇيدۇ . بۇ نېمىدىگەن مۇقەددەس روھ -ھە ! ھەر قانداق بىر مىللەت ، ھەر قانداق بىر خەلق ئوغلانى ۋەتەننى سۆيسە ئەنە شۇنداق سۆيۈش كېرەك ، ئەركىنلىكنى سۆيسە ئەنە شۇنداق سۆيۈش كېرەك !
ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ، دېموكراتىيە ئەنە شۇنداق ئۆز ۋەتىنىنى سۆيۈش روھىغا ئىگە كىشىلەرگە مەنسۇپتۇر ! < جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتمەس > دىگەندەك ، ئەنە شۇنداق پىداكارلىق روھ بولغاندىلا ، خۇددى ماتىروسوف پىلىموتنى مەيدىسى بىلەن توسۇپ غەلىبىگە يول ئاچقاندەك ، سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتور - شىر يۈرەك ئوغلى سۈلھى لۇتپۇللىن ئۆزى يالغۇز ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىپ ، بەدىنىنىڭ ساق يېرى قالمىغاندىمۇ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ، گېرمانلارنىڭ 18 تانكىسىنى بىتچىت قىلغاندەك ، سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ باتۇر ئوغلى مەسۇم ياقۇپۇف بەدىنىنىڭ ئون نەچچە يېرى يارىلىنىپمۇ ئۆزى يالغۇز جەڭ قىلىپ، نۇرغۇن گېرمان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئىستىھكامنى قوغداپ ، پۈتكۈل ئۇرۇش سېپىنى ئوڭشىغاندەك ئاجايىپ قەھرىمانلىق روھى بولغاندىلا ۋەتەننى باسقۇنچىلارنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن قۇتۇلدۇرۈپ قالغىلى ، خەلقنىڭ قەددىنى ، ئوبرازىنى تىكلىگىلى بولىدۇ . سوۋىت خەلقى ناھايىتى توغرا يەكۈنلەنگەن بۇ زاكۇننى پۈتكۈل ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە تەقدىم قىلدى . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاشۇ < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا باش ئېگىپ ، بۇ ئوغلانلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە بىزگە تەقدىم قىلغان ئاشۇ قەھرىمانلىق روھىغا تەشەككۇر بىلدۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلىمەن ، ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلدۈرىمەن . سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بەش يىللىق ۋەتەن ئۇرۇشىدا يېقىنقى ئەڭ يېڭى سان بويىچە تەخمىنەن 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم چىقىم بولغان بولۇپ ، جەمئىي 11618 ئادەمگە < سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى > دىگەن شەرەپلىك - ئالىي نام بېرىلگەن . بۇ 11618 مەشھۇر قەھرىماننىڭ بەش نەپىرى ئۇيغۇر ، 96 نەپىرى قازاق ، 69 نەپىرى ئۆزبېك ، 18 نەپىرى تۈركمەن ، 14 نەپىرى تاجىك ، 12 نەپىرى قىرغىز ئىكەن . سوۋىت ھۆكۈمىتى بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇر قەھرىماننىڭ خاتىرىسىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش يۈزىسىدىن موسكۋا ، ئالما -ئاتا ، تاشكەنت ، ئەنجان ، يەركەت ، چونجى قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىر قانچە چوڭ - كىچىك كوچىلار ، مەكتەپ ۋە باشقا ئاممىۋى مەركەزلەرگە ئۇلارنىڭ نامىنى بەرگەن ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك خاتىرە مۇنارلىرىنى تىكلىگەن ، ھەيكەللىرىنى ئورناتقان .
ھەر يىلى 9 - مايدا پۈتكۈل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بويىچە < غالىبىيەت بايرىمى > بولغاندا ، ئۇرۇش قاتناشچىلىرىغا كۆرسىتىلىدىغان ئالىي ھۆرمەتلەر ، خاتىرە پائالىيەتلەر ، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىشلار داغدۇغۇلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ پائالىيەتلەرنى كۆرگەندە ، سىز يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەن روھنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىىمۇ ئېنىق ھېس قىلماي قالمايسىز ..... سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بۇ خىل بايرام كەيپىياتلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل ئازلاپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا ھۆكۈمەت ۋە باشقا كىشىلەر بار ئىمكانىيىتى بويىچە ئۇرۇش قاتناشچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن . مەيدىلىرى لىقمۇ - لىق مېدال - ئوردېنلار بىلەن تولغان بوۋاي - مومايلارنىڭ گەرچە بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي ، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن بىر بولگىغىمۇ قۇربى يەتمىگىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا تېتىك روھ بىلەن قەددىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر يۇرۇشكىنىنى ، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئاشۇ ئۇرۇش يىللىرىدىكىدەك جەڭ مارشىنى ياڭرىتىپ ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ، روسىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ، نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز .
دېمەك ، ئۇلار تا ھازىرغىچە ۋەتىنىنىڭ ئىستىقبالى ، تەقدىرى ، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى توختاتمىغان . بۇلارنىڭ نەزىرىدە ، ۋەتەندىن باشقا مۇقەددەس ، ئۇلۇغ بىلىدىغان ھېچنەرسە يوق . ۋەتەن غېمى ئۇلار ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم .
1995 - يىلى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىدا 9 - ماي خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن چاي پائالىيىتىگە بىردىنبىر چەت ئەللىك ئاسپرانت سۈپىتىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتىم ، ئۇرۇش قاتناشچىلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىندى ، قەدەھلەر كۆتۈرۈلدى ، مەدھىيىلەر ئوقۇلدى ، نۇتۇقلار سۆزلەندى ، شۇ قاتاردا ماڭىمۇ سۆز بېرىلدى . مەن قەدەھ سۆزى سۆزلىدىم . ئاخىرىدا : < سىلەرنىڭ ئاشۇنداق ھەممىنى قۇربان قىلىش روھىڭلار ، مىللەت - خەلقنىڭ ئىززەت - غۇرۇرىنى قوغداش روھىڭلار مەڭگۈ ئىنسانلارنىڭ تارىخى بىلەن بىرگە ياشايدۇ > دەپ سۆزۈمنى خۇلاسىلىغىنىمدا ، بېرلىنگىچە جەڭ قىلىپ بېرىپ ، رەيىخستاگ سوقۇشىدا بولغان بىر پروفېسسور مېنى قۇچاقلاپ ، رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە كۆپچىلىككە ئۆزى بىلەن بىرگە غەربىي ئوكرائىنىيە جەڭ فرونتىدا مۇرىنى - مۇرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان بىر جۈپ ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ جەڭدىكى ئاجايىپ قەھرىمانلىقى ، پۈتكۈل دىۋىزىيە بويىچە داڭق چىقارغانلىقى ، ئۇلارنىڭ < قىزىل يۇلتۇز > ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقى ، ئۇلار جەڭدە بىرىنچى بولۇپ ماڭىدىغانلىقى ، چېكىنگەندە ھەممىنىڭ كەينىدە سوقۇشۇپ چېكىنىدىغانلىقى ، ئەڭ قىيىن ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئورۇندايدىغانلىقى ، ئۇلارنىڭ رازۋېتچىك ئىكەنلىكى ، بۇ ئاكا - ئۇكىلارنىڭ بىرسى سازەندە بولۇپ ، راۋابىنى ئاپتومات بىلەن بىرگە كۆتۈرۈپ يۇرۈپ جەڭ قىلغانلىقى ، ئارام ئېلىش ۋاقتىدا راۋاب چېلىپ جەڭچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغانلىقى ، ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى ، ئۇلار كۆپ قېتىم دەھشەتلىك جەڭلەرگە قاتنىشىپ ھېتلىرنىڭ ئۇۋىسى بولغان رەيىخستاگ بىناسىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئەڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ، ھېتلىرچىلارنىڭ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلايدىغان بۇ ئەڭ ئاخىرقى جەڭدە قۇربان بولغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ھەممىنى تەسىرلەندۈرۈۋەتتى . ئاخىرىدا ئۇ يەنە :
__ ئۇيغۇرلارنى مەن ئاشۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا دوستلىرىمدىن بىلگەنىدىم . مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق باتۇر كىشىلەر ئىكەن . ئۇلار ئىسسىق قېنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ، مىللىتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى تىكلىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئارىمىزدىن بىر روس جەڭچى بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكىغا چاقچاق قىلىپ : < سىلەردىن مەخسۇس بىر دىۋىزىيە تەشكىللەپ ، بىر بۇيرۇق بىلەن بېرلېنغا ھۇجۇمغا ئەۋەتسە ، ئۇدۇل بارغانچە ھېتلىرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ ئەكەلگۈدەكسىلەر > دىگەنىدى . گەرچە بۇ بىر چاقچاق بولسىمۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىقىغا ، سوۋىت زىمىنىنى فاشىستلاردىن قوغداشتا نەقەدەر باتۇرلۇق - پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئوقۇلغان مەدھىيە ئىدى . كېيىن مەن ئاسپىرانت بولدۇم . مەخسۇس شەرق تارىخىنى ئۆگەندىم . شۇ چاغدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قەدىمكى ، مەدەنىيەتلىك ، ئۇلۇق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم . مەن ئاشۇ يىگىتلەر كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقتىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاشۇنداق قەدىمىيلىكى ، مەدەنىيەتلىكلىكى ، قىسقىسى ، ئۇلۇغ بىر مىللەت بولغانلىقىدىن بۇ قەھرىمانلىق روھىنىڭ بۇ مىلللەتكە ئەسلى تۇغما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . قىسقىسى ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋە قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبېك ، تاجىك ، قاراقالپاق ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ماددىي ، مەنىۋى ، جىسمانىي ياردىمى بولمىغان بولسا ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غەلبىسى بولمىغان بولاتتى ، _ دىدى .
سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى بوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا باقماي سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئورۇشىدا ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋە ياۋرۇپا خەلقىنى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشتى . جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەركىزىدىكى باتۇرلۇق ، ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە مەدەنىيەتلىك ، ئاق كۆڭۈل خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىغا فاشىزمغا قارشى مىللەتلەر قاتارىدا قاتنىشىپ ، شەرقتە ياپون فاشىزىمىنى ( يەنى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار گەرچە ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشمىسىمۇ ، لېكىن خەلق ئاممىۋى سەپەرۋەرلىك بىلەن ئىئانە توپلاپ ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى ۋە چوڭ ئارقا سەپنى جان پىدالىق بىلەن قوغدىدى ) ، غەرپتە گېرمانىيە فاشىزمىنى گۇمران قىلىش ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرىنى قىلچە ئايىماستىن تۆكتى ۋە كۆپ قۇربانلارنى بەردى .
سوۋىت ئويغۇرلىرى < ھەممە فرونت ئۈچۈن !> دىگەن شۇئارغا بىنائەن ، قېرى - ياش ، خوتۇن - قىزلارغىچە ھەتتا بالىلارغىچە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ، سوۋىت ئىتتىپاقى ھەمدە ياۋروپانىڭ جەڭ غەلبىسى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى . بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۈچ - تۆت ھەسسە ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ ، ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈردى . ئوش ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇرلىرى 1 مىليون رۇبلى يىغىپ سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ تانكا قىسمىغا ياردەم قىلدى . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ياردىمى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىن قىلىنغان ئەڭ چوڭ ياردەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى . بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلانغان ستالىن ئەينى ۋاقىتتا ئوش ئۇيغۇرلىرىنىڭ خالىسانە ياردەم قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىمىن ئاخۇن ئەھمىدۇفقا : ( مېنىڭ قېرىنداشلارچە چوڭقۇر سالىمىمنى ۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ رەھمىتىنى <مېھنەتكەش ئۇيغۇر > نامى بىلەن 1 مىليون 100 مىڭ رۇبلى ئەۋەتكەن ئوش ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ ) دەپ تېلېگرامما يوللىغانىدى .
ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە قىرغىزىستان جالالئاباد رايونىدىكى ئۇيغۇرلار 359 مىڭ 227 رۇبلىنى ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان قىزىل ئارمىيىگە ئەۋەتىپ بەرگەن . بۇلار ستالىنغا يازغان خېتىدە : < سىزگە خەت يازغۇچى قىرغىزىستان س س س ر نىڭ جالالئاباد رايونىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلاردۇرمىز . بىز سوۋىت ئىتتىپاقى زىمىنىدا ئۇزۇندىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتىمىز . بىز ھەممىمىز قەشقەردىن كەلگەن ، ئاچلىق ۋە مۇھتاجلىق بىزنى بۇ يەرگە قوغلىغان . بىز پەس كۆرۈلگەن ، خارلانغان ھالدا ئىش ئىزدەپ يۈرگەنىدۇق . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان ئارىلىقتا بولغانىدى . بىز ھازىر ھەممە باراۋەر گراژدانلارمىز . بۇگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىزگە فاشىستلار باستۇرۇپ كەلگەندە بىز فاشىستلارغا قارشى جەڭگە ئاتلانماي تۇرالمايمىز . مالال كۆرمەي ئاز بولسىمۇ بۇ سەمىمىي ئىئانىمىزنى قىزىل ئارمىيە فوندىغا قوبۇل قىلغايسىز ۋە شۇ ياردەملەرنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى دەپ قارارسىز > . ستالىن بۇ خەتكە جاۋاپ تېلېگرامما يېزىپ ، ئۆزىنىڭ ۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرگەن .
يەنە قازاقىستاننىڭ تالقار رايونىدىكى < قىزىل غەيرەت > كولخوزى 4800 پۇت ئاشلىقنى قىزىل ئارمىيە فوندىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن . چېلەك رايونىدىكى سەئىدۇللايۇف ، دارۋانقۇلۇف دىگەن كىشىلەر ئۆزلىرى يالغۇز 100 مىڭ رۇبلىنى قىزىل ئارمىيە فوندىغا ئەۋەتىپ ، ستالىننىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان . ئۇيغۇر رايونى 140 مىڭ رۇبلى ئىئانە قىلغان .
ئۇيغۇر خەلقى ۋەتەن ئۇرۇشى ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ قالماستىن ، بەلكى يەنە 200 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى جەڭگە ئاتلىنىپ ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقى ۋە سوۋىت ئارمىيىسى ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان .
ئۇيغۇر جەڭچىلىرى پۈتكۈل ئۇرۇش سەپلىرىدە ، شۇنداقلا موسكۋا ، لېنىنگراد ، ستالىنگراد ، سۋاستپۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى قوغداش ۋە ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن . يەركەتلىك جەڭچى لوقمان ئىسھاقۇف قوشۇننىڭ سىياسىي كومىسسارى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئاجايىپ زور تەشكىللەش ۋە ئىلھام بېرىش قابىلىيىتى ، شۇنداقلا باتۇرلۇقى ئارقىلىق جەڭچىلەر ئارىسىدا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ ، ستالىنگراد ئۈچۈن بولغان جەڭدە ئۆزىنىڭ مەردلىكى ، باتۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ ئاخىرىغىچە سوقۇشۇپ ، سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ ھەر خىل ئوردېنلىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن . ئىنژېنېر تاھىر ئىمىنوف ۋە ئەكرەم دوغانوفلارنىڭ قەھرىمانلىقى ھازىرغىچە سوۋىت پۇقرالىرى ئىچىدە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە . بۇلار باشقا ئۇيغۇر جەڭچىلىرى بىلەن بىرگە موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان .
موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىدا داڭق چىقارغان يەنە بىر ئۇيغۇر جەڭچىسى ، سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى شەۋكەت بىر قېتىملىق جەڭدە 50 تىن ئارتۇق گېرمان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئىستىھكامنى ئۆزى يالغۇز قوغداپ قالغان ھەم چېكىنمەي جەڭ قىلىپ ، پۈتكۈل ئۇرۇش سېپىنى قوغداپ ئاخىرى مەردلەرچە قۇربان بولغان . ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ئۈچۈن < قىزىل يۇلتۇز > ۋە < قىزىل بايراق > ئوردېنلىرى بېرىلگەن . ئۇنىڭدىن بۆلەك يەنە مەرگەن ئوسمان توختايىف ، ياقۇپ ئەھمىدۇف قتارلىق جەڭچىلەرگىمۇ يۇقىرىقىدەك ئوردېنلار بېرىلگەن . قىسقىسى ، موسكۋا بوسۇغۇسىدا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى ئاققانىدى .
سوۋىت ئارمىيىسىدە يۇقىرى خىزمەت ئۆتىگەن ئوفېتسىرلاردىن 192 - دىۋىزىيىنىڭ سىياسىي كوممىسسارى ئابدۇللا باقىيۇف بەش يىللىق جەڭدە ئاجايىپ زور خىزمەت كۆرسەتكەن . ئۇ ، سوۋىت ئارمىيىسى تەركىبىدە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ياپون كانتون ئارمىيىسىنى يوقىتىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان . ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم < ۋەتەن ئۇرۇشى > ئوردىنى بىلەن < قىزىل يۇلتۇز > ئوردىنى ۋە باشقا مېداللارنى تەقدىم قىلغان . ئالما - ئاتادا تەشكىللەنگەن پانفىلوف دىۋىزىيىسىنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئۇيغۇرلار بولۇپ ، بۇ دىۋىزىيىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان گېنىرال پانفىلوف ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭدىكى باتۇرلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ تەشكىللىگەن . كېيىن بۇ دېۋىزىيىنى موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرغان . بۇ دىۋىزىيە ھەقىقەتەنمۇ موسكۋانى قوغداش جېڭىدە ئاجايىپ زور خىزمەت كۆرسەتكەن . مانا مۇشۇ دېۋىزىيىدىكى باتۇر جەڭچىلەرنىڭ بىرى ، ئۇيغۇر پەرزەنتى باتۇر شەرىپۇف باتۇرلۇق بىلەن سوقۇشۇپ بىر قانچە قېتىم يارىدار بولسىمۇ سەپتىن چېكىنمەي ، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنى نامايەن قىلغان . ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ نامى بىر قەھرىمانلىق رىۋايىتىگە ئايلانغانىدى . < ھەربىي چاقىرىق > گېزىتىدە ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى مەخسۇس ئوچېرك قىلىپ بېسىلغان . ئوچېركتە < باتۇر شەرىپوف جەڭلەردە ھەر قاچان بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن ، ئۇنىڭ ھەربىي پەلتۇسى ئوق زەربىسىدە ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ تىتىلىپ كەتكەن ، ئۇنىڭغا ئوق ئوتمەيدۇ ، ئۇ ، ئاپتوماتنى ئېلىپ فاشىستلار ئارىسىغا كىرىپ دۈشمەننى خۇماردىن چىققىچە قىرىدۇ . قىسقىسى ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق روھى ئالدىدا ئۆلۈم ئۇنىڭغا ھامان بوي سۇنىدۇ ....> دەپ مەدھىيىلىگەن . بۇ ئەزىمەت موسكۋادىن تاكى بېرلىنغىچە بولغان مۇساپىدە ئاجايىپ زور قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ، ئۇرۇشتىن ساق - سالامەت قايتقان ھەم 1945 - يىلى 24 - ئىيۇلدا قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن غەلىبە پاراتىغا شەرەپ بىلەن قاتناشقان .
1941- يىلى 22 - ئىيۇن گېرمان فاشىستلىرىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان تۈنجى كۈنى . سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە توشۇقى بولغان مەشھۇر چېگرا پونكىتى - بىرتىس قورغىنىنى قوغداش ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن ئى . كامالۇف ، ئا . سوپىيوف ، ك . تۇردىيوف قاتارلىق جەڭچىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ، قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن سوۋىت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوردېنلار بىلەن تەقدىرلەنگەن . گېرمانىيە تۇجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن بىخەۋەر تۇرغان سوۋېت ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە زور بەدەل بېرىش بىلەن بىرگە سەپ بويىچە گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ، نۇرغۇن يەرلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىرىنچى ھۇجۇم لىنىيىسى بولغان بىرتىس قورغىنىنى گېرمانلار ئۇزاققىچە ئىشغال قىلالمىغان . بىرتىس قورغىنىنى قوغداش چېڭى سوۋىت ۋەتەن ئۇرۇشىدا مەشھۇر مۇداپىئە ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىرتىس ئۈچۈن بولغان جەڭدىكى سوۋىت ئەسكەرلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى ، تېز پۈكمەس روھى ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان دېيىلگەندە ، بۇ ئۇرۇشتا ئاخىرقى بىر پاي ئوق قالغىچە سوقۇشۇپ ، قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ ، گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بىلەن تەڭ ھالاك بولغانلار يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىدۇر . بۇ يىگىتلەرنىڭ مەردلىك - باتۇرلۇق روھى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى ، جۇملىدىن بىرتىس ئۇرۇشى توغرىسىدىكى تارىخىي ئەسلىمىلەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ مەدھىيىلەنگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، لېنىنگراد ئۈچۈن بولغان جەڭدە ئۇيغۇر ئوغلى نىزامىددىنوف زور قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ < 1 - دەرىجىلىك ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردېنى > ، < قىزىل يۇلتۇز > ئوردېنى ۋە باشقا باتۇرلۇق مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن .
سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر كوماندىرلىرىدىن شاماخۇن ئۆزىنىڭ قىسىمى بىلەن بىر قېتىملىق ۋەزىپە ئورۇنداش جېڭىدە دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالىدۇ . ئۇ ، قورشاۋدا ئەسكەرلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن توغرا قوماندانلىق قىلىپ ، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىپ قەتئىي تىز پۈكمەيدۇ . ئۇلار ئوقلىرى تۈگىگىچە سوقۇشۇپ ، ئاخىرى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ ھەممىسى قىرىلىدۇ ، شاماخۇن پىلىموتنى كۆتۈرۈپ دۈشمەن توپىغا ئېتىلىپ بېرىپ ، بىراقلا دۈشمەننىڭ 60 نەچچە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ، ئاندىن ئوق تۈگىگەندە قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ قۇربان بولىدۇ . شاماخۇننىڭ باتۇرلۇقى ، تېز پۈكمەس روھى ئۈچۈن سوۋىت ھۆكۈمىتى ئۇنى ئالىي دەرىجىلىك ئوردېنلار بىلەن تەقدىرلىگەندىن باشقا پۈتكۈل سوۋىت مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىدۇ .
بىنپىر دەرياسى بويىدىكى كىيفنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا سوۋىت ئارمىيىسى پاراشوتچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوفېتسىرى مەسۇم ياقۇپوف پۈتكۈل ئۇرۇش سېپىنى قوغداپ كىيفنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاجايىپ زور تۆھپە قوشقىنى ئۈچۈن < سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى > دىگەن ھۆرمەتلىك نامغا ئېگە بولغان .
1943 - يىلى سىنتەبرنىڭ ئاخىرىدا سوۋىت ئارمىيىسى گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ دىبپىر دەرياسى مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، كيفقا ھۈجۈم قىلىش جېڭىنى باشلايدۇ . مۇستەھكەم ئىستىھكام ۋە دولقۇنلۇق دىنپىر دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئىبارەت تەبىئىي توساق بىلەن مۇستەھكەم مۇداپىئەلەنگەن گېرمانىيە فاشىستلىرى دەريا يۈزىنى يامغۇردەك پىلىموت ئوقلىرى ۋە زەمبىرەك ئوقلىرىغا تۇتۇپ ، سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ قارشى قىرغاققا ئۆتۈشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ . ئەنە شۇنداق ھايات - ماماتلىق پەيتتە ، مەسۇم ياقۇپوف 24 نەپەر جەڭچىنى باشلاپ ، قولۋاق بىلەن دەريادىن ئۆتۈشتىن ئىبارەت خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدۇ . يامغۇردەك پىلىموت ئوقلىرى ۋە توپ ئوقلىرىنىڭ دەھشەتلىك پارتلاشلىرى ئىچىدە ئاخىرى دەريادىن ئۆتۈپ ، دۈشمەننىڭ مۇداپىئە توسۇقىنى ئىشغال قىلىپ ، دۈشمەنگە ئوت ئېچىپ سەپنى كېڭەيتىدۇ . دۈشمەن بۇ ئەترەتنى يوقىتىش ئۈچۈن نەچچە ئون قېتىملاپ ھۇجۇمغا ئۆتسىمۇ ، لېكىن مەسۇم ياقۇپوف ئەترىتى دۈشمەننىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ ئىستىھكامنى بىر سوتكا قوغداپ ، پۈتكۈل باتالىئوننىڭ دەريادىن ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . باتالىئون دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن ، گېرمان فاشىستلىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ دەريا بويىدىكى دۈشمەنلەرنى يوقىتىپ ، پۈتكۈل سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ كىيف شەھىرىگە كەڭ - كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشىغا ئاساس يارىتىدۇ . باتۇر مەسۇم ياقۇبوف باشچىلىق قىلغان ئەترەت ۋە باتالىئون بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئاجايىپ زور تۆھپە يارىتىدۇ . مەسۇم ياقۇپوف ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ ، سەپتىن قالماي ئىلگىرىلەپ ئۆزى يالغۇز دۇشمەن بىلەن سوقۇشۇپ 12 نەپەر گېرمان ئەسكىرىنى ئەسىر قىلىپ ، پولك كوماندىرىنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ بېرىپلا يىقىلىدۇ . مەسۇم ياقۇپوفنىڭ تىللاردا داستان بولارلىق بۇ ئاجايىپ قەھرىمانلىقى پۈتكۈل سوۋىت ئارمىيىسىدە زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا دەرھال < سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى > دەپ ئالىي نام بېرىدۇ . ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، بۇ باتۇر جەڭچى چالا ئۆلۈك ھالەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ ، داۋالانغاندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتى ئالما - ئاتاغا قايتىپ كېلىدۇ . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ < سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى > دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالىدۇ . چۈنكى پولك كوماندىرى ئۇنى ئۆلدى ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ . كۆپ ئىزدەشلەر ۋە سۈرۈشتۈرۈشلەردىن كېيىن ، ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ ئاخىرى بۇ قەھرىمان تېپىلىدۇ . سوۋېت ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، مەسۇم ياقۇپوفقا ئالما - ئاتادا چوڭ - داغدۇغۇلۇق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، < سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى > دىگەن ئوردېننى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئالما - ئاتادىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ، جۈملىدىن بىر قانچە كوچىلارنىڭ نامىنى مەسۇم قايۇپوف نامى بىلەن ئاتاشنى بۇيرۇيدۇ .
سوۋىت ئويغۇرلىرى ئىچىدە يەنە داداش باباجانوف ، سۈلھى لۇتپۇللىن كەبىي تىللااردا داستان بولغىدەك قەھرىمانلار يېتىشىپ چىققان . داداف باباجانوف سۋاستپول ئۈچۈن بولغان جەڭدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن . ئۇ ، جاھىللىق بىلەن مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان دۈشمەننىڭ ئىستىھكامىنى ئوجۇقتۇرۇشقا ئۈچ جەڭچى قاتارىدا ئەۋەتىلىپ ، ئىككى جەڭچى قۇربان بولغاندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز دۈشمەننىڭ ئاساسىي ئىستىھكامىنى پارتلىتىپ تاشلاپ ، بىراقلا 40 دۈشمەننى يوقاتقان ۋە ئارقىدىنلا داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان دۈشمەن زەمبىرەك ئىستىھكامىغا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ ، ئۇنى پارتلىتىپ تاشلىغاندىن باشقا ، تىرىك قالغان دۈشمەننى ئەسىر ئېلىپ ، چوققىغا ئۆزى يالغۇز قىزىل بايراق قاداپ غەلىبە تەنتەنىسىنى نامايىش قىلغان . داداش باباجانوفنىڭ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا < سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى > دىگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن . سۇلھى لۇتپۇللىن ئۆزى يالغۇز گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ 18 تانكىسى ۋە بىر نەچچە پرونىۋىكلىرىنى پارتلىتىپ ، < سوۋىت ئىتتىپاقى قەھرىمانى > دىگەن نامغا ئېرىشكەن . بۇ يەردە يەنە بىر ئاجايىپ قەھرىمان ، < پولشا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەھرىمانى > دەپ نام بېرىلگەن قاھار شەرىپوفنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن . ئۇ ، گېرمانىيە فاشىستلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن پولشادىكى يىغىۋېلىش لاگىرىدا ياتقان . ئاخىرى ئۇ تۆت نەپەر سەپدىشى بىلەن لاگىردىن قېچىپ ، پولشا پارتىزانلىغا قوشۇلغان ۋە ئالتە قېتىم يارىدار بولغان بولسىمۇ ھەر قېتىم قوشۇنغا قايتقان . ئۇ ، پولشا پارتىزانلىرى بىلەن بىرگە گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ كۆۋرۇكلىرىنى بۇزغان ، پويىز ، ھەربىي مۇلازىمەت ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئاجايىپ باتۇرلۇقلارنى كۆرسەتكەن . ھەتتا بىر قېتىم گېرمانىيە ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ قەتئىي تېز پۈكمىگەن . ئۇنى جازا مەيدانىغا ئاتقىلى ئېلىپ چىققاندا ئەپچىللىك بىلەن قاراۋۇلنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ يەنە قېچىپ كەتكەن . پولشا ئازاد بولغاندىن كېيىن ئۇ پولشا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لىگۇنا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن . ئۇنىڭ ئاجايىپ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن پولشا ھۆكۈمىتى ئۇنى ئەڭ ئالىي ئوردىن < پارتىزانلىق ئالتۇن كىرست > ى بىلەن تەقدىرلىگەن ، < پولشا جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى > دەپ قارىغان ھەم ئۇنىڭ شەرىپىگە لىگۇنا شەھىرىگە ئۇنىڭ ئىگىز مىس ھەيكىلىنى ئورناتقان . يەنە ھاكىم ئېيسايىفنىڭ نامى چۆچەكلەردىن قەھرىمانلاردەك تىلغا ئېلىنىدۇ . ئۇ ، بىلوروسىيىنىڭ ئورمانلىرىدا بىلوروسىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىزان ئەترىتىنىڭ بىرسىدە مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . ئۇرۇش جەريانىدا ئۇ ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا لېنىنگراد ( سانكىت - پېتربورگ ) قا قايتىپ كېلىپ ئىشلىگەن .
يۇقىرىدا نامى ئاتالغان ۋە ئاتالمىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ قاتارىدا قەمىرە جامال ئەلىيوۋا ، رىزۋانگۈل قادىروۋا ، روشەن قادىروۋا قاتارلىق ئۇيغۇر قىز ئوفېتسىر - جەڭچىلىرى ياكى بېرلىنغىچە جەڭ قىلىپ ، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقى ئەينى ۋاقىتتا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغانىدى .
ھازىرمۇ ئالما - ئاتا ، بىشكەك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە بارسىڭىز ئاشۇ قانلىق ئۇرۇشنىڭ ، باتۇرلۇقنىڭ ، مەردلىكنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە مەيدىسىگە لىق ئوردېن - مېداللارنى تاقاپ ، كۆكرەكلىرىنى كېرىپ يۈرگەن ، 70 - 80 لەردىن ئاشقان بولسىمۇ ۋۇجۇدىدىن كۈچ - قۇۋۋەت ، مەردانىلىق ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇيغۇر بوۋايلارنى كۆرىسىز . بۇ بوۋايلار بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ئۇلاردىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك - مەردانىلىق ، مەردلىك بولۇپ ، ھەر كۈن ، ھەر ۋاقىت بالىلارغا تەربىيە بېرىپ ، قانداق ئۇيغۇر بولۇش كېرەكلىكىنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى ، قىسقىسى ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئۆز مىللىتى ئىشقىدا كۆيۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز .
مەن 1994 - يىلى ئالما - ئاتادا 9 - مايدىكى < غالىبىيەت بايرىمى > غا قاتناشتىم ، قازاقىستان خەلق ئارتىسى ، شۇنداقلا لېنىننىڭ رولىنى ئويناپ پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە سۆھرەت قازانغان ئارتىس ، ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى مەخپىر ئاكىنىڭ ئۆيىدە مېھقاندا بولدۇم . ئايالى - قازاقىستان خەلق ئارتىسى ، مەشھۇر سەنئەت ئەربابى روشەنگۈل ئىلاخۇنوۋا پىشانەمدىن سۆيۈپ ، مېنى قىزغىن قارشى ئالدى . شۇ كۈندىكى بايراملىق چايغا ۋەتەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ، يېشى 80 لەر ئەتراپىدىكى ، مەيدىسى لىق ئوردىن - مېداللار بىلەن تولغان ئوندەك ئۇيغۇر بوۋايلار ، يەنە پېشقەدەم جەڭچىلەر كەلدى . بۇلارنىڭ بىرسى توكۇر ، بىرسى چولاق بولسىمۇ پۈتكۈل ھۇجۇدىدىن يەنىلا باتۇرلۇق ، مەردلىك ئۇرغۇپ تۇراتتى .
شۇنىسى قىزىقكى ، بوۋايلار شۇنچە كۆپ ھاراق ئىچىپمۇ يەنىلا جەڭگىۋار ھالەتتە ئىدى . ئۇلار زادىلا مەست بولمىدى . شۇ چاغدا مەخپىر ئاكىنىڭ : < ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول ، بولمىسا يوق بول > دىگەن سۆزى تا ھازىرغىچە قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلايدۇ .
مەن ھەر قېتىم مېترولاردا ، چوڭ رەستىلەرنىڭ پىيادىلەر يوللىرىدا ، باغچىلاردا ، ھەر خىل جامائەت سورۇنلىرىدا مەيدىسىگە ئوردىن - مېداللارنى تاقىۋالغان بىر پۇتى ياكى قولى يوق مېيىپ تىلەمچى بۇۋايلارنى ، قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن ئاجىز مومايلارنى كۆرگىنىمدە ئۇلارنى دىۋانە كۆرگىنىم ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى چەكسىز ھۆرمەتلىگىنىم ئۈچۈن پۇللارنى ئايىماي بېرمەن . شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ كىرىمېل تېمى يېنىدىكى < مەڭگۈلۈك يالقۇن > كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ . چۈنكى ، ئاشۇ ئوردىن - مېدال تاقاپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بىچارە بوۋاي - مومايلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى ئاشۇ < مەڭگۈلۈك يالقۇن روھى > بىلەن بىر ئىدى ئەمەسمۇ ؟!
ھازىر روسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي كىرزىسى تۈپەيلىدىن بۇ روھنى ئاغزىدا قۇرۇقتىن - قۇرۇق مەدھىيىلىگىنى بىلەن مەيدىسىگە ئوردىن - مېدال تاقىغان بوۋاي مومايلارنىڭ كوچىغا تاشلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولماقتا ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي قايسى شەخسلەرنىڭ بانكىسىغا ۋە يانچۇقىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، نىمە ئۈچۈن بۇ ئوردىن - مېدال تاقىغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ - نەپرەت ئۇچقۇنى چىقىۋاتقانلىقىنى ھەر كۈن ، ھەر مىنوت رادىئو - تېلېۋىزور ، گېزىت ۋە يىغىلىشلاردا سۆزلەشسىمۇ ، بەرىبىر بۇ دۆلەت تارىخ ئاتا قىلغان تەقدىر يولىدا پەقەت بىز كېلەچەكتىلا خۇلاسە چىقىرالايدىغان نەتىجىگە قاراپ كېتىپ بارماقتا .
لېكىن ، ئادەملەر يەنىلا شۇ روھقا ئاتاپ < مەڭگۈلۈك يالقۇن > ئالدىدا باشلىرىنى ئىگىپ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى تەقدىم قىلىشىدۇ .
مەن 1994 - يىلى غۇلجىغا بارغاندا تونۇشۇمنىڭ قورۇسىدىكى گۈللۈكتە پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىل گۈللەردىن بىر دەستە تەييارلاپ باغچا تەرەپكە ماڭغىنىمدا ، ئادەملەرنىڭ ماڭا ھەيرانلىق نەزەرى بىلەن قاراشقانلىقىنى سەزگەنىدىم . ھەتتە بەزىلەر ماڭا بۇ گۈلنى قايسى جانانغا تەقدىم قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى سوراپ ئۈلگۈردى . مەن بۇ گۈللەرنى بىزنىڭ ئۆز تۇپرىقىمىزدا بىز ئۈچۈن ئاشۇنداق مۇقەددەس روھنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەھمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئوغلانلارنىڭ قەبرىسىگە قويدۇم . گەرچە بۇ يەردە كېچە - كۈندۈز يېنىپ تۇرىدىغان < مۈڭگۈلۈك يالقۇن > بولمىسىمۇ ، لېكىن يەنىلا قەبرىلەردىن < مەڭگۈلۈك يالقۇن > نىڭ تەپتىدىنمۇ كۈچلۈك سىرلىق ئوت يالقۇنلاپ تۇراتتى .
مەن بۇ قەبرىلەر ئالدىدا تۇرۇپ ئويغا پاتتىم . كىرىمېل تېمى يېنىدىكى ئاشۇ < مەڭگۈلۈك يالقۇن > خاتىرىسى ھەر قاچان گۈللەر بىلەن يېپىلىدۇ . ئەپسۇس ، بىزدىكى بۇ قەبرىلەر ماڭا گويا نەپرەت كۆزى بىلەن قاراۋاتقان ئادەمدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .ئەسلىدە بۇ قەبرىلەرمۇ ھەر كۈنى ، ھەر ۋاقىت گۈللەر بىلەن يېپىلىشى كېرەك ئىدىغۇ ؟ !
بىزنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ، ھەتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى ئالدىدا خىجىل بولىدىغان يەرلىرىمىز خېلى كۆپ . ئېيتايلۇق ، بەخت - سائادىتىمىز ئۈچۈن شېھىت بولغان تالاي ئوغلانلىرىمىزنىڭ قەبرىلىرىگە گۈل قويالىدۇقمۇ ؟ يامان يېرى شۇكى ، بىز ھەتتا بۇ قەبرىلەرنىڭ بەزىلىرى نەدە ئىكەنلىكىنى تېخىچە بىلمەيمىز ......
1995 - يىلى غولجىغا يەنە بىر قېتىم باردىم ۋە باغچىغا بىر دەستە گۈل ئېلىپ كىرىپ ، ماڭا تونۇش بولغان قەبرىگە چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە گۈللەرنى قويدۇم ، قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈردۇم . دەل شۇ چاغدا ئاپئال توي كىيىمى كىيىپ ، قولىدا قىزىل ئەتىرگۈل كۆتۈرگەن نازاكەتلىك قىز بىلەن قاملاشقان ، قارا بۇرۇتلۇق يىگىتنى ئارىغا ئالغان ، قوللىرىدا گۈللەر كۆتۈرۈشكەن بىر توپ ياشلار قايغۇ ۋە شادلىق ئارىلاش ۋاڭ - چۇڭلىرى بىلەن قەبرە يېنىغا كېلىشتى - دە ، سۈكۈتتە تۇرۇشتى . قىز بىلەن يىگىت گۈللەرنى ئەھمەتجان قاسىمىنىڭ قەبرىسىگە قويدى ۋە ئارقىدىن ھەممەيلەن قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى . مەنمۇ ئىختىيارسىز شۇلار بىلەن بىرگە بۇ توي مۇراسىمىغا قاتناشتىم ، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن روھى ھامان ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . ئۇ ، كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ ، ئۇلغىيىپ ، يېڭى ئەۋلادلارنىڭ تومۇرىدىكى قانلار بىلەن بىرگە ئاقىدۇ !
خىياللارغا پاتتىم ، خىياللىرىمنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان . مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ قىزىل مەيدانغا بارغۇم كەلدى . چۈنكى قىزىل مەيدان بىزنىڭ ئىنىستىتوتتىن پىيادە 20 مىنوتلۇق يول ئىدى . قىزىل مەيداننى بىردەم ئايلاندىم . كېيىن قەدىمىم ئاستا - ئاستا كىرىمېل سارىيى يېنىدىكى ئالېكساندىروۋسكىي باغچىسىغا قاراپ تاشلاندى ، يەنىلا شۇ ئادىتىم بويىچە گۈل سېتىۋېلىپ < مەڭگۈلۈك يالقۇن > نىڭ قېشىغا بېرىپ گۈل قويدۇم - دە ، چوڭقۇر خىياللارغا پاتتىم .......
ئەتىرگۈل ۋە كىتاب
1990 - يىلىنىڭ بېشى ۋە س س س ر پارچىلانغان دەسلەپكى يىلى __ 1991 - يىلى موسكۋا ھەققىدىكى خىياللىرىم تېخىمۇ مۇرەككەپلەشكەن چاغ بولدى . ھەممە يەردە ئۆچىرەت ، ماگىزىنلاردا مال ، بولۇپمۇ يىمەك - ئىچمەك خېلىلا كەمچىل ئىدى . بەزى تاۋارلار ئىسكىلاتقا سولانغان ، موسكۋا شەھىرىدە بىر خىل جىددىيچىلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . لېكىن ئىككىلا نەرسە ھەممىلا يەردە ھاياتقا گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇراتتى . بۇ نەرسە - ھەر خىل گۈللەر ۋە روسلارنىڭ ھاياتىدا ئىككىنچى بولكا ( نان ) دەپ ئاتالغان كىتاب ئىدى . رەڭگىرويىدىن ئېغىر روھىي بېسىم چىقىپ تۇرغان روس كىشىلىرى پەقەت بىرلا نەرسىدىن يەنى كىتابتىن ئۆزلىرىگە تەسەللىي تاپالايتتى . ئاپتوبوس ، ترانۋاي ، مىترو ، ساماليوت ، تاكسىلاردا كېتىۋاتقان ھەتتا پىيادە يۈرگەن كىشىلەرنىڭ قولىدىن گېزىت ، كىتابلار چۈشمەيتتى . ( ئۇلار تېز ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان دۇنيانىڭ ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدىن تولۇق ، ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشقا تىرىشاتتى . ئەگەر بىرەر كۈن تېلېۋىزور ياكى گېزىت خەۋەرلىرىنى كۆرەلمەي قالسا ، خۇددى بىر كۈن ئاچ قالغاندەك ئەپسۇسلۇقتىن ئىچى سىقىلاتتى ) . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مىترو ، ترامۋايلاردا ، ئاپتوبۇس ، تاكسىلاردا ھەمدە پىيادە يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەر خىل چىرايلىق گۈللەرنى كۆتۈرۈۋالغىنىنى ، شۇنداقلا چىرايىدىن بىر خىل خۇشاللىق ياكى ئاللىقانداق جىددىيلىك چىقىپ تۇرغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن روس خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ھەر خىل خاتىرە كۈنلىرىدە ئۆز - ئارا گۈل تەقدىم قىلىش ، ياش يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ سۆيگەن قىزلىرىغا دائىم گۈل سوۋغا قىلىپ تۇرۇش بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان . مۇنداق چاغلاردا قىز تەرەپنىڭ ياخشى كۆرۇدىغان گۈللىرى ئاساس قىلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز - ئارا دوستلۇق ، ھەر خىل ھېيت - بايرام ، بولۇپمۇ << ئاياللار بايرىمى >> ھەمدە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا مەلۇم نەتىجە قازانغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ گۈل تەقدىم قىلىنىدۇ . ئۇلاردىكى يەنە بىر ئېسىل ئەنئەنە ، سىزگە ئوخشاشلا كونسېرتلاردا ئۆزلىرى خالىغان ئارتىستلارغا گۈل تەقدىم قىلىشتىن سىرت خىزمەت ، ئىلمىي ئەمگەكلەردە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارغىمۇ گۈل تەقدىم قىلىش ئادەتكە ئايلانغان . ( بۇ خىل گۈل تەقدىم قىلىش گاھىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىنمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئەلبەتتە ) ، گۈل تەقدىم قىلىشنىڭمۇ ئۆز قائىدىسى بولۇپ ، تاق سان ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ ، ئادەتتە تەقدىم قىلىنىدىغان گۈللەر 3 ياكى 5 ، 9 ، 11 تالدىن تىزىلىدۇ . مەيلى قانچىنى تەقدىم قىلىڭ ، خۇشاللىق ، ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن تاق سان بولۇش كېرەك . جۈپ سان چوقۇم قايغۇدىن دېرەك بېرىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ ۋە مۇسىبەت خاتىرىسى ئۈچۈن مۇشۇ جۈپ سان بويىچە گۈل قويۇلىدۇ .
قىسقىسى ، گۈل تەقدىم قىلىش روسلارنىڭ ، جۈملىدىن ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ، سىمۋول خاراكتېرلىك بىر ئەنئەنە . ئەينى ۋاقىتتا موسكۋاغا كەلگەن جۇڭگولۇقلارمۇ روسلارنىڭ بۇ ئادىتىنى ئۆگىنىپ ، ئۆز ئارا گۈل تەقدىم قىلىدىغان بولۇشقانىدى . ھەتتا گۈل تەقدىم قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ رومانتىك ئالاھىدىلىكىدىن مەستخۇش بولغان ، ئەمما بۇ ھەقتىكى قائىدىلەرنى پىششىق بىلىشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن جۇڭگولۇق بىر ساۋاقدىشىم موسكۋاغا كېلىپ كېيىنكى ھەپتىسىلا بىر گۈزەل روس قىزىغا گۈل تەقدىم قىلغانىكەن ، ئەپسۇس ، ئۇ ، قىزنىڭ تەشەككۇرىنى ئەمەس ، ئەكسىچە تىل - ئاھانىتىنى ئاڭلاپتۇ ، ئەسلىي ساۋاقدىشىم ئۇقۇشماسلىق بىلەن ئۇ قىزغا تۆت تال گۈل تەقدىم قىلىپ قويغانىكەن . بۇ گۈللەرگە خوش بولۇش ئەمەس ، ئەكسىچە خاپا بولغان ئۇ قىز : << كىمىڭگە شۇملۇق تىلەيسەن ، كۆتۈر بۇ نېمەڭنى ! >> دەپ ۋارقىراپ گۈللەرنى بېشىغا ئاتقاندا ، جۇڭگولۇق بۇ ساۋاقدىشىم داڭقېتىپ قېلىپ يا يىغلاشنى ، يا كۈلۈشنى بىلمەي نەچچە كۈنگىچە بېشىنى سېلىپ يۈرگەنىكەن . ئۇ ، پەرىشانلىق ئىچىدە ئەھۋالنى ماڭا ئېيتقاندا ، مەن ئۆزەمنى باسالماي كۈلۈپ كەتكەنىدىم . ئىككىمىز چىرايلىق بەش تال ئەتىرگۈل ئېلىپ ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا يەنە باردۇق . مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم ، ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقىنى ئېيتتىم ، << بىزنىڭ جۇڭگودا ئۇغۇللار قىزلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ جۈپ ساندا گۈل تەقدىم قىلاتتى ، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ قائىدىسى بويىچە سىزگە تۆت تال گۈل تەقدىم قىپتۇ >> دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم . قىز خۇشاللىق بىلەن گۈلنى ئالدى . شۇندىن كېيىن ئۇ قىز بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق . كېيىن بۇ ھېكايە ئاسپرانتلار ئارىسىدا تارقىلىپ لەتىپىگە ئايلىنىپ كەتتى .
گۈلدىن ئىبارەت تەبىئىي گۈزەللىك ئارقىلىق ئىنسانلار ھاياتلىقنى بېزەيدۇ ، قەدىرلەيدۇ ۋە سۆيىدۇ . يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك ، ياۋروپالىقلارنىڭ ، جۈملىدىن روسلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا شۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان گۈل ، ئەلبەتتە خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇننى ئىگىلىگەن ، گۈل ئۆستۈرۈش ، پەرۋىش قىلىش ، شۇنداقلا گۈل ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پاك - سەمىمىي تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرى . يىگىتلىرىمىز پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىلگۈلنى ياكى ئەتىرگۈلنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ چېچىغا گۈل قىستۇرۇپ قويۇش ياكى قىزلىرىمىز چېچىغا گۈل قىسىپ يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئېسىل ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى . ھاياتىمىزدا گۈل شۇنچىلىك قەدىرلىك بولغاچقا قىزلىرىمىزنىڭ ئىسمىغىمۇ << گۈل >> ئىبارىسىنى قوشۇپ ئاتايمىز . بۇ ئادەت مېنىڭچە ، بىزگىلا خاس بولسا كېرەك . ھەتتا ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىكىمىزدىمۇ كۆپلىگەن دورىلارغا قىزىلگۈل قېتىپ ياساپ ئىستىمال قىلىمىز ، قىزىلگۈلدىن ئېسىل ئىچىملىك ياسايمىز . ئۆلۈم - يېتىم بولغاندا قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈل بەرگىنى تاۋۇت ئىچىگە چاچىمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىي قول سانائىتىمىزدىمۇ گۈلنى يۇقىرى ئورۇندا قويۇپ رەختلەر ، گىلەملەر ، تەڭلىمات كىگىزلەرگە گۈل باسىمىز . رەختلەرگە ئېسىل گۈل نۇسخىلىرىدىن كەشتە ئىشلەيمىز . ئۇيغۇر مىمارچىلىقىدىمۇ گۈل نەقىشلىرى ئىشلەش بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىمىز . شۇڭا تارىختا ئۆتكەن كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن لۇتپى ، ناۋائىي ، خىرقىتى ، زەلىلىي ، بىزارىيلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ گۈل توغرىسىدا قالتىس ئېسىل مىسرالارنىڭ قالدۇرۇلغانلىقى ھەممىگە ئايان .
ئەپسۇسكى ، ھازىر بىزنىڭ گۈلگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئېسىل ئادەتلىرىمىز يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن . پاك مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قىزلىرىمىزغا گۈل تەقدىم قىلىدىغان ئادەتلىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن يوقالغان . ( گەرچە قىسمەن ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ) . بىزنىڭ گۈلنى شۇنداق قەدىرلىگەنلىكىمىز ئەسلىدىنلا ئانا تەبىئەتنى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئاق كۆڭۈل ، ساپدىل ، سەمىمىي ، تىنچلىقپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ . نىيىتىمىزنىڭ ساپلىقى ، كۆڭلىمىزنىڭ ئاقلىقىدىن يۇرتىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەر قانداق مېھماننى دەستە - دەستە گۈل تەقدىم قىلىپ كۈتىۋالىمىز ھەمدە چىن سەمىمىيلىك بىلەن سورۇننىڭ تۆرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۆزىمىز پەگادا ئولتۇرىمىز ئەمەسمۇ ؟ بار نەرسىمىزنىڭ ھەممىسىنى ھەم ئىچ سىرىمىزنى قوشۇپ ئايىماي مېھماننىڭ ئالدىغا تۆكۈپ ، ئۆزىمىز ئاچ - زېرىن يۈرۈشكە رازى ئەمەسمۇ ؟ .... قىسقىسى ، گۈل مەنىۋى كامالەتكە تەلپۈنگۈچى ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەڭ يارقىن سىمۋولى .
مەن موسكۋادا ياشاش جەريانىدا قانچىلىك گۈل تەقدىم قىلغانلىقىم ۋە باشقىلارنىڭ ماڭا قانچىلىك گۈل تەقدىم قىلغانلىقى ئېسىمدە يوق . بىر مەنزىرە تاھارىزغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ .
1991- يىلى قارلىق كەچ . مەن مېھماندارچىلىقتىن يېنىپ ياتىقىمغا قايتىپ كېتىۋېتىپ ، ئون نەچچە قەدەم نېرىدا ئىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان زىلۋا بويلۇق بىر قىزغا كۆزۈم چۈشتى . قىز يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشىدىن تاماكا سورىۋىدى ، ئۇ كىشى تاماكا يوقلىقىنى ئېيتتى . يەنە بىرسىدىن سورىغانىدى ، ئۇ كىشى تاماكا چىقىرىپ قىزغا بەردى ھەم قىزنىڭ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەرگەچ قىزغا پوخۇرلۇق قىلدى . قىز ئەمدىلا بىر شورىغان تاماكىنى ئاغزىدىن شۇ زامات يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە تاشلىدى- دە ، كېتىپ قالدى . بىردەمدىن كېيىن قىز يەنە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان بىر ئىگىز بويلۇق يىگىتتىن تاماكا سورىدى ، يىگىت تاماكىدىن بىر تال بېرىپ ئوت تۇتاشتۇرغاچ قىزغا بىرگە سەيلى قىلىش تەكلىپىنى قويدى . قىز بىر نىمىلەرنى دەپ قارشىلىق بىلدۈرگەندەك قىلدى . يىگىت ئۇنىڭغا يەنە گەپ ئاچتى ، ئاخىرى قىز تاماكىنى تاشلاپ ، ئويناقلاپ - تېپىچەكلەپ كېتىۋاتقان كۈچۈكىنى سىلكىپ تارتقىنىچە كېتىپ قالدى . دېمەك بۇ قىزنىڭ بەك خۇمارى تۇتقان بولسىمۇ ، تاماكا ئالاي دىسە يېنىدا پۇلى يوق ، چەكمەي دىسە ئامالسىز قالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى . ئاخىرى مەن قىزغا يېتىشىۋالدىم - دە ، ئۇنى توختاتتىم . قىز ماڭا سۇئال نەزەرى بىلەن خاپا چىراي ھالەتتە قارىدى .
__ كەچۈرۈڭ ، - دىدىم مەن ئۇنىڭغا تەكەللۇپ بىلەن ، - مېنى باشقىچە ئويلاپ قالماڭ . بىر مىنوت مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرسىڭىز ، مەن سىزگە تاماكا ئەكىلىپ بېرەي .
قىز ھەيرانلىق بىلەن ماڭا تىكىلىپ قارىدى ، كوچا چىرىقىنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ مۆرىسىگە چۈشكەن ئالتۇن چاچلىرى جۇلالىنىپ تۇراتتى . ئەكمە قاشلىرى قاڭشارلىق بۇرنىغا خوپ ياراشقان ، ئۇزۇن كىرپىكى يوغان ، چوڭقۇر كوزلىرىگە قوشۇلۇپ ئادەمگە بىر خىل سېھىرلىك تۇيغۇ بەخش ئېتەتتى . ئەمدىلا 17 - 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىزنىڭ جىددىي ئەمما سەمىمىلىك يىغىپ تۇرغان كۆزىگە پاكلىق ۋە ھاياتىي كۈچ يوشۇرۇنغانىدى . ئۇ ماڭا ئىشەنچسىزلىك بىلەن كۆزلىرىنى يالت قىلىپ تىكتى - دە :
__ مەن سىزدىن تاماكا سورىمىدىم ، كەچۈرۈڭ ، ماڭا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس ، رەھمەت ، _ دىدى ئۇ رەت قىلىپ .
__ مېنى باياتىنقى ئادەملەرگە ئوخشاتماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ، _ دىدىم ئۇنىڭغا جاۋابەن ئېغىر -بېسىقلىق بىلەن .
__ ھە ، سىز ھەممىنى كۆرۈپسىز - دە ؟ بولدى ، ئەمدى خۇمارىم بېسىقتى ، _ دىدى قىز .
بىز ئاشۇنداق پاراڭلاشقاچ مىترونىڭ يېنىغا كېلىپ قالدۇق . مەن دەررۇ بېرىپ بوتكىدىن ئىككى قاپ تاماكا ، بىر دانە چاقماق ئالدىم - دە ، ئۇنى قىزغا بەردىم ھەم تاماكىغا ئۆز قولۇم بىلەن ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەردىم ، قىز تاماكىنى سورىغاچ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى . بەلكىم ئۇ مەندىن ھېلىقى ئادەملەرگە ئوخشاش تاماكىنى بېرىپلا ئاللىقانداق بىرەر شەرت قويىدۇ دەپ ئويلاپ قالغاندۇ ؟ ئۇ ، تاماكىنى ئارقا - ئارقىدىن شوراپ، سورىدى
__ سىز تاماكا چېكەمسىز ؟
مەن تاماكا چەكمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ، ئۇ ، خىجىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى ، ئىمكان بار تاماكىنى تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . مەن ئۇنىڭغا بىردەم كۈتۈپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ، چىرايلىق ئېچىلغان ئەتىرگۈلدىن ئۈچنى سېتىۋېلىپ ، قىزنىڭ يېنىغا باردىم . قىز كەتمەي مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ . شۇ چاغدا مەن قىز مېنى ساقلىماي كېتىپ قالارمۇ ، دەپ ئويلىغانىدىم ، ئەكسىچە ئۇ مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ، مەن گۈلنى قىزغا بەردىم . قىز تېخىمۇ ھەيرانلىق بىلەن گۈلنى ئالدى - دە ، ماڭا قاراپ سۆزسىز تۇرۇپلا قالدى . سۆھبەت ئارىلىقىدا قىز مەندىن :
__ سىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنمۇ ؟ - دەپ سورىدى .
مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام ، قىز ھەيرانلىق بىلەن :
__ مەن سىزنى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۆزبېك ياكى قازاق دەپ ئويلاپ قاپتىمەن . راستىنى دىسەم ، سىز جۇڭگولۇققا ئوخشىمايدىكەنسىز ، _ دىدى .
مەن قىزغا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ، جۇڭگودا كۆپ مىللەت بارلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودىكى چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن قوشنا ۋە نۇرغۇن جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى سۆزلەپ بەردىم .
__ بۈگۈن ئىنتايىن خوشالمەن ، - دىدى قىز ھاياجان بىلەن ، - بوۋام دەل ئۇيغۇرشۇناس ئىدى . ئۇ ، ۋاپات بولۇپ كەتكەن . مەن ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرىنى ئوقۇغان . ئىشقىلىپ ، بوۋامنىڭ شەرقشۇناسلىق ساھەسىدە خېلى داڭلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن . بىز ھازىرچە ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ساقلاۋاتىمىز . قارىسىڭىز ھەممىسى شەرقشۇناسلىققا ئائىت كىتابلار . ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ شەرقتىكى نۇرغۇن جايلارغا بارغانلىقىنى ئېيتقان ھەتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماڭا كۆپ ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن . ئويلىمىغان يەردىن بوۋام سۆزلەپ بەرگەن مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۇچرىتىپ قاپتىمەن . بەك ياخشى بولدى . خالىسىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كېلىڭ ، مەن سىزنى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە نوتۇشتۇراي . بوۋامنىڭ كىتابلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ . قىزىقسىڭىز ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇڭ ، - دىدى .
- مەنمۇ بەكلا خوشال بولدۇم ، ئۇيغۇرشۇناسنىڭ نەۋرىسى بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالىدىغانلىقىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىكەنمەن ، - دىدىم مەن .
مەن قىزغا خوشاللىق ۋە ئامەت تىلەپ خوشلىشىپ ، مىترو تەرەپكە ماڭدىم . مىترو ئىشىكىدىن كىرىشتىن ئىلگىرى ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىسام ، ئۇ قىز گۈلنى تۇتقىنىچە ماڭا قېتىپ قالغاندەك قاراپ تۇراتتى . شۇ چاغدىلا مەن ئۇ قىزغا دادىللىق بىلەن ئىغىز ئېچىپ ، ھەتتا گۈل تەقدىم قىلىپ ياخشى قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . ئۇنىڭ يارىشىملىق ، لاتاپەتلىك پىگورىسى كۆزۈمگە تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈندى . ئۇنىڭ ماڭا مىتروغا كىرىپ كەتكىچە قاراپ تۇرغىنىدىن شۇنىڭغا ئىشەندىمكى ، ئۇ ئۆيىگە بارغاندا ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭدىن بۇ گۈلنى كىم تەقدىم قىلدى دەپ سورىسا ، بۇنى بىر ئۇيغۇر تەقدىم قىلدى دەر . ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ناھايىتى خوشال بولار . ئۇ قىز ھەتتا ساۋاقداشلىرىغا ، دوستلىرىغا ئۇلار ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئۇيغۇر مىللىتى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەر .
تەقدىرنىڭ ئەڭ قىزىق يېرى شۇكى ، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ، مەن موسكۋا شەرقشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگوشۇناسلىق سىنىپىغا دەرس بەرگىنىمدە ، ناتاشا ئىسىملىك بۇ قىزمۇ موسكۋا شەرقشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۈ تىلى فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەنىدى . ئۇ قىز سىنىپتا ئەلاچى بولۇپ ئۇقۇپ كەپتۇ . شۇ سائەتلىك دەرستە مەن ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم . ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنىڭ سۈرەتلىك ئالبوملىرىنى كۆرسەتتىم . شۇنداقلا روس ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقات ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردىم . ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان بۇ ياش ئۇقۇغۇچىلار مانا ئەمدى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدى . كېيىن ئۇ قىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ناتاشا بىكار ۋاقىتلىرىدا روس ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كىتابلىرىنى خېلى كۆپ ئوقۇپتۇ . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمى سىنىپ بويىچە خېلى مول ئىدى . ناتاشا ۋە سىنىپتىكى بىر قانچە بالا ئۇيغۇرشۇناس بولۇشقا ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخىي ، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىپ ، بۇ ساھەدە بۇرۇنقىلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى .
دېمەكچىمەنكى ، ئاشۇ قارلىق كىچىدىكى ئاددىيغىنە بىر دەستە گۈل نېمىدىگەن خاسىيەتلىك - ھە ! ئاشۇ ئاددىيغىنە گۈل ناتاشانىڭ قەلبىدە قانچىلىك ئورۇن تۇتقان بولسا ، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئاشۇ گۈل ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغانىدى .
روسلارنىڭ ( باشقا خەلقلەردىمۇ بار ئەلۋەتتە ) كىتابقا بولغان مۇھەببىتى نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى روس زېمىنىغا تۈنجى بولۇپ ئاياغ باسقان كىشى چوڭقۇر ھېس قىلماي قالمايدۇ . روسلار كىتابنى مەنىۋى بايلىق شۇنداقلا ماددىي ئوزۇقلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چۈشەنگەچكە ، كىتابقا << 2 - بولكا >> دەپ نام بەرگەن .
دىمەكچىمەنكى ، روس ھاياتىدا بولكا ( نان ) بىلەن كىتاب تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ . مەيلى ئىشچى ، دېھقان ياكى ئالىم بولسۇن ، كىتابقا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر . ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆيىگە كىرسىڭىز مەخسۇس كىتاب جاۋىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ . ئۇلار ئادەتتە سىز بىلەن پاراڭلاشقاندا چوقۇم ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەر ياكى مەلۇم بىر يازغۇچى توغرىسىدا قىزغىن سۆھبەتلىشىدۇ .
روسلاردا بىر - بىرىگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتابنى تەقدىم قىلىش ئادەتكە ئايلانغان . ھەتتا قىز - يىگىتلەرمۇ دوستلۇق ۋە مۇھەببەت خاتىرىسى ئۈچۈن ياخشى يېزىلغان كىتابلارنى تەقدىم قىلىشىدۇ .
يېقىنقى ۋاقىتلاردا بازار ئىگىلىكىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن مەخسۇس كىتابپۇرۇچلار ، كىتاب ۋە نەشىرىيات سودىگەرلىرى كۆپەيدى . كۆپلىگەن نەشىرىياتلار ۋە فوتوگرافىيە ئورۇنلىرى شەخسىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى ياكى ھۆددىگە بېرىلدى . شۇنىڭ بىلەن روسىيە نەشىرىياتچىلىقىدا يېڭى بۆسۈش دەۋرى باشلىنىپ ، نەشىر قىلىنغان كىتابلارنىڭ سۈپىتى ، تۈرى تېخىمۇ ئاشتى ، مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى . بۇرۇنقى ئىدېئولوگىيە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان نەشىرىيات سودىگەرلىرى ۋە نەشىرىياتچىلار بازار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ھەر خىل تېمىدىكى كىتابلارنى تارقىتىش بىلەن بىرگە ، بازارغا جىددىي ئېھتىياجلىق كىتابلارنى كۆپلەپ باستى . شۇڭا ھازىر موسكۋانىڭ ھەر قانداق كوچىسىدا ، ھەر قانداق مىترو ئىستانسىسى زاللىرىدا كۆپلىگەن كىتاب يايمىچىلىرىنى كۆرىسىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئەركىنلەشتۈرۈلۈشى بىلەن يېڭى - يېڭى گېزىتلەر نەشىر قىلىندى . بەزىلىرىنىڭ ناملىرى ئۆزگەرتىلىپ مەزمۇن ، سۈپەت جەھەتتىن تامامەن يېڭىچە تۈس ئالدى . ئاشۇ كۈندىلىك چىقىۋاتقان گېزىتلەرنى تولۇق ئۇقۇپ چىقىش مۇمكىن بولسا ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ، روسىيە ۋەزىيىتى ، دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى خېلى يېتەرلىك ھالدا ئۆسكەن بولاتتى . ھازىر بۇ يەردىكى ئادەملەر غەرپ دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا گېزىت ئۇچۇرلىرى بويىچە ئىش ئىزدەيدىغان ، ئۆزلىرىگە جۆرە تاپىدىغان سەۋىيىگە يەتتى . بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن بىر قانچە يىلنىڭ ئىچىدىلا بارلىققا كەلدى .
روسىيىلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈستۈن بولۇشى مەدەنىيەت سەمەرىسى بولغان كىتابنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈش بىلەن بىرگە ئۆز تۇرمۇشى ، ھاياتى ، مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر خىل سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قىزغىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن بولغان . سىز بۇ يەردە مەيلى بوۋاي - موماي ۋە ياكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسۇن ، ھەر قانداق كىشىدىن روسىيە ۋەزىيىتى ، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان كىشىلەر توغرىسىدا سۇئال سورىسىڭىز ، شۇ زامات سىزگە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوچۇق سۆزلەپ بېرەلەيدۇ . ناتىقلىق ، سۆزمەنلىك ، نۇتۇققا ئەھمىيەت بېرىش روسىيىلىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ھەر قانداق كىشى ئۆز سەۋىيىسى بويىچە چىرايلىق ، راۋان جۈملىلەر بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئەركىن بايان قىلىدۇ . بۇ ئەھۋاللارنى بىزگە سېلىشتۇرساق ، ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدە ناتىقلىق ئالاھىدىلىكى ناھايىتى كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن . ئالىي ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ، خىزمەتچىلىرىمىز ، باشلىقلىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن قەغەزگە قارىماي تۇرۇپ مىكروفون ئالدىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ، دۇدۇقلىماي بايان قىلالمايدۇ . ئادەتتىكى سۆھبەتتىمۇ بۇ ئەھۋال دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆزلەش ئۇسۇلىمىز ، سۆزلەرنى ئىشلىتىشىمىز ۋە تەلەپپۇزىمىز ، سۆزلىگەن چاغدىكى روھىي كەيپىياتىمىز كۆپىنچە ھاللاردا يېقىمسىز ، قوپال تۈس ئالغان ، بىز سىلىق ، مۇلايىم ، ئىلمىي ، ئەدەپلىك سۆزلەشنى بىر خىل ئاجىزلىق ، ئۇ < ئەرلەرگە خاس ئەمەس > دەپ قارايمىز . ھەتتا ئاخبارات خادىملىرىمىز يەنى مۇخبىرلىرىمىز ، رادىئو - تېلۋىزىيە پروگراممىلىرى رىياسەتچىلىرىمىز ، دىكتورلىرىمىزدىمۇ بۇ خىل قوپاللىق ياكى پىكرىي مەجرۇھلۇق ( مۇھەررىررىدىن ) كەيپىياتلىرى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ .
يەنە بىر نەرسىنى ئېيتىش كېرەككى ، ھەر بىر مىللەت ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكا ۋە تىلغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ ، شۇڭا بىز دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل ئېسىل ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز ، مەدەنىيەت ساپاسى ئۈستۈنرەك بولغان مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم . ئەگەر سىز تاشكەنت كوچىلىرىدا يۈرسىڭىز ، ئۆزبېكلەرنىڭ شۇنچە يۇمشاق - سيلىق ، ئىلمىي يوسۇندا بىر - بىرى بىلەن سۆزلەشكىنىنى ، تېنچلىق سوراشقانلىقلىرىنى كۆرىسىز . تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرسىڭىز دىكتورلار شۇنچە لاتاپەتلىك سۆزلەيدۇكى ، ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىگە پۇختا بولۇپلا قالماي ، بىلىملىرىنىڭ ئاجايىپ مول ۋە ئەتراپلىق ئىكەنلىكى ، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇغانلىقى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇرىدۇ .
يامان يېرى شۇكى ، بىزدە كىتابقا يامان كۆز بىلەن قاراش ، ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىق ، ئەقلىي ئەمگەكنى قەدىرلىمەسلىك خاھىشى ئېغىر ، بۇ بىزنىڭ ئەڭ نومۇس قىلارلىق ئاجىزلىقىمىز. بىزدە %80 ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقى ئېنىق . ئىلمىي خادىملار ، كىتابخۇمار كىشىلىرىمىزنى كىتاب مەستانىسى ياكى كىتاب خالتىسى دەپ مازاق قىلىدىغان ، كىتاب سېتىۋالغۇچىلارنى كۆرسە ، مەسخىرىلىك قاراپ قويىدىغان ئىش پەقەت بىزدىلا مەۋجۇت بولسا كېرەك . كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرغان ، بىلىم ئىشقىدا يۈرگەن ئادەملەرنى پەس كۆرىدىغان ئىللەت بىزدىلا بار ، ھەتتا ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كىم بەك تىرىشسا ، كىم كېچە - كۈندۈز كىتاپ كۆرسە ئۇنى ئارىغا ئالمايدىغان ، ئۇنىڭغا ھەر خىل لەقەملەرنى قويىدىغان ، ھەتتە ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھوجۇم قىلىدىغان ئەھۋال ئەۋج ئالغان . ئۇنداق بالىلار ھەر جەھەتتىن چەتكە قېقىلىدۇ ، ھاقارەتلىنىدۇ ، مازاق قىلىنىدۇ ، ئۆي - ئوچاقلىق كىشىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئەھۋالدا يەنە زور پەرق يوق ؛ بەزى ئاياللار ئېرى ھاراق ئىچسە ، قىممەت باھالىق تاماكىلارنى چەكسە شۇنىڭغا چىدايدۇكى ، بىرەر كىتاب سېتىۋالسا ، چىدىمايدۇ ، تاپا - تەنە قىلىدۇ ، نەتىجىدە ئۇ كىشى ئايالىدىن يوشۇرۇن كىتاپ سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ..... بۇ نىمىدىگەن زور پاجىئە - ھە ؟ بۇنداق پاجىئە پەقەت بىزدىلا مەۋجۇد . ئەگەر سۆزىمىزنى داۋاملاشتۇرساق ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى يۈكلەنگەن ئاشۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ يامان ئىللەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا ......
خەلقىمىز ساۋاتسىزلىق ، نادانلىق ، كەمبەغەللىك ، كېسەللىك دەردىدىن بارچە ئۈمىدىنى ئاشۇ جەسۇر ، قانلىرى قايناپ ، جىسمانىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا - ئاشۇ ئوت يۈرەك ياش ئەۋلادلارغا يۈكلىگەن تۇرسا ، ئۇلار تېخىچە ئۆزلىرىنىڭ خەلق ، مىللەت ، شۇنداقلا كېلەچەك ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۇنتۇپ ، يەنىلا بىر - بىرىنى ھاقارەتلەپ يۈرۈشمەكتە ۋە تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتماي ، چۈشكۈن - نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئالدىغا ئەمەس ئارقىغا قارايدۇ . شۇڭا ، ئۇلار ساۋاتسىز ئادەملەردەك قوپال ، گېپىنىڭ تۇتامى ، باش - ئاخىرى يوق ، ئەركىن پىكىر بايان قىلىشنى ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنەلمەيدۇ . روس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى بولسا ئۇنداق ئەمەس .
موسكۋا شەرقشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتۈش ، 1991- يىلىنىڭ بېشىدا موسكۋا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا - ئافرىقا ئىنىستىتۇتىدا يۇقىرى يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم لېكسىيە ئاڭلاش ، شۇنداقلا ئالما - ئاتا ۋە تاشكەنت ، سانكىت - پېرربورگ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم .
سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى پىسخىكا ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن سېلىشتۇرۇپ كۆردۇم . نەتىجىدە مەن ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئۆزگىچە مېتودىكىلىق پەرقلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، روس ئوقۇغۇچىلىرىدا ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىق يۇقىرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭرى ، بىلىمىنىڭ چوڭقۇر ، مۇستەقىل - ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش روھىغا باي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى بۇگۈنكى روسىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىياسىي ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بېسىم تۈپۈيلىدىن زور قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ ، لېكىن زور كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار يەنىلا چىداشلىق بىلەن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ . ئۇلار روسىيە جەمئىيىتىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان پاجىئەلىك تەقدىرىگە ئېچىنىپ ، روس مىللىتىنى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ، قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش ئىشەنچىلىرىنى ئۇرغۇتۇپ ، يەنىلا تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ . ھەر خىل سىياسىي ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ، ئەقىل - پاراسىتىنى ئورتاق مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن قۇربان قىلىۋاتىدۇ . كېسىپ ئېيتىمەنكى ، روس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىققا چىداش روھى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭكىدىن كۈچلۈك ، روس ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش - ئۆگىنىش ، قىسقىسى ، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بىر ئادەم بولۇپ تەربىيىلىنىش ھەر بىر ياشنىڭ مەجبۇرىيىتى ، دەپ قارايدۇ . بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن روسىيىدە كەمبەغەللەر بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولدى . ھەممە ئادەم ياشاش ئۈچۈن پۇل تېپىشقا ، چوڭ - كىچىك سوودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشتى . زىيالىيلارنىڭ مائاشى بىراقلا چۈشۈپ ، جان بېقىش ناھايىتى تەسكە توختايدىغان بولۇپ قالدى . ھەممە جايدا زىيالىيلار ، مائارىپچىلار تەبىقىسى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ ، تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقتى . ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىناۋىتى ۋاقىتلىق يەرگە ئۇرۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ، ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلىدىن ، پۇل تاپقان ھەر قانداق باي ، مەنسەپدار ، ھەتتا قاراقچىنىڭمۇ بىلىمى بار ئادەم ئۇچرىسا ، ئۇلارغا تەكەللۇپ قىلىۋاتقان ، ئەھۋال سوراۋاتقان ، ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممىلا يەردە ئوچرىتىش مۇمكىن . نۇرغۇنلىغان سورۇنلاردا يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ، ئەسكەرلەرگە ئېتىبار بېرىش ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتىرلىك ئادەت ، چۈنكى باي - مىليونېر بولسۇن ياكى قاراقوللار گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرى ۋە ياكى ئىشچى - دېھقانلار بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ نەزىرىدە بىرلا نەرسە ، يەنە << ۋەتەن >> ، << روسىيە >> دىگەن مۇقەددەس ئۇقۇم مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلىدۇ . ھەممىلا جايدا ، ھەتتا ئاپتوبوس ، مىترولاردىمۇ روسىيىنىڭ بۇگۈنكى سىياسىتى ، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىپ ، بىر - بىرى بىلەن جىدەللىشىپ ، مۇشتلىشىپ كەتكەن كىشىلەرنى دائىم ئۇچرىتىش مۇمكىن . روس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، جۇملىدىن روس زىيالىيلىرى ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئەڭ باش قاتۇرىدىغان زور كۈچ . ئۇلار ئىگىلمەس - سۇنماس روھ - ۋەتەن - مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان روھقا ئىگە . روس زىيالىيلىرىدا بىزدىكىدەك ئىتتىپاقسىزلىق ، شەخسىيەتچىلىك ، ئۆز مەنپەئەتىنى ۋەتەن - مىللەت مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويىدىغان ساختىپازلىك ياكى ئىرادىسىزلىك ، بوشاڭلىق ، ئۈمۈدسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ئىللەتلىرى مەۋجۇت ئەمەس . نادان خەلقنى ئالدايدىغان ، روس خاراقتىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ، پىشقەدەملىرى بىلەن ياشلىرى بىر - بىرىگە ئورا كولايدىغان ، بىر - بىرسىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلىشىدىغان ، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن مەشھۇر خەلق رەھبەرلىرى ، ئالىم ، شائىر - يازغۇچىلىرىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى يوققا چىقىرىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنى ، ئەمگىكىگە توغرا ، ئىلمىي باھا بەرمەستىن ، ئۇلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئەخلاقسىز قىلمىشلار ، قوپالراق ئېيتقاندا ، قارا قۇرساقلىقلار مەۋجۇد ئەمەس . ھازىر بىزدە پۇلى بارلار بىلەن ئىلىمى بارلارنىڭ ، ھوقۇقى بارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق ئىنتايىن زور . بۇنىڭ سەۋەبىنى پەقەتلا << نادانلىق >> تىن ئىبارەت بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن .
بۈگۈن بىزنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇشىغا قارىماي - بىر - بىرىنى يارىتىشمايدىغان بىر تۈركۈم << بىچارە >> زىيالىيلىرىمىز ( ئەلۋەتتە ، بىر تۈركۈم << ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ) ئۆتكەنلەرنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ، دۇنيادىكى ئىلغار زىيالىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، مىللەتنىڭ يۈز - ئابرويى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا ، ئۆزلىرىنى شەخسىي مەنبەئەت ئۈچۈن قۇربان قىلماقتا .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىمىز ئۆزلىرىنى چوقۇم باشقىلارغا سېلىشتۇرۇشى كېرەك . جەنۇبىي كورىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلىم ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان قاتتىق سۆڭەك روھى ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش روھى ، روس ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش روھى بىزگە ئۆرنەك بولۇشى كېرەك . پىشقەدەم زىيالىيلىرىمىز بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ياش ، ياش زىيالىيلىرىمىز بولسۇن چوقۇم كاللىسىنى سەگىتىپ ، باشقىلار قانداق ، مەن قانداق ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ كۆرۈشى لازىم .
ئەگەر بىز ئىلگىرى ھېچقانداق مەدەنىيەت ياراتمىغان ياۋايى بىر مىللەت ئەۋلادلىرى بولساق ئىدۇق . چۈشكۈنلىشىپ كەتسەكمۇ ھېچگەپ ئەمەس ئىداى . ھالبۇكى ، تارىختا جاھان مەدەنىيىتىنىڭ تاكامۇللىشىشىغا شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەتنڭ ۋارىسلىرى دەۋرىمىزگە ۋە كەلگۈسىمىزگە جاۋاب بېرەلمىسەك ، دۇنيادا بىز ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ جىنايەت يوق !
لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، مىللىتىمىز ئاشۇ قىزىل ئەتىرگۈلدەك گۈزەل ، ھەم ئاشۇ گۈل تۇيغۇلىرىدەك سەمىمىي ، پاك ۋە غۇبارسىزلىقى بىلەن چوقۇم نادانلىق ، قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ، جاھان مەدەنىيەت گۈلزارلىقىدا تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلىدۇ . گۈل مىللىتىمىزنىڭ سىمۋولى بولسا ، مەرىپەت - مەدەنىيەت مىللىتىمىزنىڭ ھاياتلىق - مەۋجۇدلۇق نىشانىدۇر .
موسكۋا ئاخشىمىدىكى تۋېرىسكىي كوچىسى

سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 50- يىللاردا پۈتكۈل دۇنياغا داڭقى كەتكەن < موسكۋا ئاخشىمى > ناملىق ناخشىسىنى بىزنىڭ چوڭلىرىمىز ئەينى چاغلاردا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتقان ، شۇ ناخشىنىڭ مېلودىيە دولقۇنىغا جۆر بولۇپ ، رومانتىك خىياللارغا چۆمۈشكەنىدى . مانا بۇگۈن مەنمۇ گۈزەل كەچقۇرۇنلۇقى موسكۋانىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ ، ھەشەمەتلىك ، رومانتىك تۋېرىسكىي كوچىسىدا كېتىپ بارماقتىمەن . موسكۋالىقلار بۇ كوچىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ . بۇ كوچىنىڭ داڭقى موسكۋانىڭ تارىخىي مۇساپىلىرى بىلەن بىرگە پۈتكۈل دۇنياغا تارالغان بولۇپ ، موسكۋانىڭ ھايات رېتىمى ۋە ئوبرازىنى مۇشۇ كوچىدىن كۆرگىلى بولىدۇ .
ياش قىز - يىگىتلەر جۈپ - جۈپ بولۇشۇپ ، ياز كۈنلىرىنىڭ سالقىن شاماللىق ئاخشاملىرى ، ھەتتا قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ قار - شىۋىرغانلىق سوغۇق ئاخشاملىرىدىمۇ بۇ كوچىدا سەيلى قىلىشىدۇ . بۇ كوچىدا ھەر خىل ئىرقتىكى چەت ئەللىكلەرمۇ توپ - توپ يۈرىشىدۇ ، تۋېرىسكىي كوچىسى موسكۋادىكى قەدىمىي كوچىلارنىڭ بىرى . بۇ كوچا بۇرۇن - ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى تۋېرىسكىي كوچىسى ، دەپ ئاتالغان ، كېيىن ماكسىم گوركىي نامىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن يەر ناملىرى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە ، بۇ كوچا يەنە شۇ ئەسلىدىكى تۋېرىسكىي نامى بىلەن ئاتالدى . موسكۋاغا كەلگەن ھەر بىر كىشى بۇ كوچىدا چوقۇم بىرەر قېتىم ماڭماي قالمايدۇ ، بۇ كوچىدا قانچىلىغان دۆلەت ئەربابلىرى ، داھىيلار ، سىياسىئونلار ، خەلق قەھرىمانلىرى ، بۈيۈك يازغۇچى - شائېرلار ، سەنئەتكارلار ۋە ئالىملارنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى قالغان . شۇنداقلا ، ئۆز مەۋقەسى ئۈچۈن كۈرەشكەن سانسىزلىغان ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى ئاققان ، ئادەملەرنىڭ مەغرۇرانە ۋارقىراشلىرى ، نالە - پەريادلىرى ، <ھۇررا > سادالىرى ھەم شۇنداقلا ئاكاردىيئون ، بايانلارنىڭ مۇڭلۇق ، يېقىملىق سادالىرىمۇ قالغان .
مەن بۇ كوچىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن . چۈنكى ئۇ خاسىيەتلىك كوچا ، مانا بۈگۈن مەن بۇ كوچا ئارقىلىق ماياكوۋىسكىي مەيدانىغا قاراپ ئەركىن قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتىمەن . شۇ تاپتا خىيال قۇشلىرىم قاناتلانغانىدى . بۇ كوچىدا ئەينى يىللاردا بىزنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۇلۇغ ئوغلانلىرىمىزمۇ ماڭغانىدى . بەلكى ، ئاشۇ ئوغلانلىرىمىز بۇ كوچىدا كېتىۋېتىپ ، ئاجايىپ ئېسىل رومانتىك خىياللارغا ، غايىۋى ھېسلارغا چۆمۈشكەن بولغىيتتى . بەلكى بۇ كوچىدا قىزىل بايراقلارنىڭ لەپىلدىگىنىنى كۆرۈپ ، < ھۇررا > سادالىرىنى ، پۈتكۈل ئېزىلگەن مەھكۇم خەلقلەرگە بېرىلگەن < ئازادلىق > ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ قانلىرى ئۇرغۇغان ، قەلبى ئۆز خەلقىنىڭ شانلىق كېلەچىكىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن تولغان ، شۇنداقلا قەلبىدە ئۆز خەلقى ئۈچۈن جان بېرىش ئىستەكلىرى يېلىنجىغان بولغىيتتى . مەن ئاشۇ ئوغلانلار ئارزۇ قىلغان ئەمما كۆرەلمەي كەتكەن بۈگۈنكى كۈنلەرنى ئويلاپ ، ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان ھالدا كېتىپ بارماقتىمەن . تۇيۇقسىز قۇلىقىمغا ئۇيغۇرچە گەپلەر ئاڭلانغاندەك بولدى . ھەيرانلىق بىلەن ئەتراپىمغا قارىسام ، ئون نەچچە قەدەم ئالدىمدا قارا چاچلىق ئىككى ئادەم ئۈنلۈك پاراڭلاشقاچ كېتىۋېتىپتۇ . ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان بۇ ئىككى ئۇيغۇر كىشىگە تېز - تېز قەدەم تاشلاپ يېتىشىۋالدىم . ئۇلار شۇنچىلىك ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ سۆزلىشەتتىكى ، ئاۋازلىرى ھەتتا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرىنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتى . مەن ياشىراقىنىڭ مۇرىسىنى تۇتتۇم ، ئۇ ئىتتىك بۇرۇلۇپ ، ئەجەپلەنگەندەك سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى . مەن : < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم > دىدىم ، ئۇلارمۇ تەئەججۇپ ئىچىدە ئالدىرىشىپ : < ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام > دىيىشتى . بىز خوشاللىق بىلەن قول ئېلىشىپ ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق . ئەسلىدە ئۇلار خوتەندىن چىققان سودىگەرلەر بولۇپ ، تىجارەت بىلەن تۇركىيىگە مېڭىش سەپىرىدە موسكۋاغا چۈشۈپ ئۆتۈشى ئىكەن . بىز قىزغىن پاراڭلاشتۇق ، ئۇلار ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتىشتى . بىز بۇ كوچىدا بىرەر سائەتچە ئايلانغاندىن كېيىن مەن ئۇلارنى < ئۆزبېكىستان > رېستۇرانىغا باشلاپ كىردىم ، تاماق يىگەچ پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇاڭجۇ - شاڭخەيلەردە كۆپ يىل تۇرۇپ تىجارەت قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن خېلىلا تۈزۈك بايۋەچچىلەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى . لېكىن ، ئۇلارنىڭ گەپلىرى ئەتراپنى بىر ئالدى ، ئۇلار شۇ يۇقىرى ئاۋازلىرى بىلەن ئەتراپىمىزدىكى باشقا شىرەلەردە ئولتۇرۇپ تاماقلىنىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قاراشقا مەجبۇر قىلغانىدى . ئۇلار بىزارلىق ۋە مەسخىرە ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بىزگە قارايتتى ، ئەمما ھەمراھلىرىم بۇنىڭدىن قىلچە خەۋەرسىز ھالدا تاماقنى شالاپشىتىپ يىگەچ پارىڭىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى . مەن خىجىللىق ئىلكىدە تاقەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولساممۇ ، يات مىللەت كىشىلىرىنىڭ مەسخىرىلىك قاراشلىرىدىن خورلۇق ھېس قىلىپ ، ئۇلارنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش نىيىتىدە ئاخىر ئېغىز ئاچتىم . مەن ئۇلارغا ئادەملەرنىڭ بىزگە قاراۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم . ئۇلاردىن چوڭى تىترەپ كەتتى ۋە كۆزلىرىنى ئالايتىپ :
__ ئۇنداق سېسىق ئورۇسلار بىلەن نىمە كارىمىز ؟ تاماق يېسەك ئۆزىمىزنىڭ پۇلىغا يىدۇق ، بۇنداق نېمىلەردىن پەرۋايىمىز پەلەك ، _ دىدى . ئاندىن مېنى تەنقىد قىلىپ شۇنداق دىدى ، _ ئۇكام ، سىز مۇشۇ سېسىق ئورۇسلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىمەن ، دەپ ئاۋارە بولماڭ ، مەدەنىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىز ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويىمىز . بۇ ئورۇسلار بىزنى نىمە كۈنلەرگە قويمىدى ، دەيسىز ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق ، ئۇلاردىن يەنە نىمىشقا تەپتارتاتتۇق !
مەن ئۇلار بىلەن ئارتۇقچە گەپ تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم - دە ، ئۈندىمىدىم . ئۇلارمۇ جىم بولۇشتى ۋە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تاماق يېيىشنى داۋاملاشتۇردى . ئەمدى بايىقى ھەممىنى ئۆزىگە قاراتقان ئاۋازلار يوقالغانىدى . ئارىمىزدا خېلى ۋاقىت جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى . ئۇلارنىڭ تاماق يېيىشى تولىمۇ ئەدەپلىك تۈسكە كىردى ، ئاخىرى جىمجىتلىقنى ياش بايۋەچچە بۇزدى :
__ توغرا گەپ قىلدىڭىز ، - دىدى ئۇ خىجىللىق بىلەن ، _ ئوقۇغان ئادەملەر زادى بىزدىن پەرقلىنىدۇ . بىز كۆپ ئىشلارغا دىققەت قىلمايدىكەنمىز ، بىز ئوقۇيالماي قالغانلار تەتۈررەك كېلىمىز ، خاپا بولماڭ ، بىزدىمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدىغان ئاجايىپ قائىدە - يوسۇنلار بار ، ئاتا - ئانىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىزگە تاماقنى ئاۋاز چىقارماي ئەدەپ بىلەن چىرايلىق يېيىش ، كىشىلەرنىڭ يۈزىگە قاراپ چۈشكۈرمەسلىك ، ئەسنىمەسلىك ، يۆتەلمەسلىك ، قالايمىقان ۋارقىرىماسلىق ، سىلىق - سىپايە بولۇش قاتارلىق قائىدىلەرنى ئۆگەتكەنىدى . بۈگۈن بىز بۇ قائىدىلەرنى بۇزۇپ قويدۇق ، ھەقىقەتەن بىزنىڭ نۇرغۇن ئېسىل قائىدە - يوسۇنلىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتتى . ئەجدادلىرىمىز ، ئاتا - بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتلىرىمىز ، قائىدە - يوسۇنلىرىمىز ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە . مەيلى مېھماندارچىلىققا بارايلى ، سەپەرگە چىقايلى ، قانداقلا بولسۇن ، ھەر قانداق جايدا ئۆرپ - ئادەت ، قائىدە - يوسۇنغا دىققەت قىلغان تۈزۈك .
مەن يەنىلا جىم ئولتۇردۇم . ئۇ كىشى ھەقىقەتەن توغرا سۆزلەۋاتاتتى . ئىچىمدە ئۇ كىشىگە ھۆرمىتىم قوزغالدى ......
مەن شۇنىڭغا ھەيران بولدۇمكى ، مېنىڭ بۇ ئىككى ھەمراھىم ئۆزلىرى دېگەندەك ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئاشۇ بىر قاتار ئەدەپ - قائىدىلىرىنى بىلىدىكەنۇ ، نىمىشقا ئۇنىڭغا رىئايە قىلمايدۇ ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىچە ئاشۇ < سېسىق ئورۇسلار > بىلەن تەڭلەشمەكچىمۇ ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ ئەقىللىق يېرى شۇكى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ . ئەمما ئېتىبارسىز قاراش تۇيغۇسى ھامان ئۇلارنى خاتالىققا باشلايدۇ . ئەگەر ئۇلار شۇ < سېسىق ئورۇسلار > نىڭ مېھماندارچىلىقتىكى سالاپىتى ، رېستۇراندىكى ئولتۇرۇشى ، ئۆزلىرىنى تۇتۇشى ، قانداق ئوزۇقلىنىشىغا دىققەت بىلەن بىر زەن قويغان بولسا قانداق بولاتتىكىن ؟ ! مېنىڭچە ، ھەقىقەتەن شۇ يىگىت ئېيتقاندەك ئاشۇ < سېسىق ئورۇسلار > دىن ھېچنىمىمىز قېلىشمايدۇ . ئەسلىدە مەدەنىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىز شۇلارغا ئۆگەتكەن . بۇنىڭغا روسلار ئۆزلىرىمۇ ئىقرار ، ھەتتا شۇنداق ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالايمەنكى ، بىزنىڭ يىگىتلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ئۇلاردىن گۈزەل ، ئۇلاردىن قاملاشقان ، يامان يېرىمىز شۇكى ، بىز توي - تۆكۈن ۋە باشقا سورۇنلارغا گويا كىنولاردا سۈرەتلەنگەن ياۋرۇپا ئاقسۆڭەكلىرىدەك كىرىپ ، ئۇنىڭدىن مەست - ئەلەس ، دەڭدەڭشىپ يېنىپ چىقىمىز ئەمەسمۇ ؟! سورۇنلاردا بىز ھەر قانچە ئۆزىمىزنى پەردازلاپ گىدىيىشىپ ئولتۇرۇپ ، شۇ تۈگىمەس < تاڭگو > لارغا دەسسىسەك ، < ۋالىس > لارغا پىرقىرىساقمۇ ، بەرىبىر گەپ - سۆزىمىز ، يۈرۈش - تۇرۇشىمىز ، ئۆزىمىزنى تۇتۇشىمىزدىن بىچارىلىك ، نادانلىق ، ئەخمەقلىق ۋە چۈشكۈنلۈك ، پۈتمەس - تۈگىمەس غەم - غۇسسە ، ئەندىشە مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە ؟ بىر مىللەت خاراپلاشقاندا ياكى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىنى يوقاتقاندا شۇنداق بولامدۇ يە ؟ ..... نېمىلا دىگەن بىلەن بىز يەنىلا مېنىڭ ئاشۇ ھەمراھلىرىم ياراتمىغان < سېسىق ئورۇس > لاردىن ئۆگنىشكە تېگىشلىكمىز . لېكىن روسلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە خارابلاشقان ، چۈشكۈنلەشكەن ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلىرىنى يوقاتقان ۋە يوقىتىۋاتقان خەلق بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ھۆرىيەتپەرۋەر ، ۋەتەن سۆيەر ، ئۇلار ئۆز غورۇرى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن جېنىنى تىكىشتەك ئېسىل خىسلەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ . بىزنىڭ بۇنداق ئالىيجاناپ خىسلەتكە تەن بەرمەسلىككە ئامالىمىز قانچە ؟!
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر روس پىسخولوگى ، پەيلوسوپى ب . ئولوسكىي ئۆزىنىڭ < روس خەلقىنىڭ خاراكتېرى > دىگەن كىتابىدا ، روسلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق روس جەمئىيىتىنى ياۋروپا جەمئىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، روسلارنىڭ چۈشكۈنلەشكەن ، قاششاق ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ، روس مىللىتىنى زاۋاللىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن ، روسلارنىڭ گۈللىنەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە روسلاردا ساقلانغان يامان ئىللەتلەرنى رەھىمسىز ھالدا ئېچىپ كۆرسەتكەن . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ھەددىدىن زىيادە ھاراقكەشلىك ، ئورۇشقاقلىق ، مەنمەنچىلىك ، چېقىمچىلىق ، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق بىر قاتار ئىللەتلەر روس مىللىتىنى زاۋاللىققا ئېلىپ بارىدىغان ئېغىر مەنىۋى كېسەللىك ئىدى . ھەقىقەتەنمۇ مانا مۇشۇ ئىللەتلەر ۋە باشقا كونكرېت سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن روس ئىمپېرىيىسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى ، روس مىللىتىنىڭ غۇرۇرى يەر بىلەن يەكسەن قىلىندى .
بۈگۈن مەن بۇ خىل ئىللەتلەرنى ئويغۇرۇمنىڭ - ئۆز خەلقىمنىڭ جىسمىدىن كۆرۈۋاتىمەن . بىز بۇ ئىللەتلەرگە يەنە ساختىپەزلىك ، ئىچى تارلىق ، ھەشەمەتچىلىك ، قارىغۇلارچە دورامچىلىق ، نەيرەڭۋازلىق ، سۇخەنچىلىك ، ساتقىنلىق ، ۋىجدانسىزلىق ، شەھۋانىيلىق ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئىللەتلىرىنى قوشۇپ ، ئۇلارنى ئۆزگىلەردە ساقلانغان يامان ئىللەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ ، مىللىتىمىزگە ھالاكەت چىللاۋاتقانلىقىمىزنى سەزمەيۋاتىمىز . قىسقىسى ، بىز ئۆزىمىزنى تارىخ سەھىپىسىدىن ئۈزۈل - كېسىل ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ، كېلەچەكتە ئەۋلادى يوق ، نەسلى قۇرۇغان ، خۇددى بۈگۈن بىز پەقەت تارىخنامىلارنى ۋاراقلىغىنىمىزدىلا ئۇچرىتىدىغان ئاشۇ كىدانلار ، سىيانپىيلار ، جۇرجانلار ۋە باشقا يوقىلىپ كەتكەن مىللەتلەرگە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز . بۇ خىل پاجىئەلىك تەقدىرنىڭ سەۋەبكارى پەقەت ئۆزىمىزلا ، خالاس !
بۇنىڭدىن شۇنداق سۇئال تۇغولىدۇكى ، بىزنىڭ مىللىتىمىز يامان تەرەپنى تېز ئۆگىنىدىغان ، چىرىكلىكنى تېز قوبۇل قىلىدىغان ، جىن - شاياتۇنلارنىڭ دېپىغا ئاسان ئۇسسۇل ئوينايدىغان مىللەتمۇ ؟ ! ئەلۋەتتە ، بۇ ئىللەتلەر پۈتكۈل مىللەتتىكى ئىللەت ئەمەس ، لېكىن قىسمەنلىك ئومۇمىيلىق ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىللەتلەرگە قارىتا پۈتكۈل مىللەت باش قاتۇرۇشى كېرەك .
بىز رېستۇراندىن چىقتۇق . ئۇلارنى مەن ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىغىچە ئۇزىتىپ قويدۇم . بىز خېلىلا چىقىشىپ قالغانىدۇق . مەن ئۇلارغا ئۆزەم ياتقان ياتاقنىڭ ئادرېسىنى يېزىپ بەردىم . ئەپسۇسكى ، ئۇلار مەندىن رەنجىگەندۇ ياكى ماڭا ئۆچ بولۇپ قالغاندۇ . ئەگەر ئۇلار < دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ > دىگەن ئاتىلار سۆزىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغان بولسا ، چوقۇم مەندىن رەنجىمەيدۇ ، ماڭا ئۆچ بولمايدۇ ، دەپ ئويلايمەن .
مەن تۋېرىسكىي كوچىسىدا كۆپ ماڭدىم ، ھەر قېتىم مۇشۇ كوچىدا ماڭغىنىمدا يېڭى - يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىمەن ، ئۈچ - تۆت يىلنىڭ ئالدىدا كىشىگە بىر خىل تېنچلىق ، خاتىرجەملىك تۈيغۇسى بەخش ئېتىدىغان بۇ كوچا ھازىر تامامەن ئۆزگەرگەن ، ھازىر بۇ كوچىدا ئاۋات ، قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرە بىلەن رەڭگا - رەڭ چىراقلار ، ھەر خىل رەڭلىك ئېلان تاختىلىرى بىلەن قەدەمدە بىر دېگۈدەك رېستۇران ، قەھۋاخانا ، كېچىلىك بازمىخانا ، تىياتىرخانىلار ئۇچرايدۇ ، بۇ كۈلۈبلارنىڭ تاملىرىغا ئاجايىپ - غارايىپ ئېلانلار چاپلانغان بولۇپ ، بەزىلىرىدە قويۇق شەھۋانە تۈس ئالغان سۈرەت بولسا ، يەنە بەزىلىرىدە ئاياللارنىڭ قىپيالىڭاچ سۈرەتلىرى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، سىزگە كۆزىنى قىسىپ قارايدىغان ئۇزۇن پاچاقلىق روس گۈزەللىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ ، ئۇلار ھەر قەدەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە سۇۋۇنىدۇ ، سىزنى سەيلى قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 16 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان قىزلار بولۇپ ، گۈزەللىكتە تەڭداشسىز .
ئۇلارنىڭ بۇ گۈزەل جىسمىدىن قاراتەنلىكلەر ، سېرىق تەنلىكلەر ۋە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئادەملىرى خالىغانچە ھوزۇرلىنىدۇ . بۇ گۈزەللەرمۇ چەت ئەللىكلەرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ . چۈنكى چەت ئەللىكلەرنىڭ يانچۇقى توم - دە ! موسكۋاغا كەلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ تولىسى روس گۈزەللىرىنىڭ ئېسىل پارىژ ئەتىرلىرى بىلەن ئېيىق پۇرىقى چىقىپ تۇرغان ئاشۇ لاتاپەتلىك ، ئاپئاق جىسمىدىن ھوزورلانماي كەتمەيدۇ . جۇڭگولۇقلارنىڭ موسكۋادا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ كۈزەللەر ئۆزلىرى بۇرۇن ياراتمىغان ئاشۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ يوشۇرۇن شەھۋانىي ھېسلىرى بىلەن بىر خىل يالغان تارتىنىش ھەم ئىشەنچسىز مەردلىكى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگىمۇ مەسخىرە ئارىلاش قارايدىغان بولدى .
سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن سودا - سېتىق ، ئىش ئىزدەش ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن روسىيىگە جۇڭگولۇقلار مىڭلاپ ، يۈز مىڭلاپ كىرىشكە باشلاپ ، بىردىنلا موسكۋا شەھىرىنىڭ مىترولىرى ، چوڭ - كىچىك كوچىلىرى ، مېھمانخانىلىرى ، كىنوخانىلىرىدا توپ - توپى بىلەن ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرۈشۈپ ، ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ يۇرۇشىدىغان بولدى . ھەتتا سەككىز - ئون يەردە ئۇلارنىڭ توپ تارقىتىش بازىرى شەكىللەندى ، بۇلارنىڭ بازىرى دەل ئۈرۈمچىدىكى توپ تارقىتىش بازىرىغا ئوخشايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بىر توپ جۇڭگولۇق قاراقول قاراقچىلىرى پەيدا بولۇپ ، ئالدى بىلەن جۇڭگولۇقلاردىن باج ، ئالۋان ئېلىپ ، ھەتتا پۇل بەرمىگەنلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، موسكۋانى زىلزىلىگە سالدى . ئۇلار تېخىىمۇ تەرەققىي قىلىپ پۈتكۈل روسىيىگە تارالدى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىچە يېتىپ باردى . موسكۋادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قارا قول گۇرۇھى شۇنچىلىك زىلزىلە پەيدا قىلدىكى ، ۋەھشىيلىكتە داڭق چىقارغان < چېچەن قارا قول گۇرۇھى > مۇ بىر چەتتە قالدى . شۇ ۋاقىتلاردا موسكۋادا كۈچلۈك چىچەن مافىيسى ( گۇرۇھى ) جۇڭگو مافىيسىنىڭ ئالدىدا پىئونېرلارغا ئوخشايدۇ ، دىگەن گەپ كەڭرى تارقىلىپ يۈردى . ھەتتا بىر مەزگىل جۇڭگولۇقلار بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ، بىر - بىرىدىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان ، ھەتتا روسلارمۇ جۇڭگولۇقلارنى كۆرسە سەسكىنىدىغان ، نەپرەتلىنىدىغان ۋە ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغان مەنزىرە شەكىللەندى ؛ نۇرغۇن جامائەت سورۇنلىرىدا ، ۋوگزاللاردا جۇڭگولۇقلار زور چەكلىمىگە ئۇچرىدى ، موسكۋادىكى چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى بىردەك جۇڭگو پاسپورتلىرىنى چۆرۈپ تاشلىدى . < ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك > دىگەندەك ، جۇڭگو قارا قوللار گۇرۇھلىرى تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ < بېيجىڭ گۇرۇھى > ، < شەرقىي شىمال گۇرۇھى > ، < جەنۇب گۇرۇھى > ، < شاڭخەي گۇرۇھى > دىگەندەك گۇرۇھلار بويىچە ھەرىكەت قىلىپ ، ئۆز ئارا بىر - بىرىنى بۇلاپ - تالىدى ، بىر - بىرىنى ئۆلتۈردى . يەنە ئۇلار ئۆز ئارا بىرلىشىپ يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ روسىيە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم باشلىدى . بولۇپمۇ 1993 - 1995 - يىللىرى بىر مەھەل موسكۋا - بېيجىڭ پويىزىنى قالايمىقان قىلدى . ئۇلار يەرلىك روس ساقچىلىرى ۋە روس قاراقچىلىرىنى سېتىۋېلىپ ، موسكۋادىن يولغا چىققان پويىزغا ئاپتومات ، تاپانچىلار بىلەن چىقىپ ، يولۇچىلاردىن قايسى دۆلەتنىڭ ئادىمى بولۇشتىن قەتئىينەزەر مەجبۇرىي پۇل يىغدى ، ماللىرىنى بۇلىدى ، يولۇچىلارنى ئۇرۇپ ، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى . روس ئاخباراتچىلىرىنىڭ يېزىشىچە ، مۇنداق ھەرىكەت روس - سوۋېت تارىخىدا ، جۈملىدىن ھازىرقى زامان قاتناش تارىخىدا بولۇپ باقمىغان ۋەقە ئىكەن . مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر مەھەل < موسكۋا - بېيجىڭ پويىزى > قۇرۇق مېڭىشقا ، يولۇچىلار ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇشقا مەجبۇر بولدى . جۇڭگولۇق قاراقوللارنىڭ بۇ خىل رەزىل قىلمىشلىرىغا روس جامائەتچىلىكى ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى . روسىيە گېزىتلىرىدە جۇڭگولۇق قاراقۇللارنىڭ ھەر خىل قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر - ماقالىلەر كۆپلەپ بېسىلدى . شۇنداق بولسىمۇ ، روسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالغا بىر مەھەل سۈكۈت قىلىپ تۇردى . كېيىن روسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ قاتتىق چارە قوللىنىپ ، پويىز قاراقچىلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يىغىشتۇردى . يۇقىرىقى ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن بىر مەھەل موسكۋا كوچىلىرىدا جۇڭگولۇقلار خاتىرجەم ماڭالمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۋېرىسكىي كوچىسىدىكى مېھمانخانىلار ، رېستۇرانلار ، كېچىلىك ئىشرەتخانىلاردا جۇڭگولۇقلار ياۋروپا بايلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ ھوزۇر - ھالاۋەت سۈرەتتى . رېستۇران ، كېچىلىك ئىشرەتخانىلاردا ، ياۋروپانىڭ ئىلغار پاسونىدىكى ھەشەمەتلىك ئىشرەتخانىلاردا جۇڭگولۇقلارنىڭ < گاۋشىڭ > ئويناپ ۋارقىراشقان ئاۋازى ياڭرايتتى . ئۇلار تۇتام - تۇتام پۇللارنى تەڭلەپ ئارتىستلارغا ناخشا زاكاز قىلاتتى . شەھۋانىي ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئىشقىۋاز قىزلارنىڭ لىپتىكلىرى ئارىسىغا پۇللارنى مەردلەرچە قىستۇرۇپ قويۇشاتتى . ياۋروپالىقلار ۋە باشقا دۆلەت بايلىرى مېيىقىدا كۈلۈشۈپ ، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ خىل < مەرد > لىكىدىن ھوزۇرلانسا ، روسلارنىڭ كۆكۈچ كۆزلىرىدىن غەزەپ نۇرلىرى چاقناپ كېتىشەتتى .
تۋېرىسكىي كوچىسى ئادەملەر ئۈچۈن ، بولۇپمۇ جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاجايىپ ھوزور - ھالاۋەت بېغىشلىدى . قىسقىسى ، 20 - 30 - يىللاردىكى روس ياشلىرىنىڭ ئاۋانگارت ناخشىلىرى ، 40 - يىللاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك سادالىرى ، قەھرىمانلىق كۈيلىرى ، 50 - يىللاردىكى ، رومانتىك ھېسسىياتلارغا چۆمۈشكەن جۈپ - جۈپ ئاشىق - مەشۇقلار ، چىرايى ، تەققىي - تۇرقىدىن ئىلمىيلىك ، ئېتىقاد ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان موسكۋالىقلار ئەمدىلىكتە تۋېرىسكىي كوچىسىدىن مەڭگۈ يىتكەنىدى . ئەكسىچە ، ئەمدىلىكتە ئۇ يەردە 70 - 80 - يىللاردىكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ پۇراقلىرىدىن باشلىرى ئايلىنىپ ، ئاتا - ئانىلىرى ، بوۋىلىرى ، مومىلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۈنلىرىگە مازاق قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ياشلىرى گاڭگىراپ يۇرۇشەتتى .
سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئىگە بولغان < دېموكراتىيە > بۇ كوچىغا زور يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى . بۇ خىل < دېموكراتىيە > روسلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ ، ئىناۋىتى دەپسەندە بولۇپ ئېرىشكەن < مۇۋەپپەقىيىتى > بولدى .
سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن تۋېرىسكىي كوچىسىدا يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەر بولغاندىن باشقا كوچا تاملىرىغا ھەر خىل شەھۋانىي سۈرەتلەر ، < قىز نوتۇشتۇرىمەن > ، < بىر كېچىلىكىمنى بىر ياش بايۋەچچىگە تەقدىم قىلىمەن > ، < بىزگە كىرىڭ > ، < لاتاپەتلىك - گۈزەل نازىنىنلار سىزگە مەڭگۈلۈك بەخت ۋە ھاياتقا ئىشەنچ بەخش ئېتىدۇ > دىگەندەك < قىز شىركەتلىرى > نىڭ ئېلانلىرى ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى بىلەن بىرگە چاپلاندى . بۇنىڭدىن سىرت ، گېزىت ، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋاستىلىرى ئارقىلىقمۇ بۇنداق ئېلانلارنى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىش بىلەن بىرگە مەخسۇس < ئەيدىز > ، < يەنە بىر قېتىم > ، < شەخسىي تۇرمۇش > دىگەندەك گېزىتلەر چىقىرىلىپ ، شەھۋانىيلىق مەخسۇس تەشۋىق قىلىندى . ھەتتا < موسكۋا ھەقىقىتى > ، < موسكۋا كومسۇمولى > دىگەندەك گېزىتلەرمۇ بۇنداق ئېلانلارنى كۆپلەپ باستى . خەلقنىڭ دېموكراتىيە تەلىپى سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن بولسا ، دېموكراتىيىنىڭ تۈنجى غەلبىسىگە ئېرىشكەن روسلارنىڭ باشلىرى گاڭگىراپ ، ئەركىنلىك بىلەن دېموكراتىيىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، بىراقلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىدى . ئاخباراتچىلار ، ژورنالىستلار ، نەشىرىياتچىلار ، زىيالىيلار ئۆز ئىدىيىلىرى ، كۆز قاراشلىرىنى خالىغانچە بازارغا سالدى . سىياسىئونلار ئۆز كۆز قاراشلىرىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈچەپ تەشۋىقات - تەرغىبات بىلەن شۇغۇللاندى . قىسقىسى ، دېموكراتىيە چۈشەنچىسىنىڭ دۆلەت ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىڭىدا ئۆز ئورنىنى تېپىشى ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن 70 يىلدا كىشىلەرنىڭ قان - قېنىغا سىڭىپ شەكىللەنگەن بىر خىل ئىدېئولوگىيىنى ئۆزگەرتىش ، روس خەلقىنى قايتىدىن تەربىيىلەش كېرەك ئىدى . ئومۇمەن ، بۇ دۆلەتتە دېموكراتىيە ، ئەركىنلىك ھەققىدە چۈشەنچە ھەر خىل ۋە قالايمىقان ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى كۈندە روسىيىدە 43 پارتىيە - گۇروھ ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تەرغىپ قىلىپ ، پارلامىنتتا رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جان - جەھلى بىلەن تىرىشماقتا . بۇلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتىيە ( ئەلۋەتتە ئۆز كۆز قاراشلىرى بويىچە ) نى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ . مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ، مەن يەنىلا شۇ تۋېرىسكىي كوچىسىدىكى ئۇزۇن پاچاقلىق روس گۈزەللىرىنىڭ < دېموكراتىيە > نىڭ ھەقىقىي غەلبىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .
موسكۋادىكى دۇنياغا داڭلىق بۇ تۋېرىسكىي كوچىسىدا كىملەر ماڭمىغان دەيسىز . ھازىر بۇ كوچىدىن كۈندە نەچچە ئون مىڭلىغان ئادەم مېڭىپ ئۆتىدۇ . بۇ كوچىدا ئەينى يىللاردا لېنىنمۇ ماڭغان ، ستالىنمۇ ماڭغان ، ھەتتا نۇرغۇن چەت دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى قاتارىدا ، ماۋزېدۇڭمۇ موسكۋاغا قىلغان زىيارىتىدە بۇ كوچىدا ماڭغان . 30 - يىللاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى ، خەلق چىن دىلىدىن سۆيىدىغان رەھبەر ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ماڭغان . بۇگۈن مەن تەنھا ھالدا مۇشۇ كوچىدا ئاشۇ زاتلارنىڭ قەدەم ئىزىنى بېسىپ كېتىپ بارماقتىمەن . ئېھ ، ئاشۇ ئۇلۇغ زاتلار بۇ كوچىدىن ئۆتكەندە بۇ كوچىنىڭ بۈگۈنكى مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولغىيمىتتى ؟ مانا بۇ بىر تارىخىي تراگېدىيە ! ئۇ ھەممىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر !
مەن يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمدە ، ئاشۇ رومانتىك < موسكۋا ئاخشىمى > دىگەن ناخشىنى ئۈرۈمچىدە موسكۋادىكىدىنمۇ كۆپرەك ئاڭلىدىم . موسكۋالىقلار بۇ ناخشىنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ، بىزنىڭ جۇڭگولۇقلار ئېسىدە چىڭ ساقلىغانىدى . ئۈرۈمچىدە تۋېرىسكىي كوچىسى بولمىغىنى بىلەن ، ئۆز ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كوچىلار بار . بۇ يەردە يۇقىرىقىدەك گېزىت ، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى بولمىغىنى بىلەن قاۋاقخانا ، كېچىلىك كۈلۈب ، رېستۇرانلار سىزگە تولىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدۇ . بەلكى بۇ ئىشرەتخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى موسكۋادىكىدەك گېزىت ، تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى چىقىرىشنى ، شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ، تايلاندلاردىكى رەڭگا - رەڭ چىراغلارنىڭ بۇ يەردىمۇ يېنىپ ، كۆزلەرنى قاماشتۇرۇۋېتىشىنى قانچە ئارزۇ قىلىدىغاندۇ - ھە ؟!
ئاشۇ تۋېرىسكىي كوچىسىدا روس گۈزەللىرىنىڭ نازاكەتلىك جىسمى ئۆز ئىقتىدارىنى قانداق كۆرسەتكەن بولسا ، بۇ يەردە بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل ، لاتاپەتلىك جىسمى ئۈرۈمچى قاۋاقخانىلىرىنىڭ ، كېچىلىك كۇلۇبلارنىڭ ، مېھمانخانىلارنىڭ زىننىتى بولماقتا . ئەڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى ، بۇ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئەرزان بولغىنى ئۈچۈن ، تولا ئادەم بۇ زىننەت بۇيۇمىنى خالىغان يەرلىرىگە ئېۋىسالغۇسى كېلىدۇ .
بۇرۇن ئۇيغۇر قىزلىرىدىن خۇش بوي ئوسما پۇرىقى بىلەن قىزىل ئەتىرگۈل ھىدى پۇراپ ، كىشىگە باھار تۇيغۇسى بەخش ئەتسە ، ھازىر بۇ پۇراقلار يوقاپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر خىل ماركىدىكى يۈز مېيىنىڭ كىشىنىڭ نېرۋىلىرىنى سۈنئىي غىدىقلايدىغان كۆڭۈلسىز ھىدى ئالماشقان . كىشىگە رومانتىك مۇھەببەت تۇيغۇسى بەخش ئېتىدىغان ، پارىژ ئەتىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى پەردازلىغان تۋېرىسكىي كوچىسىدىكى روس گۈزەللىرى بىلەن ھەر خىل ماركىلىق يۈز مېيى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن سۇلغۇن ، ئۈمۈدسىز چىرايىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى سېلىشتۇرغۇم كېلىدۇ .
تارىخ 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روس مىللىتىنى چۈشكۈنلىشىش ، خارابلىشىشقا ئېلىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ چۈشكۈن نىدالىرى غەرب ۋە ئۇنىڭغا قوشنا باشقا دۆلەتلەرنىڭ گۈلقەقەلىرىنى ئېچىۋەتتى . بىر مەھەل < شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرى > دەپ نام ئالغان روسلارنىڭ دەھشەتلىك ھەم كۈچلۈك ھۆركىرەشلىرى مانا بۈگۈن بىراقلا ئاجىز ئىڭراشقا ئۆزگەردى . روس جامائىتىدە كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىۋاتقان روس مىللىتىنىڭ مىللىي غورۇرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغانلىق توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر بىۋاسىتە روس قىزلىرىنىڭ شەھۋانىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىغا سېتىلىپ ۋە ياكى ياللىنىپ ، < تىجارەت > ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىغا قارىتىلغان . پۈتكۈل تۈركىيە ، جۇڭگو ۋە باشقا غەربىي ، شەرقىي ياۋروپا ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مىليونلىغان روس قىزلىرى ئېقىپ بېرىپ ، ئىپپىتىنى سېتىش بەدىلىگە ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى روس تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ھادىسە بولۇپ ، ئاقىۋەتتە كىشىلەر ئېڭىدا < روس ئاياللىرىنىڭ ئىشتانبېغى بوش > دىگەن گەپنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەمەلىيەتتە روسلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى . يەنە روسىيە ئاخباراتلىرى جۇڭگونىڭ قانچىلىغان رېستۇران ، قاۋاقخانىلىرىدا روس قىزلىرى ياللىنىپ ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ، روس قىزلىرىنى رېستۇران ، قاۋاقخانىلاردا ھەر خىل < پائالىيەت > كە قويۇپ مېھمان كۈتۈش بىر مودا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېچىنىش بىلەن خەۋەر قىلغانىدى . بۇ پاجىئەلىك قىسمەت ئەمدىلىكتە بەزى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بېشىغىمۇ چۈشتى . ئىچكىرى ئۆلكە ، بولۇپمۇ دېڭىز ياقىلىرى رايونلىرىدىكى شەھەرلەردە بەزى بەلگىلىمىگە خىلاپ رېستۇران ، تانسىخانا ، قاۋاقخانىلار ئوخشاشلا ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن بەزى ئويغۇر قىزلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىپ ، ئۇلارنى < ئۈچتە ھەمراھ بولۇش > يوسۇنى بويىچە ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە گىرىپتار قىلغانلىقىنى پۈتكۈل جەمئىيەت بىلىدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ھازىر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قاۋاقخانىلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئازلاۋاتقان بولۇپ ، ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ قاۋاقخانىلارنىڭ ئەڭ كۆپ خېرىدار چاقىرىدىغان ، ئەڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىمىش . ئۇلار ئۆزىنىڭ چىرايلىق ، پاك جىسمى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكتە ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە . ئەگەر بىز تارىخىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك ، تارىختا بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولۇپ باققان ئەمەس . ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ، ئاقىۋەتتە ھېچنىمىگە ئەرزىمەس ، ئېتىبارسىز خەلققە ئايلىنىپ قالىمىز . شۇنى تەكىتلەشنى خالايمەنكى ، ياۋروپالىقلار سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى مەدەنىيەت تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ئەسىرلىك جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، بارا - بارا بۈگۈنكىدەك ھازىرقى زامان ياۋروپا ئەدەپ - ئەخلاق چۈشەنچىسى ، ئېتىقاد چۈشەنچىسى ، جىنس چۈشەنچىسى دەۋرىگە كەلگەن . تۈنۈگۈنلا تېخى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەتلىك مەدەنىىيەت پىسخولوگىيىسىنىڭ زەنجىر - كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان جۇڭگولۇقلاردىن بەزىلەر ئىقتىساد ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز ، غەلىتە راۋاجلىنىشنىڭ زەربىسى بىلەن غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى قارىغۇلارچە تىز قوبۇل قىلىپ ، بىراقلا چىرىكلىك ناخشىسىنى ئېيتىشتى . ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغان بۇ جۇڭگولۇقلار تېخى تۈنۈگۈنلا < ھېسسسىيات > گادايلىقى بىلەن فېئوداللىق ئەخلاقنىڭ قۇربانلىرى ئىدى . بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ ئەنئەنىۋى ئەخلاق - پەزىلەت چۈشەنچىسى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىتلار ساغلام تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنىدى . مانا بۈگۈن تۇيۇقسىزلا پارتلاش خاراكتېرلىك ئەخلاق بۇزۇلۇشىغا دۇچ كېلىپ ، كىشىنى سەسكەندۈردى ، ئاياللارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ ئېسىل پەزىلىتى ، دىيانىتى ، شەرم - ھاياسى بۇزۇلدى . بۇ ، جەمئىيەتنىڭ ھەممىلا قاتلىمىدا كىشىنى ئويغا سالىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى ، مەن ھەرگىزمۇ قىزلىرىمىز ( ئاياللىرىمىز ) نى ئەيىبلەشنى خالىمايمەن . چۈنكى ئۈرۈمچىدىكى ئاشۇ ھەشەمەتلىك ، كاتتا X X مېھمانخانىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى يۇمشاق ئورۇندۇقلاردا قاتىرىسىغا ئولتۇرۇشۇپ مېھمان كۈتۈشكە تەييار تۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە باشقا مېھمانخانىلارنىڭ مەخپىي ، ئاشكارا قارا تىزىملىكلىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ، چوڭ - كىچىك كۈلۈب ۋە قاۋاقخانىلاردىكى < ئۈچتە ھەمراھ > بولغۇچىلار قاتارىدىكى مەخسۇس < ئۇخلاشقا ھەمراھ > بولغۇچى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بۇ خىل قىسمەتلىرىنىڭ روشەن سەۋەبى بار ، ئەلبەتتە ! ئەمما بۇ سەۋەب ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنى مۇقەررەرلەشتۇرەلمەيدۇ !
يىللارنىڭ سوۋغىسى
يىللار ئىنسانىيەتكە ھەممىنى سوۋغا قىلىدۇ ، ئىنسانىيەت يىللار بىلەن قېرىيدۇ ۋە ياشىرىدۇ . خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېيتقاندەك : < يىللار سېخىي ، قۇرۇق كەلمەيدۇ ، ئەكىلىپ بېرىدۇ قىزلارغا قورۇق ، ئەرلەرگە ساقال ! >
يىللارنىڭ ماڭا مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد ، شۇنداقلا ئىرادە سوۋغىسىنى ئاتا قىلغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا ، مەن يىللارغا چىن قەلبىمدىن چەكسىز تەشەككۇر ئېيتقۇم كېلىدۇ .
1995 - يىلى 17 - مارت ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك كۈن ئىدى . چۈنكى مەن شۇ كۈنى موسكۋادىكى جاپالىق بەش يىللىق ئەجرىم بەدىلىگە ئىلىم - پەن مۇنبىرىدە قەد كۆتۈرگەن تۈنجى كۈنۈم ئىدى . ئاشۇ 17 - مارتتىكى ئونتۇلماس مەنزىرىلەر ، پاساھەتلىك نۇتۇقلار ، ئىلمىي باھا ۋە تەنقىدلەر دائىم قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلايدۇ .
17 - مارت ئەتتىگەن سائەت توققۇز يېرىمدا روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ( سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ) شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي كېڭەش زالىدا روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مەخسۇس دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ سۈرلۈك ، ئەمما ئېغىر - بېسىق تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇشلىرىغا تىكىلىپ تۇرۇپ ، دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ، پروفېسسور بۇنگارت لىۋىننىڭ رىياسەتچىلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ ، دىسسېرتاتسىيەمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم . زال ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى ، ھەر خىل رەڭدىكى كۆزلەر ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى ، بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان دىسسېرتاتسىيە ياقىلاشتا ، دىسسېرتاتسىيىنى كۆرۈپ بېكىتكۈچى ئالىملاردىن مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ، پروفېسسور چىۋىرخانىم ، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ، مەشھۇر ئېتنوگراف ، پروفېسسور باسلىيف ، شەرقشۇناسلاردىن پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى قاھاروف ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتورى ژوتوف ، دويروۋىسكايا ، كابىلوف ، كېلياشتورنىي قاتارلىق كاتتا ئالىملار دىسسېرتاتسىيەم توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى . قىزغىن پىكىر بايان قىلىش ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشلەردىن كېيىن ، ئىلمىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەخپىي چەك تاشلىشى ئۆتكۈزۈلدى . ئەڭ ئاخىرىدا ئىلمىي كېڭەش رەسمىي نەتىجىنى ئېلان قىلدى .
ئاكادېمىك بۇنگارت لىۋىن بۇگۈنكى دىسسېرتاتسىيىنى باھالاش ئەھۋالىدىن خۇلاسە چىقىرىپ :
__ بۈگۈن يېڭى ئۇيغۇر ئالىمى دۇنياغا كەلدى __ روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا تۈنجى قېتىم دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ ، ئالىملىق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن ياش ئالىم مەيدانغا كەلدى . بۇ بىزنىڭ روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتلىك ۋەقە . ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قىزىقارلىق ۋەقە شۇكى ، مەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تالاي قېتىم دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ ھېچ كۆرمىگەن بىر ئىش ، بىزنىڭ 23 كىشىلىك ئىلمىي كېڭەش ئەزالىرى نەبىجاننىڭ دىسسېرتاتسىيىسىگە 25 بىلەت تاشلىغان . بۇنىڭ ئۆزىلا دىسسېرتاتسىيە ئاپتورىغا بېرىلگەن يۇقىرى باھا . مەن نەبىجان تۇرسۇنغا ، جۈملىدىن نەبىجان تۇرسۇننىڭ دۆلىتىگە ھەم بۇ ئالىمنى تەربىيىلىگەن ئاتا - ئانىسىغا زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت - سائادەت تىلەيمەن .
رىياسەتچىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىش بىلەن زال ئىچىدە قىزغىن چاۋاكلار ، < ھۇررا ! > سادالىرى ياڭرىدى . ئاخىرىدا مۇنبەرگە ئىلمىي رەھبىرىم دىمترىي ۋاسلىيف تەكلىپ قىلىندى .
ئۇ ، چوڭقۇر ھاياجان بىلەن :
__ نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ بەش يىللىق جاپالىق ئەجرى ، تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى . مەن ئۇنىڭ پۈتكۈل جاپا - مۇشەققەتلىك ئۆگىنىش جەريانىنىڭ گۇۋاھچىسىمەن . مەن ۋە بىزنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىمىزدىكىلەر ئۇنى سۆيىمىز ، چۈنكى ئۇ ئەقىل - ئىدراكى ، ئېسىل ئەخلاقىي - پەزىلىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . ھەممىمىزنى قايىل قىلدى . مەن ئۈرۈمچىگە بارغان ، ئۇ يەردە مەن نەبىجاننىڭ مىللىتىنىڭ ھاياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم . مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇر مىللىتىنى سۆيگەنلىكىمدىن پەخىرلەنگەنىدىم . ئۇيغۇرلار ئېسىل ، ئاق كۆڭۈل مىللەت ، سېخىي مىللەت ، بۇ مىللەتكە نەبىجاندەك ئالىملار تولىمۇ زۆرۈر . نەبىجان خەنزۇ ، پارس ، تۈرك ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مەنبەلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار تارىخىي ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا باھا بەردى ۋە بۇ تەتقىقاتنى سىستېمىلاشتۇرۇشقا قارىتا ئۆز نۇقتىئىنەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئىشىنىمىزكى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن زور نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىدۇ . نەبىجاننىڭ نامى دۇنيا شەرقشۇناسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
ئاخىرىدا مەن بۇ پەخىرلىك ئوقۇغۇچۈمنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت ، ئۇنى تەربىيىلىگەن ئاتا - ئانىسىغا سالامەتلىك تىلەيمەن .
ئاكادېمىك پۇنگارت لىۋىن ئاخىرىدا خۇلاسە نۇتقى سۆزلەپ ، ئىلمىي كېڭەشنىڭ بىردەك ھالدا ماڭا تارىخ ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانىنى بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى ھەم مېنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش كېڭىشىنىڭ قارارىنى ۋە مېنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىم ( خاراكتىرىسكا ، دىسسېرتاتسىيىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى ، ئىلمىي كېڭەشنىڭ پىكرى ، ئىنىستىتۇتنىڭ پىكىرى ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىكىرى ، ئالىملارنىڭ باھا سۆزلىرى ، شۇنداقلا باشقا ماتېرىياللار ) نى روسىيە فېدېراتسىيىسى ئالىي ئۇنۋان بېرىش كومىتېتىغا يوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . رىياسەتچىنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ئىلمىي رەھبىرىم ، تەتقىقات بۆلۈمى شۇنداقلا دوستلىرىم مېنى تەبرىكلەپ گۈللەرنى تەقدىم قىلدى .
شۇنى قوشۇمچە قىلماي بولمايدۇكى ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئومۇملاشقان بىر ئادەت ، بىرەر كىشى دىسسېرتاتسىيە ياقىلىغاندا ، دىسسېرتاتسىيە ياقىلىغۇچى ئۆزىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك كۈنىنى خاتىرىلەپ ، ئۇستازلىرى ۋە ئىلمىي ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بەرگەن مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە دوستلىرىنى ئالاھىدە چايغا تەكىپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ ، شۇنداقلا ئۇستازلىرى ۋە دوستلىرىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئىختىيارىي ھالدا ساھىبخانغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي ئىشلىرىغا زور ئۇتۇق ۋە تۇرمۇشىغا بەخت تىلىشىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ سورۇن ناخشا - ساز ، ئۇسسۇلسىز بولمايدۇ .
روسىيە زىيالىيلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئەڭ ئەھمىيەتلىك خاتىرە پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بىزدە بۇنداق چاي پائالىيىتى تېخى شەكىللەنمىگەن ، چۈشىنىشىمچە ، بۇ ئەنە شۇنداق مەدەنىيەت ساپاسى ئۈستۈن ، ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان مىللەتكە خاس پائالىيەت بولۇپ ، بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيدۇ . ئۇنىڭ ئورنىغا ياۋروپالىقلارنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان ھەر خىل شەكىلدىكى چايلىرىمىزغا يېتىشىپ بولالماي ئۆزىمىزدىن ۋە دۇنيادىن زارلىنىپ يۈرىمىز ئەمەسمۇ ؟
مەن شۇ كۈنى چۈشتە ئىنىستىتۇتنىڭ كىچىك زالىدا چاي تەييارلىدىم ، دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولدى . مەن تەكلىپ قىلغان ئالىملار ۋە مۇناسىۋەتلىك زاتلار ، شۇنداقلا موسكۋادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ چايغا ۋاقتىدا كېلىپ قاتناشتى . موسكۋادا ياشىغىنىغا 40 يىل بولغان ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كان مىنىستىرلىكى كان چېرتيوژلىرىنى لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ، كان ئىشلىرى بويىچە كاتتا مۇتەخەسىس ، ئالىي ئىنژېنېر شېرىپجان ئەھمىدى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئارزۇگۈل ھەدە ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسەتتى . ئارزۇگۈل ھەدە چىۋەر قوللىرىدا تەييارلىغان پولو ، مانتا ۋە باشقا سوغۇق سەيلەر سورۇن ئەھلىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىۋەتتى . ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلىپ ، تېخى ئۇنىڭ تامىقىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان روس ئالىملىرى ئۇيغۇر مۇقام ساداسىدىن ھوزۇرلىنىپ ئېچىلىپ - يېيىلىپ ئولتۇردى . تائاملارنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى . بۇ سورۇنغا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا شەرقشۇناسلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناسلاردىن تاجىكىستان ۋە ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ ئاكادېمىكى ، پروفېسسور لىتۋىنىسكىي ، تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى د . ۋاسىلىيف ، ھىندىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى ، پروفېسسور ل . ئالايىف ، يەنە پروفېسسور باسىلىيف ۋە باشقا ئۈچتەك ئۇيغۇرشۇناس ، تۈركشۇناس قاتناشتى . چاي ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ، كۈلكە - چاقچاقلار ئىچىدە ئۆتتى .
تۈگىدى

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...
ئۇيغۇرش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 01:35:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31223
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6388 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 09:45:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ مەدەنيتىنىڭ قايسى سانىدا بولغىيتى، كىمنىڭ يادىدا بار؟!

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1114 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 11:33:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم.دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلاي.
بۇيىل روس تىلىنى تاللانما دەرس قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان،خۇدايىم بۇيرۇسا،ئوقۇشۇم پۇتكەندىن كىيىن روسىيەگە چىقسام دەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3843
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6484
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 2206 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 11:49:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى بەرگەي

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40797
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 8107 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 05:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياش  تارىخشۇناس نەبىيجان تۇرسۇننىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 303
تۆھپە نۇمۇرى: 220
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 07:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە مۇشۇ رۇسيەگە ئۆچ بولساممۇ  ،ماۋۇ ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ،تارىخىمىز توغۇرلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم.ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.باللىرمىغىمۇ ئوقۇپ بەرسەم بولغىدەك.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64306
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 08:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى 15 يىلنىڭ ئالدىدا ئوقۇغان ئىدىم، ماڭا يەنە بىر قېتىم ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن «پادىشاھ» قا رەخمەت ئېيتىمەن.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1871
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3730 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر بىسىلغان ژۇرنال ۋە مەتبۇئات ،يىزىلغان يىلنامىسى توغرىسىدا ئىنىق بىلىدىغانلار ،ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار !؟بۇ ئەسەردە بىز ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە بار ،بىر تۇرۇپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا مۇشۇنداق مەزمۇن ئۆزگىرىپ كەتكەندىمۇ دەپ ئويلىدىم ...شۇڭا ،مۇشۇ ماقالە توغرىسىدا ئىنىق چۈشەنچىسى بولغان ۋە ياكى ئىزدىنىشنى ،چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشنى ئۈمد قىلىدىغان دوستلار ئەسەر توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتسەڭلار !!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش