ئائىلە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى |
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم
«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىزدىن ۋە ئەۋلاتلىرىمىزدىن كۆزىمىزنىڭ نۇرى بولىدىغان ياخشى كىشىلەرنى ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارغا پېشىۋا قىلغىن»[1]
ئائىلە نەسەپ ۋە ئۆيلىنىش ئارقىلىق بىرلەشكەن ۋە بىر ئۆيدە ياشايدىغان كىشىلەر جامائەسىدۇر. جەمئىيەتنىڭ ئۇلى بولغان ئائىلە ئۇلۇغ بىر مۇئەسسىسىدۇر.
بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى، بەخت ـ سائادىتى، تىنچ ئامانلىقى ۋە داۋام قىلىشى ئۇنىڭ ئۇلى بولغان ئائىلىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىغا، ساغلاملىقىغا، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم بولۇشىغا باغلىقتۇر. ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئىچكىي ـ تاشقىي خەتەرلەردىن قوغدىنىشى، ھوزۇر ۋە ئامانلىق ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان ئائىلىنىڭ بەخت ـ سائادەت ۋە ئامانلىقىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى بىلەن بولىدۇ.
ئائىلىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە قىممىتى ئىماننىڭ ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم يەرلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھېس ـ تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىشى بىلەن بولىدۇ. بۇنداق ئىمانلىق ئائىلىلەردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتلەر ئېرىشمەكچى بولغان ياخشىلىقلارغا يېتەلەيدۇ ۋە تاشقىي خەتەرلەر بۇنداق ساغلام جەمئىيەت بىناسىنى يىقىتالمايدۇ.
ئىسلام دىنى ئائىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بۇ ئۇلۇغ مۇئەسسىسىنى ھەر تۈرلۈك زەرەرلەردىن قوغدىغان. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەت قۇرلۇشىنىڭ ئۇلىدۇر. ئىسلامنىڭ ئائىلىگە بەرگەن ئەھمىيىتىنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىللىرىدىن بىرى، قۇرئان كەرىمدە ئائىلە ھەققىدە كەلگەن بايان ۋە ھۆكۈملەرنىڭ جەمئىيەتلەر ھەققىدە كەلگەن بايانلاردىن كۆپ بولۇشىدۇر.
قۇرئان كەرىمدە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل ھۆكۈملەر بارلىق تەپسىيلاتى ۋە ئىنچىكىلىكى بىلەن بايان قىلىنغاندۇر. ئۆيلىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر، نىكاھ بىلەن مەيدانغا كەلگەن ھەق ۋە ھوقۇقلار، ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ بىر ـ بىرىگە قارىتا مەسئۇلىيەتلىرى، نەسەب، مىراس، نىكاھلىنىش بىلەن ھاسىل بولغان ئۇرۇق ـ تۇغقانلىقلار ۋە باشقا ھۆكۈملەر ئىنسان ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىكتە قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ۋە خاتىرجەملىكى، ئائىلىنىڭ بۇزۇلماي داۋاملىشىشى ۋە مۇستەھكەملىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئادىل پرىنسىپلار بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ.
ئىسلامدا ئائىلە بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى خاتىرجەملىك، مۇقىملىق ئىچىدە بەختلىك قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن كىشىلەر باشقا ھېچقانداق نەرسىگە مۇھتاج قىلىنمىغاندۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرى بولسا، قۇرئان كەرىمدە ئائىلە ھەققىدە كەلگەن ئاساسلارنى تېخىمۇ تەپسىيلىي ئىزاھلاپ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىپ كۆرسىتىدىغان گۆھەرلەردۇر.
ئائىلىگە بۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھېكمىتى مۇنۇلار:
· ئىنسانلار ئىسلامنىڭ بۇيرۇق ۋە تەۋسىيىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز مەجۇدىيەتلىرىنى ۋە ئائىلە ھاياتىنى خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملاشتۇرسۇن.
· يەر شارىنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى سانسىز نېمەتلەردىن توغرا يول بىلەن مەنپەئەتلەنسۇن.
· ئۆزلىرى باقى ئالەمگە كەتكەندىن كېيىن، ئەۋلاتلىرى ئارقىلىق مەنىۋى مەۋجۇدىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىنسان نەسلىنىڭ داۋاملىشىشىغا ۋە يەر شارىنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشۇش بىلەن مەڭگۈلۈك بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشسۇن.
· ئىنسانلار ئۇلۇغ ئائىلە مۇئەسسىسىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ھەق ـ ھوقۇقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئەڭ كىچىك بىر تەرەددۇت ۋە شۈبھىگە چۈشمىسۇن، باشقىلارغا مۇھتاج بولمىسۇن.
· ھېچبىر كىشى، ھاۋا ھەۋىسىگە ئەگىشىپ، جانابى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قارشى چىقمىسۇن، ئائىلىسىنى زىيانغا ۋە ئۆزىنى ئازابقا ئۇچراتمىسۇن.
· ھەر بىر شەخس بۇ ئائىلە ھەقلىرىنى قوغداش قۇرئاننىڭ ئوچۇق ـ ئاشكارا ھۆكمى بولغانلىقىنى بىلسۇن. ئائىلىسىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىغا ۋە ھوقۇقلىرىغا ئالاھىدە رىئايە قىلىپ، شاتلىق ئىچىدە پاك ـ پاكىزە بىر ھايات كەچۈرسۇن.
ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە قۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشىلمەكچى بولغان ئاساسلىق غايە كۆزلەرگە نۇر، كۆڭۈللەرگە شاتلىق بېغىشلايدىغان جۆر ۋە ئەۋلادقا ئېگە بولۇشتۇر. يەنە بىرى ئاللاھ تائالا نەزدىدە سۆيۈملۈك ۋە سالىھ كىشىلەر بولغان تەقۋادارلارغىمۇ پىشىۋا بولالايدىغان مەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشتۇر. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقى ئىلگىرىلەش ۋە يۈكسىلىش مانا مۇشۇدۇر.
ئىسلام ئىنسانىيەتكە بولۇپمۇ مۆمىنلەرگە بۇ غايىنى بىلدۈرگەن، بۇ غايىگە ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىرىنى بېكىتكەن ۋە يولىنى كۆرسەتكەن. ئىنسانلار ئۈچۈن ھوزۇر، خاتىرجەملىك ۋە ھەقىقىي بەخت ـ سائادەتكە يېتىدىغان يولنىڭ مۇشۇ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارغا ئۈلگۈ بولۇشى ئۈچۈن، بۇ غايىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە بۇ غايىگە ئېرىشىشنى جانابى ئاللاھتىن قانداق بىر تىل بىلەن تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ:
«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن»[2]
ئائىلىنىڭ قىممىتىنى بىلگەن ۋە قۇرئان كەرىم بايان قىلغاندەك ئائىلە ھوقۇقىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان ئائىلىلەر بىلەن جەمئىيەتلەر دۇنيادا پاك ۋە دۇرۇست ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىدە مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىدۇ. «ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) ھۆرمەت ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي!»[3]
ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم ياشايدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن جەمئىيەت بىناسىنىڭ ساغلام ۋە تەۋرەنمەس ئائىلىلەردىن تەشكىل قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى جەمئىيەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە ئائىلىدۇر. بۇ ئاساسلىق ئامىل قانچىلىق ساغلام ۋە خاتىرجەم بولسا، ئۇ ئائىلىلەردىن مەيدانغا كەلگەن جەمئىيەتمۇ شۇنچىلىك ساغلام ۋە بەختلىك بولىدۇ.
ھوزۇرلۇق بىر جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئائىلىنىڭمۇ پەزىلەتلىك كىشىلەردىن مەيدانغا كېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ئۆزلىگىدىن ئايان بولىدۇ. چۈنكى جەمئىيەت، شەخس، ئائىلە ۋە جامائەتتىن ئىبارەت ئۈچ گەۋدىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئائىلىنى تەشكىل قىلىدىغان شەخسلەر مەيدانى مۇستەھكەم، مەسئۇلىيىتىنى بىلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەر بولغاندا، بۇلاردىن مەيدانغا كەلگەن ئائىلە ۋە جەمئىيەتمۇ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر جەمئىيەت بولۇپ دۇنيادىكى يېرىنى ئالىدۇ. ئەزالىرى ناچارلاشقان، ئائىلە تەرتىپى بۇزۇلغان، ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغان ئىنسان دۆۋىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر جەمئىيەتنىڭ ھوزۇرلۇق ھايات كەچۈرۈشى ۋە مەجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. چىدامسىز ۋە بىر ـ بىرىگە چاپلاشمىغان كىرپىشلەر بىلەن سېلىنغان بىنا ساغلام بولمايدۇ. بىر بىنانىڭ ساغلام بولۇشى ئۇنى مەيدانغا چىقارغان ماتىرىياللارنىڭ ساغلام ۋە بىر ـ بىرىگە مۇستەھكەم باغلىنىشى بىلەن بولىدۇ. جەمئىيەتمۇ شۇنداق.
ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم بىر جەمئىيەت ھاياتىغا ئېرىشىشنى خالايدىغان مەسئۇليەتچان، ئەقلى ـ ھوشى جايىدا كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم بۇ تەرەپنى كۆز ئالدىدا تۇتۇشى لازىم. جەمئىيەت ھاياتىنىڭ ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان ئائىلىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك تەھلىكىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇ پەقەت ئائىلە بىناسىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ۋە ھوزۇرىنىڭ كاپالىتى بولغان، خەتەرلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچى بەرگەن ئامىللارنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئائىلە تايىنىدىغا ئاساسلارنى ياخشى بىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش زۆرۈردۇر.
ھاياتنىڭ قەدرى قىممىتىنى بىلگەن ھەر بىر كىشى ئائىلە قۇچىغىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ھوزۇر، خاتىرجەملىك، ھەمكارلىشىش، مېھرى مۇھەببەت، شەپقەت، مەرھەمەت بىلەن تولغان بىر مۇئەسسىسە ۋە ئىنساننى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان بىر ھايات مەكتىپى بولغانلىقىنى بىلىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەت ھاياتىدا، بولۇپمۇ كۈنىمىزدە ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئەڭ قاتتىق تەۋرىنىش ۋە خەتەرگە ئۇچراۋاتقان مۇئەسسىسىلەردىن بىرى ئۆي ۋە ئائىلىدۇر. ئۆي ۋە ئائىلىگە يۈزلەنگەن خەتەرلەر ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇقتۇر. ئۆي ۋە ئائىلىنى تەھدىت قىلىۋاتقان خەتەرلەرنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، كىچىك بىر جەمئىيەت بولغان ئائىلىنىڭ ئەزالىرى پارچىلىنىشقا ئۇچرايدۇ. بۇ بولسا ئائىلىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ھالاك بولۇشى دېمەكتۇر. چۈنكى شەخسلەردىكى بۇزۇلۇش ئائىلىگە سىزىدۇ. ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن جەمئىيەت يىقىلىدۇ. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە مىللەت ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مىللەت ھاياتىدا ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسى، ئاساس يىقىلسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بىنانىڭ پۇتتىرەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇ سەۋەبتىن ئائىلىدىكى ھوزۇر، خاتىرجەملىك، ھەمكارلىشىش، مېھرى مۇھەببەت، شەپقەت ۋە باشقا ياخشى تۇيغۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر.
شۇنىڭدەك ئائىلە بىناسىغا كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەر تۈرلۈك خەتەرلەرنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ۋە بارلىق مەسئۇللارنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر. ئائىلىنىڭ سائادىتى يۇقىرىدىكى ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەم ۋە ھوزۇرلۇق بولۇشى، ئارزۇلىغان بەختكە ئېرىشىشى ئائىلە ھوزۇرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە قوغدىنىشى بىلەن بولىدۇ.
--------------------------------------------------------------------------------
[1] سۈرە فۇرقان: 74- ئايەت.
[2] سۈرە فۇرقان: 74- ئايەت.
[3] سۈرە فۇرقان: 75-76- ئايەتلەر.