مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 934|ئىنكاس: 2

خەيرلىك دۇئا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46436
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 2283
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 01:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       خەيرلىك دۇئا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە



مەرۇپ ئەلكەرخى ھەزرەتلىرى[1] دەجلە دەرياسى بويىدا ھەمراھلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئولتۇرغىنىدا، يانلىرىدىن شاراب ئىچىشكەن ھالەتتە نەغمە - ناۋا قىلىشىپ يۈرگەن بىر تۈركۈم ياشلار ئۆتۈپ قالدى، ھەمراھلىرى مەرۇپ ئەلكەرخىيگە:« بۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىۋېتىپتۇ، ئۇلارغا بەد دۇئا قىلسىلا» دېيىشتى، بىراق مەرۇپ ئەلكەرخى ئىككى قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ: «ئې ئاللاھ! سىنىڭ ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادا شاد-خۇرام قىلغىنىڭ كەبى، ئاخىرەتتىمۇ شاد-خۇرام قىلىشىڭنى تىلەيمەن» دەپ ئۇلار ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ھەمراھلىرى ئۇ زاتنىڭ بۇ ئىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «بىز سىلىگە ئۇلارنى بەد دۇئا قىلسىلا دېسەك، سىلى قوپۇپ ئۇلار ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلغانلىرى نېمىسى؟» دېيىشتى. مەرۇپ ئەلكەرخى ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋابەن: «ناۋادا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاخىرەتتە شاد-خۇرام قىلىشنى ئىرادە قىلىپ ئۇلارنىڭ توۋىسىنى قوبۇل قىلىپ قالسا ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىنى تۈزىسە سىلەرگە نېمە زېيىنى؟» دەپ جاۋاب بەردى.[2]

مەرۇپ ئەلكەرخىينىڭ يۇقىردا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە باشقىلارنى توغرىغا يېتەكلىگۈچى كۆرسەتمىلەر بار بولۇپ ئەمەلىيەتتە بۇ كۆرسەتمىلەر باشقىلارنى تۈزەش يولىدا زۆرۈر بولغان تەربىيە ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ كۆرسەتمىلەردىن بىرىنچىسى: نوقۇل خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىگە بەد دۇئا قىلىشنىڭ خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆز خاتاسىنى تۈزىتىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۆزگىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيىلەشتىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ خاتالاشقۇچىنىڭ ئۆز قىلمىشىدىن تەۋبە قىلىۋېلىشى ۋە ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشى كېرەكلىكى بولۇپ، ھەر بىر ئاقىل كىشى چوقۇم ئەتراپىدىكى سەلبىي كۆرۈنۈشلەرگە نىسبەتەن پەقەتلا غەزەپلەنگۈچى ۋە نەپرەت ياغدۇرغۇچىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «توغرىنى قىلىشتا ئىزچىل بولۇڭلار، ئىتائەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەڭلار»[3] دېگەن كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا، پەيغەمبەر يولىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىشى زۆرۈردۇر.

چۈنكى بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى، ئۈممىتىگە مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچان، ۋە يولباشچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا بىزلەر ئۈچۈن ئېسىل ئۈلگىلەر بار بولۇپ، مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپلىقلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان مەزگىللەردە تائىپلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېغىر ئەرزىيەتلەرنى بەرگەن ئىدى، ئارقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇھەقتە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ھۇزۇرىدىن چۈشۈپ ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالىسىلا ئىككى چوڭ تاغنى مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىگە يىقىتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئې بۇرادىرىم جەبرائىل، ئۇنداق قىلمىغىن! بەلكى مەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىن ئاللاھقا ھىچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلىدىغان پەرزەنتلەرنى دۇنياغا كەلتۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».[4] دېدى.

يېتەكچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بەد دۇئا قىلىشقا ئالدىرىمىغان ئىدى، بەلكىدە ئۇ زات يۈكسەك ئەخلاق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مەقبۇل قىلىنغۇچى دۇئاسىنى ئۈممىتىگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگە قالدۇرغان ئىدى.

قۇرئان كەرىممۇ يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىدا ئۈنۈملۈك چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بىر مۆئمىن ئىنسان ناۋادا يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلا بولسا، ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياخشى ئاقىۋەت ۋە نەتىجىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ مەسىلەن سىز ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە قۇلاق سالغىنىڭىزدا ئاللاھ بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ » [5] دېمەككى سىز، مانا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرالىسىڭىز، ئارىدىكى ئۆچ-ئاداۋەتنى مېھىر-مۇھەببەتكە ئايلاندۇرالايسىز.

يۇقىرىقى رىۋايەتتىكى توغرىغا يېتەكلىگۈچى كۆرسەتمىلەرنىڭ ئىككىنچىسى بولسا، گۇناھ ئۆتكۈزۇپ قالغان كىشىلەرگە ئالدىراپ بەد دۇئا قىلىش ۋە دائىم دېگۈدەك ئۇلار دىن قاخشاپ يۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە شەيتانغا پاس چىقىرىپ بەرگەنلىك ۋە ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىۋېلىشىغا ھەمدەمدە بولۇشۇپ بەرگەنلىك بولىدىغانلىقى ۋە ئىشنىڭ توغرىسى بولسا ئۇلارنىڭ تىزراق ئىنساپقا كېلىشى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئالار قىلىش لازىملىقىدۇر.

خاتا كەتكەنلەرنىڭ خاتاسىنى تۈزىتىشىگە ياردەمدە بولغان كىشى، ئاللاھ تەرەپتىن بېرىلىدىغان ساۋاب-ئەجىرنى قولغا كەلتۈرگەن كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەمما باشقىلارغا توختىماي بەد دۇئا ئوقۇيدىغان كىشىگە كەلسەك، ناۋادا ئۇ باشقىلارغا ئىچى يامانلىق قىلىپ بەد دۇئا قىلغان بولسا ئاقىۋەت ئۇنىڭمۇ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار كىشىدۇر، بىر بولسا ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، يەنە بىر بولسا بەد دۇئا قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ كېتىپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسىدە بىز ئۈچۈن ئىبرەت ۋە ساۋاقلار بار. پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدە بىر كىشى: «ئاللاھقا قەسەمكى، ئاللاھ تائالا پالانچىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتمەيدۇ» دەپ قەسەم ئىچكىنىدە، ئاللاھ تائالا ۋەھىي يولى ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « پالانچىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچىدىغانغا كىمكەن ئۇ؟ ئىي مۇھەممەد، ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىن! شەكسىزكى مەن ئاشۇ پالانچىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتۈم ۋە قەسەم ئىچكەن كىشىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى بولسا بىكار قىلدىم.» دېگەن ۋە بۇ خەۋەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ قويغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىستە بىزلەرگە يەتكۈزگەن ئۇشبۇ خەۋىرى، كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش، باشقىلارغا يامان گۇمان بىلەن قاراش ۋە ئۇلارغا تىزرەك ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ يىغىشىنى تىلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەتتا بەزىدە مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى ئادەملەر ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى ۋە گاھىدا ئازابىنىڭ تىزلىشىشى ئۈچۈن قىلىنغان <بەد دۇئا> قارشى تەرەپكە ئەمەس بەلكى <بەد دۇئا> قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگە يېنىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە قىلغان قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ، ئىشنىڭ توغرىسى، مۆمىن كىشىنىڭ ھەمىشە يامان يولدىكىلەرنىڭ تۈزۈلۈپ كېتىشى ۋە ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن دائىم خەيرلىك دۇئا قىلىپ تۇرۇشىدۇر.

شۇنىڭدەك باشقىلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلماقچى بولغان كىشىمۇ، قارشى تەرەپ مەيلى خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى بولسۇن ۋە ياكى ئاسى-گۇناھكار بولسۇن، تاكى ئۇنى خاتىرجەملىك قىرغىقىغا قۇتۇلدۇرۇپ ئىلىپ چىققانغا قەدەر قولىدىن كېلىشچە ئۆز ياردىمىنى ئايىماسلىقى لازىم.

....................................................................

[1] ئىمام ئەلكەرخى ئىراقتا ئۆتكەن زاھىد، تەقۋادار ئالىملاردىن بولۇپ ھىجرىيە 200- يىلى ۋاپات بولغان.

[2] بۇ رىۋايەتنى ئىمام بەيھەقى شۇئەبىل ئىمان ناملىق ھەدىس ۋە خەۋەرلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلىپ كەلتۈرگەن.

[3] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى

[4] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەتلىرى

[5] فۇسسىلەت سۈرىسى 34- ئايەت



                                               ئاپتور: دوكتۇر مۇھەممەد مۇھەممەد داۋۇت

                                                          ر ىدا تەرجىمىسى

                                                 مەنبە:ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 10:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشىتىمىغىمۇ بىرەرسى ئىنكاسيازماپتا ھەقىقەتەن ياخشىتىما يوللاپسىز بۇنىڭدىن كىيىن مۇ مۇشىنداق تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10560
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8342
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2011-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 07:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز.اللاھ دۇايىمىزنى قۇبۇل قىلسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش