ئىنگىلانىد بىرلەشمىسى 15.ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇھىم مۇسابىقسى بۈگۈن [13.چسىلا] ئاياغلاشتى.
كۈك ئارمىيە 2-1ئەزرائىل
كۈك ئارمىيە چىلىسى ئۈز مەيدانىدائىنگىلانىددتا يىڭدىن باش كۈتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئەزرائىل دەم نام ئالغان مانچستىر شەھەر كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 2مىنۇت بۇلغاندا ئەزرائىلنىڭ قارا ئەزرائىلى كەپسىز بالوتىللى بىر توپ ئۇردى.
34مىنۇت بۇلغاندا كۈك ئارمىيەنىڭ قىزىل ئارمىيەدىن سىتىپ كەلگەن جەڭچىسى مىرالىس، ئەزرائىلنىڭ ۋارتارىغا بىر توپ ئۇرۇپ نەتجىنى تەڭلەشتۈردى.
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپ تالىشىپ تۇرۇپ سىرىق كارتا دىگەننى بولىشىغا يىدى.
شۇنىڭ بىلەن سەۋىر تاقىتى توشقان رىپىر ئاچىغىدا ئەزرائىلنىڭ قارام بىكى كىلىچىغا قىزىل كارتا بىرىپ چىقىرۋەتتى.
10ئادەملىك قالغان ئەزرائىل كۇماندىسى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . باش تىرنىر مەنچىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىمۇ لىۋىرپۇل بىلەن تەڭلەشكەندەك ئەپلەپ سەپلەپ تۈگىتىمەن دەپ ،مۇداپىيەينى كۈچەيتىپ 111نىڭ ئاپتۇبىسىنى ۋارتاسىنىڭ ئالدىغا تۇختىتىپلام قويدى .ئاگىيرۇ بىلەن سىلۋا شىددەت بىلەن ئالماشتۇرۋىتىلدى.
مۇسابىقە تۈگەشكە 10مىنۇت قالغاندا كۈك ئارمىيەنىڭ قەھرىمانى سىتۇلىچ ياندىن توپنى ئەكىرىپ ۋارتاغا تەپكەندە ئەزرائىلنىڭ مۇداپىيەچىسى لىسكۇتنىڭ قۇلىغا تىگىپ بۇ توپ شۇ زامات رىپىر تەرىپىدىن نوقتا توپ دەپ قۇيۇپ بىرىلدى !
........ ئەزرائىلنىڭ بىر پۇتى گۈرگە ساڭگىلدى.
كۈك ئارمىيەنىڭ پىشقەدەم جەڭچىسى لەمپارد بۇ توپنى جۈرئەتلىك بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزدى.[لەمپارد مەيدانغا ئالمىشىپ چۈشكىنى 5مىنۇت بۇلغان ئايىغى ياراشقان چىغى ...ھەم مۇشۇ توپقا رىسقى پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ
مۇسابىقە ئاخىرى مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىپ، بىرلەشمە باشلانغان ياقى مەغلۇپ بولماي ئۇدا 14مەيدان غەلبە قىلغان ئەزرائىلنى كۈك ئارمىيە ئۈز بازىسىدا بوغوزلاپ تاشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بالوتىللىنىڭ ئىشى چاتاق، يىتىشى ياتاق بوپ كەتتى.
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى
http://bbs.putbol.cn , ئەسلى يازما ئادرىسى :
http://bbs.putbol.cnread.php?tid=22948 قىسقا فىلىمنى مۇشۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭلار !
تۈنۈگۈن تاۋكادا ئۇتۇرغانلار ، بۇ تېمىدىن ھوزۇر ئالغاچ ، نەقلەشتۈرۋىتەرسىلەر ... ھى ھى ھى ھى ھى