مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1337|ئىنكاس: 23

‹‹ توۋا قىلدىم ›› نى بويلاپ ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66855
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 04:56:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە يوللانغان تورداش زەپەرنىڭ ‹‹ توۋا قىلدىم ›› ماۋزۇلۇق شېئىرسىنى ئۇقۇپ
شائېرنىڭ قابىليىتىگەقايىل بولدۇم . ھەسەتخورنىڭ تىلىدىن ئېيتىلغان بۇ شېئىر مىنى
سەل  ھەيران قالدۇردى ، مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى 30- قەۋەتتىكى تورداش
ئوتلۇق ‹‹ ياخشى يېزىلىپتۇ ›› دەپ ماختىغان ماۋۇ بىر كۇبلىت بولدى .
                 توۋا قىلاي دىدىم مەنمۇ ، كەچۇرگىن ئەل
                تازىم قىلاي خەلقىمگە ، ئىگىلگەي بەل
                مىنىڭ بەختىم نەگە قاچتى؟دەپتىمەن ئەي
               ئەلنىڭ بەختى مىنىڭ بەختىم ئىكەنغۇ دەل
  ھەسەت دىگەن بارلىق ياخشىلىقلارنى كۇل قىلىپ تاشلايدىغان ئىنتايىن ناچار
ئىلەت  بولۇپ ، ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ پەسكەش خۇلۇق ئەزەلدىن ياخشى
كىشىلەرگە چاپلىشىپ باققان ئەمەس ، ئەكسىچە  ئەسلى - نەسلى پەس كىشىلەرلا
ھەسەتخورلۇقنىڭ مەھكۇملىرىدىن بولۇپ كەلگەن . مىنى ھەيران قالدۇرغىنى
شىئېردىكى ھەسەتخورتىلىدىن ئېيتىلغان ‹‹ توۋا قىلاي خەلقىمگە ........ ››
دىگەندەك  ئىسىل سوزلەر بولۇپ ، ھەسەتخور ئىپلاس كىشىلەرنىڭ
ئېغىزىدىن بۇنداق قالتىس سوزلەرنىڭ  چىقىشى بىرەر شۇملۇقتىن بىشارەتمۇ - قانداق ؟
   ئەسلىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ‹‹ سۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن ، سايدا ھەم تاشقىن
قىيان ››دەپ ئېيتقاندەك ، ئىنسانىيەت تەبىئىيتىگە خاس ‹‹ سۇ ئاققان ئېرىقتىن ئېقىشى ،
قىيانمۇ ھەم سايدا ئېقىشى  ›› كېرەك ئىدى . بۇنىڭ تەتۇرىسىچە قىياننىڭ مەھەللە
ئىچىدىكى تار ئېرىقلارغا كىرىۋېلىشى ياخشى ئاقىۋەت كەلتۇرمەيدۇ .ئەلۋەتتە ،
سۇ ئاققان ئېرىقىدا شاۋقۇنسىز شىلدىرلاپ ئاقىدۇ ، ئەمما تاشقىن قىيان سۇ ئاقىدىغان
ئېرىققا كىرىۋالسا شاۋقۇن- سۇرەن سېلىشىدا گەپ يوق ، لىكىن دەل ئاشۇ  شاۋقۇن -
سۇرەن يامانلىقتىن بىشارەتتۇر
      لۇشۇن ئەپەندى ئوز  خەلقى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىش خەۋىپىگە دۇچار بولۇپ
قېچىپ يۇرگەندىمۇ ‹‹ توۋا قىلاي دىدىم مەنمۇ ، كەچۇرگىن ئەل  .  تازىم قىلاي
خەلقىمگە ، ئىگىلگەي بەل ›› دىگەندەك دەبدەبىلىك سوزلەر بىلەن سازايە توۋلاپ 
 يۇرمىگەن ، بەلكى  ئۇنىڭ بىلى ئوز خەلقى ئۇچۇن ھەر ۋاقىت ئىگىلىگلىك ئىدى .
كىندى ‹‹ خەلقىم دىگەن كىشى ئوز خەلقى تەرىپىدىن ئولتۇرىلىدۇ ›› دىگەندەك
خەلىق سويەر ياخشى  كىشىلەر خەلقى تەرىپىدىن  ئولتۇرۇلسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ
ئولتۇرلىشى ھەرگىزمۇ خەلقى ئۇچۇن بەل ئەگمەي تەكەببۇرلۇق قىلغانلىغىدىن
بولماستىن ، بەلكى ئولارنىڭ ئوز خەلقى ئۇچۇن تۇپراققا ئايلىنىشىدۇر  .  
جۇملىدىن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ  ئەھمەد مەزىن تەرىپىدىن قەتلى  قىلىنىشى ،
ھەرگىزمۇ  خەلقى ئۇچۇن بەل ئەگمىگەنلىكتىن بولماستىن ، بەلكى  داموللامنىڭ  
خەلقى ئۇچۇن جان تەسەددۇق  قىلىشىدۇر . ھەممىگە مەلۇمكى داموللام ھەرگىزمۇ
ھەسەتخور  ئەمەس ئىدى ، شۇنداقلا  خەلقىنىڭ دۇشمىنىمۇ ئەمەس ئىدى . ئەكسىچە 
 خەلقى ئۇچۇن ئۇن- تۇنسىز خىزمەت  قىلغان ، نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇقسىمۇ يەنىلا
خەلقى ئۇچۇن تەر ئاققۇزۇپ كوپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلغان ئىدى . داموللامدەك 
ياخشىلارنىڭ ياخشى سوز ، ياخشى ئىشلارنى  قىلىشى تەبىئىي نورمال ئەھۋال ، ئەمما
يامانلارنىڭ ياخشى سوز  ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشى كىشىنى ھەيران  قالدۇرىدۇ .
   شۇنداقلا ھەسەتخور نېجىس  كىشىلەرنىڭ بۇنداق سىلىق سوزلەرنى قىلىشى  نورمالسىزلىق
بولۇپ ، بۇنداق نورمالسىزلىق كىشىگە قۇياشنىڭ ، شەرىقتىن چىقىپ غەرىپتە ئولتۇرۇشتىن
ئىبارەت نورمال يولىنىشىنى ئوزگەرتىپ غەرىپتىن  چىقىش بىلەن ئىنسانىيەتكە قاتتىق  بىر 
 كۇننى ئېلىپ كەلىدىغانلىغىنى ئەسلىتىدۇ  .
  نورمالسىز  ئىشلار كىشىنى ئوزىگە ئىتتىك  جەلىپ  قىلىدۇ ، چۇنكى ئىنسان   تەبىئىيتىدە 
 يېڭىلىققا  ئىنتىلىش ئېڭى كۇچلۇك ، ئەمىليەتتە  نورمالسىز  ئىشلار  شەكىلدە يېڭىلىقنىڭ 
 بىر تۇرى ھىساپلىنىدۇ  ، زېرەك ، يىراقنى  كورەر كىشىلەرلا  بۇنداق  نورمالسىزلىقنى
سىزىۋالالايدۇ . ئەمما  ئەقىلسىز  ،  گالۋاڭ  كىشىلەر بولسا بۇنداق  نورمالسىزلىقنىڭ  كەينىگە
يۇشۇرۇنغان ئورىغا چۇشۇپ  ئاندىن ئۇيقىسىنى  ئاچىدۇ  ،  لىكىن تولىمۇ كىچىككەن بولىدۇ  .
   قېنى زامانىمىزدىكى  تىز ئوزگىرىشلەر ئىچىدىكى نورمالسىزلىقلارنى كىملەر سېزىپ 
 كەلگۇسىگە  دادىل  قەدەم  قۇيالايدۇ .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31330
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6361 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 11:41:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا، مەن ئۇ ھەسەتخورنى ياخشى يولغا قايتۇرماقچى ئىدىم، شۇڭا توۋا قىلغۇزۇپتىكەنمەن.  يامانلارنىڭ مەڭگۈ يامان پېتى قېلىشى  مۇقەرەرلىك ئەمەستۇ؟ ئۇلار توۋا قىلىپ ياخشى يولغا مېڭشنى قوللاش كېرەكمۇ ياكى سەن ئەسكى ئىدىڭ، يەنىلا ئەسكى بول دېيشىمىز كېرەكمۇ؟

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئادەمددك ياشا ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4385
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9494
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 1522 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 12:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتم ...
مېنىڭچە ئىنسان ئىكەنمىز ھەرقانداق خاتالىقلارنى بىلىپ-بىلمەي قىلىپ تۇرىمىز ..
چۈنكى بىز ئىنسان ،
بىز نىڭ خاراكتىرىمىزدە ھەسەتخۇرلۇق ، نادانلىق ، ئەخمەقلىق بار ...
ھەممىزنىڭ شۇنداق بىر كۈنلىرى بولىدۇ ...
لېكىن «ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ پەسكەش خۇلۇق ئەزەلدىن ياخشى كىشىلەرگە چاپلىشىپ باققان ئەمەس»دېگەن قارىشىڭىزغا تازا قوشۇلمىدىم ...
مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھەسەتخۇرلۇقنى ياقلىماقچى ئەمەس بەلكى ،
سۆز قىلغاندا مۇتلەقلەشتۇرۋەتمەيلى ...
بەزى ئېسىل ئادەملەردىمۇ توۋۋا دەپ قالغۇدەك  خاتالىقلار مەۋجۇتقۇ ..
ئامال بولسا شۇنداق ئىشلاردىن نېرى تۇرايلى ...
خېلى كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەمدەك قىلسىز قېرىندىشىم ...
تېمىڭىزدىن بىلىمىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن جىقلىقىنى بىلىۋالدىم ...
مەسلىھەتىم ، بىر تەرەپلىمە تەپەككۇر قىلمايلى ...

گۈل ...

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16057
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4698 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 01:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن زەپەرنىڭ شېئىرىنى ئۇقۇپ باقماپتىمەن، ئەمما بۇ تىمىدىن ھەم زەپەرنىڭ ئىنكاسىدىن ھىس قىلدىشىمچە ھەسەتخور ئادەمنىڭ توۋا قىلىشىغا قارىتا ئاپتور ئارىسلان2004  ئۆزىنىڭ مەلۇم كۆز قاراشلىرىنى ناھايىتى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپتۇ،  قايسىدۇ بىر كىتاپتا ئۇقۇشۇمچە ھەسەتخورلۇق ، ئىچى تارلىق كىسىلىنى يۇقتۇرۋالماڭ، ئۇ  قان چىقارماي جان ئالىدىغان ئەڭ يامان كىسەللىكلەرنىڭ بىرى، بۇ كىسەللىك ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ يۈرىكىنى يەپ تۈگىتىدۇ، روھى ھالىتىڭىزنى قالايماقانلاشتۇرىدۇ دەپ ئۇقۇغان ، ھەم قان بىلەن كىرگەن خوي جان بىلەن چىقىدۇ دىگەن ھىكمەتنىمۇ  كۆرگەن ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا قەلبى ھەسەتخورلۇق كىسىلى بىلەن زەھەرلەنگەن ئادەمنىڭ ئوڭشىلىشى بەسى مۈشكۈل، ئەمما بىز ئۇلارنى ساقايماس كىسەل دەپ قارىماي، ئەكسىچە ئاشۇنداق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشىمىز، تەسىرلەندۈرۈپ بىقىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئاشۇ خىل زەھەرلىك كىسەلدىن ئۆز - ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن!زەپەرنىڭ مەقسىتى، شېئىرى ئارقىلىق تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرىكىتى تۇغرا دەپ قارايمەن! ھەرىكەت بەرىكەت دەپتىكەن چوڭلار، سۇنى ئىقىشىغا قۇيۇپ بەرمەي چۇقۇم ئۇنۇڭغا قارىتا ھەركەت قىلىپ بىقىشىمىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ بېقىشىمىز زۆرۈردۇر! كىم بىلىدۇ ئويلىمىغان نەتىجىگىمۇ ئېرىشىپ قالىمىزمۇ تېخى!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6038
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 888 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 01:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ سۆز توغۇرلۇق خىلى ياخشى پىكىر قىپلسىز ، سەۋىيىڭىز خىلى يۇقىرى ئىكەن .

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11490
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 10:29:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       

ھەسەتخورلۇق توغۇرسىدىكى شېئىر ۋە يازمىڭىزنى بىزلەر بىلەن يۇز كۆرۇشتۇرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئاداش .

    مۇنبەرداشلار ئىيىتقاندەك  ھەسەتخورلۇق دۇنيادىكى بارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئىچىدە  ئەڭ پەسكەس ئەخلاقتۇر .  ھەتتا مۇبارەك ئىسلام دىنىمزىدىمۇ خاتالىق دەپ قارىلىپ ،چەكلىگەن بارلىق قەبىھ جىنايەت ئىچىدە ، ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرۇش ، پۇلغا ئۆسۈم ئىلش ، قەستەن ئادەم ئۆلتۇرۇش ،چىقىمچىلىق قىلىش ........قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئىغىر جىنايى قىلمىش ھىساپلىنىدىغان بولۇپ  ،  ھەسەتخورلۇق  كىسىلى بار ھەر قانداق بىر ئىنسان، مۇشۇ ھەسەتخورلۇق قىلمىشىدىن باشقا،  ھەر قانچە كۆپ ۋە كاتتا ئىبادەت قىلپ كەتكەن بىر ھالەتتىمۇ ، جەننەتنىڭ پۇرىغىنى پۇرىيالمايدۇ .

نىمە ئۇچۇن ھەسەتخورلۇقنىڭ جىنايىتى شۇنچە ئىغىر ھىسابلىنىدۇ. دەپ سورالسا ؟؟؟! - بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئالەم بىنا قىلىنىپ بولغان ،بىراق ،زىمىنغا ئادەم ئاتىمىز يارىتىلمىغان بىر مەزگىلدە، جىن-ئالۋاستىلار يارىتىلىپ ،پەرىشتىلەر ھازىرقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىك خىزمىتى ئۆتەپ ، شۇ ۋاقىتتىكى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ بىردەك ،ئاللاھقا ئىمان ئىيتىشىغا دەۋەت قىلغان بولۇپ  ،   بۇ جىن-ئالۋاستىلار پەرىشتىلەرنىڭ دەۋىتىگە، ئۆزىنىڭ خالىغاندا ئۇچۇپ ،خالىغاندا ئويناپ يۇرىۋاتقان قابىلىيتىگە مەسخۇش بولۇپ ،ئىمان ئىيتىشقا سۇسلۇق قىلغان بولغاچ، پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ بۇيرىغى بىلەن ،تاغ ئىچىدىكى جىرا ۋە غارلاغا سولاپ جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئەركىنلىكى قامال قىلىنغانكەن ،  بۇلارنىڭ ئىچىدە  ئىچىدە شەيتان ( شەيتاننىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ئىسمى ئازازۇل ) ئويناپ يۇرگەن بالا ۋاقتى بولۇپ ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بۇ ئۆڭكۇر غارلاردا ،ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغانلىقتىن ، ئىچى سىقىلىپ زىيادە روھى جەھەتتىن بۇرۇختۇرۇما كەتكەن شەيتان ( ئازازۇل ) ئاتا-ئانىسىدن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى سورىغان . ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە سولىنىپ قىلشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرمىگەنلىك سەۋەب بىلەن ،مۇشۇ ئىشلارغا دۇچار بولىۋاتقىنى ئىيىتقاندا ،  شەيتان (ئازازۇل )  ۋاي بۇنداق ئىبادەت قىلىپ قويدىغان ئىشقا ئەركىنلىككە ئىرىشىدىغان ئىش بولسا جەۋرى-جاپاسى يوق ئىبادەت قىلماق نىمە تەس ؟؟؟ بۇ قىلىش ناھايتى ئاسان ئىشكەنغۇ ؟؟؟!دەپ خيال قىلىپ ،  ئولتۇرسا-قوپسا ھارماي، ئۆزى بىلىشچە ئىبادەت قىلغان ، بۇنى كۆرگەن پەرىشتىلەر بىر-بىرىگە ، بىز ئاللاھنى ياد ئىتىۋاتقان بۇ بالىغا ئۇۋال قىلىپ قويۇپتىمز  دەپ ، شەيتان (ئازازۇل )نى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن .  
  
   .....شەيتان (ئازازۇل ) ئەركىلىككە ئىرىشكەندىن كىيىنمۇ توختاپ قالماي، دەۋاملىق  ئىبادەتنى تىخمۇ زىيادە قىلىپ، پەرىشتىلارنىڭ نەزىردىكى ئىززەت ھۆرمىتى ئۆسۇپ كەتكەن ،ۋە شۇ ئارىدا،   قانچىلىك ۋاقىتلار ئۆتتى بۇنىسى تارىختا نامەلۇم ، ئۇزۇن بىر مەزگىلدىن كىيىن ، پەرىشىلەرنىڭ زىمىندىكى ئەلچىلىق خىزمىتىنىڭ ۋاقتى  توشۇپ ،ئاللاھتە تەرىپىدىن ئەرىشكە يىنىپ چىقىش بۇيرىقى ئەۋەتىلگەندە ، پەرىشتىلەر ئاللاھتىن، شەيتان (ئازازۇل) دىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر زاھىت تەقۋا بەندىنى ،ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئاسمانغا ئىلىپ چىقىشقا ئىجازەت سوراپ ، ئاسماندا ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئىبادەت قىلىشقا قوشۇلۇشنى ئاللاھتىن  ئۆتۇنگەن . ......

.....  ئاللاھ پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى مەقبۇل قىلىپ قوشۇلغان.  شۇنداق قىلىپ يەردە، نەمۇنە پىقىراپ ئوينايدىغان شەيتان (ئازازۇل ) شۇ قىتىملىق كۆڭۇل قويۇپ پىلانلىغان ئارزۇسىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە  ،  ئاللاھ تەرىپىدىن پەرىشتىلەر بىلەن بىللە، ئاسماندا ئىبادەت قىىلش شەرىپىگە ئىرىشكەن ، ۋە ئاسماندىمۇ يەنە شۇ بۇرنقى ئىش-ھەركىتىدىن قالماي ،ئىبادەتلەرنى پەرىشتىلەر ھەيران قالغۇدەك  دەرىجىدە تىخمۇ  ئاشۇرۇپ قىلغانلىقى ئۇچۇن ، شەيتان(ئازازۇل ) نىڭ بۇ ئورۇندىمۇ ھۆرمەت دەرىجىسى قاتلاممۇ-قاتلاپ ئۆسۇپ ، ھەتتا ئىبادەتتىن بوشغاندا  دوزاققا كىرسىمۇ ، دوزاققا مەسئۇل پەرىشتىلەر شەيتان ( ئازازۇل) نى ھۆرمەت قىلىپ، ئوت يالقۇنىڭ زىيان زەخمىتىدىن قوغدىغان دەرىجىگە يەتكەنكەن  ......

  .....كىيىن ئاللاھ زىمىنغا خەلىپە يەنى ئادەم (ئىنسان )  يارىتىشنى ئىرادە قىلىپ ، ئاتىمز ئادەم ئاتىمىزنى ياساپ ،جان كىرگۇزۇپ ،پۇتۇن پەرىشتىلەرنى ،ئادەم ئاتىمىزغا سەجىدە قىىلشقا بۇيرۇق بەرگەندە ، شەيتان ( ئازازۇل ) دىن باشقا بارلىق پەرشىتىلەر ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجىرا قىلىپ ،ئادەم ئاتىمىزغا سەجىدە قىلغان. پەقەت شەيتان ( ئازازۇل ) لا ئادەم ئاتىمىزغا سەجىدە قىلىشتىن باش تارتىش سەۋەبلىك ،  ئاللاھ تەرىپىدىن ئاسى گۇناكار قىلىنىپ دىڭىزغا  دۈم ھالىتىدە تاشلانغان ، ۋە كەينىدىن ئاللاھ جەننەتتە يىيىش چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ قويغانلىق جىنايىتى بىلەن ،ئادەم ئاتىمز ۋە ئادەم ئاتىمىزغا چەكلەنگەن مىۋىنى يىيىش توغۇرسدا كۆيۇنگەن ھاۋا ئانىمىز تاشلىنىپ ، شەيتان ( ئازازۇل )  بۇ ئىككى بوۋا-مومىمىزنىڭ كىينىكى ئەۋلاتلىرى بىلەن ،دەۋىرمۇ-دەۋىر ، ئاللاھ تەرىپىدىن بەدىنىمىزدە سۇيۈغلۇق ھالەتتە،بەدىنىمىزدىكى  ئىنچنىكە بولغان قىلغان تومۈر ۋە نىرىپلىرىمىزدا ،ئاقما لىنيە بويچە پائالىيەت قىلشتەك ئالاھىيدە قابىليەتكە ئىرىشىش  ئىجازەتنامسىى بىلەن ،تاكى قىيامەتكىچە ئىنسان ئاتلىق جانلىق بىلەن ، كىچە-كۇندۇز  بىللە ياشاش ھوقۇقىغا ئىرىشىش  ئارقلىق ، ئۆزىنىڭ ئۇ ئالەملىك شان-شەرىپىنى بۇ ئالەمنىڭ ۋاقىتلىق مەنىۋى قىممەتكە تىگشۋەتكەن .

  شەيتاننىڭ بىلىمدە شۇنچە كامالەتكە يىتىپ تۇرۇپ ، ۋە شۇنچە كۆپ ئىبادەتلەرنىڭ قىلغان تۇرۇپ نمىە سەۋەبتىن ئاللاھنىڭ نەپرىتىگە ئۇچىردى دىيىلە ، بۇ باشقا ئىغىر جىنايەت بولماستىن ،پەقەت ھەسەتخورلۇق قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن ،ئۇنىڭ نەچچە ئەسسىرلەپ قىلغان پۇتۇن ئىباەتلىرى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھىچنىمىگە دال بولمىدى .

  مانا شۇنچە بىلىملىك شەيتانمۇ ،ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرگەن يىرى يوق ،ياكى بىرەر قىتىم ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسم-سۇپەتلىرىگە ئانداق-مۇنداق بۆھتان قىلغان يىرى يوق ، پەقەت ھەسەتخورلۇق قىلغان بىرلا جىنايىتى بار ئىدى ، ئەگەر ھەسەتخورلۇق كىسىلى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كىچىك گۇناھلاردىن ھىساپلانسا ئىدى ،شۇنچە تەقۋادار شەيتاننى (ئازازۇل ) ئاسىي قىلىپ ،قىيامەتتىن باشلاپ  دوزاقنىڭ مەڭگۇلۇك ئازابىغا قويمىغان بولاتتى .

   بەزىلەر ھەممە ئىشنى ئالدىن بىلگۇچى ئاللاھ شەيتان ( ئازازۇل ) نىڭ كىينىك كۇنلەردە ، گۇناھكار بولۇپ قىلىپ زىمىنغا چۇشىرلىۋىتىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان تۇرۇپ ، نىمە ئۇچۇن ئەينى ۋاقتىدا پەرىشتىلەر شەيتان ( ئازازۇل ) نى ئاسمانغا ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئىلىپ چىقىشنى تىلەپ سۆز ئاچقانلىرىدا ،ئاللاھ رەت قىلماي قوشۇلغان ؟؟؟دىگەندەك سۆزلەرمۇ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئالدىغا تاشلانغان .


   - چۇنكى ئاللاھ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پەرىشتىلەرگە ،شەيتاننىڭ كىينكى تەقدىرى ھەققىدە بىر باياننى بىلدۇرۇپ ،بۇ ئىشنى رەت قىلسا، پەرىشتىلەرنىڭ شەيتان ( ئازازۇل ) نىڭ نەچچە يۇزمىڭلىغان پەرىشتىلەرنىڭ كۆزىچىلاپ قىلۋاتقان شۇنچە كۆپ ئىبادەتلىرىگە قاراپ ، شەيتاننىڭ كىينىكى مەزگىللەردە قاراپ تۇرپ  ، مۇشۇنچىلىك تەقۋادارلىغى بىلەن ،ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاسىي كىتىش مەسىلىسىگە ،ئىغىزلىردا ئىتراز بىلدۇرمىگەن ھالەتتىمۇ،  كۆڭلىدە بولسىمۇ بىر خىل  بىر ئاز تەئەججۇپلىنىشتىن ئىبارەت خىيال ئەكىس ئىتىپ قىلىش بولۇپ قالىدۇ دىگىلى بولمايىتى.
   
   ....چۇنكى پەرىشتىلەرمۇ بىز ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر مەخلۇق بولغاچ، بىزئىنساندەك گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن يارتىلمىغان بولسىمۇ ،بىراق ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق بىر جانلىق ھاياتلىق يولىدا ،بىر ئاز بولسىمۇ بەزى ئىشلاردا ۋاقىتلىق  تەئەججۇبلىنىپ ،شۇ تەئەججۇپلانغان ئىشنىڭ نەتىجىسى چىققۇچە كۆڭلىدە بىر ئاز گاڭگىراشتىن ئىبارەت تۇيغۇ  كۆڭلىدە ئەكىس ئىتىپ قىلشى نورمال ئىش بولۇپ ، بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتا پەرىشتىلەرگە ئاللاھ ، مەن زىمىنغا خەلىپە ( ئىنسان ) يارىتىمەن ، ئۇ ئىنسانلار زىمىنغا يەرلەشتۇرىمەن .ئۇلار زىمىندا  ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ ئارىسىدا سىناق تەرىقىسىدە  تۇمۇش كەچۇرۇش ئارقىلىق ،مىنىڭ قىيامەتتىن ئىبارەت بىر چوڭ بىر ھىساب كىتاب مەيداندا ئۆزلىرى ئۇچۇن نىيتىگە بىقىپ نەتىجە توپلايدۇ ،  مەن شۇ نەتىجە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياخشىلىق يامانلىقىغا قاراپ دوزاق ۋە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن دىگىنىدە ، پەرىشتىلەر ئى رەببىمىز ئاللاھ !  سەن شۇ ھاياتىدا گۇناھ بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىدىغان ئىنساننى ياراتمىساڭ ،شۇلار ساڭا قىلىدىغان ئىبادەتنى ساڭا بىزلەر قىلساق بولمامتى ؟؟؟؟دىگىنىدە ئاللاھ پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سۆزلىردىن نارازى بولغانلىقتىن سۇكۇت قىلغان .

  ..... ئاللاھنىڭ سۇكۇت قىلىشىدىن  قورقۇپ كەتكەن پەرىشتىلەر تۆۋە قىلىشتا، ھىسسى ئىبادەت يەنى ئاللاھقا قول كۆتۇرپ تىلەشنى تىخمۇ بۇيۈكلۇككە كۆتۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ تىخمۇ تەسىرلەندۇرۇش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ  مەغپىرتىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ،جىسمانى ھەركەت بىلەن ئەجىر قىلىش ،يەنى يۇگۇرۇش  ئۇسۇلى بىلەن تۆۋە قىلش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق ،تۆۋبە ئۇسۇلىنى  تىخىمۇ ئىجابىيلىققا كۆتۇرپ ،ئاللاھنىڭ ئوردىسى يەنى ئەرىشنىڭ ئەتىراپىنى يۈگۇرۇپ ئايلانغاچ، ئاللاھقا تەكبىر تەسبى ئوقۇپ، ئاللاھقا ئۆزلىرىنىڭ ئەقىلدە ئاجىزلىق سەۋەب بىلەن ئۆتكۇزگەن خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلشنى ئاللاھتىن تىلەپ مەرتە-مەرتە ئايلانغان .....

  .....پەرىشتىلەرنىڭ ئەرىشنىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىشى نەچچە مەرتىبەگە يەتكەندىن كىيىن ،  مىھرىبان كۆيۇمچان رەببىمىز ئاللاھ پەرىشتىلەرنىڭ مەۋسۇملەرچە سانسىز  تەنلەرنىڭ بىر گۇزەل ھەركەت جەيرانىدا تارىتقان ئازابلىرىغا ھىسداشلىق قىلىپ ، بۇلارنى  قىيناپ قويماسلىق ئۇچۇن، تۆۋە ئۆيى ( بەيتۇللا يەنى ئۆزىنڭ ئۆيى ) بىنا قىلىپ بەرگەن ،پەرىشتىلەر شۇندىن كىيىن بۇ كىچىك بەيتۇللاھنىڭ ئەتىراپىدىن تەكبىر تەلقىن ئوقۇپ ئايلانغاچ، ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلىگەن ئىكەن ...........

  .....كىيىن ئاللاھ زىمىنغا خەلىپە ( ئىنسان ) يەنى ئادەم ئاتىىمزنى يارىتىپ ئادەم ئاتىمىزنىڭ ۋە كەينىدىن  كىلىدىغان  ئەۋلاتلىرىنىڭ گۇناھلىرى پاكلاش ئۇچۇن، تۆۋە قىلىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بىرىش ئۇچۇن پەرىشتە جىغرائىلغا زىمندا ئىنسانلارغا بەيتۇللا ( ئاللاھنىڭ ئۆي ) دىن بىرنى بىنا قىلىپ بىرىش توغۇرسىدا بۇيرۇق بەرگەنكەن ، پەرىشتە جىرائىل ئاللاھتىن بۇ ئۆينى زىمىننىڭ نەرىگە بىنا قىلش توغۇرسىدا ئاللاھتىن يول يورۇق سورىغاندا ، ئاللاھ ئەرىشتىكى ئەينى ۋاقتىدا پەرىشتىلەرنىڭ تۆۋە قىلىشغا  قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن  بىنا قىلپ بەرگەن بەيتۇللاغا ، رەھمەت نۇرىنى چۇشۇرگەن ،شۇ نۇرنىڭ تەسىرى بىلەن ،ھىلىقى ئۆينىڭ شولىسى، ئەرىشتىن زىمىنغا ،يەنى ھازىرقى سەئۇدىيە ئەرەبىستان زىمىنىغا چۇشكەن، ۋە پەرىشتە جىبرائىلغا شۇ ئۆينىڭ سايىسى چۇشكەن ئورۇنغا بىنا قىلشنى بۇيرۇق قىلغان ،شۇنىڭ بلىەن پەرىشتە جىبرائىل تەرىپىدىن تۇنجى بەيتۇللاھ زىمىنغا بىنا بولغان دەپ يازما خاتىرلەردە قالدۇرۇلغان ........

  .....شۇندىن كىين شۇ بەيتۇللا يەنى كەئبە ئۆي نۇرغۇن قىتىم قىيان ،توپان مۇز ئىرا دەۋىرلىرىدە بۇزلۇپ ئەكسىنى يوقاتقان بولسىمۇ ،شۇ ئاپەتلەر توختىغاندىن كىيىن ، يەنە شۇ بۇرنقى ئورنىغا بىنا قىلنغان .
    لىكىن شۇ بەيتۇللاھ نۇرغۇن قىتىم توپان ،قىيان مۇز ئىرا ....ئاپەتلىرىدە بۇزلغان بولسىمۇ، بۇ ئاپەت ئاللاھنىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىرى بولغاچ ،  ئانچە-مۇنچە بۇزۇلۇشتىن ساقلىنالمىغان ،
      لىكىن ھازىرغىچە دۇنيا تارىخدا مۇسۇلمان بۇ ياقتا تۇرسۇن،  سانسىزلىغان دىنسىز كىشىلەرنىڭ قاتتق ھەيرانلىقىنى قوزغىان بىر مۆجىزە شۇ بولدىكى،   ئۇ بەيتۇللاھنى ئالەمگە  ئىنسان ياكى باشقا جانلىق يارىتىلغاندىن بۇيان مانا،  بۇگۇنكى بۇ دەۋىرگە كەلگەنگە قەدەر، مەيىلى بىر كۇچلۇك ئىنساننىڭ قولى بىلەن  بولسۇن ،  ياكى نەچچە يۇز مىڭ قاتتق ئۇرۇش تەجىربسى ئۇرۇش جەڭچىسگە  قوماندانلىق قىىلدىغان رەھبەرنىڭ بۇيرىقى بىلەن بولسۇن ، بەيتۇللاھنى بۇزۋىتىش ئارقلىق ، ئىسلامنىڭ يەر شارىدىكى شۆھرىتى ۋە ئىززىتىگە داغ كەلتۇدىغان نىيەت بىلەن ،بەيتۇللاھقا ھۇجۇم قىلغان قابىلىيەتلىك قوماندانلارمۇ ،  بەيتۇللاھنىڭ ئالقاندەك بىر يىرىنىمۇ  زەخمە قىلالمىدى . (   ھەتتا پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ تۇغۇلۇشتىن تەخمىنەن 650 يىلچە بۇرۇن ، بەيتۇللاھن قوغداشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ئىگىسى بىزبولۇشكا مۇناسىپ دەپ كۆرەڭلەپ تىرىسىغا پاتمىغان قۇرەيىش قەبىلىسمۇ ، ئەبرەھە دىگەن داڭلىق قومانداننىڭ قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلىگى ۋە زىيادە ياۋۇزلىقىدىن ئۇنىڭغا قارشى چىقىش پىتىنالماي،  بەيتۇللاھنى تاشلاپ تاغلارنىڭ چوقىسىغا چىقىۋىلىپ ،ئەبرەھەنىڭ بەيتۇللاھنى قانداق بۇزىشىغا ئاللاھنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا قانداق يول تۇتىدىغانلىقىنى كۆرۇش ئۇچۇن تاغنىڭ چوقا-چوقىللىرىدا توپلىشىپ تۇرغانلىرىدا، بەيتۇللاھنى بۇزۇش ئۇچۇن كەلگەن ئەبرەھەنىڭ قوشۇنلىرى بەيتۇللاھقا يىقىنلىشى بىلەن ،ئۇلۇغ ئاللاھ بىر توپ قۇشلارنى ئەۋەتىپ ،بۇ دىنسىزلارنىڭ ئۇستىدىن تاشلارنى ياغدۇرۇش ئارقىلىق ،ئەبرەھەنىڭ سان-ساناقسىز تەجىربلىك ئۇرۇش قوشۇنلىرىنى چەيلەپ تاش-بوران قىلۋەتكەن ... ..مەيلى بەيتۇللاھقا كەلگن بۇ پاجئە بولسۇن ياكى  ئۇندىن ئىلگىرى ۋە ياكى بۇندىن كىيىنمۇ ئاللاھ شۇنداق قوغدىغىچىدۇر )........ھەتتا مەيلى مۇسۇلمان مەيلى دىنسىز تەرىپىدىن بولسۇن بۇ كەمگۇچە ئىنسان قولى بىلەن زەخمە بولغانلىق توغۇرسىدا مەيلى مۇسۇلمان ياكى دىنسىز مۇشرىك تەرىپىدىن  بولسۇن ،بىرەر يازما ياكى  بىرەر خاتىرلەر بۇگۇنگىچە كۇنگىچە بايقالمىدى .............. ھەر يىلى ھەج قىىلش شەرىپىگە ئىرىشكەن ئىنسانلار ،ئەينى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئۆزىرە قويغان  سەۋەبلىك ،ئاللاھ بىنا قىلىپ بەرگەن بەيتۇللاھنىڭ ئەتىراپىنى ،ئاللاھقا تەكبىر تەلقىن ئوقۇغاچ ئايلىنىپ، ئاللاھتىن گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلىگىندەك ،  مانا ھازىرمۇ  ۋە بۇندىن كىيىنمۇ تاكى قىيامەتكىچە ، ھەر يىلى ھەج قىلغۇچىلەر ،  كەئبە ئۆينىڭ ( بەيتۇللا ) ئەتىراپىنى ئايلىنىشتىن ئىبارەت ،ئىسلامنىڭ بۇ گۇزەل قائىدە-نىزاملىرنى ئورۇندىشى ، ھەج قىلىشقا قۇربىتى يەتكەن ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان ئىنساننىڭ ئۇستىگە پەرىز قىلىندى .......   

،ئاللاھ بەزىلەر ئاللاھ شۇنچە كويۇمچان تۇرۇپ ۋە بۇ ھەقتە مۇبارەك قۇرئاندا شۇنچە كۆپ يەردە ئۆزىنىڭ مىھرىبان ۋە تولىمۇ ئەپۇچان ئىكەنلىگىنى بايان قىلغان تۇرپ ،نىمە ئۇچۇن شەيتان (ئادزازۇل ) نىڭ شۇ بىر قىتىملىق خاتالىغىنى كەچۇرۋەتمىدى ؟؟؟؟؟؟ دىگەندەك سۇئاللار ئوتتۇرغا قويۇلغان

   - بۇ توغۇرسىدا نۇرغۇللىغان ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن  قەيىت قىلىنىشچە ، ئاللاھ تەرىپىدن  شەيتان ( ئازازۇل ) نى ئاسىي گۇناھكار قىلىنىشى ،شەيتان ( ئازازۇل ) نىڭ رەببىمىزنىڭ، ئادەم ئاتىمزىغا سەجىدە قىلڭلار دىگەن بىر قىتىملىق بۇيرىقىنى قوبۇل قىلمىغانلىق ئىشنىلا نەزەردە تۇتۇپ ئاللاھنىڭ شەيتان (ئازازۇل ) نى ئاسىي گۇناھكار قىلغان  ئىش يوق ، ئەسلى شەيتاننىڭ شۇ بىر قىتىملىق ئادەم ئاتىمزغا سەجدە قىىلشتىن ئىبارەت بىر قىتىملىق بۇيرىققا بوي سۇنماستىن خىل مەزگىللەر ئىلگىرى ،  شەيتان ( ئازازۇل ) بىر قىتىم پەرىشتىلەرگە دەرىس بىرىۋىتىپ ،كۆزى تالغانلىق سەۋەب بىلەن بىشنى كۆتۇرۇپ، ئەتىراپىدا ئۆزىدىن دەرىس ئىلىش ئۇچۇن ساقلاۋاتقان پەرىشتىلەرنىڭ ، كۆز يەتكۇزسىز ئۇزۇنلىققىچە تىزىلىپ كەتكىننى كۆرۇپ ،ئۆزىچە كۆڭلىدە بۇ مەنزىردىن ئۆزىگە بىر خىل كىبىرلىكنى يۇقتۇرغان، ۋە بۇ كۆرۇنۇشتىن ئىلھامى جۇش ئۇرۇپ دولقۇنلاپ، خىياللىرى پەرۋاز قىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنى تۇتالماي، ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان .......................دىگەندەك ئىنتايىن  كۇفىرى سۆزدىن بىرنى قىلغان . ئاللاھ بۇ قىتىمكى ئىشقا سۇكۇت قىلغان .چۇنكى شەيتان ( ئازازۇل ) بۇ خىيالى تۇيغۇ بىلەن سادىر بولغان خاتالىق ئۇچۇن كىيىن شەيتاننىڭ كىيىن بۇ خاتالىقنى ھىس قىلىپ يىتىپ ئۆزىدىن ئەپۇ قىلىۋىتىش توغۇرسىدا دۇئالەردە بولۇشنى ساقلىغان .

....شەيتان ( ئازازۇل ) نىڭ ئىككىنجى خاتالىقى بولسا ،شەيتان ( ئازازۇل ) بىر توپ  پەرىشتە بىلەن ئاسماندا ئايلىنىۋىتىپ ،لەھۋۇلمەپھۇز ( كائىناتنىڭ ئىچىدە ،ھەركەت قىلغان-قىلمىغان بارلىق جانلىق-جانسىز شەيئىلەرنىڭ تاكى قىيامەتكىچە بىشىدىن ئۆتكۇزىدىغان ،ھەر بىر ئىنچىكە ئىش-ھەركەتلىرىگىچە تەقدىر  خەتىرلەپ قويۇدىغان ياقۇت دوسكا بىر رىۋايەتتە خۇرۇستال ياكى قاش تاشمۇ دىيىلىدۇ ،توغۇرسىنى بىلگۇچى رەببىم ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۇچى  ) نىڭ ئالدىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ لەھۋۇلمەھپۇزغا يىزلغان لائىلاھە ئىللاھۇ مۇھەممەدۇروسۇلۇللاھ دىگەن كەلىمىگە كۆزى چۇشۇپ قالغان ۋە پەرىشتىلەردىن لائىلاھەئىللاھۇ  دىگەن كەلىمىغۇ ئاللاھنىڭ ئىسمى-سۇپىتى . لىكىن مۇھەممەدۇر رەسۇللاھ دىگەن قانداق شەخىس بولغىيدى ؟؟؟-شۇنچە كاتتا لەھۋۇلمەھپۇزغا ( تەقدىر يىزلىدىغان دوسكىا  ) ئىسمى چۇشكىدەك ؟؟؟ دەپ سۇئال تاشلىغان . -پەرىشتىلەر ئاللاھ پات يىقىندا زىمىنغا خەلىپە يەنى ئىنسان يارىتىپ ، شۇ ئىنساننىڭ كىينىكى ئەجدادىدن مۇھەممەت ئىسىملىك بىر پەيغەمبەرنى ،ئىككى ئالەمنىڭ گۇل تاجى ۋە زىمننىڭ ئەڭ ئاخرقى پەيغەمبىرى قىلىپ يارىتىشنى ئىرادە قىلىپ، شۇ پەيغەمبەرنىڭ نۇرىنى ھازىر ياراتقان بولغاچقا ،شۇڭا ئىسمىنى قەلەمگە بۇيرۇق قىلىپ بۇ دوسكىغا خاتىرلەشكە بۇيرىغان دىگەندە  ،  شەيتان ئۆزىچە تۆۋە !!!  مۇھەممەت ھەر قانچە تەقۋا كىشى بولسۇن ،ياكى ھەر قانچە كاتتا بىلىملىك ئالىم بولسسۇن، ھەر قانچە بولسىمۇ  شۇ مەنچىلىك بولار ؟؟؟؟! -مەن ئاسمان زىمىندا قىلمىغان ئىبادىتىم قالمىغان تۇرغلۇق، بۇ شەرەپكە مىنىڭ سالاھىيتىم توشماپتىغۇ دىگەن خىيالدا، روسۇللاھقا ھەسەتخورلۇقى كىلىپ ئىچىدە ھاقارەت قىلغان ( يەنە  بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمىغا تۇكۇرگەنمۇ دىيىلگەن  ).  بۇ قىتىم ئاللاھ غەزەپلىنىپ ، شەيتانننىڭ قىلغان بۇ قىلمىشىغا ئالدىن سىگىنال بىرپ تۆۋە قىلۋالسۇن دىگەن مەخسەتتە ، قەلەمگە بۇيرۇق بىرىپ  ، دوسكىغا ( تەقدىر دوسكىسىغا ) پات زاماندا پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىر زاھىت بەندەمنى ھەسەتخورلۇق قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئاسىي گۇناھكار سۇپىتىدە  زىمىنغا تاشلىنىدۇ  دىگەن شەيتاننىڭ كىينىكى تەقدىرىنى خاتىرلەشكە بۇيرىغان ......بۇنى كۆرگەن پەرىشتىلەر ئۇستازى شەيتان (  ئازازۇل) غا ،ئاللاھ لەۋھۋۇلمەھپۇزغا بىر زاھىت بەندەمنى ھەسەتخورلۇق جىنايىتى ئۇچۇن ئاسىي گۇناھكار  قىلىپ زىمىنغا تاشلايمەن دەپ خاتىرلەپ قويۇپتۇ، دوسكىدا ( تەقدىر دوسكىسى ) ئىسمى ئاشكارە قىلىنمىغانلىقى ئۇچۇن، ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزدىن ئەنسىرەپ قالدۇق ،شۇڭا ئىچىمىزدىن كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ،سللى بىزگە دۇئالەردە باش بولۇپ ،ئارىمىزدا ئاللاھقا ئەڭ يىقىن ،ئاللاھنىڭ جازالىماقچى  بولغان شۇ بەندىنىڭ گۇناھىنى ئاللاھتىن تىلەپ قويۇشتا بىر كۇچەپ بەرگەن بولسىلا دىگىنىدە ،  شەيتان يەنە تەكەببۇرلۇق  ۋە ھەسەتخورلۇقىدىن ،ئاللاھقا دۇئا قىلشتىن باش تارتقان ۋە پەرىشتىلەرگە قىزىقارلىق مۇنداق جاۋان قىلغان . ۋاي گۇناكار ھسىاپلىنىپ زىمىنغا تاشلىنىدىغان جان ناھايتى شۇ ئاران بىرلا كەنغۇ ،  قارىمامسىلە  نەچچە يۇزمىڭلىغان جاندىن تەشكىل تاپقان بىزلەرگە،  ئىچمىزدىن بىرىسى گۇناكار ئاسىي بولسا ، ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسمى-سۇپىتىگە زىينى بولامتى ؟؟؟  بۇ  ھىچقانچە چوڭ ئىش ئەمەسكەنغۇ  دىگەندەك پاراڭ بىلەن، پەرىشتىلەرنىڭمۇ پىكىرنى ئىللىك ئالمىغان ،بۇ يەردە بىر ھىكىمەت باركى ئەگەر شەيتان ( ئازازۇل )  شۇ ۋاقىتتا ،شۇ جىنايەتچىنىڭ ئىسمى ئاشكارە بولمىغان بىر ۋاقىتتا  ۋاقتىتىلا ، ئاللاھقا بىر رەۋىشتە ئاللاھقا خالىس بىر دۇئالەردە بولۇپ ، شۇ گۇناكار بولۇش ئالدىدا تۇرغان جاننىڭ جىنايىتىنى مەغپىرەت قىلىش توغۇرسىدا ،ئاللاھقا ئىككى ئىغىز دۇئا قىلىپ قويغان بولسا ئىدى ،  بۇ دۇئانىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن شەيتان ( ئازازۇل )نىڭ ئۆتكۇزۇگەن بۇرنقى خاتالقىنىڭ ھەممىسى مەغپىرەت قىلىناتتى دەپ فىقى ئالىملار بىردەك تەپسىر بىرىشكەن ...

  ...ھەسەتخورلۇقنىڭ بىر تۇققىنى كىبىرلىك ،يەنە بىر تۇققىنى بىخللىق، يەنە بىر تۇققىنى ئۇمۇتسىزلىك بولۇپ قانداق بىر مۇسۇلماندا بۇ ئۈچ تۇردىن بىرسى تىپىلىدىكەن ،ئۇنىڭ قىشنى كىش دىمەي ،يازنى يازدىمەي جاپا تارتىپ قىلغان ئىبادەت ،قوسقىنى ئاچ قويۇپ تۇتقان روزا رامزانلىرى بىردەك ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىميەيدۇ .

چۇنكى بۇ ھەسەتخورلۇقنىڭ ،كىبىرلىكنىڭ ۋە بىخللىقنىڭ جەمىيەتتىكە كۆرسىتىدىغان زىيانلىق تەرەپلىرى  ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، قاتىللىق بولسۇن ۋە ياكى ھەر قانداق بىر جىنايەت بولسۇن  ھەسەتخورلۇق ،كىبىرلىك ۋە بىخللىقتىن ئىبارەت  مۇشۇ ئۈچ تۇرنىڭ بىرسى سەۋەبلىك يۇز بىرىدۇ ، شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ  يىرگىنىلشلىك كىسەلدىن يىراق تۇرۇش لازىم..........

....شۇنىڭ بىلەن  بىرگە تەرەقى تاپىمەن گۇللىنىمەن دىگەن قانداقكى بىر مىللەت ۋە ئائىلە بۇ ئۈچ تۈرلۇك ئىغىر كىسەلنى ئۆزىنىڭ قەلبىدىن يوقاتمايدىكەن ، شۇ ئىللەت ۋە ئائىلنىڭ تەرەقى قىلىشىدىن گۇللىنىشىدىن يىتەرلىك سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ....
    

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9609
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5673
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 11:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئكەن مەزمۇنى چۇڭقۇر.

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11490
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 12:33:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر كۆزىگە ئىلماي ھەسەتخورلۇق  ،كىبىرلىك ،بىخللىق ئىللەتلەرنى كىچىك ساناپ ئىرەن قىلمايدىكەن ،لىكىن ئادەم ئۆلتۇرۇش ، ھاراق ئىچىش ،قىمار ،ئويناش ......قاتارلىق باشقا جىنايەتنى چوڭ جىنايەت دەپ بىلىدىكەن دۇرۇس بۇلار ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھ ،لىكىن بۇلار ھارام دىرىجىسىدە ئوخشاش بولسىمۇ ، بىراق يۇقارقى  ئادەم ئۆلتۇرۇش ، ھاراق ئىچىش ،قىمار ،ئويناش ......دىگگندەك گۇناھلارنى قىلغان ئىنسان ئاللاھقا قاتتق تۆۋبە قىلىپ ئىستەغپار ۋە دۇئالەردە بولسا ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ،لىكىن مۇنۇ ھەسەتخورلۇق ،كىبىرلىك... قاتارلىق بۇ نىجىس كىسەللىكنى سادىر قىلسا مىڭ تۆۋبە قىلسىاڭلارمۇ ئاللاھ بۇ گۇناھتىن ئۆتمەيدۇ ۋە مەغپىرەت قىلمايدۇ ، بۇنى يوقۇتۇشنىڭ چارىسى كۆڭلىدە مۇشۇنداق كىسەللىك بار ئادەم ھەر كۇنىدە پەزىر نامازلاردىن كىيىن ئاللاھتىن ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى  ھەسەتخورلۇق ،كىبىرلىك....تىن ئىبارەت بۇ كىسەللىكنى كۆتۇرۋىتىشنى تىلەش بىلەن بىرگە ،باشقا قۇلۇم-قوشنا بولسۇن ۋە ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ بولسۇن مەيلى مال-دۇنيا ،مەيلى كىيىم-كىچەك ،يىمەك-ئىچمەك ،مەرتىۋە ئابروي ،ھوقۇق شان-شەرەپ........... قاتارلىق ئىشلاردا بولسۇن ھەسەتتە بولماسلىق ،ۋە مۇشۇنداق نىممەتلەرنىڭ ئىسلىغا ئىرىشىپ قالغاندا كىبىرلىك قىلماسلىق ئارقىلىق ئاللاھقا ئەمىلي ھەركىتىمزى بىلەن يۇزلەنگندە ئاللاھ بۇ  ھەسەتخورلۇق ،كىبىرلىك.....تىن ئىبارەت قەلبىمىزگە چاپلاشقان مەرەز كىسلنى چىقىرپ تاشزلايدۇ ۋە بۇ ئىشلار سەۋەبلىك بۇرن قىلىپ سالغان خاتالىقلىرىمزىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66855
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 03:18:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  BABY كە 2011-12-13 12:43 PMئەۋەتىلدى  :
تېمىڭىزنى نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتم ...
مېنىڭچە ئىنسان ئىكەنمىز ھەرقانداق خاتالىقلارنى بىلىپ-بىلمەي قىلىپ تۇرىمىز ..
چۈنكى بىز ئىنسان ،
بىز نىڭ خاراكتىرىمىزدە ھەسەتخۇرلۇق ، نادانلىق ، ئەخمەقلىق بار ...
ھەممىزنىڭ شۇنداق بىر كۈنلىرى بولىدۇ ...
.......
توغرا  دەيسىز  ،  ھەسەتخورلۇق ئىنسان خارەكتىرىدە يىلتىز  تارتقان  يەنى
ھەرقانداق ئىنساندا  بۇ  خۇلۇق  بار ، لىكىن  ياخشىلار  بۇنى  ئىختىيارى
ياكى  ئىختىيارسىز  ھالدە  يۇشۇرىدۇ  (يەنى قەلبىدىلا  تۇنجىقتۇرىدۇ  ، )
ئەمما   بۇ  يەردە  تىلغا  ئىلىنىۋاتقان  پەس سۇپەت ھەسەتخورلىق بولسا
ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ  كوڭۇل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىدا  يىتىشكەن
كىسەللىكتىن   ئىبارەت .
---    مەن سەل  ئالدىراش   بولغاچ  بۇ  يازما  چولتىلا  بولۇپ  قالدى
يەنە كىلىپ  ئىنساننىڭ  قىلغان  ئىشى نەدىمۇ  نوقسانسىز  بولسۇن  ،  ئۇنىڭ  
ئۇستىگە تۇزۇك  تەربىيە  كورمىگەن  مەندەك  بىر  سەھرالىقنىڭ  قىلغىنى  تېخىمۇ  
كەمتۇك  بولىدۇ  ئەلۋەتتە   .  دىمەكچىمەنكى  يازمىدا   سىز  دىگەندەك  مەسىلىنىڭ
بىر  تەرىپىلا  يېزىلدى  ،  ئۇچۇقراق  دىگەندە  ھازىرقىدەك  مالنىڭ   تاينى   يوق
قالتىس  ئىلانلار  قاپلاپ  كەتكەن  بۇ   ۋاقىتلاردا   شىئېرنى ئۇقۇپ كاللامدىن  كەچكەن  
ئويلارنىلا   جىجىپ  باقتىم  ،   شۇنداقلا  بۇ  مەسىلىنىڭ  مۇھىم  تەرىپى ،  قالدىسى  
ئوقۇرمەنلەرگە  مەلۇم  دەپ  قارىدىم .
يوللۇق  بەرگەن  پىكىرڭىز  رەھمەت  ئىيتىمەن  ،   ئاخىردا  شۇنى  قىستۇرغۇم  كەلدى
كىشىلەرنى  شەخسىيىتىگە  سوز قىلىشتىن  ساقلانسىڭىز  ، مەيلى  ئۇ  بىلىملىك  ياكى  
بىلىمسىز  بولسۇن  بىزگە  ھىچقانداق  پايدا زىيان  مۇناسىۋىتى  يوق  ، بىز  پەقەت  
يازمىسى  بىلەنلا  مۇئامىلە  قىلىمىز   .
خالىساق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66855
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-14 03:39:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  zapar كە 2011-12-13 11:41 AMئەۋەتىلدى  :
ئاپلا، مەن ئۇ ھەسەتخورنى ياخشى يولغا قايتۇرماقچى ئىدىم، شۇڭا توۋا قىلغۇزۇپتىكەنمەن.  يامانلارنىڭ مەڭگۈ يامان پېتى قېلىشى  مۇقەرەرلىك ئەمەستۇ؟ ئۇلار توۋا قىلىپ ياخشى يولغا مېڭشنى قوللاش كېرەكمۇ ياكى سەن ئەسكى ئىدىڭ، يەنىلا ئەسكى بول دېيشىمىز كېرەكمۇ؟  
يامانلارنىڭ مەڭگۈ يامان پېتى قېلىشى  مۇقەرەرلىك ئەمەس  ،
مىنىڭ  يازغىنىممۇ  بىر پۇتۇنلىككە  ئىگە  ئەمەس  ،  يازغىنىم ئۇخلاپ
قالماسلىقىمىز ئۇچۇن  يىنىك  سىلكىپ  قويۇش   پەقەت  .  
ئەلۋەتتە  ئۇلارنى  توغرا  يولغا باشلاش  ،  قوللاش  كېرەك  .   ھەسەتخورلۇقتىن  
قۇتۇلۇشنىڭ  چارىسىنى   بايقاپ  ئۇلارغا  كورسۇتۇشىمىز  كېرەك  .  شۇڭىلاچقا  مەن  
شىئېرغا   يازغان  ئىنكاسىمدا مۇنۇلارنى  يازغان  :    ھەسەتخورلۇقتىن  قۇتۇلۇشنىڭ  
مۇھىم نوقتىسى   باشقىلارنى قىلغان -  قىلىۋاتقان  ئىشى  بىلەن كارى  بولماسلىق  ،
بۇنىڭدا  غەيۋەتتىنمۇ   قۇتۇلۇپ قالغىلى  بولىدۇ   .
رەھمەت  سىزگە  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش