مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1559|ئىنكاس: 38

مۇنبەرداشلارغا   بىرقانچە تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11130
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 11:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        

كونا  يېڭى  ئەزالارغا  بىر قانچە  تەكلىپ




      ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم مىسرانىم  مۇنبىرىنىڭ  ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى،ئەزالىرى  ۋە  باشقۇرغۇچى  قېرىنداشلار، پېقىر ھېكمەت ئېلى  ئۇيغۇردىن  سىلەرگە  سالام!
       مەن  تۇنجى  قېتىم  مىسرانىم  مۇنبىرىنى زىيارەت قىلغان  چېغىمدا  مۇنبەرنىڭ   رەڭدار  سەھىپىلىرى، مول  مەزمۇنلۇق  تېمىلىرى  ۋە ئادەمنى  ئويغا  سالىدىغان ، بىلمىگەننى  بىلدۈرىدىغان، ياخشىلارنى  تەشۋىق، يامانلارنى  تەنقىد قىلىدىغان ئۆتكۈر ئىنكاسلىرىغا  شۇنداق  قىزىققان ئىدىم. ئۆزۈم ئىچكىردىكى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بولساممۇ ،يەنىلا  ئۇلۇغ مىللىتىمنىڭ  بوران  چاپقۇنلۇق  ئۇزاق تارىخى، مۇنەۋۋەر كىلاسسىك ئەدەبىياتى،ۋە روھىمىزغا مەدەت،دەردىمىزگە دەرمان  بولىدىغان خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرى،مۇقام نەغمە - ناۋالىرىغا  ۋە شۇنىڭ  ئۈستىدە ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان  تەتقىقات ئىزدىنىشلەرگە ،كىشلىك  تۇرمۇشىمىز،جەمىيتىمىزدە ،دۇنيا ئىقلىملىرىدا بولىۋاتقان ئىشلار  ۋە بىزدىكى ئىنكاس  مۇلاھىزىلەرگە ئوتتەك قىزغىنلىقىم  ۋە ئىشتىياقىم،مىللىتىم  مەدىنىيىتىگە  بولغان چەكسىز ھۆرمىتىم ۋە مۇھاببىتىمنىڭ  تۈرتكىسىدە  شۇنچە  كۆپ بىلوگ ۋە مۇنبەرلەرنىڭ  ئىچىدىن مىسرانىمنىلا  تاللاپ  مۇنبەرداشلارنىڭ شۇنداق چىرايلىق، مەنىلىك ئەزالىق  ناملىرىمۇ مىنىڭ  مىللى ھىسياتىمنى   شۇنداق ئىپتىخارلاندۇرغان ئىدى.شۇڭا  مەن  تولىمۇ   قىزغىنلىق ئىچىدە ئەزا بولۇپ  كىردىم.ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك  ئەزا  بولغانلىقىمدىن شۇنداق سۆيۈندۈم  پەخىرلەندىم . تۇنجى ئىنكاسىمنى  يازدىم ۋە ئىككى كېچە كۈندۈز ۋاقىت  سەرىپ  قىلىپ مەركىزى تېلىۋىزىيە  ئىستانىسىنىڭ 10-قانىلىدا كۆرسىتىلىدىغان ‹‹ئىزدىنىش  ۋە بايقاش›› پىروگراممىسىنىڭ 1 قىسمىنى تەرجىمە  قىلىپ تېما  يوللىدىم. بۇمۇ نۇرغۇن  تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن  ئىدى.
       لېكىن  مىسرانىمنىڭ  مۇشۇنداق جەلىپ  قىلىش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىگىدىنمۇ، ئەزالارنىڭ سانىمۇ شىددەت بىلەن  كۆپەيدى،  شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېما  ۋە ئىنكاسلارمۇ  كۆپ خىللىشىشقا، ۋە كۆپىيىشكە باشلىدى.بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر  ياخشى باشلىنىش، ياشلىرىمىزنىڭ بىلىمگە  يېڭىلىققا ئىنتىلىشىشى  تولىمۇ  ياخشى  ئەھۋال،بىراق  شۇنىڭغا كۆز  يۇمالمايمىزكى يېقىندىن بويان مۇنبىرىمىزدە كۆرىلىۋاتقان  بىر قىسىم ئەھۋاللار ھەقىقەتەن كىشىنى باشقىچە خىيالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
      مەسلەن بىر  قىسىم  تورداشلىرىمىز تېما  يوللىغاندا تېمىنىڭ قىممىتىگە، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا، مەركىزى  ئىدىيسى  ۋە  باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بولۇپمۇ  بۇنداق  تېمىلار خۇددى باشقىلارغا  يوللىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ  شەخسى كۆزقارىشى ياكى  ئىدىيسىگە  تاينىپلا ، شۇنى  كۆككە كۆتىرىشكە، ياكى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ  ئويناشقا يوللىغاندەك تۇيغۇ  بېرىپ  قويىدۇ.
      ئىككىنچىدىن: بىرقىسىم يېڭى يىتىلىۋاتقان، ياكى قەلەم قۇۋۋىتى  دېگەندەك  يۇقۇرى  بولمىغان يازغۇچى - شائىرلىرىمىز ئۆزىنىڭ   مۇنداقلا ئىلھامى  كېلىپ يېزىپ  چىققان، پىشىپ  يىتىلمىگەن ئەسەرلىرىنى يوللاۋېرىدۇ،ئاخىرىدا بۇ خىل  تېمىلار بەزىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ  يېقىندىن  بويان  شۇنداق شېئىر- ئەسەرلەر  سەل كۆپىيىپ  قېلىۋاتىدۇ.(  يېڭىدىن يىتىلىۋاتقان نوتىلارمۇ ئەسىرىنى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىشى  مۇنبەردىكىلەرنىڭ  توغرا ئىنكاس تەكلىپلىرىگە  ھۆرمەت  قىلغان  ئاساستا تېما  يوللىسا ئۆزىگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ پايدىلىق)    يوقارقىدەك پايدىلىنىش ياكى  زوق  بېرىش قىممىتى  يوقۇرى  ئەمەس، شەخسى ئوي - پىكىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىلىدىغان (ھەتتا مۇنبەر ياكى  توردىكىلەرگە قەلبىنى ئىزھار قىلىدىغان)  تېمىنىڭ كۆپلەپ  يوللىنىشى  بىر  قىسىم  نادىر،  قىممەتلىك،تەربىيۋى ئەھمىيىتى  يوقۇرى  تېمىلارنى، پىشقان يازغۇچى - ئەدىپ  تەتقىقاتچىلىرىمىز   ۋە  قابىل ئەزالىرىمىزنىڭ كۆپ  مىھنەت - ئەجىر  بىلەن ۋۇجۇتقا  كەلتۈرگەن  ئىسىل ئەسەرلىرىنى كۆمۈۋېتىدىغان،ۋە  مۇنبەردە  تۇرۇش  ۋاقتىنى قىسقارتىۋېتىدىغان ئەھۋالنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىۋاتىدۇ.  
       ئۈچىنچىدىن: بەزى  بىرقىسىم مۇنبەرداشلىرىمىز باشقا  تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ نەتىجىسى  چىقىپ  بولغان،قايتا  ئاڭلاش  ۋە زۆرۈرىيىتى  قالمىغان خەۋەرلەرنى  ۋە  تېمىلارنى كۆچۈرۈپ قايتا - قايتا  يوللايدۇ، بۇ خىل تېمىلارنىڭمۇ مەنبەدە ئارتۇق  قىممىتى  بولۇپ  كەتمەيدۇ،
       تۆتىنچىدىن:  بىر قىسىم  تورداشلار مەلۇم  بىر ئادەم  ۋە شەيئىنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپلا ئۇنى تۇلۇق  دەلىلى  ئىسپاتسىز ھالدا  تەشۋىق قىلىدۇ،ئۆزئىدىيسىنى   مەجبۇرى  ئوتتۇرىغا  قويۇپ  ئېلان قىلىدۇ،  بۇ  خىل ئەھۋالدا  باشقا كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ  قايتۇرما  ئىنكاسى  ھەتتا قارشۇ تۇرۇشىغا  ئۇچراپ  تالاش تارتىشىش كېلىپ چىقىپ  جېدەل ماجرا ئاينىپ  ئاداۋەت، بۆلۈنۈش  پەيدا  بولىدۇ ، مۇنبەرنىڭ  خارەكتىرى  ۋە  شەرىپىگە داغ يىتىدۇ.  بۇنداق    بولۇشنى  ھىچقايسىمىز  خالىمايمىز  ئەلۋەتتە.
        مېنىڭ  بۇنداق  دېگىنىم  ھەرگىزمۇ خالىغانچە  تېما   يوللىماڭ، ئىنكاس  يازماڭ.دېگىنىم  ئەمەس،ئەلۋەتتە، مىسرانىمدىن ئىبارەت بۇ  مۇنبەردە  ھەممىمىزنىڭ ئوخشاشلا  پىكىر بايان  قىلىش، قابىلىيىتىنى نامايان قىلىش ھوقۇقى ۋە  گۈللەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى  بار ، لېكىن مۇنبەردە تېخىمۇ مۇكەممەل  بىلىملەرنى  ئېلىش، ياخشى  ئەسەرلەردىن تۇلۇق ۋە  تېتىملىق ھوزۇر  ئېلىش،ئۇنىڭ  ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش،ئىزدىنىش،تېخىمۇ  ياخشى  ئەسەرلەرنى  روياپقا  چىقىرىش، قىسقىسى  مۇنبەرنىڭ پايدىلىنىش  قىممىتىنى تېخىمۇ  يوقۇرى  كۆتۈرۈپ، مىسرانىمنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن  ئەسەر  ۋە  تېما  يوللىغاندا  شەخسەن بىر  ۋەياكى  بىرقانچە ئادەمنىڭ ھىسياتى ئەمەس،  بەلكى پۈتۈن زىيارەت  قىلغۇچىلارنىڭ ،مۇنبەرئەھلىنىڭ  ۋە  مۇنبەرنىڭ  ئومۇمى مەنپەئەتىنى  كۆپرەك  كۆزدە  تۇتۇشىنى، شۇنداقلا  باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ  تېمىنى  ئېلان  قىلىشتىن  بۇرۇن تەپسىلى  كۆرۈپ ئويلىنىپ  بېقىشىنى ،ھەممەيلەننىڭ  يوقارقى تەكلىپ  پىكىرلىرىمنى ئەستايىدىل  ئويلىنىپ  بېقىشىنى تۆۋەنچىلىك  بىلەن سەمىمىي ئۈمىت  قىلىمەن!
             دوستۇم ، مىسرانىم يالغۇز سىز ياكى  مېنىڭلا  مۇنبىرىم  ئەمەس، بەلكى نەچچە  مىليۇن  ئوت يۈرەك ئۇيغۇر  پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭۈل ئەينىكى  ۋە ئىللىق  ئائىلىسى!!!!!!


      گېپىم  قوپال  كەتكەن ياكى  ئىملا خاتالىغى بولسا  كەچۈرىۋېتىشىڭلارنى سورايمەن.

          مەنبەئە: تەپەككۈرۈم
                                                                                2011-يىل 12-ئاينىڭ  13- كۈنى    بېيجىڭ

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3423
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5723
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2656 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 01:07:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ!

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4992
تۆھپە نۇمۇرى: 1800
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 01:07:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بۇ چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ تۇغما تەپەككۇرى ياكى چوقۇم تۇغما تەپەككۇر ئەمەس ، چوقۇم كىيىن بولغان تەپەككۇر .

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4534
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 683 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 01:22:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2394
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 978 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 01:24:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پىكىرلەرنى ھەممىمىز قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئەلۋەتتە. بىراق ۋاختى، سائىتى كەلگەندە بۇنىڭغا ئەمەل قىلالىساقلا بۇلاتتىغۇ!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

دىلمەرۋان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39375
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1082
تۆھپە نۇمۇرى: 221
توردا: 2452 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 02:41:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پىكرىڭىزگە ھەممىمىز قوشۇلىمىز، بىراق، گەپ يەنىلا ئەمەل قىلىشتا!

جاھان جام كۇللىي زىي جانغا ئەجەل مەيدۇر، پەلەك ساقى، ۋە لېكىن قالغۇسىدۇر، قىلسا خەيرات تائەبەت باقى.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68711
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 966
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 03:09:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تەكلىپنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قارىمايمەن. تەكلىپلىرىڭىزنى ئاز ساندىكىلەر قوبۇل قىلسىمۇ ،كۆپ ساندىكى كىشىلەر قوبۇل قىلالماسلىغى مۈمكىن. ھەممە ئادەمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغىنىدەك،تەپەككۇرىمۇ،ئىنكاسىمۇ،دۇنيا قارىشىمۇ ،شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىمۇ،چۈشىنىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دۇنيانى چۈشۈنۈش،بىلىش،ھازىرقى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس قەدەمدە يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن، بەزى بىر ماتىرياللارغا مۇھتاج بولىدۇ،بەزىلەر ئۆزىدە بار بولغان ئازغىنە تالانتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلايدۇ. بيەنە بەزىلەر ئۇچرىغان بەزىبىر مەسىللەرگە لايىقىدا اجاۋاپ تېپىشنى،باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئارقالىق ئۆزىگە لازىملىق بولغان جاۋاپقا،ماتىريالغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ،يەنە بەزىلەر بولسا تۈرلۈك تۇرمۇش بېسىمى،خىزمەت بېسىمى......ۋاھاكازالارغا يولۇققانغا ناخشا مۇزىكا ئاڭلاش،بىرەر پارچە ھىكايە،شېىئر قاتارلىقلارنى ئوقۇپ ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىدۇ ياكى تەسەللى تاپىدۇ.يەنە بەزىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئازغىنە تاپقان تەرگىنىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ياكى شۇ ئزغانە ھوسولىنى باشقىلارنىڭ باھاسىغا قويۇش ئارقىلىق،بىلبم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاشقا تىرىشىدۇ.ئېنتېرنېت دۇنياسىى ھەممە بۇلبۇللار بەس بەستە سايرايدىغان،ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلسىكەن دەيدىغان،مىللەت،ئېرقى،جىنسى ۋە ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئاممىۋى سورۇن.ئېنتېرنرتقا، سەۋىيەلىكلەر كىرىپ،تۆۋەن سەۋىيەلەكلەر كىرمىسۇن دىگەن گەپ يوق، باشقۇرغۇچىلامۇ ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەس ئۇلارمۇ قانداقلىرىنى شاللاش،قانداقلىرىنى تەستىقلاشنىمۇ بىلىدۇ. ئەسەر يوللاشنى ئويللىغان ائادەممۇ بۇنچىلىك نەرسىلەرنى بىلمىسە تالاغا چىقىپ ئويىنىنى ئوينايدۇ. مەسلەن: مېنىڭ ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس، ئاسمانغا قاراپ ياتسام قالايمىقان ئوي باسىدۇ، كەيپىياتىممۇ ناچارلايدۇ، تۇرۇپ مېڭپ يۈرسەم باشقىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر قىلىدۇ. بۇ كېچىدە تالادا يۈرسەم چوقۇم ، ئۇيقۇسى كەلمەي تالادا مېڭىپ يۈرۈپيۇ دىيىشى ناتايىن ،چوقۇملا چىرايلىق قالپاقتىن بىرنى كيدۈرۇپ قويىدۇ .ئۇنداق بولا-بولماس قالپاىتىن ، ئېنتېرنېتتا ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرسام ياخشىراق دەپ ،ئۇنى بۇنى يازغىم كېلىدۇ،يازغاندىكىن باشقىلار باھالاپ باقسا دەيدىغان ئىستەك تۇغۇلۇدۇ .......باشقىلارنىڭمۇ بەلكىم شۇنداق قىلغۇسى كېلىدىغاندۇ، بىلىم سەۋىيەنىڭ چەكلىكلىگى تۈپەيلى يوللىغان ئەسەرلەردىمۇ ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلىەر بولىشى مۈمكىن. شۇلارمۇ سىلەردەك بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ياردىمىدە تەدرىجى ئىگىرلىشى مۈمكىن......بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىممۇ قانداق....

ئادەملەرنىڭ نەپ ئۇچۇنلا ياشىغى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31246
يازما سانى: 975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16011
تۆھپە نۇمۇرى: 2383
توردا: 5389 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 03:21:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بۇنداق تەكلىپ پىكىرلەر كۆپلەپ بىرىلگەن،لىكىن ئادەمنىڭ ئاڭ مەسلىسى ئوخشىمىغانلىقتىن سەۋەب نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،شۇئار كۆپ،ھەركەت ئاز!

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن! دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!! ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4486
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 7124 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 05:13:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ..................ۋوي بۇندا دەۋەمەڭلا ، ھېلىمۇ مۇنبەردە چەكلىمە تولا ، باللار جاپا تارتىپ تېمىللىرىنى ئاران يوللاۋاتىدۇ .
باشقۇرغۇچىلارمۇ دەكە دۇكىدە ماۋۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويسام ھېلى كالتەكچىلەر ئەترىتى كالتەكلىۋىتەمۇ دىگەن ئەندىشىدە تىترەپ تۇرۇپ ئارقا بەتتىكى نۇرغۇن تېمىلارنى تەستىقلىيالمايۋاتىدۇ  .
ئادەم جىق قىزىقىش جىق ، يارىسا ئوقۇپ پايدىسى بولسا پايدىلىنىپ  چىكىتىمىز .
تايىنى يوق تېمىلار بىرە كۈندىلا پەسكە چۈپكىتىدۇ .ئەتىسى ئۇنتۇپ كىتىمىز .
ئامالبار مۇنبەردە تېمىلار مول بولسىكەن دەيمەن .

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 07:45:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگشلىك !

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش